351 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور ئاكا! ئاياللار ھەج قىلماقچى بولسا، پۇتىغا پايپاق كىيىپ، ئۈستى ئوچۇق ئاياغ (ساپما كەش) كىيسە بولامدۇ ياكى ئاياغ كىيىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاياللار ئۈچۈن ئىھرام باغلىغاندا ئالاھىدە ئىھرام كىيىم – كېچەكلىرى ياكى پۇتىغا كىيىدىغان كەش شەرتى يوق. پايپاق بىلەن ئۈستى ئوچۇق كەش ياكى قونچسىز ئاياغ كىيسە، ياكى ئادەتتە كىيگەن ئاياغ ۋە كىيىملىرىنى كىيسە بولىدۇ.
352 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! ئاياللار ھەج قىلماقچى بولغاندا ھەيز كېلىپ قالسا، قانداق قىلىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاياللار ئۈچۈن ھەج ياكى ئۆمرەگە ئىھرام باغلاشتا ھەيز توسالغۇ بولالمايدۇ. ھەيز توغرا كېلىپ قالغاندا، تاۋاپتىن باشقا پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ. ھەيز ئۇدۇل كېلىپ قالسا، شۇ چاغدىكى ئەھۋالغا قاراپ پەتۋا سورىسىڭىز بولىدۇ. مۇنۇ پەتۋادىنمۇ پايدىلانغايسىز:
ھەجدىن كېيىن ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلماي يۇرتىغا قايتىشنىڭ ھۆكمى
353 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئىستانبۇلدا بامدات نامازنى ئەزاندىن بۇرۇن ئوقۇسا بولامدۇ؟ ھازىر ئەزان ناماز ۋاقتى كىرىپ 30 – 40 مىنۇتلاردىن كېيىن ئوقۇلىدۇ.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ناماز ۋاقتى كىرگەن بولسا ئەزان ئوقۇلسۇن – ئوقۇلمىسۇن بامداتنى ئوقۇسا بولىدۇ. چۈنكى ناماز ئوقۇش ئەزانغا ئەمەس، ۋاقىتنىڭ كىرىشى بىلەن بولىدۇ.
354 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مىللىتىمىزدە دوپپا بايرىمى دەپ بايرام بارمۇ؟ ئېقىپ يۈرۈۋاتقان دوپپا بايرىملىرىنى تەبىرىكلەشنى قانداق چۈشىنىمىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. دوپپا بايرىمى دەپ مىللىتىمىز ئومۇم تەبرىكلەيدىغان بىر بايرام يوق. ھازىر بەزىلەرنىڭ تەبرىكلەۋاتقىنى مەلۇم توپنىڭ ياخشى نىيەتتە پەيدا قىلىپ بېكىتىۋالغان خاتىرە كۈنىدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. بۇنى دىنىي نۇقتىغا چېتىۋېلىش ھەم بۇنىڭغا جىددىي قارىۋېلىش بىھۇدە ئىش. بايرام دېيىلسە دىنىي نۇقتىدىن ئەلبەتتە بىدئەت بولىدۇ. مىللىي نۇقتىدىن دېيىلسە، دوپپا كېيىش مىللىي ئەنئەنە، بايرام ئەمەس. ھەر ئەنئەنىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن بايرام ئىجاد قىلىنغىلى تۇرسا بايرام پاخاللىقى بولىدۇ. مىللىي بايرام سىياسىي ياكى ھېسسى ئارزۇ بىلەن ئىجاد قىلىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. توغرىسى ئۇنتۇلۇۋاتقان تارىخىي ۋە مىللىي ئەنئەنىلەرنى مەشرۇئىيىتى بار بولغان ھەقىقى بايراملىرىمىزدا ئومۇملاشتۇرۇش، كىشىلىك تۇرمۇشقا تەتبىقلاپ ئادەتلىنىشكە تەشۋىق قىلىشتۇر. ئەمما، «خاتىرە كۈن» دېيىش بولسا بۇمۇ ئاشۇ مەلۇم توپنىڭ بېكىتىۋىلىشى بولۇپ، ئومۇم مىللەتتە بىرلىككە كەلگەن ئىش ئەمەس. شۇڭا، بۇنى «مىللىي خاتىرە كۈنى» دەپ بېكىتىۋىلىشمۇ شۇ توپقىلا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئىشنى كۆرسىتىدۇ. دوپپىنى خاتىرە كۈندىلا ئەسلەيدىغان تارىخقا ئايلاندۇرۇۋەتمەي كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىيىپ يۈرۈش مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشتۇر. دېمەك، مىللىي جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ دوپپىنى خاتىرىلەش ئەنئەنە ئەمەس، كىيىش ئەنئەنە.(ئەسكەرتىش: بۇ 2021 – يىلى 6 – ماي كۈنى يېزىلغان جاۋابتۇر)
355 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم تىنچلىقمۇ ئابدۇلئەزىز ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى سالامەت قىلسۇن. مەن ئەنگىلىيەدە ياشايمەن. ئەنگىلىيەگە كەلگىلى ئۇزاق بولمىدى. بۇرۇن ئەنگىلىيەدە ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەدىس – سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاتالمىش «قۇرئانچىلار»نىڭ كۆپلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمما، ئەنگىلىيەگە كېلىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بەك بىئارام بولدۇم، ئىچىم بەك ئاچچىق بولدى. بۇلارنىڭ بېشىدىكى ئابدۇكېرىم ئەنگىلىيەدە ياشايدۇ. ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئاتالمىش «قۇرئانچىلار» بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، كۆڭلىنى ئاياپ، ھەقنى سۆزلىمەيدىكەن. يەنىلا باردى – كەلدى قىلىپ، «قۇرئانچىلار» ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلەرگە بېرىپ، ئۇلارنى قوللاپ ئۆتىدىكەن. 1) بۇ توغرىمۇ؟ ئەنگىلىيەدىلا ئەمەس، تۈركىيەدىمۇ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، قوشنىلىرى ئارىسىدا «قۇرئانچىلار» بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرىدىغان، باردى – كەلدى قىلىدىغان، كۆڭلىنى ئاياپ ھەقنى سۆزلىيەلمەسلىك مەسىلىلىرى بار. ھەتتا بەزى «قۇرئانچىلار» ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى، ئىدىيەسىنى يوشۇرىدۇ. ئەمما، ناشتىلىققا، مېھماندارچىلىققا چاقىرغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ھازىر بۇ شەيتان پىكىردىكىلەر بەك كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. 2) بۇ پىكىرنىڭ تارىخى نېمە؟ نەدىن كەلگەن؟ 3) بۇلارنىڭ ھەر بىر شەيتان پىكرىگە ئىنچىكە، تەپسىلىي رەددىيە بېرىلىپ، بىر پروگرامما ئىشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ رازى بولسۇن. ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاتالمىش «قۇرئانچىلار» دەۋرىمىزنىڭ بىدئەتچى ئازغۇنلىرى، قەدەرىييەلىرى، خاۋارىجلىرى ۋە زىندىقلىرى بولۇپ، ئىلگىرىكى خاۋارىج، زىندىقلار ئىسلام ئۈممەتىنىڭ پارچىلىنىشىدا قانداق رول ئوينىغان بولسا، كۈنىمىزدىكى قۇرئانچىلارمۇ ئۈممىتىمىزگە، جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىگە شۇنداق زىيان ئۇرىدۇ ۋە ئېنىرگىيەمىزنى بىھۇدە تۈگىتىۋېتىشنى نىشانلايدۇ. ئىلگىرىكى خاۋارىجلار تەقۋادار ئەمما پۇختا ئىلمىي ئاساستىن مەھرۇم كىشىلەر بولسا، ھازىرقى خاۋارىجلار تەقۋادارلىقتىنمۇ، ئىلىمدىنمۇ نېسىۋىسى بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇپسەنلىكتە ئۇچىغا چىققان ئازغۇنلاردۇر. ھازىرقى شارائىتتا، قۇرئانچىلارنى ئىككى تۈرگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش لازىم: بىر تۈرى، ئازغۇنلۇققا تەشۋىقات قىلىدىغانلار. بۇلار بىلەن باردى – كەلدى قىلىشقا، ئاپاق – چاپاق بولۇشقا، ئولتۇرۇپ – قوپۇشقا ۋە دوستلىشىشقا بولمايدۇ. ئۇدۇل كەلگەن يەردە پاكىت بىلەن پىكىرگە پىكىر، تەشۋىقاتقا تەشۋىقات ئارقىلىق رەددىيە بېرىش، ئازغۇنلۇقلىرىدىن ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. گېزى كەلسە تەۋەللا – تەبەررا، ئاللاھ ئۈچۈن مۇھەببەت – نەپرەت ئېنىق بولۇشتەك ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقىسىغا ئېسىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ بىرلىكى، دىنىمىزنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلاردىن ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈش كېرەك. ساھابە كىراملارمۇ بۇ تۈرلۈك ئازغۇن پىرقىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلغان. ھەزرىتى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قازايى – قەدەرنى ئىنكار قىلىدىغان قەدەرىيلەر ھەققىدە سورالغىنىدا: «ئۇلار بىلەن كۆرۈشسەڭ، ئۇلارغا ئېيتىپ قويغىنكى، مەن ئۇلاردىن ئادا – جۇدامەن، ، ئۇلارمۇ مەندىن ئادا – جۇدادۇر. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ بىرەرسى ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇننى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلسىمۇ، قازا – قەدەرگە ئىمان ئېيتمىغۇچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن(«مۇسلىم»، 8). ئاتالمىش «قۇرئانچىلار»مۇ ئەينى زاماندىكى «قەدەرىييە»لەرگە ئوخشاشلا قازا – قەدەرنى ئىنكار قىلىدۇ. «قەدەرىييە» قەدەرنى ئىنكار قىلغان تۇرۇقلۇق قەدەرچى مەنىسىدە «قەدەرىييە» دەپ ئاتالغان بولسا، «قۇرئانچىلار»مۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنى «قۇرئانچىلار» دەپ ئاتىۋالغاندۇر. «قۇرئانچىلار» يەنە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئەقىدە – ئەھكاملارنى ئىنكار قىلىدۇ. خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزمۇ «مۇسۇلمانلاردا قەدەرىييەدەك ئېنىق ۋە ئېغىر بىدئەت پەيدا قىلىنمىغان»(«ئەبۇ داۋۇد»، 4614) دېگەن. ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ («شىفائۇل ئەلىل»، 11/2): «ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قەدەرىييەلەرگە قاتتىق پوزىتسىيەدە بولغان، ساھابە كىراملارمۇ شۇنداق قىلغان» دېگەن.
قەدەرىييەلەر تەقدىرنى ئىنكار قىلغان، خاۋارىجلار ھەدىس ۋە سۈننەتلەرنى قارىسىغا چۈشىنىۋېلىپ ئازغۇنلۇققا كىرىپ كەتكەن بولسا، ئاتالمىش «قۇرئانچىلار» قۇرئان كەرىمنىڭ نوپۇزىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئىسلامنىڭ ئىككى چوڭ مەنبەسىنىڭ بىرى بولغان سۈننەتنى قارا قويۇق بۇرمىلاپ ئىنكار قىلىشىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ سۈننەتنىڭ يوليورۇقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن قىممەتلىك ئۆرپ – ئادەتلىرىمىز ۋە ئېسىل ئەنئەنەلىرىمىزگىمۇ تىل تەگكۈزۈپ يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. دەۋاتقانلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسى بولمىغاننى ئاز دەپ، قۇرۇق گەپ سېتىشنى دانالىق چاغلىشىدۇ. بۇنداق قىلمىشلار بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ ئەھلى سۈننەت بىرلىكىنى بۆلسە، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ئاساسلارنى بىر – بىرلەپ ئۆرۈپ تاشلاشقا خىزمەت قىلىدۇ. ھېسابتا بۇلارنىڭ قىلمىشلىرى كومپارتىيە مېڭە يۇيۇپ، ئېزىپ زورلاپ، قىرىپ – چېپىپمۇ يوقىتالمىغان ئىشلارنى قىلچە سىستېمىلىق ئىلىم تەھسىل قىلىش تارىخى بولمىغان ماڭقۇرت زىندىقلارنىڭ قولىدا يوقىتىلىشىغا ھەسسە قوشقانلىق بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئازغۇنلارغا كەسكىن بولۇش، قەتئىي رەت قىلىش ۋە ئادا – جۇدالىق پوزىتسىيەسىدە بولۇش لازىم.
يەنە بىر تۈركۈمدىكىلەرگە كەلسەك، بۇلار ئاساسەن يۇقىرىقى ئازغۇنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئەمما ئازغۇنلۇققا تەشۋىق قىلمايدىغانلار. بۇلار بىلەن باردى – كەلدى مۇناسىۋەتنى ئۈزمەي، توغرىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىش ۋە ئۇلارنى بۇ ئازغۇنلارنىڭ تەسىرىدىن تازىلىنىپ ئەھلى سۈننەت ۋەلجەمائەنىڭ توغرا يولىغا قايتىشقا، قۇرئان ۋە سۈننەت روھىغا ئۇيغۇنلىشىشقا دەۋەت قىلىشىمىز، قېرىنداشلىقنى بۇ ئاساستا چىڭىتىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. بۇ ئىشتا ياغلىمىچىلىق قىلماستىن، ئازغۇن پىكىرگە رازىمەنلىك كۆرسەتمەستىن، سىلىق ۋە چىرايلىقچە گەپ قىلىش، ئادالەت – ئىنساپنى لازىم تۇتۇش كېرەك. بۇ ئازغۇن تائىپەنىڭ تارىخى ۋە ياقىلىغان قاراشلىرى ھەققىدە «قۇرئانچىلار كۆتۈرۈپ چىققان ئېتىقادىي ۋە فىقھىي مەسىلىلەر» تېمىسىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىدىن پايدىلانغايسىز:
356 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆلۈپ كەتكەن دادامنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى مەن قانداق تۇتسام بولىدۇ؟ سىز يوللىغان سوئال – جاۋابلارنىڭ ئون بىرىنچىسىدە «تۇتسا بولىدۇ» دېيىلگەنىكەن. بىراق، مەن كۈندە تۇتىمەنمۇ ياكى بىر ئاي تۇتۇپ، بىرەر ھەپتە ئارام ئالساممۇ بولامدۇ؟ ھەر كۈنى ئىفتار ۋاقتىدا «ئى ئاللاھ! تۇتقان روزامنى دادامنىڭ تۇتالمىغان روزىسىغا ھېساب قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىمەنمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى تۇتۇشتا شارائىتى ۋە ئىمكانىيىتى يار بەرگەنچە بىر قېتىمدا خاھلىسا بىرنەچچە كۈن ئارقا – ئارقىدىن، خاھلىسا بىر ياكى بىرنەچچە كۈن ئاتلاپ تۇتىدۇ، چوقۇم «ئۇلاپ تۇتىسەن» دەيدىغان گەپ يوق. دۇئادىمۇ ئاغزاكى «بۇ روزىنى ئاتام ئۈچۈن تۇتتۇم» دېيىش شەرت ئەمەس، كۆڭلىدە شۇنى نىيەت قىلىپ تۇتىۋەرسە بولىدۇ.
357 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئوغۇل بالىلارنىڭ ۋە ئەرلەرنىڭ كىيىم مودېلى بولۇپ ئىشلىشى دۇرۇسمۇ؟ دۇرۇس بولسا، بۇ ئىشتا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىنىشى كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئەرلەرنىڭ ئەۋرىتى كىندىكتىن تىزغىچە بولغاچقا، ئەۋرەتنى ئاچماسلىق ۋە نامەھرەم ئاياللار بىلەن بىللە خىزمەت قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئوغۇللارنىڭ ۋە ئەرلەرنىڭ كىيىم مودېلى بولۇپ ئىشلىشى جائىز. بۇ خىزمەتنى قىلىش جەريانىدا باشقا دىندىكىلەرنىڭ ئېتىقادىغا چېتىشلىق كىيىم – كېچەك ۋە بەلگە، زىننەتلەردىن، شۇنداقلا ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدىغان كىيىم – كېچەكلەردىن ۋە ئەۋرىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ قويىدىغان زىيادە تار ئىشتانلارنى كېيىشتىن يىراق تۇرۇشى لازىم.
358 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يولدىشىم تۈنۈگۈن ماڭا: «سىز پۇلىڭىزنى ئايرىم خەجلىسىڭىز، مەن بىلەن ئۆي تۇتماڭ» دەيدۇ. بۇ شەرىئەت ھۆكمىدە توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئايال كىشىنىڭ ئايرىم ئىگىلىك ھوقۇقى بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ خاس مۈلكىنى خاھلىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ. ئەرنىڭ ئايالىغا: «پۇلىڭىزنى مېنىڭ پۇلۇمغا قوشۇپ خەجلىشىڭىز كېرەك» دېيىشى شەرىئەت ھۆكمىدە توغرا بولمايدۇ. ئەمما، بۇ سۆزنىڭ نىكاھقا تەسىر يېتىش – يەتمەسلىكىنى ئەر – ئايال ئىككىيلەن بىرلىكتە بىرەر ئەھلى ئىلىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى بايان قىلىپ سورىشى لازىم. ۋاتساپتا مۇنداقلا سورىغانغا جاۋاب بېرىلسە، توغرا بولمايدۇ.
359 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. قانداق ئەھۋاللىرى ئۇستاز! بىر دەرستە: «بالىسىغا ‹مۇھەممەد› دەپ ئىسىم قويغان ئادەم بالىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە بولمايدۇ. ئۇرۇپ – تىللىسا بولمايدۇ» دەيدۇ. راست شۇنداق ئىش بارمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئۇنداق چەكلىمە يوق. بىر قىسىم توقۇلما ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ، بەزىلەر «شۇنداق» دېگەن بولۇشى چوڭ ئېھتىمال.
360 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! ئايال كىشى چۈشكەن چاچنى كۆمۈۋېتەمدۇ؟ كۆمۈۋەتمىسە، گۇناھ بولامدۇ؟ ئەخلەتكە ئاتىدىغانلارمۇ، كۆيدۈرۈۋېتىدىغانلارمۇ بار ئىكەن. قايسىسى توغرا؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. چۈشكەن ياكى چۈشۈرۈلگەن چاچ، ئالغان تىرناق دېگەنلەرنى ئەخلەتكە قوشۇپ تاشلىۋەتسەك بولىدۇ. كۆمۈۋېتىش ۋاجىب ئەمەس.
361 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى سالامەت قىلسۇن! ئىلىملىرىدىن بىزلەرنى تولۇق نېسىۋىدار قىلسۇن. مەن ھازىر ياۋروپادا كىملىك چىقىشىنى ساقلاۋاتىمەن، دۇئا قىلىشقا بەك ئېھتىياجىم بار، ئەمما يېگەنلىرىم شۈبھىلىك بولغاچقا، كۆڭلۈم بىئارام. شۇنداقتىمۇ دۇئانى تاشلىمىدىم. بىرقانچە كۈندىن بېرى ئىشەنچلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ دۇئا قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ئەمما ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالمىدىم. ھازىرقى ھالەتتە مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ. تۆۋەندىكى يازمىدا دېيىلگەندەك، شۈبھىلىك يېمەك – ئىچمەكتىن يىراق تۇرۇپ، تائەت – ئىبادەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىسىز، ئاللاھ ئاسانچىلىق بەرگەي. https://sajiya.biz/?p=2014
362 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىستانبۇلدىن بۇرساغا بىر ئايال كىچىك بالىلىرى بىلەن مەھرەمسىز بارسا بولامدۇ؟ ھەدىستىكى «بىر كېچە – كۈندۈزلۈك سەپەر» دېگەننىڭ ئۆلچىمى قانچىلىك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. مۇساپە 85 كىلومېتىردىن ئاشسا، مەھرەمسىز سەپەر قىلىشقا بولمايدۇ. ھەدىستىكى «بىر كېچە – كۈندۈزلۈك سەپەر»نىڭ ئۆلچىمى سەپەر ئېھتىياجلىرىنى قامدىغان نورمال ھالەتتە تۆگىنىڭ مېڭىشى ۋە پىيادە مېڭىش بويىچە 85 كېلومېتىردۇر. چۈنكى، بىر كۈن كۈندۈزدە پىيادە باسىدىغان مۇساپە 40 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. «سەھىھۇلبۇخارىي، 1088»دا كېلىشىچە: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كېچە – كۈندۈزلۈك يولغا سەپەر قىلىشى ھالال بولمايدۇ» دېگەن ۋە بىر كېچە – كۈندۈزلۈك سەپەرنىمۇ «سەپەر» دەپ ئاتىغان. ئىبنى ئۆمەر، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار تۆت بەرىد ئارىلىقتا نامازنى قەسر قىلىپ، روزا تۇتمايتتى. بۇ ئون ئالتە پەرسەخكە توغرا كېلەتتى. بىر بەرىد تۆت فەرسەخكە، 22 كىلومېتىرغا باراۋەر. بۇ ئۆلچەم ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆلچەملەرنى ھازىرقى زامان ئۆلچەملىرىگە سۇندۇرۇشتىكى قىسمەن ئوخشىماسلىقلار سەۋەبىدىن 80 كىلومېتىردىن 90 كىلومېتىرغىچە بولغان مۇساپىنى كۆرسىتىدىغان بولغان. دېمەك، ئېرى ياكى مەھرەمىسىز ھالال بولمايدىغان سەپەر ئۇزۇن ۋە قىسقا ھەممە سەپەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
363 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئايالى ئېرىگە: «سىزدىن ئاجرىشىپ كېتىمەن» دېسە، ئېرى: «ئويلىنىپ بېقىڭ، ئارتۇق بىرنەرسە دېمەيمەن، ئۆزىڭىز ئوبدان ئويلىشىپ بىر ئىش قىلارسىز» دېسە، نىكاھقا تەسىر يېتەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. بۇنى ئەر – ئايال ئىككىيلەن بىرلىكتە بىرەر ئەھلى ئىلىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى بايان قىلىپ سورىشى لازىم. ۋاتساپتا مۇنداقلا سورىغانغا جاۋاب بېرىلسە، توغرا بولمايدۇ.
364 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۆي – مۈلۈك سودىسىغا مەبلەغ سالغانىدىم، ئەملاكچى شېرىكىم ئۆينىڭ ئېلانىغا «كىرىدىگە ئۇيغۇن» دەپ يېزىپتۇ، يەنى «بۇ ئۆينى سېتىۋالغاندا، ئۆسۈملۈك قەرز ئالالايسەن» دېمەكچى. بۇنداق قىلساق، باشقىلارنىڭ ئۆسۈمگە ئارىلىشىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالغان بولۇپ، گۇناھكار بولامدۇق ياكى جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش سېتىۋالغۇچى بىلەن بانكا ئارىلىقىدىكى مۇئامىلە بولۇپ، بىرەر ئۆي ياكى زېمىن ئېلانىغا «كىرىدىگە ئۇيغۇن» دەپ يېزىش گەرچە «بۇ ئۆينى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئالالايسىز» دېگەننى بىلدۈرسىمۇ، تۈركىيە ئۆرپىدە ئۆينىڭ مەلۇم مۈلكىيەت قانۇنىغا ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچەملىرىگە توشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بۇ ئۆسۈمگە تەشۋىقات قىلىش دائىرىسىگە ئېنىق كىرمەيدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، بۇنى يېزىش چەكلەنمەيدۇ.
365 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەقسەت: ئىستانبۇلدا رامازاننىڭ كىرىشى بىلەن ئەزاننى يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ئالدىغا سۈرۈۋېتىدىكەن، رامازاندىن كېيىن ھازىرقى كۈنلەردە يەنە 30 مىنۇتتىن كۆپرەك كەينىگە سۈرۈۋېتىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا نەفلە روزا تۇتۇپ قالساق، ئەزان چىققۇچە يەپ – ئىچسەك بەك كېچىكىپ كەتكەن بولۇپ قالىمىزمۇ؟ ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى قانداق بەلگىلىسەك بولىدۇ؟ رەھمەت، ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. سوھۇرلۇق ۋە ئىفتار ۋاقىتلىرى ئەزانغا ئەمەس، بەلكى كۈننىڭ چىقىش ۋە ئولتۇرۇشىغا باغلىق. ھازىر دىيانەتنىڭ ناماز ۋاقىتلىرى جەدۋىلىدىكى «ئىمساك ۋاقتى» كىرگۈچە يەپ – ئىچسىلە بولىدۇ، ئەزان چىققۇچە ئەمەس.
366 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئاسما ئوكۇل ئۇرغۇزسا، تاھارەت سۇنامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئوكۇل ئۇرغۇزۇشنىڭ ئۆزى تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. لېكىن، يىڭنە سانجىغان يەردىن قان چىقىپ ئەتراپقا تارىسا ئاندىن تاھارەت سۇنىدۇ. ئەتراپقا تارىمىسا، سۇنمايدۇ.
367 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئوبدان تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. پەتۋالىرىدا ئېرى بىلەن مەھرەمنى «ۋە» بىلەن باغلاپتىلا، ئىككىسى بىر ئەمەسمۇ؟ پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئىككىسى بىر ئەمەس. چۈنكى، «مەھرەم» نەسەب ۋە ئېمىلداشلىق جەھەتتىن ئاتىسى، بوۋىسى، ئوغلى، ئاكىسى، تاغىسى، ئوغۇل نەۋرىسى ۋە جىيەنىگە ئوخشاش كىشىلەر، قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن ئۆگەي ئاتىسى، قېيىنئاتىسى ۋە كۈيئوغلىغا ئوخشاش كىشىلەر بولۇپ، بۇلار ئۇ ئايالغا نىسبەتەن ھەر زامان ۋە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشى مەڭگۈلۈك چەكلەنگەن كىشىلەردۇر. دېمەك، ئايالنىڭ ئېرى «مەھرەم» دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ئەمما، سەپەر قاتارلىق ئىشلاردا «مەھرەم» قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، «مەھرەم»نى شەرت قىلىشتىن مەقسەت ئايالنى قوغداش بولۇپ، بىللە ئارىلىشىپ خالىي ئولتۇرۇپ – قوپۇش، قاراش ۋە تۇتۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئېرى مەھرەمنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. يەنە بەزىدە فۇقەھائلار «ئېرى ياكى مەھرىمى» دەپ ھەدىسلەردە كەلگەندەك ئايرىپ ئاتايدۇ.
368 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ھەپتىلىك بازاردا گىلەم ساتىمەن. ساتقاندا «ئالماشتۇرۇلمايدۇ، قايتۇرۇلمايدۇ» دەپ شەرت قىلىپ سېتىشىم توغرىمۇ؟ بىر خېرىدار شۇنداق شەرتلىشپ سېتىۋالغان گىلەمنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قايتۇرۇپ كەپتۇ، «ياندۇرىمەن» دېدى. مەن: «بىز شەرتلەشكەن. ياندۇرۇش، ئالماشتۇرۇش يوق» دېسەم، «ئۇنداقتا 100 لىرا تۇتۇۋېلىپ ئېلىپ قالغىن» دەپ تۇرۇۋالدى. «ماقۇل» دەپ 800 لىراغا ساتقان گىلەمنى 700 لىرا قايتۇرۇپ بېرىپ ئېلىپ قالدىم، بىراق كۆڭلۈم ئۇ 100 لىرانى قوبۇل قىلمىدى، بۇ پۇل ھاراممۇ؟ قانداق قىلسام توغرا بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. توغرا. ساتقۇچى «ئالماشتۇرۇلمايدۇ، قايتۇرۇلمايدۇ» دەپ شەرت قىلغان بولسا، «مۇسۇلمان قىلغان شەرتكە ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن سېتىۋالغۇچىنىڭ ئەسلا قايتۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ قايتۇرۇش ھەققىدىن ۋاز كەچكەن. ئۇنداق شەرتلەشمىگەن ئەھۋالدىمۇ سېتىۋالغۇچىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىش ۋە ئالماشتۇرۇش ھەققى بولمايدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئايرىلىپ كەتمىگەنلا بولسا، سودىدىن يېنىۋېلىش ھوقۇقى بار» دېگەن سۆزى سودىلاشقان سورۇندىن ئايرىلغاندىن كېيىن يېنىۋېلىش ھەققى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئەھۋالدا يېنىۋېلىشقا بولىدۇ: 1) مەلۇم ۋاقىت ئويلىنىپ بېقىشنى شەرت قىلغان ئەھۋال؛ 2) تاۋاردا ئەيىب – نۇقسان بايقالغان ئەھۋال؛ 3) تاۋارنى كۆرمەي سېتىۋلغان ئەھۋال. بۇنىڭغا ئاساسەن، تاۋاردا ئەيىب كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا سېتىۋالغۇچى تاۋارنى قايتۇرالمايدۇ. ئەگەر پۇل تۇتۇۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرسە، بۇ مالنى ساتقان بولىدۇ. يەنى بۇ يېڭى بىر سودا. شۇڭا، تۇتقان پۇل ھالال بولىدۇ. نەتىجىدە 800 لىراغا ساتقان گىلەمنى كېيىن شۇ كىشىدىن 700 لىراغا سېتىۋالغان بولىدۇ.
369 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مېنىڭ ئالتە ياشلىق قىزىم ئاق كېسەل بولۇپ قالغانىدى، تېۋىپ دورىسى قىلدىم، ھېچبىر ئۈنۈمى بولمىدى. دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، دورا ئالدىم، يەنە ئۈنۈمى بولمىدى. ئاللاھنىڭ سىنىقى كەلدى. بۈگۈن يەنە «يولدىشىمغا دېمەي، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ كېلەي» دەپ ئويلىغانىدىم. «دېمەي بارسام، گۇناھ بولارمۇ؟» دەپ قورقىمەن. «دەپ باراي» دېسەم، «دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ باقتىڭىزغۇ؟» دەپ بارغىلى قويمايدۇ. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ لېكىن، بۇ كېسەل يۈزىدە كۆپەيدى، قاش – كىرپىكى ئاقىرىپ قالىدىكەن. مېنىڭ بۈگۈن بېرىشتىكى مەقسىتىم: بېرىپ داۋالىنىۋاتقان كېسەللەردىن قايسى ئۇسۇلدا داۋالىدى؟ ئۈنۈمى بولدىمۇ، يوق؟ بىلىپ كېلىپ، يولدىشىمغا يالۋۇرۇپ: «ئۈنۈمى بوپتۇ، ئاپىرىپ داۋالىتايلى» دېيىشتۇر. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ جاۋاب بەرگەن بولسىلا! ئۇستاز! ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. قىزنىڭ ئاتىسى «بەلكىم بۇ كېسەلنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى يوق» دېگەن قانائەتتە بولغاچقا، دوختۇرغا بېرىشنى توسقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ كېسەلدىن ساقايغانلار بار. شۇڭا، بىر دوختۇردا بولمىسا، يەنە بىر دوختۇردا ئۈنۈم بېرىپ قالىدۇ. ئەگەر ئاتا توسۇپ بارغۇزمىغان ئەھۋالدا، ئۇقتۇرماي قىزنى دوختۇرغا ئېلىپ بارسىلا بولىدۇ. ئاللاھ ئىگەم شىفالىق ئاتا قىلسۇن!
370 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ «قۇرئانچىلار» دېگەن كىملەر؟ چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. بۇ ئازغۇن تائىپەنىڭ تارىخى ۋە ياقىلىغان قاراشلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكى «قۇرئانچىلار كۆتۈرۈپ چىققان ئېتىقادىي ۋە فىقھىي مەسىلىلەر» تېمىسىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىدىن پايدىلانغايسىز:
371 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ نەفلە روزا تۇتۇش ئۈچۈن نىيەت قىلىپ يېتىپ، سوھۇر ۋاقتىدا ئۇخلاپ قالسا، سوھۇرلۇق يېمەي روزا تۇتىۋەرسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. بولىدۇ.
372 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ ياۋروپادىكىلەر بەكلا ئېھتىياجلىق ھالەتتە ماشىنىنى نەق سېتىۋېلىشقا قۇربىمىز يەتمىسە، تاكسىت قىلىپ سېتىۋالساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئۆتكەن يىلقى 1 – سوئال ۋە بۇ يىلقى 318 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.
373 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسەمنى بۇزغان كىشى گۇناھكار بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. «قۇرئان» ياكى «قۇرئاننىڭ ھەققى – ھۆرمىتى»، «كەئبە» ياكى «كەئبەنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى» قاتارلىق ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىلىدىغان بىر قىسىم ئۇلۇغ شەيئىلەر بىلەن قەسەم قىلىشتا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. توغرىسى، مەجبۇر بولمىغان ئەھۋالدا بۇلار بىلەن قەسەم ئىچمەسلىك كېرەك. ئەگەر مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن قەسەم ئىچسە، ھېچقىسى يوق. ھەتتا بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ يۇقىرىقىلار بىلەن ئىچىلگەن قەسەم كۈچكە ئىگە قەسەمدۇر. مۇبادا بۇ قەسەمدە تۇرمىغان ئەھۋالدا، كەففارەت بېرىۋېتىش كېرەك. مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=8426
374 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن توي قىلغىلى 12 يىل بولدى، ئۈچ بالام بار. توي قىلغاندىن بېرى يولدىشىم ئاساسەن ھۇجرا ئۆيدە ئۇخلىمايدۇ. كومپيۇتېرغا بەك باغلىنىپ قالغانلىقتىن، مېھمانخانا ئۆيدە ساپانىڭ ئۈستىدە ئۇخلايدۇ، بىرقانچە ئايدا بىر قېتىم ھۇجرا ئۆيدە ئۇخلايدۇ. بۇ ئەھۋال ماڭا بەك ھاقارەتلىك بىلىنىدۇ، بۇنداق قىلسا، ماڭا بەك ھار كېلىدىغانلىقىنى بىرقانچە قېتىم دېگەن بولساممۇ، بىرقانچە كۈن ھۇجرا ئۆيدە ئۇخلايدۇ، كېيىن يەنە يوق. ئەگەر ھەقىقەتەن خىزمەت سەۋەبىدىن زۆرۈر ۋە جىددىي ئىش بولغان بولسا، توغرا چۈشىنەتتىم. بۇ سەۋەبتىن يولدىشىمغا قىزغىن بولمىسام ياكى بەزىدە رەت قىلسام ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. قىزغىن بولمىسىڭىز ياكى رەت قىلسىڭىز، يولدىشىڭىز پۈتۈنلەي باشقا يەردە ئۇخلايدىغان بولىدۇ ھەم رەت قىلسىڭىز گۇناھكار بولىسىز. بۇ ئەھۋالدا چىرايلىق سۆھبەتلىشىپ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش لازىم.
375 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بىر قېرىندىشىمىز يۈز ئاسرايدىغان ماي ۋە چاچ سوپۇنى قاتارلىق مەھسۇلات ئىشلەپ ساتىدىكەن ۋە ئۇ مەھسۇلاتقا ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىدىكەن. پۇل تۆلەش ئارقىلىق ۋاكالەتچى بولغاندىن كېيىن توپ باھادا بېرىدىكەن. ۋاكالەتچىسى مالنى سېتىپ بولالمىسا، ئۆزى سېتىشىپ بېرىدىكەن. مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىپ بېرىدىكەن. بۇنىڭدا «سىزمۇ ئەزا قوبۇل قىلىڭ» دەيدىغان گەپ ۋە ئۇنداق شەرت يوق. ئەمەلىي ئىشلىتىپ تەجرىبىدىن ئۆتكەن مەھسۇلات. پۇل ئەۋەتسەك، مال پوچتا ئارقىلىق قولىمىزغا تېگىدۇ. ئىشلەپچىقارغۇچىغا ۋاكالەتچىلىك ھەققى تۆلەش شەرىئەتكە خىلاپمۇ؟ مەھسۇلات چىقارغان كىشى «تەتقىق قىلىپ، ۋاقىت، كۈچ ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلدىم» دەپ ئالىدىكەن. نۇرلۇق شەرىئىتىمىزدە بۇ پۇلنى تۆلەش ۋە ئېلىش توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. بۇنى «ۋاكالەتچى» دەپ ئاتىغاندىن «ئەزا» ياكى «چۆپقەت» دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇناسىپ. ئەزالىققا پۇل تۆلەش توغرا بولمايدۇ. ئاندىن بۇ توختامدىكى «مالنى ئەزا سېتىپ بولالمىسا، ئۆزى سېتىپ بېرىش ۋە مەھسۇلاتنى ئېلان قىلىپ بېرىش» دېگەندەك قوشۇمچە شەرتلەرمۇ توختامنى مۇجمەل ۋە گىچماچ قىلىپ ناتوغرىلىققا ياتقۇزىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ناتوغرا ۋە شۈبھىلىك دائىرىگە كىرمەي، مالنى توپ ئېلىپ، پايدىسىغا توپ ياكى پارچە ساتسىڭىز بولىدۇ. چۆپقەت بولغاندىن كېيىن، سىزگە يۇقىرىقىدەك «ئېتىبارلىق باھادا بېرىش، سېتىشىپ بېرىش ۋە ئېلان قىلىشىپ بېرىش» قاتارلىق خىزمەتلىرىنى چۆپقەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سۇنسا بولىدۇ. مەھسۇلات چىقارغان كىشى «تەتقىق قىلىپ، ۋاقىت، كۈچ ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلدىم» دەپ ھەق ئالماقچى بولسا، مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىپ ساتسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئايفۇن كەبى تېلېفۇنلارمۇ شۇنداق. تەتقىقاتقا سەرپ قىلىنغان پۇللار مەھسۇلات باھاسىغا قوشۇپ تىرىلدۈرۈلىدۇ.
376 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئايال كىشى ئادەت كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتىمۇ ئىستىخارە سالالامدۇ؟ سالالىسا ئۇسۇلى قانداق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئادەت كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالمىغانلىقتىن، دۇئا قىلىپلا ئىستىخارە سالسا بولىدۇ.
377 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ زاكات بەرگۈدەك شەخسىي مۈلكى بولمىسا، زاكات ئالسا دۇرۇس بولارمىش. بۇ توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئېرى بار ئايالنىڭ نەپىقەسى ئېرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن بولغاچقا، ئېرى زاكات ئېلىشقا لايىق بولمىغان، ئېرى ئېھتىياجىنى قامداپ كېلىۋاتقان ئايالغا زاكات ئېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر ئېرى ئېھتىياجىنى قامدىماي تۇرۇۋالسا ياكى ئېرىمۇ زاكات ئېلىشقا لايىق كىشى بولسا، ئاندىن زاكات ئالسا بولىدۇ.
378 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ياۋروپادا بانكىدا ئىشلەشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بانكىدا ئىشلەشنىڭ ھۆكمى ئوخشاشلا ھارام. چۈنكى بانكا جازانەخانا بولۇپ، شەرىئىتىمىزدە جازانە ھالاك قىلغۇچى چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانالغان، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا جازانە يېگۈچىگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە بىلىپ تۇرۇپ جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلارنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلار قاتارىدىن ساناپ، جازانىدىن كەلگەن كىرىمدىن بەرىكەتنى كۆتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان(2/«بەقەرە»: 275 – 280). پەيغەمبىرىمىزمۇ جازانە يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، يازغۇچىغا ۋە ئۇنىڭ ئىككى گۇۋاھچىسىغا لەنەت قىلىپ: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر»(«مۇسلىم»، 1598) دېگەن.
379 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تىنچلىقمۇ؟ ئاللاھ سىلىنى سالامەت قىلسۇن. «IT (ئايتى)»، «Java (جاۋا)» دېگەندەك كەسىپلەردە ھازىر ياشلار كۆپ ئوقۇۋاتىدۇ، بۇلارنى ئامېرىكادىكى دولقۇن مۇئەللىم ۋە باشقىلار: «ھەرقايسى جايلاردا خىزمەت تېپىش پۇرسىتى ئەڭ تېز، مائاشىمۇ ئالاھىدە ياخشى» دەپ چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ. لېكىن، بەزى بالىلار بۇ كەسىپتە خىتتاينىڭ شىركەتلىرىگە تىزىملىتىدىكەن ياكى خىتتاينىڭ شىركەتلىرى ئۆزى «ئىشقا ئالىمىز» دەيدىكەن. مەسىلەن، «Huawei (خۇاۋىي)» ياكى «xiaomi (شاۋمىي)» تېلېفون شىركەتلىرى. ئەمدى بۇلارنىڭ شىركىتىدە ئىشلەشنى خاھلىسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ئاندىن خىتتاينىڭ شىركىتىدىن باشقا شىركەتلەردە ئىشلىسە، ئۇلارنىڭ قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىغا قاراش مۇھىممۇ ياكى ئىقتىساد ئۈچۈن «پۇل بولسىلا بولىدۇ» دەپ قارا – قويۇق ئىشلەۋېرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تاجاۋۇزچى خىتتاينىڭ شىركەتلىرىدە ئىشلەشكە بولمايدۇ. چۈنكى، خىتتاينىڭ شىركىتىدە ئىشلەش زالىمغا خىزمەت قىلىش ۋە يانتاياق بولۇش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتتاي شىركەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك قويمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرىمۇ كۆپ. خىتتاينىڭ شىركىتىدىن باشقا شىركەتلەردە ئىشلىسە، ئۇلارنىڭ قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىغا قاراش مۇھىم. قانچىلىك ھەق بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئىشلارغا بىۋاسىتە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ.
380 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاللاھ ھەرۋاقىت سالامەت قىلسۇن، ئامىن! ئۇستاز! 2/«بەقەرە» 65 – ئايەتتىكى «شەنبە كۈنى بېلىق تۇتۇش چەكلىمىسى» پەقەتلا يەھۇدىيلارغا قىلىنغان چەكلىمىمۇ ياكى ئومۇمىي پۈتكۈل پەيغەمبەر ئۈممىتىگە قارىتىلغان چەكلىمىمۇ؟ ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. 51 – سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ. دەپ ئۆتكىنىمزدەك، بۇ يەھۇدىيلارغا خاس چەكلىمە، بىزگە ئەمەس.
381 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! ناخشا – مۇزىكىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. بۇ يازمىغا قاراڭ: https://sajiya.biz/?p=5932
382 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ «سايلامغا قاتنىشىش ۋاجىب» دەپتىكەنلا، بۇ قېتىملىق سايلامدا تۈركىيەنىڭ ئىچىدىلا سايلاش سالاھىيىتى بار تۇرۇپمۇ، ئون مىليونغا يېقىن كىشى بېلەت تاشلىغىلى بارماپتۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ بارلىقى ئېنىق. سوئالىم: 1) ئاشۇ بېلەت تاشلىمىغانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار بولامدۇ؟ 2) ئىسلام دۈشمەنلىرىگە بېلەت تاشلىغاندىن ئۆيىدە ئولتۇرغىنى ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. 1) «سايلامغا قاتنىشىش ۋاجىب» دېگەنلىكنىڭ ئۆزى «قاتناشمىسا گۇناھكار بولىدۇ» دېگەنلىك. چۈنكى، بۇ ۋاجىبنى تەرك ئەتكەنلىك. 2) بېلەت تاشلىماي ئۆيدە ئولتۇرسىمۇ ۋاجىبنى تەرك ئەتكەنلىك بولىدۇ. بۇ يەردە «ئەۋزەل» دەيدىغان گەپ يوق. چۈنكى، ۋاجىب بولمىغاندا ئاندىن ئەۋزەل دېيىش بولىدۇ. ئەقىللىق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىسلام دۈشمەنلىرىنى قوللىمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان.
383 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن… خىزمەتلىرىنى قوبۇل قىلسۇن. 1) يېقىندا ئۇيغۇر قېرىنداشلار خىتتاينىڭ شەھەرلىرىدىن ياكى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردىن (ئەلبەتتە ئۇلارمۇ خىتتايدا ئىشلەنگەن ماللار) ياكى خىتتايدىن مال سېلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كىيىم – كېچەك قاتارلىق ھەرخىل ماللارنى ئەكەلدۈرۈپ سېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى جائىز بولامدۇ؟ 2) ئۆزبېكىستاندىن، دۇبەيدىن ئەكەلدۈرگەن چىنە – قاچىلارنىڭمۇ كۆپىنچىسى خىتتايدىن كېلىدىكەن، بۇلارنى ئەكەلدۈرۈپ سېتىش جائىز بولامدۇ؟ 3) تۈركىيەدىكى ياكى باشقا دۆلەتلەردىكى خىتتاي ماللىرىنى توپ بازاردىن ئەكىلىپ سېتىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ (چۈنكى ھازىر مۇشۇنداق ۋەتەندىكى ياكى ئىچكىرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن مال ئەكەلدۈرۈپ سېتىپ، ھەتتا باشقا ئۇيغۇرلارغا توپ تارقىتىۋاتقان ئىشلار مەۋجۇد بولغاندىن سىرت، ئەكەلدۈرىدىغان، زاكاز ئالىدىغان ماللارنىڭ تۈرلىرىنى ھە دەپ كۆپەيتىۋاتىدۇ. پايپاقتىن تارتىپ ئون مىڭ لىرالىق نوركا چاپانغىچە زاكاس ئېلىۋاتىدۇ، شۇڭا سورۇشۇم…)
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك، بىرەر شەخس مۇنداقلا ھۆكۈم چىقىرىدىغان مەسىلە ئەمەس. بەلكى نەزەرىيە جەھەتتىن ھەر ساھە مۇتەخەسسىس ئالىملار يىغىلىپ مۇزاكىرىلىشىپ، ئەتراپلىق ئويلىشىپ قارار چىقارسا مۇناسىپ. بۇ مەسىلىدە كوللېكتىپ ھۆكۈم چىقىرىش ۋۇجۇدقا چىقمىغان بۇ ئەھۋالدا مۇنداق دېيىش مۇمكىن: ئەمەلىيلىشىشى قىيىن بولسىمۇ، نەزەرىيە جەھەتتىن خىتتاي مېلىنى بايقۇت قىلىش ۋاجىب. شۇڭا، خىتتاي مېلىنى ئېلىپ – ساتماسلىق، تىجارەت قىلىۋاتقانلار باشقا تىجارەت يولىنى ئىزدىشى، تاپقان ھامان بۇ خىل تىجارەتنى تاشلىشى كېرەك. دەرھال تاشلىيالايدىغانلار دەرھال تاشلىشى كېرەك. مال زاكاز قىلىدىغان ئىستېمالچىلارمۇ ئالاھىدە زۆرۈر بولمىغان ماللارنى زاكاز قىلماسلىقى ۋە سېتىۋالماسلىقى كېرەك. تۈرلۈك ساھەلەردىكى زۆرۈرىيەت دائىرىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
384 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! توپقا يوللانغان پەتۋالارنى كۆردۈم. ئاللاھ ئۇستازدىن رازى بولسۇن. بولسا مۇشۇ «خىتتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەش، تەرجىمانلىق قىلىش، ساياھەت ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خىتتايلار بىلەن بىرلىشىپ شىركەت قۇرۇش» دېگەنلەر ھەققىدە بىرئاز كېڭەيتىپ جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئۇستاز! يېقىندىن بۇيان خىتتايدىن تۈركىيەگە خىتتاي ساياھەتچىلەر كۆپلەپ كېلىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر تەرجىمان بالىلارغا ئېھتىياجى تۇغۇلىدىكەن. مۇشۇ ھەقتە كېڭەيتىپراق بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا. رەھمەت.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «خىتتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەش، تەرجىمانلىق قىلىش، ساياھەت ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش» كەبى بۇ خىل ئىشلارنى قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى كېڭەيتىپ جاۋاب بېرىشكە موھتاج ئەمەس. چۈنكى، بۇ دۈشمەنگە ۋە زالىمغا خىزمەت قىلىشنى، ئۇلارغا ئۆزىنى خار قىلىشنى، ئۇلارغا يانتاياق بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە «خىتتايلار زۇلۇم سالمايۋاتىدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارمايۋاتىدۇ» دېگەندەك چۈشەنچە بېرىدۇ ۋە شۇنداقلا «تاجاۋۇزچى خىتتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ قاقشاۋاتقان مىللىتىمىزنى يالغانغا چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاجاۋۇزچى خىتتاي ساياھەتچىلەرگە تەرجىمانلىق قىلىش ئۇلارنى قىمارخانا، پاھىشەخانا ۋە تۈرلۈك گۇناھ – مەئسىيەت سورۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا يالاقچىلىق، شوۋىكەشلىك قىلىشنى تەقەززا قىلسا، بارا – بارا شۇ قىلمىشلارنى ئۇلار بىلەن بىللە قىلىش، ھەتتا ئۇلار ئۈچۈن جاسۇس بولۇپ ئۆز قېرىنداشلىرىنى سېتىش بىلەن ئاياغلىشىدۇ. مەن دېمىسەممۇ، بۇ ئەمەلىي بولۇۋاتقان ئىشلار. بۇ جەھەتتىن بۇ تۈرلۈك خىزمەتلەر ئاللاھقا، رەسۇلىغا ۋە جىمى مۇسۇلمانلارغا خىيانەتتۇر. شۇڭا، بۇ ئىشنى شەرقىي تۈركىستانلىق بىر مۇسۇلمان ئەسلا قىلماسلىقى كېرەك، بىر ئاقىل، ۋىجدان ئىگىسىنىڭ، ياشلىرىمىزنىڭ بۇنىڭ ھۆكمىنى سوراپ ئولتۇرۇشى ھەم ئارتۇقچە. چۈنكى، بۇ ئىنسان تەبىئىتى، ۋىجدانى ئېنىق بىلەلەيدىغان، ھەربىر ساغلام ۋىجدان ئىگىسى قولىنى يۈرىكىگە قويسىلا ئېنىق بولىدىغان ئىشلار. خىتتايغا ئىشلەيدىغان بۇ تۈرلۈك كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە، ئۇلارنىڭ كىرىمى ھارام كىرىم بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىن ۋە داستىخانلىرىدىن تاماق يەپ سالماسلىققىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. «خىتتايلار بىلەن بىرلىشىپ شىركەت قۇرۇش»مۇ دۈشمەن بىلەن ھەمكارلىشىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. رەببىم مىللىتىمىزنى ساغلام تەبىئەتتىن ئايرىمىغاي! ئامىن.
385 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يېڭى سېلىنغان بىنالارنىڭ تاملىرى بەك نېپىز ئىكەن، يېڭى توي قىلغان قوشنىمىزنىڭ كارىۋاتتىكى پاراڭلىرى ۋە ئاۋازلىرى بەزىدە ئېنىقلا ئاڭلىنىپ قالىدۇ، بالىلىرىم بىلەن تاماق ئۈستىلىدە بىللە ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ قالغان چاغلار بولدى. بەكلا خىجىلچىلىقتا قالدىم… مۇشۇ ئەھۋالدا كىم گۇناھكار بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قەستەنلىك بولمىغاندىن كېيىن گۇناھ شەكىللەنمەس. قوشنىڭىزغا ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
386 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «دروپشىپپىڭ (Dropshipping)» سودا ئۇسۇلى شەرئەن توغرا ئەمەس» دېگەن ھۆكۈمنىڭ تەپسىلاتىنى ۋە سەۋەبىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ، ئاللاھ رازى بولسۇن. رەھمەت
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «دروپشىپپىڭ (Dropshipping) سودا ئۇسۇلى» شەرىئەت ئۆلچىمىدە ناتوغرىدۇر. شۇڭا، بۇ تىجارەتكە كىرىشتىن ئاۋۋال ھۆكمىنى بىلىش زۆرۈر. بولمىسا، بىر مۇددەتتىن كېيىن «توغرا ئەمەس ئىشنى قىلىپتۇق» دەپ يېنىشقا توغرا كېلىدۇ. «دروپشىپپىڭ (Dropshipping) سودا ئۇسۇلى»نىڭ شەرئەن توغرا بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى بۇ سودا «ئۆز ئىلكىدە بولمىغاننى سېتىش»تىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ سودىدا تېخى سودا قىلىپ ئالمىغان نەرسىنى باشقىلارغا ساتىدۇ. بۇ «(مەھسۇلاتنى ساتقاندا)، ئىلكىڭدە بولمىغاننى ساتما»(«نەسائىي»، 4627) دېگەن ھەدىستىكى چەكلىمە دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇ سودىدىكى ساتقۇچىنى ۋاسىتىچى دېگىلىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ساتقۇچى مەھسۇلاتنى ۋاستىچى سۈپىتىدە ئەمەس، ئۆزىنىڭ مۈلكى سۈپىتىدە ساتىدۇ. بۇنىڭدا يەنە ئۆزىنى مەھسۇلات ئىگىسى قىلىپ كۆرسىتىپ باشقىلارنى گوللاش ۋە تامۇژنا چىقىمىغا ئالاقىدار ئالدامچىلىق بىلەن ئېلان تەشۋىقاتىدىكى ئالدامچىلىقمۇ، يالغان باھا ۋە يالغان خېرىدارلارنى ياساپ ئىستېمالچىنى ئالداش كەبى ساختىلىقلارمۇ يوق ئەمەس.
387 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! بازاردا ساختا دوللارنى سېتىش ئەۋجىگە چىقىپتۇ. بىر قىسىم ياش بالىلار ئاسان پۇل تېپىش نىيتىدە ئالىدىكەن، كاپالى چارشى (Kapalıçarşı) دا ئالماشتۇرىدىكەن. ئۇ خىل دوللارلار ماشىندىن ئۆتكۈزۈزۈلسىمۇ بىلىنمەيدىكەن (يەنى قولدىن قولغا ئۆتىۋېرىدىكەن). مۇشۇنداق قىلىپ پۇل تېپىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ «ساختا دوللارنى مەن باسمىدىم، مەنمۇ پۇل بېرىپ ئالدىم، شۇڭا سېتىپ پۇل قىلسام جائىز» دېگەن كۆزقاراش توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ساختا پۇل ياساش، سېتىش، ھەتتا قولىغا مال سېتىش جەريانىدا كىرىپ قالغان ساختا پۇلنى باشقىلارغا سېتىۋېتىش، خېرىدارلارغا ئۆتكۈزۈۋېتىش، مەيلى قايسى تۈردىكى پۇل بولسۇن، ئېنىق ھارام ئىش. چۈنكى، بۇ ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋېلىش بولۇپ، بۇلار ھارامدۇر. رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس» دېگەن(«مۇسلىم»، 102). ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ھەقتىكى ئەمرى ئېنىق: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار! پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار! ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر. كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى (يەنى چەكلەنگەن ئىشلارنى) قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز﴾(4/«نىساﺋ»: 29، 30). شۇڭا، ساختا پۇلنى بازارغا سالغانلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلالىسا تېخى ياخشى. قىلالمىسا ساختا پۇلنى سېتىۋالغانلار ياكى قولىغا كىرىپ قالغانلار ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇۋېتىشى كېرەك. ئىگىسىنى تاپالمىسا، ئۇ ساختا پۇلنى يىرتىپ تاشلىۋېتىشى كېرەك. بۇرۇن بۇ ئىشلارنى قىلىپ، كېيىن «ھارام»لىقىنى بىلىپ تەۋبە قىلماقچى بولغانلار بىخەستە كىشىلەرگە ساتقان ساختا پۇلنىڭ ئورنىغا پۇل بېرىپ رازى قىلىشى كېرەك. ئۇلارنى تاپالمىسا، شۇنچىلىك پۇلنى ئۇلارنىڭ نامىدا سەدىقە قىلىشى لازىم. شۇنداقلا بۇ تىجارەتتىن قىلغان كىرىمىنىڭ ھەممىنى، ساۋاب ئۈمىد قىلماستىن، پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىپ قولىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك.
388 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋەتەندىكى «نىكاھ قونمايدۇ» دەيدىغان گەپلەرنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ يەنى نىكاھ قىلىنغان كېچىسى بىرگە بولمىغان قىز – يىگىتكە نىكاھ چۈشمەي قالامدۇ ياكى نىكاھ قىلىپ قويۇپلا ئايرىم تۇرسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۇ گەپنىڭ ئاساسى يوق. يەنە كېلىپ، ئادەت مەزگىلىدە بىللە بولۇش ھارام بولغاچقا، بۇ توي كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا ئەلبەتتە بىللە بولمايدۇ. يەنە باشقا ئالاھىدە ئەھۋال بولسا، بىللە بولمىسىمۇ ياكى ئايرىم تۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. نىكاھقا تەسىرى يوق.
389 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! توي مۇراسىمىدا ھەدىيە قوبۇل قىلىشنى خاھلىمىغانلىقتىن، مېھمانلاردىن ھەدىيە ئەكەلمەسلىكنى تەلەپ قىلسا دۇرۇسمۇ؟ «ھەدىيەلىشىڭلار» دېگەن ھەدىسكە زىت ئىش قىلغان بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەدىيە قوبۇل قىلىش مۇستەھەب. ھەدىيەنى رەت قىلىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ھەدىيە قوبۇل قىلىش ۋە قايتۇرما ھەدىيە قىلىش»تىن ئىبارەت سۈننىتىگە زىت. لېكىن، قەرز بولۇپ قالىدىغان ياكى مىننەت قىلىنىدىغان، ياكى باشقىچە بىر ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەدىيە قوبۇل قىلىشنى خاھلىمىسا، ئۆزرىسىنى بايان قىلىپ قويسا بولىدۇ.
390 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئايالىنىڭ سۆزىنى بەرگەن ئادەم قانچىلىك ۋاقىتقىچە يارىشىۋالسا نىكاھ كەتمەي يارىشىۋالالايدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. https://sajiya.biz/?p=3442
391 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەن چۈشىدە كۆرگەن مەسىلە توغرۇلۇق سورىماقچى ئىدىم: ئاخشام كىچىك قىزىمنىڭ ئىككى تەرەپكە ئۆرۈلگەن چېچىنى كېسىۋېتىپ چۈش كۆرۈپتىمەن. قىزىمنىڭ سالامەتلىكى سەل ئاجىزراق ئىدى، قانداقتۇر ئۆزۈم بىرخىل غەلىتە تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم ۋە سىزدىن سوراپ بېقىشنى ئويلاپ قالدىم. ئىلگىرى ساھابەلەر چۈشىدە چېچىنى چۈشۈرۈپمۇ ياكى قىسقارتىپمۇ كۆرگەن چۈشىنى بايان قىلغان مەزمۇنلىرى يادىمغا كېلىپ سوراشنى ئويلاپ قالدىم، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويغۇنۇم ئۈچۈن ئۆزرىخاھلىق سورايمەن، ئۇستاز!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. مەن چۈش تەبىرىنى بىلمەيمەن.
392 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ياخشىمۇسىز؟ مېنىڭ بىر يېقىن تونۇشۇم تۈركىيەدىن ۋەتەنگە ئاياللارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرنى توپ تارقىتىدۇ. يەنى، تۈركىيەدىن ئاياللارنىڭ كىيىمىنى ئېلىپ، ۋەتەندىكى سودىگەرلەرگە سېلىپ بېرىدۇ. بىلگىنىمىزدەك، ۋەتەندىكى ئاياللار ئىسلامغا ئۇيغۇن كىيىملەر بىلەن يۈرەلمەيدۇ. بۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇزۇن مۇراسىم كىيىملىرىنى سالارمىش. مەيلى مۇراسىم كىيىمى بولسۇن ياكى ئادەتتىكى كىيىم بولسۇن، ۋەتەندە ئۆلچەملىك ئىسلامغا ئۇيغۇن كىيىم كىيىش چەكلەنگەن. مۇشۇ كىيىملەرنى شۇ ئاياللار كىيسە، بۇ كىيىملەرنى سالغانلار گۇناھكار بولامدۇ؟ بۇ تىجارەتنى قىلىش توغرىمۇ؟ مۇشۇ سوئالىمغا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ۋەتەندە ئۆلچەملىك ئىسلامغا ئۇيغۇن كىيىم كىيىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندىن كېيىن، خىتتاينىڭ كىيىملىرىنى سېتىۋالغاندىن تۈركىيەدىن سېتىۋېلىش پايدىلىقراق بولغانلىقتىن ھەم ئاياللارنىڭ بۇ كىيىملەرنى ئاياللارئارا كىيىش ئېھتىمالىمۇ بولغاچقا، بۇ تۈرلۈك كىيىملەرنى ۋەتەنگە ئەۋەتىپ سېتىش جائىز. كىيىشتىكى مەسئۇلىيەت ئۇنى ئىختىيارىي ھالدا نامەھرەم ئالدىدا كىيگەن ئاياللارغا كېلىدۇ. بۇنى ۋەتەننىڭ شارائىتىنى كۆزدە تۇتمىغان نورمال شارائىتتا گۇناھ ئىشقا ياردىمى بولىدىغان سودا، دەپ چەكلەيدىغان پەتۋالارمۇ يوق ئەمەس بار.
393 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم! توردا بەزىلەر مۇھەممەد يۈسۈپ قارىمنىڭ «قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»گە توختىماي ئۇزۇن – ئۇزۇن ئوبزور – تەنقىدلەرنى يېزىۋاتىدۇ، بۇ توغرىمۇ؟ بۇ تەرجىمىگە ۋە ئوبزورلارغا دوكتور ئابدۇلئەزىز ئۇستازىمىز قانداق قارايدۇ، بىر جاۋاب بەرگەن بولسا. بىز بىر ئىشنى ئۆزىمىز قىلماي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭكىدىن قۇسۇر ئىزدىسەك گۇناھ بولمامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەرقانداق ئىلمىي ئەمگەك قۇسۇردىن خالىي بولمايدۇ. تەنقىدتە ئىلمىيلىك ئالدىنقى شەرتتۇر. بىر ئەسەرنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن چوقۇم «قارشى تەرەپ شۇنداق بىر كىتابنى يېزىپ بولۇپ، ئاندىن تەنقىد قىلسا ھېساب» دەيدىغان قائىدە يوق. ئىسلام ئىلىم تارىخىمىزدا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئەدەبىياتقا دائىر مەسىلىلەردە ئەدەبىي تەنقىد ئېلىپ بېرىش، ئىلمىي ئەسەرلەرگە قارشى ئىلمىي ئەسەر يېزىپ تەنقىد قىلىش، ھەتتا بىر تەفسىر يېزىلسا، شۇ تەفسىر ئۈچۈنلا ئاتاپ يەنە بىر تەفسىر يېزىپ مەخسۇس تەنقىدلەش بار ئىش. فىقھىي ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلىملىرىدىمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرگە يېزىلغان ھاشىيە، شەرھلەر بار. شۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىملىرىدا شۇ ساھەدىكى ئەسەرلەرنى جۈملىمۇ جۈملە، ئابزاسمۇ ئابزاس نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ ئىلمىي تەنقىد قىلغان ئىشلارمۇ كۆپ. شۇڭا، تەرجىمەگە تەنقىد – ئوبزورلارنىڭ يېزىلىشى ئىلمىي ساھەدە ناھايىتى تەبىئىي ئىش. مۇھىمى تەنقىدنىڭ ئورۇنلۇق تەرىپىدىن پايدىلىنىشنى بىلىش، ئورۇنسىز تەنقىدلەردىن ساقلىنىش. ناۋادا يېزىلغان تەنقىدتىن ئەمگەك ئىگىسى قايىل بولمىسا، ئۇ چاغدا ئىلمىي رەددىيە بەرسە، بۇ تەنقىدلىگۈچىگىمۇ ۋە جىمى ئوقۇرمەنلەرگىمۇ تولىمۇ پايدىلىق ئىش بولىدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندىمۇ، ئوقۇرمەنلەر تەنقىدنىڭ ئورۇنلۇق تەرەپلىرىدىن پايدىلانسا، بۇمۇ ئىلىمنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئىش بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم!
394 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بۇ قېتىمقى سايلامدا بېلەت تاشلاشقا كېلەلمەيدىغان چەتئەلدىكى قېرىنداشلارنىڭ بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئورنىغا ئەردوغاننىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ (مەن مۇشۇ كىشى شۇ دەپ) بېلەت تاشلىساق جائىز بولامدۇ؟ (بەزى ئاياللارنىڭ ئادرېسى مۇشۇ يەردە ئەمما ئۆزى چەتئەلدە، لېكىن ئاتايىن بېلەت تاشلاشقا كېلەلمەيدىكەن، شۇڭا سورىشىم).
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ساختىلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ساختىپەزلىك قىلىدىكەن، بىزدىن ئەمەس» دېگەن. شۇڭا، ئۇنداق قىلىش ھارام.
395 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئادەمنىڭ ئۆمرىنى مۇۋاپىق تەدبىر ئېلىش، داۋاملىق چېنىقىش، ئورگانىك غىزا، دورا يېيىش ۋە يۈرەك ئالماشتۇرۇش… دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ئۇزارتقىلى بولامدۇ؟ ئەجەل مۇئەللەق دېگەن قانداق گەپ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ھەقتائالا ھەربىر ئىنسانغا پۈتۈۋەتكەن ئەجەل بىر بولۇپ، خۇددى كېسەللىك، ھادىسە ياكى قەتل قىلىنىش بىلەن ئەجەل كېمىيىپ قالمىغىنىدەك، ساغلاملىققا رىئايە قىلىش بىلەن ئەجەل ئۇزىراپ قالمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالا شۇ سەۋەبلەرنى شۇ ئىنسانغا پۈتكەن.
396 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تاماق توشۇيدىغان كەسىپنى قىلىدىغانلار چوشقا گۆشى ئىشلىتىدىغان ياكى شۈبھىلىك ماددىلارنى ئىشلىتىدىغان ئاشخانىنىڭ تامىقىنى توشۇسا بولامدۇ؟ 100 پىرسەنت ئىشەنچىلىك ھالال بولمىغان ئاشخانىدا ئىشلىسە بولامدۇ؟ چىقىمى كىرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى كىرىمسىز بولسىلا، «زۆرۈرىيەت ھالىغا چۈشۈپ قالدىم» دەپ ھالال بولمىغان ئاشخانىدا ئىشلىسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولمايدۇ. ھارامدىن، شۈبھىدىن يىراق تۇرۇش ۋاجىب. «زۆرۈرىيەت» دېگىنىمىز شۇ كىرىمنى قىلمىسا، ئاچ، يالىڭاچ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
397 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز ھەرەمگە ئۆمرە بىلەن بىللە ھەج ئۈچۈن كەلگەن. بەزىلەر: «كېلىپ ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆمرە بىلەن ھەج ئارىلىقىدا باشقا ئۆمرە قىلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم ھەجگە قەدەر ئۆمرە قىلماي ساقلاپ تۇرۇش كېرەك» دېيىشىۋاتىدۇ. ئۆمرە قىلساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەج تەمەتتۇئ قىلغان كىشى يەنى بىر سەپەردە ئۆمرە قىلىپ بولۇپ ۋەتەنگە قايتماي ھەج قىلماقچى بولغان كىشى ھەج ۋاقتى كەلگۈچە خاھلىغانچە نەچچە قېتىم ئۆمرە قىلسا بولىدۇ. مەدىنەدىن ياكى تائىفتىن مەككەگە بارسا ياكى مەككەدە تۇرۇپ «ئائىشە مەسجىد»كە چىقىپ ئىھرام باغلاپ كىرىپ ئۆمرە قىلسا بولىدۇ. بۇنى چەكلەش بىغەرەزلىك. دىندا بىلمەي ھۆكۈم پىچىش جىنايەت.
398 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەرەمگە كەلگەنلەر ۋاپات بولغان ياكى كېلەلمەيدىغان ئاتا – ئانا ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلار ئۈچۈن تاۋاپ قىلىپ قويساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ.
399 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كىتابتا: «ئايال كىشىنىڭ ھەجگە بېرىشىغا ئېرى رۇخسەت قىلمىسا، باشقا مەھرەملىرى بىلەن ھەجگە بارسا بولىدۇ» دەپتۇ، راست شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەر كىشى ئۆز ئىقتىسادى بىلەن پەرز ھەجگە بىرەر مەھرىمى بىلەن بارماقچى بولغان ئايالىنى توسالمايدۇ. ئەگەر توسۇۋالسا، بەش ۋاقىت نامازدىن، پەرز روزىدىن توسقاندەكلا گۇناھكار بولىدۇ. تېنى ساغلام، خىراجەتكە قۇربى يەتكەنلىكتىن ھەج پەرز بولغان ئايال ئېرى رۇخسەت قىلمىسىمۇ، ئوغلى، قېرىندىشى ياكى كۈيئوغلىدەك بىرەر مەھرەم تېپىلغان ئەھۋالدا ھەجگە بېرىشى پەرز. ئېرى بىللە بارالىسا، بىللە بېرىشى كېرەك، ئەگەر بارالمىسا، بىرەر مەھرەم بىلەن بىللە يولغا سالىدۇ. ئېرى بىللە بارمىغان ئەھۋالدا، مەھرەمسىز بارسا بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ ئېرى ياكى مەھرىمى بىللە بېرىش شەرتىمۇ ھەجنىڭ پەرز بولۇش شەرتىدۇر. بىللە بارىدىغان ئېرى ياكى مەھرىمى تېپىلمىسا ئۇ ئايالغا ھەج پەرز بولمايدۇ. بۇمۇ بىر تەرەپتىن يول بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاياللارغا خاس شەرت.
400 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان جاينامازدا ناماز ئوقۇش جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. جايناماز ۋە بىساتلارغا ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى، ئايەتلىرىنى ۋە رەسۇلىنىڭ ئىسمىنى يېزىش، نەقشىلەش جائىز ئەمەس. چۈنكى، جاينامازلار ۋە بىساتلار دەسسىلىدىغان ۋە ئۈستىدە ئولتۇرۇلىدىغان بولغاچقا، بۇ ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى، ئايەتلىرىنى ۋە رەسۇلىنى ئۇلۇغلاشقا زىت كېلىدۇ.