سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا تېلېفوندىن تەبرىك يوللىشى، ھەدىيە بېرىشى ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى توغرىمۇ، خاتامۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
بۇ كۈننىڭ بېكىتىلىشىنىڭ دىنىي ۋە ئېتىقادىي بىر ئارقا كۆرۈنۈشى يوق. ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەككۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO)»نىڭ 1994 – يىلى 5 – ئۆكتەبىر كۈنىدىكى تەۋسىيەسى بىلەن دۇنيادا نۇرغۇن ئەللەردە شۇ يىلىدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىنى قەدىرلەش، ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى، مەجبۇرىيەتلىرىنى، لاياقىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تېخىمۇ ئەھمىيەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن «دۇنيا ئوقۇتقۇچىلار كۈنى» نامىدا سىمۋول خاراكتېرلىك بىر كۈن خاتىرىلەنمەكتە. بۇ كۈن مەكتەپ تەتىل كۈنلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان ئەللەردە ئوخشىمىغان كۈنلەردە بەلگىلەنگەن.
ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرىغا مىننەتدارلىقىنى ۋە رەھمىتىنى ئىپادىلەپ ھەرقانداق چاغدا ھەدىيە تەقدىم قىلسا بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار كۈنى مەيلى ئۇنى بەزى دۆلەتلەردە بايرام دەپ ئاتىۋالسۇن ياكى ئاتىمىسۇن، ھەقىقەتتە ھېيت ياكى بايرام بولماستىن، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىززەتلەش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرى بېكىتكەن كۈندۇر. ئىبادەت بولمىغاچقا، مۇباھلار قاتارىغا كىرىدۇ. يەنى دىنىي جەھەتتىن يا بىدئەت، ياكى ھارام ئىش ئەمەس. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ۋەلىيلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىغا مىننەتدارلىقىنى ۋە رەھمىتىنى ئىپادىلەپ ھەدىيە تەقدىم قىلسا ياكى تەبرىك يوللىسا، ياكى پائالىيەتلەرگە قاتناشسا چەكلىنىدىغان يېرى يوق. ئەلۋەتتە بۇ ئۇلارنىڭ ماددىي ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە ئاتا – ئانا، ۋەلىيلەرگە ئېغىرچىلىق سېلىپ قويمايدىغان بولسا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەدىيە تەقدىم قىلىش ئومۇميۈزلۈك بىر ئۆرپ – ئادەتكە ئايلانغان ئىكەن، بۇنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرۇۋېلىشنىڭ ئۆزى ياخشى ئەمەس.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1444، 30 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2022، 24 – نويابىر
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

