﴿بىز مۇسانىڭ ئانىسىغا ۋەھيى بىلەن بىلدۈردۇقكى…﴾(28/«قەسەس»: 7)
مەن بۇرۇن «قۇرئان»نىڭ نېمە ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بىرمۇبىر، تەپسىلىي بايان قىلغانلىقىدىن ھەيران قالاتتىم. دەرۋەقە، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى «قۇرئان»دا 34 سۈرىدە 136 قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا مەزكۇر سۈرىلەردە ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىق قىسسەسىدىن تارتىپ تاكى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى فىرئەۋن ئۈستىدىن غەلىبە قازانغانلىقى ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ گەدەنكەشلىرى بىلەن ئۆتكەن ئاچچىق ھېكايىلىرىغىچە بولغان پۈتكۈل ھاياتىي باسقۇچلىرىنى بايان قىلغان.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ﴿تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن﴾(20/«تاھا»: 27) دېگەن دۇئاسىنى ئوقۇۋېتىپ كۆڭلۈمگە شۇ كەلدىكى، ئاللاھ تائالا بىر ئىلاھىي ھەقىقەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ زاتى بىلەن گەپلىشىشكە ۋە ئۇ جەرياننى ئۆزىنىڭ كىتابىدا تەپسىلىي تىلغا ئېلىشقا تاللىغان بولسا كېرەك. ئۇ ھەقىقەت بولسا ئىنساننىڭ بۈيۈكلۈكى بەزىلەر ئويلىۋالغاندەك تىلىنىڭ پاساھەتلىك، سۆزىنىڭ شېرىن ۋە روشەن بولۇشىغا يوشۇرۇنغان بولماستىن، بەلكى ئىش – ھەرىكەتلىرىگە يوشۇرۇنغان بولۇشىدۇر. چۈنكى، مۇسا ئەلەيھىسسالام تىلى ئېغىر، پاساھىتى تۆۋەن كىشى ئىدى. پاساھەت ئىگىسى ئاللاھ شۇنچە ئۇلۇغ ۋە يۈكسەك تۇرۇپ، ئۇنىڭغا سۆز قىلدى. مانا بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ شۇنچىۋالا تەپسىلىي بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، مەن ئىشىنىدىغان بىرنەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسى ئۈممەتنى قۇرۇپ چىقىش ۋە يىگىتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش قىسسەسىدۇر. مۇسۇلمانلار ھەرقانچە ئۇزاق ۋاقىت چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىدىن «تىرىلىش يوللىرى»نى تېپىپ چىقىشى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بۇ قىسسەنى تەپسىلىي بايان قىلىشنى خاھلىغان. چۈنكى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە فىرئەۋن قىسسەسى ھەرقانداق زاماندا ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ ئېزىلگەن بەندىلىرىگە ياردەم قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان قىسسەسىدۇر. ئەنە شۇ قىسسە ئەزەلدىن ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلار ئارىسىدا جارى بولۇپ كېلىۋاتقان قانۇنىيىتىدۇركى، زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ۋاقتىنىڭ قانچىلىك ئۇزىراپ كەتكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاللاھ تائالانىڭ پات يېقىندا ئېزىلگەنلەرنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، ئۇلارنى زالىملاردىن ئۈستۈن قىلىش، زالىملارنىڭ زېمىنى ۋە دىيارلىرىغا ئۇلارنى ۋارىس قىلىش ئۇنىڭ خۇلاسىسىدۇر. شۇڭا، قىسسەنىڭ بېشىدىلا، مۆمىنلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۇشبۇ قىسسەنى ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىشكە بۇيرۇپ: ﴿ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە فىرئەۋن قىسسەسىنى ھەقلىق ئاساستا ئوقۇپ بېرىمىز﴾(28/«قەسەس»: 3) دېگەن.
ئەمدى سۈرە «قەسەس»نىڭ بىرنەچچە ئايەتىگە قۇلاق سالايلى! مەن بۇ ئايەتلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەغلۇبىيەت ۋە چۈشكۈنلىشىش يىللىرىدىن كېيىنكى باش كۆتۈرۈش قىسسەسى، دەپ قارايمەن.
﴿تا سىن مىم. بۇ روشەن كىتاب (يەنى «قۇرئان») ئايەتلىرىدۇر. ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ساڭا مۇسا ۋە فىرئەۋن قسسىسىنى ھەقلىق ئاساستا ئوقۇپ بېرىمىز. شۈبىھسىزكى فىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا (زومىگەرلىكتە) ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپىنى (يەنى بەنى ئسرائىلنى) بوزەك قىلدى، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇردى. فىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى﴾(28/«قەسەس»: 1 – 4).
ئاندىن شۇنچىۋالا تاجاۋۇزچىلىق، مەغلۇبىيەتلەر ۋە قاراڭغۇ زۇلمەتلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ نۇسرەت بۇيرۇقى كېلىدۇ: ﴿بىز مىسىر زېمىنىدا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز، ئۇلارنى يولباشچىلاردىن قىلىشنى، ئۇلارنى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ (مۈلكىگە) ۋارىس قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز﴾(28/«قەسەس»: 5)
ئىجرا قىلىش باشلاندى…
ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتلەردىن كېيىنلا: ﴿مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى… ﴾(28/«قەسەس»: 7) دەيدۇ.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ھەقىقەتەن ئۈممەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەغلۇبىيەتلىرى ۋە چۈشكۈنلىشىشلىرىدىن كېيىنكى تىرىلىشىنىڭ ئاساسى ئىدى. پۈتۈن بىر ئۈممەتنى قۇرۇپ چىقىش پەقەت بىر ئايال بىلەنلا باشلانغان، بەلكى تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۆتكەن ئەڭ چوڭ جىنايەتچى كۈچنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ئاشۇ ئايال بىلەن باشلانغان ئىدى. ئىنسانلار بىلىدىغان ئەڭ چوڭ زوراۋان مۇستەبىتنىڭ مەغلۇپ بولۇشى نىل دەرياسى قىرغىقىدىكى كىچىك بىر ئۆيدە ئولتۇرىدىغان پېقىر بىر ئايال ۋاسىتىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، مانا بۇ يەردە مۇسۇلمان ئايالنىڭ نۇسرەت ۋە غەلىبىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتىكى رولى ئوچۇق نامايان بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئايال كىشى ئارقىلىق زېمىندا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى، ئۇلارنى يولباشچىلاردىن قىلىشنى ئىرادە قىلدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاياللىرىنى كەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان مىللەت ھەرگىزمۇ مەغلۇبىيەتتىن بېشىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. سەن خارلىق ۋە تۆۋەنلىككە كۆندۈرگەن ئايالىڭ ساڭا پەقەت خار، پەس بالىنىلا تۇغۇپ بېرىدۇ. سەن سىڭلىڭنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇرساڭ، بۇ سىڭلىڭ تۇراقسىز، مەيدانى يوق بالىلارنى يېتىشتۈرىدۇ. سەن ئاناڭنى ھۆرمەتلىمىسەڭ، ئاناڭ سېنىڭ چېكىنىشىڭ ۋە مەغلۇبىيىتىڭ ئۈچۈنلا دۇئا قىلىدۇ. سەن ئىلىم ئېلىشتىن توسقان قىزىڭ بۇ ئۈممەتتىكى ئەرزىمەس ئاياللارنىڭ سېپىغا قوشۇلىدىغان ئەرزىمەس ۋە پۇچەك ئادەم بولىدۇ، خالاس. ئەي ئىنسان! ئاياللارغا ياخشىلىق قىلغىن، چۈنكى ئۇلار مۇستەھكەم قۇرۇلۇشنىڭ ۋە باش كۆتۈرۈشنىڭ ئاساسىدۇر.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ قىسسەسى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇشتىن 300 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنراق ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. ئاشۇ ۋاقىتتا بىر كارۋان پەلەستىندىكى بىر قۇدۇقتىن بىر بالىنى تېپىۋالغاندىن كېيىن، مىسىر زېمىنىدا ئۇنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتكەن ئىدى. بۇ بالا «يۈسۈف» دەپ ئاتىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈف ئۆز ۋاقتىدىكى مىسىرنى بېسىۋالغان ھىكسوسلاردىن بىرى بولغان مىسىر ئەزىزىنىڭ قولىدا قۇل بولۇپ قالدى. كېيىن پادىشاھقا يېقىن تۇرىدىغان بىر ۋەزىرگە ئايلىنىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھنىڭ ئىنايىتىدە تىنچ – ئامان ياشىشى ئۈچۈن مىسىرغا ئەكەلدۈردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئىسرائىل (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىسى) يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار «بەنى ئىسرائىل(1) (ئىسرائىل ئەۋلادى)» دەپ ئاتالغان. لېكىن، قىيىنچىلىق بۇنىڭدىن نەچچە يىل كېيىن باشلىنىدۇ. فىرئەۋن ئەھمەس I مەيدانغا كېلىپ، ھىكسوس دۆلىتىنى يوقىتىدۇ ھەمدە يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ نەۋرىلىرىنى مىسىرنى بېسىۋالغان ھىكسوسلارغا ياردەم بەرگۈچى خائىنلار دەپ قارايدۇ. مانا بۇ فىرئەۋننىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىنى قوغلاپ چىقىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. بۇ دەل ئىسرائىل ئوغلى يۈسۈف ياكى يەئقۇب ئوغلى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بولۇپ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىل ئەۋلادىدىكى 12 قەبىلىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
مۇھىمى، ئىسرائىل ئەۋلادى تاكى رەمسىس II دەپ ئاتىلىدىغان فىرئەۋن تەختكە چىققانغا قەدەر مىسىردا 300 يىل خار ۋە تۆۋەن تۇرمۇشقا رازى بولدى. بۇ فىرئەۋن ئۇچىغا چىققان قانخور جاللات ئىدى. ئۇ چۈشىدە ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر بوۋاق تۇغۇلۇپ ھاكىمىيىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ جاللات ئىسرائىل ئەۋلادىدا تۇغۇلغان ھەرقانداق ئوغۇل بوۋاقنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. ئىسرائىللىقلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى بىلەن ئوردىدىكى قۇللارنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەندىن كېيىن، فىرئەۋن ئوغۇل بوۋاقلارنى بىر يىل ئۆلتۈرۈپ، بىر يىل قالدۇرۇپ قويۇشقا بۇيرۇدى. ئۆلتۈرۈلـمەيدىغان يىلى ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر ئايال (يەھۇدىيلارنىڭ تارىخ كىتابىدا يوكابىد دەپ ئاتىلىدۇ) ھارۇن ئىسىملىك بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغدى. ئاندىن ئۆلتۈرۈلىدىغان يىلى ئۇ يەنە بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغدى – دە، ئۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق ئاجايىب بىر ئىشنى بىلدۈردى. يەنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بالىنى بىر ساندۇققا سېلىپ نىل دەرياسىغا تاشلىۋېتىشنى كۆڭلىگە سالدى. نەتىجىدە، ئۇ بالىسىنى نىل دەرياسىغا تاشلىدى.
بۇ ئۇلۇغ ئايال ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن بەجا كەلتۈردى، ئارقىدىنلا قىزىنى ساندۇقنى كۆزىتىپ بېقىشقا ئەۋەتتى. سىزنىڭچە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچىسى كۆرگەن ئاجايىب ئىش نېمىدۇ؟ بۇ قىزىقارلىق ھېكايىمىزنىڭ ئاخىرىدا يەنە نېمە ئىشلار بولغاندۇ؟ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئىنسانىيەتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئاياللارنىڭ بىرى» دەپ كۆرسەتكەن بىر ئايال بار، ئۇ زادى كىم؟ مەن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئايال دەپ قارايدىغان بۇ قەھرىمان ئايال زادى كىم؟
مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».
تەرجىمىدە: ئەركان
1. بەنى ئىسرائىل (بَنِي إِسْرَائِيْلَ): ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامدىن بولغان نەۋرىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقەبى ئىسرائىلدۇر. ئىسرائىلنىڭ مەنىسى «ئاللاھنىڭ بەندىسى» دېمەكتۇر. بەنى ئىسرائىل: «يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادىنى، كېيىنچە ئومۇمەن ئۇلاردىن تاكى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغىچە ۋە ھەتتا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە داۋاملاشقان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان يەھۇدىيلەر»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقانلىرى «ناسارا»، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىمان ئېيتقانلىرى بولسا «ئەھلى كىتاب مۇسۇلمانلىرى» دەپ ئاتالغان. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد ئەبۇ شۇھبە: «الْإِسْرَائِيْلِيَّاتُ وَالْمَوْضُوْعَاتُ فِيْ كُتُبِ التَّفِسِيْرِ (تەفسىر كىتابلىرىدىكى ئىسرائىلىييات ۋە توقۇلما رىۋايەتلەر)»، «سۈننەت كۇتۇبخانىسى نەشرىياتى»، 13 -، 14 – بەتلەر. قاھىرە، ھ. 1408