ئىككىنچى-قېتىملىق-رامازانلىق-زۆرۈر-بولغان-دىنىي-مەسىلىلەردە-پەتىۋا-ۋە-مەسلىھەت-بېرىش-خىزمىتى-

ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

201 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىمتىھانغا كىرىدىغان پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن سۇغا 313 قېتىم «ئايەتەلكۇرسى»نى ئوقۇپ ئىچۈرگىنىمىز توغرىمىدۇ؟ ئاللاھ سىلىدىن ئىككى دۇنيا رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇنداق بىر كۆرسەتمە يوق. ياخشى دۇئا قىلىپ، ياخشى تەييارلىق قىلىپ كىرسە بولىدۇ.

202 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئېتىكاپ توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا بوپتىكەن. ئاياللار ئۆيدە بىر ئۆينى ناماز ئۆيى قىلىپ ئولتۇرسا تاماق ئەتسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى» تورىدىكى «ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا دائىر ئەھكاملار»دىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=1984&uls=uu

203 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن چوقۇم ئۇخلىشىمىز شەرتمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شەرت ئەمەس.

204 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ قەدر كېچىسىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. قەدر كېچىسىنىڭ سەھىھ ئالامەتلىرى «ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامازان (مۇبارەك رامازان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)»دا بايان قىلىنغان: https://sajiya.biz/?p=1430&uls=uu

205 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! دۇكانغا مەشھۇر كىشىلەرنىڭ رەسىمىنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە «غازىباي» ياكى «مەھمۇد قەشقەرى» دېگەندەك ئالىملىرىمىزنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن گىلەملەرنى ئېسىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئالىملىرىمىزنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن گىلەملەرنى، جازىلارنى ئېسىشقا بولمايدۇ. ئالىملىرىمىزنى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە تەتقىقاتلىرىنى تونۇشتۇرغان ئىلمىي تەشۋىقات ۋە تەتقىقاتلار بىلەن تونۇشتۇرساق بولىدۇ.

206 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ھەدىمىز بىلمىگەنلىكتىن ئالدىنقى ئىككى يىلدا زاكات بەرگەندە، 85 گرام ئالتۇننىڭ ئاشقان قىسمىغىلا زاكات بېرىپ، 85 گرامغا بەرمەپتىكەن. بۇ يىل ئۇنداق قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. لېكىن، ئۆتكەن ئىككى يىلدىكى 85 گرامغا ھەم بۇ يىلغا بېرىشكە تېگىشلىك زاكاتنى بىراقلا ئايرىشقا كۈچى يەتمەي قاپتۇ. شۇڭا، ئالدىدا قېلىپ قالغان زاكاتنى سەل كېچىكتۈرۈپ (تەخمىنەن بىرەر ئاي كېچىكتۈرۈپ) بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قولىدا ئالتۇن بار بولغاندىن كېيىن، زاكاتنى كېچىكتۈرمەي دەرھال بېرىۋېتىشى زۆرۈر. جان تەندە ئامانەت. قولىدا نەق پۇل بولمىسا، ئالتۇننى سېتىپ ياكى ئالتۇننىڭ ئۆزىنى ياكى پۇل قەرز ئېلىپ تۇرۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

207 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بۇرۇن باشقىلارنىڭ ھەققىنى بىلىپ تۇرۇپ يەۋالغان كىشى تەۋبە قىلغىنىدا، ئۇ ھەقلەرنى قايتۇرۇش ئىمكانيىتى بولمىسا، قانداق قىلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەق ئىگىلىرىنى ۋاقتىنچە تاپالماي قېلىپ كېيىنچە تاپقىلى بولىدىغان بولسا، پۇلنى قولىدا ئامانەت ساقلاپ قويۇپ كېيىن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ھەق ئىگىلىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، مىراسخورلىرىغا قايتۇرۇش كېرەك. ھەق ئىگىلىرىنىڭ كىملىكىنى بىلمىسە ياكى بىلسىمۇ تاپالمايدىغان بولسا، ئۇلارغا ئاتاپ سەدىقە قىلىۋېتىدۇ.

208 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! مەزھەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر خېلىلا چوڭكەن، قىيامەتتە ئۇنىڭ بىرىلا توغرا بولۇپ باشقىلىرى خاتا بولۇپ قالسا، بىز نادان خەلق جاۋابكار بولامدۇق؟ مەسىلەن، «شافىئىي» مەزھەبتە ئايالىنى تۇتسىلا تاھارەت سۇنارمىش، بىزدە سۆيۈشسىمۇ ھېچنىمە بولمايدىكەن. يەنە بەزى مەزھەبتە ساقال ۋاجىب، ئەمما باشقىسىدا ئۇنداق ئەمەس، بىرىدە قۇرئانغا قاراپ ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولسا، يەنە بىرىدە «ياق» دەيدىكەن. بەزىسىدە «يۈزىنى ياپىدۇ» دېسە، باشقىسى «ياق، ئەۋرەت ئەمەس» دەيدىكەن. مۇشۇنداق زىددىيەتلەرنىڭ قىيامەتتە بىرىلا توغرا بولامدۇ ياكى ھەممىسى توغرىمۇ؟ بىز خاتاسىنى تاللاپ قالساق، قانداق قىلىمىز؟ خاتا سوراپ قالغان بولسام، خاپا بولماي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ «ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمى»دىكى مەشھۇر مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئىمام شەۋكانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «ئىرشادۇلفۇھۇل» ناملىق ئەسەرىدە بايان قىلغىنىدەك، ئۆلىمالىرىمىز كېسىپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەردە بىر قىسىم ئالىملار: «ھەربىر مۇجتەھىدنىڭ ئىجتىھادىي مەسىلىلەردىكى ھەربىر قارىشى ھەق، ھەممىسى توغرىنى تاپقان» دەپ قارايدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي قاتارلىق ئالىملار: «ھەق بىرلا قاراشتا، بىزگە ئېنىق مەلۇم ئەمەس، ئەمما ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېنىق بىرى. چۈنكى، بىر ئىش بىرلا ۋاقىتتا ھەم ھارام، ھەم ھالال بولۇشى مۇھال. ساھابە كىراملارمۇ بەزىبىر مەسىلىلەردە بىرى يەنە بىرىنىڭ قارىشىنى خاتا دېيىشەتتى. بىرى يەنە بىرىگە ئېتىراز قىلىشاتتى. ھەربىرىنىڭ قارىشى ھەق بولىدىغان بولسا، خاتا دېيىش توغرا بولماستى» دېگەن.

«ئەگەر ھاكىم ئىجتىھاد قىلىپ ھۆكۈم چىقارغىنىدا، ھەق ھۆكۈمنى دەل تاپالىسا، ئىككى ئەجرگە ئېرىشىدۇ. ئەگەر ئىجتىھاد قىلىپ ھۆكۈم چىقارغىنىدا، خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قالسا، بىر ئەجرگە ئېرىشىدۇ»(بۇخارىي، 7352) دېگەن ھەدىسمۇ مۇشۇ كېيىنكى قاراشنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىجتىھادتا خاتا كەتكەنگە ۋەياكى مۇجتەھىدكە ئەگەشكەنگە جاۋابكارلىققا تارتىلىش بولمايدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا سىناق، مۇجتەھىد دەلىلگە ئەگەشمىسە، جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئاۋام خەلق ئىشەنچ قىلىدىغان ئىلىم ئەھلىگە ئەگەشمەي ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەگەشسە، ئاندىن جاۋابكار بولىدۇ.

209 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! نامازدا كۈلۈپ سالسا ۋە بۇنى ياندىكى كىشى ئاڭلىسا، تاھارەت بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەنەفىي مەزھەبتە ناماز ئىچىدە قاقاھلاپ ياكى يېنىدىكى كىشى ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە كۈلۈش ھەم نامازنى، ھەم تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. بۇلار تاھارەتنى بۇزىدىغانلىقىغا كەلتۈرگەن دەلىل زەئىف بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ «نامازدا كۈلۈش تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ» دېگەن قارىشىغا كەلتۈرگەن دەلىلى كۈچلۈك. ئەمەلىيەتتە، كۈلۈش پەقەت ئەيمىنىپ تۇرۇش (يەنى خۇشۇﺋ) نىلا بۇزۇۋېتىدۇ.

210 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قۇنۇت دۇئاسىنى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ سەجدىگە بارغان بولساق، نامازنى قايتىدىن ئوقۇيمىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەگەر قۇنۇت ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ رۇكۇغا كېتىپ قالغان بولسا، ئارقىغا قايتمايدۇ. قۇنۇتنى رۇكۇدىن كېيىن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇنۇتنى رۇكۇدىن بۇرۇن ئوقۇغانلىقىمۇ، كېيىن ئوقۇغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنغان. ھەر ئىككىلا مەزمۇندىكى ھەدىسلەر سەھىھ. شۇڭا، قايسى خىل ئۇسۇلدا ئوقۇسا بولىدۇ، ھەر ئىككىلىسى دۇرۇس. سەجدىگە بارغاندا يادىغا كەلسە، «سەجدىدە كۆپ دۇئا قىلىڭلار» دېگەن ھەدىس بار، دەپ قۇنۇت دۇئاسىنى سەجدىدە قىلىۋەتسە بولمايدۇ. سەجدىدىن كېيىن يادىغا كەلسە، تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا قىلىۋەتسىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، قۇنۇت ئەرەبچىدە: «ئىتائەت قىلماق، ناماز ئوقۇماق، جىم تۇرماق، ئۆرە تۇرماق ۋە دۇئا قىلماق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «پەرز، نەفلە ۋە ۋىتر نامازلىرىنىڭ ئاخىرقى رەكئەتىدە رۇكۇئتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا»دۇر. شۇڭا، سەجدىدە ياكى تەشەھھۇدتا ئوقۇلغان دۇئا قۇنۇت بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا قۇنۇت ئوقۇش تەرك قىلىنغانلىقتىن، سەجدە سەھۋە قىلىش كېرەك بولىدۇ.

211 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر تۈرك دوستۇمنىڭ ئانىسىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئىكەن، شۇڭا ئۇ دوستۇم فىتر زاكىتىنى ئانىسىغا بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. زاكىتىنى ياكى فىتر سەدىقىسىنى ئانىسىغا بەرسە بولمايدۇ، بەلكى ئانىسىنى زاكاتقا موھتاج قىلماي بېقىشى لازىم ھەمدە ئانىسىنىڭ فىتر سەدىقىسىنىمۇ بېرىپ قويۇشى كېرەك.

212 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! قانداق ئادەملەر پېقىر، مىسكىن بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پېقىرلار — كەسپ قىلىشقا قۇدرىتى يەتمىگەنلىكتىن ھېچقانداق مالغا ئىگە بولالمىغان ياكى يېنىدا ئاز مال بولۇپ، زۆرۈرىي ئېھتىياجلىرىغا يەتمەيدىغان كىشىلەردۇر. مىسكىنلەر بولسا پېقىرلارغا قارىغاندا ھال – ئوقىتى سەل ياخشى بولغان، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ زۆرۈرىي ئېھتىياجلىرىنى قامدىغۇدەك نەرسىلەرگە ئىگە بولالمىغان، باشقىلاردىنمۇ سورىيالمايدىغان كىشىلەردۇر.

213 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سۇغۇرتا ياتقۇزۇپ پېنسىيەگە چىققاندا، پېنسىيە مائاشى ئېلىش بۈگۈنكى دۇنيادا ئومۇملاشتى ھەم دوختۇرخانىلاردا پايدىسى بار. بۇ دۇرۇسمۇ؟ گەنەل سۇغۇرتىچۇ؟ تۈركىيەدىكى بەزى موللاملار «بولىدۇ» دەيدىكەن. نېمە دەلىلى باردۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سۇغۇرتىلارنىڭ ھەممىسى دۇرۇس ئەمەس. گەنەل سۇغۇرتا يەنى گەنەل ساقلىق سۇغۇرتىسى (GSS) مەجبۇر بولغاچقا، «مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقتىن گۇناھ بولمايدۇ» دەيمىز. «قۇرئان كەرىم» دىكى ﴿كىمكى مەجبۇر بولۇپ، ئىلاجسىزلىقتىن چەكتىن ئاشمىغان ھالدا يېسە، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر﴾(6/«ئەنئام»: 145) دېگەن كۆرسەتمىمۇ شۇنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئەسلىدە ئۇمۇ توغرا ئەمەس. يەنە ماشىنىنىڭ سۇغۇرتىسىمۇ مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈن جائىز، لېكىن كاسكو (Kasko) جائىز ئەمەس. ئومۇمەن، ئىختىيارى ھالەتتە بېجىرىدىغان سۇغۇرتىلار ھەممىسى ئوخشاش چەكلىنىدۇ. چۈنكى، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئالىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۇغۇرتىلارنى ھارام دەيدۇ. ئەمدى تۈركىيەدە «جائىز بولىدۇ» دەيدىغانلار بولسا، ئۆزلىرى شۇلاردىن «نېمە دەلىلىڭىز بار» دەپ سوراپ باقسىلا بولىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايلا: https://sajiya.biz/?p=3014&uls=uu

214 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! بۇرۇن ماشىنىنىڭ كاسكوسىنى جائىز ئەمەسلىكىنى بىلمەي ئالغان ئىدىم. بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىلمەي ماشىنىغا كاسكو (Kasko) سۇغۇرتىسى قىلىپ قالغان بولسا، ئۇ بىلمەسلىكتىن بولدى كەتتى، تەۋبە – ئىستىغپار ئېيتىش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن قىلدۇرمىسا بولىدۇ.

215 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەر كىشىنىڭ بەرگەن پۇلى ئۆينىڭ چىقىمىغا يەتمىسە، ئەر كىشىنىڭ ئۆيگە قويۇپ قويغان پۇلىدىن ئېھتىياجغا تۇشلۇق ئېلىپ ئۆيگە، بالىلىرىمىزغا خەجلىسەك بولامدۇ؟ «پۇل» دېسە، بېشى ئاغرىيدىغان ئەرلەرنىڭ يانچۇقىدىن زۆرۈر ئېھتىياجلىققا تۇشلۇق پۇل ئېلىپ خەجلىسە بولامدۇ؟ مەن ھىند رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھتىن مۇشۇنداق سورىغاندا، «ئۇلارغا مۇۋاپىق مىقداردا يېگۈزسىڭىز، سىزگە گۇناھ بولمايدۇ» دېگەننى ئوقۇغانتىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شۇنداق. سىلى دېگەندەك، ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە، بېخىل ئەرلەرنىڭ يانچۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا زۆرۈر ئېھتىياجىغا، ئۆينىڭ چىقىمىغا ئېلىپ خەجلىسە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿كىمكى يوقسۇل ئىكەن، مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن﴾(4/«نىساﺋ»: 6) دېگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىند رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ئۆزىڭىزگە ۋە بالىڭىزغا يەتكۈدەك نەرسىنى مۇۋاپىق ئېلىڭ» دېگەن(«سەھىھەين»).

216 – سوئال: ئۇستاز! يەنە بىر سوئالىم: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەرلەرگە قارىتا: «نېمە يېسەڭ، ئايالىڭغىمۇ شۇنى يېگۈز. نېمە كىيسەڭ، ئايالىڭغىمۇ شۇنى كىيدۈر» دېگەن مەزمۇندا كۆرسەتمە بېرىپتىكەن. بۇ ھەدىسكە قارىغاندا، ئەرلەر ئاياللارغا بەك قەرزدار بولۇپ كېتىدىكەن. ئاياللار ئىككى تال قارا ئۇزۇن كۆڭلەك (عباية) كىيسەك بولدى، ئەرلەر بولسا «مەن سىرتتا يۈرگەندىكىن» دەپ، داۋاملىق كىيىم – كېچەك ئېلىپ تۇرىدۇ. داۋاملىق «ئاشخانىدىن ئاغىنە بالىلار بىلەن كاۋاپ يەپ كەلدۇق» دەيدۇ. بۇنى ھېسابلىساق، ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھەققىنى قانداق قىلسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «نېمە يېسەڭ، شۇنى يېگۈز. نېمە كىيسەڭ، شۇنى كىيگۈز» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسكە ئۇيغۇن ئىش قىلغان بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «ئاياللىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى نېمىلەر؟» دەپ سورىغانلارغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تاماق يېگەندە ئۇنىڭغىمۇ يېگۈزۈشۈڭ، كىيىم كىيگەندە ئۇنىڭغىمۇ كىيگۈزۈشۈڭ، يۈزىگە ئۇرماسلىقىڭ، سەت گەپ بىلەن تىللىماسلىقىڭ، بىر تۆشەكتە بىللە ياتماسلىق چارىسىنى قوللانغاندا، ياتىدىغان يەردىن باشقا يەردە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىڭ»(ئەبۇ داۋۇد، 2142) دەپ جاۋاب بەرگەن.

بۇ كۆرسەتمە ئايالىنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەفىقەلىرى ۋە ھەقلىرى ھەققىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاپىلىشى بولۇپ، ئايالىنىڭ خىراجىتىنى ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە تەڭ سەۋىيەدە قىلىپ بېرىشنى، ئومۇم جەھەتتىن ئېھتىياجىنى ئالاھىدە پەرقسىز قامداشنى كۆرسىتىدۇ. ھەر قېتىم ئۆزى يېگەندە ئوخشاش تۈردىكى تاماقنى يېگۈزۈشنى ياكى كىيگەندە ئوخشاش كىيىمنى كىيگۈزۈشى كۆرسەتمەيدۇ.

217 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سەدىقە فىترنى بىر ئادەم ئۈچۈن گۈرۈچتىن قانچە كىلو بەرسەك بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. 2 كىلو بەرسىلە بولىدۇ. چۈنكى، سەدىقە فىترنى ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن شۇ يۇرتنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقلىرىدىن ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋ (2040 گرام) مىقدارىدا ئاشلىق ياكى ئۇنىڭ قىممىتىدە نەق پۇل بەرسەك بولىدۇ.

218 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ دىن دۈشمەنلىرى ئىسلامنى دۇنياغا سەت كۆرسىتىش، ئىنسانلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن مىليونلاپ بەلكى مىلياردلاپ پۇللارنى سەرپ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىمىزدە، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى يۈز بەرگەن، پۈتۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەس – بەستە تارقالغان، قىسقىغىنە 24 سائەت ئىچىدە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مىليارد قېتىم كۆرۈلگەن، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بەس – بەستە قويۇلغان، نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ بۇ ھەقتە ئويلىنىشىغا، تەپەككۇر قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئالجىرىيەلىك ئىمام «ۋەلىد مىھساس» دېگەن كىشى تەراۋىھ نامىزى ئوقۇۋاتقاندا، بىر ئوماق مۈشۈكنىڭ ئىمامنىڭ مۈرىسىگە چىقىپ، ئىمام 6/«ئەنئام»نىڭ 149 – ئايىتىنى ئوقۇۋاتقاندا، مەڭزىگە سۆيۈپ قويۇپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت تولىمۇ تەسىرلىك بىر ۋىدىيودىن سىلىمۇ بىخەۋەر بولمىسىلا كېرەك. بۇ ۋىدىيو ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق ئۆلىمالار سۆزلىگەن بولدى. مۇشۇ ۋىدىيو بىزگە قانداق دەرس بېرىدۇ؟ ئۇشبۇ ئۇلۇغ رامازان كۈنلىرىدە بۇ ۋىدىيونىڭ قىسقىغىنە بىر سوتكىدا بۇ قەدەر كەڭ تارقىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ سىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرى قانداق؟ بۇ ھەقتە بىزگە قانداق نەسىھەتلىرى بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. 20 سېكۇنتلۇق بۇ سىن دىنسىزلىق، ئاتېئىزم ۋە ئىسلام ئۆچمەنلىكى سىڭگەن تەشۋىقات ئەدەپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا رېكوردنى بۇزۇشى ئىسلام دىنىمىزنىڭ گۈزەللىكىنىڭ، رەھمەت ۋە مېھىر – شەپقەت دىنى ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى، ئاللاھنىڭ ئۆز دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ھەردائىم پۈتۈن ئىنسانىيەتكە كۆرسىتىپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ بىر ئۆرنىكى. بۇ سىن پۈتۈن ھايۋانلارنىڭ ھەتتا جانسىز تاش – تاغلاردەك مەخلۇقلارنىڭمۇ تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كالامىدىن تەسىرلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ئەسلىتىدۇ. پۈتۈن كائىنات ئاللاھنى تونۇيدىغانلىقىنى بىرلىكتە قۇللۇق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ئىسلامنى بىلمىگەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ زەھەرلىك تەشۋىقاتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارمۇ ھەيران قاپتۇ. ئىمامنىڭ تەبىئىيلىكى، مېھرى ۋە تىلاۋەت قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ كىچىك بىر ۋەقەنىڭ كەڭ تارقىلىشىدا ئاللاھنىڭ تەۋفىقى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پىلانلىق سۈرەتكە ئېلىنمىغان بۇ سىن قانداق بولۇپ بۇ دەرىجىدە كەڭ تارقىلىپ كېتىدۇ؟ ئەڭ ھەيران قالارلىقى مۈشۈك ئىمامنىڭ مەڭزىنى ۋە تىلاۋەت قىلغان ئاغزىنى سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن شۇ رۇﺑﺌ (بىر پارىنىڭ 8 دىن بىرىدىن ئىبارەت بىر بۆلۈكى) نىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئىمامنىڭ رۇكۇغا بېرىشىنى بىلگەندەك، گەرچە ئىمام چۈشۈرۈۋەتمىسىمۇ، رۇكۇئتىن بىر سېكۇنت بۇرۇنلا دەرھال مۈرىسىدىن چۈشۈپ كېتىشىنى قانداق ئىزاھلايمىز؟ بۇ سىننىڭ سۈرە ئىسمى بىلەن، تىلاۋەت قىلىنغان كافىرلارغا خىتاب قىلغان 147 – 149 – ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھايۋاناتلارغا قارىتا رەھمەت ۋە مېھىر – شەپقىتى قانداق ئىدى؟… دېگەندەك سوئاللار سورىلىشقا باشلىدى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسلامنى تونۇشىغا سەۋەبمۇ بولدى. لېكىن، بۇ تۈرلۈك گۈزەل كۆرۈنۈش بىز مۇسۇلمانلارغا ئىنتايىن تەبىئىي بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ھەردائىمدىكىدەك، دىن دۈشمەنلىرى، نىفاق ئەھلى، كافىر گۇيلار بىئارام بولغان ۋە ئىمامنى تېرورچى، نامىزى بۇزۇلسىمۇ ناماز ئوقۇغان دېگەندەك تۈرلۈك قارىلاشلار بىلەن نەشتەر سانجىماي تۇرالمىغان ۋە چىدىمىغان. جېنىم قول ئىلكىدە بولغان زات ھەقىقەتەنمۇ ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

219 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يولدىشىمنىڭ كىچىك تىجارىتى بار، ئەمما ئۇ تىجارەتتە يېقىندىن بۇيان بەك پايدا بولمىغاچقا، ھازىر شېرىكىنىڭ دەسمايىسىنى تۇتۇپ تۇرغان ماللارلا قولىدا بار، ئۆزىنىڭ پېيى يوق. مېنىڭ ئايلىق مائاشىمدىن ئانچە – مۇنچە تىجارىتىگە ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدىشىمنىڭ قەرزى بار، ھەممىسى شۇ تىجارەتنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئالغان قەرزلەر ئىدى. مەن فىدىيە پۇلنى يولدىشىمنىڭ تۈركىيەدىكى تۇغقانلىرىغا بەرمەكچى ئىدىم، ئەمما يولدىشىم: «يىل چىققۇچە بېرەيلى، پۇلنى ھازىر ئۆزىمىز ئىشلىتىپ تۇرايلى» دەيدۇ. چۈنكى، دەسمايە كەملىك سەۋەبتىن ئۇنىڭ تىجارىتى بەك ئاقساپ قالدى. مەن بولسام: «بەرگۈدەك پۇل بار بولغاچقا، رامازاندا بېرىۋېتەي» دېسەم، يولدىشىم: «ماڭا پۇل لازىملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، مېنى قىيىن ئەھۋالدا قويدۇڭ، باش – باشتاقلىق قىلىپ ئۆزۈڭ بىلگەنچە پۇل ھەققىدە ھۆكۈم قىلدىڭ» دەپ مەندىن ئاغرىنىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ مېنىڭ مائاشىمدىن كىرگەن شەخسىي پۇل. بۇ ئەھۋالدا مەن فىدىيەنى رامازان ئىچىدە بېرىۋەتكىنىم ياخشىمۇ ياكى ئەر – ئايالنىڭ قېيدىشىپ قالماسلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، كېلەر يىلى رامازانغىچە سوزۇپ بەرسەممۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شەخسىي پۇلىڭىزنىڭ زاكىتىنى ۋە فىدىيە پۇلنى سىز ئۆزىڭىز كېچىكتۈرمەي رامازان ئىچىدە بېرىۋېتىشىڭىز كېرەك. ئېرىڭىز قەرزدار بولغانلىقتىن زاكات ئېلىشقا ئېھتىياجى بولسا، ئۇ پۇللارنى ئېرىڭىزغا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. زاكاتقا لايىق بولمىسا، دەرھال باشقىلارغا بېرىۋېتىسىز.

220 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئائىلىگە ۋاجىب بولغان سەدىقە فىترنى ئائىلە بېشى بولغان ئەر بېرىدىغۇ؟ ئەمدى ئۇ ئەر قەرزدار ھەم مىسكىن بولسا، ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ فىتر سەدىقىسىنى باشقىلارغا بەرمەي ئۆزىگە بەرسە دۇرۇسمۇ؟ ياكى چوقۇم باشقا پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆزىنىڭ سەدىقە فىتىرىنى ئۆزىگە بېرىش يوق. ھەنەفىي مەزھىبىدە سەدىقە فىترنى زاكات بېرىش دەرىجىسىگە يەتكەن كىشىلا بېرىدۇ، قەرزدار مىسكىن، كەمبەغەل بەرمەيدۇ. چۈنكى، زاكات بېرىش بىلەن ئېلىش بىر كىشىدە جەم بولمايدۇ. ئايالى زاكات بېرىش دەرىجىسىگە يەتكەن بولسا، ئايالىغا ئۆزىگە تېگىشلىك سەدىقە فىترنى ئادا قىلىش ۋاجىب بولىدۇ ۋە ئۇنى زاكات ئېلىشقا لايىق بولغان ئېرىگە بەرسە جائىز بولىدۇ. باشقا مەزھەب نەزەرىدىمۇ ئۆزىنىڭ سەدىقە فىتىرىنى ئۆزىگە بېرىش يوق.

221 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سوئال – جاۋابلارنى ئوقۇپ چىقتىم، ئاساسەن ئاياللار سوراپتۇ، ئەرلەر بەك بىلەمدىغاندۇ ياكى دىنىمىزغا ئاياللاردەك كۆڭۈل بۆلمەمدىغاندۇ؟ ئەر – ئايال ئوتتۇرىدا جېدەل چىقسىمۇ، ئاساسەن ئاياللارنى سەبىر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدىكەن، ئەرلەرنىڭ «مەن ئايالىمنى بوزەك قىلىپ سالغانتىم، گۇناھىمنى قانداق يۇيىمەن؟» دېگىنىنى ئاساسەن ئاڭلىمىدۇق. سوئالىم: بىر ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدە قانداق ھەققى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى بار؟ ئاياللارنىڭچۇ؟ بىزدەك مەزلۇم ئاياللارنىڭ ئاللاھتىن قالسا، مۇھاجىرەتتە سىلىدەك ئۆلىمالىرىمىزدىن باشقا يۆلەنچۈكىمىز يوق. ئەرلەرگە بەكرەك نەسىھەت قىلىپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئومۇمەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى بېقىش ۋە ئاسراش، ئۇلارنى بوزەك قىلماسلىق، ئۇلارغا چىرايلىق رەۋىشتە مۇئامىلە قىلىش، بولۇپمۇ ئاتا – ئانا ۋە تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغان مۇھاجىرەتتىكى بۇ شارائىتىمىزدا ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.

222 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. بىز بۇ يىل ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىۋاتقان، ھەجگە كېتىدىغان چىقىمنىڭ بىر قىسمىنى مۇنداق ھەل قىلساق بولامدۇ؟

مەن ئۇزۇن يىلنىڭ ياقى بىر تۈرك شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان، شىركەت باشلىقىنىڭ رازىلىقى بىلەن kıdem Tazminatı (ئۇيغۇرچە خاتا چۈشەندۈرۈپ قويماي دەپ ئۇدۇل تۈركچە ئاتالغۇسىنى قوللاندىم) ھەققىمنى چىقىرىپ، «چىقىمنىڭ كەم قالغان قىسىمىغا ئىشلەتسەم» دەپ ئويلىغان. مۇنداق قىلىشقا بولامدۇ؟ ئەلبەتتە ھەج ئىقتىساد يار بەرمىگەن كىشىلەرگە پەرز ئەمەس، لېكىن بۇ يىل ھەج ۋاقتى بالىلارنىڭ تەتىل ۋاقتىغا ئۇدۇل كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىللىق پۇرسەت بىزگە بىر ئاز قولايلىق بولاتتى.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. خىزمەتنى ئاياغلاشتۇرۇش تۆلىمى ياكى مۇكاپاتى (kıdem Tazminatı) بىر ئورۇندا مەلۇم مۇددەت ئىشلىگەندىن كېيىن ئىشتىن توختىغاندا، خىزمەت قىلغان يىللارنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلەتكۈچى تەرەپتىن ئىشلىگۈچىگە بېرىلىدىغان پۇل بولۇپ، بۇ قانۇن ۋە ئۆرپ جەھەتتىن مەجبۇرىيدۇر. شەرئىي جەھەتتىن بۇ «ئىشلىگۈچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ بىر قىسمى ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ مۇكاپاتى» دەپ قارىلىدۇ. بۇ پۇلنى ئېلىشقا توختاملاشقان بولسا ياكى قانۇن ۋە ئۆرپ شۇنداق بولسا، ئىشلەتكۈچى ئۇنى ئىشلىگۈچىگە بېرىشى كېرەك. بەرمىسە، ئىشلىگۈچىنىڭ تەلەپ قىلىشى ئورۇنلۇق. «ئالمايمەن» دېسە، ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇنى ئېلىپ ھەجگە ۋە باشقا خىراجەتكە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

223 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئالتۇن زىبۇزىننەت زاكات بېرىش نىسابىغا يەتمىسە، يېنىدا دوللار ياكى لىرا بولسا، دوللار ياكى لىرامۇ ئايرىم ھالەتتە زاكات بېرىش نىسابىغا يەتمەيدۇ. ئەمما، ئالتۇن بىلەن دوللارنى ياكى ئالتۇن بىلەن لىرانى قوشۇپ ھېسابلىسا، ئاندىن زاكات بېرىش نىسابىغا يەتسە، بۇنىڭغا زاكات كېلىدىكەن. نېمىشقا ئالتۇن زىبۇزىننەت ياكى دوللار، ياكى لىرا ئۆز ئالدىغا نىسابىغا يەتكەندە ئاندىن زاكات ئايرىلمايدۇ؟ خۇددى ئالتۇننىڭ زاكات نىسابى، كۈمۈشنىڭ زاكات نىسابى ئايرىم – ئايرىم بولۇپ، ئايرىم – ئايرىم نىسابىغا يەتكەندە زاكات ئايرىلغاندەك زاكات ئايرىلمايدۇ؟ ئۆزۈممۇ بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كاللامدا مۇجمەل قېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن سەۋەبىنى ئېنىق بىلىۋېلىش مەقسىتىدە قايتا سورۇشۇم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشىدا نىسابنى تەتبىقلاشتا ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ بىرى يەنە بىرىگە قوشۇلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، قەغەز پۇللارمۇ ئاتۇن – كۈمۈشكە قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئىككىلىسى ماللىق ۋە پۇللۇق مەنىسىگە ئىگە. زاكاتمۇ ئۇ ئىككىسىگە ماللىق ۋە پۇللۇق ئېتىبارى بىلەن ئالاقىدار بولغان. شۇڭا، يوقسۇللارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتقانلىق يۈزىسىدىن قوشۇلىدۇ. بۇ چارۋىلاردىكىگە ئوخشىمايدۇ . چۈنكى، زاكات چارۋىلارغا تۈرى ۋە شەكلىگە قاراپ ئالاقىدار بولغان. ھالبۇكى، چارۋىلار ئوخشىمايدىغان تىپلارغا تەۋە. ئەمما، قولىدا 85 گرامغا يەتمەيدىغان ئالتۇن ۋە 595 گرامغا يەتمەيدىغان كۈمۈش بار بولسا، ئىككىسىنى بىر – بىرىگە قوشۇپ ھېسابلايدۇ. مەسىلەن: ئىلكىدە 50 گرام ئالتۇن، 300 گرام كۈمۈش بار بولسا، ھېچقايسىسى ئۆز ئالدىغا زاكات ئۆلچىمىگە توشمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىككىسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، يا ئالتۇننىڭ، يا كۈمۈشنىڭ زاكات ئۆلچىمىگە توشىدۇ – دە، زاكات ۋاجىب بولىدۇ. بۇ ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشىدۇر. ئەمما باشقا مەزھەبلەردە بۇنى چارۋا ماللارغا قىياس قىلىۋالغان. ئەمما، ھەممە مەزھەبتە ئەگەر تىجارەتچى ئېلىپ – سېتىش نىيىتىدە قولىدا ئالتۇن – كۈمۈش بولسا نىسابنى تولدۇرۇشتا ھەممىنى قوشۇشى كېرەك. بۇنىڭدا ئالىملار بىردەك قاراشتا.

224 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشىمۇ؟ ئۈزۈك ئالدۇرۇپ قان كېلىپ قالسا، روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئۈزۈك سېلىش ۋە ئېلىۋېتىش ئادەتنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. ئادەت مەزگىلىدە كەلگەن خۇن ھەيز ھېسابلىنىدۇ. 15 كۈنگىچە ھەيز، داۋاملاشسا ئۇنىڭدىن ئاشقىنى ئىستىھازە. ئەمما خۇن پۇراق ۋە رەڭ جەھەتتىن ئادەت خۇنىغا ئوخشىماي تومۇردىن چىققان قانغا ئوخشىسا بۇ ئىستىھازە ھۆكمىنى ئالىدۇ.

225 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەت، ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن، ئامىن. ئۇستاز! بىر مۇھاجىر ھەمشىرىمىزنىڭ يولدىشى ۋەتەندە قېلىپ، ئۆزى چەتئەلگە يېنىپ چىققان. يېرىم يولغا كەلگەندە، يولدىشى سۆزىنى بېرىشنى تەكرار ئېيتقان، لېكىن ھەمشىرىمىز رەت قىلغان ۋە بەش يىل ساقلاشنى، بەش يىل توشقاندىن كېيىن ئەھۋالغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشنى ئېيتقان. ئاندىن بىر يىلغا قالماي يولدىشى تۇتۇلۇپ كەتكەن ۋە ئون بەش يىللىق كېسىلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ھەمشىرىمىز بەش يىلنى توشقۇزۇپ، شەرئىي ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ، شەرئىي تەرەپتىن تۆت گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلىنىپ ئايرىلغان. چۈنكى، يولدىشى بىلەن پەقەت ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ئۇستاز: «خاھلىساڭ، ئىددەت تۇتماستىن توي قىلغىن. خاھلىساڭ، بىر ھەيزنى تاماملىغىن» دېگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەمشىرىمىز بىر ھەيىزنى تاماملاپ توي قىلغان. بۇنداق ئاجرىشىشنىڭ ئىددىتى قانچىلىك؟ بۇ ھەمشىرىمىز ئىددەتنى كەم تۇتقان بولامدۇ؟ كەم بولسا قانداق قىلىدۇ؟ يەنە بەزى ئۇستازلار: «خۇلئى تالاقنىڭ ئىددىتى بىر ھەيز» دەپ پەتۋا بېرىدىكەن. بۇ پەتۋا توغرىمۇ؟ ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ ئەھۋالدا ھۆكۈم ئىلگىرىكى نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا كۆپچىلىك ئالىملار: «ھۆكۈم قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ھەيز كۆرۈپ ساقايغۇچە ئىددەت تۇتىدۇ» دەيدۇ. ئەمما، ھېچكىم: «ئىددەت تۇتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ» دېمەيدۇ. ئەمدى بۇ ۋەقەلىكتە بەزى ئالىملارنىڭ «بىر ھەيز» دېگەن قارىشى بويىچە ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، شۇ ھېساب. ئەمدى باشقا بىر ئىش قىلىش كېرەك ئەمەس. بۇ ۋەقەلىك بىلەن خۇلئى مۇناسىۋەتسىز. خۇلئى ۋەقەلىكىدىمۇ ئۈچ ھەيزدىن ساقايغۇچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىمۇ ئاشۇنداق ئىككى قاراش بار.

226 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 1) بىر ئايالنىڭ ئېرى قەرزدار ئىكەن ھەم مۇقىم كىرىمى يوق ئىكەن. بۇ ئايالنىڭ مۇقىم كىرىمى بار ئىكەن. بۇ ئايال: «كىرگەن ئايلىق كىرىمىمدىن ھاياتلا بولسام، ئاللاھ يولىدا بىر پىرسەنتىنى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارغا سەدىقە قىلىمەن» دەپ نىيەت (نەزر) قىلغان ئىكەن. شۇڭا، ئايلىق كىرىمىدىن بىر پىرسەنتىنى ئېھتىياجلىق مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىدىكەن. ئۇ ئايال بۇ پۇلنى ئېرىگە بەرسىمۇ، شۇ نەزرىسى ئادا بولامدۇ ياكى چوقۇم يات كىشىلەرگە بېرىشى كېرەكمۇ؟ 2) ئۇستاز! بىرلا ۋاقىتتا «ھاياتىم بويىچە ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىش قىلىمەن» دەپ نىيەت قىلىش ياكى نەزر قىلىش، مەسىلەن يۇقىرىقىدەك «ھەر ئايلىق كىرىمىمدىن بىر پىرسەنتىنى ھەر ئايدا ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىمەن» دېگەندەك نەزرلەرنى قىلىش ئەۋزەلمۇ ياكى ئېھتىيات قىلىش كېرەك بولغان ئىشمۇ؟ دېمەكچى بولغىنىم: مەندە بۇ خىل ئىشقا نىسبەتەن «ئاللاھقا ۋەدە بېرىپ قويۇپ، قىلالمىسا چوڭ گۇناھ بولامدىكىن» دەيدىغان قورقۇش تۇيغۇسى بار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مىسكىنگە سەدىقە بېرىش پەقەت سەدىقىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشتۈرىدۇ. تۇغقانلارغا سەدىقە بېرىش سەدىقە ۋە سىلە – رەھىمنىڭ ساۋابىغا ئېرىشتۈرىدۇ»(نەسائىي، 2582) دېگەن. بۇ ھەدىستىن سىزنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتىڭىز بولمىغان تۇغقان ۋە ئەرگە سەدىقە بەرسىڭىز بولىدىغانلىقى چىقىدۇ. نەزر قىلىنغان سەدىقەمۇ ئوخشاش. 2) «مۇنداق ئىش بولسا، مۇنداق قىلىمەن» ياكى «كېسەلدىن ساقايسام مۇنداق قىلىمەن» دېگەندەك نەزرلەر مەكروھ. ئەمما، سىز دېگەندەك بىرەر ئىشقا چاتماي تائەت قىلىشنى نەزر قىلىش مەكروھ ئەمەس. ھەر ئىككى نەزرنى ئادا قىلىش ۋاجىب. ئادا قىلمىسا، گۇناھكار بولىدۇ.

227 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىزدە باشقىلار ئامانەت قىلغان زاكات بار ئىدى، بىز ئۇنى تۈركىيەدىكى مەلۇم ئائىلىگە بەرمەكچى ئىدۇق، ئەمما پۇل يەتكۈزۈشكە ئامال تاپالمىدۇق. ھازىر ھېيتتا تۈركىيەگە بارىدىغان بىرسىدىن بۇ پۇلنى زاكات ئالغۇچىغا ئاپىرىپ بېرىدىغانغا ئامال تاپتۇق. بۇنى زاكات ئالغۇچى بىلدى ھەم ماقۇل كۆردى. بۇ ھالدا بىز زاكاتنى مۇشۇ سەۋەبتىن رامازاندىن كېيىنكى بىرەر ھەپتە ئىچىدە زاكات ئالغۇچىغا يەتكۈزسەك، دىنىمىزدا توغرا كۆرۈلەمدۇ؟ رامازان ئىچىدە سەدىقە فىترنى ئادا قىلىۋېتىشنىڭ ھۆكمى دۇرۇسمۇ؟ فىترنى ھەرقانداق ئادەم بېرىش شەرتمۇ؟ مەسىلەن، قەرزى بار، قەرزى يوق ھەرقانداق ئادەم بېرىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. زاكاتنى رامازان ئىچىدە تۈركىيەگە بارىدىغان كىشىگە بېرىپ قولدىن چىقىرىۋەتسەڭلار، ھېيتتىن كېيىن يەتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. سەدىقە فىتر ھۆكمى: https://sajiya.biz/?p=1990&uls=uu

228 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 11 ياشقا ماڭغان بالىلارغا ناماز پەرز بولغانغا ئوخشاش روزا تۇتۇشمۇ پەرزمۇ؟ ئەگەر روزىنى تولۇق تۇتماي قالسا، ئۇنىڭ گۇناھى كىمگە بولىدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە پەتۋا بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بالىلارنى يەتتە ياشتا نامازغا بۇيرۇشقا باشلايمىز. ئون ياشتا كۆندۈرىمىز. روزىمۇ، ھىجابمۇ شۇنداق. بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. لېكىن، ناماز، روزا ۋە ھىجاب بالىلارغا بالاغەتكە يېتىش بىلەن پەرز بولىدۇ. بالاغەتكە يېتىش قىزنىڭ ھەيز كۆرۈشى ياكى 15 ياشقا كىرىشى ۋەياكى ئېھتىلام بولۇشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ. ئوغۇلنىڭ ئېھتىلام بولۇشى ياكى 15 ياشقا كىرىشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ. يەنە ئوغۇلنىڭ ئاۋازىنىڭ توم چىقىشى ۋە قىز – ئوغۇللارغا ئەۋرەت ۋە قولتۇق تۈكى ئۈنۈشتەك ئالامەتلەر بىلەن بولىدۇ.

229 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سىلىنى سالامەت قىلسۇن، ئامىن. بىز ئاياللار ئەتكەن تاماقلىرىمىزنى، سالغان داستىخانلىرىمىزنى ئىجىتمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىسەك، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ يېگۈسى كېلىپ قالسا، بىزگە گۇناھ بولامدۇ؟ كىشىنىڭ ھەققىگە كىرىپ قالغان بولامدۇق؟ چوڭلار بىزگە: «ھەممە ئادەمنىڭ شەرت – شارائىتى تولۇق ئەمەس، بەزىلەر كېسەل، بەزىلەر تۇغۇتلۇق، شۇڭا يېگەن نەرسىلەرنى چىقارماڭلار، خەقنىڭ كۆز ھەققىگە كىرىپ قالىسىلەر، يېگۈسى كېلىپ قالسا، قورسقىڭلار ئاغرىپ قالىدۇ، يامان بولىدۇ» دەپ تەلىم بېرەتتى. ئالدىمىزدا ئۇلۇغ روزا ھېيت كېلىۋاتىدۇ، مۇشۇ توغرۇلۇق پەتۋا بەرگەن بولسىلىرى. ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ئەھۋال دۇنيا مىقياسى بويىچە ئەدەپ كېتىۋاتقان بىر ھادىسە. داستىخاننى ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇ – نېئمەتلەرنىڭ سۈرىتىنى تارقىتىشتىن مەقسەت ئۇرۇق – تۇغقانلار ۋە دوستلارئارا ھال – ئەھۋاللىشىش ياكى تاماق تەييارلاش، تونۇتۇش، داستىخان رەتلەشتەك ئىلىم تارقىتىشقا ۋە باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىشكە ئالاقىدار بولسا، بۇ چەكلىنىدىغان ئىش ئەمەس. ئەمما، سۈرىتىنى تارقىتىشتىن باشقىلارغا كۆز – كۆز قىلىش، رىياكارلىق، كىبىر، كۆرەڭلەش ۋە يەپ – ئىچىشكە ئارتۇق ئەھمىيەت بېرىش مەقسەت بولسا ۋە بۇ ئىش بەكلا چېكىدىن ئاشسا، بۇنىڭدىن تۈرلۈك زىيانلىق ۋە سەلبىي نەتىجە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا نىيەت ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بېرىدىغان تەسىرىگە قاراپ بۇ ئىش ياخشى ئەمەس ياكى ئادەمگەرچىلىك ۋە مۇرۇۋۋەتكە زىت ياكى مەكروھ بولۇشى مۇمكىن.

230 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىرقانچە يىل بۇرۇن ۋەتەندىن ئايرىلماستا بىرقانچە تونۇشۇمدىن نەچچە يۈز كويدىن ئۆتنە ئالغان ئىدىم. كېيىن ئۇلار بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغاچقا قايتۇرالمىدىم. شۇڭا، ئۇلاردىن ئالغان ئۆتنە پۇلنى شۇلارنىڭ نامىدا سەدىقە قىلماقچى بولسام قانداق ھېسابلايمەن؟ مەسىلەن، شۇ ۋاقىتتا 100 كوي ئۆتنە ئالغان بولسام، ھازىر تەخمىنەن 300 لىراغا تەڭداش ھېسابلىسام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھازىر بىر كوي قانچە تېلى بولسا، شۇ بويىچە ھېسابلايسىز.

231 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازاندا روزا تۇتقاندا، ھەر كۈنى ئېغىز بىلەن نىيەت قىلىش شەرتمۇ؟ (بەزى مەنبەلەردە «شەرت» دەپتۇ، يەنە بەزىلىرىدە سوھورلۇققا قوپۇشنىڭ ئۆزى روزىغا نىيەت قىلغانلىق بولىدۇ، ئاغزاكى دېمىسىمۇ بولىدۇ» دەپتۇ). ئەگەر ھەر كۈنى ئېغىز بىلەن ئەمەس قەلب (بەزى كۈنلىرى ئېغىز، بەزى كۈنلىرى قەلب) بىلەن قىلغان بولساق، بۇ روزا تۇتقانغا ھېساب بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. شۇڭا، رامازان كىرگەن چاغدا كۆڭۈلدە «بىر ئاي روزا تۇتىمەن» دەپ نىيەت قىلسا، شۇ يېتەرلىك. ھەر كۈنى ئايرىم نىيەت قىلىش كەتمەيدۇ ھەم ئاغزاكى نىيەت قىلىشمۇ شەرت ئەمەس. رامازان ئېيىدا مۇسۇلمان كىشى رامازاننى بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ تولۇق تۇتۇشنى نىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، ھەر كېچىسى نىيەتنى يېڭىلىمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا بىر كىشى سەپەر ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتماي كېلىۋاتقان بولسا، روزا تۇتاي دېسە، كېچىسى نىيەت قىلىشى لازىم بولىدۇ. سوھۇرغا ئويغىنالماي قالغان ئەھۋالدا ئاخشامقى نىيىتى ھېساب بولىدۇ. ئەلبەتتە، نىيەتنى دىلىدا قىلىدۇ، ئاغزاكى قىلىپ يۈرمەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، تۇتۇشنى نىيەت قىلغان كىشى دىگەردىن كېيىن ئۇخلاپ قېلىپ تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ئويغانغان بولسا، روزىسى توغرا بولىدۇ.

232 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئېغىزغا يىغىلىپ قالغان تۈكۈرۈكنى يۇتسا، روزىسى سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تۈكۈرۈكىنى، شۆلگىيىنى يۇتۇپ قالسا، روزىغا تەسىر يەتمەيدىغانلىقىدا ئالىملاردىن باشقىچە قاراش يوق. ئەمما، بەلغەمنى تۈكۈرۈۋېتەلىسە تۈكۈرۈۋېتىدۇ. تۈكۈرىۋېتەلمەي يۇتۇپ سالسا، يەنىلا روزىنى بۇزمايدۇ.

233 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈنلىرىدە ھەيزدار ئاياللارمۇ كېچىدە ئۇخلىماي زىكر ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ، قۇرئان ئاڭلاپ ئولتۇرسا، قەدر كېچىسىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەلبەتتە زىكر، تەسبىھ، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىش)، دۇئا – تىلاۋەت، قۇرئاننى ئاڭلاش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد – سالام يوللاش، قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ۋە دىنىي كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن كېچىنى ئۆتكۈزسە، كۆپ ساۋابقا ئېرىشىدۇ. قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتىگە رامازاننىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە ئىزچىل ئىخلاس ۋە ئىمان بىلەن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ كېچە – كۈندۈز خالىس ئىبادەت قىلغانلارنىڭ ئېرىشەلىشىدە ئۈمىد بار. شۇڭا، ئىزچىللىق ۋە ساپ نىيەت تولىمۇ مۇھىم. ئاللاھ مۇۋەففەق قىلسۇن.

234 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى تېخىمۇ يۈكسەك قىلىپ بەرگەي، ئۆمۈرلىرىگە بەرىكەت بەرگەي. ئۇستاز! بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەنەفىي مەزھىبىگە تەۋە سانىلىمىزكەن، مۇشۇ مەزھەب تۇتۇش جەھەتتە چوقۇم مۇقىم بىر مەزھەبگە بەيئەت قىلىپ، شۇنىڭ شەرىئەت يولى بويىچىلا مېڭىشىمىز شەرتمۇ ياكى بىز تۆت مەزھەبتە تەڭ تۇرۇپ، شۇ ئەھلى ئىلىم ئۆلىمالىرىمىزنىڭ شەرىئەت يوللىرىدىن توغرا كۆرگىنىمىز ۋە بىزگە ئاسانراق بىلىنگىنىنى تۇتۇپ ماڭساقمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق، ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ ھەممىلىرىنى سالامەت قىلسۇن. «چوقۇم بىرلا مەزھەبكە ئەگىشىش كېرەك» دەيدىغان گەپ يوق. بولۇپمۇ ئاۋام خەلقنىڭ چوقۇم بىر مەزھەبكىلا ئەگىشىشى كېرەك ئەمەس. ئۇلار ئەھلى ئىلىملەردىن سورايدۇ، ئەھلى ئىلىملەر بىر مەزھەبنى ئاساس قىلىپ ياكى بەزى مەسىلىلەردە دەلىلى كۈچلۈكرەك بولغان قاراشنى تۇتۇپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇ جاۋابنى ئېلىپ، شۇ بويىچە ئەمەل قىلسا بولىدۇ. ئەمما، ھەممە مەسىلىدە قايسى ئاسان بولسا، شۇ ئاسان قاراشنى 4 مەزھەبتىن يىغىپ ئەمەل قىلىشقا بولمايدۇ. دەلىل جەھەتتىن توغرا بولغىنىنى تۇتسا، توغرا بولغاندىكىن مەيلى. چۈنكى، «سەھىھەين»دە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى ئىشتىن بىرىنى تاللىماقچى بولسا، ئاسانراقىنى تاللايتتى» دەپ بار. سۈننەتكە مۇۋاپىق بولسا، دەلىل ئاساسى بولسا، ئاساننى تاللىسا بولىدۇ. ئەمما، دەلىل ئاساسى بولماي، ئاسانغىلا ئېسىلىۋالسا بولمايدۇ. بىر مەزھەبنى تۇتۇپ ماڭاي دېسە، شۇ مەزھەبتىكى ھۆكۈملەرنى ياخشى بىلسە، بۇمۇ مۇجتەھىد ئالىملارغا ئەگىشىش بولغاچقا، توغرا ۋە ساغلام تاللاشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مەزھەب ئەھكاملىرى ھەممىسى مەلۇم بىر قائىدە ۋە ئاساسقا تايانغان بولغاچقا، بىر – بىرىگە ماسلىشىشچان بولىدۇ. لېكىن، خاتالىقى ئېنىقلانغان بىر مەسىلىدىمۇ شۇ مەزھەبتە چىڭ تۇرۇۋېلىش خاتا ۋە تەئەسسۇبىيەتتۇر.

235 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! رامازاندا گال بەك ئاغرىپ كەتسە، گال ئاغرىق دورىسى شۈمسە، روزا بۇزۇلامدۇ؟ رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. گال ئاغرىق دورىسى شۈمسە، دورا گالدىن ئۆتسە بۇزۇلىدۇ. تىل ئاستىغا قويىدىغان تابلېتكىلارنىمۇ يۇتۇۋەتسە روزا بۇزۇلىدۇ.

236 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋىترنى 2 رەكئەتنى ئوقۇپ تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ، سالام بەرمەيلا قوپۇپ 3 – رەكئەتنى ئوقۇش توغرىمۇ ياكى 2 رەكئەتنى ئوقۇپ تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇپ سالام بېرىپ، ئاندىن 3 – رەكئەتنى ئايرىم ئوقۇش توغرىمۇ؟ چۈنكى مەن باشقىلارنىڭ شۇنداق ئوقۇغىنىنى كۆردۈم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەر ئىككىسى توغرا. بۇنىڭغا 25 – سوئالدا جاۋاب بېرىلگەن.

237 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن 3 يىلنىڭ ئالدىدا ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان بولۇپ قېلىپ، 2 يىل روزا تۇتالمىغان ئىدىم. «كېيىن تولۇقلىۋالاي» دەپ، ھازىرغىچە تولۇقلاپ بولالمىدىم. شۇ 2 يىللىق روزام ئۈچۈن پۇل بېرىۋەتسەم بولامدۇ؟ چۈنكى، «بۇندىن كېيىن تۇتاي» دېسەم، ئاشقازىنىم ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر كۈنى تۇتالمايمەن، چوقۇم كۈن ئارىلاپ تۇتىشىم كېرەك. ئۇنداق قىلسام، بەك ئۇزۇن سۈرۈلۈپ كەتكۈدەك. ئەگەر پۇل بەرسەم، شۇ ۋاقىتتىكى باھا بويىچە بېرەمدىمەن ياكى ھازىرقى باھا بويىچىمۇ؟ نورمالدا ھەر يىللىق روزىنى شۇ يىلى تۇتۇۋېتىشىمىز كېرەك ئىكەن، لېكىن مەن ۋاقتىدا تۇتالمىغانلىقىم ئۈچۈن ۋە ئارىدىن 3 يىل ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بىر كۈنگە 3 كۈنلۈك بېرەمدىمەن ياكى 1 كۈنلۈكلا بەرسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تۇتالمىغان 2 يىللىق روزىنى كۈن ئارىلاپ تۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ. تۇتالىسىڭىز، چوقۇم تۇتىشىڭىز كېرەك. تۇتالمىسىڭىز، بىر كۈن ئۈچۈن 70 لىرادىن پۇل بېرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

238 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ياخشى تۇرۇۋاتاملا؟ مەقسەت: مېنىڭ ئايالىمنىڭ بىر ئوغلى بار بولۇپ، ماڭا ئۆگەي. ئەمما، «يېتىم» دەپ كۆك ئاي ئىنسانىي دەرنىكىدىن ياكى باشقا دەرنەكتىن 1500 تېلىلىق كارتا ياكى نەق پۇل دېگەندەك ياردەم كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2 بالام بار. «يېتىم ئۈچۈن» دەپ كەلگەن پۇلنى ئائىلىدە ئىشلەتسەك بولامدۇ ياكى يېتىمنىڭ ھەققىگە كىرىپ قالامدۇق؟ شۇڭا، شەرىئەتتە ئورنى قانداق؟ مۇشۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بولسىلا.

ما ئۆگەي ئوغلۇمنىڭ چوڭ دادسى ۋە چوڭ ئانىسى بار، ئەمما ھېچقانداق ئىشى بىلەن كارى يوق. مەن ھەممە چىقىمىنى ئۆزۈم قىلىمەن، باشقا بالىلىرىم بىلەن ئوخشاش تەسەررۇپ قىلىمەن. مېنىڭمۇ قولۇم قىسقا. ئايالىم «ئۆي ئىچىگە ئىشلىتەيلى» دەپ تۇرۇۋالدى، مەن «سىلىدىن سوراپ قىلايلى» دېگەن ئىدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئۆزلىرىنىمۇ سالامەت قىلسۇن. يېتىم – يېسىرلارنى بېقىۋاتقان سىز ۋە يېتىمنىڭ ئانىسى يېتىمغا كەلگەن ياردەم پۇلنى ئۆي ئىچىدىكى تاماق ۋە باشقا ئۆي چىقىملىرىغا مۇۋاپىق ھالدا ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى، يېتىمنىڭ يېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا چىقىملارنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك قىسمىنى يېتىمنىڭ پۇلىدىن تۆلەش ئۇ پۇلنى يېتىم ئۈچۈن خەجلەپ قويغانلىق بولىدۇ. تاماق ۋە توك – سۇ دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ چىقىمىنى ئايرىپ ھېسابلاش قىيىن. ئاندىن سىز ۋە يېتىمنىڭ ئانىسى پېقىر بولساڭلار، يېتىمغا قاراپ ئۇنى باققانلىق سەۋەبتىن ئۇنىڭ مال – مۈلكىدىن مۇۋاپىق مىقداردا يېسەڭلار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿(يېتىمگە ۋەسى بولغانلاردىن) كىمكى باي ئىكەن، يېتىمنىڭ مال – مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، كىمكى يوقسۇل ئىكەن، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن﴾(4/«نىساﺋ»: 6) دېگەن. يەنە يېتىمنىڭ ئانىسىمۇ ئانا بولغانلىقى ئۈچۈن يېتىم ئوغلىنىڭ پۇلىنى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن خەجلىسە بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئەھۋالدا ئەنسىرىگۈدەك ئەھۋال يوق. ئۆيگە ئارىلاشتۇرۇپ خەجلىسەڭلار بولىدۇ. ئەمما، ئۇ پۇلنى بىھۇدە ئىشلارغا ئىشلىتىشكە، باشقىلارغا ھەدىيە قىلىپ بېرىۋېتىشكە بولمايدۇ.

239 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى! بىر دوستۇمنىڭ ئاتا – ئانىسى تويىنى 2 يىلدىن كېيىن قىلىدىغانغا بىر بالىغا پۈتۈشۈپتىكەن. ئاندىن بۇ بالا دوستۇمغا «پاراڭلىشايلى» دەپ خەت يېزىپتۇ. دوستۇم: «2 يىلغىچە پاراڭلىشىپ يۈرسەك گۇناھ بولىدۇ» دەپتۇ. ئۇ بالا: «قالايمىقان گەپ قىلمىساق بولۇۋېرىدۇ» دەپتۇ. شۇڭا، بىلەلمەي ئۇستازدىن سوراپ بېقىپ، «ئۇستازلار نېمە دېسە شۇنى قىلاي، ئەگەر گۇناھ بولماي قالسا پاراڭلىشاي، گۇناھ بولۇپ قالسا پاراڭلاشمايلى» دەپ ئويلاپتىكەن. مەنغۇ كىچىكىمدىن تارتىپ «گۇناھ بولىدۇ» دەپ بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ «ئۇستازلادىن سورايلى» دېگەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق، ئاللاھقا شۈكۈر. توي ئىشى مۇقىمدالغاندىن كېيىن نىكاھتىن بۇرۇن ئۇچۇرلىشىپ، كۆرۈشۈپ يۈرۈشى گۇناھ بولىدۇ ھەم ئاقىۋەتمۇ يامان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، نىكاھ قىلغۇچە سەۋر قىلىپ، نىكاھتىن كېيىن ئازادە پاراڭلىشىۋالسا بولىدۇ.

240 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى! 1) تۈگەپ كەتكەن بالىغا فىتر سەدىقىسى بەرسە بولامدۇ؟ 2) ئايال كىشى قەبرىستانلىققا چىقسا بولامدۇ؟ بەزىلەر: «چىقسا بولمايدۇ، ئايال كىشىنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ دۇئا قىلغىنى ئەۋزەل» دەيدىكەن. لېكىن، بالىغا چىدىماق تەسكەن، ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تېپىپ قالىدىكەنمىز ھەم سىلى دېگەندەك ئۆلۈمنى ئەسلەپ قالىدىكەنمىز. يەنە بەزىلەر: «ئايال كىشى قەبرىستانلىققا چىقسا، يالىڭاچ ھالەتتە بولىدۇ» دەيدۇ. شۇڭا، سورىدىم. مۇشۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە فىتر سەدىقىسى بېرىش يوق، شۇڭا بەرمەيمىز. 2) ئاياللار قەبرىستانلىققا چىقسا، ئەلبەتتە بولىدۇ. ئۆلچەملىك كىيىنىپ، يىغا – زار قىلماي چىقىپ كىرسە بولىدۇ. قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىش ئۆلۈمنى ئەسلىتىدىغان ياخشى ئىش. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەبرلەرنى زىيارەت قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆلۈمنى ئەسلىتىدۇ»(«مۇسلىم»، 976) دېگەن. بۇنىڭدا ئەر ۋە ئايال ھەممىسى ئورتاق. يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەﻗﯩﺌ قەبرىستانلىقىغا چىقىپ، دۇئا قىلىپ، ئۆيىگە قايتىپ كىرگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئائىشەنى قەبرىستانلىققا بېرىپ دۇئا قىلىشقا بۇيرۇغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! مەن قەبرىستانلىققا بارغىنىمدا نېمە دەيمەن؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ «ئەسسالام ئەي قەبرە ئەھلى بولغان مۇئمىنلەر ۋە مۇسۇلمانلار! بىزدىن ئىلگىرى كەتكەنلەرگە ۋە كېيىن قالغانلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئاللاھ خاھلىسا، بىزمۇ پات ئارىدا سىلەرگە قوشۇلىمىز» دېسىڭىز بولىدۇ، — دېدى(«مۇسلىم»، 974). شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئائىشە چىقىپ دۇئا قىلىپ كىرگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇشۇنداق كۆرسەتمىلىرى بار ھالەتتە، بىز «ئۇنداقمىش، بۇنداقمىش» دېگەن گەپلەرنى قىلساق بولمايدۇ. «ئايال كىشى قەبرىستانلىققا چىقسا، يالىڭاچ ھالەتتە بولىدۇ» دېگەن گەپنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەپتىمۇ؟ ئەگەر «شۇنداق دەپتىكەن» دېسە، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يالغاننى توقۇش بولۇپ، «كىمكى مېنىڭ نامىمدىن قەستەن يالغان سۆزلىسە، دوزاختىن ئۆزىگە جاي ھازىرلىسۇن»(«تىرمىزىي»، 2951) دېگەنگە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس، ھەرقانداق بىر گەپنى دىن نامىدىن قالايمىقان دېيىشكە بولمايدۇ.

241 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاغرىپ قالغان ئادەمنىڭ روزا تۇتقىنى ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتمىغىنمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ ھەممىلىرىنى سالامەت قىلسۇن. بۇ مەسىلىدە «ئاغرىپ قېلىش» دېگەن سۆزنى چۈشىنىشكە باغلىق. ئادەتتە روزا تۇتسىمۇ قىينىلىپ قالمايدىغان ھەم كېسىلىگە تەسىرى بولمايدىغان يەڭگىل ئاغرىپ قېلىشنىمۇ «ئاغرىپ قېلىش» دەيمىز. ئېغىر ئاغرىپ قېلىشنىمۇ «ئاغرىپ قېلىش» دەيمىز. شۇڭا، ئېغىر بولسا، تۇتمىغىنى ئەۋزەل. يەڭگىل بولۇپ، روزا تۇتسا قىينىلىپ قالمايدىغان ھەم كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتمەيدىغان بولسا، روزا تۇتقىنى ئەۋزەل. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿وأن تصوموا خير لكم﴾ يەنى «ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر»(2/«بەقەرە»: 184) دېگەن.

242 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ قارشى تەرەپ كۆڭلىدىن «ماۋۇ زاكات پۇل، يېقىنىڭىزغا بېرىڭ» دەپ بىزگە بەرسە، بىز يېقىنىمىزغا «ماۋۇ زاكات» دېمەي، «ماۋۇ پۇلنى ئىشلىتىڭ» دەپ بەرسەك بولامدۇ، بولمامدۇ؟ ياكى «بۇ پالانى كىشىنىڭ زاكات پۇلى ئىكەن» دەپ ئېنىق دېيىشىمىز كېرەكمۇ؟ بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىزكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. زاكات ئالغۇچىنىڭ ئەھۋالى ئېنىق بولسا، زاكاتقا لايىق، زاكات ئالسا بولىدىغان كىشى بولۇپ قالسا، زاكات ئىكەنلىكىنى دېمەي، «ماۋۇ پۇلنى خەجلىسىلە» دەپ بېرىۋەرسەك بولىدۇ. ئەگەر «زاكاتقا لايىق كېلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ؟» دېگەننى ئۇقمايدىغان ئەھۋالدا، «بۇ زاكات پۇل ئىدى» دەپ ئېنىق دېسەك، زاكاتقا لايىق ئەمەس كىشى بولسا، «ماڭا زاكات دۇرۇس كەلمەيدۇ» دېيىشى مۇمكىن.

 243 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مۇشۇ ئالتۇن زىبۇزىننەت مەسىلىسى سەل مۇجمەل بىر مەسىلىمۇ ياكى مەن ئوقۇپ چۈشىنەلمىدىممۇ؟ مەسىلەن، مېنىڭ 100 گرام ئالتۇنۇم بار. بۇنى ئون بەش يىلنىڭ ياقى تاقاۋاتىمەن. ئون يىلنىڭ ياقى بۇنىڭغا يىلدا يۈز گرام ئالتۇننىڭ پۇلىغا سۇندۇرۇپ زاكات ئايرىپ كەلدىم. ھازىر بۇ يەردە «85 گرامنىڭ ئاشقان قىسمىغا زاكات ئايرىلىدۇ» دېيىلدى. ئۇنداقتا 25 گرام ئالتۇنغا زاكات ئايرىمدىم؟ ھەر يىلى ئايرىمدىم؟ بۇ يىلنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ بولدۇم. بەزى يىللىرى زاكات ئايرىماق تەسكە توختاپ قالىدۇ، چۈنكى پۇل دېگەن گاھى بار، گاھى يوق بولىدىكەن. شۇڭا، «ئېنىقراق بىر بىلىۋالاي» دېگەن ئىدىم. بەزىلەر: «زىبۇزىننەت بولغاندىكىن، ئالتۇننى تاقىسا ئۇپرايدۇ، شۇڭا بىر قېتىملا ئايرىسا بولىدۇ» دەيدىكەن. ئەمدى زادى توغرىسى قانداق؟ ياخشىراق بىلىۋالايلى. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھالال ياشىغىلى نېسىپ قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىز پەتۋا بېرىشكە تاللىغان قاراش بويىچە: «زىبۇزىننەت 85 گرامغا يەتسە، ھەر يىلى 85 گرامغا ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقىنىغا ھەممىگە زاكات ئايرىش كېرەك» دەپ كەلدۇق. بۇنىڭدا ھېچبىر مۇجمەللىك يوق. قايتا – قايتا شۇنداق جاۋاب بېرىلىپ بولدى. يەنە تەكىتلەپ قوياي، 85 گرامغىمۇ، ئاشقىنىغىمۇ بېرىسىز. 100 گرام ئالتۇنى بولسا، 85 گرامغىمۇ، قالغان 15 گرامغىمۇ جەمئىي 100 گرامغا ئايرىش لازىم. ھەر يىلى ئايرىش لازىم. پۇل بولمىسىمۇ ئالتۇننىڭ ئۆزىدىن گراملاپ بېرىشى ياكى سېتىپ پۇلىنى بېرىشى لازىم.

244 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئەزان ئوقۇلغاندا «اشهد ان محمد رسول الله»دىن كېيىن، ئىبھام بارمىقىمىزنىڭ تىرنىقىغا سۈفلەپ «قرة عيني يا رسول الله» دەپ كۆزىمىزگە سۈرتۈشنىڭ ھۆكمى سۈننەتمۇ ياكى مۇستەھەپمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ھەقتە «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2302&noamp=mobile&uls=uu#respond

245 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەيشەنبە باشلانغان رامازاننىڭ 25 – كېچىسى قەدر كېچىسى بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك ئىكەن، بۇ ئاخشام دەل شۇ كېچە بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا قەدر كېچىسىدە ۋە كۈندۈزىدە قانداق ئىبادەتلەرنى ۋە دۇئالارنى قىلىش ئەۋزەل؟ ئاللاھ ھەممىمىزنى رەببانىي ئالىملىرىمىزنىڭ قەدرىنى بىلىپ، ئىككى دۇنيادا سائادەتمەنلەردىن بولۇشقا، قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشىشكە مۇۋەففەق قىلغاي.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. قەدر كېچىسى ئاخىرقى ئون (ياكى توققۇز) كېچىدە بولىدىغانلىقى ئېنىق. ھېچكىم ئۇنى ئالدىن بىلەلمەيدۇ. شۇ كېچىسىدىكى ۋە ئەتىسىدىكى ئالامەتلەردىن بىلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە «ساجىيە» توربېتىمىزدە يېتەرلىك مەلۇمات بار. ۋاقتىڭىز بولسا ئوقۇپ قويارسىز.

ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامازان(1)

قەدر كېچىسى رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسىدە بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ، ئۇ كېچە ئايدىڭ، تىپتىنچ كېچە، ئىسسىقمۇ، سوغۇقمۇ ئەمەس. ئۇ كېچىنىڭ ئەتىسى قۇياش قىزغۇچ ۋە نۇرسىز چىقىدۇ. بۇ كېچىلەردە «اللهُمَّ إِنَّكَ عَفُوٌّ تُحِبُّ الْعَفْوَ، فَاعْفُ عَنِّي (ئى ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ئەپۇنى سۆيىسەن، شۇڭا، بىزنى ئەپۇ قىلىۋەتكەيسەن)» دەپ دۇئا قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە 233 – سوئالنىڭ جاۋابىغىمۇ قاراڭ.

246 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاياللارنىڭ چاي ئوينىشىنىڭ شەرىئەتتە ھۆكمى بارمۇ؟ ئاياللار «دائىم كۆرۈشۈپ بولالمايدىكەنمىز، ھەر ئايدا بىر كۆرۈشىدىغان چاي ئوينايلى» دەيدۇ. پۇل يىغىشىپ كىمنىڭ ھاجىتى چۈشسە، شۇ ئالىدىغان قىلىپ باشلايدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاياللارنىڭ چاي ئوينىشىنىڭ مەلۇم ھۆكمى يوق. يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىنىشتە ئىسراپ دەرىجىسىگە يەتسە ھارام. يەتمىسە، ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم بولىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھۆكۈم بېرىش تەس. ۋەتەندە بەكلا ئىسراپچىلىق قىلىپ چاي ئوينىغاندا، ئالىملىرىمىز چەكلىگەن. بۇ تۈرلۈك ئىشلار ئىجتىمائىيلىشىش جەھەتتىن مەلۇم پايدىسى باردەك كۆرۈنسىمۇ، تەبلىغ ياكى قۇرئان خەتمىسى، ياكى ياردەم توپلاشتەك ياخشى ئىشلارنى باھانە قىلىپ باشلىنىپ، داستىخاننى چوڭ سېلىش، ئىسراپچىلىق، ھەرچايغا يېڭى بىر قۇر كىيىم سېتىۋېلىش، كۆز – كۆز قىلىش ۋە غەيۋەت سورۇنىغا ئايلىنىپ كېتىشتەك ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇلاردىن ساقلىنالىسا، نىيەت قىلغانغا قاراپ مۇستەھەب ياكى جائىز بولۇشى مۇمكىن. ۋاقىت ۋە پۇل زايە قىلىش، پەرزەنتلەرگە قارىماي چايغا كېتىشتەك ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، زىيانلىق ۋە ئارتۇقچە ئىش بولۇشى تەبىئىي. شۇڭا، ھەر ئايال دۇنيا – ئاخىرەتلىك پايدا – زىياننى دەڭسەپ، ئېرىنىڭ رازىلىقىغا قاراپ ئىش تۇتقىنى ياخشى.

247 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياۋروپادىكى بەزى تۈرك جامىلىرىدە «پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساقىلى» دەپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ مەسىلە مۇنداق: سەھىھ ھەدىسلەردە كېلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەججەتۇلۋەدائتا مۇبارەك چېچىنى چۈشۈرتكەندە، ئوڭ تەرەپتىكى چېچىنى ئەبۇ تەلھە ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بەرگەن. سول تەرەپتىكى چاچلىرىنى باشقا ساھابە كىراملارغا تارقىتىپ بېرىشنى بۇيرۇغان. ساھابەلەر بۇ چاچلاردىن بىر – ئىككى تالدىن ئېلىپ، تەبەررۈك بىلىپ ساقلاپ كەلگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قولىدا خېنە بىلەن ئوسمىدىن بويالغان موي بار ئىدى. ھەزرىتى ئەنەسمۇ ۋاپات بولىدىغان چاغدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك مويلىرىدىن بىر – ئىككى تالنى ئۆزى بىلەن بىللە ياكى تىلىنىڭ ئاستىغا قويۇپ بىللە دەپنە قىلىشقا ۋەسىيەت قىلغان. ھەزرىتى مۇئاۋىيەمۇ ئوغلى يەزىدكە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مويلىرىدىن بىر – ئىككى تالنى كۆزىگە ۋە بۇرنىغا قويۇپ دەپنە قىلىشقا بۇيرۇغان. ئاشۇنداق بولۇپ، ساھابە كىراملاردىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئەۋلادلىرىدىن ئەۋلادلىرىغا قېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ موي شەرىپلىرى بەزى چوڭ ئائىلىلەردە، ئۆلىمالارنىڭ بالىلىرىدا ۋە بەزى قەبىلىلەردە تەبەررۈك بىلىنىپ كەلگەن. بەزى ئۆلىمالار قەيت قىلغان بەزى مەنبەلەردىمۇ: «كېيىنكى زامانلاردا پالانى ئائىلىدە مۇنچە تال بار، پۇستانى ئائىلىدە مۇنچە تال بار» دەپ كەلگەن، ھەممىسىنىڭ تارىخى بار. كېيىن ۋاقىت ئۇزارغانچە سۇلتان مەھمەت رەشاد دەۋرىدە ئىستانبۇلدا 40 نەچچە تال موي بار ئىكەن. سۇلتان بۇنى بەزى شەھەرلەردىكى چوڭ جامەلەرگە بىر تال، ئىككى تالدىن ھەدىيە قىلغان ئەھۋال بار ئىكەن. مەيلى بۇ سۇلتان ھەدىيە قىلغانلىرى بولسۇن ياكى توپكاپى مۇزىيخانىسىدا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالغان 18 تال موي شەرىپ بولسۇن، ياكى قاھىرەدىكى ھۈسەين جامەسىدىكى ئىككى تال بولسۇن، شامدا، بېيرۇتتا، مەككەدە، ھەتتا ئوسمانلى سۇلتانلار ھەدىيە قىلغان ھىندىستاندىكىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقلىنىپ كەلگەنلىرى بولسۇن، مۇشۇنداق ساقلىنىپ كەلگەن. بۇ موي شەرىپلەرنىڭ بەزىسى راست، بەزىسىگە يالغان – ياۋىداقلارمۇ ئارىلىشىپ، ساختىكارلار: «بىزدە مۇنداق موي شەرىپ بار» دەپ خەقنى گوللاپ يۈرۈيدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. دېمەك، بىز كۆرگەن مويلار راست بولۇشىمۇ مۇمكىن، يالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنى مۇشۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ، جەزم قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. دۆلەتلەر ساقلاپ كېلىۋاتقانلىرى بولسا راست بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شەخسلەرنىڭ قولىدىكىگە تازا ئىشەنچە قىلغىلى بولمايدۇ.

بەزى دۆلەردە، تۈركىيەدە ۋە بەزى تەسەۋۋۇف تەرىقەتلىرىدە بۇ ئىش ئەۋج ئېلىپ، ئۇنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، خۇددى تەبەررۈك ساقلاپ مۇئجىزە دەپ بىلىشى كېرەكتەك بولۇپ كەتكەن ئىشلار بار (راست – يالغانلىقىنى بىلگىلى بولمىغان ئەھۋالدا). شۇڭا، بۇنىڭغا ئىشىنەيلى، ئىشەنمەيلى، بۇ ھاياتىمىزغا تەسىر قىلىدىغان چوڭ بىر ئىش ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە قۇرئان كەرىمنى ۋە مۇبارەك ھەدىسلىرىنى قويۇپ كەتتى. بىز بۇنىڭغا چىڭ ئېسىلساق، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىمىز. راست – يالغانلىقىنى بىلگىلى بولمىغان بىرەر موي شەرىپنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنى سۆيۈپ تەبەررۈك بىلىش بىلەنلا ئىشلار ئۇيان – بۇيان بولۇپ كېتىدىغان ئەھۋال يوق. پەقەتلا قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئەمەل قىلىشىمىز لازىم. بىزنىڭ چوڭ بىلىدىغان، ئېنىق ۋە جەزملەشكەن تەبەررۈكىمىز مۇشۇ بولۇشى كېرەك.

ئەمدى ئىشەنچىلىك يول بىلەن «بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ موي شەرىپىدۇر» دېيىلسە ئىدى، شۇ چاغدا بىزمۇ ساھابە كىراملارغا ئوخشاش تەبەررۈك بىلىپ، ئۆز لايىقىدا ھۆرمەتلىسەك بولاتتى. لېكىن، ھازىر ئۇنداق ئەھۋال يوق. گەپنىڭ خۇلاسىسى: بۇنى يالغانغىمۇ چىقارماي، راستقىمۇ چىقارماي، «ھە» دەپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ.

248 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، رامازان فىدىيەسىنى قۇرئان كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرىگە ئىشلەتسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. رامازان فىدىيەسىنى قۇرئان كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بەرسە، ئۇلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا ئىشلەتسە بولمايدۇ. پەقەت ھەممىسى دېگۈدەك پېقىر – مىسكىنلەرنىڭ بالىلىرى بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا بولاتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئىقتىسادلىق كىشىلەرنىڭمۇ بالىلىرى بار بولغاچقا، ئۇلارغا بېرىشكە بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا فىدىيەنى مىسكىنگە يېمەك – ئىچمەك ئۈچۈن بېرىشنى بۇيرۇغان بولغاندىكىن، پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىلىشى لازىم.

249 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوكتور! ياخشى تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىدىن، قىلغان خىزمەتلىرىدىن رازى بولسۇن. ۋەتەندىكى دوستۇمنىڭ ئۆيى بار ئىدى، چېگرا ئېتىلگەننىڭ ياقى ئىجارە پۇلىنى دەپ بېرەلمىدىم. بۇ خىل ئەھۋالدا قانداق قىلىمەن؟ زاكىتىنى ئايرىپ قويامدىم ياكى ئۇنداق ھاۋالە قىلمىغاندىكىن، ئامانىتىنى ساقلاپ تۇرامدىم؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ۋەتەندىكى ئۇ كىشىنىڭ سىرتتا «ئايالى ياكى پەرزەنتى» دېگەندەك بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بولمىسا، سىلى ئۇ پۇلنى ئۇنىڭ زاكىتىنىمۇ بېرىپ قويماستىن، ئامانەت سۈپىتىدە ساقلاپ قويۇشلىرى كېرەك.

250 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! زاكاتنى يوقسۇل ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دىندىن باشقا ساھەدە تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن بېرىشكە بولامدۇ؟ مەسىلەن، تىل ياكى ھۈنەر – كەسىپ ئۆگىتىشكە ئوخشاش. رەھمەت، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. يوقسۇل ئائىلە دېگىنىمىز زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك ئىقتىسادى بولمىغان ئائىلىلەردۇر. بۇلارغا «يوقسۇللۇق» سۈپىتى بىلەن زاكات بەرسەك، بۇ زاكاتنى ئۆز ئىھتىياجىغا قاراپ، ھۈنەر – كەسىپ ئۆگىنىشكە ۋە تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە خەجلىسە بولىدۇ.

Please follow and like us: