مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆتەلمەيۋاتقان سىنىقى

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆتەلمەيۋاتقان سىنىقى

ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئاسارەتتە جان تالىشىۋاتقان، قېرىنداشلىرىمىز، مىللىتىمىز بىر – بىرلەپ كۆز ئالدىمىزدا قىرىلىپ يوقىتىلىۋاتقان بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە، ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئەس – يادى يۇرتتىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ، ئومۇمەن ۋەتىنى ۋە مىللىتىنىڭ ھالى، كەلگۈسى ئۈستىدە بولماقتا. ھەر كۈنى دېگۈدەك غايىبانە جىنازا نامازلار چۈشۈرۈلمەكتە. قارىماققا ھەممەيلەن «ۋەتەندىكىلەرنى قۇتقۇزىمىز» دەپ ئاغزىدا داۋراڭ سېلىۋاتماقتا. ھالبۇكى، ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا، مەسئۇلىيتىنى تونۇشقا، بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ غەزىبىدىن ساقلىنىشقا موھتاج ئىدى. قاشاق خىتتاي رەھىمسىز زۇلمىنى مىنۇتسايىن ئاشۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈچەيتىۋاتقان، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ھالاكەت گىردابىغا سۆرەپ كېتىۋاتقان مۇشۇنداق ئېغىر فاجىئەلىك كۈنلەردە، دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بۇ زۇلۇمغا ئىنسانىي مەۋقەدە، پۈتۈن ئالەمى ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئىسلامىي قېرىنداشلىق مەۋقەسىدە تۇرۇشى كېرەك بولغاندەك، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭمۇ ھەقىقىي دۈشمىنىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك ئىدى. جۈملىدىن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار كاللىسىنى سىلكىپ، ھوشىنى يىغىپ، قىلمىشلىرىغا تەۋبە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق سالاھىيىتىگە يارىشا ئادەم بولۇشلىرى كېرەك ئىدى.

ئۆزى خەۋپ ئىچىدە تۇرۇپ «باشقىلارنىڭ خەتىرىنى دەﻓﺌ قىلىمەن» دېيىش خام خىيالدۇر. مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ ۋەتەندىكىلەرنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى نەپسى خاھىشلىرىنىڭ بالالىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشى، شەخسىيەتچىلىك، شۆھرەتپەرەسلىك، كىبىر، سەمىمىيەتسىزلىك… قاتارلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھالاك قىلغۇچى ئاپەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇشى، ئەمەلىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان، ھازىرچە قۇربىتى يەتمەيدىغان چوڭ شوئارلار، يوقىلاڭ پائالىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئالدىماسلىقى، مىللەتكىمۇ قۇرۇق ئېمىزگە سالماسلىقى، نىيەتنى رۇسلاپ، بەلنى چىڭ باغلاپ، بىر يەڭدىن قول، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئورتاق بىرلىك گەۋدىسى ھاسىل قىلىشى، بۇ ئارقىلىق «ئۇيغۇر» دېگەن نامغا لايىق بولۇشى، ئىتتىپاقلىققا چاقىرغان ئىسلام دىنىمىزنىڭ بارلىق بۇيرۇقلىرىغا شەكسىز ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق «مۇسۇلمان»لىق سالاھىيەتكە ماس ھەرىكەت قىلىشى كېرەك ئىدى.

ۋەھالەنكى، بەزىلىرىمىز ۋەتەننى قۇتقۇزۇش باھانىسىدا چولپان بولۇشنىڭ كويىدا، بەزىلىرىمىز ئۆز تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى كېڭەيتىشنىڭلا ئويىدا، يەنە بەزىلىرىمىز كونىراپ كۈچىنى يوقاتقان تەشكىلاتلارنى ياشارتىش خىيالىدا. كىملەردۇر يېڭى، ئەمما يېڭىلىق ئەكىلەلمەيدىغان تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ مىللەتنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىش كويىدا، كىملەردۇر مەلۇم دۆلەت ۋە ئورگانلارنى رازى قىلىش چۈشىدە، يەنە كىملەردۇر تېخىچە خىتتايدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، دۈشمەننى دۈشمەن كۆرەلمەي، جىسمى ۋەتەن سىرتىغا چىقالىغان بولسىمۇ، روھى تېخىچە ئاسارەتتىن قۇتۇلالمىغاچقا، ئۆزئارا دەتالاش، تۈگىمەس ماجىرالار بىلەن دۈشمەننىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، باشقىلارنىمۇ ئوينىتىپ كېتىۋەرمەكتە.

ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بىرىلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ مۇستەقىللىق ھەققىنى ئاغزىدىن چىقىرالمايدىغان، يەنە بىرىلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ جىھاد ۋە قوراللىق كۈرەش بۇرچىمىزنى خىيالىغا كەلتۈرۈشتىن ئەندىكىدىغان سىياسەتچىلەرنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز. ھەتتا كۆرۈنۈشتە «ۋاي مىللەت! ئاھ ۋەتەن!» دەپ، ھەقىقەتتە بولسا شۇ مىللەتنىڭ دىنىغا، ئېتىقادىغا تىل تەگكۈزىدىغان، شۇ مىللەتنىڭ دىندار كىشىلىرىگە نەشتىرىنى سانجىماي تۇرالمايدىغان ساختا مىللەتپەرۋەر ماڭقۇرتلارمۇ ئاز ئەمەس. ھەممىسى غەرەزلىك ياكى بەغەرەزلەرچە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى سېسىتىپ يۈرمەكتە. مانا بۇلار بىر تەرەپتىن مىللىتىمىزنىڭ بىرلىك تۇتقۇلىرىنى زىدىلەش ئارقىلىق نەچچىگە بۆلۈپ، بىر تەرەپتىن دىنىي ئېتىقاد بىلەن مىللىي ئاڭنى دۈشمەنلەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھەقىقىي دۈشمەننى تونۇيالماي ياكى كۆرمەسكە سېلىپ، ئىچىمىزدىن دۈشمەن ئىزدەش ئارقىلىق ۋاقىت ۋە زېھىن خوراتماقتا. بۇنداق بۆلۈنۈش كەلتۈرۈپ چىقىرىشلار دۈشمەنلىرىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان ئىلىم ئەھلىلىرىنى دىنىي ۋە پەننىي زىيالىي دەپ پارچىلاپ مىللەتكە زىيان ئۇرغىنىدىنمۇ ئېغىر تالاپەتتۇر.

يېقىنقى بەش يىل مابەينىدە زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش داۋاملاشتى. باشقىلارغا ئاڭلىتىشقا ھېرىس بولغانچىلىك ئۆزىمىزنى ئوڭشاشقا، ھوشىمىزنى يىغىشقا بىرەر ئاي ياكى بىرەر ھەپتە بولسىمۇ تىرىشمىدۇق، ئۇرۇنمىدۇق. ھەتتا ۋاي، ۋەتەندىكى مىللىتىمىز! دەپ قويۇپ يېنىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى مۇئامىلىلەردە قاقتى – سوقتى قىلىشنى، پايچەك، شاخلىتىپ سېتىشقا ئوخشىغان قىمار، جازانە … ۋە بىر – بىرىمىزنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشقا ياتىدىغان قىلمىشلارنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدۇق، ئاشۇ خورلانغان، چارىسىز، ساپ ۋە ئاقكۆڭۈل مىللەتكە سېلىنىۋاتقان زۇلۇمنى يوقىتىشنى باشقىلاردىنلا كۈتتۇق – يۇ، ئۆزىمىز ۋە ئەتراپىمىزغا زۇلۇم قىلىشنى ئۈزۈپ قويمىدۇق. كۆرسەكمۇ ئېرەنشىمەيدىغان بولۇپ كەتتۇق. تۈزىتىش ئۈچۈن تۈزۈككىنە ھەرىكەت قىلمىدۇق، ئەكسىچە تۈزىتىشكە چاقىرغانلارنى يامان كۆردۇق. ئاللاھتىنمۇ ياردەم كۈتمىدۇق، ئەكسىچە بىر – بىرىمىز بىلەن ھەپىلىشىشنى داۋاملاشتۇردۇق. ئەمدى دەپ باقايلى، ئۆزىگە ۋە قېرىندىشىغا تۈرلۈك زۇلۇملارنى راۋا كۆرۈۋاتقان، نامدىلا ئۇيغۇر، كۆرۈنۈشتىلا مۇسۇلمان، سۆزدە بار ئەمەلدە يوق، نەپسى بالا كىشىلەر توپى ئۆز مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭلا ئەمەس بەلكى ھەممىگە قادىر، ھەممىدىن ئادىل ھەقتائالانىڭمۇ ياردىمىگە لايىق ئەمەستۇر. ئۇنتۇمايلىكى، ئاللاھ ھەر ئىشىمىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچى، نىيەتلىرىمىز ۋە گەپ – سۆزىمىزدە سەمىمىي بولغان ياكى بولمىغانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ زاتنىڭ ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى ھەممىدىن بۈيۈكتۇر.

بۇ زۇلۇمنى توختىتىشقا قانداقسىگە پۈتۈن دۇنيادىكى مەزلۇملارنىڭ يىلىكىنى شوراپ، قېنىنى ئېمىپ، زۇلۇم، ناھەقچىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا ۋە پۈتۈن بىر مىللەتنى يوقىتىش پىلانلىرىنىڭ ئىجراسىغا قاراپ تۇرغان، نامدا ئىنسانپەرۋەر، شەكىلدە دېموكرات، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنىلا كۆزلەيدىغان خەلقئارا جامائەتچىلىك لايىق بولسۇن؟!

دەرۋەقە، مىللىتىمىزنىڭ قىرىلىپ يوقىتىلىۋاتقىنىغا پۈتۈن دۇنيا قاراپ تۇرماقتا. بولۇۋاتقان زۇلۇملار دۆلەت ۋە خەلقلەرگە زالىم خىتتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىشنى داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇر يوقىلىپ كېتىۋاتسىمۇ خىتتايدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلار ئەقەللىي ئىنسانىي بۇرچىدىن ۋاز كەچمەكتە. نىھايەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق «مانا مەن» دېگەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنى، «مانا مەن» دېگەن ئىنسان ھەقلىرى دەۋاچىلىرىنى سىناۋاتىدۇ. بۇ سىناق «مانا مەن» دېگەن دىن ۋە قان قېرىنداشلىرىنى تاسقاۋاتقان ئىلاھىي سىناق بولغىنىدەك، ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭمۇ ئۆتەلمەيۋاتقان سىنىقىدۇر.

مانا بۇ ھەممىمىزنى ئويلاندۇرىدىغان بىر ۋەزىيەت. ئويغىنىشقا چاقىرىۋاتقان بىر پۇرسەت.

مۇھەببەت – نەپرەت ئېنىق بولمايۋاتىدۇ. ئارىمىزدا ھالا خىتتاينىڭ دېپىنى چېلىۋاتقان خىيانەتكارلارغا مەيدانىمىزنىڭ، مۇھەببەت – نەپرىتىمىزنىڭ ئېنىق بولۇشىمۇ ئىماننىڭ تەقەززاسى، مىللىي روھنىڭ تەلىپى ئىدى. ئۇنىمۇ تەرك قىلىپ كەلدۇق ۋە كېلىۋاتىمىز.

مۇستەقىللىق دەۋايىمىزدا دىلىمىز بىلەن تىلىمىز بىر بولۇپ بولالمىغاچقىمۇ، جۇمھۇرىيەت كۈنىدىكى خاتىرىلەش چاغلىق ئەقەللىي ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى بىر ئورۇندا، بىرلا ۋاقىتتا ئورۇنداشقىمۇ يارىمىدۇق. ئەجەبا ھەممىمىزنىڭ ۋەتىنى بىر ئەمەسمىدى؟! ئەجەبا خاتىرىلىنىۋاتقان جۇمھۇرىيەت كۈنى ھەممىمىز ئېتىراپ قىلغان، ھەممىمىز ئورتاق ياد ئېتىۋاتقان بىر كۈندە، بىر ماكاندا، بىر ۋەتەندە، بىرلىكتە قۇرۇلمىغانمىدى؟! ۋەتەن بىر، خاتىرىلىنىۋاتقان جۇمھۇرىيەتمۇ ئوخشاش تۇرۇپ، بىر شەھەر ئىچىدە ئوخشىمىغان رايونغا بۆلۈنۈپ خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟! پەرقلىق سىياسىي يۆنىلىشتە، ئۆزئارا پەرقلىق سىياسىي ئۇسۇلدا دەۋا قىلىۋاتقانلىقىمىز باشقا مەسىلە. لېكىن، ھەممىمىز «ۋەتەن ئۈچۈن» دەپ تۇرۇپ، ۋەتەن مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلەشتە ۋەتەن ئۈچۈن بىر يەرگە كېلەلمەيدىغان دەرىجىدە قاششاقلىشىپ كەتكىنىمىز نېمىسى؟! پىكىر – ئىدىيە ئوخشىمىسىمۇ، ھەممىمىزنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ۋەتەن ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟ نېمىشقا ۋەتەن ئۈچۈن ھەممە ئايرىمچىلىقنى تەرك قىلىپ بىر جايغا كېلەلمىدۇق؟! بىر – بىرىمىزنىڭ چىرايىغا قارىمىغۇدەك ئاداۋەت بولۇپ كەتسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ۋەتەن تېمىسىدا تەڭ توپلىشالمىدۇق؟! مۇشۇنچىلىك ئاڭدىمۇ يوق تۇرۇپ، يەنە قايسى ھالىمىزغا ۋەتەن دەۋاسى قىلىۋاتقانلىقىمىزنى جار سالىمىز؟!

يۇقىرىقىلاردىن ئەمەلىي قەدەمنى ئىخچاملايدىغان بولساق:

1. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەقىقىي دۈشمىنىنى تونۇپ يېتىشى؛

2. ئۆزلىرىنى نەپسى خاھىشلىرىنىڭ بالالىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشى؛

3. ئۆزئارا دەتالاش، تۈگىمەس ماجىرالار بىلەن دۈشمەننىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىماسلىق؛

4. مىللەتنىڭ دىنىغا، ئېتىقادىغا تىل تەگكۈزۈشتىن ساقلىنىش؛

5. بىر – بىرىمىزنى قاقتى – سوقتى قىلىشقا، پايچەك، شاخلىتىپ سېتىشقا ئوخشىغان قىمار، جازانە… ۋە بىر – بىرىمىزنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشقا ياتىدىغان قىلمىشلارنى توختىتىش؛

6. خىتتاينىڭ دېپىنى چېلىۋاتقان خىيانەتكارلارغا مەيدانىمىزنى ۋە مۇھەببەت – نەپرىتىمىزنى ئېنىق قىلىش؛

7. بىر – بىرىمىز بىلەن ھەپىلىشىشنى توختىتىش؛

8. زۇلۇمنى يوقىتىشنى ئاللاھتىن ئۈمىد قىلغان ئاساستا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن كۈتۈش؛

9. ۋەتەن ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشىمىزدا سەمىمىي بولۇپ ۋەتەننىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

مەسئۇلىيىتىمىزنى ۋاقتىدا ئادا قىلىپ بۇ سىناقتىن ئۆتەلىسەك، ئۆزىمىزنى ئاللاھنىڭ غەزىبىدىن قۇتۇلدۇرالايمىز. مىللىتىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇل ھازىرلىغان بولىمىز. ئاندىن ئاللاھنىڭ رەھمىتى، قۇدرىتى ۋە قوغدىشىغا ئىشەنچ قىلغان ھالدا دادىل قەدەم ئېلىش باسقۇچىغا ئۆتەلەيمىز. شۇندىلا ئاللاھدىن مەدەت، نۇسرەت كېلىدۇ.

بىزدىن تەلەپ قىلىنىۋاتقىنى پەقەتلا نەپسىمىزنى يىغىش، خۇلقىمىزنى تۈزىتىش، توغرا يولغا قايتىپ ئۇيۇشۇش. بۇنى قىلالمىساق، مىللەتنى ئەمەس، ئۆزىمىزنىمۇ قۇتۇلدۇرالمايمىز.

 

 دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1444 جامادىيەلئەۋۋەلنىڭ 3 – كۈنى / م. 2022 نويابىرنىڭ 27 سى

Please follow and like us: