ئامۋاي ۋە شۇنىڭدەك بىۋاسىتە سېتىش شىركەتلىرىنىڭ تىجارىتىنى قىلىش

ئامۋاي ۋە شۇنىڭدەك بىۋاسىتە سېتىش شىركەتلىرىنىڭ تىجارىتىنى قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! دىيارىمىزدا ئامۋاي (Amway) بىۋاسىتە سېتىش شىركىتىنىڭ تىجارەت دائىرىسى ناھايىتى كېڭىيىۋاتىدۇ، ھەتتا بۇ سەپنىڭ ئىچىدە خىلى بىر قىسىم ئەھلى ئىلىم، ئۆلىما كىشىلەرمۇ بۇ تىجارەت ئارقىلىق كۈنىنى كۈن ئېتىۋاتىدۇ ھەمدە بۇنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلغاندا كۈندە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇ تىجارەت ئۈچۈن مېڭىپ قويسا ئايدا بېرىلىدىغان پىرسەنتىمۇ خىلى يۇقىرى ئىكەن، قالغان ۋاقىتتا باشقا ئىشلىرىنى قىلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدىكەن. ئامۋاينىڭ ئوزۇقلۇق، كاپسۇللىرىغا «ئامېرىكا ئىسلام كومىتىتى» ھالاللىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەنىكەن.

مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم: ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھالال بولغان تەقدىردىمۇ بۇ خىل شەكىلدىكى (بىۋاسىتە سېتىش) تىجارەتنى قىلىش دۇرۇسمۇ؟ ئامۋاينىڭ تىجارىتىنى قىلىشچۇ؟ چۈنكى، بىز «ئامۋاي يەھۇدىيلارنىڭ» دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق. بۇ ھەقتە بىزگە يول كۆرسەتكەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

«بىۋاسىتە سېتىش»، «ئۇدۇل سېتىش»، «تورسىمان سېتىش»، «پىرامىداسىمان سېتىش» ۋە «شاخلىتىپ سېتىش» دېگەندەك ناملار ئاستىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئامۋاي ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان خېلى كۆپ شىركەتلەر بار بولۇپ، بۇ تۈردىكى تىجارەت يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇن دەسلەپ غەرب ئەللىرىدە پەيدا بولغان، كېيىن مۇسۇلمانلار دىيارلىرىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان.

بۇ تۈردىكى تىجارەتنىڭ بارلىق تۈرلىرى ھارامدۇر. بۇ ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئىقتىسادشۇناس فەقىھلەر، شۇنداقلا بەزى پەتۋا ئورگانلىرى بىلەن «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيە»لىرى بەرگەن پەتۋادۇر.

بۇ تىجارەتنىڭ ھاراملىقى تۆۋەەندىكىلەرگە ئاساسلانغاندۇر:

1. بۇ تۈرلۈك مۇئامىلە نامەلۇم سودىنى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاش ئېتىپ سودىلىشىش ۋە مەۋھۇم سودىنى قىلىشتىن توسقان».(1)

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «مەۋھۇم سودىنى قىلىشتىن توسۇش ئېلىم – سېتىم بابىدا ئىنتايىن چوڭ ئاساسلىق بىر قائىدە ۋە دەلىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىگە نۇرغۇنلىغان ساناقسىز مەسىلىلەر كىرىدۇ، مەسىلەن، يوق نەرسىنى سېتىش، نامەلۇم نەرسىنى سېتىش، تاپشۇرۇپ بېرەلمەيدىغان نەرسىنى سېتىش، ئىگىلىكىدە بولمىغان نەرسىنى سېتىش…. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىش باتىلدۇر، چۈنكى بۇ ئېھتىياج بولمىسىمۇ مەۋھۇملۇقتۇر».(2)

بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىدە ئەزا بولغان كىشى تەلەپ قىلىنغان سانغا يەتكۈزەلەمدۇ ياكى يەتكۈزەلمەمدۇ؟ بۇ نامەلۇم.

2. بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىدە باشقىلارنىڭ ھېسابىغا باي بولۇش كۆزلەنگەن بولۇپ، ھەربىر ئەزا بىرنەچچە خېرىدار (يەمچۈك) تېپىپ بېرىش ئارقىلىق پۇلغا ئېرىشىدۇ.

3. بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىدە قىمار شەكىللىنىدۇ. چۈنكى، ئەزا بولغان كىشى مال سېتىۋېلىپ باشقا ئەزالارنى توپلىيالىسا ئۇتۇپ، توپلىيالمىسا ئۇتتۇرغان ھېسابتا بولىدۇ. نەتىجىدە، قىمارۋازنىڭ جازاسىغا لايىق بولىدۇ.

بەزى غەرب ئەللىرى قانۇنلىرىدا جازانە بىلەن قىمارغا رۇخسەت قىلسىمۇ، بۇ خىل شەكىلدىكى سېتىش «نازارەتسىز قىمار»دىن ئىبارەت بولغاچقا، يەنە دۆلەت ئىقتىسادىغا زىيانلىق بولغاچقا، بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىنى قانۇن چىقىرىپ چەكلىۋەتكەن.

4. بىۋاسىتە ياكى پىرامىدا شەكىللىك سېتىشتا ئەسلىدىكى بىر ۋاسىتە بولغان ئېلىم – سېتىم غايىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، نەتىجىدە، ھەربىر خېرىدار ئەينى ۋاقىتتا ھەم ساتقۇچى ھەم بازارغا سالغۇچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ سودا – سېتىق تەبىئىتىگە، سودا – سېتىقنىڭ يولغا قويۇلۇش ھېكمىتىگە زىت كېلىدۇ.

«سەئۇدى ئەرەبىستان لەجنە دائىمە» پەتۋا ئورگىنىنىڭ «بىزناس» قاتارلىق شاخلىتىپ سېتىش دېگەندەك ناملار ئاستىدا تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلەر ھەققىدىكى تەپسىلىي پەتۋاسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىلەر ھارامدۇر، چۈنكى بۇ مۇئامىلىدىن مەقسەت تاۋار ئەمەس، شېرىنكانە ئېلىشتۇر. دېمەك، بۇ شىركەتلەر بازارغا سېلىۋاتقان تاۋارلار شېرىنكانە ۋە پايدىلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر باھانە ياكى نىقابتىن ئىبارەت. بۇ مۇئامىلىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى شۇ».

5. بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىدە جازانىنىڭ ئارتۇق ئالماشتۇرۇش جازانە ۋە نېسىدىن كېلىدىغان جازانىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى تۈرى تېپىلىدۇ. چۈنكى، ئەزا بولغان كىشى ئاز مىقداردا پۇل تۆلەپ كۆپ پۇلغا ئېرىشىدۇ. دېمەك، بۇ ئىككى بەدەلنىڭ بىرىنى كېچىكتۈرۈش ۋە ئارتۇق قىلىش ئارقىلىق پۇلغا پۇلنى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەمما، شىركەت ساتقان تاۋار بولسا، بۇ خىل ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن پەردىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەزا بولغۇچىنىڭ كۆزلىگىنى بۇ ئەمەس. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن بۇ تاۋار ھۆكۈمگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

6. بۇ تۈرلۈك تىجارەت بازارغا سېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ باشقىلارنىڭ قىلغان سودىسىدىن شېرىنكانە ئېلىشنى شەرت قىلىپ مال سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ھەدىستە چەكلەنگەن: بىر سودىدا ئىككى سودىنى قىلماسلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر سودىدا ئىككى سودىنى قىلىشتىن توسقان».(3)

شاخلىتىپ سېتىشتا ئىككى سودا بولۇپ، بىرى، سېتىۋېلىش سودىسى. يەنە بىرى، بېدىكچىلىك سودىسى. بۇ تۈرلۈك شەرت قىلىش ئادەتتە ئىككى تەرەپنىڭ بىرى بىرىدىن بىر خىل پايدىلىنىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، بازارغا سالغۇچىنىڭ سېتىلىدىغان تاۋاردا مەنپەئەتى يوق، لېكىن ئۇ بازارغا سېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىشقا مەجبۇر. شۇڭا، بىر سودىدا يەنە بىر سودىنى شەرت قىلىش چەكلىنىدۇ.

7. بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىدە شىركەتلەر بېرىدىغان پۇل «مۇكاپات» دەپ ئاتالسىمۇ، بۇ شەرىئەتتىكى مۇكاپات قائىدىسىگە زىت كېلىدۇ، چۈنكى مۇكاپات دېگەن ئىككى تەرەپنىڭ قايسىبىرى خاھلىغان چاغدا بىكار قىلىۋېتەلەيدىغان نەرسە، لېكىن شىركەتلەرنىڭ تۈزۈمىدە بىكار قىلىۋېتەلمەيدۇ.

8. بۇ تۈرلۈك تىجارەت ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس» دېگەن.(4)

«ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى» تىجارەت فاكۇلتېتىدىكى ئىسلام ئىقتىسادى پروفېسسورى دوكتور ھۈسەين شاھاتە مۇنداق دەيدۇ: «بىزناس ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان شىركەتلەر بىلەن پىرامىداسىمان ياكى تورسىمان شاخلىتىپ سېتىش ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىش شەرئى جەھەتتىن جائىز ئەمەس. چۈنكى، بۇ پائالىيەتتە مەۋھۇملۇق بولۇپ، بۇ قىمار دائىرىسىگە كىرىدۇ. نەتىجىدە، كىشىلەر چوڭ پايدا ئېلىشنى تەمە قىلىپ خېرىدار تېپىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ كېتىدۇ، تاۋار بىلەن كارى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق شىركەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىمىز».

«قاتار ئۇنىۋېرسىتېتى» شەرىئەت فاكۇلتېتى فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ بۆلۈمى پروفېسسورى دوكتور ئەلى قاراداغىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تۈرلۈك تىجارەت ھەققىدە مەندىن بىرقانچە قېتىم پەتۋا سورالغان ئىدى. مەن چىقارغان يەكۈن شۇكى، بۇ مۇئامىلە ئىسلام شەرىئىتى كۆرسەتمىلىرىگە ماس كەلمەيدۇ. يەنى: بۇ تۈرلۈك مۇئامىلە ئىسلام شەرىئىتى كۆزلىگەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي گۈللىنىشكە يۈزلىنىشتىن ئىبارەت بولغان مەقسەت – نىشانلارغا ماس كەلمەيدۇ. ئەكسىچە بۇ تۈرلۈك تىجارەت بىر تۈركۈم بېدىكلەر خېرىدار تېپىشتىن پايدىلىنىپ تاۋار سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مال – مۈلكىدىن نۇرغۇن پايدا ئۈندۈرۈۋېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. مەن بەزىلىرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ 200 مىڭ دىرھەم يانچۇقىغا سالىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.

بۇ تۈرلۈك مۇئامىلە كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇ ئىسلام شەرىئىتى كۆزلىگەن مەقسەت – نىشانلارغا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، كىشىلەر مۇشۇ تاۋارنى بازارغا سېلىشتىن ئېرىشىدىغان تېز پۇل تېپىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى تىجارەتكە يۈزلىنىدۇ، مەقسەت تاۋارنى سېتىۋېلىش ئەمەس.

بۇ تۈرلۈك تىجارەتنى مۇكاپات قاتارىدىن ساناشقا بولمايدۇ، چۈنكى مۇكاپات شەرتلىرى بۇ تىجارەتتە تېپىلمايدۇ، شۇنداقلا ئىش ھەققى ئېلىپ ۋەكىل بولۇش دېگىلىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل مۇئامىلىنىڭ تېگى ئىسلام شەرىئىتىگە مۇخالىپتۇر».

«راجىھىي بانكىچىلىق شىركىتى» نىڭ شەرئى نازارەت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ئىسلام ئىقتىسادى مۇتەخەسسىسى دوكتور سامى سۇۋەيلىم تەييارلىغان بىر تەتقىقاتتا مۇنداق يۈكۈنلىگەن: «بۇ تۈرلۈك بازارغا سېلىش كىشىلەرنى ئالداش ۋە قاقتى – سوقتى شەكىللىرىدىن بىرىدۇر».

دوكتور سامى سۇۋەيلىم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ شىركەتلەر ياكى بۇ شىركەتلەرگە ئەزا بولغانلار بەزى ئالىملاردىن جائىز دەپ پەتۋا ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئالىملارغا پائالىيەتلىرىنى بېدىكچىلىكتىن ئىبارەت دەپ چۈشەندۈرگەن، ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغىنى بېدىكچىلىك ئەمەس. چۈنكى، بېدىكچىلىك دېگەن بىرەر تاۋارنى سېتىش ئارقىلىق شېرىنكانە ئالىدىغان كېلىشىم بولۇپ، شاخلىتىپ سېتىشتا بازارغا سالغۇچى بازارغا سالغۇچى بولۇش ئۈچۈن پۇل تۆلەيدۇ، مانا بۇ بېدىكچىلىكنىڭ ئەكسى. يەنە تېخى شاخلىتىپ سېتىشتىن مەقسەت بىرەر مال ياكى تاۋار ياكى خىزمەت سېتىش ئەمەس، بەلكى يېڭى بازارغا سالغۇچىلارنى تېپىش، ئاندىن يېڭى بازارغا سالغۇچىلارمۇ يەنە باشقا يېڭى بازارغا سالغۇچىلارنى تېپىش…. مۇشۇنداق كېتىۋېرىدۇ. بۇ تۈرلۈك زەنجىرسىمان تۇتۇشۇپ مېڭىش ئايىغى يوق ھالەتتە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەس، دېمەك، بۇ ئاخىرى بېرىپ بىر نۇقتىدا توختىماي چارە بولمىغاچقا، بۇ تۈرلۈك زەنجىرسىمان مۇئامىلە باتىلدۇر، لېكىن بېدىكچىلىك ياكى ئادەتتىكى بازارغا سېلىش مۇئامىلىسىدە بۇ تۈرلۈك زەنجىرسىمانلىق يوق. شۇڭا، بۇ ئىككىسىنى باراۋەر دەۋېلىش خۇددى سودا – سېتىق بىلەن جازانىنى باراۋەر دەۋالغانغا ئوخشاشتۇر».

«خۇلاسە: شاخلىتىپ سېتىش باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش، باشقىلارنى ئالداش ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر، چۈنكى بۇ تۈرلۈك زەنجىرسىمان تۇتۇشۇش ئايىغى يوق داۋاملىشىپ كېتەلمەيدۇ. توختاپ قالغىنىدا نەتىجە ئاز سانلىق كۆپ سانلىقنىڭ زىيان تارتىشى ھېسابىغا پايدا ئېلىش بولىدۇ. توختاپ قالمايدۇ دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ ئۈستۈن تەبىقىدىكىلەر ئاستىن تەبىقىدىكىلەرنىڭ زىيىنى بىلەن نۇرغۇن پايدا ئالىدۇ، دېمەك، تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر ئىزچىل زىيان تارتىدۇ. بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىنىڭ جائىز بولۇشى ئۈچۈن تاۋارنىڭ ئوتتۇرىغا كىرىشى كار قىلمايدۇ، بەلكى، تېخى بۇنىڭ بولۇشى بۇ تۈرلۈك تىجارەتنى ھارام قىلىنغان ھىيلە – نەيرەڭلەر قاتارىدىن قىلىۋېتىدۇ».

يۇقىرىقىلار ئىسلام ئىقتىسادى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ يەكۈنلىگەن بىر قىسىم خۇلاسىلىرى بولۇپ، بۇلار بۇ تۈرلۈك تىجارەتنىڭ ھاراملىقىغا كۇپايىدۇر. شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلمان بۇ تۈرلۈك تىجارەتتىن يىراق تۇرۇپ، پاك، ھالال يېيىشكە دىققەت قىلىشى، باشقىلارنىمۇ، ئۆزىنىمۇ ئالدىماسلىقى زۆرۈر. بولمىسا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ.

ئامۋاي ئامېرىكىدا قۇرۇلغان، «ئامېرىكا يولى» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى. 1971 – يىللاردىن تارتىپ ئاۋسترالىيە، ياۋروپا، ياپۇنىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلىشقا باشلىغان. جۇڭگوغا 1995 – يىلى كىرگەن. 1998 – يىلى شاخلىتىپ سېتىش قانۇنسىز پائالىيەتلەر چېكىدىن ئېشىپ كەتكەچكە قالايمىقانچىلىق ۋەقەلىرى چىقىپ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتنىڭ پائالىيىتىنى شۇنداقلا بارلىق بىۋاسىتە سېتىش شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىۋەتكەن، بىر مۇددەت پائالىيىتى چەكلىنىپ كېيىن 2005 – يىلى جۇڭگو بىۋاسىتە سېتىش يېڭى قانۇنلىرىنى چىقارغاندىن كېيىن ئامۋاي شىركىتى قايتا پائالىيەت قىلىش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو 2008 – يىلى ئامۋاي شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلانغان. ئامۋاي شىركىتىنىڭ 2011 – يىللىق باياناتىغا قارىغاندا ئامۋاي شىركىتى 80 گە يېقىن دۆلەت ۋە ئىقلىمدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. 1990 – يىلدىن بۇيان ئامۋاي شىركىتى ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىسىغا نەچچە مىليونلاپ پۇل بېرىپ ئەڭ چوڭ ماددىي ياردەم قىلغانلار قاتارىدا ئورۇن ئالغان.

دىنىي جەھەتتىن ئامۋاي شىركىتى يەھۇدىيلار قولىدا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغان، ئامۋاي شىركىتى شىركەت ئىچىدە ئادەتتە رادىكال خرىستىئانلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشىپ تۇرىدىكەن. تاۋارلىرىدا «ئىنجىل»دىن كېسىپ ئېلىنغان ئىبارىلەر كۆپ ئىشلىتىدىكەن. شىركەت خوجايىنلىرىدىن بەزىلىرى «ئىنجىل فىلىملىرى» دېگەندەك رادىكال خرىستىئانچىلىق تەرغىباتى سىتۇدىيەلىرىگە ئەزا ئىكەن. دېمەك، دىنىي جەھەتتىن خرىستىئان تەرغىباتىنى ياقلاش پۇرىقى بار شىركەت ئىكەن.

قانۇنى جەھەتتىن ياۋروپا، ھىندىستان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئامۋاي شىركىتىگە قارشى كۆپ دەۋالار ئېچىلغان بولۇپ، سوت مەھكىمىلىرى ھۆكۈم چىقارغان. بىر مىسال: ھىندىستاندا ئامۋاي شىركىتى 56 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەشكە ماقۇل بولغان. مانا بۇنداق تۆلەملەر ئامۋاي شىركىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان شاخلىتىپ سېتىش تىجارەت ئۇسۇلىنىڭ ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئۆزى ئېتىراپ قىلغانلىق دەپ قارىلىدىكەن. كانادا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردە ئامۋاي شىركىتى باج تۆلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى ئۈچۈن سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن مىليونلاپ تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغان. بەزى دەۋالاردا ئەڭ ئۈستىدىكى يىگىرمە كىشىنىڭ تولۇق پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقى، باشقىلارنىڭ زىيانغا ئۇچراپ كېتىدىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ شىركەت ئالدامچىلىق بىلەن قارىلانغان. بەزى جايلاردا دىنىي سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

ئومۇمەن ئامۋاي شىركىتىنىڭ تاۋارلىرى نىجىس ياكى ھارام ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالسۇن ياكى ئالمىسۇن، دىنىي جەھەتتىن تېگى يەھۇدىي بولسۇن ياكى بولمىسۇن، تىجارەت ئۇسۇلى ھارام بولغاندىن كېيىن بۇ تۈرلۈك تىجارەتكە قاتنىشىش، ئەزا بولۇش، باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ ئەزا قىلىپ ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىش قىلمىشلىرى ھارام بولىدۇ.

ئەقەللىي تەقدىردە، بۇ مۇئامىلىنى شۈبھىلىك دەپ قارىساقمۇ شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ساقلىنىش، دىنىمىزنى، كىرىمىمىزنى پاك تۇتۇش لازىم.

نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ﮪﺎﻻﻟﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﮪﺎﺭﺍﻣﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﯚﻛﻤﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ساقلانغان ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﯩﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ چەكلەنگەن رايوندا ﭘﺎﺩﺍ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﭘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﭘﺎﺩﺍ ھەرئاندا بۇ رايونغا ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﮪﻪﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ چەكلەنگەن رايونى بولىدۇ( ). ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ چەكلەنگەن رايونى بولسا ﮪﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩتتۇر. ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯖﻼﺭ! بەدەندە ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻠﻪﻡ ﮔﯚﺵ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘ ﮔﯚﺵ ﺗﯜﺯﻩﻟﺴﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯜﺯۈلىدۇ، ﺋﯘ ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﻟﺒﺘﯘﺭ».(5)

ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانلارغا زىيان ئۇرۇۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنىڭ ئۆزى ئالىملار چەكلىگەن بىر ئىشتۇر.

جانابىي ئاللاھ ھەممىمىزنى ھالال رىزىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 28 – رەجەب / م. 2011، 30 – ئىيۇن

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 150 – نومۇرلۇق پەتىۋا.


1. «مۇسلىم»، (1513).
2. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10/156.
3. «ئەھمەد»، (10542). «تىرمىزىي»، (1231). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
4. «مۇسلىم»، (101).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (52)؛ «مۇسلىم»، (1599).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ