كونا پۇللارنى يۇقىرى باھادا ئېلىپ - سېتىش

كونا پۇللارنى يۇقىرى باھادا ئېلىپ – سېتىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، كونا پۇللارنى يۇقىرى باھادا ئېلىپ – سېتىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتىن باشقا مەدەن ياكى قەغەز كونا پۇللار جەمئىيەتتە ئۆتمەس بولۇپ سېتىۋېلىش قىممىتىنى يوقاتقان بولسا، بۇ پۇللار پۇللۇق سۈپىتىنى يوقىتىپ تاۋارغا ئايلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، بۇلارنى ئۇنىڭغا يېزىلغان قىممىتىدىن ئارتۇق ياكى كەم، نەق ياكى نېسى سېتىشقا ۋە سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.

ئەگەر بۇ كونا پۇللار ئالتۇن ياكى كۈمۈش پۇل بولسا، ئۇنى ئالتۇن ياكى كۈمۈشكە ساتقان ئەھۋالدا نەق ۋە ئېغىرلىقى تەڭ – باراۋەر ئالتۇن – كۈمۈشكە سېتىش شەرت.

ئالتۇن ياكى كۈمۈش پۇلنى قەغەز پۇلغا سېتىشتا نەق بولسا قانداق باھادا ساتسا بولۇۋېرىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 19 – رەجەب / م. 2011، 21 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 151 – نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ