مەسجىدلەردىكى جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىگەنلەرنىڭ جامائەت بولۇشى توغرىسىدا

مەسجىدلەردىكى جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىگەنلەرنىڭ جامائەت بولۇشى توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، تۈركىيەدىكى مەسجىد – جامەلەردە جامائەت ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەسجىدكە كىرگەنلەر پەرز نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇمايدىكەن. بىز جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ پەزىلىتى يىگىرمە يەتتە ھەسسە بولىدۇ دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن كېچىكىپ كىرىپ قالغىنىمىزدا جامائەت بولۇپ ئوقۇدۇق. قىلغىنىمىز توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە دىنىمىزدا قانداق كۆرسەتمە بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

بارلىق ئالىملار بىر مەسجىدتە، بىرلا ۋاقىتتا بىر پەرز ناماز ئۈچۈن ئىككى ياكى بىرنەچچە جامائەت بولۇپ ئوقۇشنىڭ ھاراملىقىدا بىردەك قاراشتا. چۈنكى بۇ، جامائەتلىشىشتىن كۆزلەنگەن بىرلىكنى، سەپنى بۇزىدۇ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى چاچىدۇ، مەسجىد ئىمامىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىنى يوقىتىدۇ.

مەلۇمكى، جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ بەرىكىتى ۋە پەزىلىتى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن ئارتۇق بولىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جامائەت بىلەن ئوقۇغان ناماز يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە دەرىجە ئارتۇق»(1).

يەنە بىر رىۋايەتتە «يىگىرمە يەتتە»نىڭ ئورنىغا «يىگىرمە بەش» دەپ كەلگەن. يەنى جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز يالغۇز ئوقۇلغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشتۈرىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ دەرىجىسى ئۆيىدە ۋە بازىرىدا ئوقۇغان نامىزىدىن 25 ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. سىلەرنىڭ قايسىبىرىڭلار تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، مەسجىدكە نامازنىلا كۆزلەپ كەلسە، تاكى مەسجىدكە كەلگۈچىلىك باسقان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى بىر دەرىجە كۆتۈرۈپ بىر خاتالىقنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. ئۇ كىشىنى نامازلا تۇتۇپ تۇرغان بولسا، مەسجىدكە كىرگەندىن تارتىپ ناماز ئوقۇغان ھېسابلىنىدۇ، تاھارىتىنى سۇندۇرماي ناماز ئوقۇغان جايىدىلا بولىدىكەن، پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن: ‹ئى ئاللاھ! ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغىن› دەپ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ»(2).

جامائەت نامىزىدىن كېلىدىغان يىگىرمە نەچچە ھەسسە ساۋاب مەسجىدتىكى جامائەت بولۇپ ئوقۇغان نامازنى كۆرسىتىدىغانلىقى يۇقىرىقى ھەدىستىن چىقىدۇ.

بىر كىشى مەسجىدكە كىرگىنىدە جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىگەن تەقدىردە، مەسجىدتە باشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلەر بىلەن بىللە جامائەت بولۇپ ئوقۇۋالسا بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس.

ھەنەفىي، مالىكىي، شافىئىي مەزھەپ ئىماملىرى، شۇنداقلا ئەۋزائىي، سەۋرىي، لەيس قاتارلىق مۇجتەھىد ئىماملار ۋە باشقا سەلەف – سالىھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملار كىشىلەر ئۆتۈپ تۇرىدىغان يول بويىدىكى ئەمەس، مەھەللىلەردىكى مۇقىم ئىمامى ۋە جامائىتى بار مەسجىدلەردە جامائەت ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈلگۈرەلمىگەنلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىم جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشى مەكروھ، ئۈلگۈرەلمىگەنلەر ھەر بىرى يالغۇز ئوقۇيدۇ، دەپ قارايدۇ(3).

بۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى، جامائەت بولسا بىرلىك – باراۋەرلىكنىڭ ئاساسى، كۆڭۈللەرنىڭ بىر – بىرىدىن نەپرەتلەنمەسلىكى بولسا جامائەتتىن كۆزلەنگەن نىشاندۇر. ئەگەر ئىككىنچى جامائەتكە رۇخسەت قىلىنسا جامائەتلىك بۇزۇلۇپ، ئايرىلماقچى بولغان ھەركىم بىرىنى ئىمام قىلىپ ئايرىم جامائەت بولۇپ ئوقۇۋالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالىدۇ – دە بىرلىك بۇزۇلىدۇ. شۇڭا بىرلىكنى بۇزىدىغان «زىرار مەسجىدى»دىمۇ ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن. دېمەك، ئىككىنچى جامائەتنىڭ شەكىللىنىشى بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزىدىغان ئامىلدۇر.

ئەگەر مەھەللىلەردىكى مەسجىدلەردە ئىككىنچى جامائەت مەكروھ بولمايدىغان بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدتە جامائەت بولۇپ ئوقۇشنى قويۇپ، ئۆيىدە جامائەت بولماستى.

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنە ئەتراپىدىن قايتىپ كېلىپ ناماز ئوقۇماقچى بولدى – يۇ، جامائەتنىڭ ناماز ئوقۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆيىگە قايتتى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنى يىغىپ ئۇلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇدى»(4).

بۇ ھەقتە سەلەف – سالىھلاردىنمۇ ئىككىنچى جامائەتنىڭ مەكروھلىقىنى كۆرسىتىدىغان بايانلار ۋە ئىش – ئىزلار كەلگەن. ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەسجىدنىڭ مۇقىم ئىمامى بولۇپ بىر ياكى بىرنەچچە كىشى جامائەت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن تەقدىردە، ئۇلار يالغۇز – يالغۇز ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇ مەسجىدتە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشىنى ياقتۇرمايمەن. جامائەت بولۇپ ئوقۇپ قالسا ئۇلارنىڭ نامىزى جامائەت نامىزى ھېساب بولىۋېرىدۇ. مېنىڭ ئۇنداق قىلىشنى ياقتۇرماسلىقىمنىڭ سەۋەبى، بۇ بىزدىن ئىلگىرىكى سەلەف – سالىھلارنىڭ قىلغان ئىشى ئەمەس، بەلكى تېخى ئۇلاردىن بەزىلەر ئۇنداق قىلىشنى ئەيىبلىگەن. بىز ئەستە تۇتتۇقكى، ئۇلاردىن (ساھابىلاردىن) بەزىلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەندە جامائەت بولۇشقا قادىر تۇرۇقلۇق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەۋىرى بار ھالەتتە يالغۇز – يالغۇز ناماز ئوقۇغان. يەنە بەزىبىر گۇرۇپپىلار جامائەتكە ئۈلگۈرەلمەي مەسجىدكە كەلگىنىدە جامائەت بولۇشقا قادىر تۇرۇقلۇق ھەربىرى ئايرىم – ئايرىم ئوقۇغان. ئۇلار مەسجىدتە ئىككى قېتىم جامائەت بولۇشنى يامان كۆرگەنلىكتىن شۇنداق قىلغان»(5).

يۇقىرىدا ئىمام شافىئىي تىلغا ئالغان سەلەف – سالىھلاردىن بىرى ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، ئەلقەمە بىلەن ئەسۋەد ئىككەيلەن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرلىكتە مەسجىدكە كەلگەن، ئۇلارنىڭ كېلىشىگە مەسجىدتىن يانغان جامائەت ئۇلارغا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىبنى مەسئۇد ئۇ ئىككىيلەننى ئېلىپ ئۆيگە قايتقان ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرىنى سول تەرىپىدە تۇرغۇزۇپ ئۇلارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغان(6).

ھەسەن بەسرىي مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابە كىراملىرى ناماز ئوقۇلۇپ بولغان مەسجىدكە كىرگىنىدە يالغۇز – يالغۇز ناماز ئوقۇيتتى»(7).

ئىمام مالىك رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلمۇجەببەر مۇنداق دېگەن: «مەن سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ بىلەن بىللە جۈمە مەسجىدىگە كىرسەم، جامائەت ناماز ئوقۇپ بولغان ئىكەن. ئۇلار:

– نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇۋالمامدىلا؟ – دەپ سورىۋىدى، ئۇ:

– بىر ناماز بىر مەسجىدتە ئىككى قېتىم جامائەت بولۇپ ئوقۇلمايدۇ، – دېدى».

ئىبنى ۋەھب مۇنداق دەيدۇ: ئەھلى ئىلىملەردىن بىرقانچىسى ماڭا ئىبنى شىھاب، يەھيا ئىبنى سەئىيد، رەبىيئە ۋە لەيس قاتارلىق زاتلاردىنمۇ شۇنداق قاراشنى ئېيتىپ بەرگەن(8).

ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرى «سەھىھ»ىدە بايان قىلىشىچە، ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇدنىڭ شاگىرتى ھەزرىتى ئەسۋەد جامامەتكە ئۈلگۈرەلمەي قالسا، باشقا مەسجىدكە باراتتى(9).

دېمەك، ساھابە كىراملاردىن ۋە سەلەف – سالىھلاردىن كەلگەن يۇقىرىقى بايانلارغا ئاساسلىنىپ تۈركىيەدىكى مەسجىد – جامەلەردە ئاساسەن ئىككىنچى جامائەت بولمايدۇ. بۇ ھەنەفىي مەزھەپنىڭلا قارىشى بولماستىن بەلكى، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىماملارنىڭ ۋە نەچچىلىگەن سەلەف – سالىھلارنىڭ يەنى كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدۇر.

ئىككىنچى جامائەتنىڭ مەكروھ بولۇشى بىرىنچى جامائەتنى ئازايتىدىغانلىقى ۋە ئاجىزلىتىدىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. ئىمام سەرەخسىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز جامائەتنى ئاۋۇتۇشقا بۇيرۇلغانمىز، جامائەت نامىزىنى بىر مەسجىدتە قايتىلاش بولسا جامائەتنى ئازايتىۋېتىدۇ. چۈنكى كىشىلەر جامائەت قولدىن كېتىدىغانلىقىنى بىلسە جامائەتكە ئالدىرايدۇ. نەتىجىدە جامائەت ئاۋۇيدۇ. جامائەت قولدىن كەتمەيدىغانلىقىنى بىلسە جامائەتكە كېچىكىدۇ. نەتىجىدە جامائەت ئازىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يول بويلىرىدىكى مەسجىدلەرنىڭ مەھەللە – كويلەردىكى مەسجىدلەردىن پەرقى ئېنىق بولىدۇ. چۈنكى يول بويىدىكى مەسجىدلەرنىڭ مۇقىم جامائىتى بولمايدۇ. كىم ئۆتسە ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا قايتا – قايتا جامائەت بولۇپ ئوقۇش جامائەتنى ئازايتىۋەتمەيدۇ»(10).

دەرۋەقە، بىر مەھەللىدىكى مەسجىدنى ئويلاپ باقساق، ئۇلاردىن بىر قىسىمى ئىمامنى ياكى جامائەتنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. ناۋادا ئۇلار كۆپىنچە ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ئوقۇسا مەھەللە جامائىتى ئىككىگە بۆلۈنۈپ پىتنە – پاسات جامائەتنى بىئارام قىلىشى ئېنىق. بۇ ئەھۋال ۋەتىنىمىزدە كۆرۈلگەن ئىدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە سەلەف – سالىھلىرىمىزنىڭ دەۋرىدە بىر مەسجىدنىڭ جامائىتى ئىزچىل تەرىقىدە نەچچە قېتىم جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغان ئەھۋال بولمىغان. كېيىنچە مۇسۇلمانلار تەپرىقىچىلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا بەزى دىيارلاردا بىر مەسجىدتە بىر نامازنى نەچچە جامائەت ئارقا – ئارقىدىن ھەتتا بىر ۋاقىتتا تەڭ ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتكەن.

ئىمام شافىئىي ئىسلامنىڭ روھىنى ۋە نىشانىنى ئىنتايىن توغرا چۈشەنگەن ئاساستا بۇ نۇقتىنى مۇنداق بايان قىلغان: «سەلەف – سالىھلاردىن ئىككىنچى جامائەتنى يامان كۆرگەنلىرى بىرلىكنى بۇزىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىمامنىڭ ئارقىدا ناماز ئوقۇشتىن قېچىپ ئۇ ۋە ئۇنىڭدەكلەر ناماز ۋاقتىدا مەسجىدكە كەلمەي، ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا مەسجىدكە كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقى جەھەتتىن بولغان. بۇنداق بولسا بىرلىك بۇزۇلۇپ، تالاش – تارتىش يۈز بېرىدۇ. مەكروھلۇق مانا مۇشۇنىڭدىن بولىدۇ»(11).

ئۇنداقتا، بىرلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدىغان بولسا مەكروھلۇق بولمايدۇ. مەسىلەن، مۇقىم ئىمامى، مۇقىم جامائىتى بولمىغان بولمىغان ئۆتەڭ، بېكەت، بازار، يول بويى ۋە دوختۇرخانىلاردەك كىشىلەر كېلىپ – كېتىپ تۇرىدىغان جايلاردىكى مەسجىدلەردە ئىككىنچى جامائەت مەكروھ بولمايدۇ. بۇنى ئىماملىرىمىز ئېنىق بايان قىلغان.

شۇڭلاشقا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھتىن: «ئىككىنچى جامائەت ئۈچ كىشىدىن ئارتۇق بولمىسا مەكروھ بولمايدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ئىمام ئەبۇ يۈسۈف رەھىمەھۇللاھتىنمۇ مۇنداق دېگەنلىكى كەلگەن: «كۆپرەك كىشىلەرنىڭ ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ئوقۇشى مەكروھ، ئەمما بىرى بىر ياكى ئىككى كىشىگە ئىمام بولۇپ ئىككىنچى جامائەت بولسا ئىمام تۇرىدىغان جايدا تۇرۇۋالمىسىلا مەيلى». ئىمام مۇھەممەد رەھىمەھۇللاھتىنمۇ «ئالاھىدە توپلۇشۇپ ئوقۇماي، مەسجىدنىڭ بىر بۇلۇڭىدا غىپپىدە ئوقۇۋالسا بولىدىغانلىقى» رىۋايەت قىلىنغان. ئىمام قۇدۇرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەسجىد يول بويىدا بولۇپ، ئۇنىڭ مۇقىم جامائىتى بولمىسا، ئۇنىڭدا ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا مەيلى. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا ئىككىنچى جامائەت بولۇش ئۇنىڭ جامائىتىنى ئازايتىۋەتمەيدۇ»(12). باشقا مۇجتەھىد ئىماملاردىنمۇ مۇشۇنداق نەقىللەر بار.

دېمەك، كۆپچىلىك ئالىملار ئىككىنچى جامائەتنى مۇتلەق چەكلىۋالماي، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدىغان ئەھۋاللاردا چەكلىگەن. ناۋادا مۇقىم ئىمام – مەزىنى ياكى جامائىتى بولمىغان يول بويى ياكى بېكەتكە ئوخشىغان جايلاردىكى مەسجىد بولسا، ياكى ئادەتتىكى مەسجىد بولسىمۇ جامائەتنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئىككىنچى جامائەت بولۇۋالماي بىرنەچچە كىشى ئىككىنچى جامائەت بولسا، ياكى بازار ۋە ئىدارىلەردىكى مۇقىم ئىمام – مەزىنى، جامائىتى بولسىمۇ، ئۇنىڭغا مۇقىم جامائىتىدىن باشقا كىشىلەر كۆپلەپ كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغان بولسا، بۇلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ئىككىنچى جامائەت بولۇش چەكلەنمەيدۇ. بەلكى تېخى، بۇ ئەھۋالدا ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ئوقۇش ئەۋزەل. ھەتتا، يول بويىدىكى مەسجىد بولسا، ئېگىز – پەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان بولسا، ھەر بىر جامائەت ئۆز ئالدىغا ئەزان ۋە تەكبىر ئېيتىشمۇ ئەۋزەل بولىدۇ.

مانا بۇ سەۋەبتىن ئىككىنچى جامائەت بولسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغاندەك بەزى دەلىللەرمۇ كەلگەن ۋە بۇلارغا ئاساسەن ئىمام ئەھمەد قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار مەسجىدتە ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا چەكلەنمەيدۇ دەپ قارىغان. بۇلاردىن ئىمام ئەھمەد ئۈچ ھەرەم مەسجىدتە ئىككىنچى جامائەت بولۇش مەكروھ، باشقا مەسجىدلەردە جائىز دەپ قارايدۇ(13).

لېكىن يۇقىرىقى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆزدە تۇتقان نۇقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئىككىنچى جامائەت بولسا بولىدۇ دېگەن قاراشتىكىلەر كەلتۈرگەن دەلىللەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا زىت كەلمەيدۇ، بەلكى، ئۇنى تەكىتلەيدۇ.

بىرمۇبىر ئالايلۇق، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جامائەت بىلەن ئوقۇغان ناماز يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە دەرىجە ئارتۇق»(14). بۇ ھەدىس ئىككىنچى جامائەتنىڭمۇ دەرىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، لېكىن بۇ دەرىجىلەر بىرلىك – باراۋەرلىكنىڭ سىمۋولى بولغان بىرىنچى جامائەتنى، بىرلىككە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ئىككىنچى جامائەتنى كۆرسىتىدۇ. ھەرگىزمۇ بىرلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىككىنچى جامائەتنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى، ئىسلامنىڭ جامائەت نامىزىغا تەرغىب قىلىشى، بىر مەسجىدتە ئىككىنچى جامائەتنىڭ شەكىللىنىشىنى يامان كۆرۈشىگە زىت كەلمەيدۇ. شۇڭا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدتە جامائەت بولۇپ ئوقۇماي، ئۆيىدە جامائەت بولۇپ ئوقۇغان.

يەنە بىر ھەدىستە ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇۋاتقان بىر كىشىنى كۆرۈپ: «ماۋۇ كىشىگە سەدىقە قىلىپ بىللە ناماز ئوقۇشۇپ بېرىدىغان بىرەرسى يوقمۇ؟» دېۋىدى، بىر كىشى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ناماز ئوقۇدى(15).

بۇ ھەدىستە ئىككىنچى جامائەت بولۇپ بېرىش ئارقىلىق 26 دەرىجىگە ئېرىشىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشنى «سەدىقە قىلىش» دەپ ئاتىغان ۋە بۇلار ئىككىنچى جامائەت بولغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، كۆپچىلىك ئالىملارمۇ بىرنەچچە كىشىنىڭ بۇ تەرىقىدە ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشىنى چەكلىمىگەن. دېمەك بۇ ھەدىس قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلىگە دەلىل بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەھۋالدا جامائەتنىڭ بىرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش بولمايدۇ. ئەمما بىر توپ كىشى ئىزچىل ھالدا ئىككىنچى جامائەتنى شەكىللەندۈرسە، بۇ باشقا ئەھۋال. ھەم ئۇنىڭدا سەدىقە قىلىشمۇ مەۋجۇت ئەمەس.

ئىمام بۇخارىي ھەزرەتلىرى «سەھىھ»ىدە بايان قىلىشىچە، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ناماز ئوقۇلۇپ بولغان بىر مەسچىتكە كېلىپ ئەزان ۋە تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇپ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغان(16).

بۇ رىۋايەتمۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا دەلىل بولىدۇ. چۈنكى بۇ رىۋايەتنىڭ تەپسىلىي ۋارىيانتلىرىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەلۇم بىر مەسجىدتىن يىگىرمىگە يېقىن خىزمەتچىلىرى بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئۇ مەسجىدكە كىرگەن بولۇپ، نامازدىن كېيىن ئۇلىغىغا مىنىپ يۈرۈپ كەتكەن. بۇنىڭدىن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇ مەسجىدنىڭ مۇقىم جامائىتى ئەمەسلىكى، يولۇچى ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. ئايرىم ئەزان ۋە تەكبىر ئېيتىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ مەسجىدنى بەزى رىۋايەتلەردە بەنى سەئلەبە مەسجىدى، بەنە بەزىسىدە بەنى رىفائە مەسجىدى، يەنە بەزىسىدە بەنى زۇرەيق مەسجىدى دەپ ئاتىغان.

ئوسمان ئەلبەتتىي مۇنداق دەيدۇ: مەن ھەسەن بەسرىي، سابىت ئەلبۇنانىي بىلەن جامائىتى نامازنى ئوقۇپ بولغان بىر مەسجىدكە كىرگەن ئىدىم. سابىت ئەزان – تەكبىر ئېيتىۋىدى، ھەسەن ئالدىغا چىقىپ بىزگە ئىمام بولدى. مەن ئۇنىڭغا:

–       ئى سەئىيدنىڭ ئاتىسى! بۇ مەكروھ بولمامدۇ؟ – دېسەم، ئۇ:

–       نېمىشقا مەكروھ بولىدىكەن؟ – دېدى(17).

مانا بۇ رىۋايەتنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، يۇقىرىقى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بايان قىلغىنى بويىچە بىرنەچچە كىشى بولۇپ قالسا مەكروھ بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەسەن بەسرىينىڭ ئۆزىدىن ئىككىنچى جامائەت مەكروھ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىز يۇقىرىدا سەھىھ رىۋايەت كەلتۈرگەن ئىدۇق. دېمەك، يۇقىرىقى ۋە بۇ رىۋايەتلەر بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتمەيدىغان ئەھۋالدا ئىككىنچى جامائەت مەكروھ بولمايدىغانلىقىنى، تەسىر يېتىدىغان ئەھۋالدا مەكروھ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

شۇڭلاشقا، ئىمام بەيھەقىي ھەسەن بەسرىينىڭ مەكروھ دەپ قارىغان رىۋايىتىگە قارىتا مۇنداق دېگەن: «ھەسەن بەسرىينىڭ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇلغان يەردە ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ئوقۇشنى مەكروھ دېيىشى ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋالغا قارىتىلغاندۇر»(18).

يەنە تېخى ئوسمان ئەلبەتتىينىڭ: «مەن ھەسەن بەسرىي، سابىت ئەلبۇنانىي بىلەن جامائىتى نامازنى ئوقۇپ بولغان بىر مەسجىدكە كىرگەن ئىدىم» دېگەن سۆزى، ئۇلارنىڭ ئۇ مەسجىدنىڭ جامائىتىدىن ئەمەسلىكى، بەلكى شۇ مەھەللىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقۇچىلاردىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ رىۋايەت كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كەلتۈرگەن دەلىللەرگە ماس كېلىدۇ(19).

بۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان يەنە بىر مىسالنى ئالساق، مەئمەر رىۋايەت قىلىپ دەيدۇ: «مەن ئەييۇب ئەسسەختىيانىي بىلەن مەككىدىن بەسرەگىچە ھەمسەپەر بولدۇم. بىز جامائىتى ناماز ئوقۇپ بولغان بىر ئۆتەڭگە كەلگىنىمىزدە، ئەييۇب ئەزان – تەكبىر ئېيتىپ بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەردى»(20).

ئەييۇب ئەسسەختىيانىيدىن يەنە يۇقىرىقى كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدەك رىۋايەتمۇ كەلگەن بولۇپ، بۇ رىۋايەتلەر بىر – بىرىگە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، كۆپچىلىك ئالىملارمۇ يول بويىدىكى، ئۆتەڭلەردىكى مەسجىدلەردە ئىككىنچى جامائەتنى ئەۋزەل دەپ قارايدۇ(21).

ئەنە شۇ تەرىقىدە بارلىق دەلىللەرنى شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەتلەر نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ مەسىلىدىكى ھۆكۈمنى بىر جۈملىگىلا ئىخچاملاش مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ، جامائەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئەھۋاللاردا ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جامائەت ئەۋزەل، تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللاردا مەكروھ ھەتتا ھارام.

ئەگەر بىر كىشى جامائەتكە ئۈلگۈرەلمەي مەسجىدكە كىرسە يەنە بىر ياكى بىرقانچە كىشى بىلەن جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. يول بويىدىكى، بېكەتلەردىكى، ئايرودروم، ۋوگزاللاردىكى جامائەت ئۈزۈلمەيدىغان مەسجىدلەردە ئارقا – ئارقىدىن جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ھەتتا تويدىن، ئىپتاردىن ياكى باشقا مېھماندارچىلىقتىن يانغان بىر توپ بىراقلا مەھەللە مەسجىدىكە كىرىپ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئەۋزەللىكىدە گەپ يوق. چۈنكى، ھەدىسلەردە كەلگەندەك، «جامائەت بىلەن ئوقۇغان ناماز يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە دەرىجە ئارتۇق»(22). «كىشىنىڭ بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى، يالغۇز ئوقۇغاننىڭكىدىن ئارتۇق؛ ئۇنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ پەزىلىتى، بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغاننىڭكىدىن ئارتۇقتۇر. ناماز قانچىكى كۆپ كىشى بىلەن ئادا قىلىنسا، ئاللاھ تائالاغا شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ»(23).

ئەمما مەھەللە مەسجىدىدىكى جامائەتنىڭ بىرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، ئۇنى ئازايتىدىغان تەرىقىدە ئىزچىل ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى جامائەتنى شەكىللەندۈرۈش بولسا، نەپرەت چېچىش، مۇسۇلمانلار سېپىنى ئاجىزلىتىدىغانلىقى جەھەتتىن مەكروھ بولۇپلا قالماي، ھارام دەرىجىسىگىمۇ بارىدۇ.

ئىمام ۋە جامائەت نامازغا تۇرۇپ بولغۇچە ئايرىم جامائەت بولۇپ ئوقۇۋېلىشمۇ ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولغاچقا، ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ. ئەمما يول بويىدا بولمىغان مەھەللە مەسجىدىدە مۇساپىر كىشىلەردىن بىرقانچىسى ئەزان ئوقۇلۇشى بىلەنلا ناماز ئوقۇۋېلىپ يولىغا ماڭغان بولسا، ئىمام جامائەت بىلەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەزان – تەكبىر توۋلاپ ناماز ئوقۇسا، گەرچە بۇلار ئىككىنچى جامائەت بولسىمۇ، بۇ مەكروھلۇق دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ ھەققى. ئەگەر يول بويىدىكى يولۇچىلار ئۆتۈپ تۇرىدىغان مەسجىد بولۇپ قالسا، ھەر قېتىمدا ئەزان – تەكبىر توۋلاپ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل مەسجىدلەرنىڭ مۇقىم جامائىتى بولمايدۇ. ئەمما مەھەللە مەسجىدىدە ئايرىم – ئايرىم ئەزان توۋلاشقا بولمايدۇ(24).

شۇڭا، ئىككىنچى جامائەتنى مەكروھ دېمىگەن ئىمام ئەھمەد ۋە ھەنبەلىي مەزھىپىمۇ ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ ئۈچ ھەرەم مەسجىدتە ئىككىنچى جامائەتنى مەكروھ دېگەن. لېكىن ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزۈش خەۋپى بولسا باشقا مەسجىدلەردىمۇ مەكروھ بولۇشى كېرەك. بۇ سەۋەبتىن، ھەنبەلىي مەزھەپ ئالىملىرىدىن كۆپچىلىك ئالىملارغا ئوخشاش، ئىمامى بار، يول بويىدا بولمىغان مەسجىدلەرنى ئۈچ ھەرەمگە ئوخشاش دەپ قارىغانلارمۇ، ئىككى – ئۈچ كىشى جامائەت بولۇپ ئوقۇسا مەيلى دېگەنلەرمۇ كۆپ.

ۋەلھاسىل: جامائەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئورۇن ۋە قىسمەن ئەھۋاللاردا جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىگەنلەرنىڭ جامائەت بولۇپ ئوقۇغىنى ئەۋزەل، تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللاردا مەكروھ، ھەتتا ھارام.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 1. 21


1. «بۇخارىي»، 645 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 650 – ھەدىس.
2. «بۇخارىي»، 477 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 649 – ھەدىس.
3. «ئەلبىنايە»، 2/305. «ئەلمەجمۇ»، 4/222. «ئەلمەئۇنە»، 1/78. «ئەلمۇغنىي»، 2/7. «نەيلۇل ئەۋتار»، 3/185.
4. ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد» 2/45): تەبەرانىي «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»تا رىۋايەت قىلغان. راۋىيلىرى ئىشەنچلىك راۋىيلاردۇر» دېگەن. شەيخ ئالبانىي «تەمامۇل مىننە»دە (155 – بەت) «ھەسەن» دېگەن.
5. «ئەلئۇم»، 1/181.
6. «مۇساننىفى ئابدۇرراززاق»، 2/409، 3883 – نومۇر. تەبەرانىي «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 3980 – نومۇر. ئالبانىي «تەمامۇل مىننە»دە (155 – بەت) «سەنەدى ھەسەن» دېگەن.
7. «مۇساننىفى ئابدۇرراززاق»، 2/293، 3425 – نومۇر. ئىبنى ئەبى شەيبە «ئەلمۇسەننەف»، 2/223.
8. «ئەلمۇدەۋۋەنە» 1 – توم، 89 – بەت. راۋىيلىرى ئىشەنچلىك راۋىيلاردۇر.
9. «بۇخارىي»، «جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا» دېگەن باب.
10. «ئەلمەبسۇت» 1 – توم، 135 – بەت.
11. «ئەلئۇم»، 1/180.
12. «ئەلبىنايە»، 2/306. «ئەلمۇھىيتۇل بۇرھانىي»، 2/14. «ئەلبەھرۇررائىق»، 3/386.
13. «ئەلبىنايە»، 2/305. «ئەلمەجمۇ»، 4/221. «ئەلمۇھەللا»، 4/236. «ئەلمۇغنىي»، 2/7. «نەيلۇل ئەۋتار»، 3/185.
14. «بۇخارىي»، 645 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 650 – ھەدىس.
15. «ئەبۇ داۋۇد»، 574 – ھەدىس. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
16. «بۇخارىي»، «جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا» دېگەن باب. بۇنى ئىمام ئەبۇ يەئلا («مۇسنەد» 7/351: سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ھافىز ئىبنى ھەجەر («تەغلىيقۇتتەئلىيق»، 2/276) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
17. «ئەلمۇھەللا»، 4/238. «ئەلمۇغنىي»، 2/7.
18. «ئەسسۇنەنۇل كۇبرا»، 3/70.
19. «ئىئلامۇل ئابىد»، شەيخ مەشھۇر ئىبنى ھەسەن، 61 – بەت.
20. «مۇساننىفى ئابدۇرراززاق»، 2/292، 3421 – نومۇر.
21. «ئىئلامۇل ئابىد»، 61 – بەت.
22. «بۇخارىي»، 645 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 650 – ھەدىس.
23. «ئەبۇ داۋۇد»، 554 – ھەدىس. ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن.
24. «ئەلبەھرۇررائىق»، 3/386. «ئەددۇررۇل مۇختار»، 1/552.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ