سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تۈركىيەدىكى مەسجىد – جامەلەردە جامائەت ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەسجىدكە كىرگەنلەر پەرز نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇمايدىكەن. بىز «جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ پەزىلىتى يىگىرمە يەتتە ھەسسە بولىدۇ» دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن كېچىكىپ كىرىپ قالغىنىمىزدا جامائەت بولۇپ ئوقۇدۇق. قىلغىنىمىز توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە دىنىمىزدا قانداق كۆرسەتمە بار؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
بارلىق ئالىملار بىر مەسجىدتە، بىرلا ۋاقىتتا بىر پەرز ناماز ئۈچۈن ئىككى ياكى بىرنەچچە جامائەت بولۇپ ئوقۇشنىڭ ھاراملىقىدا بىردەك قاراشتا. چۈنكى، بۇ جامائەتلىشىشتىن كۆزلەنگەن بىرلىكنى، سەپنى بۇزىدۇ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى چاچىدۇ، مەسجىد ئىمامىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىنى يوقىتىدۇ.
مەلۇمكى، جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ بەرىكىتى ۋە پەزىلىتى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن ئارتۇق بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جامائەﺕ بىلەﻥ ئوقۇلغاﻥ ناماﺯنىڭ پەﺯىلىتى يالغۇﺯ ئوقۇلغاﻥ ناماﺯﺩىن يىگىرمە يەتتە ﺩﻩﺭىجە ئاﺭتۇقتۇر»(1) دېگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە «يىگىرمە يەتتە»نىڭ ئورنىغا «يىگىرمە بەش» دەپ كەلگەن. يەنى جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز يالغۇز ئوقۇلغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشتۈرىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ جامائەﺕ بىلەﻥ ئوقۇغاﻥ نامىزى ئۆيىدە ﯞﻩ باﺯاردا ئوقۇغاﻥ نامىزىدىن 25 ﺩﻩﺭىجە ئاﺭتۇقتۇر. سىلەﺭنىڭ بىرىڭلاﺭ تاھاﺭﻩتنى كامىل ئېلىپ، مەسجىدكە ناماﺯنىلا ئىرﺍﺩﻩ قىلىپ كەلسە، تاكى مەسجىدكە كىرگۈچە باسقاﻥ ھەﺭبىر قەﺩىمى ئۈچۈﻥ، ئاللاھ ئۇ كىشىنى بىر ﺩﻩﺭىجە كۆتۈﺭﯛﭖ، بىر خاتالىقنى ئۆچۈﺭۈۋېتىدﯗ؛ ئۇ كىشىنى ناماﺯﻻ تۇتۇﭖ تۇﺭغاﻥ بولسا، ئۇ كىشى مەسجىدكە كىرگەندىن تاﺭتىپ، ناماﺯدا ھېسابلىنىدﯗ؛ تاھاﺭىتىنى سۇندﯗﺭماﻱ ناماﺯ ئوقۇغاﻥ جايىدىلا بولىدىكەﻥ، پەﺭىشتىلەﺭ ئۇنىڭغا: ‹ئى ئاللاھ! ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن ﯞﻩ ئۇنىڭغا ﺭﻩھمەﺕ قىلغىن› ﺩﻩﭖ ﺩﯗئا قىلىپ تۇﺭىدﯗ»(2).
جامائەت نامىزىدىن كېلىدىغان يىگىرمە نەچچە ھەسسە ساۋاب مەسجىدتىكى جامائەت بولۇپ ئوقۇغان نامازنى كۆرسىتىدىغانلىقى يۇقىرىقى ھەدىستىن چىقىدۇ.
بىر كىشى مەسجىدكە كىرگىنىدە جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىگەن تەقدىردە، مەسجىدتە باشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلەر بىلەن بىللە جامائەت بولۇپ ئوقۇۋالسا بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس.
ھەنەفىي، مالىكىي، شافىئىي مەزھەب ئىماملىرى، شۇنداقلا ئەۋزائىي (ھ. 88 – 157 / م. 707 – 774)، سەۋرىي، لەيس قاتارلىق مۇجتەھىد ئىماملار ۋە باشقا سەلەف سالىھلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملار: «كىشىلەر ئۆتۈپ تۇرىدىغان يول بويىدىكى ئەمەس، مەھەللىلەردىكى مۇقىم ئىمامى ۋە جامائىتى بار مەسجىدلەردە جامائەت ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈلگۈرەلمىگەنلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىم جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشى مەكرۇھ، ئۈلگۈرەلمىگەنلەر ھەربىرى يالغۇز ئوقۇيدۇ» دەپ قارايدۇ(3).
بۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى، جامائەت بولسا بىرلىك – باراۋەرلىكنىڭ ئاساسى، كۆڭۈللەرنىڭ بىر – بىرىدىن نەپرەتلەنمەسلىكى بولسا جامائەتتىن كۆزلەنگەن نىشاندۇر. ئەگەر ئىككىنچى جامائەتكە رۇخسەت قىلىنسا، جامائەتلىك بۇزۇلۇپ، ئايرىلماقچى بولغان ھەركىم بىرىنى ئىمام قىلىپ ئايرىم جامائەت بولۇپ ئوقۇۋالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالىدۇ – دە، بىرلىك بۇزۇلىدۇ. شۇڭا، بىرلىكنى بۇزىدىغان «زىرار مەسجىدى»دىمۇ ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن. دېمەك، ئىككىنچى جامائەتنىڭ شەكىللىنىشى بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزىدىغان ئامىلدۇر.
ئەگەر مەھەللىلەردىكى مەسجىدلەردە ئىككىنچى جامائەت مەكرۇھ بولمايدىغان بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدتە جامائەت بولۇپ ئوقۇشنى قويۇپ، ئۆيىدە جامائەت بولماس ئىدى.
ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنە ئەتراپىدىن قايتىپ كېلىپ ناماز ئوقۇماقچى بولدى – يۇ، جامائەتنىڭ ناماز ئوقۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆيىگە قايتتى ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتىنى يىغىپ ئۇلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇدى»(4).
بۇ ھەقتە سەلەف سالىھلەردىنمۇ ئىككىنچى جامائەتنىڭ مەكرۇھلۇقىنى كۆرسىتىدىغان بايانلار ۋە ئىش – ئىزلار كەلگەن. ئىمام شافىئىي ئېيتىدۇ: «بىر مەسجىدنىڭ مۇقىم ئىمامى بولۇپ بىر ياكى بىرنەچچە كىشى جامائەت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن تەقدىردە، ئۇلار يالغۇز – يالغۇز ئوقۇيدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئۇ مەسجىدتە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشىنى ياقتۇرمايمەن. جامائەت بولۇپ ئوقۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ نامىزى جامائەت نامىزىغا ھېساب بولىۋېرىدۇ. مېنىڭ ئۇنداق قىلىشنى ياقتۇرماسلىقىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇنى بىزدىن ئىلگىرىكى سەلەف سالىھلەر قىلغان ئەمەس، ھەتتا ئۇلاردىن بەزىلەر بۇنداق قىلىشنى ئەيىبلىگەن. بىز ئەستە تۇتتۇقكى، ئۇلاردىن (ساھابەلەردىن) بەزىلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەندە، جامائەت بولۇشقا قادىر تۇرۇقلۇق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خەۋىرى بار ھالەتتە يالغۇز – يالغۇز ناماز ئوقۇغان. يەنە بەزىبىر گۇرۇپپىلار جامائەتكە ئۈلگۈرەلمەي مەسجىدكە كەلگىنىدە، جامائەت بولۇشقا قادىر تۇرۇقلۇق ھەربىرى ئايرىم – ئايرىم ئوقۇغان. ئۇلار مەسجىدتە ئىككى قېتىم جامائەت بولۇشنى يامان كۆرگەنلىكتىن شۇنداق قىلغان»(5).
يۇقىرىدا ئىمام شافىئىي تىلغا ئالغان سەلەف سالىھلەردىن بىرى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، ئەلقەمە بىلەن ئەسۋەد ئىككىيلەن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد بىلەن بىرلىكتە مەسجىدكە كەلگەن، ئۇلارنىڭ كېلىشىگە مەسجىدتىن يانغان جامائەت ئۇلارغا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىبنى مەسئۇد ئۇ ئىككىيلەننى ئېلىپ ئۆيگە قايتقان ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرىنى سول تەرىپىدە تۇرغۇزۇپ ئۇلارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغان(6).
ھەسەن بەسرىي: «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسھاب كىراملىرى ناماز ئوقۇلۇپ بولغان مەسجىدكە كىرسە، يالغۇز – يالغۇز ناماز ئوقۇيتتى» دېگەن(7).
ئىمام مالىك رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇجەببەر مۇنداق دېگەن: «مەن سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ بىلەن بىللە جۈمە مەسجىدىگە كىرسەم، جامائەت ناماز ئوقۇپ بولغان ئىكەن. ئۇلار:
— نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇۋالمامدىلا؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇ:
— بىر ناماز بىر مەسجىدتە ئىككى قېتىم جامائەت بولۇپ ئوقۇلمايدۇ، — دېدى». ئىبنى ۋەھب: «ئەھلى ئىلىملەردىن بىرقانچىسى ماڭا ئىبنى شىھاب، يەھيا ئىبنى سەئىد، رەبىئە ۋە لەيس قاتارلىق زاتلاردىنمۇ شۇنداق قاراشنى ئېيتىپ بەرگەن» دەيدۇ(8).
ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە بايان قىلىشىچە، ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇدنىڭ شاگىرتى ئەسۋەد جامائەتكە ئۈلگۈرەلمەي قالسا، باشقا مەسجىدكە باراتتى(9).
دېمەك، ئەسھاب كىرام ۋە سەلەف سالىھلەردىن كەلگەن يۇقىرىقى بايانلارغا ئاساسلىنىپ، تۈركىيەدىكى مەسجىد – جامەلەردە ئاساسەن ئىككىنچى جامائەت بولمايدۇ. بۇ ھەنەفىي مەزھەبنىڭلا قارىشى بولماستىن، بەلكى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىماملارنىڭ ۋە نەچچىلىگەن سەلەف سالىھلەرنىڭ يەنى كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدۇر.
ئىككىنچى جامائەتنىڭ مەكرۇھ بولۇشى بىرىنچى جامائەتنى ئازايتىدىغانلىقى ۋە ئاجىزلىتىدىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. ئىمام سەرەخسىي (ئۆ. ھ. 483 / م. 1090) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز جامائەتنى ئاۋۇتۇشقا بۇيرۇلغانمىز، جامائەت نامىزىنى بىر مەسجىدتە قايتىلاش بولسا جامائەتنى ئازايتىۋېتىدۇ. چۈنكى، كىشىلەر جامائەت قولدىن كېتىدىغانلىقىنى بىلسە، جامائەتكە ئالدىرايدۇ. نەتىجىدە جامائەت ئاۋۇيدۇ. جامائەت قولدىن كەتمەيدىغانلىقىنى بىلسە، جامائەتكە كېچىكىدۇ. نەتىجىدە جامائەت ئازىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يول بويلىرىدىكى مەسجىدلەرنىڭ مەھەللە – كويلاردىكى مەسجىدلەردىن پەرقى ئېنىق بولىدۇ. چۈنكى، يول بويىدىكى مەسجىدلەرنىڭ مۇقىم جامائىتى بولمايدۇ. كىم ئۆتسە ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇيدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭدا قايتا – قايتا جامائەت بولۇپ ئوقۇش جامائەتنى ئازايتىۋەتمەيدۇ»(10).
دەرۋەقە، بىر مەھەللىدىكى مەسجىدنى ئويلاپ باقساق، بىر قىسىملار ئىمامنى ياكى جامائەتنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. ناۋادا ئۇلار كۆپىنچە ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ئوقۇسا، مەھەللە جامائىتى ئىككىگە بۆلۈنۈپ پىتنە – پاسات جامائەتنى بىئارام قىلىشى ئېنىق. بۇ ئەھۋال ۋەتىنىمىزدە كۆرۈلگەن ئىدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە سەلەف سالىھلىرىمىزنىڭ دەۋرىدە بىر مەسجىدنىڭ جامائىتى ئىزچىل تەرىقىدە نەچچە قېتىم جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغان ئەھۋال بولمىغان. كېيىنچە مۇسۇلمانلار تەپرىقىچىلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، بەزى دىيارلاردا بىر مەسجىدتە بىر نامازنى نەچچە جامائەت ئارقا – ئارقىدىن ھەتتا بىر ۋاقىتتا تەڭ ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتكەن.
ئىمام شافىئىي ئىسلامنىڭ روھىنى ۋە نىشانىنى ئىنتايىن توغرا چۈشەنگەن ئاساستا بۇ نۇقتىنى مۇنداق بايان قىلغان: «سەلەف سالىھلەر بىرلىكنى بۇزىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىمامنىڭ ئارقىدا ناماز ئوقۇشتىن قېچىپ، بىر ياكى بىرنەچچە ھەمپىكىرلەر ناماز ۋاقتىدا مەسجىدكە كەلمەي، ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا مەسجىدكە كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقى جەھەتتىن ئىككىنچى جامائەتنى يامان كۆرگەن. بۇنداقتا بىرلىك بۇزۇلۇپ، دەتالاش تۇغۇلىدۇ. مانا بۇ مەكرۇھلۇق بائىسىدۇر»(11).
ئۇنداقتا، بىرلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدىغان بولسا، مەكرۇھلۇق بولمايدۇ. مەسىلەن، مۇقىم ئىمامى، مۇقىم جامائىتى بولمىغان ئۆتەڭ، بېكەت، بازار، يول بويى ۋە دوختۇرخانىلاردەك كىشىلەر كېلىپ – كېتىپ تۇرىدىغان جايلاردىكى مەسجىدلەردە ئىككىنچى جامائەت مەكرۇھ بولمايدۇ. بۇنى ئىماملىرىمىز ئېنىق بايان قىلغان.
شۇڭلاشقا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھتىن: «ئىككىنچى جامائەت ئۈچ كىشىدىن ئارتۇق بولمىسا مەكرۇھ بولمايدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ئىمام ئەبۇ يۈسۈف رەھىمەھۇللاھتىنمۇ: «كۆپرەك كىشىلەرنىڭ ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ئوقۇشى مەكرۇھ، ئەمما بىرى بىر ياكى ئىككى كىشىگە ئىمام بولۇپ ئىككىنچى جامائەت بولسا، ئىمام تۇرىدىغان جايدا تۇرۇۋالمىسىلا مەيلى» دېگەنلىكى كەلگەن. ئىمام مۇھەممەد رەھىمەھۇللاھتىنمۇ «ئالاھىدە توپلىشىپ ئوقۇماي، مەسجىدنىڭ بىر بۇلۇڭىدا غىپپىدە ئوقۇۋالسا بولىدىغانلىقى» رىۋايەت قىلىنغان. ئىمام قۇدۇرىي ئېيتىدۇ: «مەسجىد يول بويىدا بولۇپ، ئۇنىڭ مۇقىم جامائىتى بولمىسا، ئۇنىڭدا ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا مەيلى. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ئىككىنچى جامائەت بولۇش ئۇ مەسجىدنىڭ جامائىتىنى ئازايتىۋەتمەيدۇ»(12). باشقا مۇجتەھىد ئىماملاردىنمۇ مۇشۇنداق نەقىللەر بار.
دېمەك، كۆپچىلىك ئالىملار ئىككىنچى جامائەتنى مۇتلەق چەكلىۋالماي، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدىغان ئەھۋاللاردا چەكلىگەن. ناۋادا مۇقىم ئىمام – مۇئەززىنى ياكى جامائىتى بولمىغان يول بويى ياكى بېكەتكە ئوخشىغان جايلاردىكى مەسجىد بولسا، ياكى ئادەتتىكى مەسجىد بولسىمۇ جامائەتنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئىككىنچى جامائەت بولۇۋالماي بىرنەچچە كىشى ئىككىنچى جامائەت بولسا، ياكى بازار ۋە ئىدارىلەردىكى مۇقىم ئىمام – مۇئەززىنى، جامائىتى بولسىمۇ، ئۇنىڭغا مۇقىم جامائىتىدىن باشقا كىشىلەر كۆپلەپ كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغان بولسا، بۇلارنىڭ نەزەرىدىمۇ ئىككىنچى جامائەت بولۇش چەكلەنمەيدۇ. بەلكى تېخى بۇ ئەھۋالدا ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ئوقۇش ئەۋزەل. ھەتتا يول بويىدىكى مەسجىد بولسا، ئېگىز – پەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان بولسا، ھەربىر جامائەت ئۆز ئالدىغا ئەزان ۋە تەكبىر ئېيتىشمۇ ئەۋزەل بولىدۇ.
مانا بۇ سەۋەبتىن ئىككىنچى جامائەت بولسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغاندەك بەزى دەلىللەرمۇ كەلگەن ۋە بۇلارغا ئاساسەن ئىمام ئەھمەد قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار: «مەسجىدتە ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا چەكلەنمەيدۇ» دەپ قارىغان. بۇلاردىن ئىمام ئەھمەد ئۈچ ھەرەم مەسجىدتە ئىككىنچى جامائەت بولۇش مەكرۇھ، باشقا مەسجىدلەردە جائىز دەپ قارايدۇ(13).
لېكىن، يۇقىرىقى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆزدە تۇتقان نۇقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا، «ئىككىنچى جامائەت بولسا بولىدۇ» دېگەن قاراشتىكىلەر كەلتۈرگەن دەلىللەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا زىت كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇنى تەكىتلەيدۇ.
بىرمۇبىر ئالايلۇق، «جامائەﺕ بىلەﻥ ئوقۇلغاﻥ ناماﺯنىڭ پەﺯىلىتى يالغۇﺯ ئوقۇلغاﻥ ناماﺯﺩىن يىگىرمە يەتتە ﺩﻩﺭىجە ئاﺭتۇقتۇر» دېگەن ھەدىس(14) ئىككىنچى جامائەتنىڭمۇ دەرىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، لېكىن بۇ دەرىجىلەر بىرلىك – باراۋەرلىكنىڭ سىمۋولى بولغان بىرىنچى جامائەتنى، بىرلىككە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ئىككىنچى جامائەتنى كۆرسىتىدۇ. ھەرگىزمۇ بىرلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىككىنچى جامائەتنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى، ئىسلامنىڭ جامائەت نامىزىغا تەرغىب قىلىشى بىر مەسجىدتە ئىككىنچى جامائەتنىڭ شەكىللىنىشىنى يامان كۆرۈشىگە زىت كەلمەيدۇ. شۇڭا، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدتە جامائەت بولۇپ ئوقۇماي، ئۆيىدە جامائەت بولۇپ ئوقۇغان.
يەنە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇۋاتقان بىر كىشىنى كۆرۈپ: ‹ماۋۇ كىشىگە سەدىقە قىلىپ بىللە ناماز ئوقۇشۇپ بېرىدىغان بىرەرسى يوقمۇ؟› دېۋىدى، بىر كىشى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ناماز ئوقۇدى» دېگەن ھەدىستە(15) ئىككىنچى جامائەت بولۇپ بېرىش ئارقىلىق 27 دەرىجىگە ئېرىشىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشنى «سەدىقە قىلىش» دەپ ئاتىغان ۋە بۇلار ئىككىنچى جامائەت بولغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، كۆپچىلىك ئالىملارمۇ بىرنەچچە كىشىنىڭ بۇ تەرىقىدە ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشىنى چەكلىمىگەن. دېمەك، بۇ ھەدىس قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلىگە دەلىل بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەھۋالدا جامائەتنىڭ بىرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش بولمايدۇ. ئەمما، بىر توپ كىشى ئىزچىل ھالدا ئىككىنچى جامائەتنى شەكىللەندۈرسە، بۇ باشقا ئەھۋال ھەم ئۇنىڭدا سەدىقە قىلىشمۇ مەۋجۇد ئەمەس.
ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە بايان قىلىشىچە، ئەنەﺱ ﺭﻩﺯىيەللاھۇ ئەنھۇ ناماﺯ ئوقۇلۇﭖ بولغاﻥ بىر مەسجىدكە كېلىپ، ئەﺯﺍﻥ توۋلاپ تەكبىر ئېيتىپ جامائەﺕ بولۇﭖ ناماﺯ ئوقۇغاﻥ(16).
بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا دەلىل بولىدۇ. چۈنكى، بۇ رىۋايەتنىڭ تەپسىلىي ۋارىيانتلىرىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەلۇم يىگىرمىگە يېقىن خىزمەتچىلىرى بىلەن كېتىۋېتىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يېقىندىكى بىر مەسجىدكە كىرگەن بولۇپ، نامازدىن كېيىن ئۇلىغىغا مىنىپ يۈرۈپ كەتكەن. بۇنىڭدىن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇ مەسجىدنىڭ مۇقىم جامائىتى ئەمەسلىكى، يولۇچى ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. ئايرىم ئەزان ۋە تەكبىر ئېيتىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ مەسجىد بەزى رىۋايەتلەردە بەنى سەئلەبە مەسجىدى، بەزىسىدە بەنى رىفائە مەسجىدى، يەنە بەزىسىدە بەنى زۇرەيق مەسجىدى دەپ كەلگەن.
ئوسمان ئەلبەتتىي مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەسەن بەسرىي ۋە سابىت ئەلبۇنانىيلەر بىلەن جامائىتى نامازنى ئوقۇپ بولغان بىر مەسجىدكە كىرگەن ئىدىم. سابىت ئەزان – تەكبىر ئېيتىۋىدى، ھەسەن ئالدىغا چىقىپ بىزگە ئىمام بولدى. مەن ئۇنىڭغا:
— ئى سەئىدنىڭ ئاتىسى! بۇ مەكرۇھ بولمامدۇ؟ — دېسەم، ئۇ:
— نېمىشقا مەكرۇھ بولىدىكەن؟ — دېدى»(17).
مانا بۇ رىۋايەتنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، يۇقىرىقى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بايان قىلغىنى بويىچە، بىرنەچچە كىشى بولۇپ قالسا مەكرۇھ بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەسەن بەسرىينىڭ ئۆزىدىن ئىككىنچى جامائەت مەكرۇھ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىز يۇقىرىدا سەھىھ رىۋايەت كەلتۈرگەن ئىدۇق. دېمەك، يۇقىرىقى ۋە بۇ رىۋايەتلەر بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتمەيدىغان ئەھۋالدا ئىككىنچى جامائەت مەكرۇھ بولمايدىغانلىقىنى، تەسىر يېتىدىغان ئەھۋالدا مەكرۇھ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇڭلاشقا، بەيھەقىي ھەسەن بەسرىينىڭ مەكرۇھ دېگىنىگە قارىتا: «ھەسەن بەسرىينىڭ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇلغان يەردە ئىككىنچى جامائەت بولۇپ ئوقۇشنى مەكرۇھ دېيىشى ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋالغا قارىتىلغاندۇر» دېگەن(18).
شۇنداقلا ئوسمان ئەلبەتتىينىڭ: «مەن ھەسەن بەسرىي ۋە سابىت ئەلبۇنانىي بىلەن جامائىتى نامازنى ئوقۇپ بولغان بىر مەسجىدكە كىرگەن ئىدىم» دېگەن سۆزى، ئۇلارنىڭ ئۇ مەسجىدنىڭ جامائىتىدىن ئەمەسلىكى، بەلكى شۇ مەھەللىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقۇچىلاردىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ رىۋايەت كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كەلتۈرگەن دەلىللەرگە ماس كېلىدۇ(19).
يەنە بىر مىسالنى ئالساق، مەئمەر دەيدۇكى: «مەن ئەييۇب ئەسسەختىيانىي بىلەن مەككەدىن بەسرەگىچە ھەمسەپەر بولدۇم. بىز جامائىتى ناماز ئوقۇپ بولغان بىر ئۆتەڭگە كەلگىنىمىزدە، ئەييۇب ئەزان – تەكبىر ئېيتىپ بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەردى»(20).
ئەييۇب ئەسسەختىيانىيدىن يەنە يۇقىرىقى كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدەك رىۋايەتمۇ كەلگەن بولۇپ، بۇ رىۋايەتلەر بىر – بىرىگە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى، كۆپچىلىك ئالىملارمۇ يول بويىدىكى، ئۆتەڭلەردىكى مەسجىدلەردە ئىككىنچى جامائەتنى ئەۋزەل دەپ قارايدۇ(21).
ئەگەر بىر كىشى جامائەتكە ئۈلگۈرەلمەي مەسجىدكە كىرسە، يەنە بىر ياكى بىرقانچە كىشى بىلەن جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. يول بويىدىكى، بېكەتلەردىكى، ئايرودروم، ۋوگزاللاردىكى جامائەت ئۈزۈلمەيدىغان مەسجىدلەردە ئارقا – ئارقىدىن جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ھەتتا تويدىن، ئىپتاردىن ياكى باشقا مېھماندارچىلىقتىن يانغان بىر توپ بىراقلا مەھەللە مەسجىدىگە كىرىپ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئەۋزەللىكىدە گەپ يوق. چۈنكى، ھەدىسلەردە كەلگەندەك، «جامائەﺕ بىلەﻥ ئوقۇلغاﻥ ناماﺯنىڭ پەﺯىلىتى يالغۇﺯ ئوقۇلغاﻥ ناماﺯﺩىن يىگىرمە بەﺵ ﺩﻩﺭىجە ئاﺭتۇقتۇر»(22)، «كىشىنىڭ بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى يالغۇز ئوقۇغاننىڭكىدىن ئارتۇق؛ ئۇنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ پەزىلىتى بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغاننىڭكىدىن ئارتۇقتۇر. ناماز قانچىكى كۆپ كىشى بىلەن ئادا قىلىنسا، ئاللاھ تائالاغا شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ»(23).
ئەمما، مەھەللە مەسجىدىدىكى جامائەتنىڭ بىرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان، ئۇنى ئازايتىدىغان تەرىقىدە ئىزچىل ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى جامائەتنى شەكىللەندۈرۈش بولسا نەپرەت چېچىش، مۇسۇلمانلار سېپىنى ئاجىزلىتىدىغانلىقى جەھەتتىن مەكرۇھ بولۇپلا قالماي، ھارام دەرىجىسىگىمۇ بارىدۇ.
ئىمام ۋە جامائەت نامازغا تۇرۇپ بولغۇچە ئايرىم جامائەت بولۇپ ئوقۇۋېلىشمۇ ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولغاچقا، ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ. ئەمما، يول بويىدا بولمىغان مەھەللە مەسجىدىدە مۇساپىر كىشىلەردىن بىرقانچىسى ئەزان ئوقۇلۇشى بىلەنلا ناماز ئوقۇۋېلىپ يولىغا ماڭغان بولسا، ئىمام جامائەت بىلەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەزان – تەكبىر توۋلاپ ناماز ئوقۇسا، گەرچە بۇلار ئىككىنچى جامائەت بولسىمۇ، بۇ مەكرۇھلۇق دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئۇلارنىڭ ھەققى. ئەگەر يول بويىدىكى يولۇچىلار ئۆتۈپ تۇرىدىغان مەسجىد بولۇپ قالسا، ھەر قېتىمدا ئەزان – تەكبىر توۋلاپ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل مەسجىدلەرنىڭ مۇقىم جامائىتى بولمايدۇ. ئەمما، مەھەللە مەسجىدىدە ئايرىم – ئايرىم ئەزان توۋلاشقا بولمايدۇ(24).
شۇڭا، ئىككىنچى جامائەتنى مەكرۇھ دېمىگەن ئىمام ئەھمەد ۋە ھەنبەلىي مەزھەبىمۇ «ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ» دەپ ئۈچ ھەرەم مەسجىدتە ئىككىنچى جامائەتنى مەكرۇھ دېگەن. لېكىن، ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزۈش خەۋپى بولسا باشقا مەسجىدلەردىمۇ مەكرۇھ بولۇشى كېرەك. بۇ سەۋەبتىن، ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن كۆپچىلىك ئالىملارغا ئوخشاش، ئىمامى بار، يول بويىدا بولمىغان مەسجىدلەرنى ئۈچ ھەرەمگە ئوخشاش دەپ قارىغانلارمۇ، ئىككى – ئۈچ كىشى جامائەت بولۇپ ئوقۇسا مەيلى دېگەنلەرمۇ كۆپ.
ۋەلھاسىل: ئەنە شۇ تەرىقىدە بارلىق دەلىللەرنى شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەتلەر نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ مەسىلىدىكى ھۆكۈمنى بىر جۈملىگىلا ئىخچاملاش مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ جامائەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئورۇن ۋە قىسمەن ئەھۋاللاردا جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىگەنلەرنىڭ جامائەت بولۇپ ئوقۇغىنى ئەۋزەل، تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللاردا مەكرۇھ، ھەتتا ھارامدۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1441، 26 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2020، 21 – يانۋار
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (645)؛ مۇسلىم (650).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (477)؛ مۇسلىم (649).
3. «ئەلبىنايە»، 2 – ج، 305 – بەت؛ قازى ئابدۇلۋەھھاب: «ئەلمەئۇنە»، 1 – ج، 78 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4 – ج، 222 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2 – ج، 7 – بەت؛ شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 3 – ج، 185 – بەت.
4. ھەيسەمىي («مەجمەئۇززەۋائىد» 2/45): «تەبەرانىي ‹ئەلمۇئجەمۇل كەبىر›، ‹ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت›تە رىۋايەت قىلغان. راۋىيلىرى ئىشەنچلىك راۋىيلەردۇر» دېگەن. شەيخ ئالبانىي: «تەمامۇل مىننە»دە (155 – بەت) «ھەسەن» دېگەن.
5. شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1 – ج، 181 – بەت.
6. ئابدۇرراززاق (3883)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (3980). ئالبانىي «تەمامۇل مىننە»دە (155 – بەت) «سەنەدى ھەسەن» دېگەن.
7. ئىبنى ئەبى شەيبە (7188).
8. ئىبنۇلقاسىم: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1 – ج، 181 – بەت. راۋىيلىرى ئىشەنچلىك راۋىيلەردۇر.
9. بۇخارىي «ﺋﻪﺯﺍﻥ بۆلۈمى»، «جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ پەزىلىتى» بابى. بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى ئىبنى ئەبى شەيبە (6044) سەھىھ سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.
10. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 1 – ج، 135 – بەت.
11. شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1 – ج، 180 – بەت.
12. ئەينىي: «ئەلبىنايە»، 2 – ج، 306 – بەت؛ ئىبنى مازە: «ئەلمۇھىيتۇل بۇرھانىي»، 2 – ج، 14 – بەت؛ ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 3 – ج، 386 – بەت.
13. ئەينىي: «ئەلبىنايە»، 2 – ج، 305 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4 – ج، 221 – بەت؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 4 – ج، 236 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2 – ج، 7 – بەت؛ شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 3 – ج، 185 – بەت.
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (645)؛ مۇسلىم (650).
15. ئەبۇ داۋۇد (574). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
16. بۇخارىي «ﺋﻪﺯﺍﻥ بۆلۈمى»، «جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ پەزىلىتى» بابى. بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى ئىبنى ئەبى شەيبە (2312) سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىبنى ھەجەر: («تەغلىيقۇتتەئلىق»، 2 – ج، 277 – بەت) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
17. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 4 – ج، 238 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2 – ج، 7 – بەت.
18. بەيھەقىي: «ئەسسۇنەنۇل كۇبرا»، (4795).
19. شەيخ مەشھۇر ئىبنى ھەسەن: «ئىئلامۇل ئابىد»، 61 – بەت.
20. ئابدۇرراززاق (3421).
21. «ئىئلامۇل ئابىد»، 61 – بەت.
22. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (645)؛ مۇسلىم (650).
23. ئەبۇ داۋۇد (554). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
24. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 3 – ج، 386 – بەت؛ «ئەددۇررۇل مۇختار»، 1 – ج، 552 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

