ئىسلام ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئۇستازى ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف

(ھ. بۇرۇن 43 – ھ. 32 / م. 580 – 656)

«ماڭا بازارنى كۆرسىتىپ قوي!».

_ ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف

 

باي بولۇشنى خالامسىز؟

ئىسلام بەزىلەر ئويلىۋالغاندەك كەمبەغەللەرنىڭلا دىنى ئەمەس، يەنە بەزىلەر ئويلىۋالغاندەك بايلارنىڭلا دىنىمۇ ئەمەس، بەلكى كەمبەغەللەرنىڭمۇ، بايلارنىڭمۇ دىنىدۇر، شۇنداقلا بارچە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىدۇر. مۆمىن، تەقۋادار بولۇشىڭىز ئۈچۈن يوقسۇل بولۇشىڭىز شەرت ئەمەس. باي دېمەك زورلۇق بىلەن ئىگەللىۋېلىش (يەنى پومېشچىك) دېگەن گەپمۇ ئەمەس. بەزى مۇسۇلمانلار سادىر قىلىۋاتقان چوڭ بىر خاتالىق بولسا، ئۇلارنىڭ: «ھەقىقىي ئىسلام دېگەن دۇنيانى تەرك ئېتىش ۋە تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ، دەرۋىشلىككە بېرىلىشتۇر» دەپ قاراپ قالغانلىقىدۇر. ئەمەلىيەتتە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۇنداق ئەمەس ئىدى، دۇنيانى فەتىھ قىلغان سەلەف – سالىھلار ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇنكى، ئۇلار ھاياتىنى تەبىئىي ھالەتتە ئۆتكۈزگەنىدى. كىم بۇ ئۈممەتنى كەمبەغەللەر ئۈممىتى دەيدۇ؟! ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەقىقەتەن بۇ ئۈممەتكە ئۈممەتنى يەلكىلىرىدە كۆتۈرۈدىغان سودىگەرلەرنى يارىتىپ بەردى. ئەگەر ئاللاھ ئەبۇبەكرىنىڭ بايلىقىنى ئاپىرىدە قىلمىسا ئىدى، بىلال مەككىنىڭ تاشلىرى ئاستىدا ئازابلىنىپ تۇرۇۋەرگەن بولاتتى. ئەگەر ئاللاھ ھەزرىتى ئوسمانغا بايلىق ئاتا قىلمىسا ئىدى، ساھابىلەر سۇسىز قېلىپ رۇمە قۇدۇقىغا ئىگىدارلىق قىلىدىغان يەھۇدىينىڭ ئىچىملىك سۈيىگە ئىنتىزار بولۇپ قالاتتى. ھەزرىتى ئوسمان ئۇ قۇدۇقنى سېتىۋېلىپ مۇسۇلمانلارغا ھەدىيە قىلىۋەتكەن ئىدى. ئەگەر ئاللاھ ئىمام بۇخارىينىڭ چىقىملىرىنى كۆتۈرۈپ ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدىغان ئانىسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا ئىدى، بۇخارىي ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن سەپەر قىلالمىغان بولاتتى. بۇ ئۈممەت بايلىرىسىز ھەرگىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. ئۈممەت دەۋەتكە پۇل – مال سەرپ قىلىدىغان، بۇ ئۈممەتنىڭ قەددىنى تىكلىشى ئۈچۈن غەم يەيدىغان بايلارغا موھتاجدۇر. پۇل – مال دېمەك كۈچ – قۇۋۋەت دېمەكتۇر. كۈچ بۇ مۇھىم باسقۇچتا بىز ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ياخشى ۋە ئاللاھقا بەكرەك سۆيۈملۈك. (بىراق) ھەربىرىدە ياخشىلىق بار».

ئەگەر سىز باي مۇسۇلمان بولسىڭىز، گۇناھ ھېس قىلىشىڭىزنىڭ ياكى ئۆزىڭىزنى كەمبەغەل مۇسۇلمانلاردىن ئىمانىم تۆۋەن دەپ ھېس قىلىشىڭىزنىڭ كېرىكى يوق. بۇ ئاللاھنىڭ سىزگە بەرگەن رىزقىدۇر. بىلىڭكى، سىز پۇل – مېلىڭىز ئارقىلىق بۇ دىنغا باشقا نۇرغۇن كىشىلەردىن كۆپرەك خىزمەت قىلالايسىز. بۇ دىن خەدىچە، ئەبۇبەكرى، ئوسمان، ئابدۇررەھمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ۋە باشقىلاردەك باي قەھرىمانلارنىڭ قولىدا بەرپا بولغان. لېكىن، پۇل – ماللىرىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن بىر مۇسىبەتكە ئايلىنىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ! كۆپلىگەن بايلار پۇل – ماللىرىنى ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ ياكى ئۇلار ئاشۇ پۇل – ماللارنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىش ئورنىغا ئۆزلىرى پۇل – ماللىرىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ. دەل شۇ چاغدا پۇل – مال ئۆز ئىگىسىگە نىسبەتەن بىر مۇسىبەت بولىدۇ.

سۆزلىمەكچى بولغان قەھرىمانىمىز بولسا، تارىختىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ كاتتا بايلىرىدىن بىرى ئىدى. شۇنداق تۇرۇپ ئۇ يەنە جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بېرىلگەن ئون كىشىنىڭ بىرى؛ ئەبۇبەكرى سىددىقنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغان بەش ئېسىل كىشىنىڭ بىرى؛ ئالتە كېڭەش ئەزاسىنىڭ بىرى؛ بەدر ئەھلىنىڭ بىرى؛ رىزۋان بەيئىتىگە قاتناشقانلارنىڭ بىرى؛ ئىككى قېتىملىق ھىجرەت _ ھەبەشىستان ھىجرىتى ۋە مەدىنە ھىجرىتىگە ئىشتىراك قىلغان ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ بىرى؛ ئىككى قىبلە _ ئەقسا ۋە كەبىگە قاراپ ناماز ئوقۇغان ساھابىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ھەقىقەتەن مەردلىكنىڭ سىمۋولى، بايلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر. ئۇ بولسىمۇ بۈيۈك قەھرىمان ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر.

بىز بۇ ئىسلام بۈيۈكىنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن، بىزگە بۇ غايەت زور ئىسلامىي ئىقتىسادشۇناسنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئاسان چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان بىر قىزىقارلىق ھېكايىنى سۆزلەشنى لايىق كۆردۈم. بىر ئەسەردە رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر سودىگەر تىجارەت ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ، بارغان يېرىدىن ئىككىنچى كۈنىلا قايتىپتۇ. شەھرىگە يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، دوستى ئۇنىڭدىن قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. ئۇ مۇنداق دەپتۇ: «قېرىندىشىم! يېرىم يولدا توكۇر ۋە قارىغۇ بىر كەپتەرنى كۆرۈپ قالدىم. كۆڭلۈمدە: ‹بۇ كەپتەر بۇ ھالەتتە قانداقمۇ ياشىيالايدىغاندۇ؟› دەپ تۇرسام، بىر ھازادىن كېيىن ئاشۇ قارىغۇ كەپتەرگە ئازراق يېمەك ئېلىپ يەنە بىر كەپتەر كەلدى. ئۆز – ئۆزۈمگە: ‹ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ! مۇشۇ چۆلنىڭ ئىچىدە بۇ قارىغۇ كەپتەرگە رىزىق بەرگەن خۇدايىم دۇنيا ئارقىسىدىن چېپىپ يۈرمىسەممۇ ماڭىمۇ رىزىق بېرىشكە قادىر› دېدىم. نەتىجىدە، دەرھال ئەھلىم ۋە بالىلىرىم يېنىغا قايتىشنى قارار قىلدىم». دوستى ئۇنىڭغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، قولىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ تۇرۇپ: «سۇبھانەللاھ، قېرىندىشىم! سەن نېمىشقا ئۆزىنىڭ يېمىكىنى باشقىلاردىن كۈتىدىغان توكۇر ۋە قارىغۇ كەپتەر بولۇشقا رازى بولىسەن؟ نېمىشقا ئۆزىدىن باشقا كەپتەرگە يېمەك بېرىدىغان كۈچلۈك كەپتەر بولۇشقا رازى بولمايسەن؟» دەپتۇ.

ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف ئالىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى بېرىدىغانلاردىن بولۇشنى خالىدى. بۇ بۈيۈكىمىز مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۇلۇغ ساھابە سەئد ئىبنى رەبىي بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويدى. ھالبۇكى، ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف باشقا ساھابىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۆيلىرى ۋە پۇل – ماللىرىنى مەككىدە قالدۇرۇپ قۇرۇق قول كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەنسارىي قېرىندىشى سەئد ئىبنى رەبىي ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنىڭ يېرىمىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى. ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف مەردلەرچە: «ئاللاھ مېلىڭ ۋە ئەھلىڭگە بەرىكەت بەرسۇن! لېكىن، ماڭا بازارنى كۆرسىتىپ قوي» دەپ ئۆزرە قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەدىنە بازىرىغا راۋان بولۇپ، ئېلىم – سېتىم بىلەن شۇغۇللاندى. شۇنداق قىلىپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئۆتمەيلا مىليونىرلاردىن بىرىگە ئايلاندى. ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ تۆت خوتۇنى بار بولۇپ، ئۇلاردىن ھەربىرى 80 مىڭ تەڭگە مىراس ئالغان». مەلۇمكى، ئاياللار مىراستا سەككىزدىن بىرىگە ئورتاقلىشىدۇ. ئاددىي ھېسابلاپ كۆرسەك، سەككىزنىڭ بىرى 80،000×4 = 320,000 يەنى ئۈچ يۈز يىگىرمە مىڭ تەڭگە بولىدۇ. تولۇق مىراس 320,000×8 = 2,560,000 يەنى ئىككى مىليون بەش يۈز ئاتمىش مىڭ تەڭگە بولىدۇ. بۇنىڭغا ۋەسىيەت قىلغان 500,000 يەنى بەش يۈز مىڭ تەڭگىنى قوشقىنىمىزدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىقتىسادى 3,060,000 يەنى ئۈچ مىليون ئاتمىش مىڭ تەڭگە بولىدۇ.

يۇقىرىقىسى تېخى بۇ مىليونىر ساھابە مۇسۇلمانلارغا خەجلىگەن زور پۇل – ماللارنى ۋە ئاللاھ يولىدا ۋەخپە قىلىۋەتكەن كارۋانلارنى چىقىرىۋېتىپ تۇرۇپ ھېسابلىغىنىمىزدۇر. بۇنىڭ ھەممىسى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇ «خىزمەت» كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان كۆپلىگەن ياشلىرىمىزغا ئوخشاش ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ ئۆيىدە ئولتۇرۇۋالمىغان ئىدى. بۇ مۆمىن ساھابە بۇ يەردە بىزگە بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغان يوشۇرۇن بىر سىر بار. ئۇ سىر _ «ماڭا بازارنى كۆرسىتىپ قوي».

ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باي مۆمىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ۋە ئەبۇبەكرى سىددىق ئىككىسى كەينىدە ئالەملەرنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇغان كائىنات يۈزىدىكى كاتتا پەزىلەتلىك زاتلاردۇر. بۇ مىليونىر ساھابە پۇل – ماللىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلغان بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىغا نەپىقە بېرىش شەرىپىگىمۇ مۇيەسسەر بولغان ئىدى. ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ پەزىلەتلىرىدىن بىرى شۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئۇنى جەننەتنىڭ سەلسەبىل بۇلاقلىرىدىن سۇغۇرۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلغان. ھاكىم ئۆز ئىسنادى بىلەن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كېلىشىچە، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مەندىن كېيىن سىلەرگە خەيرخاھلىق قىلىدىغان كىشى كۆيۈمچان ۋە راستچىلدۇر. ئى ئاللاھ! ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋفنى جەننەتنىڭ سەلسەبىل بۇلاقلىرىدىن سۇغارغىن»([1]).

ھاكىم ئۆز ئىسنادى بىلەن يەنە رىۋايەت قىلىشىچە، ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئوغلى ئەبۇ سەلەمە مۇنداق دېگەن: مەن ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ قېشىغا كىرگەندە ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ماڭا: ‹سىلەرنىڭ مەندىن كېيىنكى ئىشىڭلار مېنى غەمگە سالىدۇ، سىلەرگە (يەنى چىقىملىرىڭلارغا) سەۋرچانلاردىن باشقىسى سەۋر قىلالمايدۇ› دەيتتى. ئاللاھ ئاتاڭنى جەننەتنىڭ سەلسەبىل بۇلاقلىرىدىن سۇغارغاي!». ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف ئۇلارغا پۇلغا يارايدىغان بىر نەرسە ئەۋەتكەن، ئۇ نەرسە قىرىق مىڭغا سېتىلغان.

ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون كىشىنىڭ بىرى بولۇپ، ساھابىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىلىرىدىن بىرى. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب كۆپ ئىشلاردا ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالاتتى. مەسىلەن: ۋابا بار شەھەرگە كىرىش، مەجۇسىيلاردىن جىزيە ئېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

ھەزرىتى ئۆمەر فارۇق مۇنداق دەيتتى: «ئابدۇررەھمان مۇسۇلمانلارنىڭ كاتتىلىرىدىن بىرىدۇر»([2]).

ئابدۇررەھمان يەنە ئۆمەر فارۇق ئۆزىدىن كېيىن خەلىپە بولۇشقا تاللىغان ئالتە كىشىنىڭ بىرىدۇر. شۇنداقلا ئۇ، خەلىپە تاللاشتا ئاشۇ ئالتە كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم قىلغۇچى بولغانىدى.

ئىبنى سەئد([3]) «ئەتتەبەقات» دېگەن كىتابىدا ئۆزىنىڭ سەنەدى بىلەن مىسۋەر ئىبنى مەخرەمەدىن رىۋايەت قىلىشىچە، مىسۋەر ئىبنى مەخرەمە مۇنداق دېگەن: «مەن بىر كارۋاندا ئوسمان ئىبنى ئەففان بىلەن ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئارىسىدا كېتىۋاتقىنىمدا، ئوسمان: ‹بۇ يوللۇق قارا كىيىم كىيىۋالغان كىم؟› دېدى. ئۇلار: ‹ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئوسمان مېنى توۋلاپ: ‹ئەي مىسۋەر!› دېدى، مەن: ‹مانا مەن، ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى!› دېدىم. ئۇ: ‹كىمكى ئۆزىنى بىرىنچى ھىجرەتتە ۋە ئاخىرقى ئىككىنچى ھىجرەتتە تاغاڭ (يەنى ئابدۇررەھمان) دىنمۇ ياخشى دەپ دەۋا قىلسا، يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ› دېدى»([4]).

بۇ ئۇلۇغ ساھابە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە پۈتۈن ھاياتىنى رەببىگە ئىتائەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن. ھافىز ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن:

«ئۇ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان چېغىدا، بەدر ئەھلىدىن ھايات قالغان ھەربىر كىشىگە تۆت يۈز دىنار بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان. ئۇلار يۈز كىشى ئىدى. ھەزرىتى ئوسمان ۋە ھەزرىتى ئەلىدىن تارتىپ ھەممىسى ئۇنى ئالغان. ھەزرىتى ئەلى مۇنداق دېگەن: ‹بار! ئەي ئىبنى ئەۋف! چۈنكى، سەن ئۇنىڭ (پۇل – مالنىڭ) پاكىزىنى تاپتىڭ، ئۇنىڭ كىرىنى تەرك ئەتتىڭ›. ئۇ يەنە مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ ھەربىرىگە كۆپ پۇل – مال ۋەسىيەت قىلغانىدى، ھەتتاكى، ھەزرىتى ئائىشە: ‹ئاللاھ ئۇنى سەلسەبىل بىلەن سۇغارغاي!» دەپ دۇئا قىلغانىدى. ئۇ يەنە، زور ساندا قۇللارنى ئازاد قىلىۋەتكەن. ئۇ ۋاپات بولغاندا نامىزىنى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئەففان چۈشۈرگەن. ئۇنىڭ جىنازىسىنى سەئد ئىبنى ۋەققاس كۆتۈرگەن. ئۇ ھىجرىيەنىڭ 31 – يىلى بەقىي قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. بەزىلەر 32 – يىلى دەپنە قىلىنغان دەيدۇ، ئەمما بۇ ئەڭ توغرا قاراشتۇر».

ئاللاھ ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋفدىن رازى بولغاي، ئۇنى كەڭ جەننىگە ئورۇنلاشتۇرغاي ۋە ئۇنى ئىسلامغا قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن ياخشى مۇكاپاتلارغا نائىل قىلغاي!

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن يۈز شەخس)» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: مۇھ ەممەد قاۋۇل قاراخانىي

————————————————————–
([1]) «ئەلمۇستەدرەك»، 5423 – ھەدىس. ھاكىم: «سەھىھ» دېگەن. زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان.
([2]) «ئەلئىسابە»، 4 – توم. 177 – بەت.
([3]) ئىبنى سەئد (مُحَمَّدُ بنُ سَعْدِ بنِ مَنِيْعٍ أَبُو عَبْدِ اللهِ البَغْدَادِيُّ): مۇھەممەد ئىبنى سەئد ئىبنى مەنىيئ ئەلبەغدادىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. 160 – 230 / م. 777 – 845). مەشھۇر مۇھەددىس، تارىخشۇناس ۋە نەسەبشۇناس. «ئەتتەبەقات ئەلكۇبرا»، «خەبەرۇننەبىي»، «ئەتتەبەقات ئەسسۇغرا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
([4]) «ئەتتەبەقات ئەلكۇبرا»، 3 – توم. 3175 – نومۇر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز