سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئېرىم دىندا تولۇق ئوقۇغان ئادەم، توي قىلغىلى تۆت يىل بولدى، ئىككى بالىمىز بار. بىر يىل بولاي دېدى. ئېرىم ئايرىم ئۆيدە يېتىۋالىدىغان بولۇپ قالدى، خاھلىسا كىرىپ بىللە بولىدۇ، بولمىسا يېنىمغا كەلگىلى ئۇنىمايدۇ. مەن ئەمدى 22 ياشتا، مەن بۇ ئەھۋالدىن بىئارام بولۇۋاتىمەن، كېيىنچە، چوڭ گۇناھلارنى قىلىپ سېلىشتىنمۇ ئەنسىرەيمەن. جاۋاب بەرسىڭىز: ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدە ھەققى بارمۇ – يوق؟ بۇنداق ئەھۋالدا، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ تالاق تەلەپ قىلسام جائىزمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئائىلە دېگەن ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپ تەڭ ماسلىشىپ پالاق ئۇرغاندا ئالدىغا ماڭىدىغان كېمىگە ئوخشايدۇ. شۇڭا، ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنىڭ ئەھۋالىنى، مىجەزىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېھتىياجىنى مۇۋاپىق قاندۇرۇپ، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم. چۈنكى، ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاشتىن سىرت جۈپتىنى ئىپپەتلىك قىلىشمۇ ئىسلامدا توي قىلىشنىڭ غايە – نىشانلىرىنىڭ بىرىدۇر.
شەرئى تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا كۈچلۈك قاراشتا ئەر كىشى ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك ئىشلىرىغىمۇ تەسىر قىلمايدىغان، جۈپتىنىڭ ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرۇپ تۇرىدىغان شەكىلدە مۇۋاپىق مىقداردا ئايالىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى، مۇۋاپىق ھالدا يېقىنلىشىپ تۇرۇشى كېرەك. بۇ ئەرنىڭ مەجبۇرىيىتى.
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتلەرنىڭ باراۋېرىدە ئاياللارنىڭمۇ مۇۋاپىق ھەقلىرى باردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 228).
ئەگەر جىما ئەرنىڭ ھەققى بولسا، بۇ ئوخشاشلا ئايالنىڭمۇ ھەق – ھوقۇقىدۇر.
ھەقتائالا يەنە ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار بىلەن بىللە چىرايلىق ياشاڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 19).
ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتىدۇ: «خۇددى خوتۇنىغا يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك خىراجىتىنى قىلىپ بېرىپ، چىرايلىق بىللە ياشىشى ۋاجىب بولغىنىدەك، ئېرى ئايالىنى مۇۋاپىق مىقداردا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قاندۇرۇپ تۇرۇشى ئەرنىڭ ئۈستىگە ۋاجىبتۇر، بەلكى، تېخى بۇ چىرايلىق بىللە ياشاشنىڭ ئاساسى ۋە غايىسىدۇر. ئاللاھ تائالا ئەرنى ئايالى بىلەن چىرايلىق بىللە ياشاشقا بۇيرۇغان. دېمەك، جىما قىلىشمۇ مۇشۇ چىرايلىق بىللە ياشاش دائىرىسىگە كىرمەي قالمايدۇ، ئەگەر قۇربى يەتسە خۇددى ئوزۇق – تۈلۈكتە قاندۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولغىنىدەك، ئېرى ئايالىنى قاندۇرۇشى كېرەك».(1)
ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سالمان بىلەن ئەبۇددەردائنى قېرىنداش قىلىپ قويغانىدى، سالمان ئەبۇددەردائنى يوقلاپ كېلىپ، ئەبۇددەردائنىڭ ئايالى ئۇممۇددەردائنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: نېمە بۇ تۇرقىڭىز؟ دېسە، ئۇممۇددەرداﺋ: قېرىندىشىڭىز ئەبۇددەردائنىڭ دۇنياغا ھاجىتى يوق، دېدى. ئاندىن ئەبۇددەرداﺋ كېلىپ سالمانغا تائام راسلىدى. سالمان ئەبۇددەردائغا: سەنمۇ يېگىن، دېدى. ئەبۇددەرداﺋ: مەن روزا تۇتۇۋالغان، سەن يېگىن، دېدى. سالمان: سەن يېمىگۈچە مەنمۇ يېمەيمەن، دېگەنىدى، ئەبۇددەرداﺋ يېدى. كېچىنىڭ ئاۋۋىلىدە ئەبۇددەرداﺋ تۇرماقچى بولغانىدى، سالمان: ئۇخلا، دېدى، ئەبۇددەرداﺋ ئۇخلىدى. سەل تۇرۇپ ئەبۇددەرداﺋ يەنە تۇرماقچى بولۇۋېدى، سالمان: ئۇخلا، دېدى. كېچىنىڭ ئاخىرى بولغاندا سالمان: ئەمدى تۇر، دېدى. ئىككىسى ناماز ئوقۇپ بولغاندا سالمان ئۇنىڭغا: رەببىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، نەپىسىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، ئەھلىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار. شۇڭا، ھەربىر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىشىڭ كېرەك، دېدى. ئەبۇددەرداﺋ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ بۇ ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەنىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سالمان راست ئېيتىپتۇ» دېدى.(2)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئى ئابدۇللاھ، مەن سېنى كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ئىبادەت قىلىدۇ، دەپ ئاڭلايمەنغۇ — دېدى.
— شۇنداق يا رەسۇلەللاھ، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنداق قىلما، بەزىدە روزا تۇتۇپ، بەزىدە تۇتما، كېچىنىڭ بەزىسىدە ناماز ئوقۇ، بەزىسىدە ئۇخلا. چۈنكى، ھەقىقەتەن جىسمىڭنىڭ سەندە ھەققى بار، كۆزۈڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، مېھمىنىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، ئايالىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، سەن بەلكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ قالارسەن، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ساڭا كۇپايە قىلىدۇ. چۈنكى، ھەربىر ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ. دېمەك، بۇ ھەر كۈن روزا تۇتقانغا تەڭ بولىدۇ، — دېدى. مەن ئۆزۈمگە ئېغىرراق ۋەزىپە ئالماقچى بولۇۋىدىم، ماڭا ئېغىرلاشتۇرۇپ بېرىلدى. مەن:
— يارەسۇلەللاھ! مەن بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك تۇتۇشقا قادىرمەن، — دېسەم،
— ئەمىسە ھەپتىدە ئۈچ كۈن روزا تۇت، — دېدى. مەن يەنە ئېغىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋىدىم، ماڭا ئېغىرلاشتۇرۇپ بېرىلدى. مەن:
— يارەسۇلەللاھ! مەن بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك تۇتۇشقا قادىرمەن، — دېسەم،
— ئەمىسە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىنى تۇت، — دېدى.
— ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىنى قانداق؟ — دېسەم،
— زاماننىڭ يېرىمىنى (بىر كۈن توختاپ بىر كۈن) تۇتاتتى، — دېدى.(3)
ئۇنداقتا قانچىلىك ئارىلىقتا بىر قېتىم يېقىنچىلىق قىلىشى كېرەك؟
بۇنى مۇنچە كۈندە بىر قېتىم دەپ بەلگىلىگىلى بولمايدۇ، بۇنى ئىككى تەرەپ خاھلىغان بويىچە مۇۋاپىق بەلگىلىسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مىجەزى، ھېسسىياتى، كۆڭلى، قىزغىنلىقى ۋە ساغلاملىقىغا شۇنداقلا بەزى ئۆرپ – ئادەتلەرگە باغلىق ئىش. ھەرھالدا ئوتتۇرھال بولۇش ئەڭ مۇۋاپىقتۇر.
بەزى ئالىملار ئۆمۈردە بىر قېتىم، يەنە بەزى ئالىملار ھەر تۆت كۈندە بىر قېتىم، يەنە بەزى ئالىملار ھەربىر پاكلانغاندا بىر قېتىم يېقىنچىلىق قىلىشى كېرەك، دەپ قارىغان.
بۇ ھەقتە تالاش – تارتىش بولغان ئەھۋالدا قازى بېكىتىپ بېرىدۇ.
لېكىن، ئايال تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا ئەقەللىي تەقدىردە، ھەر تۆت كۈندە بىر قېتىم ھەققىنى ئادا قىلىش كېرەك دېگەن قاراش ئەڭ مۇۋاپىق بولسا كېرەك.
شەئبىي رىۋايەت قىلىدۇكى: بىر ئايال خەلىفە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئېرىم بەك ياخشى ئادەم! كۈندۈزى روزا تۇتىدۇ، پۈتۈن كېچە ناماز ئوقۇيدۇ» دېۋىدى، ئۆمەر: «ئېرىڭىزنى ياخشى مەدھىيەلىدىڭىز» دېدى. كەئب ئىبنى سۇۋار دەرھال: «بۇ ئايال ياپتا گەپ بىلەن شىكايەت قىلدى» دېۋىدى، ئۆمەر: «ئېيتقىنىڭغا چارە تاپ» دېدى. ئۇ: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھ تائالا تۆت خوتۇن ئېلىشقا رۇخسەت قىلغاندىكىن، بۇ ئادەمنى تۆت خوتۇنى بار ئەرنىڭ ئورنىدا قاراپ، ئۈچ كېچە – كۈندۈز ئۇنىڭ بولسۇن، بىر كېچە – كۈندۈز بۇ ئايالنىڭ بولسۇن» دېدى.(4)
ئەگەر ئەر ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ئايال زىيانغا ئۇچرىسا، ئالدى بىلەن ئىشەنچلىك بىرەر مويسىپىت كىشىنى ئارىغا قويۇپ نەسىھەت قىلدۇرۇش لازىم. بولمىغاندا قازىغا ئەرز قىلىش، ئۇمۇ نەتىجە بەرمىسە، پەرزەنتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، رازى بولۇپ ياشىسا بۇمۇ ئىختىيارى، رازى بولمىسا، تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئۇمۇ بولمىسا، ئالغان تويلۇقنى قايتۇرۇپ بېرىپ «خۇلئى» قىلىپ ئېرىدىن ئاجراشسا بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 17 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 20 – ماي
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 454 – بەت. 118 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «رەۋزەتۇلمۇهىببىن»، 1/217.
2. «بۇخارىي»، (6139).
3. «بۇخارىي»، (6134).
4. «ئابدۇرراززاق»، (12586).