قىز - ئاياللارنىڭ ھەج ۋە دىنىي ئىلىم ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى

قىز – ئاياللارنىڭ ھەج ۋە دىنىي ئىلىم ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئىسلام دىنى قىز – ئاياللارنىڭ ھەج قىلىش ياكى دىنىي ئىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىغا ۋە سىرتلاردا مەھرەمسىز تۇرۇشىغا قانداق قارايدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مەزكۇر سوئال پەرقلىق ئۈچ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە:

1 – مەسىلە: قىز – ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز(1) ھەج سەپىرىگە چىقىشى.

ھەج پائالىيىتى مەيلى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز قىلىنغان كاتتا ئىبادەتتۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿بېرىشنىڭ يولىنى قىلالىغانلارنىڭ كەئبەگە ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. كىمكى تانىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر ﴾ (3/«ئال ئىمران»: 97).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎندۇر. ئۇلار: ‹ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻼﮪ ﻳﻮقتۇر، ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﻪلچىسىدۇر› ﺩﻩﭖ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺵ، ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﮪﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺭﺍﻣﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﺭﻭﺯﺍ تۇتۇشتۇر» دېگەن.(2)

بۇ دەلىللەر ئەرنىمۇ، ئايالنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا ھېچقانداق قاراش ئوخشاشماسلىقى يوق. لېكىن، قىز – ئاياللارغا نىسبەتەن ھەجگە يالغۇز بېرىش خەۋپلىك بولغاچقا، سەھىھ ھەدىسلەردە قىز – ئاياللارنىڭ ھەج ۋە باشقا سەپىرى ئۈچۈن ئېرى ياكى مەھرەمى بىللە بولۇشى شەرت قىلىنغان.

بۇ مەسىلىدە ئالدى بىلەن تەكىتلەپ قويىدىغىنىمىز شۇكى، قىز – ئاياللارنىڭ نەفلە ھەجگە مەھرەمسىز بېرىشىنىڭ جائىز ئەمەسلىكىدە بەزىبىر زەئىف قاراشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بارلىق ئالىملار ئاساسەن ئىتتىپاق.(3)

پەرز ھەجگە سەپەر قىلىشقا كەلسەك، سەھىھ ۋە ئېنىق ھەدىسلەر مەيلى قانداق سەپەر بولسۇن، قىز – ئاياللارنىڭ ئېرى ياكى مەھرەمىسىز سەپەر قىلىشىنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئايال كىشى مەھرەمسىز ھالدا ئۈچ كۈنلۈك سەپەرگە چىقمىسۇن»‏‏‏‏ دېگەن.(4)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كېچە – كۈندۈزلۈك يولغا سەپەر قىلىشى ھالال بولمايدۇ» مۇنداق دېگەن.(5)

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئايال كىشىنىڭ ئېرى ياكى مەھرەمى بولماي تۇرۇپ ئىككى كۈنلۈك سەپەرگە يالغۇز چىقىشى دۇرۇس ئەمەس» دېگەن.(6)

ئىمام تىرمىزىي يۇقىرىقى ھەدىسلەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن: «ئەھلى ئىلىملەر مۇشۇ بويىچە ئىش تۇتۇپ كەلمەكتە، ئۇلار قىز – ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشنى يامان كۆرىشىدۇ» دېگەن.(7)

يۇقىرىقى ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، قىز – ئاياللارنىڭ سەپەر قىلىشىغا شەرىئەت ئىككىنىڭ بىرىنى شەرت قىلغان: بىرى، ئېرى. يەنە بىرى، مەھرەمى. مەھرەم دېگىنىمىز ئىمام نەۋەۋىي ۋە ئىمام ئىبنى ھەجەر قاتارلىق ئالىملار ئىزاھلىغىنىدەك: ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشى مەڭگۈ ھارام بولغان كىشىدۇر.(8)

ئېرى ياكى مەھرەم تۇغقىنىنى شەرت قىلىش شەرىئەتنىڭ مۇكەممەل ۋە ئۇلۇغلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. چۈنكى، بۇنى شەرت قىلىش ئىپپەت – نۇمۇسنى قوغداش، قىز – ئاياللارنى ئىززەتلەش ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى بارلىق فىتنە – پاسات ۋە بۇزۇقچىلىق ئامىللىرىدىن ساقلاپ قېلىشنى كۆزلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۈگۈنكى كۈنلەردە ھەج سەپەرلىرىدە شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە رىئايە قىلماي مەھرەمسىز ھەجگە بارغان قىز – ئاياللارنىڭ مۇقەددەس دىيارلاردا دۇچ كەلگەن بەزى ئېچىنىشلىق ۋەقەلىكلىرى، بوزەك قىلىنىشلىرى، ھەج قىلىش باھانىسىدا بۇزۇقچىلىق تونىغا ئورىنىۋالغان يامان نىيەتلىك ئاياللارنىڭ رەسۋاچىلىقلىرى، بۇ ئۇلۇغ شەرىئەتنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا لايىق ئىلاھىي شەرىئەتلىكى، بۇ شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىنغان ئەھۋالدا نۇرغۇن مەسىلىلەر يۈز بېرىدىغانلىقى كۆز ئالدىمىزدا ئىسپاتلىنىپ تۇرماقتا.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمايدۇ، يات ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ مەھرەمى بولمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭ يېنىغا كىرمەيدۇ، — دېگەنىدى، بىر ئادەم:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن پالان قوشۇن بىلەن جەڭگە چىقماقچى ئىدىم، ئايالىم بولسا ھەجنى نىيەت قىلىۋاتىدۇ، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھەجگە چىق، — دېدى».(9)

قارايدىغان بولساق، يۇقىرىقى بىرنەچچە ھەدىستە سورىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا قارىتا «ئۈچ كۈنلۈك»، ياكى «ئىككى كۈنلۈك»، ياكى «بىر كېچە – كۈندۈزلۈك» دېگەندەك ئىبارىلەر كەلگەن بولسىمۇ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھەدىسىدە مۇتلەق ھالەتتە «مەھرەمسىز سەپەر قىلمايدۇ» دېگەن. ئىمام تاھاۋىي ۋە ئىمام نەۋەۋىيلەرنىڭ تەھلىلى بويىچە، بۇ ھەدىستىكى ئەر غازاتقا چىقىش ياكى ئايالى بىلەن بىللە ھەجگە بېرىشتىن ئىبارەت ئىككىنىڭ بىرىنى تاللىشى كېرەك بولغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئايالى بىلەن بىللە ھەج قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى، ھەجگە ئايالى يالغۇز بارسا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.(10)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېنىق قىلىپ: «مەھرەمى بىللە بولمىغان ئايال ھەرگىزمۇ ھەج قىلمىسۇن!» دېگەن.(11)

ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگىنىدەك، ھەج ئاياللارنىڭ جىھادىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ جىھادى جاپا – مۇشەققەت ۋە ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بىلەن تولغان بولىدۇ. ياتاق، قاتناش، داۋالىنىش، غىزالىنىش ۋە ئارام ئېلىش قاتارلىقلار ھەج ئايلىرىدا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان، يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا تونۇردەك ئىسسىق مەككە مۇكەررەمە، مىنا، ئەرەفات ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەلەردە ئادەتتىن تاشقىرى بولىدۇ. بۇ جەريانلاردا قىز – ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ھىمايە قىلىشقا ۋە قوغدىنىشقا موھتاج بولىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، قىز – ئاياللارنىڭ ھەج سەپىرى قىلىشىدا شەرىئەت بېكىتكەن ئېرى ياكى مەھرەمى سەپەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن زۆرۈر بولغىنىدەك، ئايالنى ھەج جەريانىدا ھىمايە قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

ئالىملار يول خاتىرجەملىكى ۋە مەھرەمنىڭ شەرت قىلىنىشى ئۈستىدە توختالغىنىدا، مەھرەم قىز – ئاياللارغا ھەجنىڭ ۋاجىب بولۇشى ئۈچۈن شەرتمۇ ياكى ھەجنى توغرا ئادا قىلىشى ئۈچۈن شەرتمۇ دېگەن مەسىلىدىمۇ ئىزدەنگەن. ھەنەفىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب بىلەن بىر بۆلەك ئالىملار: يول بىخەتەرلىكى ۋە مەھرەم ھەج ۋاجىب بولۇشنىڭ شەرتى دەپ قارىغان. بۇ ئىسھاق ۋە ئىبنۇلمۇنزىرلارنىڭمۇ قارىشىدۇر. مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەب: «ھەجنى توغرا ئادا قىلىشى ئۈچۈن شەرت» دېگەن.

ۋاجىب بولۇش شەرتى دېيىلسە، ئېرى ياكى مەھرەمى تېپىلمىسا، ئۇ ئايالغا ھەج پەرز بولمايدۇ دېگەن نەتىجە چىقىدۇ. مۇشۇ قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك.

ئىمام ئەھمەد بۇنى ئېنىق ئىپادىلىگەن. ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئېيتىدۇ: مەن ئىمام ئەھمەدتىن:

— مەھرەمى بولمىغان ئىقتىسادى بار بىر ئايال بار. ئۇنىڭغا ھەج پەرز بولامدۇ؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

— ياق، — دەپ جاۋاب بەردى ۋە:

— مەھرەممۇ ئايەتتىكى ‹ھەجگە بېرىشنىڭ يولىنى قىلىش› جۈملىسىدىن، — دېدى.

ئەمما، ئادا شەرتى دېيىلسە، ھەج قىز – ئاياللارغا ئەرلەرگە پەرز بولغاندەك پەرز بولىدۇ، ئادا قىلىدىغان چاغدىلا ئېرى ياكى مەھرەمى بىللە بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. ئەمما، ھەج گەدىنىگە پەرز بولىدۇ، بۇ ئايال ئېرى ياكى مەھرەمىسىز ھەج قىلسا پەرز ھەج گەدىنىدىن ساقىت بولىدۇ – يۇ، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ.(12)

يەنە بىر تەرەپتىن، ئېرى ياكى مەھرەمى بىللە بېرىشىپ بېرىشكە ئۇنىمىغان، ياكى چىقىمىنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ بىللە بېرىشقا ئۇنىمىغان، ياكى ئۇلارغا ئۆزى بىلەن بىللە يول خېتى ۋە رەسمىيەتلەرنى بېجىرەلمىگەن ئەھۋالدا، بەزى ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، ئۇ ئايالغا ھەج پەرز بولمايدۇ. شۇنداقلا ئېرى ياكى مەھرەمىنىڭ چىقىمى ياكى ئۇلارنىڭ رەسمىيىتىنىڭ چىقىملىرى ئۇ ئايالنىڭ ئۈستىگە ۋاجىب ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن، ئالىملار: ئېرى ياكى مەھرەمى بولمىغان ئايالنىڭ ھەجگە بىللە بېرىش ئۈچۈن ئەرگە تېگىشى ۋاجىب ئەمەس، دېگەن. ئىمام قۇدۇرىي قاتارلىق بەزى ئالىملار: ئۇ ئايالنىڭ ئاشۇ چىقىملارنى ۋە رەسمىيەتلەرنى قىلىشقا ئۆز يېنىدىن پۇل سەرپ قىلىپ ھەج قىلىشى ۋاجىب، دېگەن.(13)

ھازىرقى ھەج ئۆمەكلىرىگە ئېرى ياكى مەھرەمىنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرەلمەسلىك، يول خېتى (پاسپورت) ھەل قىلالماسلىق ۋە ۋىزا ئالالماسلىق قاتارلىق قىيىنچىلىقلارمۇ مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ.

يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئېرى ياكى مەھرەمى بىللە بولۇشى يول بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق شەرت بولۇپ، ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى بەزى ئالىملاردىن: شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەت بىخەتەرلىك بولغاچقا، بۇ مەقسەت ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلا بولسا، ئېرى ياكى مەھرەمى بولمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغانلارمۇ بولغان. مەسىلەن، ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مەشھۇر قارىشىدا: ئېرى ياكى مەھرەمى بىللە بارمىسىمۇ، ئىشەنچلىك بىر توپ ئاياللار ھەمراھلىقىدا بارسا بولىدۇ، دېسە، شافىئىيلاردىن ئىمام شىيرازىي: بىر ئايال ھەمراھ بولسىمۇ بولىدۇ، دەيدۇ.(14)

مالىكىي ئالىملار پەرز ھەجگە ئېرى ياكى مەھرەمىنى شەرت قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار بولمىغان ئەھۋالدا ياكى بىللە بېرىشقا ماقۇل كەلمىگەن ئەھۋالدا، بىر توپ ئەر، ياكى بىر توپ ئايال، ياكى ئەر، ئايال ئارىلاش بىر توپ ھەمراھ بولسا يېتەرلىك دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئايال ئۆزى دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق بولۇشى شەرت.(15)

ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن زەئىفرەك بىر قاراشتا، سەپەر جەريانىدا يات ئەرلەرگە ئارىلىشىشتىن ساقلانغان ئەھۋالدا، ياشىنىپ قالغان ئاياللارغا پەرز ھەجگە مەھرەم شەرت ئەمەس، مالىكىي ئالىملاردىن ئىمام باجىيمۇ شۇنداق قارايدۇ. ھەنبەلىي ئالىملاردىن ئىمام ئىبنى تەيمىييە بولسا: بىخەتەر ھەج قىلالايدىغان ھەرقانداق ئايال مەھرەمسىز ھەج قىلسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىمام ئەھمەدتىنمۇ شۇنداق بىر قاراش كەلگەن.(16)

ئىمام ئەۋزائىي: ئايال كىشى تەقۋادار بىر گۇرۇپ كىشىلەر بىلەن پەرز ھەجگە چىقسا بولىدۇ. ئۇلاغقا چىقىپ – چۈشۈشتە ئەر كىشى يېقىن كەلمەستىن شوتا ئىشلىتىدۇ. ئەركىشى تۆگىنىڭ بېشىنى تۇتۇپ بەرسە ياكى ئايال كىشى ئەرنىڭ بىلىكىگە دەسسەپ ئۇلاغقا چىقسا بولىدۇ، دېگەن.(17)

ئىمام ئىبنى ھەزم ئېرى ياكى مەھرەمى بولمىغان ئايال ھەجگە چىقىۋېرىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ، دەپ قارىغان.(18)

ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن دوكتور مۇستەفا ئەززەرقا: زۆرۈر تېپىلغاندا ئېرى ياكى مەھرەمى بىللە بولمىسىمۇ، بارىدىغان ئايرودرومدا ئېرى ياكى مەھرەمى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالىدىغان بولسا، ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەرگە چىقسا بولىدۇ. پويىزمۇ ئوخشاش. چۈنكى، بۇلار مەلۇم تۈزۈم ۋە خادىملار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدىغان ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرى، دېگەن. شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئۇبەيكانمۇ شۇنداق قارىغان.(19)

بۇ ئالىملارنىڭ ئاساسلانغىنى بويىچە، بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىق كاپالەتكە ئىگە بولسا، ئېرى ياكى مەھرەمىسىز ھەجگە بارسا بولىدۇ دېيىلگەن بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئېرى ياكى مەھرەمىسىز سەپەر ۋە ھەجگە چىقماسلىق ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالغان بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ھەدىسلەر ئاياللارنىڭ سەپىرىنى بىخەتەرلىككە باغلىغان ئەمەس. بەلكى، ئېرى ياكى مەھرەمىگە باغلىغان. بۇنىڭدىن بۇ مەسىلىگە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بىخەتەرلىك دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئىنچىكە نەزەر بىلەن قارىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ خۇددى نامازنى قەسىر قىلىپ (قىسقارتىپ) ئوقۇش ياكى رامازاندا سەپەر ھالىتىدە روزا تۇتماسلىق رۇخسىتى ئۈچۈن، سەپەردىن ئىبارەت ھالقىلىق بىر ئىللەت (ھۆكۈم چىقىرىشتا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۈپەت) بېكىتكەنلىكىگە، ئۇ رۇخسەتنى مۇشەققەتكە ئوخشىغان ئۆلچىمى يوق بىرەر ئىللەتكە باغلىمىغانلىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. مۇشەققەت بولسۇن – بولمىسۇن، سەپەرلا بولىدىكەن، قەسىر قىلىش بىلەن ئېغىز ئېچىۋېتىش رۇخسىتىدىن بەھرىمەن بولغىنىدەك، ئاياللارنىڭ ھەجى ئۈچۈن بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىق كاپالەتكە ئىگە بولسۇن – بولمىسۇن ئېرى ياكى مەھرەمى بىللە بولۇشى كېرەك.

شۇڭا، بۇ تۈرلۈك قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئېرى ياكى مەھرەمىنى شەرت قىلغان ئېنىق ۋە مۇتلەق سەھىھ ھەدىسلەرگە زىت كېلىدىغانلىقى جەھەتتىنمۇ، بۇ تۈرلۈك ئەھكاملاردا ئاياللارنى تۈرلۈك فىتنەلەردىن قوغداش قاتارلىق شەرىئەتنىڭ روھى ۋە كۆزلىگەن مەقسەتلىرى جەھەتتىنمۇ زەئىف ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا «زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ» دېگەن ئۇسۇلىي قائىدىمۇ بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئىمام ئىبنۇلمۇنزىر: «ئۇلار بۇ ھەقتىكى سەھىھ ھەدىسنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغان مەزمۇنىنى تاشلاپ، ھەربىرى دەلىلى بولمىغان شەرتلەرنى قويۇۋېلىشقان» دېگەن.(20)

يۇقىرىقى ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنى، شۇنداقلا ئۆلىمالارنىڭ بايانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش نەتىجىسىدە، «ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھەجگە بېرىش» مەسىلىسىنى مۇنداق خۇلاسىلەش مۇمكىن.

1. ئاياللارنىڭ نەفلە ھەجگە ئېرى ياكى مەھرەمىسىز بېرىشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدە ئالىملار ئاساسەن ئىتتىپاق.

2. بىللە بارىدىغان ئېرى ياكى مەھرەمى بولمىغانلارغا ھەج پەرز بولمايدۇ. شۇنداقلا پەرز ھەجگە ئېرى ياكى مەھرەمىسىز بېرىشى سەھىھ ھەدىسلەرگە تايانغان كۈچلۈك قاراشتا دۇرۇس ئەمەس.

2 – مەسىلە: قىز – ئاياللارنىڭ دىنىي ئىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى.

يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىسلەر مەزمۇنى بويىچە ئېيتقىنىمىزدا، قىز – ئاياللارنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى ھارام. لېكىن، يۇرتىدا دىنىي ۋە پەننىي جەھەتتىكى زۆرۈر بىلىملەرنى ئۆگىنىش پۇرسىتى يوق بولغان تەقدىردە، مەھرەم تېپىلمىغان ياكى تېپىلسىمۇ بىللە سەپەرگە چىقالمايدىغان ئەھۋاللاردا، ئوقۇش ئىستىكىدىكى قىز – ئاياللارنىڭ زۆرۈر بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشىنى زۆرۈرىيەت نۇقتىسىدىن جائىز دېمەي بولمايدۇ. بۇنداق سەپەرگە چىققان ئەھۋالدىمۇ بىخەتەرلىكى يۇقىرى، نامەھرەم بىلەن خالىي ئولتۇرۇپ – قوپمايدىغان ئايروپىلان ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن، بىر سوتكىغا ئۇزىراپ كەتمىگەن مۇددەتتە سەپەر قىلىشى، ئىشەنچلىك بىرنەچچە ئاياللار ياكى بىرەر ئائىلە بىلەن ھەمسەپەر بولۇشى، بارىدىغان جايىدىمۇ مەھرەمى بولۇشى، مەھرەمى بولمىغان تەقدىردە، ئىشەنچلىك كىشىلەر تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان، تۈزۈمى چىڭ قىزلار ياتىقى تېپىلىشى كېرەك.

ئىمام قەرەداۋىي بۇ ھەقتە «قىز – ئاياللار ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەم بىلەن باشقا يۇرتلارغا ئەۋەتىلسە بولىدۇ. بولۇپمۇ، ئىسلام ئەللىرىدىن باشقا ئەللەرگە سەپەر قىلىشتا مەھرەمى بىللە بولۇشى لازىم. بەزى ئىسلام ئەللىرىگە ئۆزى يالغۇز بارماقچى بولسا، بەزىبىر شەرتلەر تېپىلسا جائىز. مەسىلەن، قاتار دۆلىتى قىلغاندەك مەخسۇس قىزلار ياتىقى تەييارلاپ، چىڭ تۈزۈم ئاستىدا ياتاق نازارىتى كۈچلۈك بولسا، تاشلاپ قويماستىن داۋاملىق خەۋەر ئېلىپ تۇرغان تەقدىردە مەيلى. ئەمما، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا مەيلى قانداق ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بولسۇن، يالغۇز سەپەر قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن قاراشنى تەكىتلەيدۇ.(21)

ئەلبەتتە، زۆرۈر بولغان بىرەر كەسپنى ئوقۇش باشقا شارائىتى ياخشى يۇرتلاردا مۇمكىن بولمىسا، مەزكۇر شەرتلەر ھازىرلانغان تەقدىردە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىمۇ باشقا يۇرتلار بىلەن ئوخشاش ھۆكۈمدە بولۇشى كېرەك.

ئوقۇش ئۈچۈن سەپەر قىلىش مەسىلىسىدە كۇفۇرلۇق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان، بولۇپمۇ، دىن ئۆگىنىش مۇمكىن بولمىغان يۇرتلارغا نىسبەتەن مۇشۇ قاراشنى تۇتماي بولمايدۇ. چۈنكى، سەپەر قىلماي تۇرۇشىنىڭ ئۆزى دىنىنى ئۆگىنەلمەسلىكتىن سىرت، دىنىنى ساقلاپ قالالماسلىق، ئۆزىنىمۇ قوغدىيالماسلىق دېگەن گەپ. بۇ ھازىر ئۆزىنى ئىسلام ئەللىرىدىن سانايدىغان بىر قىسىم ئەللەردىمۇ بەزىلەر دۇچ كېلىدىغان ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن. سەپەر قىلغان ئەھۋالدا ھېچ بولمىسا، دىنىنى ئۆگىنىش، ئەركىن – ئازادە ئىبادىتىنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. بەلكى تېخى ئىپپەت – نومۇسىنى قوغداپ قالالايدۇ. بۇ جەھەتتىن يەڭگىل زىيان تارتىش ئارقىلىق ئېغىر زىياندىن قۇتۇلغان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردىكى سەپەر زۆرۈرىيەت سەپىرى بولغاچقا، يالغۇز سەپەر قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان.

ئەمما، ئۆز يۇرتىدا ئازادە – ئەركىن تۇرالايدىغان، دىنىي ۋە پەننىي زۆرۈر بىلىملەرنى ئۆگىنەلەيدىغان بولسا، ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئېرى ياكى مەھرەمىسىز سەپەر قىلىشقا بولمايدۇ.

3 – مەسىلە: ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن چىققان قىز – ئاياللارنىڭ ياقا يۇرتلاردا مەھرەمسىز تۇرۇشى.

ئېرى ياكى مەھرەمى بىللە بولۇش، سەپەر ئۈچۈن قويۇلغان شەرت بولۇپ، تۇرىدىغان جايدا تۇرۇش ئۈچۈن ئېرى ياكى مەھرەمىنىڭ بىللە تۇرۇشى شەرت ئەمەس. پەقەتلا بىخەتەرلىك يوقاپ كەتكەن ئەھۋالدىلا مەھرەم بىلەن تۇرۇش لازىم بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئېرى ياكى مەھرەمى بىللە ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ياكى ئاللىبۇرۇن يالغۇز سەپەر قىلىپ بولغانلار، ھازىر ئوقۇپ تۇرۇۋاتقان جايىدا يۇقىرىقىدەك شەرتلەر تېپىلىپ خاتىرجەم بولسا، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىسلەرمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، سەپەر قىلىپ بارغان مەنزىلدە فىتنەدىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىنى قوغداش جەھەتتىن، ئىشەنچلىك ھەمراھنىڭ قىز – ئاياللار بىلەن بىللە تۇرۇشى ياكى يۇقىرىدا ئىمام قەرەداۋىي بايان قىلغاندەك، تۈزۈمى چىڭ، نازارىتى كۈچلۈك، قىزلار ياتىقىدا تۇرۇشى لازىم.

مەزكۇر شەرتلەر مەيلى دىنىي ئىلىم ئۈچۈن تۇرۇش بولسۇن ياكى پەننىي ئىلىم ئۈچۈن تۇرۇش بولسۇن، ئوخشاشلا زۆرۈر شەرتلەردۇر.

خاتىرجەم بولالمايدىغان ئەھۋالدا ياقا يۇرتلاردىلا ئەمەس، ئۆز ۋەتىنىدىمۇ قىزلارنى يالغۇز قويۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. شەيخ ھەسەنەين مۇھەممەد مەخلۇف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن «ئاتىسى خىزمەت زۆرۈرىيىتى سەۋەبىدىن ئوقۇۋاتقان قىزىنى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋېلىشى ئۈچۈن ئۆيدە يالغۇز قويۇپ، بىرنەچچە كۈن سەپەر قىلىشى» توغرىسىدا سورالغاندا، مۇنداق پەتۋا بەرگەن: «سورىغۇچىنىڭ يىراقلارغا سەپەرگە چىقىش جەريانىدا بويىغا يەتكەن قىزىنى بىللە تۇرىدىغان مەھرەمسىز ھالەتتە يالغۇز تاشلاپ قويۇشى، بولۇپمۇ، ھازىرقى زاماندا ئېغىر بۇزۇقچىلىققا سەۋەب بولىدىغان خەتەرلىك ئىشتۇر. شۇنداقلا شەرىئەت ۋاجىب قىلغان ئىپپەت – نۇمۇسنى قوغداشتىن ئىبارەت كۆرسەتمىگىمۇ زىت كېلىدىغان قىلمىشتۇر. شۇڭا، ئۇ قىزنى يالغۇز ھالەتتە تاشلاپ سەپەرگە چىقىپ كېتىش ھارام بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېلىدىغان زىيانمۇ ئاشۇ مۇددەت ئىچىدە ئوقۇۋېلىش ئۈچۈن يالغۇز قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان پايدىدىن ئېغىر بولىدۇ».(22)

كافىرلار دىيارلىرىدا، شۇنداقلا ئامانلىق يوقالغان دىيارلاردا، قىزنىڭ ئۆزى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالغان ئەھۋالدىمۇ، ئۇنى تىل ئۆگىنىش ۋە ئوقۇش ئۈچۈن يالغۇز ھالەتتە تاشلاپ قويماسلىق لازىم. يالغۇز تاشلاپ قويۇش بەلكىم ئاقىۋەت ئېتىبارى بىلەن ئۇ قىز ھەققىدە قىلىنغان بىر جىنايەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

قانداقلا بولمىسۇن، ئىلىم تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن مەھرەمسىز سەپەر قىلىپ بىر يۇرتقا چىققان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى شۇ قىزغا بولىدۇ. ئاندىن شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ئۇ قىزنى بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا دىن ئۆگىتىش مەسئۇلىيىتى چۈشىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 15 – مۇھەررەم / م. 2016، 16 – ئۆكتەبىر

 «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 44 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. مەھرەم (الْمَحْرَمُ): ئەرەب تىلىدا: «ھۆرمەتلىك، چەكلەنگەن ۋە ھارام» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «بىر ئايالغا نەسەبتىن يا ئېمىلداشلىقتىن بولغان تۇغقاندارچىلىق جەھەتتىن بولسۇن ياكى قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن بولسۇن، مەڭگۈلۈك ئۆيلىنەلمەيدىغان ئاقىل، بالىغ ئەر»دۇر. مەسىلەن، نەسەب ۋە ئېمىلداشلىق جەھەتتىن ئاتىسى، بوۋىسى، ئوغلى، ئاكىسى، تاغىسى، ئوغۇل نەۋرىسى ۋە جىيەنىگە ئوخشاش كىشى، قۇدا – باجىلىق جەھەتتىن ئۆگەي ئاتىسى، قېيىنئاتىسى ۋە كۈيئوغلىغا ئوخشاش كىشى ئۇ ئايالغا نىسبەتەن «مەھرەم» بولغاچقا، ھەر زامان ۋە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشى مەڭگۈلۈك چەكلەنگەندۇر. «مەھرەم»لەردىن باشقا ئەرلەر ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئالمىغان تەقدىردە ئۇ ئايالغا نىسبەتەن «نامەھرەم» بولىدۇ. بۇ ئىزاھات بويىچە ئايالنىڭ ئېرى «مەھرەم» دائىرىسىگە كىرمىسىمۇ، مەھرەم شەرت قىلىنىدىغان سەپەر قىلىشتەك ئىشلاردا «مەھرەم» قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، مەھرەمنى شەرت قىلىشتىن مەقسەت ئايالنى قوغداش بولۇپ، بىللە ئارىلىشىپ خالىي ئولتۇرۇپ – قوپۇش، قاراش ۋە تۇتۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئېرى مەھرەمنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. يەنە بەزىدە فەقىھ – فۇقەھائلار «ئېرى ياكى مەھرەمى» دەپ ھەدىسلەردە كەلگەندەك ئايرىپ ئاتايدۇ. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 12/119؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/77؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 36/200 – 204.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (8)؛ «مۇسلىم»، (16).
3. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 17/36.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1086)؛ «مۇسلىم»، (1338).
5. «بۇخارىي»، (1088).
6. «مۇسلىم»، (827).
7. «تىرمىزىي»، 3/472.
8. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9/105؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/77.
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1862)؛ «مۇسلىم»، (2391).
10. تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 2/115؛ نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9/110.
11. «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، (2467). ئەبۇ ئەۋانە، ئالبانىيلار «سەھىھ» دېگەن.
12. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 4/163؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/235؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/76؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/97؛ ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 3/76.
13. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 2/123.
14. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9/104.
15. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/235؛ ئەلھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 2/521؛ نەفراۋىي: «ئەلفەۋاكىھۇددەۋانىي»، 1/352.
16. مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 3/411؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 26/13؛ ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 3/177؛ باجىي: «ئەلمۇنتەقا»، 3/17؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/76.
17. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/97.
18. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7/47.
19. «دوكتور مۇستەفا ئەززەرقا پەتۋالىرى»، 276 – بەت.
20. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/97.
21. https://www.youtube.com/watch?v=JOUqGEyHO9E
22. دار الإفتاء المصرية: «ئەزھەر پەتۋالىرى»، 1/186.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ