﴿ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا فىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى﴾(66/«تەھرىم»: 11).
«ئاياللاردىن پەقەت ئىمراننىڭ قىزى مەريەم ۋە فىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيەلا كامالەتكە يەتكەن». «بۇخارىي»، (3411)
گاھىدا ئايال كىشى ھاياتىنى جەھەننەمگە ئايلاندۇرىدىغان جىنايەتچى ئەرگە مۇپتىلا بولۇپ قالىدۇ. ئەپسۇسكى، بەزى چاغلاردا ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ھۆر ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ ئۇنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى ئۇنۇتقان ھالدا، دۇنيا – ئاخىرەتنىڭ بەخت – سائادىتى ۋە دىنىنى قۇربان قىلىپ، جىنايەتچى ئەرگە بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا ئەسىر بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە ئاللاھتىن باشقىسىغا ئېگىلمەيدىغان، جىنايەتچى ئەرلىرىنىڭ ئالدىدا خار ياشاشتىن كۆرە ئۆلۈمنى ئەلا بىلىدىغان، ئېرى، بالىلىرى ھەتتا باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن ئاللاھنى ئارتۇق كۆرىدىغان يەنە بىر تۈرلۈك جەسۇر ئاياللارمۇ بار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزى بىلىدىغان ھېكمەت ئۈچۈن، قىيامەت كۈنىگىچە مېھرابلاردا ئوقۇلۇپ تۇرىدىغان «قۇرئان»دا بىزگە قەھرىمان ئايال ئاسىيە بىنتى مۇزاھىم بىلەن ئۇنىڭ جىنايەتچى ئېرى فىرئەۋننىڭ قىسسەسىنى سۆزلىدى. مەن ئاللاھ تائالا بۇ قەھرىمانىمىزنىڭ قىسسەسىنى سۆزلەش ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بىلدۈرۈشنى خاھلىغان مۇنداق مۇھىم ئىككى ساۋاق بار دەپ قارايمەن:
بىرىنچى ساۋاق ئومۇمىي ئىنسانىيەت ئۈچۈن، خۇسۇسەن ئايال كىشىنىڭ رولىنى تۆۋەن چاغلايدىغان ئەرلەر ئۈچۈندۇر. بۇلار بىلىشى كېرەككى، زېمىن شاھىد بولغان ئەڭ كۈچلۈك زوراۋان زالىمغا قارشى تۇرغان كىشى بىر ئايال ئىدى.
ئىككىنچى ساۋاق ئىنسانىيەتكە ئومۇمىي، ئايالغا خاستۇر. ئى ھەمشىرەم! بىلىڭكى، ئېرىڭىز ھەرقانچە ئوسال، ھاكاۋۇر ۋە زالىم بولغان تەقدىردىمۇ قورقماڭ، قايغۇرماڭ. مۇھىمى مەڭگۈلۈك بەخت – سائادىتىڭىز ۋە دىنىڭىز ئۈچۈن ئۇ گۇناھكار ئېرىڭىزگە بويسۇنماڭكى، ئانىڭىز ئاسىيە بىنتى مۇزاھىمنى ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ئېرىڭىزدىنمۇ قوپال، زالىم ۋە ھاكاۋۇر ئەر بىلەن سىنىغان.
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ بۈيۈك ئايال ھەققىدە يېزىشنى ئويلاۋېتىپ قەلبىم تىترەپ كەتتى. چۈنكى بىز ھازىر ئاللاھنىڭ ئەۋلىيا بەندىسى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكۈچى ۋە ئاللاھ تەرەپتىن جەننەت بىلەن رازى قىلىنغۇچى، چىدامچان ۋە غۇرۇرلۇق، خالىس زاھىد، مۇبارەك شەھىد، تەقۋادار مۇئمىن بولغان بىر ئايال ھەققىدە سۆزلەيمىز. بىز ھازىر ئادەم ئاتىدىن ھازىرغا قەدەر بولغان تارىختىكى يەر يۈزىدە تونۇلغان ئەڭ ئەشەددىي زالىمغا قارشى ئىمانى بىلەن غەلىبە قازانغان بىر باتۇر ئايال ھەققىدە، دۇنيادا ئاللاھ ياراتقان ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر ئايال ھەققىدە سۆزلەيمىز. بىز ھازىر شائىرلارنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ ھاياتىنى ئىپادىلەشتىن ئاجىز كەلگەچ، تەرجىمىھالىنى شائىرلارنىڭ رەببى ئۆزىنىڭ كىتابىدا ئۆز سۆزلىرى بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن بىر ئىنسان ھەققىدە توختىلىمىز. بىز ھازىر خانىشلارنىڭ زىننىتى، خانىملارنىڭ سەردارى، غۇرۇرلۇقلارنىڭ سىمۋولى ھەققىدە سۆزلەيمىز. بىز ھازىر ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان فىرئەۋننىڭ خوتۇنىدىن ئىبارەت مېھرىبان ئانا، ئۇلۇغ قەھرىمان ئاسىيە بىنتى مۇزاھىم ھەققىدە سۆزلەيمىز.
ئاسىيە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) ئاددىي بىر ئەرنىڭ ئەمرىدىكى ئاددىي بىر ئايال ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇ ھەددى – ھېسابسىز ئالتۇن، جاۋاھىراتلار ئىلكىدە بولغان بىر تاجىدار خانىش ئىدى. ئۇ زېمىندىكى ئاللاھنىڭ جەننىتى بولمىش قەدىمكى مىسىر خانىشلىرىدىن بىر خانىش ئىدى. لېكىن ئۇ قەھرىمانىمىز مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ يولىدا تەرك ئەتتى.
دەرۋەقە، «تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك ئايال» دېگەن نامنى بۇ پاك ئايالغا تاللىشىمنىڭ سىرى ئۇنىڭ پەقەت زالىم فىرئەۋن ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلىكى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بۈيۈك ۋە كۈچلۈك بولۇشىنىڭ سىرى ئۇنىڭ ئۆز نەپسى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلىكىدىن دەپ قارىغانلىقىمدۇر.
بۇ باتۇر ئايال فىرئەۋننىڭ قەسرىدە تولۇپ تاشقان ئالتۇن، جاۋاھىراتلارغا نەزەر تاشلاپمۇ قويماي، بۇ ئارقىلىق فىرئەۋن مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ كاتتا بايلىقلىرىنى ئاللاھ يولىدا قۇربان قىلدى ۋە ئۆز نەپسى ئۈستىدىن غالىب كەلگەندىن كېيىن فىرئەۋن ئۈستىدىنمۇ غالىب كەلدى. ئۇ ھەقىقەتەن كىشىلەرگە «مەن سىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار» دېگەن زالىمنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ئاسىيە بۇ ئارقىلىق دۇنيالىقىنى ئاخىرىتىگە ساتتى، ئۇ سارىيىنى تەرك ئەتتى، ئۇ سارىيىنى ئاللاھقا قوشنا بولۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى جەننەتتىن بولغان بىر ئۆيگە ئالماشتۇردى. ھالبۇكى، ئۇ ئايەتلىرى تا قىيامەتكىچە ئوقۇلۇپ تۇرىدىغان «قۇرئان»دا ئاللاھنىڭ ئۇنى پۈتكۈل ئالەملەرگە ئۆرنەك قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
ئاسىيە ئەسلىدە بىر ئەرەب مەلىكىسى بولۇپ، فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئاسىيە بىنتى مۇزاھىم ئىبنى ئۇبەيد دەييان ئىبنى ۋەلىددۇر. ئۇنىڭ نەسەبى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەرەبلەرنىڭ پۇشتىغا تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى فىرئەۋن دەۋرىدىكى مىسىر ھاكىمىيىتىگە بېقىنغان مەملىكەتلەرنىڭ بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۆزئارا قۇدا – باجا بولۇش پادىشاھلارنىڭ ئادىتى بولغاچقا، فىرئەۋن ئۇنى ئەمرىگە ئالدى. گەرچە ئۇ تۇغماس چىقىپ قالغان بولسىمۇ، فىرئەۋن ئۇنى باشقا ئاياللىرىدىن بەكرەك قەلبىگە يېقىن تۇتاتتى.
ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ئاسىيە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى نىلغا تاشلىغان ساندۇقتىكى بوۋاقنى كۆرۈپلا، قەلبى ئۇنىڭغا مايىل بولدى. بىز ئەمدى نىل دەرياسىغا قايتايلى ۋە ئانىسى نىل دەرياسىغا تاشلىۋەتكەن ئاشۇ ساندۇقتىكى بوۋاقنى كۆزىتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتقان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچىسىنى خىيال قىلايلى!
﴿مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى، «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن، (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز». فىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. ئاقىۋەت (مۇسا) ئۇلارغا دۈشمەن ۋە خاپىلىق بولدى. شۈبھىسىزكى، فىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى. فىرئەۋننىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆز نۇرى (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (فىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى. مۇسانىڭ ئانىسى (مۇسانىڭ فىرئەۋننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ) ئەس – ھوشىنى يوقاتتى، (ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بالىنى قايتۇرۇش ۋەدىسىگە) ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى. ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە: «(خەۋەرنى ئۇقۇش ئۈچۈن) مۇساغا ئەگەشكىن» دېدى. ھەمشىرىسى مۇسانى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى. ھالبۇكى، ئۇلار (ئۇنى) سەزمەيتتى. ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى ئىنىكئانىلارنى ئېمىشتىن مەھرۇم قىلغان ئىدۇق، مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: «سىلەرگە مۇسانى ئوبدان باقىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ» دېدى. ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ﴾(28/«قەسەس»: 7 – 13).
ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتىدە: ﴿ئۇلار تۇزاق قۇردى، بىزمۇ تۇزاق قۇردۇق. ھالبۇكى، ئۇلار تۇيمايدۇ﴾(27/«نەمل»: 50) دەيدۇ.
ئۈممەتلەرنىڭ تىرىلىشى مۇشۇ ئاساس بويىچە بولىدۇ. فىرئەۋن ئوغلى مۇسا دەپ ئاتالغان مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز مىللىتىنى 300 يىللىق خار – زەبۇنلۇقتىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن چىققاندەك، كىم بىلىدۇ، ئاللاھ بۇ دىننى قايتا تىرىلدۈرىدىغان كىشىنى بۇ زاماندىكى ئىسلامنىڭ ئەڭ قاتتىق دۈشمەنلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقىرامدۇ تېخى؟! لېكىن، بىز ئۆزىمىزگە قويۇشىمىز كېرەك بولغان بىر سوئال بار. ئاللاھقا بويسۇنۇش ئۈچۈن، ئېمىۋاتقان بوۋىقىدىن ۋاز كېچەلىگەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىدەك بىرەرسى بارمۇ؟ ئاسىيە بىنتى مۇزاھىمدەك بىرەر سەۋرچان ئايال بارمۇ؟ يىپەك كۆرپىلەرگە، ئالتۇن ياستۇقلارغا ئادەتلەنگەن خانىش ئاسىيەنىڭ نېمىلەرگە سەۋر قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ئاللاھنىڭ دۈشمىنى فىرئەۋن ئۇنىڭغا كافىر بولۇش بىلەن ئازابلىنىشتىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بەردى. بۇ قەھرىمان زور ئىشەنچ ۋە كامىل ئىمان بىلەن كۇفۇرنى قويۇپ ئازابنى تاللىدى، دۇنيا ئۈچۈن دىنىنى سېتىشقا ئۇنىمىدى. شۇڭلاشقا، فىرئەۋن ئۇنى ئازابلاشقا شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدى. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقىدىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە دۈشمىنىگە ئەگىشىپ كەتكەنلىكى ئېغىر كەلگەنىدى. نەتىجىدە، ئۇ ئاسىيەنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىشى ئۈچۈن، ئۇنى ئەڭ قاتتىق ئازاب بىلەن قىيناشقا بۇيرۇق قىلدى. لېكىن، ئاسىيە سەۋر قىلىپ، ساۋاب ئۈمىد قىلىپ، مۇئمىنە ھالىتىدە چىڭ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن ئۇنىڭ تېنىگە قامچىلارنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن، ئەسكەرلىرىنى ئۇنى ياتقۇزۇپ تۆت قوزۇق ئارىسىغا باغلاشقا بۇيرۇدى. ھالبۇكى، ئۇ ئۆزى ئۇچرىغان دەردلىك ئازابلارغا سەۋرچان ۋە ئۈمىدۋار ئىدى. ئاندىن جىنايەتچى فىرئەۋن ئۇنىڭ كۆكرىكىگە بىر تۈگمەن تېشى قويۇشقا ۋە ئۇ تۈگمەن تېشىنىڭ ئۈستىگە يوغان بىر قورام تاش تاشلىنىشقا ئەمر قىلدى. جازا ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن، فىرئەۋن ئۇنىڭ ئاللاھقا كافىر بولۇشى بەدىلىگە ئەپۇ قىلىۋېتىدىغانلىقىنى دەپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. ئاسىيە ئۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن قاراپ قويدى – دە، ئاندىن ئاسمانغا قارىدى ۋە كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدىغان شۇنداق بىر دۇئانى قىلدىكى، ئۇ دۇئانى تارىختا پەقەت بىرلا ئايال قىلغانىدى. ﴿ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا فىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى فىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېدى﴾(66/«تەھرىم»: 11).
دېمەك، بۇ قەھرىمان ئايال جەننەتتىكى ئۆيدىن بۇرۇن قوشنىنى ياخشى تاللىدى، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئاللاھقا قوشنا بولۇشنى تاللاپ، «بىر ئۆينى» دېيىشتىن بۇرۇن «دەرگاھىڭدا» دېدى. نەتىجىدە، بۈيۈك قەھرىمان ئاسىيە بىنتى مۇزاھىمنىڭ تارىختىكى ئاياللارنىڭ مۇتلەق ھالدا ئەڭ بۈيۈكلىرىدىن بولۇشى ئۈچۈن؛ جەننەت ئەھلى سەردارلىرىنىڭ بىرى بولۇشى ئۈچۈن؛ جەننەتتە تۇرۇشى ئۈچۈن؛ روھى ياراتقۇچىسىنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلىدى، ھالبۇكى پەرىشتىلەر قاناتلىرى بىلەن سايە تاشلاپ تۇراتتى.
مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».
تەرجىمىدە: ئىلمىنۇر ئابدۇللاھ