ئىككىنچى-قېتىملىق-رامازانلىق-زۆرۈر-بولغان-دىنىي-مەسىلىلەردە-پەتىۋا-ۋە-مەسلىھەت-بېرىش-خىزمىتى-

ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

451 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ بىر جىيەنىم بار يەنى ئاچامنىڭ ئوغلى، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا دادىسى شەھىد بولغان، ئالتە ياشقا كىرگەندە ئانىسىمۇ شەھىد بوپ كەتتى، ئانىسى مېنىڭ بىر تۇغقان ئاچام ئىدى. شۇڭا بۇ جىيەنىمنى بالام دەيمەن، ئۇمۇ مېنى ئانا دەيدۇ. ئۇ ھازىر ئون ياشقا كىردى. ئۇنى باغرىمغا بېسىپ چېكىسىگە يۈزىگە سۆيۈپ قۇچاقلاپ قويسام، شەرىئەتتە دۇرۇسمۇ؟ ئەگەر دۇرۇس بولسا، قانچە ياشقا كىرگىچە مەن ئۇنى باغرىمغا بېسىپ سۆيۈپ قويسام بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىز ھاممىسى بولغاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ ئورنىدا بولىسىز. شۇڭا پېشانىسىگە، بېشىغا ۋە قولىغا سۆيۈپ قويۇش، باغرىغا بېسىش جائىز. بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ھەم بېشىغا ۋە قولىغا سۆيۈپ قويۇش جائىز. باغرىغا بېسىشنى سەپەرگە چىقىش ۋە ۋىدالىشىشتەك زۆرۈر ئەھۋالدىلا قىلسا بولىدۇ.

452 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تۈركىيەدىكى ماركىتلاردا سېتىلىۋاتقان، توركۇ ۋە ھارىبو قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىكى ھالاللىق ئىجازىتىگە ئىشەنسەك بولامدۇ؟ بۇ شىركەتلەرنىڭ تور بېتىگە كىرىپ، بۇ ئىجازەتلىرىنى كۆرۈپ باقتىم، «تۈركىيە دىيانەت مىنىستىرلىكىنىڭ نازارىتىدە» دەپ يېزىلغان ئىكەن. ھارىبونىڭ تور بېتىدە «بىز ئىشلىتىدىغان كالا جېلاتېنىنى ھالاللىق بەلگىسى بار ئورۇنلاردىن، ئىجازەت بەلگىسى بىلەن قوشۇپ تەمىن ئېتىمىز» دەپتۇ. لېكىن گىمدەسنىڭ ئېنجىنىرلىرىدىن ۋە ئەتراپىمىزدىكى بەزى قېرىنداشلاردىن «بۇ ئىجازەتنامىلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ» دەپ ئاڭلاپ تۇرىمىز، شۇڭا ئىككىلىنىپ قالدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۇ ئىجازەتنامىلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ «مىنىستىرلىكىنىڭ نازارىتىدە»، «ھالاللىق بەلگىسى بار ئورۇن» دېگەن گەپلىرى بەكلا مۇجمەل. شۇڭا، گىمدەسنىڭ ئىجازەتنامىلىرىگە قاراش مۇناسىپ.

453 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ بىز ھىجابلىق ئاياللار سىرتتا يۈزىمىز يېپىق، تولۇق ئورانغان ھالدا يۈرۈيمىز. ئەمما، ئاياللار بار مىھماندارچىلىقتەك سورۇنلارغا ياغلىق ۋە ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن ئاساستا (ھالاللىق ئىجازەتنامىسى بار) گىرىم بويۇملار بىلەن پەردازلىنىپ بارساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئايال كىشى ئېرى ۋە مەھرەملىرىدىن باشقا نامەھرەملەرگە كۆرۈنمەيدىغان، پەقەت ئاياللارلا بار سورۇنغا ياسىنىپ پەردازلىنىپ بارسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئاياللىرىدىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان كىچىك بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن﴾(24/«نۇر»: 31) دېگەن سۆزىمۇ ئايال كىشىنىڭ ئاياللارغا زىننەتلىرىنى كۆرسەتسە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئاياللارغا گىرىملىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرى بىلەن  بېشى، چېچى، يۈزى، بويۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، قۇلاق، بىلەك ۋە پۇتلىرىنى ئاچسا بولىدۇ. ئەلبەتتە سورۇندىكى ئاياللار تەرىپىدىن رەسىمگە تارتىلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش لازىم.

454 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئۆزۈم بىر ھىجابلىق ئايال ياۋروپادا ياشايمەن. خىزمەت ئىزدەپ، بىر ئاشخانىنىڭ سەي ـ كۆكتاتلىرىنى تەييار قىلىپ بېرىدىغان خىزمەتنى مۇۋاپىق كۆرگەنىدىم، لېكىن بۇ ئاشخانىدا ھاراق سېتىلىدىكەن. بۇ خىزمەت ماڭا قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھاراق ياكى چوشقا گۆشىدەك ھارام يېمەك – ئىچمەك ساتىدىغان ئاشخانا ۋە دۇكانلاردا ئىشلەش گەرچە ھارام بىلەن چوشقىنى خېرىدارغا بىۋاسىتە سۇنماي قاچا يۇيۇش ۋە سەي – كۆكتات تەييارلاشتەك ئىشلار بولسىمۇ ئىشلەش ھارام بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ھاراق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھاراملاردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغان ھەمدە گۇناھ – مەئسىيەتكە ھەمكارلاشماڭلار دېگەن. مۇبادا باشقا شۈبھىسىز ھېچبىر ھالال ئىش تاپالماي تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالسا باشقا ھالال ئىش تاپقۇچە ئاشۇنداق جايلاردا ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرۇش جائىز.

455 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئەگەر ئۆيدە پۇتلاشماسلىق، چاققان بولۇش… ئۈچۈن چاچنى يىغىپ تۈرمەكلىۋالغان بولسا، ناماز ئوقۇيدىغان چاغدا چۇۋۇپ قويۇۋېتىشى كېرەكمۇ ياكى تۈرمەكلىۋالغان پېتى ئوقۇۋەرسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاياللارنىڭ چېچى ئەۋرەت، ئەرلەرنىڭ ئەۋرەت ئەمەس بولۇپ، ھەدىستىكى نامازدا چاچنى تۈرمەكلىۋالماي قويۇۋېتىش ھەققىدىكى بۇيرۇق ئەرلەرگە قارىتىلغاندۇر. ئاياللار نامازدا مۇمكىنقەدەر ئۆزىنى يۆگەشكە بۇيرۇلغانلىقتىن مۇبادا چاچلىرىنى چۇۋۇپ قويۇۋېتىپ قالسا چاچنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەب بولۇشى ئېھتىماللىقى يۇقىرى.شۇڭا، چاچلىرىنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇغاندا چاچلىرىنى چۇۋۇپ قويۇۋېتىشى تەلەپ قىلىنمىغان. مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=2779

456 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بەزىلەر: Lov Awakening دېگەن نەرسە بىلەن پۇل تاپىسىز، دەپ ئەزانى كۆپەيتىش ئۈچۈن بۇ ئويۇننى «ھالال» دەپ تەشۋىق قېلىۋېتىپتۇ. خىلى چوڭ ئادەملەرمۇ ھۈنەر – كەسىپلىرىنى تاشلاپ تېلېفۇن غا مەپتۇن بولۇپ ئويۇن ئويناپ ئولتۇرغۇدەك. بۇنى تەكشۈرۈپ ۋاقتىدا خەلقىمىزگە ئەسكەرتىش بەرسەك بولاتتىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تەكشۈرۈشىمىزچە بۇ بىر خىل ئويۇن شىفىرلىك پۇل ئويۇنىدىن ئىبارەت. ئويۇندا ئالدىمىزدىكى بىر قانچە يىل ئىچىدە مۇشۇ ئويۇنغا خاس لوك نامىدىكى بىر مىليارد كۇۋين تارقىتىش ۋە قوللىنىش پىلانلانغان بولۇپ، مەزكۇر ئويۇندىكى ئېلىم – سېتىمدا ياكى دەرىجە ئۆستۈرۈشتە ئاشۇ كۇۋين قوللىنىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىتكۇۋين قېزىشتا يۇقىرى ئىقتىدارلىق كومپۇتېرلار قوللىنىلاتتى، بۇ ئويۇندا ئوينىغۇچىلارنىڭ يانفۇنلىرى كۇۋين قېزىشقا ئىشلىتىلىدۇ. قىمار تۈسىنى ئالغان بۇ ئويۇننىڭ مەۋھۇملۇقى ئېغىر بولغاچقا، شەرئەن چەكلىنىشى ئېنىق. شۇڭا، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا بۇنداق ھارام ۋە شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

457 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىزنىڭ چوڭلار: «ئاخشىمى ئۆي سۈپۈرسە بەرىكەت قاچىدۇ، شۇ ئائىلە پېقىرلىققا قالىدۇ» دەيتتى. قايسى كۈنى توردا تۈركىيەلىك بىر موللامنىڭ پەيغەمبىرىمىز «ئاخشىمى ئۆينى سۈپۈرمەي، قاچا – قۇچىنى يۇماي ئۇخلىغان ئۆيدە بەرىكەت قاچىدۇ، پېقىرلىق كېلىدۇ» دېگەن دەپ قىلغان تەبلىغى يوللىنىپتۇ. بىزنىڭ چوڭلارنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ شۇنداق ھەدىس بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ خىل گەپلەرنىڭ ھەدىس شەرىفلەردە ئاساسى يوق. ئۆي، ھويلا – ئاراملارنى شۇنداقلا دۇكان ۋە ئىشخانىلارنى كەچتە ياكى كېچىسى خاھلىغان ۋاقىتتا سۈپۈرسە، قاچا – قۇچىلارنى يۇسا بولىدۇ. چۈنكى، تازىلىق كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھويلا – ئاراملىرىڭلارنى پاكىز تۇتۇڭلار! يەھۇدىيلەر ھويلا – ئاراملىرىنى پاكىز تۇتمايدۇ» دەپ بۇيرۇغان(تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 4057) ۋە بۇ تازىلىقنى كەچتە ياكى كېچىدە ياكى مەلۇم ۋاقىتتا چەكلىمىگەن. دىنىمىزدا پاكىزلىق ئىسلامنىڭ بىر بەلگىسى ھەمدە مۇسۇلمان كىشىنى مەينەتچىلىكنى ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغان باشقا دىندىكىلەردىن ئالاھىدە ئايرىپ تۇرىدىغان بىر ئالامەتتۇر. ئەكسىچە، كەچتە ئۆي سۈپۈرمەسلىك، ئۆيلەرنى تازىلىماسلىق كېسەللىك ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئادەت بولۇپلا قالماي ساغلام ئەقىدىنى بۇلغايدىغان خۇراپات ۋە شۇم پال ئېلىشتەك خاتا ئېتىقادتۇر.

458 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! يېقىندا بىر ۋەزخاننىڭ تورغا چىقارغان ۋىدىيوسىدا: «قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىدىغىنىمۇ بىزنىڭ روھىمىز، ماۋۇ بەدىنىمىز بۇ دۇنيادا قالىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ خىل ئەقىدە توغرىمۇ؟ شۇنداقلا بۇ قاراش تارىختىكى قايسى پىرقىلارغا ئائىت. مۇشۇ ھەقتە كونكرېت چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىسلام ئەقىدىسىدە ئاخىرەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈش تەن بىلەن روھقا بىللە بولىدۇ. ئەھلىسۈننەت «قايتا تىرىلدۈرۈلۈش روھ بىلەنلا بولىدۇ، تەن بىلەن بولمايدۇ» دېمەيدۇ. بەزىبىر ئازغۇن ئەقىدىلىكلەر شۇنداقلا بەزى پەيلاسوپلار «ئاخىرەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈش روھ بىلەنلا بولىدۇ، تەن بىلەن بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ ئازغۇن ئەقىدە ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە تايانغان ئەھلىسۈننەت ئەقىدىسىگە زىت بولۇپ، بۇ ئەقىدىدىكى بەزى پەيلاسوپلارنى ئىمام غەززالىي «تەھافۇتۇل فەلاسىفە»(282 – بەت) ناملىق كىتابىدا كافىر دەپ قارىغان ۋە بۇ ئېتىقادنىڭ ئىسلامغا قەتئىي ئۇدۇل كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دەپ ئېتىقاد قىلىشقا ئاپىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندۇر. چۈنكى، بۇ خاتا ئېتىقاد تەننىڭ ئوتتا كۆيۈشىنى، جەننەتنى ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇ – نېئمەت ھەمدە ۋەدە قىلىنغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىشقا، ئاللاھ تائالانىڭ چىرىپ كەتكەن تەن پارچىلىرىنى يىغىپ جەملەپ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، تىرىلدۈرۈشكە بولغان قۇدرىتىگە ئىمان كەلتۈرمەسلىككە، نەتىجىدە ئاتېئىزمغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، بۇ خاتا ئەقىدىنى تەشۋىق قىلغانلار تەۋبە قىلىپ ئىمانىنى يېڭىلىشى، بۇ بۇزۇق ئەقىدىنى تەشۋىق قىلىشتىن دەرھال توختىشى كېرەك.

بۇ يەردە شۇنىمۇ تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، قايتا تىرىلدۈرۈلۈش، ھېساب – كىتاب، جازا – مۇكاپات قاتارلىقلار ئىمان ۋە ئەقىدەنىڭ ئاساس تۈۋرۈكلىرىدىندۇر. بۇ ئەقىدە بولمىغىنىدا، سالىھ ئەمەلگە ئىنتىلىش ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇش ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

ئاخىرەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈشنىڭ تەن بىلەن روھقا بىللە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر. مەسىلەن:

﴿ئۇ بىزگە ئىنساننىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشنى يىراق ساناپ، (چىرىگەن سۆڭەكلەرنى) مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بولسا ئۇنتۇدى، ئۇ: «چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى. ئېيتقىنكى: «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر»﴾(36/«ياسىن»: 78، 79). مۇبادا قايتا تىرىلدۈرۈلۈش روھ بىلەنلا بولىدىغان بولسا، سۆڭەكلەرنى تىرىلدۈرۈشتە مۇنازىرە قىلىشنىڭ نېمە پايدىسى؟!

﴿قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى﴾(10/«يۇنۇس»: 45). ئەلبەتتە، ئۆزئارا دۇنيادا بىلىدىغان چىراي شەكلى ئارقىلىق تونۇشىدۇ.

«سەھىھەين»دە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن سىلەر قىيامەت كۈنى يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ، خەتنە قىلىنمىغان ھالدا توپلانغۇچىسىلەر» دېدى، ئاندىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿ئەڭ دەسلەپكى مەخلۇقنى ياراتقىنىمىزدەكلا، ئۇنى قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، بىز چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغۇچىلارمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 1104)، ئاندىن مۇنداق دېدى: «قىيامەت كۈنى خالايىق ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ كىيىم كىيدۈرۈلىدىغان كىشى ئىبراھىم (ئەلەيھىسسالام) بولىدۇ. مېنىڭ ساھابەلىرىمدىن بىر قىسىم كىشىلەر سول (دوزاخ) تەرەپكە ئېلىپ كېتىلىدۇ. بۇ چاغدا مەن:

— ساھابەلىرىم! ساھابەلىرىم! — دېسەم، رەببىم:

— ئۇلار سەندىن ئايرىلغاندىن بۇيان ئارقىلىرىغا يېنىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن، — دەيدۇ. مەن ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىسى (ئىيسا ئەلەيھىسسالام) دېگەندەك دەيمەنكى: ﴿مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارغا كۆزەتچى ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارغا سەن كۈزەتچى ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن. ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىۋەتسەڭ، سەن ئەزىز، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن﴾(5/«مائىدە»: 117، 118)»(«بۇخارىي»، (3349)؛ «مۇسلىم»، (2860)).

يەنە ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتتىكى: «قىيامەت كۈنى بىر ئادەم ئېلىپ كېلىنىپ دوزاخقا تاشلىنىپ، ئۇنىڭدا ئۈچەيلىرى ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئۇ يارغۇنچاققا قاتقان ئېشەكتەك چۆرگىلەيدۇ. ئەھلى دوزاخ ئۇنى چۆرىدەپ:

— ئى پالانى! (دۇنيادا) سەن بىزنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توساۋاتاتتىڭغۇ؟ ساڭا نېمە بولدى؟ — دەپ سورىسا، ئۇ:

— مەن سىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆزۈم قىلمايتتىم. سىلەرنى يامان ئىشتىن توساتتىم – يۇ، ئەمما ئۆزۈم قىلاتتىم، — دەيدۇ»(«بۇخارىي»، 3267).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم 50/«قاف» سۈرەسى ھەققىدە دەيدۇكى: «بۇ سۈرەنىڭ خۇددى ئىمان ئېيتقان روھقا نېئمەت ئاتا قىلىپ، كافىر بولغىنىنى ئازابلىغىنىغا ئوخشاشلا ئىتائەت ۋە ئىسيان قىلغان مۇشۇ تەننىڭ ئۆزىنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇنى نېئمەتكە ياكى ئازابقا دۇچار قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەنلىكىدە پىكىر يۈرگۈزگىن. بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ پەيغەمبەرلەر خەبەر بەرگەن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشنى چۈشەنمىگەنلەر ئېيتقىنىدەك، ئاللاھ بۇ روھتىن باشقا بىر روھنى، بۇ تەندىن باشقا بىر تەننى يارىتىپ ئۇنى نېئمەتكە ياكى ئازابقا تاشلىمايدۇ… بۇ پۈتۈن پەيغەمبەرلەر بىردەك قارىغان، قۇرئان – سۈننەت ۋە ئاللاھنىڭ جىمى كىتابلىرى ئىسپاتلىغان ئەقىدىگە زىتتۇر. شۇنداقلا ماھىيەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈشنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇنى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ سېپىدە تۇرۇشتىن ئىبارەت. چۈنكى، ئۇنى يالغانغا چىقارغانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ تەنلەردىن باشقا تەنلەرنى يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە تانمىغان. بۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن تانالمايدۇ. ئۇلار چىرىپ يوق بولغان تەنلەرنىڭ دەل ئۆزىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىگە تانغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ھەيرانلىقتا: ‹بىز چىرىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدىمىز؟› دەپ سوراشقان ۋە: ‹بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (تىرىلىپ ئىلگىرىكى ھالىتىمىزگە قايتامدۇق)، بۇنداق قايتىش (ئەقىلدىن) يىراقتۇر› دېگەن… ئاللاھ تائالا باشقا ماددىغا ئايلىنىپ كەتكەن تەن پارچىلىرىنىمۇ بىلگۈچىدۇر ۋە ئۇنى قايتا جەملەپ قۇراشتۇرۇشقا قادىردۇر»(«ئەلفەۋائىد»، 6 – بەت). ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

459 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئابدۇلئەزىز دوكتور، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئەزىز تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلىرىمىز كاناداغا كۆچۈش چاقىرىقى ۋە بۇ چاقىرىققا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش توغرىسىدا قارار ئېلىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا. شۈبھىسىزكى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەقىقىي مائارىپ تەربىيەسىدىن مەھرۇم قالغان خەلقىمىز بۇنداق زور مەسىلە ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا توغرا قارار چىقىرالمايدىغىنى ئېنىق. ۋەزىيەت بۇنداق ئىكەن، پەيغەمبەر ۋارىسلىرى، ئۈممەتنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە بۇرچ ئىگىلىرى بولغان دىنىي ئالىملىرىمىز خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ سىياسى ۋە ئىجتىمائى بوھران داۋامىدا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك ۋە نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟ خەلقىمىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ بۇ كۆچۈش مەسىلىسىدە ئۆزلىرىنىڭ كۆزقارىشى قانداق؟ ۋە بۇ كۆچۈش خەلقىمىزگە قانداق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ بۇ سوئاللىرىمغا تەپسىلىيرەك جاۋاب بىرىشلىرىنى سورايمەن. ئاللاھ ھەممەيلەننى ئەڭ توغرىسىغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاۋام خەلقىمىز كانادا ۋە غەرب ئەللىرىگە كۆچۈش مەسىلىسىدە توغرا قارار ئېلىشتا گاڭگىرىشى ئېنىق. شۇڭا، ئۇلار ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مەسلىھەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشى، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ ئۇلارغا توغرىنى سەمىمىيەتلىك بىلەن كۆرسىتىپ قويۇشى كېرەك. ئەپسۇس، بۇنداق مەسىلىلەردە ئاۋاممۇ ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالماي، ئۆزلىرى بىلگەننى قىلىۋاتىدۇ. ئەھلى ئىلىملەرمۇ يول كۆرسىتىشتىن باش تارتىۋاتىدۇ. پېقىر بۇ ھەقتە ئون نەچچە يىل ئاۋۋال غەرب ئەللىرىگە كۆچۈشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ، مەسلىھەت بېرىپ پەتۋا ئېلان قىلغان (https://sajiya.biz/?p=2237&uls=uu ) ۋە ئۇنى يېقىنقى يىللاردىمۇ قايتا ئېلان قىلىپ باشقىچە قاراشتىكىلەر تەرىپىدىن مالامەتكە ھەتتا تىل – ھاقارەتكە ئۇچرىغانىدىم. بەلكىم سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان ئەھلى ئىلىملەر، «ئۆلىمالار بىرلىكى»، سىياسىي تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تىل – ھاقارەتتىن، تەنقىدتىن قورقۇپ ياكى مەقسەتلىك جىم تۇرۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇ ھەقتە «ئۆلىمالار بىرلىكى» ۋە چوڭ سىياسىي تەشكىلات مەسئۇللىرىنىمۇ يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ، خەلقكە بۇ ھەقتە يول كۆرسەتمىگەنلىكتىن باش تارتىش سەۋەبلىك تەنقىدلىگەن ئىدىم. مېنىڭچە، بۇ مەسىلىدە دىنىي ئىلىم ئەھلىلا ئەمەس، سىياسىي، ئىجتىمائىي… ساھەلەردىكى بىلىم ئىگىلىرىمۇ خەلقكە مەسلىھەت بېرىشى لازىم. بۇرۇن شۇ دۆلەتلەرگە بېرىپ يەرلىشىپ ئەمەلىيەتنى كۆرگەنلەرمۇ ھەقىقەتنى يوشۇرماي توغرا مەسلىھەت بېرىشى كېرەك. ھالبۇكى بۇرۇن بارغانلار ئۇ جەمئىيەتلەردىكى پۈتۈن سەلبىيلىكنى جان – جەھلى بىلەن يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ ھەم بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشتىن بەكلا قورقىدۇ. شۇڭا، مەسئۇلىيەتنىڭ خېلى كۆپ قىسمى شۇلارغا يۈكلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بېرىدىغان مەلۇماتلار ئۇ جايلارغا بېرىشنىڭ پايدا – زىيىنىنى بىلىشتە ھەل قىلغۇچ مەلۇمات. مېنىڭ شەخسىي قارىشىم: ئومۇميۈزلۈك بىر خىللا مەسلىھەت ھەممە كىشىگە ماس كەلمەيدۇ. غەربكە كۆچۈشنىڭ زىيانلىق تەرىپى بولغىنىدەك، پايدىلىق تەرىپىمۇ بولىدۇ. ئوقۇش، ئەندىشە، ئىقامەتسىزلىقتىن ياكى نوپۇسسىزلىقتىن پەيدا بولىدىغان خاتىرجەمسىزلىك ۋە سىياسىي سەۋەبلەر دېگەندەك مەجبۇر قىلىدىغان ئالاھىدە سەۋەب بولمىسا، بارماسلىق كېرەك. چۈنكى، بۇ كۆچۈش مۇسۇلمانلار كۆپچىلىك بولۇپ ياشاۋاتقان دىيارلارغا قارىغاندا، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن خەلقىمىزنىڭ 2 -، 3 – ئەۋلادلىرىنى دىنىي ۋە مىللىي كىملىكتىن مەھرۇم قويۇش ئېھتىماللىقى نىسبەتەن يۇقىرى، ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

460 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ قول ياكى پۇت سۇنۇپ گىپىسقا ئالغان ھالەتتە، غۇسۇل قىلىش ۋاجىب بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿شۇڭا، ئاللاھتىن تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە قورقۇڭلار ﴾(64/«تەغابۇن»: 16) دېگەن ئەمرى بويىچە تېڭىقتىكى قول ياكى پۇتتىن باشقا جايلىرىنى يۇيالىسا يۇيۇپ، تېڭىققا مەسھ قىلىدۇ. يۇيالمىسا يۇيالىغىنىنى يۇيۇپ، تېڭىققا مەسھ قىلىپ تەيەممۇم قىلىدۇ. كارىۋاتتىن تۇرالمايدىغان، ھەرىكەت قىلالمايدىغان ۋە تەيەممۇممۇ قىلالمايدىغان بولسا، ياتقان ھالىتىدە نامازنى ئوقۇۋېرىدۇ. بۇ ھالەتتە ئوقۇغان نامازلىرىنى كېيىن ساقايغاندا قايتا ئوقۇمايدۇ. سۇ تەگسە زىيان قىلىدىغان ياكى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغان بىرەر يارا ياكى شۇنىڭدەك جايلار بولسا ھەم شۇنداق. زىيان قىلمايدىغان بولسا يۇيۇش لازىم. يارا ئۈستىگە چاپلاق چاپلاقلىق ھالەتتە يۇيسا ياكى يۇيۇنسا زىيان يەتمەيدىغان بولسا يۇيىدۇ.

461 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى ھەج قىلدۇرۇش ياكى ئايالىنىڭ ھەج چىقىملىرىنى قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھقا شۈكۈر. شەرئەن ئەر كىشىنىڭ ئايالىنىڭ يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە داۋالىنىش قاتارلىق چىقىملىرىنى قىلىپ بېرىش يەنى نەپىقە قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. ئەمما، ھەج چىقىملىرى بۇ دائىرەگە كىرمەيدۇ. شۇڭا، ئەرنىڭ ئايالىنى ھەج قىلدۇرۇش ياكى ئايالىنىڭ ھەج چىقىملىرىنى قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق. ئەمما، ئۆزلۈكىدىن ئايالىنى ھەج قىلدۇرسا ياكى ھەج چىقىملىرىنى قىلىپ بەرسە، ئەجىر ئالىدۇ. بۇ ۋەجدىن ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى يار بەرسە، ئۆز ئىقتىسادىنى خەجلەپ ھەج قىلىشى پەرز بولىدۇ. ئىقتىسادى يار بەرمىسە، ھەج پەرز بولمايدۇ.

462 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! پۇتنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇش تەكەببۇرلۇقمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. پۇتنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇش ھەققىدە پەيغەمبىرىمىزدىن چەكلىمە كەلمىگەن. ئەكسىچە، «سەھىھەين»دە ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺯﻩﻳﺪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ سۆزلەپ بەردىكى: ئۇ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﻰ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﺗﻪ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ئالماپ ﺋﻮﯕﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎتقان ھالىتىدە ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ.(«بۇخارىي»، (416)؛ «مۇسلىم»، (2099) بۇ ھەقتە چەكلىمە كەلمىگەنلىكى ۋە يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ قىسمەن دالالىتىگە ئاساسەن، پۇتنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇش جائىز ۋە مۇباھ. ئەمما، ئولتۇرغۇچى بۇ ئولتۇرۇشتا كۆڭلىدە تەكەببۇرلۇق قىلسا ھۆكمى ھارام بولىدۇ. ئاتا – ئانا، ئۇستاز ۋە باشقا ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىكلەر ئالدىدا پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرسا، ئەدەبسىزلىك ۋە ھۆرمەتسىزلىك جەھەتتىن، مەكروھ بولىدۇ. بەلكىم ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ بۇ حىل ئولتۇرۇشقا قانداق قارىشىغا ۋە ئۆرپ – ئادىتىگە قاراپ ئۇنىڭ ھۆكمىمۇ پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

463 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سىزدىن بىر سوئالنى سوراشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم، توغرا چۈشەنگەيسىز. ھەيز كېلىشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن، ھەركۈنى بىرەر قېتىمدىن ناھايىتى سۇس ھالرەڭ سۇيۇقلۇق كېلىدۇ، قان ئارىلاش ئاق خۇن دېسەممۇ بولىدۇ. ئەمما، رەڭگى قاندىن سۇس، بۇ ئەھۋالدا ناماز ئوقۇۋېرەمدىم ياقمۇ؟ ھەيز تۈگەپ يەنە بىرنەچچە كۈن شۇنداق بولىمەن، پۈتۈنلەي ئاپپاق بولمىغۇچە نامازنى ئوقۇماي تۇرامدىم؟ يەنى ئۆزى ئاقمايدۇ، كىچىك تەرەتتىن كېيىن قەغەزدە سۈرتسە، بەزىدە بار، بەزىدە يوق.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەگەر سۇس ھالرەڭ سۈيۈقلۇق ئادەت كۈنلىرى ئىچىدە كەلسە، بۇ ھەيز ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ئادەتتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن ئادەتكە ئۇلىشىپ ساقايماستىن ئىزچىل شۇنداق كەلسە بۇمۇ ھەيزگە تەۋەدۇر. مەسىلەن، ئادەتنى 5 كۈن دەپ ھېسابلىغان بولسىڭىز، ئۇندىن ئىلگىرىكى كۈندە ۋە 6 – كۈندە ئىزچىل شۇنداق كەلسە ئادىتىڭىز 7 كۈن دېگەن گەپ. ئىزچىل ئۇنداق بولماي، بەزى ئايلاردىلا كەلسە، بۇ ئىستىھازەدۇر. ئادەتتىن ئاپئاق خۇن كېلىش ياكى پۈتۈنلەي قۇرۇش بىلەن ساقىيىپ بولغاندا بۇ خىل خۇن كەلسە، بۇ ئىستىھازە ھۆكمىدە. ئىستىھازە خۇنىنىڭ ھۆكمى توختىماي بۇرۇن قاناش ياكى سۈيدۈك توختىماسلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش بولۇپ، شەرئىي ئەھكامدا ئىستىھازەدارلار ساغلام ئاياللاردىنمۇ، ھەيزدارلاردىنمۇ پەرقلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئىستىھازە ناماز، روزا، تاۋاپ، «قۇرئان» تىلاۋىتى ۋە جىماغا توسالغۇ بولمايدۇ. لېكىن، ھەربىر نامازغا ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ.

464 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مېنىڭ يولدىشىم ھەپتىدە ئىككى – ئۈچ كۈن بىر ئاغىنىسىنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەكىرىپ قوندۇرىدۇ. مېنىڭ يۈزۈم يېپىق بولغانلىقتىن، ئۇ ئاغىنىسى مېنى بىر قېتىم ئۇخلاش كىيىمى بىلەن يالاڭ باش ھالەتتە ئېھتىياتسىزلىق تۈپەيلىدىن كۆرۈپ قالدى. ھاۋا ئىسسىق بولغانلىقتىن داۋاملىق ئۆيدە ئورۇنۇپ يۈرۈپ بولالمايدىكەنمەن، شۇڭا يولدىشىمنىڭ ماڭا نامەھرەم بولغان ئەر كىشىنى ئۆيگە ئەكىرىپ قوندۇرۇشى شەرىئەتتە توغرىمۇ؟ ئۇ ئاغىنىسىنىڭ ياتىمەن دېسە ئۆيى بار، ئەمما بويتاق. ئەر كىشى بولغاچقا، تاماق ئېتەلمەي، يېمەك – ئىچمەكتىن قىينالغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا يولدىشىم بىزنىڭ ئۆيگە ئەكىرىپ تاماق يېگۈزىدۇ.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىسلام شەرىئىتى ئائىلىدە ھۇزۇر ۋە ساغلام شارائىتنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە باشقىلارغا يار – يۆلەكتە بولۇشنىمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەر ئۆيسىز قالغان ئاغىنە ۋە بۇرادەرلىرىنى شۇنداقلا ماكانسىز قالغان مۇھاجىر ۋە مۇساپىرلارنى ئۆينىڭ شارائىتى ۋە ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەملىكىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئۆيىدە ۋاقىتلىق قوندۇرۇپ ياردەم قىلسا، كۈتۈۋالسا بولىدۇ. بۇ زۆرۈرىيەت جەھەتتىن پاناھلاندۇرۇش بولىدۇ. ئەمما، تۇرالغۇسى بار ئاغىنە ۋە تونۇشلىرىنى زۆرۈرىيەت تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئۆيىدە قوندۇرۇشى ئايالنىڭ ماقۇللۇقىغا ۋە رازىلىقىغا باغلىق. چۈنكى، زۆرۈرىيەت تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئەر مېھماننىڭ قونۇشى ئايالنىڭ ئارامىنى بۇزۇپلا قالماي، فىتنە – پاساتقا، ئويلىمىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرگىمۇ سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، زۆرۈرىيەت تېپىلمىغاندا تۇرالغۇسى بار كىشىلەرنى ئۆيدە قوندۇرماي، تاماق يېگۈزۈپ ئۇزۇتۇش لازىم. بولمىسا ئايالىغا ۋە ئائىلىسىگە زىيان ئۇرغانلىق جەھەتتىن چەكلىنىدۇ. ھەتتا بۇنىڭ ئويلىمىغان يەردىن زىيىنى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغاچقا، ئايال رازى بولغان تەقدىردىمۇ قوندۇرمىغان تۈزۈك. ئەرمۇ بۇ ئىشلارغا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلماسلىقى لازىم. مېھمانمۇ ئۆزىنى سورىشى، ئېغىرچىلىق سالماسلىقى لازىم.

465 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مەن ئەر – ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە پەتۋا سورىماقچى ئىدىم: ئەگەر ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدا كېلىشەلمەسلىك بولۇپ، بۇنىڭغا ئۆلىمالار شەرىئەت ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشنى قارار قىلغان بولسا، ئەر كىشىنىڭ: «شەرىئەتكە كەلمەيمەن، ئۆزەم خاھلىغىنىم بويىچە قىلىمەن» دېيىشى دۇرۇسمۇ؟ ئەر كىشىنىڭ: «شەرىئەتكە كەلمەيمەن» دېيىشى ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. شەرىئەتكە كېلىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇش، رازى بولۇش ئىماننىڭ تەقەززاسى بولۇپ، شۇ ئېتىقاد بويىچە شەرىئەتكە ئەمەل قىلىش ۋاجىبتۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر، ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 36). ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتىدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇنافىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 65). مەيلى ئەر – ئايال ئوتتۇرىدىكى كېلىشمەسلىكلەردە ياكى باشقا مۇئامىلىلەردىكى كېلىشمەسلىكلەردە ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغان بىر كىشىنىڭ «شەرىئەتكە كەلمەيمەن» دېيىشى ۋە شەرىئەت ھۆكمىنى رەت قىلىشى ئۆز خاھىشىنى ياكى باشقا بىر قانۇننى تېخىمۇ ياراملىق دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن كېلىپ چىقسا، بۇ كىشى ئېنىق كافىر بولىدۇ ۋە بۇ ئېتىقادى شۇنداقلا ئىپادىسى بىلەن ئىسلامدىن چىقىدۇ. نەتىجىدە، بۇ سۆزى ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان ھىدايەت ۋە ھەقنى چۆرۈپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ياكى باشقا ئىنسانلارنىڭ نەپسى خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قىلىشى ئېنىق ئېزىشتۇر، زۇلۇم سېلىشتۇر ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىشتۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھ ۋەھيى قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(28/«قەسەس»: 50) دېگەن. ئىنسانلارنىڭ ئۆز نەپسى خاھىشى ياكى باشقىلارنىڭ خاھىشى بويىچە ھۆكۈم قىلىشى جاھىلىيەت ھۆكمىدۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالار) نىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلغىن! ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن! ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغاننىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچتۈرۈشىدىن ساقلانغىن! ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شەك – شۈبھىسىزكى، كىشىلەردىن نۇرغۇنى پاسىقتۇر. ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزەرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟!﴾(5/«مائىدە»: 49، 50)

ئەمما، «شەرىئەت ھۆكمى ھەق ۋە توغرا» دەپ ئېتىقاد قىلىپ تۇرۇپ، بىرەر دەۋادا ئۆز مەنپەئەتىنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، «شەرىئەتكە كەلمەيمەن» دېگەن بولسا، بۇ ئەھۋالدا ئەسلى ئېتىقادنى ئىنكار قىلمىغانلىقتىن، ئىمانى ناقىس، ئاسىي گۇناھكار بولۇشى ئېنىق بولسىمۇ، كېسىپ «كافىر بولدى، دىندىن چىقىپ كەتتى» دېيىلمەيدۇ. كافىر بولۇشىمۇ ۋە دىندىن چىقىپ كېتىشىمۇ ئېھتىمال. دىلى خەستە مۇنافىق بولۇشىمۇ يىراق ئەمەس. چۈنكى، بۇمۇ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنى تىڭشىماس بولۇۋېلىپ، تۇرمۇشىدا ئۆز خاھىشى ياكى ئىنسانلار پەيدا قىلغان قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى ھۆكۈمران قىلماقچى بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(مۇناپىقلار) «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىر جامائە شۇنىڭدىن (يەنى ئىماننى دەۋا قىلغاندىن) كېيىن، (شەرىئەت ھۆكمىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مۇئمىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەيغەمبەر) ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ (ھۆكمىگە) چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر جامائە (پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشتىن) باش تارتىدۇ. ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ تەرىپىدە بولىدىغان بولسا (رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن)، پەيغەمبەرگە بويسۇنغان ھالدا كېلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارمۇ؟ يا) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن) گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئۇلار (رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن) زالىمدۇر. (پەيغەمبەر) مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا، ئۇلار: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾ (24/«نۇر»: 47 – 52).

يەنە بىر زەئىف ئېھتىمالدا «شەرىئەتكە كەلمەيمەن» دېگەن سۆزىدىكى «شەرىئەت» كەلىمەسىدە ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستە بايان قىلغان ئېنىق ھۆكۈملىرىنى مەقسەت قىلماي، مەلۇم بىر دەۋادا ھۆكۈم پىچىشى كۆزدە تۇتۇلغان، پارا يېگەن، بىر تەرەپكە يان باسىدىغان، شەرىئەت ھۆكمىنى تولۇق بىلمەيدىغان ياكى شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم پىچمايدىغان مەلۇم «موللا»نىڭ ھۆكمىنى ياكى ياراشتۇرۇپ قويۇشىنى مەقسەت قىلىپ دېگەن بولسا، ئەلبەتتە كافىر بولمايدۇ.

يۇقىرىقىدەك ئېھتىماللىقلار بولغاچقا، بۇ سوئالغا مەلۇم بىر ۋەقەلىكتىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق تەكشۈرگەن ئەھلى ئىلىملەر جاۋاب بېرىشى مۇناسىپ.

466 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! چەتئەلدىن مەككەگە ئۆمرەگە نىيەت قىلمىغان ئاساستا ئىھرامسىز كىرىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ھەرەم سىرتىدىن ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتىدە بولماي، تىجارەت ياكى ناماز ئوقۇش، ياكى بىرەرسىنى يوقلاشتەك ھەرقانداق بىر سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەككەگە كىرمەكچى بولغان كىشى ھەرەمنى ئۇلۇغلاپ ئۆمرە ئۈچۈن مىيقاتتىن ئىھرام باغلاپ كىرىشى كېرەك. مىيقاتتىن ئىھرامسىز ئۆتۈپ كەتسە، ئۇنىڭغا بىر قوي ۋاجىب بولىدۇ. شافىئىي مەزھەب قارىشىدا ئۇنداق نىيەتتىكى كىشىنىڭ ئىھرام باغلاپ كىرىشى ۋاجىب ئەمەس.

467 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئانا بار بولۇپ، بۇرۇنقى يولدىشى ۋەتەندە تۈرمىدە، يېنىدا بىرى توققۇز، يەنە بىرى يەتتە ياشقا كىرگەن ئىككى بالىسى بار. بۇ ئانا ھازىر باشقا بىرى بىلەن توي قىلغان. ئەمدى ئۇ بالىلارنى دوستلىرىغا ئامانەت قويۇپ، ھەرەمگە ئۆمرە قىلغىلى بارسا توغرا بولامدۇ؟ دىنىي جەھەتتىن گۇناھقا ئىشلىگەن بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ «ئۆمرە قىلىش ۋاجىب ئەمەس» دېگەن قارىشى بويىچە، كىچىك بالىلارنى باشقىلارغا ئامانەت قويۇپ ئۆمرەگە بارسا، نارەسىدە بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىز قالغانلىقتىن دۇچار بولىدىغان تۈرلۈك زىيانلار سەۋەبلىك، ئانا بالىلىرىغا ياخشى قاراپ خەۋەر ئېلىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئادا قىلمىغانلىقتىن گۇناھكار بولىدۇ.

468 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن!

1. بانكا كارتىسى بېجىرمەكچى بولساق، قايسى بانكىنىڭكىنى بېجىرسەك، جازانە ئارىلىشىپ قېلىشتىن يىراق، شۈبھىدىن خالىي بولالايمىز؟

2. كارتا بېجىرەي دېسەم، ۋەتەنداشلىق ياكى پاسپورت بولمىسا بېجىرگىلى بولمايدىكەن. مېنىڭ بولسا ئۇزۇن دۆنەم ئىقامىتىم بار ئىدى. ئىقامەت بىلەن  توردىن (en para) دەيدىغان بىر بانكىدىن كارتا بېجىرگىلى بولىدىكەن. مۇشۇ بانكىدىن  كارتا بېجىرسەم بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. 1. قاتىلىم بانكىلىرىدا جارى ياكى ئوچۇق ھېساب ئاچسا بولىدۇ. ۋەدىلىك (مۇددەتلىك) ياكى قاتىلىم ياكى ئالتۇن ھېسابى ئاچسا بولمايدۇ. كىرېدى كارتى بېجىرسىمۇ بولمايدۇ.

2. ئىقامەتكە كۇۋەيتتۈرك بېجىرەتتى. (en para) ۋە باشقا ھەرقانداق بانكىدىن پەقەت جارى ياكى ئوچۇق ھېسابلارنىلا ئاچسا بولىدۇ.

469 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بىزنىڭ ئۆيىمىز 3 قەۋەتلىك بىر بىنادا، ئەڭ ئۈستىدىكى قەۋەت ئىككى قاتلىق بولۇپ، جەمئىي 5 ئائىلە بار. ئەڭ ئاستىدىكى باغچە قەۋەت، ئىشىكتىن كىرىشتىكى كىرىش قەۋەت، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋەت بولۇپ، بىنادا لىفىت بار. لېفىتنى ئەڭ ئۈستىدىكى 2 ئائىلە ئىشلىتىدۇ، بىنانىڭ تازىلىق ۋە رېمونت چىقىملىرىنى ھەممىمىز تەڭ تاپشۇرىمىز، لېكىن لىفىت تولا بۇزۇلىدۇ ھەم ھەر ئايلىق لىفىت ئىشلەتكەن چىقىمنى كىرىش قەۋەت بىلەن ئەسلا لىفىت ئىشلەتمەيدىغان باغچە قەۋەتتىكىلەر بېرىشنى خاھلىمايدۇ، باشقىلار: «چوقۇم ھەممىمىز تەڭ تاپشۇرىمىز، بۇ دېگەن تۈركىيە، تۈركىيەدە مۇشۇنداق» دەپ تۇرىدۇ. ئەمدى مېنىڭ سورايدىغىنىم: باغچە قەۋەت بىلەن كىرىش قەۋەتتىكىلەر لىفىتنىڭ ئايلىق پۇلىنى ھەم رېمونت ھەققىنى چوقۇم بېرىشى لازىممۇ؟ بەرگەن ھالەتتىمۇ رازى بولماي بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىشىنىڭ ھەققى بولۇپ قالامدۇ؟ مۇشۇ مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى قايسى؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھقا شۈكۈر. بىر بىنادىكى قوشنىلار پەقەت شۇ بىنانىڭ ئورتاق پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ چىقىملىرىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. بىرەر قوشنا پەقەت پايدىلانمايدىغان (مەسىلەن زېمىن قەۋەتتىكى قوشنا لىفىتتىن پايدىلانمىغاندەك) نەرسىلەرنىڭ چىقىمىنى تۆلىمەيدۇ ھەم تۆلەشكە مەجبۇرلانمايدۇ. شەرىئەتتە مۇشۇنداق. ئەمما، قانۇندا مەجبۇر تۆلەيدىكەن. رازىلىقسز تۆلىگەن ئەھۋالدا بۇ قۇل ھەققى بولىدۇ ئەلبەتتە. شۇڭا، بۇنىڭ چىقىش يولى تۆلىمەيدىغانغا ئۆزئارا كېلىشىش. قانۇندىمۇ بىنا يۆنەتىمى زېمىن قەۋەتتىكى قوشنىنىڭ لىفىت چىقىمىنى تۆلىمەسلىكىگە قارار ئالسا، تۆلىمەيدۇ.

470 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ھازىر روسىيەدە مەلۇم بىر چېركاۋنىڭ پوپى مۇسۇلمان بوپتۇ. لېكىن، خەۋپ – خەتەردىن قورقۇپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئاشكارىلىيالمايدىكەن. ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى مەخپىي قىلىدىكەن. شۇنداقتىمۇ چېركاۋدىكى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدىكەن. بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ئىگەم بۇ قېرىندىشىمىزنى ئىماننى كۆڭلىگە تولدۇرۇشقا، ھەقتە سەباتلىق تۇرۇشقا ۋە ھەرقانداق زىيانكەشلىكلەردىن ساقلىنىشقا نېسىپ ۋە مۇيەسسەر قىلغاي ئامىن! دىنىمىزدا مەيلى ئەقىدەدە، مەيلى تارماق ئەھكاملاردا بولسۇن مەجبۇرلىنىش ۋە زۆرۈرىيەت دائىرىسىگە ئالاھىدە كەڭ مۇئامىلە قىلىش بار. ئەگەر بۇ قېرىندىشىمىز مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلاپ پوپلۇق ئىشىنى تاشلىسا ئۆلتۈرۈلۈپ ياكى قاتتىق قىيىن – قىستاققا دۇچار بولۇش خەۋپى بولسا، ھازىرچە مۇسۇلمانلىقىنى يوشۇرۇپ پۇرسەت كۈتۈپ، چېركاۋدىكى خىزمىتىنى تاشلىشى كېرەك. چېركاۋدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ بولغۇچە كۆڭلى ئىمان بىلەن تولغاندىن كېيىن مەجبۇرلۇقتىن تاشقى كۆرۈنۈشتە قىلغان كۇفۇر سۆز ۋە ئەمەللىرىگە، چېركاۋدىكى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرۇشقا رۇخسەت. ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا مۇنۇ سۆزىدە رۇخسەت قىلغان: ﴿كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، – قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا – كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ ئاللاھ نىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ﴾(16/«نەھل»: 106)

مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلاپ پوپلۇق خىزمىتىنى تاشلىسا ئۆلتۈرۈلۈپ ياكى قاتتىق قىيىن – قىستاققا دۇچار بولۇش كېلىپ چىقمايدىغان بولسا، بەزىبىر ئاۋارىچىلىق، ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى، تاشلىۋېتىشى، ياردەم قىلماسلىقى، قوپال مۇئامىلە قىلىشى، يەكلىشى… قاتارلىق چىداپ كېتەلەيدىغان قىيىنچىلىقلار ۋە ئەزىيەتلەر بولسىمۇ ئۇ كىشى چوقۇم مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىشى، يوشۇرماسلىقى كېرەك.

خىزمىتىنى تاشلىسىمۇ ئۇ شەھەردە مۇسۇلمانلىقىنى ئاشكارىلىيالمايدىغان بولسا ھىجرەت قىلغۇچە يوشۇرۇشقا رۇخسەت. 40/ غافىر سۈرىسى 28 – ۋە ئۇندىن كېيىنكى ئايەتلەردىمۇ ئاللاھ تائالا فىرئەۋن خانىدانىدا ئىمانىنى يوشۇرغان مۇئمىننىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغان ۋە ئۇنى مۇئمىن دەپ سۈپەتلىگەن. يەنە بىر ئايەتتە ﴿(مەككەدە) سىلەر بىلمەيدىغان ئەر – ئايال مۇئمىنلەر بولمايدىغان بولۇپ، سىلەر بىلمەستىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش بىلەن گۇناھقا گىرىپتار بولۇشۇڭلارنىڭ خەۋپى بولمىسا ئىدى، (سىلەرنى كافىرلارغا مۇسەللەت قىلاتتى)، ئاللاھ خاھلىغان ئادەمنى رەھمىتى (دائىرىسىگە) كىرگۈزۈش ئۈچۈن (سىلەرنى مەككەنى پەتھى قىلىشتىن توستى)، ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا (يەنى مۇئمىنلەر كافىرلاردىن ئايرىلسا)، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كافىرلارنى قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق﴾(48/«فەتھ»: 25) دېگەن.

مۇسۇلمانلىقىنى ئاشكارىلىيالىسا، ئەمما مۇسۇلمانچە ئىبادەتلىرىنى قىلالمايدىغان بولسا، يەنىلا بۇ جايدىن مۇسۇلمانلىقىنى ئازادە ياشىيالايدىغان ئۆز دۆلىتىدىكى باشقا شەھەرگە ياكى باشقا دۆلەتگە ھىجرەت قىلىشى كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

471 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقارغان ئاچچىقسۇ ۋە تېتىمسۇلارنى ئىشلەتسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. بۈگۈنكى (يەنى 2023. سېنتەبىردىكى) ئەھۋالنى ئىگىلىشىمىزچە، ئىستانبۇلدا پەقەت بىرلا ئۇيغۇر ئاچچىقسۇ ۋە تېتىمسۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ بايانى بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئاچچىقسۇ ۋە تېتىمسۇلارغا ھارام ماددا قوشۇلمايدىكەن. پەقەتلا رەڭ بىلەن ئاچچىقسۇ ۋە تېتىمسۇنىڭ بۇزۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن مەلۇم مۇددەت ساقلايدىغان، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھالال بىر ماددا قېتىلىدىكەن. ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكوھول (C2H5OH) ئاساسى جەھەتتىن قالمايدىكەن. قالغان تەقدىردىمۇ %0.1 كە يەتمەيدىكەن. سىركە كىسلاتاسى (acid Acetic) %4 ئىكەن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، سىركە تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكوھول بەزى دۆلەتلەردە %0.5 چەكلەنسە، كىسلاتا %5 بىلەن بىلەن چەكلىنىدۇ. دېمەك، ئىستانبۇلدىكى ئاچچىقسۇ خەلقئارا رۇخسەت قىلغان ئۆلچەم دائىرىسىدە ئىكەن. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، ئىستانبۇلدىكى ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىشلەپچىقارغان ئاچچىقسۇ ۋە تېتىمسۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئىستانبۇلغا خىتتايدىن كەلتۈرۈلگەن ياكى مەنبەسى نامەلۇم ئاچچىقسۇ ۋە تېتىمسۇلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

472 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ ئوپېراتسىيە بولۇپ تۇغقان 13 ئايلىق بولغان بوۋىقىم بار ئىدى. مەندە دىئابېت بار بولغاچقا، دوختۇر: «سېنىڭ سالامەتلىكىڭ ياخشى ئەمەس، شۇڭا 3 – 4 يىل بالىلىق بولماڭلار» دېگەن ئىدى. شۇنىڭغا قارىتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يەۋاتقان ئىدىم. لېكىن، يەنىلا ھامىلىدار بولۇپ قاپتىمەن. دوختۇر: «ئالدۇرۇۋەت، بالدۇر تۇغۇلۇپ قالىدۇ» دەيدۇ. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ ئىلىملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بەرسۇن، ئامىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ھامىلىدارلىق ئانىنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچرىتىش ئېنىق بولسا، قىرىق (بىر قاراشتا 120) كۈنگە يەتمىگەن تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە رۇخسەت. ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچرىتىشى ئېھتىماللىق بولسا قەتئىي رۇخسەت يوق. بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشى ئانىنىڭ ھاياتىنى ۋە ھەتتا تۆرەلمىنىڭمۇ ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچراتمايدىغان بولسا، چۈشۈرۈۋېتىشكە رۇخسەت يوق. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

473 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ يېقىندىن بۇيان «ياۋروپاغا بىر ئادەمگە مۇنچە پۇل» دەپ دېيىشىپ قاچاق يولدىن ئادەم ئەكىلىدىغان ئىش ئاۋۇپ قالدى. قاچاق يولدىن ياۋروپاغا ئادەم ئەكىلىشنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ياۋروپاغا ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە ھىجرەت قىلىشنىڭ ھۆكمى ھىجرەت قىلغۇچىنىڭ نىيىتىگە ۋە شارائىتىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئايرىم پەتۋا يېزىلغان. ھىجرەت قىلسا بولىدىغان زۆرۈر ئەھۋالدىكىلەرنى دېيىشىپ قاچاق يۆتكىسە جائىز، لېكىن بىخەتەر يۆتكەپ بولغاندىن كېيىن پۇلنى بېرىدىغانغا دېيىشىش كېرەك، شۇندىلا توختام توغرا بولىدۇ. ئەمما، ئالدىن پۇل ئېلىپ، كېيىن يۆتكىيەلمىسە، پۈتۈشكەن خىزمەتنى سۇنالمىغانلىقتىن ئالغان ھەق ھالال بولمايدۇ ھەمدە يۆتكەش خىزمىتىنى سۇنالىشى ئېنىق ئەمەس بولغاچقا، بۇ مەۋھۇملۇق توختامنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاندىن ھىجرەت قىلسا دۇرۇس بولمايدىغانلارنى يۆتكەش توغرا بولمىغان ئىشقا ياردەم قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئىشتا يەنە «ھەربىر يولنىڭ غەرق بولۇش ۋە تۇتۇلۇپ تۈرمىگە سولىنىشتەك خەتىرى قانچىلىك؟ كۆپىنچە ئەھۋالدا سالامەت مەنزىلگە يېتىپ بارالامدۇ – بارالمامدۇ؟ يولۇچىلارنىڭ تۈرمىگە سولىنىش، ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراشتىن قورقۇش ۋە ئۇ يەردىن قېچىشتەك زەئىف ھالىدىن ماددىي پايدىلىنىۋېلىش ۋە قاقتى – سوقتى قىلىش بارمۇ – يوق؟ بۇ ئىش ئادەم تىجارىتى دائىرىسىگە كىرەمدۇ – يوق؟ قاچاق يولۇچىلار خاتىرجەم تۇرىدىغان بىرەر دۆلەتنىڭ نوپۇسىنى ئالغانمۇ ياكى ھەرئاندا تۇتۇلۇپ يولغا سېلىنىش خەۋپىدە ياشاۋاتقانلارمۇ؟» دېگەندەك ئەھۋاللار ۋە ئامىللارمۇ كۆزدە تۇتۇلۇشى كېرەك. خەتىرى ئېغىر يول بولسا ۋە يولۇچىلارنى قاقتى – سوقتى قىلىش بولسا، قاچاق يۆتكەش توغرا بولمايدۇ. قولىمىزدا ھەربىر يولنىڭ ئەھۋالى، يولۇچىنىڭ مەقسىتى، شارائىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ياكى ستاتىستىكا بولمىغانلىقتىن، بۇنىڭ ھۆكمىنى ھەربىر مۇسۇلمان ئەھۋالغا قاراپ ئۆزى دەڭسەپ باقسا بىلەلەيدۇ. ئادەتتە پەتۋامۇ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ئەمەس، ھەربىر ئەھۋالغا قاراپ بولىدۇ.

474 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! باشقا دۆلەتلەرگە «مەن زۇلۇمغا ئۇچرىدىم، ئائىلەم زۇلۇمغا ئۇچرىدى» دەپ ئىلتىماس سۇنۇپ، ئارقىدىن ئىشى ھەل بولغاندا جىملا يوقاپ كېتىپ، ئۇ زۇلۇم توغۇرلۇق گەپ قىلماسلىق گۇۋاھلىقنى يوشۇرۇش بولامدۇ، بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «مەن زۇلۇمغا ئۇچرىدىم، ئائىلەم زۇلۇمغا ئۇچرىدى» دەپ سىغىنىپ پاناھلىق بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇ زۇلۇم يوقتەكلا بولىۋېلىش كاززابلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئۇ زۇلۇم ھەققىدە سورالسا زۇلۇم بارلىقىنى ئېيتمىسا، بۇ گۇۋاھلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە يوشۇرۇش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

475 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئايالنىڭ قىزى ئاجرىشىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى كۈيئوغلى ئۇنىڭغا نامەھرەم بولامدۇ ياكى مەھرەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئەلبەتتە سابىق كۈيئوغۇل سابىق قېيىنئانىسىغا مەھرەم بولالايدۇ. ھەتتا ئۇ قىزى تۈگەپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئانىسىغا مەھرەم بولالايدۇ. چۈنكى، قېيىنئانا نىكاھلىنىش مەڭگۈ ھارام قىلىنغان ئاياللار قاتارىدىندۇر.

476 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئايال رامازان روزىسىدىن قېلىپ قالغان قازا روزىسىنى تۇتقان كۈندۈزدە يولدىشى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپتۇ، بۇ ئايالغا كەففارەت كېلەمدۇ ياكى شۇ كۈننىڭ قازاسىنى ئادا قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كەففارەت كەلمەيدۇ. تەۋبە قىلىپ رامازاننىڭ قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ.

477 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كىشى بىر قوينى ئەقىقە قىلماقچى بولۇپ، قاسساپ بىلەن شۇ قويدىن چىققان گۆشىنى كىلولاپ شۇنىڭغا پۇل بېرىدىغانلىقىنى دېيىشكەن. شۇنداق قىلىپ سويغاندىن كېيىن چىققان گۆشنى كىلولاپ، شۇنىڭغا پۇل بېرىپ گۆشنىلا ياندۇرۇپ ئەكەلگەن، بۇ ئەقىقە توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ ئەقىقە توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، قوينى بوغۇزلىغاندا، ئۇ قوي ئۇ كىشىنىڭ ئەمەس. ئۇ كىشى قاسساپنىڭ قويى بوغۇزلىنىپ بولغاندىن كېيىن گۆشىنى سېتىۋالغان. قۇربانلىق، ئەقىقە، فىديە  ۋە نەزر قاتارلىق قوي سويۇشتا تولۇق بىر قوي سېتىۋېلىش كېرەك. مەزكۇر ئەھۋالدا كاللا – پاقالچاق، تېرە ۋە گۆشتىن باشقا قىسمىغا سېتىۋالغۇچى ئىگە بولمىغان.  بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇ گۆش ئەقىقىگە ھېساب بولمايدۇ. شۇڭا، ئىمكانىيىتى بولسا قايتا بىر قوي سېتىۋېلىپ ئەقىقە قىلسۇن.

478 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن مەن تۈرك تېلېكوم (Türk Telekom) سۆزلىشىش كارتىسىنى ئىشلىتىمەن. بۇ سۆزلىشىش كارتىسىغا ھەپتىدە بىر قېتىم «ھەدىيە» دەپ تور ياكى سۆزلىشىش دەقىقە بېرىدۇ. مەن ئاساسەن ئۆيدە بولغاچقا، ئۆيدىكى سىمسىز تورنى ئىشلىتىمەن، ئەمما بەزەن سىرتقا چىققاندا بولسا، سۆزلىشىش كارتامغا پۇل سالماي ھەپتىدە بىر بېرىدىغان مۇشۇ تۈرك تېلېكومنىڭ ھەدىيەسى ئۇدۇل كېلىپ قالسا شۇنى ئىشلىتىمەن. بۇ ھەدىيەنى ئىشلىتىش جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. جائىز.

479 – سوئال: ئەگەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ 85 گرام ئالتۇن زىبۇزىننىتى بولۇپ، ئوقۇش ياردەم پۇلى (Burs) بېرىدىغان مەكتەپنى قازىنىپ قالسا، شۇ بۇرۇس پۇلىنى ئىشلىتىپ بالىسىنى يەسلىگە بېرىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولۇپ قالسا، بۇ بۇرۇس شۇ ئوقۇغۇچىغا دۇرۇس بولامدۇ؟ يەنى شۇ ئارقىلىق ئوقۇشىنى داۋام قىلسا بولامدۇ؟ ياكى بۇ ئوقۇغۇچى باشقىلار ياردەم قىلغان پۇلنى كۇرسلارغا تۆلەپ ئوقۇسا دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا تىزىملىتىش جەدۋىلىدە ئوقۇغۇچىنىڭ باي بولماسلىق شەرتى بولمىسا، باي ئوقۇغۇچىمۇ ئۇنى ئېلىپ ئېھتىياجىغا ئىشلەتسە بولىدۇ. كەمبەغەللەرگىلا بېرىش شەرتى بولسا ئالسا دۇرۇس بولمايدۇ. مەنچە دۆلەت ياكى بىرەر ۋەقف بەرگەن ئوقۇش ياردەم پۇلىنى باي ئوقۇغۇچىمۇ ئېلىپ ئىشلەتسە، ياردەمنىڭ زاكاتلىقىنى ئېنىق دېگەن ئەھۋالدا ئىشلەتمىسە بولىدۇ. يەنە ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئالمىسا ئۇزۇنغا بارماي قولىدىكى ئىقتىساد تۈگەيدىغان بولسا ئالغىنى تۈزۈك.

 480 – سوئال: ئەگەر يولدىشىغا زاكات دۇرۇس كېلىپ، ئۆزىگە زاكات دۇرۇس كەلمەيدىغان بولسا، ئۆزىگە بېرىلگەن ياردەم پۇلنى (زاكاتمۇ ياكى ھەدىيەمۇ ئېنىق بىلگىلى بولمايدىغان پۇل) بالىلىرىغا ئويۇنچۇق ياكى نەرسە – كېرەك ئېلىپ بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ نەپىقەسى ئېرىنىڭ بوينىدا.

481 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ھازىر تۈركىيەدە داۋاملىق مال باھاسى ئۆسۈپ تۇرۇۋاتقاچقا، بەزىدە ئېگىز – پەسلىك بولۇپ قالىدىكەن. مەسىلەن، 50 لىرالىق مالنىڭ باھاسى 70 لىراغا ئۆرلىگەن بولسا، دۇكان ئىگىلىرى شۇ مالنىڭ ھەممىسىگە يېڭى باھانى چاپلاپ، ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن، بىرەر ئىككىسىدە يېڭى باھا چاپلانماي ئەسلىدىكى باھادا قېلىپ قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىزگە بەزىدە ئۇدۇل كېلىپ قېلىپ، كونا باھادا پۇل تۆلەپ چىقىپ كېتىدىكەنمىز. بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېگەن بولۇپ قالامدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. دۇكان ئىگىلىرى قويغان باھادا سېتىۋالسا، ئۇلارنىڭ ھەققىنى يېگەن بولمايدۇ. لېكىن، ئېنىق بىر خاتالىق ياكى ئۇنتۇش بايقىغان ئەھۋالدا دۇكان ئىگىسىگە ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. ئەمما، كونا باھا ئۈستىگە يېڭى باھانى چاپلىغان بولسا خېرىدار يېڭى باھانى سويۇپ ئېلىۋەتسە ئېنىقلا دۇكان ئىگىسىنىڭ ھەققىنى يېگەن بولىدۇ.

482 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! تاكسى ھەيدىگەندە ئۇنىڭغا مەيخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان جايلارغا بارىدىغانلار، مېھمانخانىدىن چىققان ناچار ئاياللارمۇ چىقىدۇ ۋە ئۇلارنى توشۇشقا مەجبۇر بولىمەن. شۇنداق ۋاقىتتا تاپقان پۇلۇم ھالال بولامدۇ؟ «سېنى توشىمايمەن» دېيىش ئىمكانىيىتىم يوق.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەيخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان گۇناھ – مەئسىيەت ئورۇنلىرىغا بارىدىغانلارنى توشۇش گۇناھ – مەئسىيەتكە ھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، ئالغان پۇلى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ھارام بولىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆيىگە قايتىدىغانلارنى توشۇش جائىز. «سېنى توشىمايمەن» دېيىش ئىمكانىيىتى يوق بولۇپ، مەجبۇر بولسا، گۇناھقا ھەمكارلاشقان بولمىغىنىدەك، تاپقان پۇلىمۇ ھالال بولىدۇ.

483 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! 6 ياش ۋە 11 ياش ئوغۇللىرىمىز بىلەن ئۆمرەگە بېرىشنى نىيەت قىلغان ئىدۇق. بۇ بالىلىرىمىز ئىھرام باغلىشى كېرەك بولامدىغاندۇ ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن «نورمال كىيىندۈرسەكمۇ بولارمۇ؟» دەپ ئويلىشىپ قالدۇق. شۇڭا، سىلىدىن سوراپ ئەڭ ياخشىسىنى قىلايلى دېگەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سەبىي بالىلارنى ھەج ۋە ئۆمرە قىلدۇرۇش پەرز ئەمەس، مۇستەھەب بولۇپ، بۇ بالا ئۈچۈن نەفلە بولغاچقا، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن پەرز ھەج قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئۇنى ئېلىپ بارغان ئاتا – ئانا ئۈچۈنمۇ ئەجىر بېرىلىدۇ. بىر ئايال بىر سەبىي بالىنى كۆتۈرۈپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

ــ بۇنىڭ ئۈچۈن ھەج بارمۇ؟ ــ دەپ سورىغانىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ھەئە، سىزگىمۇ ئەجىر بولىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەردى(مۇسلىم: 1336).

سەبىي بالىلارنىڭ ئاق – قارىنى پەرق ئېتىدىغان 7 ياشتىن يۇقىرىلار ئىھراملىق كىيىپ، چوڭلارغا ئوخشاش ئاغزىدا: «ھەج (ياكى ئۆمرە) گە لەببەي ئى ئاللاھ!» دەپ تەلبىيە ئېيتىپ ئىھرام ھالىتىگە كىرىدۇ. 7 ياشتىن كىچىك ياكى گەپنى قولاشتۇرۇپ قىلالمايدىغانلار ئۈچۈن، چوڭلار «بۇ بالام ئۈچۈن ھەج (ياكى ئۆمرە) گە لەببەي ئى ئاللاھ!» دەپ تەلبىيە ئېيتىپ نىيەت قىلىپ قويىدۇ. «5 ياشتىن كىچىك بوۋاقلارنى ئېلىپ بېرىش مۇستەھەب بولمايدۇ» دەپ قارىغان ئالىملارمۇ بار. بالىلار چوڭلار بىلەن تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ ياكى قىسقارتىپ ئىھرامدىن چىقىدۇ. ئۆزى ماڭالمايدىغانلارنى چوڭلار كۆتۈرۈۋالسا بولىدۇ ۋە بۇ كۆتۈرۈۋېلىش بىلەن ھەر ئىككىيلەن تاۋاپ – سەئيىلىرىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. ھەجدە شەيتانغا تاش ئېتىشتا كىچىكلەر ئاتالمايدىغان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن چوڭلار ئېتىپ قويىدۇ.

ئىھراملىق ھالەتتە چوڭلارغا چەكلەنگەن ئىشلار سەبىيلەرگىمۇ ئوخشاش چەكلىنىدۇ. زاكا تاقاشقا ئېھتىياجى بولغانلارغا زاكا تاقالسا بولىدۇ. سەبىي بالا بىلمىگەنلىكتىن بىرەر چەكلىمىگە رىئايە قىلالمىسا، مەسىلەن بېشىنى يۆگىۋېلىش، ئەتىر ئىشلىتىش، كىيىنىۋېلىش، ھەرەمدە كەپتەر ئوۋلاشتەك ئىشلارنى قىلسا فىديە كەلمەيدۇ. بىلىپ قەستەن قىلسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، فىديە كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەج تەمەتتۇﺋ ۋە ھەج قىران ئۈچۈن قۇربانلىق كېلىدۇ. ئىمام ئەئزەمنىڭ قارىشىدا فىديە كەلمەيدۇ. بۇ نۇقتىدا ئىمام ئەئزەمنىڭ قارىشى كۈچلۈك. چۈنكى، سەبىي بالاغەتكە يەتمىگۈچە ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلمايدۇ.

484 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! مېنىڭ 3 پەرزەنتىم بار، مەن 2016 – يىلې بالىلىرىمنىڭ دادىسىدىن ئايرىلغان. بىز ئۇزۇن ئايرىلىش سەۋەبىدىنمۇ بىلمەيمەن مېنى تېلېفوندىمۇ ئىزدىمەس بولدې، شۇنىڭ بىلەن مەن: «نېمىشقا تېلېفوندا بولسىمۇ مېنې ئىزدىمەيسىز» دېدىم. ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن جاۋابې: «بالىلار بىلەن تۇرغۇڭ بولسا تۇر، توي قىلىۋالساڭمۇ بولىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. شۇندىن تارتىپ 2 يىل تېلېفوندىمۇ كۆرۈشمىدۇق. بالىلار بىلەن تېلېفونلىشىدۇ، لېكىن مېنې بىر قېتىممۇ سوراپ قويمىدې. 2018 ـ يىلې خىتاي كافىرلار تەرىپىدىن تۈرمىگە سولىنىپ تۈرمىگە 15 يىللىق قاماق بېرىلىپتۇ. 3 بالىلىرىممۇ ئۆي – ئوچاقلىق بولۇپ بولدې. شۇڭا، «يالغۇزلۇق سەۋەبىدىن توي قىلسام بولامدۇ ياكې بولمامدۇ؟» دەپ سورىشىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئېرىڭىزنىڭ: «بالىلار بىلەن تۇرغۇڭ بولسا تۇر، توي قىلىۋالساڭمۇ بولىدۇ» دېگەن جاۋابې سىزگە ئاجرىشىش مەسىلىسىدە ئىختىيارلىقنى بەرگەنلىك بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا سىز خاھلىسىڭىز ئاجرىشىشنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاجرىشىشنى تاللىسىڭىز، تاللىغان چاغدا بىر رەجئىي تالاق بولغان بولىسىز ۋە ئىددەت توشقاندىن كېيىن باشقا ئەرگە ياتلىق بولالايسىز.

485 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «ئۆيدە ئاياللار باشتاق يۈرسە، ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ» دەيدىغان گەپ بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئايال كىشى ئۆيىدە ئېرىگە ۋە مەھرىمىگە باشتاق كۆرۈنسە بولىدۇ. بۇنى چەكلەيدىغان ياكى بۇنىڭ پەرىشتىنىڭ كىرىشىگە توسالغۇ بولىدىغان بىرەر ھەدىس يوق. ئىش – ئەمەللەرنى يازىدىغان پەرىشتە باشتاق ئايال بىلەنمۇ بىللە بار.

486 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قەرزىنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق قەرزدارنىڭ قەرزىنى پۇلنى قولىغا تۇتقۇزماستىن، زاكات پۇلنى بىۋاسىتە قەرز ئىگىسىگە بېرىپ تۆلىۋەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. زاكات سەرپ قىلىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى قەرزدارلار. ئەگەر قەرزدارنىڭ ئىجازىتى بىلەن قەرزىنى زاكاتتىن تۆلىۋەتسە، ئالىملار بىردەك: «جائىز» دەپ قارايدۇ. ئىجازىتى بولمىسىمۇ تۆلىۋەتسە، بەزى ئالىملار: «جائىز» دەپ قارايدۇ.

487 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئورۇقلاش ئۈچۈن ئاشقازان كەستۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. يېمەك – ئىچمەكتىن پەرھىز تۇتۇش ۋە چېنىقىش ئۈنۈم بەرمەي، كۈندىلىك تۇرمۇشتا شەخسكە بىئارامچىلىق ۋە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىغان دەرىجىدە سېمىزلىك سەۋەبىدىن ئاشقازاننى كەستۈرۈش، بوغدۇرۇش، كەمەر تاقىتىش ۋە مىخلاش كەبى ئۇسۇللار بىلەن داۋالىنىش مەقسىتىدە ئورۇقلىتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش، دوختۇر بۇنىڭ شۇ كىشىگە ئېغىر زىيىنى بولمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلىسە، جائىزدۇر.

488 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئۈستىدىكى ئۆيدىن سۇ ئۆتۇپ كېتىپ ئۆيۈم بۇزۇلۇپ كەتكەنتى. بۇزۇلغان يەرنى ئوڭشاش كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ؟ مېنىڭمۇ ياكى ئۈستى قەۋەتتىكىلەرنىڭمۇ؟

ئۈستى قەۋەتتە ئىجارە ئولتۇرۇدىغان ئادەم بولۇپ، ئۆيدىن سۇ ئۆتۇپ بۇزۇلۇپ كەتسە، ئوڭشىتىش ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىشىمۇ ياكى «مەن ساق بەرگەندىكىن پۇلنى سەن تۆلەيسەن» دەپ ئىجارىدە ئولتۇرغان ئادەم تۆلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۈستى قەۋەتتىن ئاستى قەۋەتكە سۇ ئۆتۈپ كەتسە، ئالدى بىلەن تۇرۇبىچىنى ئەكىلىپ سەۋەبنى بىلىش لازىم. ئەگەر ئۆينىڭ تۇرۇبىلىرى كونىراپ كەتكەنلىكتىن يېرىلىپ سۇ ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئوڭشاش چىقىمىنى ۋە ئاستىدىكى ئۆينىڭ زىيىنىنى ئۈستى قەۋەت ئۆينىڭ ئىگىسى تۆلەيدۇ. ئەگەر سەۋەبى ئۈستىدىكى ئۆيدە ئولتۇرغانلارنىڭ خاتالىقلىرى بولسا، يۇقىرىقىلارنى ئۆيدە ئولتۇرغۇچى تۆلەيدۇ. ئېھتىماللىق بولۇپ قالسا، ئۆي ئىگىسى بىلەن ئولتۇرغۇچى مۇۋاپىق مىقدارغا كېلىشىپ ئىككىيلەن كۆتۈرىدۇ.

489 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن بىر ئايال، ئۈچ بالام بار يولدىشىم قەرزدار. ئائىلە قىينچىلىقىمىز بار. شۇڭا دەرنەكلەردىن ياردەم ئالىمەن. دەرنەكلەردىن نەق پۇل بەرمەيدۇ ئۇن، ياغ، گۈرۈچ دېگەندەك نەرسىلەرنى بېرىدۇ. بەزىدە ئارتۇق ئۇن، ياغ، گۈرۈچنى سېتىپ ئىشلەتتىم. لېكىن، بەرگەنلەر: «ساتماڭلار» دەيدىكەن. ھاجىتىمدىن ئارتۇقىنى سېتىپ ئىشلىتىشىم گۇناھمۇ؟ ھارام يېگەن بولىمەنمۇ؟ ھەقىقەتەن گۇناھ بولىدىغان ھارام بولۇپ قالسا، ساتقان نەرسىلەرنىڭ پۇلىسىنى ھېسابلاپ بېرىۋىتەي ھەم ئۇلۇغ رامازاندا قىلمىشىمغا تەۋبە قىلاي. ئەگەر ماڭا بېرىپ بولغان نەرسىنى ئەھۋالغا قارىتا قانداق تەسەررۇپ قىلىشىم ئۆزۈمنىڭ ھەققى بولسا، بۇنىڭغا قارىتا بىر چۈشەنچە بەرسىلە.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. دەرنەكلەر تارقاتقان ئۇن – ياغلار زاكات بولۇشىمۇ، سەدىقە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر زاكات بولسا، سىز ئۇنى ئالغاندىن كېيىن قانداق تەسەررۇپ قىلىش ئىختىيارىڭىز بولاتتى. چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ مۈلكىڭىزگە ئايلاندى. سەدىقە بولسا، بەرگۈچى بېكىتكەن شەرتكە رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك بولاتتى. ئەمدى ئۇ ياردەمنىڭ زاكات ياكى سەدىقە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگەنلىكتىن، قىلغىنىڭىز ئېھتىماللىق دائىرەدە قېلىپ شۈبھىگە كىرگەن بولىسىز. شۇڭا، ئۆتۈپ كەتكىنىگە سالاۋات، بۇندىن كېيىن شۈبھىدىن يىراق تۇرۇشنىڭ ئامالىنى قىلىڭ.

490 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ قانداق ئەھۋاللىرى دوكتور! ياخشى تۇرۋاتاملا! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۆيدە باشقا ھېچكىم يوق يالغۇز چاغدا ئەر – ئايال  خۇشى تۇتۇپ قېلىپ مۇنداق قول كۆتۇرۈپ ئەر – خوتۇن بىر – بىرى بىلەن ئۇسسۇل ئويناپ قالسا گۇناھكار بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ تىنچلىق. گۇناھ بولمايدۇ.

491 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مەن بىر ھەپتە ئالدىدا دادام – ئاپاملار بىلەن ئۆمرە ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىپ يولدىشىمدىن سورىغانتىم، (يولدىشىم ياۋروپادا) قايتا – قايتىلاپ سورىساممۇ «بېرىپ كېلىڭ» دەپ رۇخسەت قىلغان ئىدى. بېلەت ھەممىنى تەييار قىلىپ، ماڭىدىغانغا بىرنەچچە كۈن قالغاندا: «بارمايسەن» دەپ گېپىدىن يېنىۋالدى، شۇنداقتىمۇ بېرىۋەرسەم ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولامدىم؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇرۇن پەقەت بارمىغان بولسڭىز، ئىتائەتسىزلىك بولمايدۇ. بۇرۇن بارغان بولسڭىز، بارماسلىق كېرەك.

492 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! مېنىڭ ئالدىمدا چوڭى 7 ياش، كىچىكى 5 ياش ئىككى بالام بار، ئۈچىنچىسى تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. يولدىشىم ياۋروپادا ياشايدۇ، كېتىپ – كېلىپ تۇرىدۇ. ئىككى ئاي بولدى، ئۆينىڭ ئىجارىسىنىمۇ دادام تۆلەپ بېرىۋاتىدۇ، بالىلىرىمنىڭ، مېنىڭ چىقىمىمنىمۇ ھەم دادام قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. يولدىشىمغا پۇل توغرىسىدا ئېغىز ئاچسام: «مېنىڭ تاپقان پۇلۇمدا سېنىڭ ھەققىڭ يوق، داداڭنىڭ بالىسى بولغاندىكىن داداڭ باقسۇن» دەپ تاشلاپ قويدى. ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ بىرنەچچە قېتىم ئۆزىنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇلىسىدا ھەققىم يوقلۇقىنى ئېيتىپ، يېنىمدا ئۆزى بەرگەن پۇل بارتى شۇنىمۇ ئېلىۋالغان، ھازىر ئىقتىسادتىن پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتتى، دادامغا قاراشلىق ئۆتۈۋاتىمەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ سۆزۈمنى بېرىشىنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟ ئەر كىشىنىڭ مەندە (تاپقان پۇلۇمدا) ھەققىڭ يوق دېيىشى توغرا بولامدۇ؟ 

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق. بۇ ئەھۋالدا سۆزىڭىزنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.

493 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! يۈزۈمنى ياپاتتىم، ئېچىۋېتىشنى ئويلاپ يولدىشىمغا دېسەم: «ياق» دەپ تۇرۋالدى. ئەمما، يولدىشىم ئۆزى بەك تەقۋا ئەمەس، نامازنىمۇ ۋاقتىدا ئوقۇمايدۇ. «ئۆزۈڭ قوپمامسەن» دەپ مېنىمۇ بامدات نامازلىرىغا چاقىرمايدۇ. مۇشۇ ھالدا «يۈزۈڭنى ياپ» دېگىنى كاللامدىن ئۆتمەي، ئېچىشنى ئويلىغانتىم، «ياق» دەپ تۇرۋالدى. «پەتۋا سوراپ قىلىمەن» دەپ سىلىگە ئۇچۇر قىلىشىم. شەرىئەتتە ئەرنىڭ ئايالىنىڭ يۈزىنى يېپىشقا ئارىلىشىش ھوقۇقى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق. يۈزنى يېپىش ئالىملار ئوتتۇرىدا قاراش پەرقلىق بولغان مەسىلە. ئەگەر ئېرىڭىز «يۈزنى يېپىش پەرز» دەپ قارايدىغان بولسا، ئىتائەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق قارىمىسا، ئىتائەت قىلىشىڭىز كېرەك ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئائىلە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ئىتائەت قىلىش ئەۋزەل.

494 – سوئال: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگارىمىز  پاچىقىنى  ئاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارلىق مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئايال ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. پەقەت دۇنيادىكى چاغدا كۆز – كۆز ۋە رىيا قىلىپ سەجدە قىلغانلار سەجدە قىلالماي قالىدۇ. ئۇلار سەجدە قىلىشقا ھەرقانچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق دۈمبىلىرى تۈپتۈز تاياقتەك قېتىپ قالىدۇ». بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟

جاۋاب: سەھىھ.

495 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. تۈركىيە ئىچى تور سودا سۇپىسى بولغان Trendyol دا قېرىنداشلار مەھسۇلات ساتقاندا مەسىلەن، ساپا، ئورۇندۇق ياپقۇچ (Takım ürünleri ) دېگەندەك مەھسۇلاتنى ئاۋۋال توردىكى دۇكىنىدا مالنىڭ سۈرەتلىرىنى، قوللىنىش شەكلىنى چۈشەندۈرگەن مەلۇماتلارنى قويۇپ قويىدىكەن. خېرىدارلار كۆرۈپ مال بۇيرۇتىدىكەن. ساتقۇچىنىڭ ئۇ ۋاقىتتا قولىدا نەق مال يوق، لېكىن سېتىۋالىدىغان دۇكان ياكى زاۋۇتتا ئۇ مال بار. خېرىدارلار مال بۇيرۇتقاندىن كېيىن، ئۇ مالنى دۇكاندىن ئېلىپ، مال يەتكۈزۈش ئورنىدىن خېرىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، قولىدا نەق بولمىغان مالنى يۇقىرىدا دېيىلگەن شەكىلدە سېتىش توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق. https://sajiya.biz/?p=13693&uls=uu بۇ پەتۋادىن پايدىلىنىڭ.

496 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھاجىمئاكا سالامەت تۇردىلىمۇ؟ سىلىدىن مۇھىم بىر مەسىلىنى سوراي دېگەن، مېنىڭ ھەمشىرەم توي قىلغىلى ئىككى يىلدىن ئاشقان، ئېرى ساق – سالامەت، تولۇق كىرىمى بار كىشى، سىڭلىمغا تاقىغان زىبۇزىننەت ئالتۇنلار زاكات نىسابىغا يېتىپتىكەن، قېيىنئانىسى ئۇنىڭ زاكىتىنى سىڭلىمنىڭ ئۆزىنىڭ بېرىشىنى ئېيتىپتۇ. سىڭلىم ئائىلە ئايالى، كىرىمى يوق، ئېرى بەرگىنى بار خالاس، ئەمما ئەتراپىدىكىلەر ئۆزىنىڭ زىبۇزىننەتلىرىدىن سېتىپ ئۆزىنىڭ بېرىشىنى ئېيتىپتۇ. بۇنداق گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىز، ئاياللار توي قىلغابدىن كېيىن چىقىملىرى ئېرىگە تەئەللۇق ئەمەسمۇ؟ ئايال كىشىنىڭ زىبۇزىننەتلىرىگە زاكات كەلسە. ئېرى بېرىش كىرەك ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ھەمشىرەم ئۆز زىبۇزىننەتلىرىدىن سېتىپ بېرىدىغان ئىش بولسا ھەر يىلى ئالتۇنلىرىدىن سېتىپ بېرەمدۇ؟ ئېرى پەقەت مەسئۇل بولمامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە پەتۋا بەرسىلىرى بوپتىكەن. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئايال كىشىنىڭ قولىدىكى زىبۇزىننەت 85 گرامغا يەتسە، ھەر يىلى 85 گرامغا ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقىنىغا ھەممىگە زاكات ئايرىش كېرەك. بۇ مۈلك ئايالنىڭ شەخسىي مۈلكى بولغاچقا، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئىگىسى بولغان شۇ ئايالنىڭ ئۆزى بېرىشى كېرەك. ئېرى بېرىپ قويمايدۇ. ئاياللارنىڭ تۇرمۇش چىقىملىرىنى ئەرلىرى قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئەمما زاكاتنى ئېرى بېرىپ قويمايدۇ. ئايالنىڭ ئۆزى قولىدىكى ئىقتىسادتىن بېرىدۇ. خۇددى ئايالنىڭ نامىزىنى ئېرى ئوقۇپ قويمىغىنىغا ئوخشاش. بۇ نەپىقە دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى پەرز ئەين ئىبادەتتۇر. زاكات ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىگە پەرز ئەين. ئاياللارمۇ زاكات ئىبادىتىنى ئادا قىلغانلىقنى ھېس قىلىشى، ئىبادەت لەززىتىنى تېتىشى زۆرۈر. شۇڭا، قولىدىكىمال – مۈلۈكنىڭ زاكىتىنى ئىگىسى ئادا قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاياللار قولىدىكى زىبۇزىننەت ئالتۇنغا نەق پۇللار بولسا قوشۇپ قىرىقتىن بىرىنى ھەر يىلى زاكات ئايرىيدۇ. بىلىڭكى، ھەر يىلى زاكات بېرىش بىلەن ئالتۇنلىرى ئاۋۇيدۇ. ھەرگىزمۇ كېمىيىپ كەتمەيدۇ. نەق پۇل بولماي ئالتۇنلا بولسا ئالتۇننىڭمۇ قىرىقتىن بىرىنى ئايرىپ بېرىدۇ. دەل ئۇدۇل كەلمىسە ئالتۇنىنىڭ بىر قىسمىنى سېتىپ پۇلىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. مۇبادا ئېرى پۇل ھەدىيە بەرسە ئۇ پۇل ئايالنىڭ مۈلكى بولغاندىن كېيىن ئايال شۇ پۇلنى زاكاتقا ھېسابلاپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇ سىز ئاڭلاپ باقمىغان ياكى سىزگە خاتا چۈشەندۈرۈلگەن مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. توغرىسى يۇقىرىقىدەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

497 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! بەزى قېرىنداشلار «مەككەدە مۇقىم تۇرۇۋاتقانلار ئۆمرە قىلماقچى بولسا مەككىدىكى ئۆيىدىنلا ئىھرام باغلايدۇ» دەۋاتىدۇ. بۇ توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە پەتۋا بەرسىلىرى بوپتىكەن. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەيلى مەككەدە مۇقىم تۇرۇۋاتقان كىشى بولسۇن ياكى مەككەگە بېرىپ ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان كىشى بولسۇن، مەككەدە تۇرۇپ ئۆمرە قىلماقچى بولسا چوقۇم ھەرەم چېگرىسى سىرتى بولغان ھىل دائىرىسىگە چىقىپ ئۆمرەگە ئىھرام باغلىشى كېرەك. مەككەدىن ئىھرام باغلىسا جائىز بولمايدۇ. ئۇنداق قىلسا بىر قوي قان كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىھرام باغلاشقا بەلگىلەنگەن جايدىن ئىھرام باغلىمىدى. ھىل دېگەن مىيقاتتىن جايدىن ھەرەمنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. «سەھىھەين»دە كېلىشىچە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ئاكام ئابدۇرراھمان بىلەن تەنئىمگە ئەۋەتتى. مەن ئۆمرە قىلدىم» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇرراھمانغا: «ھەمشىرەڭنى ھەرەمدىن ئېلىپ چىق، ئۇ ئۆمرەگە تەلبىيە توۋلىسۇن» دېگەن. (قاراڭ: بۇخارىي: 1556، 1560؛ مۇسلىم 1211) دېمەك، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېرىندىشى ئابدۇراھماننى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ھەرەم دائىرىسىدىن چىقىپ ھىل دائىرىسىغا تەۋە تەنئىم (ھازىر ئائىشە مەسجىدى بار جاي) دېگەن جايدىن ئىھرام باغلاپ ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىغان. شۇڭلاشقا، مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىشتا ئىھرام باغلايدىغان جايى ھىل. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆمرەنى ئادا قىلىدىغان جاي مەككە. شۇڭا، مەلۇم بىر تۈرلۈك سەپەر ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن ھىل دائىرىسىغا چىقىدۇ. ناۋادا ئۆمرەگە ھىل دائىرىسىدىكى جىئرانە ياكى ھۇدەيبىييەنىڭ ھىل دائىرىسىدىكى قىسمى ياكى تائىف دېگەندەك خاھلىغان بىر جايدىن ئىھرام باغلىغان بولسىمۇ دۇرۇس بولۇۋېرىدۇ. بىراق يۇقىرىدا بايان قىلغان ھەدىسكە ئاساسەن، تەنئىمدىن باغلىشى ئەۋزەل. بەزى ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىئرانە دېگەن جايدىن ئۆمرەگە ئىھرام باغلىغان، شۇڭغا جىئرانەدىن باغلاش ئەۋزەل، دەپمۇ قارىغان.

ئەمما ھەجدە مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىشتا ئىھرام باغلايدىغان جايى ھەرەم، چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرىنى ھەجگە مەككەدىلا ئىھرام باغلاشقا بۇيرىغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەجنى ئەرەفاتتا تۇرماي ئادا قىلغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئەرەفات ھىل دائىرىسىدە. شۇڭلاشقا، مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشى ھەجگە ھەرەمدىنلا ئىھرام باغلىسىمۇ مەلۇم بىر تۈرلۈك سەپەر ھاسىل بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

498 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! بەزىلەر «بىر قېتىملىق ئىھرام باغلاشتا بىرقانچە كىشىگە ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ» دەۋاتىدۇ. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆزى ئۈچۈن بىر قېتىم ئۆمرە قىلىپ بولغان كىشى مەيلى ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ياكى ھايات بولسىمۇ كېسەللىك ياكى چەكلىمە كەبى سەۋەبلەردىن ئۆمرە قىلالمايدىغانلار ئۈچۈن ئورنىدا ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. لېكىن، ھەر قېتىم ئىھرام باغلىغاندا پەقەت بىر شەخس ئۈچۈنلا ئۆمرە قىلالايدۇ، بىرقانچە كىشىگە ئۆمرە قىلالمايدۇ. ئەمما، مەككەگە بېرىپ بىر ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن تەنئىم (ھازىر ئائىشە مەسجىدى بار جاي) ياكى جىئرانە ياكى ھۇدەيبىييەنىڭ ھىل دائىرىسىدىكى قىسمى ياكى تائىف ياكى مەدىنە دېگەندەك خاھلىغان بىر جايغا چىقىپ ھەر قېتىم ئىھرام باغلاپ كىرىپ بىر كىشى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. دېمەك، بىر ئىھرام باغلاشتا پەقەت بىر شەخسكە ئۆمرە قىلىدۇ. ئەمما، ھەرەمگە قىلغان بىر سەپەردە قايتا – قايتا ئىھرام باغلاپ بىرقانچە شەخسكە ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. ھەجنى بىر سەپەردە پەقەت بىر شەخس ئۈچۈنلا قىلالايدۇ، ئىمام نەۋەۋىي، ئىمام ئىبنى قۇدامەلەر ئېيتقاندەك: «ئەگەر ئىككى كىشى بىر كىشىنى ئورنىدا ھەج ياكى ئۆمرە قىلىپ قويۇشنى تاپىلىسا، ئىككى كىشى ئۈچۈن ئىھرام باغلىسا، ئۆزىگە ھېساب بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، بىر ئىھرام ئۇ ئىككى كىشى ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئۆزى ۋە باشقا بىرى ئۈچۈن بىراقلا ئىھرام باغلىسا، ئۆزىگە ھېساب بولىدۇ» دېگەن. (قاراڭ: «ئەلمەجمۇﺋ»: 7/138؛ «ئەلمۇغنىي»: 6/297) ۋەللاھۇ ئەئلەم.

499 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ بىرقانچە سوئاللىرىم بار ئىدى:

1) بىز ئۈچ، تۆت بۇرادەر بەش، ئون مىڭ دوللاردىن چىقىرىپ، پايدىسى چىققاندا سېتىپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە شېرىكلىشىپ ماشىنا ئالغانىدۇق. ماشىنىنى ئالغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىپ ساتالماي بىر يىلدەك تۇرۇپ كەتتى. ھازىر سورايدىغىنىم، ماشىنا سېتىلىپ قولىمىزغا پۇل چۈشكەندىن كېيىن زاكات ئايرىمدۇق ياكى بىر يىل توشقانلىقى ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە زاكات ئايرىمدۇق؟

2) بەش، ئون مىڭ دوللاردىن پۇل چىقىرىپ ئاشخانا ئېچىۋاتقانلارغا مەبلەغ سالغان بۇرادەرلىرىمىز بار. ئاشخانىنىڭ ئىگىسى ئۈچ، تۆت ئايدا بىر قېتىم پايدا ئايرىپ بېرىپ، نورمال ئاشخانىسىنى ماڭدۇرۇۋېرىدىكەن. بۇ ئاشخانىدىن ئالغان پايدىنى يېنىدىكى پۇللارغا قوشۇپ نىسابقا يەتسە زاكىتىنى بېرەمدۇ ياكى ئاشخانىغا دەسمىي سالغان ئانا پۇلنىمۇ قوشۇپ زاكات ئايرىمدۇ؟

3) ياشلار بولسۇن ياكى چوڭلار بولسۇن، چېچى ئازلاپ كەتكەن، ساقال چىقمىغانلار چاچ – ساقال تىكتۈرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. 1) بىر يىل توشقانلىقى ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ماشىنىنى باھالاپ زاكات ئايرىش لازىم. چۈنكى، قولۇڭلاردا چوقۇم نەق پۇل بىر يىل تۇرۇشى شەرت ئەمەس. تىجارەت تاۋىرى (ماشىنا) قولدىكى پۇلغا ئوخشاش. 2) ئاشخانىدىن ئالغان پايدىنى يېنىدىكى پۇللارغا قوشۇپ، خەجلەپ ئاشقىنى نىسابقا يەتسە زاكىتىنى بېرىدۇ. دەسمىي سالغان ئانا پۇلغا زاكات ئايرىمايدۇ. 3) چاچ – ساقال بىنورمال بولسا داۋالىنىش مەقسىتىدە تىكتۈرسە بولىدۇ. چاچ – ساقال ئادەتتىكىدەك ياكى سەل شالاڭ بولسا تېخىمۇ ھۆسن تۈزەش ئۈچۈن تىكتۈرسە جائىز ئەمەس. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

500 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ قانداق ئەھۋاللىرى؟ دوكتور! ئاللاھ ئىلملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن. بىرقانچە سوئاللىرىم بار ئىدى. 1) پۇلنى بۇلتۇر رامازاننىڭ ياقى ماشىنا ئېلىپ – سېتىشقا دەسمىي سېلىپ، بۇ يىلغا قەدەر لىراغا قارىسا پايدا چىققاندەك، دوللارغا سۇندۇرسام زىيان بار. بۇ پۇلغا زاكات كېلەمدۇ؟ 2) بەش، ئالتە يېتم بالسى بار ئايالغا شۇ ئايالنى ئېلىپ بالىلىرىنى بېقىشىپ بېرىشنى ئويلىغان ئاساستا (تېخى ئالماقلىق) زاكاتنى بەرسەك، ئەجىر كەملەپ كېتەمدۇ؟ ياكى ياخشى شۇمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. 1) بۇ تىجارەتكە سالغان مەبلەغ بولغاندىكىن، پايدا چىقسۇن ياكى زىيان چىقسۇن، سالغان مەبلەغگە 2.5 پىرسەنت زاكات كېلىدۇ. 2) تېخى نىكاھلاپ ئالمىغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ. ھەتتا نىكاھلاپ ئالغاندىن كېيىنمۇ، ئۇ يېتىم بالىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرى بولمىغاندىكىن، ئۇ بالىلارغا زاكاتلىرى دۇرۇس كېلىشى مۇمكىن.

Please follow and like us: