سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىرسى بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىپتىكەن. كېيىن ھەر ئىككىلىسى باشقىسى بىلەن توي قىلىپتۇ. ئەمدىلىكتە ھەر ئىككىسىنىڭ باشقا ئەر ۋە باشقا ئايالدىن بولغان بالىلىرى چوڭ بوپتۇ ۋە ئۆزئارا بالىلىرىنى ئۆيلەپ قويماقچى بوپتۇ. بۇنداق قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
زىنا قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنى قىلىپ سالغان كىشى قاتتىق تەۋبە قىلىپ ئۇندىن كېيىن زىنادىن ساقلىنىشى كېرەك.
بىر ئايال بۇرۇن زىنا قىلغان ئەر بىلەن قۇدا بولماقچى بولسا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا ئەھۋالغا قارايمىز.
1. ئەگەر زىنا قىلغان ئايالنىڭ بالىسى، قۇدا بولماقچى بولغان كىشى بىلەن قىلغان زىنادىن بولماي، باشقا بىرسىدىن نىكاھ ياكى زىنادىن بولغان بولسا، بۇ پەرزەنت، بۇرۇن ئۇ ئايال بىلەن زىنا قىلغان ئەرنىڭ باشقا ئايالدىن بولغان پەرزەنتى بىلەن توي قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا چەكلىمە يوق.
ھەتتا، شەرئى نىكاھىغا ئېلىپ تالىقىنى بېرىۋەتكەن ئايال، باشقا ئەرگە تېگىپ، بالىسى بولسا، بۇرۇنقى ئەر ئۇ ئايال بىلەن قۇدا بولسا بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆگەي قىزىنى ئوغلىغا ئېلىپ بەرسە ھەم بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللارنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن: ﴿يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئاياللارنى نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى﴾(4/«نىساﺋ»: 24) دېگەن.
نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللار قاتارىدا ئاتىسى بۇرۇن زىنا قىلغان ئايالنىڭ قىزى ياكى ئاتىسىنىڭ ئۆگەي قىزى يوق. ئۆگەي قىز پەقەتلا، شۇ ئۆگەي ئاتىغا ھارام بولىدۇ. ئۆگەي ئاتىنىڭ ئوغلىغا ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «ئۆگەي قىزلىرىڭلار» دېگەن. «ئاتاڭلارنىڭ ئۆگەي قىزلىرى» دېمىگەن.
ئىمام ئىبنى ئابىدىن ئېيتىدۇ: «ئاتىسىنىڭ ئۆگەي قىزىنى ياكى ئوغلىنىڭ ئۆگەي قىزىنى نىكاھلاپ ئالسا ھالالدۇر. ئاتىسىنىڭ ئۆگەي ئوغلىنىڭ قىزىمۇ شۇنداق».(1)
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «ئاتىلار ۋە ئوغۇللار نىكاھىغا ئالغان ئاياللارنىڭ قىزلىرىنىمۇ، نىكاھلاپ ئېلىش ھالالدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەر كىشى ئاتىسى ۋە ئوغلىنىڭ ئۆگەي قىزىنى ئالسا، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئاياللارنى نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى. ﴾ دېگەن ئايەتىگە ئاساسەن دۇرۇس بولىدۇ».(2)
زىنا، تۇغقانچىلىق ۋە توي قىلىشنى ھارام قىلىشتا نىكاھدىن تۆۋەن تۇرىدىغان بولغاچقا، نىكاھ ئارقىلىق بىللە بولغان ئايال بىلەن كېيىنچە قۇدا بولالايدىغان بولسا، زىنا قىلغان ئايال بىلەن كېيىنچە ئەلبەتتە قۇدا بولالايدۇ.
1. بىر ئايال بىلەن زىنا قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئايال ئاشۇ زىنادىن پەرزەنت تۇغقان بولسا، زىنا قىلغۇچى ئەر، شۇ پەرزەنتنى كېيىن ئالغان ئايالىدىن بولغان پەرزەنتكە نىكاھلىسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا دۇرۇس بولمايدۇ. يەنى بىر ئايالىدىن تاپقان ئوغلىغا، بۇرۇنلاردا باشقا بىر ئايالدىن زىنادىن تاپقان قىزىنى ئېلىپ بەرسە بولمايدۇ.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «ئەر كىشىگە زىنادىن تاپقان قىزىنى، زىنادىن بولغان ھەمشىرىسىنى، زىنادىن بولغان ئوغلىنىڭ قىزىنى، زىنادىن بولغان قىزىنىڭ قىزىنى، زىنادىن بولغان قېرىندىشىنىڭ قىزىنى، زىنادىن بولغان ھەمشىرىسىنىڭ قىزىنى نىكاھلىشى ھارام بولىدۇ».(3)
مەزكۇر سوئالغا يەنە بىر ياندىن قارايدىغان بولساق، «زىنا سەۋەبىدىن نىكاھلىنىش ھارام بولۇپ كېتەمدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاشماسلىقى بولغان. «زىنا باشقا بىر ئايالنى ئېلىشنى ھارام قىلىۋەتمەيدۇ» دېگەن بەزى قاراشقا ئاساسلانساق، ئىككى ئائىلە بىر – بىرىدىن پۈتۈنلەي يات. بۇرۇنقى ئۇ زىنا ئۇ ئايالنىڭ كېيىن تاپقان پەرزەنتىنى بۇ ئەرنىڭ پەرزەنتىگە ھارام قىلىۋېتەلمەيدۇ.
«زىنا باشقا بىر ئايالنى ئېلىشنى ھارام قىلىۋېتەلەيدۇ، تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسلانساق، ئەر ئاشۇ ئايالدىن زىنادىن تاپقان قىزىنى، ئۇ ئايال باشقا ئەردىن تاپقان قىزنى ۋە ئۇ ئايالنىڭ ئانىسىنى ئالالمايدۇ. ئۇ ئايال بۇ ئەرنىڭ ئوغلىغا، ئاتىسىغا تېگەلمەيدۇ. ئەمما، ئۇ ئايالنىڭ قىزى بىلەن بۇ ئەرنىڭ ئوغلى يەنىلا توي قىلالايدۇ.
نەتىجىدە، بۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قارىتا كەلگەن بىرەر چەكلىمە بولمىغاندىن كېيىن، بۇ ئەسلىدىكى مۇباھلىق ھالەتتە قالىدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، ئاشۇ زىنادىن بولغان پەرزەنتتىن باشقا ئۇ ئىككىيلەننىڭ باشقا ئەر ۋە باشقا ئايالدىن بولغان پەرزەنتلىرىنى ئۆزئارا ئۆيلەپ قويسا بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1437، 4 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2016، 14 – يانۋار
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 317- بەت. 52- نومۇرلۇق پەتۋا.
1. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 3/31.
2. ئىبنى قۇدامە: «ئەلكافىي»، 3/38.
3. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 7/91.