ھورداقخانا ئېچىش

ھورداقخانا ئېچىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مېنىڭ بىر قېرىندىشىم ئامبۇلاتورىيە ئاچقان، ئۇ يەردە ئەر، ئاياللار ھورداقخانىسىمۇ بار، ئۇ يەرگە كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىدىغانلارنىڭ 80 پىرسەنتى ئايال. بۇ جەرياندا قېرىندىشىمىز كېسىلىنى كۆرگەن ئاياللارنىڭ بەزىسىگە ھورداققا چۈشۈشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. ئۇنىڭغا بىر قېرىندىشىمىز: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداق بىر ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدىن باشقا يەردە كىيىمىنى سالىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدۇ» دېگەن. سىلى بۇ ھورداقخانىغا ئاياللارنى كىرىشكە تەۋسىيە قىلسىلا ياخشى بولمايدۇ» دەپتۇ. ئەمەلىيەتتە، ھورداقخانىغا كىرگەن ئاياللارغا ئايال كىشى مۇلازىمەت قىلىدىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ھورداقخانىنى ئېچىش توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟ ئاللاھ سىلىگە رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاياللار كېسەللىك سەۋەبىدىن ئېھتىياج بولسا ئۆيىنىڭ سىرتىدىكى ھورداقخانىغا كىرىپ داۋالانسا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئومۇم ئەدەب – ئەخلاققا رىئايە قىلىش، ئەۋرەت ئېچىلىپ قالماسلىق شەرت قىلىنىدۇ.

بۇنىڭغا بىنائەن، ھورداقخانا ئېچىشمۇ جائىز. ئۇنىڭدىن تاپقان پۇلمۇ ھالال. ئەمما، ئەۋرەت ئېچىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدىغان ياكى باشقا يامان ئىشلار يۈز بېرىدىغان بولسا، ھورداقخانا ئېچىش ۋە ئۇنىڭغا كىرىش جائىز بولمايدۇ.

مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان بىر مەسىلىدە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئاياللارغا خاس ئاممىۋى مۇنچا ئېچىش جائىز. بىر قىسىم ئالىملار ئەۋرەت ئېچىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مەكرۇھ دەپ قارايدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئاممىۋى مۇنچىغا كىرىش مەسىلىسىدە: «ئايال كىشى ئۇنىڭغا زۆرۈرىيەت ئۈچۈن ئەۋرىتىنى يۆگىگەن ھالدا كىرىدۇ» دېگەن.(1)

دېمەك، بۇ ئاساسەن ئەۋرەت ئېچىلىپ قېلىش مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىغان ئىش.

سوئالدىكى مەزكۇر ھەدىسنىڭ سەھىھ رىۋايەتىدە مۇنداق كەلگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، قانداق بىر ئايال ئانىلىرىدىن غەيرى بىر كىمنىڭ ئۆيىدە كىيىملىرىنى سالىدىكەن، راھمان بىلەن ئوتتۇرىدىكى ھەممە پەردىنى يىرتىۋەتكەن بولىدۇ».(2)

بۇ ھەدىستىكى چەكلىمىدىن: باشقا ئۆيلەردە يات ئەرلەر كۆرىدىغان شەكىلدە ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالىدىغان ئەھۋالدا كىيىملىرىنى سېلىش، گۇمان پەيدا قىلىش، فىتنە – پاساتقا سەۋەب بولۇش كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ئەۋرىتى ئېچىلىپ قېلىشتىن خاتىرجەم بولىدىغان يەردە كىيىم ئالماشتۇرۇش ياكى داۋالىنىش مەقسىتىدە كىيىمىنى سالسا ھېچ گەپ بولمايدۇ. بولمىسا، ئۆز ئۆيىدىن باشقا جايدا ھاجەتخانىغا كىرىشىمۇ چەكلەنگەن بولاتتى.

لېكىن، بۇ ئىشتا تۆۋەندىكىلەرنى تەكىتلەپ ئۆتۈش لازىم:

1 – زۆرۈرىيەت دائىرىسى بىلەن چەكلىنىش لازىم. ئەگەر ھورداقخانىغا كىرىشى داۋالىنىش جەھەتتىن زۆرۈر بولمىسا ياكى سىرتتا ھورداقخانىغا كىرمىسىمۇ، ئۆيىدە ھورداقخانىدىن بىرنى قۇرۇپ داۋالىنالايدىغان بولسا، سىرتقا چىقىپ ھورداقخانىغا كىرمىگەن تۈزۈك. چۈنكى، ھورداقخانا ئاچقانلارنىڭ ھەممىسى، ھورداقخانىغا كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەۋرەتنى ئاچماسلىققا رىئايە قىلىپ بولالمايدۇ.

2 – ھورداقخانىدا ئاياللار مۇلازىمەت قىلغان تەقدىردىمۇ ئاياللارنىڭ ئاياللارغا قارىتا ئەۋرەتلىرىنى يۆگىشى لازىم. ئاياللار ئاياللارنىڭ ئالدى – ئارقا ئەۋرەتلىرىنى كۆرۈشى بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، جائىز بولمايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار تىزدىن كىندىككىچە كۆرسە بولمايدۇ، دېسە، يەنە بىر قىسىم ئالىملار مەھرەم ئەرلەرگە ئوخشاش كۆكسى، قورساق – دۈمبىسىنى، يوتىسىنى كۆرسە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

3 – داۋالىنىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ ھورداقخانىغا كىرىش زۆرۈر بولغان ئەھۋالدا ئېرى ياكى مەھرەم تۇغقىنى بىلەن بىللە بېرىپ كىرگەن تۈزۈك. بۇنىڭدا كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدۇ، يامان گۇماندىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

4 – ھورداقخانا ئاچقانلار ھورداقخانىلىرىدا ئىسلام ئەخلاقىغا مۇۋاپىق مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشى، مۇلازىمەت قىلىدىغانغا ئىشەنچلىك ئاياللارنى ئىشلىتىشى لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 7 – شەۋۋال / م. 2011، 5 – سېنتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 147– نومۇرلۇق پەتىۋا.


1. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 21/342.
2. «ئەھمەد»، (27083). تىرمىزىي رىۋايەتىدە: «ئېرىنىڭ ئۆيىدىن باشقا يەردە» دەپ كەلگەن. «تىرمىزىي»، (2803). بۇنى تىرمىزىي «ھەسەن»، دېگەن. ئالبانىي ھەر ئىككى رىۋايەتنى «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ