(ھىجرىيەدىن بۇرۇنقى 39 _ ھىجرىيە 21 / مىلادىيە 592 _ 642)
ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقەسىر
ئىنسانىيەت تارىخىدا تەڭداشسىز ھەربىي تالانت ۋە قەھرىمانلىقنىڭ قىسسىسى سۈپىتىدە زاماننىڭ سەھىپىلىرىگە نۇر ھەرپلىرى بىلەن پۈتۈلگەن نۇرغۇن ئىسىملارنى ۋە شەخسلەرنى ئۇچرىتىمىز. بەلكىم مۇسۇلمان سەركەردە خالىد ئىبنى ۋەلىد ھەربىي ئىستېدات كۆكىدە چاقنىغان ئەڭ يارقىن شەخس بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئازغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئاۋۋال ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن، ئاندىن قالسا ئۆزىدىكى ئالاھىدە ھەربىي تاكتىكا ۋە ئۇرۇش تەجرىبىسى بىلەن ئەينى چاغدا چوڭ دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىغان پارس بىلەن رىمنىڭ قەلئەلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلى، شام ۋە ئىراق دىيارلىرىدا غالىبانە ھالدا تارقىلىشىغا يول ئاچتى.
مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى خەلىپىسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ خالىد ھەققىدە مۇنۇ سۆزلەرنى قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن خالىد ئارقىلىق رۇمغا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى ئۇنتۇلدۇرىمەن»، «ئاياللار ئەمدى ھېچقاچان خالىدتەك بىر ئەزىمەتنى تۇغالمايدۇ».
مۇسۇلمانلار ئۇنى «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دەپ ئاتىشاتتى. چۈنكى، ئۇ مۇسۇلمان بولغان كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇنى: «سەن ئاللاھنىڭ مۇشرىكلارغا تەڭلىگەن قىلىچىدۇرسەن» دېگەن ئىدى.
خالىد ئىبنى ۋەلىد مۇئتە ئۇرۇشىدا
ھىجرىيەنىڭ سەككىزىنچى يىلى مۇئتە ئۇرۇشىدا، يۈز مىڭ لەشكەردىن تەشكىللەنگەن رىم قوشۇنى ئۈچ مىڭ لەشكەردىن تەشكىللەنگەن مۇسۇلمان قوشۇنىنى قورشاۋغا ئېلىۋالىدۇ، شۇنداقلا زەيد ئىبنى ھارىسە، جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەدىن ئىبارەت ئۈچ قوماندان ئارقا – ئارقىدىن قەتلى قىلىنىدۇ. مۇشۇنداق قىيىن، ھەربىي جەھەتتىن ناھايىتى سەزگۈر بولغان بىر ۋەزىيەتتە خالىد ئىبنى ۋەلىد تۇغنى قولىغا ئېلىپ، تاكتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن قوشۇننى ساق – سالامەت چېكىندۈرۈپ، ئۇلاردىن مەغلۇبىيەتنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ. شۇنداقلا گەرچە رىملىقلار سان ۋە كۈچ جەھەتتە ئۆزلىرىدىن كۆپ ئۈستۈن بولسىمۇ، پۇختا تەييارلىق قىلىپ ئۇلار بىلەن قايتا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قوشۇنىنى ئوڭۇشلۇق چېكىندۈرۈپ چىقىدۇ.
خالىد ئىبنى ۋەلىد مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇشلاردا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپ ئورنىغا ئەبۇ بەكرى سىددىق خەلىپە بولغاندىن كېيىن، (ئۇنىڭ خەلىپىلىكى ئوتتۇز ئاي داۋاملاشتى، ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئوتتۇز ئەسىردىن ياخشىدۇر) مۇرتەدلىك ئۇ دۇچ كەلگەن تۇنجى قىيىنچىلىق بولۇپ قالدى. چۈنكى، نۇرغۇن ئەرەبلەرنىڭ ئىشىدا داۋالغۇش يۈز بېرىپ، ئۇلاردىن ئىسلام بىلەن يېڭى ئۇچراشقانلىرى دىندىن يېنىۋېلىشتى، بەزىلىرى زاكات بېرىشنى رەت قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا ئەبۇ بەكرى تەدبىر قوللىنىپ، ئىسلامنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىشى ئۈچۈن مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېچىش قارارىغا كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ قىلىچى خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ بۇ پىتنىنى بېسىقتۇرۇپ، ئىسلامنىڭ ھەيۋىتىنىڭ دەرگۇماندا بولغۇچىلارنىڭ قەلبىدە قايتا تىكلىنىشىدە چوڭ رولى بولىدۇ.
خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىراقتىكى فەتھىلەردە
خەلىپە ئەبۇ بەكرى ئىچكى جەھەتتىن خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، نەزىرىنى مەملىكەتنىڭ چېگرالىرىغا، بولۇپمۇ پارس ۋە رىمدىن ئىبارەت كېچە – كۈندۈز ئىسلام دۆلىتىگە خىرىس قىلىۋاتقان، ئۇنى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنى پىلانلاۋاتقان ئىككى دۆلەتكە يېقىن چېگرا رايونلارنى تىنچلاندۇرۇشقا قاراتتى. ئۇنىڭ يەكۈنلىگەن پىلانى بويىچە باتۇر قوماندان خالىد ئىبنى ۋەلىد ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئىراقنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىگە يۈرۈش قىلىدىغان، جەسۇر قوماندان مۇسەننا ئىبنى ھارىسە شەيبانى ھىيرە تەرەپكە يۈرۈش قىلىدىغان، ئىياز ئىبنى غەنەم قوشۇنى بىلەن دۇۋمەتۇلجەندەل([1]) تەرەپكە بېرىپ ئاندىن ھىيرەگە بۇرۇلىدىغان، سەئىد ئىبنى ئاس يەتتە مىڭ لەشكەر بىلەن رىملىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەرەب سەپداشلىرىنىڭ دەخلى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى پارس زېمىنلىرىغا قەدەم باسقۇزماسلىق ئۈچۈن، پەلەستىننىڭ چېگرا تەرەپلىرىگە يول ئالىدىغان بولىدۇ.
خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىراقنىڭ جەنۇبىغا يۈرۈش قىلىپ، ھىيرە شەھىرىنى ئوڭۇشلۇق فەتھى قىلىدۇ، لېكىن ئىياز ئىبنى غەنەمنىڭ قوشۇنى غەسسان ۋە ئۇلارنىڭ ئەرەب سەپداشلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە، خالىد ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، شىمال تەرەپتىن مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ، ئاندىن يەنە ئىراقنىڭ جەنۇبىغا قايتىدۇ.
خالىد ئىبنى ۋەلىد شامدىكى فەتھىلەردە
مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى ئەبۇ بەكرى سىددىق رىم دۆلىتى چېگرالىرىنىڭ داۋالغۇپ قالغانلىقىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى، رۇم پادىشاھى ھىرەقلىنىڭ مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىككى يۈز قىرىق مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلىغانلىقىنى بىلگەن چاغدا، ئۇ قانداق قىلغاندۇ؟ سۈلھى تۈزگەنمىدۇ ياكى ھىرەقلىدىن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغاندىمۇ؟ ياق! ئىللا – بىللا ياق! بەلكى ئەبۇ بەكرى مۇشاۋىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھىجاز، نەجد، يەمەن دىيارلىرىدا ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك جاكارلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن پىدائىيلار تەرەپ – تەرەپتىن، ئارقىمۇئارقا مەدىنىگە يىغىلىشقا باشلايدۇ.
پىدائىيلار يىغىلىپ تەق بولغاندا، ئەبۇ بەكرى ئۇلارنى مۇسۇلمان قوماندانلاردىن يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفيان، شۇرەھبىل ئىبنى ھەسەنە، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ ۋە ئەمر ئىبنى ئاسلارنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا شام دىيارىغا يۈرۈش قىلىدىغان تۆت ھەربىي قىسىم قىلىپ بۆلىدۇ. ئەرەب – ئىسلام قوشۇنىنىڭ خەۋىرى رۇملۇقلارنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن چاغدا، ھىرەقلى ئىسلام قىسىملىرىنىڭ ھەممىسىگە ئايرىم – ئايرىم تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر يۈز يىگىرمە مىڭدىن ئارتۇق غايەت زور قوشۇن تەييارلايدۇ. مەسلىھەتتىن كېيىن مۇسۇلمان قوماندانلار ئۆزلىرىنىڭ يەرمۇك دەرياسى قىرغىقىدا بىر قوشۇن بولۇپ بىرلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىدۇ، بۇ ئىشتا خەلىپە ئەبۇ بەكرى ئۇلارنى قوللايدۇ.
رۇملۇقلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارمۇ يەرمۇك زېمىنىدا ئىسلام قوشۇنىغا قارشى بىر قوشۇن بولۇپ بىرلىشىشكە مەجبۇرلىنىدۇ، ئىككى قوشۇن ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت تەييارلىق ۋە كۈتۈش ھالىتىدە تۇرىدۇ. بۇ ھالەتتە مۇسۇلمان قوماندانلار ئىسلام قوشۇنىنىڭ جەڭگىۋارلىقى سۇسلاپ، چىدامسىزلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنى كۈتۈۋاتقىنى بولسا سان ۋە قورال – ياراغتا ئۆزلىرىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىغان دۈشمەن قوشۇنى ئىدى، ئۇلارنىڭ قارىشى بىردەك خەلىپىدىن ياردەم سوراش بولىدۇ.
مەكتۇپ خەلىپىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ مۇشاۋىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ۋەزىيەتنىڭ جەسۇر قوماندان خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ بىر قىسىم لەشكەرلىرىنى باشلاپ ئىراقتىن شامغا يۆتكىلىشىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئىلغا قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىككىلا قوشۇندا ھۆكۈم سۈرگەن «ئۇرۇش بولمىسا تىنچلىقمۇ بولمايدىغان» ھالەتنى ھەمدە بۇ ۋەزىيەتنى پەقەت خالىدقا ئوخشاش تەجرىبىلىك قوماندانلارلا كونترول قىلالايدىغانلىقىنى شەرھلەپ مەكتۇپ يازىدۇ. ئۇ يەنە مەكتۇپىدا قوشۇننى ئىككىگە بۆلۈپ، بىر بۆلىكىنى ئىراقتا مۇسەننا ئىبنى ھارىسەنىڭ ئىسلام بايرىقى ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەنە بىر بۆلىكىنى ئېلىپ يەرمۇكتىكى مۇسۇلمان قوشۇنىغا ھەمدەم بولسۇن ئۈچۈن ئۇ تەرەپكە يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىناتتى ۋە شام تەرەپتىكى ۋەزىيەتنىمۇ كونترول قىلغىلى بولاتتى.
خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىراقتىن شامغا بارىدىغان يولدا
خالىد ئىبنى ۋەلىد قەئقا ئىبنى ئەمرى تەمىمى، زىرار ئىبنى خەتتاب، زىرار ئىبنى ئەزۋەر ۋە ئاسىم ئىبنى ئەمرىگە ئوخشاش بىر قىسىم خىل قوماندانلار بىلەن كۈچلۈك قىسىمدىن تەركىب تاپقان ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇن راسلايدۇ. ھالبۇكى، خالىدنىڭ ھەربىي ئىستېداتى يەرمۇك ۋادىسىغا بارىدىغان يولنى تاللاشتا نامايان بولغان ئىدى. يەنى، ئۇ سۇ مەنبەسى ئاز بولغان، بەلگىلىرى ئېنىق بولمىغان بىر چۆل يولىنى تاللايدۇ. چۈنكى، ئۇ رىمنىڭ مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى بولمىغان، يولۇچىلار ياكى يەرلىك خەلقلەر بولمىغان يولدا مېڭىشنى ئويلايتتى. بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب بولسا ياردەمچى قوشۇننىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ھەمدە دۈشمەن قوشۇننىڭ كەينىدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى پاتىپاراق قىلىش ئىدى. خالىد لەشكەرلىرىنىڭ يول ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق خىتاب قىلىدۇ: «ئەي مۇسۇلمانلار! ئاجىزلىقنىڭ سىلەرنى بويسۇندۇرىشىغا يول قويماڭلار، زەئىپلىككە تەن بەرمەڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھتىن كېلىدىغان ياردەم نىيەتكە يارىشا بولىدۇ، مۇكاپات ۋە ساۋاپمۇ تارتقان مۇشەققەتكە قارىتا بولىدۇ. مۇسۇلمان كىشى قانچىلىك چوڭ ئىش بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاللاھنىڭ ياردىمىلا بولىدىكەن، ھەرگىز مەيۈسلەنمەسلىكى كېرەك».
لەشكەرلەر خالىدقا جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئەمىر! سىز دېگەن ئاللاھنىڭ نەزىرى چۈشكەن كىشىدۇرسىز، نېمىنى توغرا كۆرسىڭىز شۇنى بىجا كەلتۈرۈۋېرىڭ، بىزنى باشلاپ ئاللاھنىڭ بەرىكىتى تەرەپكە مېڭىڭ».
ئۇنىڭ تاللىغان يولى قەراقەر سىۋا، ئەرۇك، تەدمۇر، قەريەتەين، ھەۋارىن، مەرج راھىت، بۇسرا، ۋادى يەرمۇك([2]) يوللىرى ئىدى. خالىد يول باشلىغۇچى رافى ئىبنى ئۇمەيرەدىن سۇ قىيىنچىلىقىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە مەسلىھەت سورايدۇ. ئۇ، لەشكەرلەر سۇنى ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ئېلىۋالسۇن، ئاتلارغا كەلسەك، ئۇلارغا باشقا سۇ مەنبەلىرى تېپىلىدۇ، دەپ مەسلىھەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇلار تازا يوغان، سېمىز تۆگىدىن يىگىرمىنى ئەكىلىدۇ ۋە ئۇلارغا سۇ بەرمەي قاتتىق چاڭقاتقۇزىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ئارقا – ئارقىدىن سۇ بېرىدۇ، ئۇلار سۇغا قېنىپ قېرىنلىرى سۇغا لىق تولىدۇ، ئاندىن كۆشىمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ كالپۇكلىرى كېسىۋېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۆگىلەرنىڭ قورساقلىرى چوڭ سۇ ئامبىرىغا ئايلىنىدۇ، ئاتلار ئۇسساپ كەتسە تۆگىلەر بوغۇزلىنىپ، ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىكى سۇنى ئىچىدۇ، يولنىڭ مۇشەققىتىگە بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن گۆشلىرىنى لەشكەرلەر يەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىسلام قوشۇنى جىلغىلارنى، جاڭگاللارنى كېزىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، بولۇپمۇ سۇنى ئىمكانقەدەر تېجەش ئۈچۈن كېچىلىرى ۋە تاڭ سەھەرلەردە ھاۋانىڭ سالقىن چاغلىرىدا يول يۈرىدۇ. يولباشچىنىڭ يوللارنى پىششىق بىلىشى لەشكەرلەرنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى تېپىپ، ئارام ئالغاندا سۇ ئېلىۋېلىشىغا جىق ياردىمى بولىدۇ.
خالىد ئىبنى ۋەلىد يەرمۇك ئۇرۇشىدا
خالىدنىڭ ئەسكەرلىرى يەرمۇك زېمىنىغا يېتىپ بارغان ھامان ئۇ «ئەجنادىن» دېگەن يەردە شامدىكى ئىسلام مۇھاپىزەتچى قىسمىنىڭ قوماندانلىرى يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفيان، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ، ئەمر ئىبنى ئاس ۋە شۇرەھبىل ئىبنى ھەسەنە قاتارلىقلار بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ، تېزدىن ھەربىي ھەرىكەت چېدىرىدا قىسقا يىغىن ئاچىدۇ. ئۇ يىغىندا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، دۈشمەن قوشۇنىنىڭ سانى ئىككى يۈز قىرىق مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن، بىزنىڭ سانىمىز قىرىق ئالتە مىڭدۇر، لېكىن قۇرئاندا مۇنداق دېيىلگەن: ﴿ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، ئاللاھ چىداملىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن بىللىدۇر﴾ ([3]). جەڭدىكى غەلىبە مەڭگۈ سانى جىقلارغا نېسىپ بولمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن، كىم ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋە ئىشەنگەن، نىيىتىنى خالىس قىلىپ، غەلىبىگە ئىشەنچ قىلغان، تەييارلىقنى پۇختا قىلغانلارغا مەنسۇپتۇر».
خالىد ئىسلام قوشۇنىنىڭ ھەرقايسى ئەمىرلىرىنىڭ پىكىرىنى ئالغاندىن كېيىن، ھەممىسى ئۇنىڭ ئىسلام قوشۇنىنىڭ بىر سەركەردىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىغا بىرلىشىش قارارىغا قوشۇلىدۇ. بولۇپمۇ خالىد رۇم قوشۇنىنىڭ سيودوركنىڭ قوماندانلىقى ئاستىغا بىرلەشكىنىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇنداق ۋاقىتتا چېچىلاڭغۇ ئىسلام قوشۇنىنىڭ مۇنتىزىم بىرلەشكەن قوشۇن بىلەن ئۇچرىشىشى ئاقىلانىلىك بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. يۈكسەك پەم – پاراسەت بىلەن ۋە شەيتاننىڭ ھېچقايسى ئەمىرنى ۋەسۋەسە قىلىشىغا يول قويماسلىقى ئۈچۈن خالىد ئىبنى ۋەلىد مۇنداق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: باش قوماندانلىق ھوقۇقىنى نۆۋەت بويىچە ئۈستىگە ئېلىش ۋە بىرىنچى كۈنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش. ئاندىن ھەر قايسى قوماندانلار ئۆزىنىڭ نۆۋىتى كەلگەن كۈنى باش قوماندان بولۇش.
ھەممەيلەن بۇ پىكىرگە ماقۇل بولۇشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خالىد ئۇرۇش پىلانىنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ سىرتىدىكى نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ تەجرىبىلىك بولۇپ كەتكەن ئىدى. جەڭلەردە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قانداق تاكتىكا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. قىيىن ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتلاردا بىخەتەر تەدبىر قوللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. بۇ ئارقىلىق ئۇ ھەمىشە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەتتى.
ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان پىلان بولسا ئەرەب – ئىسلام قوشۇنىنى ھەربىر روتىسى مىڭ كىشىدىن تەركىب تاپقان، بىر سەرلەشكەر باشقۇرىدىغان قىرىق ئالتە روتىغا بۆلۈش بىلەن ئىجرا بولىدىغان بولىدۇ. ئاندىن يەنە قوشۇننى ئوتتۇرا، ئوڭ – سول قانات قىلىپ بۆلىدۇ. ئوتتۇرا قىسىم ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا قىرىق بەش ئەترەتتىن تەركىب تاپىدۇ. ئوڭ قانات قىسىم ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا قىرىق بەش ئەترەتتىن تەشكىل تاپىدۇ ۋە شۇرەھبىل ئىبنى ھەسەنە ئۇنىڭغا ھەمدەم بولىدۇ. سول قانات قىسىم بولسا يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۇفياننىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئون ئەترەتتىن تەركىب تاپىدۇ. قالغان ئەترەتلەر ئىكرىمەنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئارقا سەپتە زاپاس قىسىم بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەرەب – ئىسلام قوشۇنىنى كۆرۈنۈشتە سانى كۆپ، ھەرىكىتى يەڭگىل، تېخىمۇ چاققان ۋە ئۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلىشى بىلەن تەڭ تولۇقلىنىپ يۆتكىلەلەيدىغان قىلغان ھەربىي ماھارىتىنى نامايان قىلىدۇ.
خالىد ئىبنى ۋەلىد بولسا ئوتتۇرا قىسىمدا قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە ئوتتۇرا، ئىككى قانات ۋە ئارقا سەپتىكى باش قىسىم قوماندانلىرىغا بىۋاسىتە يارلىق چۈشۈرەلەيدۇ. رىمنىڭ ھۇجۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئىلھاملاندۇرۇش ھەيئىتى ئىسلام قوشۇنى تەرەپكە بارىدۇ. مەقسەت ئۇلارنى جىھادقا، سەۋرگە ۋە مەتانەتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئىدى.
خالىدنىڭ جەڭ پىلانى رىملىقلار ھەربىي يۈرۈشىنى باشلىغانغا قەدەر ئۇلارنى ساقلاش ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىگە بۆسۈپ كىرگەن ھامان ئۇلارغا يولنى بوشىتىپ بېرىش ۋە ئۇلارنى مەيلىگە قويۇپ بېرىپ ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئارقا سېپىگە ئىچكىرىلەپ كىرگۈزۈش بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇلار مۇسۇلمان ئاتلىق قوشۇنىنىڭ زاپاس كۈچىگە يولۇقاتتى ۋە يەر چىشلەيتتى، نەتىجىدە، رىمنىڭ پىيادىلەر قىسمى ئاتلىق قىسمىدىن ئايرىلىپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام قوشۇنى بارلىق كۈچىنى رىمنىڭ پىيادىلەر قىسمىغا قارىتاتتى. ھالبۇكى، خالىد مەدىنە مۇنەۋۋەرەنى ئارقا تەرىپىگە ئېلىپ، مۇھاپىزەتچى قىسىم بىلەن قوغدالسۇن ئۈچۈن سېپىلنىڭ رولىنى ئوينايدىغان ئورۇنلارنى تاللىغان ئىدى. رىملىقلار يەرمۇك دەرياسىنىڭ قىيپاش تەرىپىدىكى تۈزلەڭلىك ئارىسىدىكى بىر تارچۇققا بارگاھ قۇرغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسى بولسا «ۋاقۇسە» ناملىق ئۈچ تەرىپىدىن ئېگىز تاغلار قورشاپ تۇرغان چوڭقۇر ئويمانلىق ئىدى. رۇم قوشۇنى بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئىسلام قوشۇنى دەريانىڭ ئوڭ قېتىغا ئۆتەتتى. شۇنىڭ بىلەن رىملىقلار تاغلار ئارىسىدا قاپسىلىپ قالاتتى ۋە ئالدىدا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغىنى ئىسلام قوشۇنى بولاتتى.
ھىجرىيە 13 – يىلى جۇمادىيەلئەۋۋەلنىڭ 18 – كۈنى سەھەردە رۇم قوشۇنى قوزغىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتلىق قىسمى خالىدنىڭ پىلانى بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىگە بۆسۈپ كىرىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ يەردە ئۇلارنى زاپاس ئاتلىق قىسىم ساقلاپ تۇراتتى. مۇسۇلمانلار ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ ۋە ئارقىدىنلا ئىسلام ئاتلىق جەڭچىلىرى پاتىپاراق بولغان رىم قوشۇنىغا بۈركۈتتەك ئېتىلىدۇ، قىلىچتا ئۆلمىگەنلىرى يەرمۇك دەرياسىغا غەرق بولىدۇ ياكى ئازگالدىن ئۆتۈپ تۈزلەڭلىك تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ. ئۇ يەردە ئىسلام ئاتلىق قىسىملىرى ئۇلارنى قوغلاپ نۇرغۇنىنى جانلىرىدىن جۇدا قىلىدۇ. ھالبۇكى، رىمنىڭ نۇرغۇن پىيادە قىسىملىرى (جەڭدىن قاچماسلىقى ئۈچۈن بىر – بىرىگە) زەنجىر بىلەن باغلانغان بولۇپ، ھەر ئونى بىر زەنجىرگە باغلانغان ئىدى. بۇ زەنجىرلەر ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بىرەرسى ئۆلتۈرۈلسە ياكى يارىلانسا ئۇلارغا يۈك بولۇپ قالاتتى. ئۇرۇش بىر كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئىسلام قوشۇنى جەڭگاھنى پۈتۈنلەي ئۆز كونتروللۇقىغا ئالىدۇ. سيودروكنىڭ ئاتلىق قىسمى قېچىپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ھىمايىسىز، پاناھسىز قېپقالىدۇ. ئۇ ئەسكەرلىرىگە ئويمانلىقنىڭ كەينىگە چېكىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، لېكىن خالىد ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتلىق ۋە پىيادە ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قوزغاپ ئۇلارنى تەلتۆكۈس تارمار قىلىدۇ.
ئىككىلا تەرەپنىڭ چىقىمىنى ستاتىستىكا قىلغاندا، مۇسۇلمانلاردىن ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ئۈچ مىڭ ئەتراپىدا بولغان، ئەمما رىم تەرەپنىڭ تارتقان چىقىمى زور بولۇپ ھېسابلاش قىيىن. بۇ توغرۇلۇق خالىد ئىبنى ۋەلىدتىن سورىغانلارنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، رىمنىڭ سەككىز مىڭ ئادىمى ئويمانلىقنىڭ كەينىدىكى ۋاقوسە دېگەن ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سەركەردىسى، ھىرەقلىنىڭ قېرىندىشى سيودروك قەتلى قىلىنغان. شۇ چاغدا خالىد: «مۆمىن بەندىلىرىگە ياردەم قىلغان ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن!» دېگەن.
شۇ ئەسنادا مەدىنىدىن كەلگەن چاپارمەنلەر مۇسۇلمانلار خەلىپىسى ئەبۇ بەكرىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ۋە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئىككىنچى خەلىپە بولۇشىغا مۆمىنلەرنىڭ بەيئەت قىلغانلىق خەۋىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ يەرمۇكتا ئۇرۇش قىلىۋاتقان قوشۇننىڭ قوماندانى خالىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھنى يەرمۇكتىكى ئىسلام قوشۇنىنىڭ قوماندانى قىلغانلىق ھەققىدىكى مەكتۇپىنىمۇ ئەكەلگەن ئىدى. خالىد لەشكەرلەرنىڭ ئىزتىراپ چېكىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ مەكتۇپنى يوشۇرىدۇ. ئۇرۇش تولۇق غەلىبە بىلەن ئاياغلاشقاندىن كېيىن خالىد مەكتۇپنى ئەبۇ ئۇبەيدەگە كامالى ئېھتىرام ۋە كىچىك پېئىللىق بىلەن سۇنىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدىلىكتە، سىز مېنىڭ باشلىقىم ۋە قوماندانىم، مەن سىزنىڭ ئىشەنچلىك ئەسكىرىڭىزدۇرمەن ھەمدە بۇيرۇقىڭىزنى تولۇق بىجا كەلتۈرىمەن».
خالىد ئىبنى ۋەلىد بۈيۈك قەھرىمان
ئۇ نېمىدېگەن بۈيۈك ئىنسان، نېمىدېگەن بۈيۈك قەھرىمان – ھە! ئۇ بىر ئىنسان سۈپىتىدە ئۆزىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تونۇدى ۋە قەھرىمانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ھالبۇكى، ئۇ شېرىكى يوق يەككە – يىگانە بىر ئاللاھتىنلا قورقاتتى. باھادىر ئەزىمەت خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ نامى يەرمۇك ۋە باشقا ئۇرۇشلاردىكى كاتتا تۆھپىسى بىلەن ئىنسانىيەت تارىخى پۈتۈكلىرىگە پۈتۈلدى. ئۇنىڭ يادلىنىشى تولىراق ئۇرۇشلاردا پىلان تۈزۈش ۋە تەدبىر قوللىنىش ئىقتىدارىدا گەۋدىلەندىكى، ئۇ ئۇرۇشلار تارىخنىڭ لىنىيەسىنى ئۆزگەرتكەن، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يېڭىلمەسلىك رىۋايىتىنى بىتچىت قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ياش ئىسلام دۆلىتى باش كۆتۈرۈپ كېڭەيگەن ۋە ئۇدا ئون ئەسىر ئۆزىنىڭ ئىلىم نۇرى بىلەن مەدەنىيەتنى يورۇتقان ئىمپېرىيەگە ئايلانغان ئىدى.
يەرمۇك ئۇرۇشىدىن كېيىن، خالىد ئىبنى ۋەلىد پارس شاھى كىسراغا ۋەزنى ئېغىر بولغان ھەربىي ئاگاھلاندۇرۇش ئەۋەتىپ مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان بول، سالامەت بولىسەن. ئۇنداق بولمايدىكەن، مەن سىلەر ياشاشقا قانداق ھېرىس بولساڭلار ئۆلۈمگە شۇنداق ھېرىس بولغان بىر قەۋم بىلەن ئالدىڭغا بارىمەن».
مەكتۇپ كىسرانىڭ قولىغا تەگكەندە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا تىترەك ئولىشىدۇ ۋە چىن خانىدانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭدىن ياردەم ۋە مەدەت تىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن مۇنداق جاۋاب كېلىدۇ: «ئى كىسرا! تاغلارنى يۆتكەيمەن دېسە يۆتكىيەلەيدىغان قەۋمگە مېنىڭ تاقابىل تۇرغۇدەك ماجالىم يوق، ئۇلار شۇنداق بىر كىشىلەر ئىكەنكى، ئاللاھتىنلا قورقىدىكەن. شۇڭا، ئاللاھ ئۇلاردىن ھەر نەرسىنى قورقۇتۇپتۇ».
باھادىر ئەزىمەت خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ جان ئۈزگەن چاغدا نېمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىگە قاراڭ. ئۇ پەقەت ئاللاھ يولىدا جەڭ قىلغان قىلىچى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ مىنگەن ئېتىنىلا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆلۈم سەكراتىدا مۇنداق دەپ يىغلايدۇ: «مەن مانا ئورنۇمدا يېتىپ جان ئۈزۈۋاتىمەن، ئاللاھ يولىدا بەدىنىمدە قىلىچ كەسمىگەن، نەيزە سانجىلمىغان، ئوقيا تەگمىگەن بىرمۇ ئورۇن قالمىغان ئىدى. تۆگىگە ئوخشاش جان ئۈزۈۋاتىمەن. ھالبۇكى، مەن ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇپ ئۆلۈشنى ئىستەيتتىم، توخۇ يۈرەكلەرنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا بارمىسۇن، ئىلاھىم!».
ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سۆزى بەرھەقتۇر:
﴿مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ بەزىسى شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتمەكتە، ئۇلار (رەببىگە بەرگەن ئەھدىسىنى) ھېچقاچان ئۆزگەرتكىنى يوق﴾ ([4]).
مەنبە: http://www.alukah.net/culture/0/58837/
تەرجىمىدە: ئەبۇ سالمان
([1]) جاي نامى.
([2]) جاي ناملىرى.
([3]) «بەقەرە» سۈرىسى، 249 – ئايەت.
([4]) «ئەھزاب» سۈرىسى، 23 – ئايەت.