ئىككىنچى-قېتىملىق-رامازانلىق-زۆرۈر-بولغان-دىنىي-مەسىلىلەردە-پەتىۋا-ۋە-مەسلىھەت-بېرىش-خىزمىتى-

ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

401 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يېقىندا تىزىمنى ئوپېراتسىيە قىلغۇزماقچى، دوختۇر تىزىمغا جەسەتتىن لازىم بولغان توقۇلمىنى ئېلىپ كۆچۈرۈش ئارقىلىق تىزىمدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ جائىزمۇ؟ مەنمۇ بۇنى تۇنجى ئاڭلىغاچقا سوراپ باقاي دېدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىرەر جەسەتتىن بىرەر ئەزا ياكى توقۇلمىنى ھاياتى ياكى سالامەتلىكى ئۈچۈن ئېھتىياجى بولغان تىرىك بىر ئىنساننىڭ بەدىنىگە يۆتكەش جائىز. بۇنىڭ ئۈچۈن جەسەت ئىگىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغان رازىلىق ۋەسىيىتى ياكى مىراسخورلىرىنىڭ رازىلىقى بولۇشى شەرت. چۈنكى، مېيىتنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى شەرئەن قوغدىلىدۇ.

402 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققاندا سۈرمە تارتىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ مەن بىرسىدىن بۇنىڭ ئەتىر چاچقانغا ئوخشاش دەرىجىدە گۇناھ بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. بۇنىڭ دەلىلى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كۆزگە، قاش – كىرپىككە سۈرمە تارتىش جائىز بولۇپلا قالماي، ئاياللارغا ئېرى ئۈچۈن شۇنداق قىلىشى مۇستەھەبتۇر. سۈرمىنىڭ پەردازلىنىشتىن باشقا شىپابەخش ئالاھىدىلىكىمۇ بار بولۇپ، ئۇ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، كىرپىكنى ئۆستۈرىدۇ. بۇ ۋەجدىن ئەرلەرنىڭ كۆزىگە سۈرمە تارتىشىمۇ جائىز ۋە مۇستەھەبتۇر.

يات ئەرلەرگە كۆزنىڭ سۈرمىسىنى كۆرسىتىش مەسىلىسىدە ئالىملار بىر قاراشتا ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن﴾(24/«نۇر»: 31) دېگەن ئايەتىدىكى «تاشقى زىننەتلىرى» دېگەننى ئۆلىمالار پەرقلىق تەفسىرلەيدۇ.

بەزىلىرى «يۈز ۋە ئىككى ئالىقان»؛ بەزىلىرى «تاسادىپىي ئېچىلىپ قالغان جايلار»؛ بەزىلىرى: «ئۇزۇن كىيىمدىن گەۋدىلىنىپ كۆرۈنۈپ تۇرغان ھالىتى» دېگەن. ئىبنى ئابباس، مىسۋەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، قەتادە، مۇجاھىد قاتارلىق بىر گۇرۇپپا سەلەفلىرىمىزنىڭ: «(بۇ سۆزدىن مەقسەت قىلىنغىنى) سۈرمە بىلەن ئۈزۈكتۇر» دەپ تەفسىرلىگەنلىكى سەھىھ رىۋايەت قىلىنغان. بۇلاردىن بەزىلەر يۇقىرىقىلارغا قولدىكى خېنە بىلەن بىلەزۈكنىمۇ قاتىدۇ. زىبۇزىننەتنى نامايان قىلغاندا، زىبۇزىننەت تاقىغان ئورۇنمۇ تەڭ نامايان بولىدۇ. سۈرمە كۆزنىڭ زىننىتىدۇر، ئۈزۈك بولسا قولنىڭ زىننىتىدۇر. ئادەتتە ئۇلارنى مۇئامىلىلەردە ئېچىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدا زۆرۈرىيەت بار. ئىمام تەبەرىيمۇ كېيىنكى مۇشۇ تەفسىرنى تەرجىھ قىلىپ: «بۇنىڭدىكى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغىنى ‹بۇ ئايەتتىن يۈز بىلەن ئالىقان كۆزدە تۇتۇلغان› دېگەنلەرنىڭ قارىشى بولۇپ، ئۇنداق بولغاندا ئۇنىڭغا سۈرمە، ئۈزۈك، بىلەزۈك، خېنە ۋە كىيىملەرمۇ تەۋە بولىدۇ» دېگەن(«جامىئۇل بايان (تەفسىرۇ تەبەرىي)»، 17/259 – 260). يەنە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ «(بۇ سۆزدىن مەقسەت قىلىنغىنى) سۈرمە بىلەن ئۈزۈكتۇر» دەپ تەفسىرلىگەنلىكى، ئەتائنىڭ «سۈرمە بىلەن خېنە» دەپ تەفسىرلىگەنلىكى، ئىكرىمەنىڭ: «كىيىملىرى، سۈرمىسى ۋە خېنىسى» دەپ تەفسىرلىگەنلىكى سەھىھ رىۋايەت قىلىنغان.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قاتارلىق زاتلارنىڭ ئاشۇ تەفسىرىگە ئاساسەن سۈرمە رۇخسەت قىلىنغان زىننەت بولىدۇ ۋە ئۆيدە سۈرمە تارتىپ بولغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىش ئېھتىياجى بولغان ئاياللار مەيلى يۈزىنى يۆگەيدىغىنى ياكى ئاچىدىغىنى بولسۇن، يۇيۇپ يوقىتىۋەتمەستىن سۈرمە تارتقان ھالەتتە چىقسا بولىدۇ. ئەمما، سۈرمىنى سىرتقا چىقىش ئۈچۈنلا تارتىش ياتلارغا ياسىنىش ئۈچۈن بولغاچقا، رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بۇ ئىشتىمۇ باشقا ئىشلاردا ئاساس بولغىنىدەك، «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر». شۇڭلاشقا: «سۈرمىنى داۋالىنىش ئۈچۈن سۈرتۈپ چىقسا بولىدۇ، ئەمما زىننەتلىنىش ئۈچۈن سۈرتۈپ چىقسا دۇرۇس بولمايدۇ» دەيدىغان ئالىملارمۇ يوق ئەمەس. شۇنداقلا سىرتقا سۈرمە تارتقان ھالدا چىقىشنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىغان ئالىملارمۇ يوق ئەمەس. بۇلارمۇ بەزى سەلەفلەرنىڭ تەفسىرىگە تايانغاندۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم!

403 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر قېتىم ئۆمرە قىلىپ بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم ھەرەمگە بارغان كىشى ھەجنى نىيەت قىلغان ھالدا ھەرەمگە بېرىپ مىيقاتتا ئىھرامنى باغلاپ مەككەگە كىرگەندىن كېيىن، «مەن ئۆمرەگە نىيەت قىلمىغان، بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ بولغان» دەپ ئىھرامنى سېلىۋەتسە گۇناھكار بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەجگە ياكى ئۆمرەگە ئىھرام باغلىغان كىشى تاكى تاماملىغانغا قەدەر ئىھرامدىن چىقمايدۇ. ئىھرامنى سېلىۋەتسە، ئەلبەتتە گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق تاماملاڭلار، توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، نېمە ئوڭاي بولسا شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار﴾(2/«بەقەرە »: 196) دېگەن.

ئاللاھ تائالا ئايەتتە ھەج ياكى ئۆمرەگە تۇتۇش قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى تاماملاشقا ئەمر قىلغان. شۇڭا، ھەجگە ئىھرام باغلىغان كىشى ھەجنى تاماملىماستىن، ئىھرامدىن چىقىپ كەتسە بولمايدۇ، (دۈشمەن ياكى كېسەللىك ياكى ساقچى توسۇۋېلىشى بۇنىڭ سىرتىدا) چوقۇم تاماملىشى كېرەك. دېمەك، بۇ كىشى ئىھرامدىن چىقىپ كەتسىمۇ، ئىھرامنى سېلىۋەتسىمۇ، يەنىلا ئىھرام ھالىتىدە بولىدۇ. يەنى «ئىھرامدىن چىقىپ كەتتىم» دېگەن خىيالى ئۆزىنىڭ خىيالى خالاس. ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشى ئىھرامدا. ئۇ كىشى يەنىلا ئىھرامدا بولغاچقا، ھەجنى تاماملىغانغا قەدەر ئىھراملىق ھالەتتىكى چەكلىمىگە رىئايە قىلمىغان ھەر بىر قىلمىشى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم جازا / فىديە كېلىدۇ. مەسىلەن، ئايالى بىلەن بىرگە بولسا بىر قان. چاچ چۈشۈرگەنگە ئايرىم فىديە. بېشىنى يۆگىۋالسا ئايرىم فىديە. خۇشپۇراق ئىشلەتسە، كىيىم كېچەكلىرىنى كىيىۋالغانغا ئايرىم…

بۇ جەرياندا ئىھرامغا زىت قىلغان ھەربىر قىلمىشى ئۈچۈنمۇ ئايرىم – ئايرىم جازا / فىديە كېلىدۇ. باشقا ئىبادەتلەردە مەسىلەن، نامازدا ياكى روزىدا «بۇزۇۋېتەي» دەپ بۇزۇۋەتسە، بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئىھرامدا ئۇنداق ئەمەس. بۇزۇلمايدۇ. ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇكى: «ھەج ئىھرامىدىن چىقىش پەقەت 3 ئىشنىڭ بىرىنى قىلىش بىلەن بولىدۇ: 1. ھەدنى تولۇق تاماملىغاندا؛ 2. يولدا توسۇلۇپ قالغاندا؛ 3. ئۆزرىسى بولۇپ كېلەلمىگەندە. بۇلاردىن باشقا ئەھۋالدا ئىھرامدىن چىقالمايدۇ. ئىھرامدىن چىقىشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، ئىھراملىق ھالەتتىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئىھرامنى رەت قىلىش بىلەنمۇ چىقىپ كەتمەيدۇ. بۇ باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشىمىغاچقا، ئۇ يەنىلا ئىھراملىق ھالەتتە قالىدۇ. ئىھراملىق ھالەتنىڭ ھەربىر ھۆكمى ئۇنىڭغا ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۆتكۈزگەن ھەربىر ئىھرامغا خىلاپ ئىشقا قارىتا فىديە كېلىدۇ»(«ئەلمۇغنىي»: 7/62).

404 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! چېنىقىش، ماھارەت ئىگىلەش ۋە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن بوكس ئۆگەنسە بولامدۇ؟ ئەلبەتتە ئۆگەنگەندە خەقنى ئۇرۇش ۋە تاياق يېيىشلار بولۇپ تۇرىدۇ.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. يۈزنى قوغدايدىغان قالپاق كىيىپ تۇرۇپ ئۆگەنسە ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتناشسا جائىز. يۈزگە ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرىدىغان تەرىقىدە ئۆگىنىش ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ھارام.

«ھارام» دېيىشتە بۇ ھەقتە «رابىتە»گە تەۋە «فىقھ ئاكادىمىيەسى» بوكسچىلىق ۋە ئەركىن چېلىشىشنى تەنتەربىيە ئويۇنلىرى قاتارىدا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان ئىختىساسلىق دوختۇرلارنىڭ تەتقىقاتلىرىنى ۋە ئۇلار دۇنيادىكى بوكسچىلىق قىلىش ۋە ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشتىن ئەمەلىي يۈزبېرىۋاتقان ئەھۋاللار ھەققىدە سۇنغان سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى ئەتراپلىق ئىزدەنگەندىن ۋە ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلىرىنىمۇ كۆزدە تۇتقاندىن كېيىن، بىردەك قاراشتا: «كۈنىمىزدە بوكس مەيدانلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بوكسچىلىق ئىسلام شەرىئىتىدە ھارام قىلىنغان ئىشتۇر. چۈنكى، ئۇ ھەربىر تەرەپنىڭ قارشى تەرەپكە ئېغىر جىسمانىي ئەزىيەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئوينىلىدۇ. ئەركىن چېلىشىشنىڭمۇ قارشى تەرەپكە ئېغىر جىسمانىي ئەزىيەت يەتكۈزىدىغىنى ھارام، تەنتەربىيە ئۈچۈن ئوينىلىدىغان، جىسمانىي ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغىنى جائىز» دەپ قارار ئالغان(«50 – نومۇرلۇق قارار»: 10/3).

بوكسچىلىقنىڭ يەنە مۇسابىقە كۆرۈپ ۋاقىتنى زايە قىلىش، دو تىكىش، ئەۋرەت ئېچىش ۋە مېيىپ بولۇپ قېلىشتەك باشقا زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس.

ئەگەر يۈزىگە ئۇرۇش، ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە جىسمانىي ئەزىيەت يەتكۈزۈش بولمىسا، مەسىلەن باش ۋە مەيدىنى قوغدايدىغان قالپاق ۋە جىلىتكە كىيىپ ئۆگەنسە ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتناشسا تەننى كۈچلەندۈرۈش، ئۇرۇش ۋە ئۆزىنى قوغداش ماھارەتلىرى قاتارىدا جائىز بولىدۇ.

405 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! پەرز ھەج قىلغان ۋاقىتتا بىر ئائىلىدىن 4 كىشى يەنى ئەر – ئايال 14 ياشلىق ھەم 22 ياشلىق ئۆيلەنمىگەن ئوغۇل بالىلىرى بىلەن بىراقلا ھەج قىلسا، ھەربىرى ئۈچۈن بىر قويدىن قۇربانلىق قىلىمىزمۇ ياكى بىر ئائىلىگە بىرنى قىلساق كۇپايە قىلامدۇ؟ ئەگەر ھەربىرىگە بىردىن قۇربانلىق قىلىش توغرا كەلسە، يېشى كىچىك بولغان ۋە ئۆيلەنمىگەنلەرنىڭ پەرقى بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەجدىكى ھاجىلار ئۈچۈن بېكىتىلگەن ھەدىيە قۇربانلىق ئادەتتىكى قۇربان ھېيتتىكى قۇربانلىققا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، چوڭ ۋە كىچىك، ئەر ياكى ئايال ھەربىر ھاجى ئۈچۈن ئايرىم قىلىنىدۇ. بىر ئائىلىگە بىرسى كۇپايە قىلمايدۇ. مەلۇمكى ھەج 3 تۈرلۈك بولىدۇ:

ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ (التمتع): يەنى ھەج ئايلىرىدا ئالدى بىلەن ئۆمرەگە ئىھرام باغلاپ كېلىپ، ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىھرامدىن چىقىپ كۈتۈپ تۇرۇپ، ھەج كۈنلىرى كەلگەندە شۇ يىلقى ھەجگە قايتا ئىھرام باغلاپ ھەج قىلىشتۇر.

ھەج قىران (الْقِرَانُ): يەنى ھەج ئايلىرىدا ئۆمرەگە ئىھرام باغلاپ، ھەجنى شۇ بىر ئىھرام بىلەن بىللە قىلىشتۇر. شۇنىڭغا ھەم دىققەت قىلىش كېرەككى، بىر قىسىم ھەدىس ۋە سەلەفلەرنىڭ بايانلىرىدا «ھەج قىران» يەنە «ھەج تەمەتتۇﺋ» دەپمۇ ئىپادىلەنگەن. چۈنكى، «ھەج قىران» ۋە «ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ» شەكلەن ئازراق ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىككىلىسى بىر قېتىمدا ئۆمرە بىلەن ھەجنى بىراقلا ئادا قىلىشتىن بەھرىمەن بولۇشتۇر.

ھەج ئىفراد (الإِفْرَادُ): يەككە ھەج يەنى ھەج ئايلىرىدا پەقەت ھەجگىلا ئىھرام باغلاپ ئۆمرە قىلماي يالغۇز ھەجلا قىلىشتۇر.

ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ ياكى ھەج قىران قىلغۇچى ھەر بىر كىشى مەيلى بالاغەتكە يەتكەن بولسۇن ياكى نارەسىدە بولسۇن، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن بىر قوي قان ھەدىيە قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا ئىمكانىيەت تاپالمىغانلار 10 كۈن روزا تۇتسا بولىدۇ. 3 كۈننى ھەجگە ئىھرام باغلىغاندىن كېيىن، 7 كۈننى يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن تۇتىدۇ. كىچىك بالىلار ئۈچۈن ئاتا – ئانىسى تۇتىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇكى: ﴿ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرام دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر﴾(2/«بەقەرە »: 196).

406 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئالدىمىزدا قۇربان ھېيت كېلىۋاتىدۇ. قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى يېتىم – يېسىرلارغا، بولۇپمۇ تايلاند تۈرمىسىدىكىلەرگە ئەۋەتىپ بەرسەك جائىز بولامدۇ؟ بىز ئادەتتە ياۋروپادا قۇربانلىقنى ئۆزىمىزلا يەپ تۈگىتىمىز. شۇڭا، ئۇنىڭ پۇلىنى ئېھتىياجى بارلارغا بەرسەك، ئۇلار چوقۇم قۇربانلىق قىلىشى كېرەكمۇ ياكى پۇلىنى خەجلىسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قۇربانلىق ئۈچۈن مال بوغۇزلىماي، مال ئالىدىغان پۇلنى نامراتلارغا سەدىقە قىلسا ياكى پۇلىنى باشقا ئىشقا بەرسە، قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ. گۆش سېتىۋېلىپ، نامراتلارغا تارقىتىپ بەرسىمۇ، ھەتتا تىرىك قوي سېتىۋېلىپ، سەدىقە بەرسىمۇ قۇربانلىق ئوخشاشلا ئادا بولمايدۇ. قىلغىنى پەقەتلا ئادەتتىكى سەدىقە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىبادەت قان ئېقىتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا قۇربانلىق پۇلنى باشقىلارغا بېرىپ پۇل ئىگىسى ئۈچۈن ۋاكالىتەن قۇربانلىق قىلىشنى تاپىلىسا، ئۇلار ۋاكالىتەن قان قىلسا، ئاندىن قۇربانلىق ئادا تاپىدۇ. يېتىم – يېسىرلار ۋە تۈرمىسىدىكىلەرگە قۇربانلىق پۇلىدىن باشقا پۇل ئەۋەتىپ ياردەم قىلىش مۇناسىپ.

407 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆمرە ۋە پەرز ھەج ئۈچۈن ئىھراملىق كىيەلمەي مەككەگە كىردىم. بۇنىڭ فىديەسى ئۈچۈن 3 كۈن روزىنى مەككەدىن باشقا جايدا تۇتساق ياكى 6 مىسكىنگە باشقا جايدا تاماق بەرسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ فىديەنى چوقۇم مەككەدە ئادا قىلىش شەرت ئەمەس. باشقا جايدا روزا تۇتسا ياكى باشقا جايلاردىكى مىسكىنلەرگە تاماق پۇلىنى ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ فىديە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلماقچى بولسىمۇ باشقا جايدىكىلەرگە ھاۋالە قىلسا، باشقا جايدا  قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.

408 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياۋروپادىكىلەر قۇربانلىق قىلالمىغاچقا، قۇربانلىققا ئاتىغان پۇلنى تۇركىيەدىكىلەرگە ئەۋەتسە، ئۇ يەردىكىلەر شۇ پۇلنى ئۇزىنىڭ قۇربانلىقىنى نىيەت قىلىپ قۇربانلىق قىلسا، ئىككىلا تەرەپنىڭ قۇربانلىقى ئادا تاپامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. قۇربانلىق قوينى قاسساپقا ھاۋالە قىلغاندا مۇسۇلمان، ئىشەنچلىك قاسساپقا ھاۋالە قىلىش كېرەك. ۋەكىل بولغان قاسساپمۇ تاپشۇرۇلغان قۇربانلىقنى قۇربانلىق ۋاقتى، ئۆلچىمى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى شەرتلەر بويىچە ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. قۇربانلىقنى ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى كۈن پاتقۇچە قىلىپ بولۇشى كېرەك. قوي سويۇش ئىش ھەققىگە قۇربانلىقنىڭ تېرىسى ياكى باشقا بىرەر پارچىسىنى ھېسابلاپ بېرىشكە بولمايدۇ. چوقۇم ئىش ھەققىنى ئايرىم بېرىش كېرەك.

409 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قۇربانلىقنى قوينى كۆرمەستىن قاسساپقا ھاۋالە قىلساق، قاسساپ ئۆزى بىزنىڭ نامىمىزدا ھېيتنىڭ 2 – ياكى 3 – كۈنى بوغۇزلاپ تەييار قىلسا، بىز قاسساپخانىغا بېرىپ گۆشنى ئەكەتسەك، قۇربانلىق ھېساب بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. قۇربانلىقنى قاسساپقا ھاۋالە قىلغاندا مۇسۇلمان، ئىشەنچلىك قاسساپقا ھاۋالە قىلىش كېرەك. ۋەكىل بولغان قاسساپمۇ تاپشۇرۇلغان قۇربانلىقنى قۇربانلىق ۋاقتى، ئۆلچىمى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى شەرتلەر بويىچە ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. قۇربانلىقنى ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى كۈن پاتقۇچە قىلىپ بولۇشى كېرەك.

410 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز ھەج ئۈچۈن ھەرەمگە كەلگەن. ھاجىلار بەك كۆپ بولغاچقا ئاياللار تاۋاپتا ئەرلەر بىلەن قىستىلىپ سۈركىلىش كۆپ بولىدىكەن. سورايدىغىنىم: قىستىلىپ تۇرۇپ تاۋاپ قىلىش توغرىمۇ؟ نەفلە ناماز ۋە ھەرەمگە قاراپ ئولتۇرۇپ دۇئا – زىكىردە بولغىنىمىز قىستىلىپ تۇرۇپ تاۋاپ قىلغىنىمىزدىن ئەۋزەلمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەممە ھاجىلار تەرىپىدىن سەل قارىلىۋاتقان مەسىلە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ئاياللار ئەرلەرنىڭ توپىنىڭ سىرتىدا تاۋاپ قىلاتتى. ئارىلاش تاۋاپ قىلىش ۋە قىستىلىشىش يوق ئىدى. ئەتاﺋ سۆزلەپ بېرىپ دېدىكى: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىمۇ ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ تاۋاپ قىلغان ئەمەس، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەرلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ تۇرۇپ تاۋاپ قىلاتتى. بىر ئايال ئائىشەگە: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى! يۈرۈڭ، ھەجەرۇلئەسۋەدنى سىلايلى» دېگەندە، (ھەزرىتى) ئائىشە: «ئۆزىڭىز بېرىڭ» دەپ ئۇنىمىغان. («بۇخارىي»، 1618) كېيىنكى دەۋرلەردە ئاياللارنىڭ مەخسۇس تاۋاب يولى بار ئىدى. لېكىن ھاجىلار سانى ئېشىپ كەتكەن بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە ئۆمرە ۋە ھەج تاۋاپلىرىدەك ۋاجىب تاۋاپلاردا چوقۇم كەئبە ئەتراپىدىكى مەيداندا قىستىلىپ تاۋاپ قىلىش توغرا بولمايدۇ. 2- ياكى 3 – قەۋەتلەردە ئەرلەر بىلەن قىستالماي تاۋاپ قىلىش ئىمكانىيىتى بولسا شۇ يەرلەردە تاۋاپ قىلىش كېرەك. شۇنداقلا نەفلە تاۋاپنى قىستىلىپ قىلىش ئورنىغا نەفلە ناماز، زىكىر ۋە دۇئا بىلەن مەشغۇل بولۇش كېرەك. بۇ ئەھۋالدا ئۇ ئىشلار قىستىلىپ تاۋاپ قىلىشتىن ئەۋزەل ئەمەس، بەلكى قىستىلىپ تاۋاپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس بولىدۇ. بۇ بارىدا ئايال ھاجىلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىنى ئۈلگە قىلىشى ۋە دىنىمىزدىكى چەكلىمىگە، شۇنداقلا ۋاجىب بولمىغان نەفلە ئىبادەتلەردىكى كەڭچىلىككە بويسۇنۇشى لازىم. چۈنكى، ئاياللارنىڭ كەئبەگە يېقىن بېرىش، ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ياكى يەمانىي رۇكنىنى سىلاش، ياكى تاش ئېتىش قاتارلىقلاردا ئەرلەر بىلەن قىستىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان سۈركۈلۈش ۋە چاپلىشىش، شۇنداقلا رومال ۋە كىيىملەرنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدەك يامان ئەھۋال سۈننەتنى ياكى ئەۋزەلنى تۇتۇشتىن ياكى نەفلە تاۋاپ قىلغاندىن ئېغىر بولىدۇ.

411 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئېلان – تەشۋىقاتچىلىق مۇلازىمىتىدە خېرىدارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن لايىھەلىگەن سىن – ۋېدىئولارغا ھەرخىل ناخشا – مۇزىكىلارنى كىرىشتۈرۈپ ياساپ بېرىپ، پۇل تېپىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ۋېدىئولۇق ئېلان – تونۇشتۇرۇش فىلىملىرىدە خېرىدارلار ناخشا – مۇزىكا قوشۇشنى تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، خېرىدارنىڭ دېگىنى بويىچە لايىھەلەپ بەرسە گۇناھى كىمگە بولىدۇ؟ ياكى بۇنداق مۇلازىمەتنى قىلمىغان ياخشىمۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. كۈچلۈك قاراشتا مۇزىكىنىڭ ئۆزى ھارام ئەمەس. ناخشا – مۇزىكا ھۆكمى ئۈچۈن مۇنۇ يازمىغا قارىغايسىز: https://sajiya.biz/?p=5932

«بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى» 48 – سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغىنىدەك: ناخشا – مۇزىكىنىڭ مەزمۇنى، تەسىرى ۋە ئورۇندالغان مۇھىتقا قاراپ ھۆكمى پەرقلىق بولىدۇ. ھاراق – شاراب ئىچىلىدىغان سورۇنلاردا ئوقۇلۇش ياكى يالىڭاچلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتەك باشقا ھارام قىلىنغان نەرسىلەر بىلەن چېتىلسا، بۇنداق ئەھۋالدىكى ناخشىنى ئېيتىش، تاماشا قىلىش ۋە ئاڭلاش ھارام بولىدۇ. مۇزىكىمۇ ئوخشاش. بۇنداق شارائىتتا ئوقۇلغان ناخشا – مۇزىكىنى ۋە يېرىم يالىڭاچ كۆرۈنۈشلەرنى سىن – ۋېدىئولارغا كىرىشتۈرۈپ بېرىپ، پۇل تېپىش ھارام. يۇقىرىقىدەك بولمىغان ناخشا – مۇزكىلارنى ۋە كۆرۈنۈشلەرنى كىرىشتۈرۈپ بېرىش ۋە پۇل تېپىش ھالال.

412 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ياۋرۇپا ياكى باشقا غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيەدىكى ئېھتىياجى بار قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ نامىمىزغا قۇربانلىق ئېلىپ شۇلارغا تارقىتىپ بەرسەڭلار دەپ 400 ~ 300 دوللار ئەتراپىدا پۇل ئەۋەتىدىغان ئىشلار بولدى. ھازىرقى شارائىتتا ئۇ پۇلغا كىچىك ياكى ئورۇق، ئاجىز قويلار ئاران كېلىدىكەن. بىز ئېھتىياجلىقلارغا 300 دوللارنى بېرىپ: بۇنىڭغا ئۆزىڭىز ئازراق پۇل قوشۇپ قۇربانلىق قىلىۋېلىڭ ياكى بۇ پۇلغا ئازراق پۇل قوشالىسىلا مەن ياخشىراق قوينى ئېلىپ (قۇربانلىقنىڭ قىلىنغانلىقىغا ئۆزىمىز شاھىد بولۇپ، پۇل ئەۋەتكەن كىشىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن) قۇربانلىق ئېلىپ بېرەي دەپ، ئازراق پۇل قوشالىسا ياخشىراق قوينى ئېلىپ بەرسەك بولامدۇ ياكى شۇ ئەۋەتكەن پۇلغا قانداق قوي كەلسە شۇنى قۇربانلىق قىلىپ بەرسەك ئەۋزەلمۇ؟ رەھمەت، ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. باشقا دۆلەتلەرگە قۇربانلىق پۇل ئەۋەتىدىغانلار قۇربانلىق قىلىنىدىغان جايدا قۇربانلىق شەرتىگە توشىدىغان بىر مال كېلىدىغان پۇل ئەۋەتىشى ۋە قۇربانلىق قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىشەنچلىك كىشىلەرگە تاپىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا قۇربانلىق سېتىۋېلىنماي قۇربانلىق قىلىنماي قالىدۇ ياكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان مال كېسىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ. قۇربانلىق پۇلى قۇربانلىق سېتىۋېلىشقا يەتمىگەن تەقدىردە قۇربانلىق قىلىپ گۆشىنى يەيدىغانلار پۇل قوشسا دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى بۇ گۆش سېتىۋېلىشتەك بىر ئىش بولىدۇ. قۇربانلىق ئىگىسىمۇ بۇ ئىشتىن كىرىم قىلغاندەك بولىدۇ. مۇبادا 3 – بىر تەرەپ ھەدىيە سۈپىتىدە ياردەم پۇل قوشسا ۋە بۇنىڭغا قۇربانلىق ئىگىسى رازى بولسا جائىز بولىدۇ. شۇڭا، قۇربانلىق ئىشىدا ئەستايىدىل بولۇپ، يېتەرلىك پۇل ئەۋەتىش لازىم. چۈنكى، بۇ يەردىكى مەسىلە قايسىنى قىلسا بولىدىغان، ئەمما بىرى يەنە بىرىدىن ئەۋزەل دېگەندەك مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئادا بولۇش – بولماسلىق مەسىلىسىدۇر.

413 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ۋەتىنىمىزدە قۇربان ھېيت 29 – ئىيۇن پەيشەنبە يەنى بىزدىن بىر كۇن كېيىن دەپ ئېلان قىلىنىپتۇ. ئۇلار قوربانلىقىنى 28 – كۇنى بىز بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا قىلسا قۇربانلىق قوبۇل بۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. قۇربانلىق قىلىشنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ھېيت نامىزى ۋە خۇتبىسى ئوقۇلۇپ بولغۇدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بولىدۇ. قۇربان ھېيت نامىزى ئادەتتە كۈن چىقىپ 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئوقۇلىدۇ. دېمەك، ۋەتىنىمىزدىكىلەر گەرچە ھېيت نامىزىنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئوقۇيالمىغان بولسىمۇ مۇشۇنىڭغا قاراپ مۆلچەرلەپ، «ناماز ئوقۇلۇپ، خۇتبە سۆزلىنىپ بولىدىغان ۋاقىت بولدى» دەپ خاتىرجەم بولغاندا، ئاندىن قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. يەنى ۋەتىنىمىزدە ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى كۈن چىقىپ 1 سائەت ئۆتكەندىن تارتىپ قۇربانلىقنى قىلسا بولىدۇ. بۇ قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئەۋزەل ۋاقتى بولۇپ، قۇربانلىقنى ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى كۈن پاتقۇچە قىلسا ئادا تاپىدۇ. چۈنكى، قۇربانلىقنى قىلىش ئۈچۈن ھېيت نامىزىنى ئوقۇش شەرت ئەمەس. قۇربانلىقنىڭ نامازدىن يانىدىغان چاغدىن كېيىن بولۇشى شەرت. شۇڭا، بۇ ئەھۋالدا قۇربانلىق جايىدا بولغان بولىدۇ، شارائىت سەۋەبىدىن ئىككىنچى كۈنى ھېيت نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلغان بولىدۇ. ھېيت نامىزىنى ئۆيدە 2 – 3 كىشى بولۇپ ئوقۇيالايدىغانلار ئوقۇۋېلىپ، 2 – كۈنى جامائەت بىلەن يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋەتسىمۇ بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شارائىتنى دەڭسەپ ئىش تۇتۇشى، ئەۋزەلنى قىلىمەن دەپ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا، كەڭچىلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

414 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بۇ كۈنلەردە ھەجگە بارغان قۇربانلىق قىلالمىغان كىشى روزا تۇتسا بۇلامدۇ؟ يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تەمەتتۇ ياكى قىران ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان كىشى قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىبتۇر. ئەگەر قۇربانلىق قىلالمىسا ئون كۈن روزا تۇتۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچ كۈنىنى ئەرافات كۈنىگىچە تۇتىدۇ. كېچىكسە ئەرافات ۋە ھېيتنىڭ 1 – كۈنى روزا تۇتماي ھېيت كۈنىدىن كېيىنكى تەشرىق كۈنلىرى تۇتسىمۇ بولىدۇ. قالغان يەتتە كۈننى مەككەگە قايتقاندا ياكى شارائىت بولمىسا يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن تۇتىدۇ.

415 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئايال كىشى توكلۇق سىكۇتىر ھەيدىسە بولامدۇ؟ بۇنىڭ شەرىئەتتە بىر چەكلىمىسى بارمۇ؟ چۈنكى: «ئايال كىشى ۋېلىسىپىت، موتسىكىلىت ھەيدىسە بولمايدۇ» دەيدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ يەردە چەكلىنىدىغان ئىش پەقەتلا ئەۋرەتنى ئېچىش ۋە بەدەننى ئىزھار قىلىشتۇر. شۇڭا، ئاياللارنىڭ بىر يەرگە بېرىش ئېھتىياجى ئۈچۈن شەرئىي ئۆلچەمدە كىيىنىپ، ھايالىق ھالدا موتسىكىلىت، ۋېلىسىپىت مىنىشى ۋە ماشىنا ھەيدىشى جائىز بولغاندەكلا، سىكۇتىر ھەيدىشىمۇ جائىزدۇر. بۇ ھەقتە مۇتلەق بىر چەكلىمە يوق. قاراڭ: https://sajiya.biz/?p=3125

416 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن، ئامىن. ئۇستاز! مەن مەكتەپتە خىزمەت قىلىمەن، ھەر تەتىل ئاياغلاشقاندا، خىزمەتچىلەرگە ئىچىملىك، تاتلىق يېمەكلىكلەر بىلەن تاماق زىياپىتى بېرىدۇ. ئەمما، بۇ يەردىكىلەر: «جاپا چەكتىڭلار» دەپ، ھەممىسىگە ھاراق تولدۇرۇپ بېرىدۇ. ماڭا بولسا ئىچىملىك (يەنى مېۋە سۈيى) قۇيۇپ بېرىدۇ. قاتناشمىسام، كوللېكتىپقا ھۆرمەت قىلمىغان، ئايرىمچىلىق قىلغان بولۇپ قالىدىكەنمەن. قاتناشسام، شۇلارنىڭ ھاراقلىرىنىڭ گۇناھىغا تەڭ شېرىك بولۇپ قالامدىم. مېنىڭ ھېچ قاتناشقۇم كەلمەيدۇ، لېكىن شۇ «كوللېكتىپ تۈزۈمى، ھۆرمەت» دېيىلىدىكەن. «مۇسۇلمانلار، خرىستىيانلار ئۆزئارا بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىش كېرەك» دېگەندەك. ۋاقتىڭىزنى ئالدىم، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ھاراق ئىچىش «ھارام» بولغانلىقتىن، ھاراق ئىچىلىدىغان سورۇن مەئسىيەت سورۇنىدۇر. بۇ سورۇندىكى ھاراق ئىچىش قىلمىشىغا رازى بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزىلا ئايرىم بىر مەئسىيەتتۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۆزى ئىچمىسىمۇ، ئىچىلگەن سورۇنغا قاتنىشىش ۋە ئولتۇرۇش ھارامدۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇكى: ﴿ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار! بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 140) ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر﴾ دېگىنى بويىچە مەئسىيەت سورۇنىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنى توسمىغان كىشى گۇناھتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلارنى توسالمىغان كىشى ئۇ سورۇندىن قوپۇپ كېتىشى كېرەك. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن، ھاراق تىزىلغان داستىخاندا ئولتۇرمىسۇن» دېگەن(«تىرمىزىي»: 2801). بۇ سورۇنلارغا قاتنىشىۋەرسە، مەئسىيەت ئادەتتىكىدەك تۇيۇلۇپ، كۆڭلى قارىداپ، كېيىنچە پاسىقلارغا، كافىرلارغا يۈز كېلەلمەي ئىچىپ سېلىشمۇ يىراق ئەمەس. ئۆزئارا بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىش ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان دائىرىدە بولىدۇ.

417 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تۈركىيەنىڭ تېشىدىكىلەر ياكى تۈركىيەدىن يىراقراق يەردە ياشايدىغان قېرىنداشلار ماڭا: «تۈركىيەدىن ئۇنى ئەۋەتىڭ، بۇنى ئەۋەتىڭ» دەپ سودىلىققا بۇيرۇيدۇ. مەن «يېقىن بولغاندىكىن مەيلى» دەپ بالامنى، ئىشىمنى، ۋاقتىمنى چىقىرىپ، شۇلار دېگەن نەرسىنى سېتىۋېلىپ، كېتىدىغان تونۇشلىرى بولسا، شۇلارغا بېرىپ ئەۋەتىپ بېرىمەن. بۇ جەرياندا بەزىدە خېلى يىراق، بەزىدە يېقىن دېگەندەك يوللارنى ماڭىمەن. مەقسەتكە كەلسەك: مەسىلەن، ماڭا 900 لىرالىق بىرنەرسە بۇيرۇدى. مەن 1000 لىرا ئېلىپ، 100 لىرانى ئەجرىمگە ئايرىسام دۇرۇس بولامدۇ؟ بۇنى ئىگىسىگە دەپ قويۇشۇم كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. كۆڭۈل يېقىنلىقتىن «دوستلارغا خىزمەت قىلىپ قوياي» دېسىڭىز، ئارتۇق ھەق ئالماي پەقەت شۇ نەرسىنىڭ پۇلىنىلا ئېلىپ، ۋاقىت ۋە كۈچكە قارىتا ساۋاب ئۈمىد قىلىسىز. «ھەق ئالاي» دېسىڭىز، «قوشۇمچە مۇنچىلىك پۇل قوشۇلدى» دەپ قويۇشىڭىز كېرەك. ئۇنداق ئەسكەرتمەستىن، قوشۇمچە پۇل قېتىپ ئالسىڭىز بولمايدۇ.

418 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! نىكاھ ئوقۇپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن بىللە بولسا بولىدۇ؟ مەسىلەن، نىكاھ ئوقۇپ قويۇپ، ئوقۇشنى ياكى مەلۇم بىر نىشانغا يەتكەندىن كېيىن يەنى بىرقانچە ئاي ياكى بىرەر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىللە بولسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئارقىدىنلا بىللە بولۇشى شەرت ئەمەس. بىللە بولمىسىمۇ، نىكاھقا تەسىر يەتمەيدۇ. بۇ ئىشتا ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە زىيان ئۇرمىغان ئاساستا شارائىتىغا قاراپ كېلىشىپ ياكى ئۆرپ – ئادەت بويىچە مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بىللە بولسىمۇ بولىدۇ. بەزىدە كېسەللىك ياكى بىر يۇرتتا جەم بولالماسلىقتەك توسالغۇلار تۈپەيلىمۇ كېچىكىش بولىدۇ. «سەھىھەين»دە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى نىكاھىغا ئېلىپ، 3 يىلدىن كېيىن بىر ياستۇققا باش قويغان.

419 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. مەقسەتكە كەلسەك: مۇھاجىرەتتە بىزنىڭ بەزى ئەر مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز تۈركلەر ئاچقان سوقما توپ يەنى خىتايچىدە «كالاڭچۇر» دەيدىغان ئويۇننى ئانچە – مۇنچە ئوينايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار: «بىز قىمار شەكلىدە پۇل تىكىشىپ ئوينىمىدۇق، پەقەت ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىش ئۈچۈن ئوينىدۇق» دەپ باھانە – سەۋەپ كۆرسىتىپ، كەچ تەرەپلەردە خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئوينايدىكەن. بۇلارنىڭ دېگىنىنىڭ شەرىئەتتە ئورنى بارمۇ؟ بۇ ئويۇن قانداق ئويۇن؟ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى قانداق قىلمىشقا كىرىدۇ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا! ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قارتا، بىليارت ۋە كالاڭچۇر كەبى ئويۇنلار قىمار ئۈچۈن ئوينالمىسا، نامازنى ۋە شۇنىڭدەك ۋاجىب ئەمەللەرنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ قويمىسا ۋە زايە قىلىۋەتمىسە، تىل – ھاقارەت بولمىسا، ئۇرۇشۇپ قالمىسا، ۋاقتىنىمۇ ئارتۇق ئىسراپ قىلىۋەتمىسە، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئانچە – مۇنچە ئوينىسا، مۇباھ. يۇقىرىقىلار ئارىلاشسا، دەرىجىسىگە قاراپ ھارام ۋە مەكرۇھ بولىدۇ. توردا ياكى كومپيۇتېردا ئويۇن ئويناشمۇ شۇنداق بولسا كېرەك.

ۋاقىتنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماي ئىلىم، دىن ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش، پەرزەنت تەربىيەلەش، مىللەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش، ئىشلەش، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، بىرەر كەسىپ ئىگىسى بولۇپ يېتىلىش قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلغان تۈزۈك.

420 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بالىلارغا قۇرئان يادلىتىش جەريانىدا (قۇرئان كۇرسىدا) بالىلارنى دەرس ئوقۇيالماسلىق ۋەياكى گەپ ئاڭلىماسلىق، كەپسىزلىك قىلىش سەۋەبى بىلەن ئۇستازى ياكى خەلپەتنىڭ پىدەي ياكى نوغۇچ، ياكى قول بىلەن ئۇرۇشى توغرىمۇ؟ شەرىئەت بۇنىڭغا نېمە دەيدۇ؟ ئاتا – ئانا مۇشۇ ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ، پەرزەنتىنى يەنە شۇ قۇرئان كۇرسىغا ئەۋەتىشنىڭ شەرئىي ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بالىلارغا قۇرئان يادلىتىش جەريانىدا بالىلارنى نوغۇچ، كالتەك، تاسما ۋە قول بىلەن قاتتىق ئۇرۇش ھارام بولغىنىدەك، ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ بالىلارنى شۇنداق ئورۇنلارغا ئاپىرىپ ئوقۇتۇشى ھارام بولىدۇ.

421 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ توپلاردا «قۇلاق، بۇرۇن تېشىش» ھەققىدە ئېلان – تەشۋىقاتلار بار ئىكەن، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ قۇلاق تېشىشىغۇ بۇرۇندىن ئادىتىمىزدە بار ئىش، ئەمما بۇرۇن تېشىش بىزنىڭ ئادىتىمىزدە يوق، ھىندىلارنىڭ ئادىتى دەپ بىلەتتىم. مۇسۇلمان ئاياللار بۇرۇن تەشتۈرسە ياكى شۇنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلسا ۋە باشقىلارنىڭ بۇرۇن تەشتۈرۈشىگە ياردەملەشسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ھىندىلارغا ئوخشىۋېلىش نىيىتىدە بولماي، بۇرۇنغا ھالقا سېلىپ زىننەتلىنىش مەقسىتىدە بۇرۇننى تەشتۈرۈشنى ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى قۇلاق تەشتۈرۈشكە قىياسەن جائىز دەپ قارايدۇ. بىر قىسىم ئالىملار: «بۇرۇننى تېشىش ئادىتى بولمىغان يۇرتلاردىكى ئاياللارنىڭ بۇرۇننى تەشتۈرۈشى ھارام، چۈنكى ھىندىلاردەك بەزى پىرقىلەردىلا بۇ ئادەت بار، بۇ ئومۇم مۇسۇلمانلاردا ئومۇملاشمىغان ئادەت» دەپ قارايدۇ.

كىندىك، قاپاق ۋە تىل قاتارلىق ئەزالارنى تەشتۈرۈپ ھالقا تاقاش بولسا بەدەننى ئارتۇقچە زەخمىلەندۈرۈش، ئېھتىياجدىن ئارتۇقچە زىننەتلىنىش ۋە ئەخلاقسىز ئاياللارغا ئوخشاپ قېلىش جەھەتتىن چەكلىنىدۇ.

422 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئادەم تاھارىتى بار ۋاقىتتا ئايالى بىلەن سۆيۈشۈپ، قۇچاقلىشىپ قالسا، لېكىن بىللە بولمىسا، تاھارىتى سۇنۇپ كېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. تاھارىتىنى سۇندۇرىدىغان، ئالدى تەرەپتىن سۇيۇقلۇق كېلىشتەك، بىرەر ئەھۋال كۆرۈلمىسە سۇنمايدۇ.

423 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ قەرز ئىگىلىرىنى تاپالماي قالسام، قايسى يول بىلەن قەرزنى قايتۇرسام بولىدۇ؟ ئۇ پۇللارنى ئۇلارنىڭ نامىدىن سەدىقە قىلىۋېتىش، باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق قولدىن چىقىرىۋەتسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق 207 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ!

424 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ بىر بۇرادىرىمىزنىڭ تۆت بالىسى باركەن. توي قىلغىنىغا 10 نەچچە يىل بوپتۇ. ئايالىنىڭ تالىقىنى بېرىپتىكەن، لېكىن ئىددىتى توشماپتۇ. باشقىلاردىن: «ئايالنىڭ ئىددىتى توشۇشتىن بۇرۇن، ئەر كىشى ئۇنى ئەمرىگە قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ» دەپ ئاڭلاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالى: «تالىقىمنى بەر» دەپ ھاقارەتلەپ، تولا تىللىغانلىقتىن، تالىقىنى بەرگەن ئىكەن. ئۇ بۇرادىمىز: «ئانچە تالاق، مۇنچە تالاق» دېمەستىن، «تالىقىڭنى بەردىم» دەپلا تالىقىنى بېرىپتۇ. ئايالىمۇ: «ئالدىم» دەپتۇ. مۇشۇ شەكىلدە «خەت قايتۇرۇش» ئارقىلىق ئاجراشقان ئىكەن. سوئالىمىز: ئۇ كىشى ئايالىنى ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئەمرىگە قايتۇرۇۋالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئەر كىشىنىڭ ئۈچ تالاق قىلىش ھەققى بولغاندىكىن، بىر تالاق قىلغان بولسا، ئىددەت ئىچىدە قايتا نىكاھ قىلمايلا قايتۇرۇۋېلىپ ئۆي تۇتىۋەرسە بولىدۇ. يەنە ئىككى قېتىملىق تالاق پۇرسىتى قالىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئۇ ئەر ئىلگىرى ئايالىنى تالاق قىلىپ باقمىغان بولسا شۇنداق.

425 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆمرەگە كەلگەن كىشى قايتىدىغان چاغدا «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلامدۇ؟ ئەگەر مەدىنەدىن قايتىپ ئۆمرە قىلىپ بولۇپلا قايتىپ كەتمەكچى بولغانلار ئۆمرەنىڭ تاۋاپى ۋە سەئيىسىنى قىلىپ بولۇپلا، ئارقىدىن ئۇلاپلا ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلسا بولامدۇ؟ بەزىلەر «ۋىدالىشىش تاۋاپىنى ھەجدىن كېيىن قىلىدۇ، ئەمما ئۆمرە ئۈچۈن كەلسە، ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلمايدۇ» دەيدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆمرەگە كەلگەن كىشى قايتىدىغان چاغدا «ۋىدا تاۋاپى» قىلىشى ۋاجىب ئەمەس. بەلكى مۇستەھەب. «ۋىدا تاۋاپى» قىلىش ھەجگە كەلگەن كىشى مەككەدىن قايتىدىغان چاغدا ۋاجىب. يەنى مەيلى يۇرتىغا ياكى مەدىنە ياكى تائىف ياكى جىددە دېگەندەك شەھەرلەرگە سەپەر قىلماقچى بولسا، چوقۇم «ۋىدا تاۋاپى» قىلىپ سەپەر قىلىشى لازىم. ئەمما مەككەدىكى «ئائىشە مەسجىدى»گە چىقماقچى بولسا «ۋىدا تاۋاپى» قىلىشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى، «ئائىشە مەسجىدى»مۇ مەككەگە تەۋە.

426 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھەرەمگە كەلگەنلەر قانچە كۈن تۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر نامازنى قەسىر قىلماي ئوقۇمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەرەمگە ياكى ھەرقانداق بىر شەھەر، كەنتكە سەپەر قىلىپ، 15 كۈن ئەتراپىدا تۇرماقچى بولغان كىشى نامازنى قەسىر قىلماي تولۇق ئوقۇيدۇ. 15 كۈندىن ئاز تۇرۇشنى ئويلىشىپ، «ئەتە – ئۆگۈن ئىچىدە قايتىمەن» دەپ نىيەت قىلىپتۇ، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قايتىدىغان ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈۋېرىپتۇ. لېكىن، يەنىلا 15 كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تۇرۇشنى نىيەت قىلماپتۇ. مۇشۇ ھالەتتە تۇرغان ۋاقتى 15 كۈندىن ئېشىپ كەتسىمۇ، يەنىلا سەپەردىكى كىشىنىڭ ھۆكمىدە قەسىر قىلىۋېرىدۇ.

427 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بالاغەتكە يەتكەن قىز بالىلار دىيانەتنىڭ ياتاقلىق قۇرئان كۇرسلىرىدا قالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاتا – ئانىسى بارلار بالاغەتكە يەتكەن ياكى يەتمىگەن قىزلىرىنى ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ تەربىيەلىشى، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشى لازىم. ئاتا – ئانىسى يوقلار ياكى بار بولسىمۇ ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشقا شارائىتى يار بەرمىگەنلەر ياتاق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ خاتىرجەم بولالىسا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن دىيانەتنىڭ ياتىقىغا بەرسە مەيلى.

428 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، ياۋروپادا ياشايدىغانلار ھۆكۈمەتنىڭ تەمىناتىدىن باشقا كىرىمى يوق شارائىتتا قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىبمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قولىدا 5000 ياۋرو ئېشىنچا ئىقتىسادى بولسا، قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ.

429 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سىزدىن سورايدىغان بىر سوئالىم بار ئىدى، مەن 2014 – يىلى پەرز ھەجنى قىلغان ئىدىم ئەلھەمدۇلىللاھ، بۇ قېتىم قايتا ھەرەمگە كېلىش نېسىپ بولدى. مېنىڭ ئاتا – ئانام ۋەتەندە، ئانام 63 ياش، دادام 68 ياش. مەن بۇ پەرز ھەجنى ئاتا – ئانامنىڭ ئىككىسنىڭ بىرىگە قىلسام بولامدۇ ياكى ئۇلا ھايات بولغاندىكىن بولماسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق 491 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ!

430 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەجدە قىلماقچى بولغان قۇربانلىقنى تۈركىيەدە تۇرغان قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىپ بەرسەك بولامدۇ؟ ياكى چوقۇم مۇشۇ مەككە زېمىنىدا قىلامدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق 492 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ!

431 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىر ئادەم قۇرئان تۇتۇپ تۇرۇپ بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، كېيىن ئۇ ئىشنى قايتا قىلىپ سالغان بولسا ۋە قىلغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلغان بولسا، قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئىسلامدا بۇنىڭ جازاسى قانداق بولىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كىرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىرىنچى قېتىملىق رامازانلىق 373 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ!

432 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، «ۋىدا تاۋاپى» ئۈچۈن سەئيى قىلىش كېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ياق.

433 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھاجىلار مەدىنەگە كېلىپ پەيغەمبىرىمىزگە سالام قىلىدىغان ئەمەل بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھاجىلارنىڭ مەدىنەگە بېرىشىنىڭ ھەج بىلەن ئالاقىسى يوق. ئەمما، ھەرەمگە كەلگۈچىلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەبرىسىنى ۋە مەسجىدىنى زىيارەت قىلىشى كۆپچىلىك ئالىملار نەزەرىدە مۇستەھەب. بەزى ئالىملار: «ۋاجىب» دەپ قارىغان.

434 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەرافاتتىكى «نەمىرە مەسجىدى»نىڭ ھەممە قىسمى ئەرافاتقا تەۋەمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھاجىلار بەك دىققەت قىلىشى كېرەك بولغان مەسىلە. ئەرافاتتىكى «نەمىرە مەسجىدى»نىڭ ھەممە قىسمى ئەرافاتقا تەۋە ئەمەس. بەلكى قىبلە تەرىپىدىكى بىر قىسمى ئەرافات سىرتىدا. شۇڭا، ھاجىلار ئەرافات چېگرىسىغا خاس بەلگىلەرگە رىئايە قىلىشى، ئۇنى بىلەلمىسە مەسجىدتە ئولتۇرۇۋالماي، رەھمەت تېغى تەرەپتە تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ئەرافات چېگرىسى سىرتىدا ئولتۇرۇپ قالسا، ھەج ئادا بولمايدۇ. شامغا قەدەر چېگرا ئىچىگە قايتىپ ئولتۇرۇشى زۆرۈر.

435 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتوركا! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تەشرىقنىڭ بىرىنچى كۈنى شەيتانغا تاش ئېتىشنى قايسى ۋاقىتتا قىلىمىز؟ بەزىلەر: «پېشىندىن كېيىن ئاتىمىز» دېسە، بەزىلەر: «كۈن چىقىشتىن كېيىن ئاتساق بولىدۇ» دەۋاتىدۇ. شۇنىڭغا بىر يولنى كۆرسىتىپ قويغان بولسىلا.

جاۋاب: تەشرىق كۈنلىرى يەنى ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ، كۈن قايرىلغاندىن كېيىن تاش ئېتىشقا باشلايمىز. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاش ئېتىشقا بولمايدۇ. كۈن پاتقانغا قەدەر ئاتىمىز.

436 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەگەر بىر ھەج قىلغۇچى شەيتانغا 21 تاشنى 7 دىن ئۈچ كۈندە ئېتىشنى بىلمەي، بىراقلا 21 تاشنى ئېتىۋەتكەن بولسا، بۇنىڭ كەففارىتى نېمىكىن؟ قالغان ئىككى كۈندە 7 دىن تاشنى ئاتامدۇ ياكى ئەمدى ئاتمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. 21 تاشنى بىراقلا ئېتىۋەتكەن بولسا، پەقەتلا يەتتىدىن ئارتۇق ئاتقان بولىدۇ، كەففارەت كەلمەيدۇ. كېيىن تاش ئاتىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇنلاردا قايتا يەتتىدىن ئېتىشى كېرەك. «بىراقلا ئېتىۋەتكەن ئىدىم، ئەمدى ئاتمايمەن» دېيەلمەيدۇ. ئاتىدىغان تاشلارنىڭ سانى جەمئىي 70 تاش: قۇربان ھېيت كۈنى چوڭ شەيتانغا يەتتە تال، تەشرىقنىڭ ئۈچ كۈنى (يەنى ھېيتنىڭ 2 -، 3 -، 4 – كۈنلىرى) دە ھەر كۈنى ئۈچ شەيتانغا 21 تالدىن. تەشرىقنىڭ ئىككىنچى كۈنى (يەنى ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى) تاش ئېتىپ بولۇپ قايتىپ كېتىدىغان كىشى ﴿…مىنا تېغىدا قۇربان ھېيت كۈنىدىن كېيىن ئىككى كۈن تۇرۇپ ئالدىراپ قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ…﴾(2/«بەقەرە»: 203) دېگەن ئايەت بويىچە، جەمئىي 49 تال ئاتىدۇ.

437 – سوئال: تەشرىق كۈنلىرى ئەتىگەندە تاش ئېتىپ كەتكەنلەرنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: تەشرىقنىڭ بىرىنچى (يەنى ھېيتنىڭ ئىككىنچى) كۈنىدىن باشلاپ، كۈن قايرىلغاندىن كېيىن تاش ئېتىشقا باشلايمىز، ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاش ئېتىشقا بولمايدۇ. شۇڭا، ئەتىگەندە تاش ئېتىپ كەتكەنلەر قايتىپ كۈن پاتقۇچە قايتا ئېتىشى كېرەك.

438 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئەدەب – قائىدىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ھاجى ھەج پائالىيەتلىرىدىن بىكار بولغان ۋە «مەسجىدۇلھەرام»دىن قايتقاندىن كېيىن، مەدىنەگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئىستىكىدە بارىدۇ.

چۈنكى، بۇ مەندۇب ۋە مۇستەھەبلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى ۋاجىبنىڭ دەرىجىسىگە يېقىندۇر. ئىمام شەۋكانىي خۇلاسىلىگەن سىياقتا «نەيلۇلئەۋتار» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ھەر خىل بولۇپ كەتكەن. ‹مەندۇبنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى› دەپ قارايدىغان ھەنەفىي مەزھەبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملار: ‹مەندۇب› دەپ قارىغان. بەزى ئالىملار: ‹ۋاجىب› دەپ قارىغان».

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈچ مەسجىدتىن باشقا مەسجىدكە ئالاھىدە سەپەر قىلىنمايدۇ: مەسجىدى ھەرەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدى ۋە مەسجىدى ئەقسا» دېگەن(«سەھىھەين»).

كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى ۋە مۇستەھەبلىرىنىڭ تارماقلىرىغا قەدەر بىلمەي بىخۇد ھالەتتە كېتىپ قالىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان كىشى ئۇ زاتقا دۇرۇد – سالامنى كۆپلەپ ئېيتىشى لازىم. ھەدىستە بۇ دۇرۇد – سالاملارنىڭ ئۇ زاتقا يېتىپ بارىدىغانلىقى بايان قىلىنغان(«ئەھمەد»، 4210).

مەدىنەنىڭ تېمى كۆرۈنگەن ھامان رەسۇلۇللاھقا دۇرۇد ئېيتىدۇ ۋە: «ئى ئاللاھ! بۇ سېنىڭ پەيغەمبىرىڭنىڭ ھەرىمى، ئۇنى ماڭا دوزاختىن دالدا قىلغىن، ھېسابنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئازابتىن ساقلىنىدىغان (پەردە) قىلغىن» دەيدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسا، كىرىشتىن بۇرۇن ياكى كىرگەندىن كېيىن يۇيۇنىدۇ. ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيىدۇ. چۈنكى، بۇ چوڭ بىلگەنلىك مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. مەدىنەگە سالماق ۋە تەمكىن ھالەتتە، كەمتەر قىياپەتتە كىرىدۇ ۋە: ﴿ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، رەسۇلۇللاھنىڭ دىنى بويىچە، ئى رەببىم! مېنى ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن﴾(17/«ئىسراﺋ»: 80) دېگەن ئايەتنى ئاخىرىغىچە ۋە: «ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە، مۇھەممەدنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن. مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن. ماڭا رەھمىتىڭنىڭ، مەرھەمىتىڭنىڭ ئىشكلىرىنى ئاچقىن» دەيدۇ. چوقۇم مۇشۇ دۇئالارنى قىلىش كېرەك ئەمەس. بىلمىسە، مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان دۇئالارنى قىلسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.

ئاندىن «مەسجىدۇننەبەۋىي»گە كىرىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنبىرىنىڭ يېنىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ. مۇنبەرنىڭ تۈۋرۈكى ئوڭ مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان جايدا تۇرىدۇ. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇرغان جايى بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ قەبرىسى بىلەن مۇنبىرىنىڭ ئارىلىقىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۆيۈم (قەبرىسى شۇ ئۆيىدە) بىلەن مۇنبىرىمنىڭ ئارىسى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر، مۇنبىرىم ھەۋزە – كەۋسەرىمنىڭ ئۈستىدىدۇر»(«سەھىھەين») دېگەن. ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا شۈكرى قىلىش يۈزىسىدىن سەجدە قىلىدۇ ۋە ياقتۇرغان كەلىمەلەر بىلەن دۇئا قىلىدۇ.

ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىگە قاراپ ماڭىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ باش تەرىپىدە قىبلىگە يۈزلەنگەن ھالەتتە تۇرىدۇ. قەبرىگە ئۈچ – تۆت گەز ئارىلىق قالغۇچە يېقىنلىشىدۇ، بۇنىڭدىن ئارتۇق يېقىنلاشمايدۇ. قولىنى تۇپراقنىڭ تېمىغا قويمايدۇ. چۈنكى، بۇ بەك ئەيمەنگەنلىك ۋە تېخىمۇ ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر. نامازدا تۇرغاندەك يەنى قول قوۋۇشتۇرۇپ ھۆرمەتنى ئىپادىلىگەن ھالەتتە تۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نۇرانە، ئېسىل قىياپىتىنى قەبرىسىدە ئۇخلاۋاتقان، ئۇنى تۇيۇپ ۋە سۆزىنى ئاڭلاپ ياتقاندەك ھالەتتە خىيال قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ماڭا قەبرەمنىڭ قېشىدا دۇرۇد ئوقۇغان بولسا، مەن ئۇنى ئاڭلايمەن»(«شۇئەبۇلئىمان»، 1481) دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە ئۇ زاتنىڭ قەبرىسىگە ئۈممىتىدىن ئۇ زاتقا دۇرۇد – سالام يوللىغان كىشىنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈپ تۇرىدىغانغا بىر پەرشتىنىڭ مۇئەككەل قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان»(«شۇئەبۇلئىمان»، 1481).

ئاندىن مۇنداق دەيدۇ: «سالام ساڭا ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سالام ساڭا ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سالام ساڭا ئەڭ ئاللاھنىڭ تاللىغان بەندىسى! سالام ساڭا ئەي ئاللاھنىڭ دوستى! سالام ساڭا ئەي رەھمەت پەيغەمبىرى! سالام ساڭا ئەي ئۈممەتنىڭ شاپائەتچىسى! سالام ساڭا ئەي ئەلچىلەرنىڭ سەردارى! سالام ساڭا ئەي پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسى! سالام ساڭا ئەي كىيىمىگە يۆگىنىۋالغۇچى! سالام ساڭا ئەي كىيىمىگە چۈمكىلىۋالغۇچى! سالام ساڭا ئەي مۇھەممەد! سالام ساڭا ئەي ئەھمەد! سالام ساڭا ۋە ئاللاھ قەبىھلىكلەرنى يىراق قىلغان، پاك قىلغان ئېسىل، پاك ئەھلى بەيتىڭ (ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىڭ) گە! ئاللاھ ساڭا بىر پەيغەمبەر قەۋمى سەۋەبلىك، بىر ئەلچى ئۈممىتى سەۋەبلىك ئالىدىغان مۇكاپاتنىڭ ئەڭ كاتتىسىنى ئاتا قىلغاي! گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سەن (ئاللاھ تاپشۇرغان) ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭ. ئامانەتنى جايىغا تەگكۈزدۈڭ. ئۈممەتكە نەسىھەت قىلدىڭ. دەلىل – پاكىتلارنى ئوچۇقلىدىڭ. ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلدىڭ. تا ئاخىرىقى نەپىسىڭگە قەدەر ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلدىڭ. ئاللاھ سېنىڭ روھىڭغا، جىسمىڭغا، قەبرەڭگە قىيامەتكە قەدەر ئۆكسۈمەس رەھمىتىنى ئاتا قىلغاي. ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز سېنىڭ ئۈچۈن كەلگەن جامائەتمىز، قەبرەڭنىڭ زىيارەتچىلىرىمىز. يىراق ياقا – يۇرتلاردىن سېنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىڭنى قىلىش، قالدۇرغان ئىزنالىرىڭنى كۆرۈش، زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بەرىكەت ئۈمىد قىلىش، رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىدا شاپائىتىڭگە ئېرىشىش ئۈچۈن كەلدۇق. چۈنكى، خاتالىقلار يەلكىمىزنى مۈكچەيتىۋەتتى، گۇناھلار مۈرىلىرىمىزنى باستى. سەن شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەت قىلغۇچى، شاپائەت قىلىش ۋە مەقام مەھمۇد ۋەدە قىلىنغان زاتتۇرسەن. ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، ساڭا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلبەتتە، ئۇلار ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاتتى﴾(4/«نىساﺋ»: 64) دېگەن. بىز ئۆزلىرىمىزگە زۇلۇم قىلغان، گۇناھلىرىمىز ئۈچۈم مەغپىرەت تىلىگەن ھالدا قېشىڭغا كەلدۇق. بىزگە رەببىىمىزنىڭ ھۇزۇرىدا شاپائەت قىلغىن. بىزنىڭ سۈننىتىڭنىڭ ئۈستىدە ۋاپات بولۇشىمىزنى، سېنىڭ جامائىتىڭ قاتارىدا توپلىنىشىمىزنى، بىزنى ھەۋزە – كەۋسەرىڭگە بارغۇزۇشىنى، بىزگە سېنىڭ زىيان ۋە پۇشايمان بولمىغان جامىڭدىن ئۇسسۇلۇق بېرىشىنى تىلىگىن. شاپائەت، شاپائەت، ئەي رەسۇلۇللاھ!» ئاخىرىقى جۈملىنى ئۈچ قېتىم دەيدۇ. ﴿رەببىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن﴾(59/«ھەشر»: 10)

تاپىلىغان كىشىنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دەيدۇ: «پالانىدىن سالام ساڭا ئەي رەسۇلۇللاھ! ئۇ رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا سېنىڭ شاپائىتىڭنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ۋە بارچە مۇسۇلمانلارغا شاپائەت قىلغىن». ئاندىن قىبلىگە ئارقىسىنى، قەبرىگە ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھقا خالىغانچە دۇرۇد – سالام يوللايدۇ («ئەلئىختىيار» كىتابىدىن).

439 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەجدىن كېيىن جىددەگە چىقىپ – كىرىدىغان ئىش چىقىپ قالسا، «ۋىدا‍ تاۋاپى»نى قىلىۋېتىپ بېرىش كېرەكمۇ؟ ياكى يۇرتىغا قايتمىغانلىقى ئۈچۈن ساقلاپ، يۇرتقا قايتىدىغان چاغدا «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلامدۇ؟ كېيىن يۇرتىمىزغا قايتقاندا تەكرار «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلامدۇق ياكى ئاشۇ «ۋىدا‍ تاۋاپى» ھېساب بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلىش ھەجگە كەلگەن كىشى يۇرتىغا قايتىدىغان چاغدا ئەمەس، مەككەدىن كېتىدىغان چاغدا ۋاجىب. مەيلى يۇرتىغا ياكى مەدىنە ياكى تائىف ياكى جىددە دېگەندەك شەھەرلەرگە سەپەر قىلماقچى بولسا، چوقۇم «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلىپ سەپەر قىلىشى لازىم. ئۇ شەھەرلەرگە سەپەر قىلغاندا «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلىپ بولغاندىكىن، يۇرتقا قايتقاندا تەكرار «ۋىداﺋ‍ تاۋاپى» قىلىش كېرەك ئەمەس. چۈنكى، كېيىن جىددەدىن مەككەگە ھەج ئۈچۈن كىرمىگەن.

440 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مېنىڭ بالىياتقۇدا ياللۇغ بولغانلىق سەۋەبىدىن ھۆللۈك كۆپ بولۇپ، تاھارىتىم پەقەت تۇرمايدۇ. كۆپىنچە بىر ۋاقىت نامازغىمۇ تۇرمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مەن مەلۇم ئۇستازدىن: «ھەر نامازغا تاھارەت ئېلىپ ئوقۇۋەرسەم بولامدۇ؟» دەپ سورىسام: «ئىككى رەكئەتكە يارىغان بولسا بولمايدۇ، ئەگەردە ئىككى رەكئەتكىمۇ يارىمىغان بولسا ئاندىن بولىدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى. بەزىلەر: «بولىدۇ» دەپمۇ پەتۋا بېرىدىكەن، قايسى قاراش كۈچلۈك؟ بەزىدە سىرتلاردا تولا تاھارەت ئېلىش ئەپسىز بولۇپ قالىدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق 98 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ! مەزكۇر «ئۇستاز»نىڭ جاۋابى خاتا.

 441 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەلۇم بىر مەسىلىنى بىر ئۇستازدىن سورىغان بولساق: «بولمايدۇ» دەپلا پەتۋا بەرگەن بولسا، كېيىن ئۇنىڭدىن ئىلىم جەھەتتە ئۈستۈنرەك ھەم بۇ مەسىلىدىكى قايسى تەرەپنى تۇتساق ياخشى بولىدىغانلىقىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويىدىغان ئۇستازدىن سورىغان بولساق، گۇناھكار بولامدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. گۇناھكار بولمايسىز. ئەڭ بىلىملىك ۋە ئەڭ ئىشەنچلىكىنىڭ پەتۋاسىنى تۇتسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، نەچچە ئۇستازدىن سوراپ بولۇپمۇ بىرىگە ئەمەل قىلماي، يەنىلا «نەپسى»نىڭ كەينىگە كېرىش ئېغىر گۇناھتۇر.

442 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يېزىدىكى قورۇ – جاي ۋە باغلارنىڭ مېۋە دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى تامنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالسا، ئىگىسىدىن سورىماي شۇ شاخلاردىن مېۋە ئۈزۈپ يېسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاچ قالمىغان ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى رازىلىقىسىز يېسە بولمايدۇ. تامنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالغان شاخلارنىڭ مېۋىلىرىنى پەقەتلا شۇ يۇرتنىڭ ئۆرپ – ئادىتىدە رۇخسەت قىلىنىدىغان بولسا ئاندىن يەيدۇ. بولمىسا يېمەيدۇ. ئەمما، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن مېۋىلەرنى يېسە بولىدۇ.

443 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ھەج قىلغان ئىدىم. تېخى مەككەدىن ئايرىلمىدىم. «ۋىدا‍ تاۋاپى»نى قىلماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئۆمرە قىلسام جائىزمۇ ياكى «ۋىدا‍ تاۋاپى»نى قىلىپ باشقا شەھەرگە بېرىپ قايتىپ كېلىپ ئاندىن ئۆمرە قىلىشىم كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەج قىلغان كىشى مەككەدىن ئايرىلمىغان بولسا، «ۋىدا‍ تاۋاپى»نى قىلماي تۇرۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن «ئائىشە مەسجىدى»گە چىقىپ ئىھرام باغلاپ كىرىپ، خاھلىغانچە نەچچە قېتىم ئۆمرە قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ چەكلىنىدىغان تەرىپى يوق. مەككەدىكى «ئائىشە مەسجىدى»گە چىقماقچى بولسا، «ۋىدا‍ تاۋاپى» قىلىشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى، «ئائىشە مەسجىدى»مۇ مەككەگە تەۋە.

444 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) تىجارەتتە مالنى ئېلىشقا ۋەدە قىلىپ، زاكالەت بېرىپ بولۇپ، ئاندىن مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن سەھۋەن ياكى قەستەنلىك بىلەن يېنىۋالسا، مال ئىگىسى زاكالەت پۇلىنى بەرمىسە خەقنىڭ ھەققىنى يەۋالغان سانىلامدۇ؟ زاكالەت پۇلنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

2) ئالغۇچى سەھۋەنلىك ياكى قەستەنلىك بىلەن يېنىۋالغاندىن كېيىن، مالنى ساقلاش ياكى توشۇش دېگەندەك ئىشلاردا زىيان كېلىپ چىققان بولسا، زىياننى كىم كۆتۈرىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) «زاكالەت سودىسى»دا سېتىۋالغۇچى يانسا، زاكالەت كۆيىدۇ. ئەگەر ساتقۇچى يانسا، ئالغان زاكالەتنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى قايتۇرۇشى كېرەك. زىيان تارتمىغان ئەھۋالدا قارشى تەرەپنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرسە ئەۋزەل. 2) سېتىۋالغۇچى (ياكى ساتقۇچى) يېنىۋالغان تەقدىردە «مالنى ساقلاش ياكى توشۇش» دېگەندەك ئىشلاردا كېلىپ چىققان زىياننى ساتقۇچى كۆتۈرىدۇ. شۇڭلاشقا زاكالەت مىقدارىنى زىياننى كۆتۈرىدىغان مىقداردا بەلگىلەش مۇھىم.

445 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر قورساق ئاچامنىڭ يولدىشى ماڭا مەھرەم بولامدۇ ياكى نامەھرەم بولامدۇ؟ ئالدىدا ياغلىقىمنى ئالماي ئولتۇرسام، بىرسى ماڭا: «ئۆزىڭىزنىڭ ئاكىسىدەك تۇرسا، ياغلىقنى ئېلىۋېتىپ ئولتۇرۇڭ!» دېگەن ئىدى، شۇڭا سورىغان ئىدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاچىڭىزنىڭ يولدىشى سىزگە نامەھرەم بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئالدىدا تولۇق كىيىنىپ ئولتۇرۇش ۋە خالىي بىللە ئولتۇرماسلىقتەك ئىشلاردا دىققەت قىلىش لازىم. ئۇ «بىرسى» دىن ئەھكاملىرىنى چۈشەنمەستىن خاتا گەپ قىلىپتۇ.

446 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز دوكتور! ئاللاھ سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە سالامەتلىك ۋە تىنچلىق بەرسۇن! يېقىندا غەرب دۆلەتلىرىدە بولۇۋاتقان بىر مەسىلە ئۈچۈن پەتۋا سوراي دېگەنىدىم: ئاۋسترالىيەدىكى ۋە باشقا كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە خىتتايدىن ۋىزا ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. بىز ۋەتىنىمىز مۇنقەرزلىككە، خەلقىمىز قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە خىتتايدىن ۋىزا ئېلىپ ۋەتەنگە بېرىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئاتا – ئانىسى ياكى خوتۇن – بالىلىرى بولسا ئۆزگىرەمدۇ؟ ئۇلار جان ئۈزۈشكە ئاز قالغان بولسىچۇ؟ ۋەتەندىكى مال – مۈلكىنى ئەكىلىۋېلىشقا بارسا بولامدۇ؟ مەلۇمكى، غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى: «خىتتاي بىزنىڭ جېنىمىزغا خەۋپ ئېلىپ كەلدى» دەپ پاناھلىق تىلەپ يەرلەشكەن. مۇشۇ مەسىلە توغرۇلۇق بىزگە چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى سورايمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگىمۇ سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن! ھازىرقى شارائىتتا غەرب دۆلەتلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋەتەنگە خىتتايدىن ۋىزا ئېلىپ بېرىشى، ئۇلار ئاددىي ئويلاپ قالغان بولسۇن ياكى بۇ مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتىپ شۇنداق قىلغان بولسۇن، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە: «خىتتايلار زۇلۇم سالمايۋاتىدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارمايۋاتىدۇ» دېگەندەك چۈشەنچە بېرىدىغانلىقى، «تاجاۋۇزچى خىتتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ قاقشاۋاتقان مىللىتىمىزنى يالغانغا چىقىرىدىغانلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق باھانىسىداغەرب ئەللىرىگە سىغىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى يالغانغا چىقىرىدىغانلىقى شۇنداقلا جان ۋە مېلىنى ھالاكەتكە تاشلاش، خىتتايغا ئۆزىنى خار قىلىش، ئۆزلىرىنى خىتتاي قوينىغا ئېتىش، دۈشمەنگە ۋە زالىمغا خىزمەت قىلىشقا، ئۇلار ئۈچۈن جاسۇس بولۇپ ئۆز قېرىنداشلىرىنى سېتىشقا قاراپ قەدەم ئېلىش كەبى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە مىللىتىمىزگە زىيانلىق تەرەپلىرىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، بۇ كەبائىر (ئېغىر دەرىجىدىكى ھارام قىلمىش) بولۇپ، ئاللاھقا، رەسۇلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، جىمى مۇسۇلمانلارغا ۋە ۋەتەنگە خىيانەتتۇر.

ھەقتائالا مۇئمىنلەرنى: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار!﴾(8/«ئەنفال»: 27) دەپ بۇيرۇغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭ: ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ، ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﺴﺎ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ» دېگەن(«سەھىھەين»).

خىيانەتنىڭ تۈرلىرى، شەكىللىرى نۇرغۇن بولۇپ، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە مايىل بولۇش، ئۇلارغا ئىشىنىش ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىنى مات قىلىش ئارقىلىق ۋەتەنگە، مىللەتكە خىيانەت قىلىشمۇ خىيانەتنىڭ ئەڭ قەبىھ شەكلى بولغىنىدەك، ئاللاھنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن چەك ئايرىماسلىق مەئسىيىتىمۇ ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا خىيانەت بولىدۇ. ۋەتەندىن ئىبارەت ئامانەتكە خىيانەت قىلىشمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەدىس شەرىفتە بايان قىلىنغىنىدەك، نىفاقنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. ئامانەتنى زايە قىلىپ، خىيانەتكە رازى بولغان كىشىدە دىيانەتتىن ئەسەر قالمايدۇ. شۇڭا، بۇ ئىشقا سەل قاراپ قەدەم ئالغانلار دەرھال ھوشىنى يىغىپ تەۋبە قىلىشى كېرەك.

بۇ خىيانەتكە ئاتا – ئانا ۋە بالىچاقىنى كۆرۈۋېلىش ۋە ئەكىلىۋېلىش ياكى مال – مۈلكنى ئەكىلىۋېلىشتەك تۈرلۈك سەۋەبلەر باھانە بولالمايدۇ. چۈنكى، خىتتاي ۋەتەنگە بارغان ئۇيغۇرنى قارشى ئېلىپ: «خۇش كەپسىز! مانا تۇغقانلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ، مال – مۈلكىڭىزنى ئېلىپ سالامەت قايتىپ كېتىڭ» دەپ چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويمايدۇ. ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بۇ ئەھۋال ھەممىمىزنى ئىنتايىن ئېچىندۇرىدۇ ۋە خىتتايدىن مېھرىنى ئۈزەلمەسلىكتەك مەرەز زېھنىيەتنىڭ ھەرقانچە «ئەركىن دۇنيا» دەپ ئاتالغان دۆلەتلەرگە خاتىرجەم بېرىۋالغانلاردىمۇ ئاسانلىقچە يوقىمايدىغانلىقتەك ئاچچىق ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئىگەم ھەممىمىزنى يامان نىيەتلىكلەرنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن، خىيانەتكارلارنىڭ زىيانكەشلىكلىرىدىن ساقلىغاي! ئۇ زات ھەممىگە قادىردۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

447 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب ئېلىپ بارغان «نەجد» ھەرىكىتىنى بەزى قاراشتا ئوسمانىيلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئەرەب مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئىسلاملاشقان نۇسخىسى دېيىلىدىكەن. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرەلىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەرەب مىللەتچىلىكى دېگىنىمىزدە، «ئەرەبلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان، ئەرەبلەردىن چىققان، ئەرەبلەرنى تۈرلۈك زۇلۇم ۋە ئىستىبداتتىن قۇتقۇزىدىغان ۋە ئازاد قىلىدىغان، ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەرەبلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئەرەبلەرنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەيدىغان ئەقىدە» كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

تارىخىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، ئەرەبلەر ئۇلاردا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى دىننى قوغدىغۇچى سۈپىتىدە خەلقئارا ساھەدە پەيدا بولۇپ، ئىسلام خىلافەتىدىن ئىبارەت سىياسىي بىر گەۋدە ئاساسىدا يېڭى دىن – ئىسلامنى تارقىتىپ يېڭى بىر سىياسىي ۋە دىنىي پىلاننى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئۆز ئۈستىلىرىگە ئالغان. موڭغۇللار ئابباسىيلار خىلافەتلىكىگە مىلادىيە 1258 – يىلى ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئەرەبلەرنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچى ئاجىزلاپ تۈرك، مەملۇكىيلار ۋە فارسلاردەك ئىرقلارغا ئورۇننى تاكى 1800 – يىللارغا قەدەر بوشىتىپ بەرگەن. نەتىجىدە ئوسمانىيلار، مەملۇكىيلار ۋە سەفەۋىيلەر بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئىسلام خىلافەتىنى قولىغا ئالغان. ئەرەب مىللەتچىلىكى ئاجىزلاپ ئوسمانىيلار قانىتى ئاستىدا پاناھلىنىپ تۇرغان.

مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھابنىڭ قولىدا ۋەھھابىيلار ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خەلقئارادا ئىسلامنىڭ تۇنجى بۇلىقى بولغان زېمىندىن چىققانلىقىدىن ئىبارەت روھىي ۋە مەنىۋىي كۈچكە تايىنىپ ئەرەبلەرنىڭ رەھبەرلىك رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى بىر ئۇرۇنۇش بولغان. بۇ ئۇرۇنۇش ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ۋە شەرئىي جەھەتتىن ئۆزىنى ھەقلىق دەپ قارىغان ئوسمانىيلار دۆلىتىگە تەھدىت ھېسابلانغان ۋە مۇستەقىل بولۇۋېلىشى خەتەر دەپ قارىلىپ، 1805 – 1848 – يىللار ئارىسى مىسىر ھاكىمى مۇھەممەد ئەلى پاشا تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.

ئوسمانىيلارنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە ئەرەب، تۈرك مىللەتچىلىكى ئوتتۇرىدىكى پەرقنىڭ ئىسلام كىملىكى سايىۋىنى ئاستىدا تارىيىشى نەتىجىسىدە ئەرەب مىللەتچىلىكى جانلىنالمىغان. بولۇپمۇ ئوسمانىيلارنىڭ ئىرقىي ۋە كۇلتۇرەل پەرقلەرنى ئېرىتىپ، «ئوسمانىي ۋەتەن» نامى ئاستىدا بىر گەۋدىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان 1839 – يىلىدىكى فەرمان كەبى ئىسلاھاتلار ئەرەبلەرنىڭ قوزغىلاڭلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئىسلام دىنىغا ھامىي بولۇش بىلەن بىللە ئەرەب تىلىنى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق تىلى سۈپىتىدە قوللىنىشى، گېزىت – ژۇرناللارنى شۇ تىلدا نەشر قىلىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇشىمۇ ئەرەب مىللەتچىلىكىنى بىر تەرەپتىن ئاجىزلاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان. چۈنكى، ئەرەب تىلى ئوسمانىيلار قولىدا كەڭ تارقالغان ۋە تۈركلەر تېخىمۇ ئەرەبلىشىشكە باشلىغان.

كېيىنچە ياۋروپالىقلار كۈچىيىپ، ئوسمانىيلارنى «باسقۇنچى ئەجنەبىي» سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ئەرەب مىللەتچىلىكىگە گاز بەرگەن ۋە ئەرەب دىيارلىرىنى ئارقىمۇئارقا بېسىۋالغان. ئەرەبلەرمۇ مۇستەقىل بولۇپ، ياۋروپالىقلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغان مۇستەقىل دۆلەت بولۇشقا تىرىشقان ۋە ئوسمانىيلارنىمۇ، ياۋروپالىقلارنىمۇ ئەرەب مىللەتچىلىكىگە خەتەر دەپ قارىغان.

448 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ خىزمەتلىرىنى قوبۇل قىلسۇن. مال ساتقاندا «بەك نوچى، بەك ئېسىل، سۈپەت كاپالەت، ئاجايىب سۈپەتلىك، رازى بولۇپ قالىسىز…»  دېگەندەك  ئاشۇرما دەرىجىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ سېتىش توغرىمۇ؟ «بۇ باھاغا ھېچ يەردە بەرمەيدۇ، باشقا يەردىن ئالالمايسىلەر…» دەپ سېتىشلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. خېرىدارنى گوللاش ياكى يالغانچىلىق بولسا ھارام، تاۋارنىڭ ھەقىقىي سۈپىتىنى بايان قىلىش بولسا جائىز، ئاشۇرۇپ ماختاش مەكرۇھ. شۇڭا مۇبالىغە قىلماسلىق ئەۋزەل.

449 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! قانداق ئەھۋاللىرى؟ يېقىندا بەزىلەر «تۈركىيەدە سوقۇلغان ماشىنىنى ئېلىپ، ئوڭشىتىپ سېتىش شەرىئەتتە دۇرۇس ئەمەس» دەپ تەبلىغ قىلغان ئوخشايدۇ، بەزىلىرىمىز ئاز – تولا ئىقتىساد قوشۇپ قويۇپ ئاشۇ ئىشلارنى مۇقىم قىلىۋاتقانلار بىلەن شېرىكمۇ بولغان. سىلىچە بۇ جائىزمۇ ياكى قانداق؟ شۇڭا سىلىدىن سورۇشۇم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئادەتتە شەرىئەتكە خىلاپ بىرەر ئەھۋال بولمىسا، زەخمىلەنگەن ماشىنىلارنى سۇغۇرتا شىركەتلىرى ياكى قاتناش ئىدارىسىدىن كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋېلىش جائىز. گاھىدا كىمئارتۇق سودىسىغا كىرگەن بىرقانچە كىشى تىل بىرىكتۈرۈۋالسا ياكى باشقىلارغا پۇل بېرىپ سودىدىن چېكىندۈرسە، ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋالغان ماشىنىنى تېخى كۆرمەي ۋە قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمايلا، باشقىلارغا سېتىۋەتسە ھارام ۋە مەكرۇھلۇق كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بىرى، بەزى نائىنسابلار سوقۇلغان ماشىنىلارنى ئېلىپ ئوڭشاپ، ئۇنىڭ بۇرۇن سوقۇلغانلىقىنى سېتىۋالغۇچىغا دېمەستىن، ئالداپ يۇقىرى باھادا سېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، شەرئىي ھۆكۈم بۇ سودىنىڭ تەپسىلىي جەريانىغا باغلىق.

450 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تۈركىيە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر قانۇنىدا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس، شۇنداق بولغاچ ئەر پەقەت بىر ئايالى بىلەنلا قانۇنىي توي خېتى ئالالايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەرنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئايالىنىڭ قايسىسى شۇ دۆلەتنىڭ توي خېتىنى ئىلىش ھەققى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە شەرىئەتتە بىرەر ئۆلچەم بارمۇ؟ ھەر ئىككى ئايالنىڭ بالىلىرى بار ۋە ھەر ئىككى ئايال شۇ ئەر بىلەن قانۇنىي توي خېتى بولۇشنى تەلەپ قىلغان بولسا قايسىسى بۇنىڭغا ھەقلىق بولىدۇ؟ ئەر بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەر ئىككى نىكاھ شەرئى جەھەتتىن شەرتلىرىنى تولۇقلىغان بولسا، ھەر ئىككى ئايالنىڭ نەپىقە، مىراس قاتارلىق ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەتتىن توي خېتى ئېلىش ھەققى بولىدۇ. دۆلەت قانۇنلىرىدا ھەر ئىككىسىگە توي خېتى ئېلىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا ئۈچ تەرەپ مۇزاكىرىلىشىش ياكى چەك تاشلاش ئارقىلىق بىرىگە ئالسا بولىدۇ.

Please follow and like us: