سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئىككى خوتۇنلۇق كىشى ئىككىلىسى بىلەن بىر كارىۋاتتا ياتسا بولامدۇ؟ ئەگەر بولسا ياكى بولمىسا، بىرىنچى خوتۇن بىلەن بىرگە بولغاندىن كېيىن ئىككىنچىسى يېنىغا يۇيۇنۇپ كېلىشىمىز كېرەكمۇ ياكى يۇيۇنمايلا نۆۋەت بىلەن كەلسەك بولۇۋېرەمدۇ؟ سوئالىم سەل قوپالراق بولدى ئەپۇ قىلغايسىز. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ خوتۇنلىرى بىلەن بىللە بىر كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلاش، بىرىنىڭ يېنىدا يەنە بىرى بىلەن جىما قىلىش ھارام، چۈنكى بۇ خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئەرگە ھالال بولغىنى بىلەن خوتۇن كىشى ئەۋرىتىنى باشقا خوتۇن ئالدىدا ئاچسا، كۈندىشىگە جىمانىڭ شەپىسىنى ئاڭلاتسا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلىش كۈندەشلىك ۋە كۆڭۈل ئاغرىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئىشقا خوتۇنلار رازى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ رازىلىقى ئىناۋەتسىز. ئالىملىرىمىز بۇنداق قىلىشنى ھارام، دەپ قارىغان.
مەسىلەن، ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىمام ئىبنى نۇجەيم: «بىئەپ بولغاچقا، ئىككى ياكى ئۇندىن كۆپ كۈندەشلەرنى رازىلىقىسىز بىر ئۆيدە تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ. كۈندەشلەر ئۆز رازىلىقى بىلەن بىر ئۆيگە جەم بولۇپ ئولتۇرغان بولسا، بىرى بار جايدا يەنە بىرى بىلەن جىما قىلسا مەكرۇھ بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئەر جىما قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، خوتۇنىنىڭ ماقۇل دېيىشى كېرەك بولمايدۇ. ئۇنىماسلىق بىلەن ئاسىيلىق قىلغان بولمايدۇ» دېگەن.(1)
ھەنەفىي مەزھەب كىتابلىرىدا «مەكرۇھ» دېگەن ئاتالغۇ ئادەتتە ھارامنى ياكى ھارامغا يېقىن ئىشنى كۆرسىتىدۇ.
مالىكىي مەزھەب ئالىملىرىدىن شەيخ ئەھمەد دىردىير دەيدۇ: «ئىككى خوتۇنى رازى بولغان تەقدىردىمۇ ئىككىسى بىلەن مۇنچىغا بىللە كىرسە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئەۋرەتنى كۆرۈپ قالىدىغان ئەھۋال، دېدەكلەرمۇ خوتۇنلارغا ئوخشاش. ئەمما، بىر خوتۇنى بىلەن بىللە مۇنچىغا كىرسە بولۇۋېرىدۇ. يەنە جىما قىلمىسىمۇ ئىككىسىنىڭ كۈندەشلىكى ئېغىر بولىدىغان بولغاچقا، ئىككى خوتۇنى بىلەن بىر كۆرپىدە ياتسا بولمايدۇ، ئىككى دېدەك بىلەن بىر كۆرپىدە يېتىشنىڭ چەكلىنىشى ئىككى خوتۇن بىلەن يېتىش چەكلەنگەندەك چەكلىنىدۇ».(2)
شافىئىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىمام شىرازىي دەيدۇ: «ئەپلىشەلمەي جېدەل – ماجىراغا ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، يەنە چىرايلىقچە بىللە ياشاشقا زىت كېلىدىغان بولغاچقا، ئىككى خوتۇننى رازىلىقىسىز بىر ئۆيدە تۇرغۇزمايدۇ. بىرى بار جايدا يەنە بىرى بىلەن جىما قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ پەسلىك، چىرايلىقچە بىللە ياشاشقا زىت. خوتۇنى بىلەن بىللە پەقەتلا چىرايلىقچە ھۇزۇرلىنىدۇ».(3)
ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىمام ئىبنى قۇدامە دەيدۇ: «ئىككى خوتۇنى بىرى بىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان ھالەتتە جىما قىلىنىشقا رازى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنداق قىلىش جائىز بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا پەسلىك، ھاماقەت ۋە ئادەمگەرچىلىكتىن چىقىپ كېتىش بولغاچقا، ئۇلارنىڭ رازىلىقى بىلەنمۇ مۇباھ قىلىنمايدۇ».(4)
ئەمما، جىما قىلماستىن ئىككى خوتۇنى بىلەن بىللە ئۇخلاش بولسا، بۇ يۇقىرىقى ئەھۋالدىن سەل يەڭگىل. شۇڭا، بەزى ئالىملار بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان. كۆپچىلىك رۇخسەت قىلمىغان. چۈنكى، ئۇخلىغان چاغدا ئەۋرەت ئېچىلىش، ياكى قەستەن ئېچىشقا ئۇرۇنۇش، بەزى گەپ – سۆزلەرنى قىلىش ۋە سۆيۈش قاتارلىق ئەھۋاللار بولۇپ قالىدۇ.
ئىنساننىڭ ساغلام تەبىئىتى باشقا ئادەم بار يەردە جىما قىلىشنى، ياكى باشقىلار جىما قىلىۋاتقان يەردە تۇرۇشنى راۋا كۆرمەيدۇ. ئەۋرەت ئېچىلىپ قالمىغان تەقدىردىمۇ جىمانىڭ شەپىسىنى ئاڭلاش ۋە باشقىلارغا ئاڭلىتىشمۇ توغرا ئەمەس. كۈنلىمەسلىك ئىنسان تەبىئىتىدە مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھايا قىلماسلىق ئىماننىڭ كەملىكىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ھايا قىلىش ئىماندىندۇر.
بىر ئايالى بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن يەنە بىر ئايالى بىلەن بىللە بولماقچى بولسا، ئىككى جىما ئارىسىدا غۇسۇل قىلىش بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ۋاجىب بولمايدۇ، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرىنى بىر غۇسۇل بىلەن ئايلىنىپ چىقاتتى.(5)
ئىمام نەۋەۋىي دەيدۇ: «ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى جۇنۇب كىشى ئۇخلىسا، يەپ – ئىچسە ۋە جىما قىلسا جائىز بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئالىملار ئارا ئىتتىپاققا كەلگەن مەسىلە. يەنە بۇ ھەدىسلەردىن ئاشۇ ئىشلارنى قىلماقچى بولغاندا ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىپ نامازغا ئالغاندەك كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ، بولۇپمۇ، باشقا بىر ئايالى بىلەن جىما قىلماقچى بولسا ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىشىنىڭ مۇستەھەبلىكى تېخىمۇ تەكىتلىنىدۇ».(6)
لېكىن، شۇنداقتىمۇ، ئارىلىقتا غۇسۇل قىلىۋېتىش تېخىمۇ ئەۋزەل ۋە مۇستەھەبتۇر.
ئەبۇ راﻓﯩﺌ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى ئاياللىرىنى ئايلىنىپ چىققان، ئۇنىڭ قېشىدىمۇ بىر يۇيۇنۇپ، بۇنىڭ قېشىدىمۇ بىر يۇيۇنغان. مەن:
— يارەسۇلەللاھ! بىرلا غۇسۇل قىلىۋەتمەمدىلا؟ —دېسەم،
— بۇ تېخىمۇ پاك ۋە ئەۋزەل، — دېدى.(7)
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 11 – رەجەب / م. 2011، 13 – ئىيۇن
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 448 – بەت. 115 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 3/237.
2. دىردىير: «ئەششەرھۇل كەبىر»، 2/342.
3. شىيرازىي: «ئەلمۇھەززەب»، 2/66.
4. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 7/229.
5. «مۇسلىم»، (309).
6. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 3/217.
7. «ئەبۇ داۋۇد»، (219). ئالبانىي «ھەسەن»، دېگەن.