پەتۋاغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار(2)

پەتۋاغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار(2)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

پەتۋا سوراشتىن مەقسەت بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش بولۇشى كېرەك

ئەھلى ئىلىم بىردەك ئىتتىپاقكى، پەتۋا دېگەن ئاللاھنىڭ ئەمەلگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكمىنى بايان قىلىشتۇر. ئەمەلگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلار ھەققىدە سورىماسلىق ۋە پەتۋا بەرمەسلىكتىمۇ ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.

بىر كىشى ئىمام شەئبىيگە: «مەن سىلىگە (سورايدىغانغا) بىرقانچە مەسىلە ساقلاپ قويدۇم» دېگەندە ئۇ: «ئۇنى ئىبلىسقا ساقلاپ قويغىن» دېگەن.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم مۇفتىلارغا چۈشىدىغان سوئاللارنى 4 تۈرگە ئايرىغان.

1.   شەرىئەت ھۆكمىنى سوراش. پەتۋا ئىشىدا مۇشۇ ئاساس. سورىغۇچىلارمۇ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن سورىشى، مۇفتىمۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشى لازىم. نەتىجىدە، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ھاياتىمىزدا تەتبىقلىنىپ ماڭىدۇ.

2.   ھۆكۈم ئاساسلانغان دەلىلنى سوراش. بۇ پەقەت ھۆكۈمنى بىلگەن ئالىم تەرىپىدىن دەلىلنىڭ كۈچلۈك ياكى زەئىفلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە سورىلىدۇ.

3.   دەلىلنىڭ ھۆكۈمگە قايسى جەھەتتىن ئىسپات بولىدىغانلىقىنى سوراش. بۇ خىل سوئال دەلىلنىڭ كۈچلۈك ياكى زەئىفلىكىدە ئەمەس، بەلكى دالالىتى ھەققىدە بولىدۇ ھەمدە بۇ خىل سوئال كۆپىنچە بىرەر مەسىلىگە ئىسپات كەلتۈرۈش ئۈچۈن سورىلىدۇ.

4.   دەلىللەر بىر – بىرىگە زىتتەك كۆرۈنگەن ئەھۋالدا قايسىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن سوراش. بۇنىڭدا ئادەتتە قايسى دەلىلگە ئەمەل قىلىش كېرەكلىكى سورىلىدۇ(1).

قارايدىغان بولساق، باشتىكى ئىككىسى پەتۋادىن كۆزلەنگەن مەقسەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. چۈنكى، ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بىلىش پەتۋانىڭ نىشانىدۇر. دەلىل پەتۋانىڭ تاجىدۇر. پەتۋا سورىغۇچى ھۆكۈم بىلەن بىللە «قۇرئان» – ھەدىستىن ياكى «قۇرئان» ۋە «سەھىھ» ھەدىستىن ئىسپاتلانغان دەلىلنى كۆرسە، تولۇق قانائەت ھاسىل قىلىپ ئەمەل قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن پەتۋادىن مەقسەت ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئەمما كېيىنكى 2 تۈردىن مەقسەت ئۇنداق ئەمەس. بەلكى، مەقسەت ئەمەل قىلىش بولماستىن، بىلىپ قېلىش، مۇنازىرە قىلىش ۋە مۇفتىنىڭ پەتۋاسىدىكى ھۆكۈمنىڭ كۈچلۈك ياكى زەئىفلىك تەرەپلىرىنى ئۇقۇۋېلىشتىن ئىبارەت.

مۇفتىنىڭ شەرتلىرى

ئۇسۇل – قائىدە ۋە پەتۋا توغرىسىدىكى كىتابلاردا ئۆلىمالار مۇفتىنىڭ شەرتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىدۇ:

1.   شەرئىي بىلىمى مول بولۇش. شۇڭا، پەتۋا بەرگۈچى پەتۋا بېرىشكە لاياقەتلىك قىلىدىغان دەرىجىدە ئىلمىي مەرتىۋىگە ئېرىشكەن بولۇشى لازىم. شۇڭا، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بىلمەيدىغان كىشى پەتۋا بەرسە بولمايدۇ. ھەقتائالا ئېيتقانكى: ﴿ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنى ھارام قىلدى. گۇناھلارنى، ناھەق چېقىلىشنى، ئاللاھ دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشنى ۋە ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى»﴾(7/«ئەئراف»: 33).

2.   ئەرەب تىلىنى «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»نى چۈشەنگىدەك بىلگەندىن سىرت، كەلىمەلەرنىڭ قاراتمىلىقى، تەركىبى، ئىستىلىستىكا قاتارلىقلارنىمۇ بىلىشى شەرت.

3.   «قۇرئان»نى تولۇق يادقا بىلگەن بولۇش كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە شەرت ئەمەس. لېكىن، ئەھكام ئايەتلىرىنىڭ ئورۇنلىرىنى بىلسە، ئىزدەپ پايدىلانسا بولىدۇ(2).

4.   «قۇرئان»دىكى ناسىخ ۋە مەنسۇخ، مۇتلەق ۋە مۇقەييەد، مەنتۇق ۋە مەفھۇم، ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلىنىش سەۋەبلىرى، ئومۇمەن، «قۇرئان» بىلىملىرىنى بىلىشى شەرت.

5.   ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىنى بىلىش. بۇ «ئايەت ۋە «ھەدىس»لەردىن ھۆكۈم چېقىرىش ئۇسۇلىنى بايان قىلىدىغان ئىلىم بولغاچقا، ئىمام رازىي: «مۇجتەھىد ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىلىم ‹ئۇسۇلۇلفىقھ› ئىلمىدۇر» دېگەن(3).

6.   ھەدىسلەرنىڭ تۈرلىرىنى، ھەربىر تۈرنىڭ ئەھكامغا دالالەت قىلىش دەرىجىسىنى بىلىش. ھەدىسنى ئۆزى باھالاپ يۈرمىسىمۇ بۇخارىي، مۇسلىم ۋە تىرمىزىيدەك ھەدىسشۇناشلارنىڭ باھاسىغا تايانسا بولىدۇ.

7.   يەنە تېبابەت، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن ۋە ئىقتىسادقا ئوخشاش تۈرلۈك ئىلىملەردىن خەبەردار بولۇشى ياكى باشقىلاردىن سوراپ بىلىۋېلىشى زۆرۈر.

8.   بولغان ۋەقەنى بىلىش. ياشاۋاتقان مۇھىتنى، شارائىتنى، ۋەزىيەتنى، كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى توغرا چۈشىنىپ يەتكەندىلا پەتۋا بەرمەكچى بولغان مەسىلىدە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بىلەلەيدۇ. ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «مۇفتى بىلەن ھاكىم پەتۋا بېرىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىشنى پەقەت ئىككى تۈرلۈك ئۇسۇل بىلەن قىلالايدۇ. بىرى، بولغان ۋەقەنى بىلىش. يەنە بىرى، ئۇنىڭ ‹قۇرئان› ۋە ‹ھەدىس›تىكى ھۆكمىنى بىلىش. ئاندىن تەتبىقلاش» دېگەن(4).

9. شەرىئەت مەقسەتلىرىنى بىلىش. بۇ ئىجتىھاد قىلىشنىڭ دەسلەپكى شەرتىدۇر. چۈنكى، شەرىئەت ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بېكىتىلگەن قانۇندۇر. ئىمام شاتىبىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «ئىجتىھاد پەقەت ئىككى خىل كىشىدە بولىدۇ: بىرى، شەرىئەت مەقسەتلىرىنى تولۇق بىلگەن. يەنە بىرى، شۇنىڭغا بىنائەن ھۆكۈم چىقارغان» دېگەن(5).

10. ھەقنى ئىزدەش. ھەق دەپ يەكۈنلىگەن نەتىجە بىلەن پەتۋا بېرىشى لازىم. ئۆزىنىڭ خاھىشى، پەتۋا سورىغۇچىنىڭ ياقتۇرۇشى ياكى باشقا غەرەزلەرنى كۆزدە تۇتۇپ پەتۋا بېرىش ھارامدۇر.

11. دىيانەتلىك بولۇش. ئىمام نەۋەۋىي: «ئالىملار دەيدۇكى، مۇفتى دىيانەت بىلەن تونۇلغان، تەقۋادارلىقى چىقىپ تۇرىدىغان، گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ئادەتتىن تاشقىرى ئۆزىنى ساقلايدىغان كىشى بولۇشى كېرەك» دېگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مۇفتىنىڭ شەرتى: بالاغەتكە يەتكەن، مۇسۇلمان، ئىشەنچلىك، نالايىق قىلمىشلاردىن نېرى تۇرىدىغان، زېھنى ساغلام، پىكرى ئۆتكۈر، دەلىللەردىن توغرا ھۆكۈم ئالالايدىغان، مەسىلىلەرنى كۆزىتىشتە سەگەك بولۇشى كېرەك»(6).

يۇقىرىقى ئىمام نەۋەۋىي بايان قىلغان قاراش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، ئەلخەتىب ئەلباغدادىي مۇفتىنىڭ شەرتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «دىيانەتلىك، ئىشەنچلىك بولۇشى لازىم. پاسىق دىن ئەھكاملىرىنى ياخشى بىلسىمۇ، لېكىن ئۆلىمالار پاسىقنىڭ سۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىدا ئىختىلاپ قىلمىغان» دەيدۇ(7).

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكىمۇ پاسىقتىن پەتۋا ئېلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى، «پەتۋا دىن ئىشى. پاسىقنىڭ خەۋىرى دىن ئىشلىرىدا مەقبۇل ئەمەس» دەپ قارايدۇ(8).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم «ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەڭ سالاھىيەتلىك كىشىدىن پەتۋا سوراش، پىسقى – پۇجۇر ئومۇملىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا پاسىقنىڭ پەتۋا بېرىشى چەكلەنسە ئەھكاملار ئىجرا قىلىنماي، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرى زايە بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن، زۆرۈرىيەت ئەھۋاللىرىدا پاسىقتىن پەتۋا سوراشقا بولىدۇ» دەپ قارىغان(9).

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن چوڭ گۇناھلارنى داۋاملىق، ئوچۇق – ئاشكارا قىلىپ يۈرىدىغان، ئازغۇن ئېقىملارنى تەشۋىق قىلىدىغان پاسىقتىن پەتۋا سوراشقا بولمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما، پەزىلەتلىك ئۆلىمالار تېپىلمىغان ئەھۋالدا كىچىك گۇناھلارنى قىلسىمۇ، چوڭ گۇناھلارنى ئاشكارا ياكى داۋاملىق قىلمايدىغانلاردىن سوراشقا بولىدۇ دېيىش مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىگە زىت ئازغۇن پىرقىلەرنىڭ، بۇزۇق ئېقىمدىكىلەرنىڭ پەتۋاسىنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىختىلاپ يوقتۇر.

ئۇستاز كۆرمىگەن ئەھلى ئىلىمنىڭ پەتۋا بېرىشى

ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇكى، ئىلىمنى ئۆز ئەھلىدىن ئاغزاكى ئاڭلاپ ئالمىغان كىشىنىڭ ئىلمى يېتەرسىزدۇر. ئىمام شاتىبىي ئېيتىدۇ: «ئىلىمنى چېكىگە يەتكۈزۈپ ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۇنى يېتۈك ئىلىم ئەھلىدىن ئېلىشتۇر. دېمەكچى بولغىنىمىز ئىلىمنىڭ تەتقىقات ۋە ئېنىق چۈشىنىۋېلىشقا ئائىت قىسمىدا ئۇستاز بولمىسا بولمايدۇ. ئۇستازسىز ئىلىم ئېلىش مۇمكىنلىكى ئىنكار قىلىنمايدىغان بولسىمۇ، بىراق ئادەتتە ئۇستاز بولمىسا بولمايدۇ. بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلاردا ئىختىلاپ بولسىمۇ، لېكىن ئالىملار ئومۇمەن بۇ نۇقتىدا ئىتتىپاقتۇر. ‹سەھىھ» ھەدىستە كەلگەنكى: ‹ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﯩﻼ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، شۇنىڭ بىلەن ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﻮﺭﺍﻟﺴﺎ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭘﻪﺗﯟﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ – ﺩﻩ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯧﺰﯨﭗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯗ›(10). ھەرقانداق ئىلىمنى شۇ ئىلىمنىڭ يېتىشكەن ئەھلىدىن ئېلىش كېرەكلىكىدە ئاقىللار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوقتۇر. سەلەف سالىھلارنىڭ شەرئىي بىلىملەردىكى ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساقمۇ ئۇلارنىڭ شۇنداق ئۇستازلاردىن ئىلىم ئالغانلىقىنى كۆرىمىز»(11).

بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە مۆتىۋەر ئۇستازلاردىن ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم تەلىم ئالغان ياكى شەرئىي تەتقىقات فاكۇلتېتلىرىدا سىستېمىلىق ئىلىم تەھسىل قىلغان، بىرەر شەرئىي پەندە ئۇنۋانغا ئېرىشكەن، ئۇسۇلۇلفىقھ ۋە فىقھ كىتابلىرىدىن خەبەردار بولغان، نەزەرىيە ئىلىمنى ئەمەلىي ھاياتقا تەتبىقلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئىلىم ئەھلىلىرىدىمۇ پەتۋا بېرىش سالاھىيىتى بولىدۇ.

پەتۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان، مۇفتىلىق شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئاۋاملارغا كەلسەك، بۇلارنىڭ پەتۋا بېرىشى ھارامدۇر. بۇنىڭ دەلىللىرى يۇقىرىدا بايان قىلىندى. شۇنداقلا پەتۋا بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ئىلىم ئەھلى بەزى مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمىنى بىلمىگەن بولسا، ئىزدىنىپ باقماستىن پەتۋا بېرىشىمۇ ئوخشاشلا ھارامدۇر.

ئۇنداقتا، بىرەر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى دىنىي كىتابلارنى كۆرۈش ئارقىلىق «قۇرئان» ياكى «ھەدىس»تىن دەلىلى بىلەن بىلگەن ئاۋامنىڭ پەتۋا بېرىشى جائىزمۇ؟

بۇ مەسىلىدە 3 خىل قاراش بار:

بىرىنچى قاراش: مۇتلەق جائىزدۇر. چۈنكى، شۇ مەسىلىنى ئاۋام كىشى ئالىمدەك بىلگەن بولدى. شۇ بىلگىنى باشقىلارغا جاۋاب بېرىشتە يېتەرلىك.

ئىككىنچى قاراش: دەلىلى «قۇرئان» ياكى «ھەدىس»تىن بولغان ئەھۋالدا جائىز. ئۇنىڭدىن باشقا مەسىلىدە پەتۋا بەرسە بولمايدۇ. چۈنكى، «قۇرئان» بارلىق مۇكەللەفلەرگە قىلىنغان خىتاب بولۇپ، ھەربىر مۇكەللەف «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»تىن بىلگىنى بويىچە ئەمەل قىلسا، باشقىلارنى يېتەكلىسە بولىدۇ.

ئۈچىنچى قاراش: جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ دەلىل كۆرسىتىش سالاھىيىتى يوق. شەرتلەرنىمۇ بىلىپ بولالمايدۇ. نەتىجىدە، دەلىل ئەمەسنى دەلىل دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئىمام ئەھمەد: «قايسىسىنى ھېساب قىلىپ ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى سوراپ بىلمىگىچە ئەمەل قىلماي تۇرىدۇ. توغرىنى قىلىشى ئۈچۈن ئەھلى ئىلىمدىن سورىشى لازىم» دەيدۇ.

ئىبنى ھەمدان: «جائىز بولمايدىغانلىقى كۈچلۈك. چۈنكى، ئۇ بىلمەي قالغان باشقىچە دەلىللەر بولۇشى مۇمكىن» دەيدۇ(12).

ئەلبەتتە، مۇشۇ قاراش مۇۋاپىق، چۈنكى، يادلىۋېلىش باشقا گەپ، چۈشىنىش باشقا گەپ. ئالىملار دەيدۇكى، «يېتۈك ئالىم ياكى ئۇستازلارنىڭ قولىدا ئوقۇماستىن، كىتاب كۆرۈپ ئىلىم ئالغان كىشىدىن ئىلىم ئالمىغىن. چۈنكى، كىتابتىنلا ئىلىم ئالغان كىشىنىڭ ئاجىز يېرى كۆپ بولىدۇ، خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ»(13).

ئاۋام دېگىنىمىز، شەرئىي ئىستىلاھتا مەيلى ئۇ ساۋاتسىز بولسۇن ياكى باشقا پەنلەردە كاتتا ئالىم بولسۇن، فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھنى بىلمەيدىغان توپتۇر. بۇنداق كىشىلەر مەلۇم ۋەقەلىكتە بىرسىگە پەتۋا بەرسە بولمايدۇ. ئەمما، بىرەر مۇفتىنىڭ پەتۋاسىنى باشقىلارغا ئاڭلىغىنى بويىچە توغرا يەتكۈزۈپ قويسا بولىدۇ. يەتكۈزۈشى بۇ ئادەمنىڭ راستچىللىقىغا باغلىق ئىش.

پەتۋانىڭ ئۆزگىرىشى

ئالىملار پەتۋانىڭ زامان – ماكانغا، شەخسكە ۋە ئۆرپ – ئادەتكە قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. «مەجەللەتۇل ئەھكامۇل ئەدلىيە»نىڭ 39 – ماددىسىدا كەلگەنكى: «زاماننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئەھكامنىڭ ئۆزگىرىشى نورمال قانۇنىيەتتۇر».

بۇ يەردىكى زاماننىڭ ئۆزگىرىشى پەتۋانىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋەبى بولماستىن، بەلكى زاماندىكى بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر پەتۋانىڭ ئۆزگىرىشىنى تەقەززا قىلغاندۇر.

پەتۋانىڭ زامانغا قاراپ ئۆزگىرىشىگە شەرئىي دەلىللەر گۇۋاھ بولالايدۇ. شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ تەدرىجىي بېكىتىلىشىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. يەنە مىسال ئالىدىغان بولساق:

پېقىرلىق سەۋەبىدىن قۇربانلىق گۆشىنى 3 كۈندىن ئارتۇق ساقلىۋالماسلىق ھۆكمى ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرگەن. يەزىد ئىبنى ئەبى ئۇبەيد رىۋايەت قىلىدۇكى، سەلەمە ئىبنى ئەكۋەﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەردىن كىمكى قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئۈچ كېچە قونۇپ تاڭ ئاتقۇزغىنىدا ئۇنىڭ گۆشىدىن ئۆيىدە ئازراقمۇ قالمىسۇن» دېگەن. كېيىنكى يىلى ساھابەلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۆتكەن يىلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلامدۇق؟» دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: «ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، باشقىلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار ھەم ساقلىۋېلىڭلار. ئۆتكەن يىلى كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئىدى. شۇڭا، ئاشۇ ئەھۋالدا ياردەم قىلىشىڭلارنى مەقسەت قىلغان ئىدىم» دېگەن(14).

پەتۋانىڭ ماكانغا قاراپ ئۆزگىرىشىگە كەلسەك، بۇنىڭ مىساللىرىمۇ كۆپ. تاۋۇس دېدىكى: مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەن ئاھالىسىگە: «ماڭا زاكىتىڭلارغا ھېسابلاب ئارپا بىلەن قوناق ئورنىغا تون ۋە كىيىم – كېچەك قاتارلىق تاۋار ماللارنى بېرىڭلار! بۇ ھەم سىلەرگە قولايراق، ھەم نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنەدىكى ساھابەلىرىگە ياخشىراق» دېگەن(15).

شىمالىي قۇتۇپ، ئانتاركتىكا ۋە ئالەم پونكىتىدا ياشايدىغانلارنىڭ، شۇنداقلا قۇياش سوتكىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىغا قاراپ بەزى رايونلاردا ياشايدىغانلارنىڭ ناماز ۋە روزىلىرى ئادەتتىكىدىن باشقىچە بولىدۇ.

پەتۋانىڭ شەخسكە قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىمۇ شۇنداق. مەلۇمكى، بەندىلەر بايلىق ۋە كەمبەغەللىكتە، كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىقتا ئوخشاش ئەمەس. شۇڭا، شەرىئەت شەخسنىڭ ئەھۋالىغا رىئايە قىلغان. مەسىلەن:

ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سۆزلەپ بەرگەنكى: «مەندە بوۋاسىر كېسىلى بار ئىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ناماز (قانداق ئوقۇش) توغرىسىدا سورىدىم، رەسۇلۇللاھ ماڭا: ‹ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇغىن؛ ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيالمىساڭ، ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن؛ ئولتۇرۇپمۇ ئوقۇيالمىساڭ، يانچە يېتىپ ئوقۇغىن› دېدى»(16).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «سەۋدە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇزدەلىفە كېچىسى بۇرۇنراق مېڭىشقا ئىجازەت سورىدى. ئۇ سېمىز، ھەرىكىتى ئاستىراق ئايال بولغاچقا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ئىجازەت قىلدى» دېگەن(17).

يۇقىرىقىلاردىن كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى پەتۋانىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.

ئۆرپ – ئادەت ئۆزگىرىشىمۇ ئەگەردە ئايەت ياكى ھەدىسكە زىت كەلمىگەن تەقدىردە، پەتۋا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر زىت كېلىپ قالسا ھېساب بولمايدۇ.

ئۆرپ – ئادەت ئۆزگىرىشىنىڭ پەتۋا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايەتلىرى دەلىل بولىدۇ:

﴿ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 19).

﴿ئۇلارغا بىرنەرسە بېرىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا بەرسۇن. بۇ ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 236).

يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سۆزلەپ بەردىكى: «مۇئاۋىيەنىڭ ئانىسى ھىند رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

— يولدىشىم ئەبۇ سۇفيان بېخىل بىر ئادەم، شۇڭا ئۇنىڭ مېلىدىن مەخپىي ئالسام، ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۆزىڭىزگە ۋە بالىلىرىڭىزغا كۇپايە قىلغۇدەك مىقداردا مۇۋاپىق ئېلىڭ، — دېدى»(18).

ھافىز ئىبنى ھەجەر: «بۇ ھەدىستە شەرىئەت بېكىتمىگەن ئىشلاردا ئۆرپ – ئادەتنى ئاساس قىلىش بار» دەيدۇ(19).

بەندىلەرنىڭ دىنى، جېنى، نەسلى، ئەقلى ۋە مال – مۈلكىنى قوغدايدىغان پايدىلىق ئىشلارمۇ پەتۋا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. شەرىئەتتە چەكلەنمەي ياكى تەشەببۇس قىلىنماي كەڭ قويۇۋېتىلگەن دائىرىدىكى پايدىلىق ئىشلارنى كۆزلەپ پەتۋانى ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىقىدا گەرچە ئالىملار نەزەرىيە جەھەتتىن ئىختىلاپ قىلىشسىمۇ، لېكىن بارلىق ئىسلام مەزھەبلىرى ئەمەلىي جەھەتتىن بۇنىڭغا ئىتتىپاق.

بۇ تۈرلۈك مەنپەئەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ پەتۋا ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسى ساھابە كىراملارنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا بولۇپ باقمىغان ئىشلارغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسىدۇر. ئۇلار پۇل سوقتۇرغان، تۈرمىلەرنى ياساتقان، «قۇرئان» ئايەتلىرىنى كىتاب شەكلىدە جەملىگەن. ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلامىيەت كۈچەيگەن چاغلاردا نوپۇزلۇق شەخسلەرگە دىللىرىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن زاكات بېرىشنى توغرا تاپمىغان. چۈنكى، ئۇ ئۇلارغا زاكات بېرىش مەلۇم مەنپەئەت ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ مەنپەئەتنىڭ يوقىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ھۆكمىمۇ ئۆزگەرگەن، دەپ قارىغان. كۇفۇر دىيارىغا سەپەر قىلىش مەسىلىسىدىمۇ پەتۋا پايدا – زىيانغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. سەپەر قىلغان كىشى ئۇ سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىماي پايدىلىنىپ قايتىدىغان بولسا، سەپەر قىلىشى جائىز بولىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. ساھابەلەر بۇنى ئاساس قىلىشقا ئىجمائغا كەلگەندۇر.

يەنە ئالىملار «زىياننىڭ يەڭگىلرەكىنى تارتىش» دېگەن بىر قائىدىنى بېكىتىپ ئەمەل قىلىپ كەلگەن. بۇ قائىدىمۇ پەتۋا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىزىر ئەلەيھىسسالام زالىم پادىشاھ كېمىنى تارتىۋالمىسۇن دەپ كېمىنى تېشىۋەتكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چوڭراق زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ساھابەلەرنى مەسجىدكە سىيىۋاتقان بەدەۋىينى تا ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بولغۇچە توسمىغان. بۇ قائىدىگە ئاساسەن بىرقانچە تۈرلۈك پايدىلارنىڭ بىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا كەلگەندە ئەڭ چوڭ پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش، بىرقانچە تۈرلۈك زىيانلاردىن بىرىنى تارتىشقا توغرا كەلگەندە ئەڭ ئاز زىياننى تارتىش ئارقىلىق چوڭ زىياندىن ساقلىنىش لازىم. بۇنىڭ مىساللىرىمۇ ئىنتايىن كۆپتۇر.

بىزنىڭ شارائىتىمىزدا ئىسلامچە كېيىنىش ۋە ئىبادەت قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان بەزىبىر ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىش مەسىلىسىدە، يا دىنىي زىياننى تارتىش، ياكى خىزمەتنى تاشلاش، پاسىقلىقى كۇفۇر دەرىجىسىگە يەتمىگەن ئىماملارنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش، ياكى ئۇنىڭ كەينىدە ئوقۇماي جامائەتنى، مەسجىدنى تەرك ئېتىش، كېيىنىش ۋە باشقا ئىشلاردا ئىسلامغا زىت تۈزۈم بېكىتىلگەن مەكتەپلەردە ئۈزلۈكسىز ئوقۇش ياكى بىلىم – مەرىپەتتىن مەھرۇم قېلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلار مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ. بۇ تۈرلۈك ئىشلاردا پايدا – زىيان سېلىشتۇرمىسى قىلماي بولمايدۇ.

كىمنىڭ پەتۋاسىنى ئېلىش ھەققىدە

پەتۋا سورىغۇچى بىلمەي تۇرۇپمۇ جاۋاب بېرىشتىن ساقلانمايدىغان پەتۋاچىلاردىن ھەزەر ئەيلىشى، دىنىنى كىمدىن ئۆگىنىۋاتقانلىقىغا ئوبدان قارىشى لازىم. بولۇپمۇ، نامەلۇم پەتۋاچىلار كۆپىيىپ كەتكەن بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ھەر كىشى سەگەك بولۇشى، تەقۋادارلىقى، ئىلمى بىلەن تونۇلغان ئەھلى ئىلىملەردىنلا پەتۋا سورىشى كېرەك.

ئالىملىرىمىز: «ئىلىم — دىندۇر. شۇڭا، دىننى كىمدىن ئېلىشقا ئوبدان قارىماق لازىم» دېگەن(20).

پەتۋامۇ دىن. شۇڭا، بەك دىققەت قىلىنىشى لازىم.

بۇنىڭغا ئاساسەن پەتۋا سورىغۇچى كىشىلەر ئارىسىدا ئىلمى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن تونۇلغان ئەھلى ئىلىمدىن پەتۋا سورىسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى تەكشۈرۈپ يۈرۈشى ھاجەتسىز.

پەتۋا بېرەلەيدىغان بىرقانچە ئەھلى ئىلىم بولسا، ئەڭ بىلىملىكىدىن، ئەڭ تەقۋادارىدىن سورايدۇ. ئەگەر ئەڭ بىلىملىك بىلەن ئەڭ تەقۋادار — ئىككى كىشى بولسا ئەڭ بىلىملىكىدىن سورايدۇ(21).

پەتۋا سورىغۇچى ئىككى خىل پەتۋا ئالغىنىدا قانداق قىلىشى كېرەك؟

بەزى ئالىملار: «ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئىككى پەتۋانىڭ ئەڭ قاتتىقراقىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن.

يەنە بەزى ئالىملار: «يەڭگىلرەكىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن.

يەنە بەزى ئالىملار: «ئىلىم ۋە تەقۋادارلىقتا ئۈستۈنرەكىنىڭكىنى تۇتۇپ ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن.

يەنە بەزى ئالىملار: «باشقا بىرسىدىن سوراپ شۇنىڭ جاۋابى بويىچە ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن.

يەنە بەزى ئالىملار: «خاھلىغىنىنى تاللاپ ئەمەل قىلسا بولىدۇ» دېگەن.

يەنە بەزى ئالىملار: «ئىككى تېۋىپ ياكى ئىككى مەسلىھەتچىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشتا دەڭسەپ باققاندەك دەڭسەپ بېقىپ ئاندىن شۇ بويىچە ئەمەل قىلىدۇ» دېگەن(22).

بۇ قاراشلارنىڭ ھەربىرىنىڭ مەلۇم ئاساسى بار. ھەرھالدا دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى پاك تۇتۇش ئەڭ مۇھىم بولۇپ، بەزىدە ئەڭ قاتتىقىنى، بەزىدە ئەڭ يەڭگىلىنى تاللاش دىيانەت جەھەتتىن ئەڭ پۇختىلىق مۇمكىن.

نوئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قالغان شۈبھىلىك ئىشلار بار، ئۇ ئىشلارنىڭ ھۆكمىنى نۇرغۇن ئادەملەر بىلمەيدۇ، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ھەزەر قىلغان ئادەم دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلغان ئادەم چېگرا چۆرىسىدە پادا باقىدىغان چوپانغا ئوخشايدۇ، پادا چېگراغا كىرىپ قىلىشى مۇمكىن، ھەر پادىشاھنىڭ بىر چېگرىسى بولىدۇ. ئاللاھنىڭ چېگرىسى، ئاللاھنىڭ ھارام قىلىپ بېكىتكەن ئىشلىرىدىن ئىبارەت، قۇلاق سېلىڭلار! ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بار، بۇ گۆش تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر».(23)

گەرچە ئاخىرقى قاراشنى ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى كۈچلۈك دەپ قارىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ مەسىلىدە پەتۋا بەرگۈچىنىڭلا ئەھۋالىغا قاراپ ئەمەس، سورىغۇچىنىڭمۇ ئەھۋالىغا قاراپ تاللاش مۇۋاپىق.

پەتۋا سورىغۇچى بىرقانچە قاراش ياكى پەتۋالاردىن بىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەرجىھ قىلىش(24) ئىقتىدارى يوق ئاۋام خەلق بولسا، ئىشەنچلىك ئىلىم ئەھلىدىن سوراپ بىرىنى تاللىشى لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

ھ. 1435، 2 – رەجەب / م. 2014، 1 – ماي

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»


1. ئىبنۇلقەييىم: «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 4/157.
2. غەززالىي: «ئەلمۇستەسفا»، 1/344.
3. فەخرۇررازىي: «ئەلمەھسۇل»، 6/36.
4. ئىبنۇلقەييىم: «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 1/88.
5. شاتىبىي: «ئەلمۇۋافەقات»، 4/106.
6. نەۋەۋىي: «ئەدەبۇل مۇفتىي ۋەلمۇستەفتىي»، 1/18.
7. ئەلخەتىب ئەلباغدادىي: «ئەلفەقىھۇ ۋەلمۇتەفەققىھۇ»، 2/156.
8. «ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 6/266.
9. ئىبنۇلقەييىم: «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 4/280.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (100)؛ «مۇسلىم»، (2673).
11. شاتىبىي: «ئەلمۇۋافەقات»، 1/92.
12. ئىبنى ھەمدان: «سىفەتۇل فەتۋا»، 26 – بەت.
13. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 1/65.
14. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5569)؛ «مۇسلىم»، (1974).
15. «بۇخارىي». «تاۋار مالنى زاكاتقا ھېسابلاپ ئېلىش» بابى.
16. «بۇخارىي»، (1117).
17. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1680)؛ «مۇسلىم»، (1290).
18. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2211)؛ «مۇسلىم»، (1714).
19. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/510.
20. ئىبنى ئابدۇلبەر: «جامىئۇ بايانىل ئىلمى ۋە فەزلىھى»، 2/140.
21. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 1/95.
22. ئىبنۇلقەييىم: «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 4/333؛ ئىبنى ھەمدان: «سىفەتۇل فەتۋا»، 80 – بەت.
23. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (52). «مۇسلىم»، (1599).
24. تەرجىھ (التَّرْجِيْحُ): ئەرەب تىلىدا: «ئېغىر بېسىش، مايىل بولۇش، ئەلا بىلىش ۋە كۈچلەندۈرۈش» دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ، «دەلىللەرنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئىككى ياكى بىرنەچچە قاراش ئىچىدىن مەلۇم بىر قاراشنى كۈچلۈك» دەپ تاللاشتۇر. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 2 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ