سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەر كىشى ئايالىنى ئايرىم – ئايرىم ئۈچ قېتىم تالاق قىلىپ ئاجراشقاندىن كېيىن قايتا نىكاھ دۇرۇس بولمايدىغانلىقى ئېنىق. ئۇنداقتا بىر قېتىمدىلا «ئۈچ تالاق» سۆزى چىقسا قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭ قانداق پەرقى بار؟ شەرىئىتىمىزدە قايسى ھۆكۈم كۈچلۈك؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
شەرىئىتىمىز ھەربىر مۇسۇلمان ئەر كىشىگە ئايالىنى ئۈچ قېتىمدا ئايرىم – ئايرىم تالاق قىلىش ھەققىنى بەرگەن.
بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىچە ئەر كىشى ئايالىنى «ئۈچ تالاق» دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن تالاق قىلسا، ياكى ئايالىنىڭ بىر قېتىملىق پاك ھالىتىدىلا ئۈچ قېتىم ئايرىم – ئايرىم ئۈچ تالاق قىلسا گۇناھكار بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۈچ تالاقنى بىر – بىرلەپ قىلىشنى، ھەربىر قېتىمدىن كېيىن ئويلىنىپ ۋە ئۆزىنى توختىتىپ قارار قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىشنى يولغا قويغان ۋە: ﴿قايتا يارىشالايدىغان تالاق ئىككى قېتىمدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 229) دېگەن.
بىر قېتىمدا ئۈچ تالاق دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ پۇشايمان قىلىپ يېنىۋېلىش يولىنى تاقىۋەتمەكچى، ئايالىنىڭمۇ قايتا بىللە ئۆي تۇتۇش يولىنى تاقاپ قويماقچى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۈچ قېتىمدا قىلىدىغان ئۈچ تالاقنى بىر قېتىمدا بىراقلا ياكى بىر سۆز بىلەنلا جۇغلاپ قىلغان كىشى، ئاللاھنىڭ قانۇنىغا زىت ئىش قىلغان بولىدۇ ھەمدە ئىسلامنىڭ توغرا يولىدىن چەتنەپ كەتكەن بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىنىڭ ئايالىنى بىراقلا ئۈچ تالاق قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئاچچىقىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كېتىپ: «مەن ئاراڭلاردا تۇرۇقلۇق ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ئوينىلىۋاتامدۇ؟» دېگەن، بۇنى ئاڭلاپ ساھابەلەردىن بىرى: «ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟» دېگەن.(1)
لېكىن، بۇنداق تالاق قىلىش ھەقنى قوللىنىش ئۇسۇلى جەھەتتىن گۇناھ بولسىمۇ بۇنداق قىلىنغان تالاق ھېساب بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ ھېساب بولىدىغان بولسا قانچە تالاق ھېساب بولىدۇ؟
كۆپچىلىك ئالىملار بۇنداق تالاقنى «ھېساب بولىدۇ» دەپ قارىغان، ئاز بىر قىسىم ئالىملار «ھېساب بولمايدۇ»، دەپ قارىغان.
«ھېساب بولىدۇ» دېگەن كۆپچىلىك ئالىملار ئۈچ تالاق ھېساب بولامدۇ ياكى بىر تالاق ھېسابلىنامدۇ ياكى ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولغان بولسا ئۈچ تالاق، تېخى بىر يەردە بولمىغان ئايال بولسا بىر تالاق ھېسابلىنىدۇ؟ دەپ ئۈچ خىل قاراشقا بۆلۈنۈپ كەتكەن. نەتىجىدە، ئالىملار بۇ مەسىلىدە تۆت خىل قاراشقا كەلگەن.
بىرىنچى قاراش: «بىرمۇ تالاق ھېسابلانمايدۇ» دېگۈچىلەر بىر تۈركۈم تابىئىنلار بولۇپ ئۇلار بۇنداق تالاق قىلىش ئىسلام كۆرسەتمىسىگە زىت، ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ تالاق بىدئەت تالاق قاتارىغا كىرىدۇ، بىدئەت دېگەن ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارىدۇ، دېمەك، بۇ تالاق ھېسابقا ئېلىنمايدۇ دەپ قارىغان ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (دىنىمىزدا) بىرنەرسە پەيدا قىلىدىكەن، ئىناۋەتسىزدۇر» دېگەن ھەدىسىنى دەلىل كەلتۈرگەن.(2)
ئىككىنچى قاراش: «ئۈچ تالاق ھېساب بولىدۇ» دەپ قارىغانلار ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ كۆپچىلىكى، شۇنداقلا تۆت مەزھەب ئىماملىرىنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام نەۋەۋىي: «ئالىملار ئايالىغا ‹سەن ئۈچ تالاق› دېگەن كىشى ھەققىدە ئىختىلاپلىشىپ، شافىئىي، مالىك، ئەبۇ ھەنىفە، ئەھمەد ۋە سەلەف بىلەن خەلەفنىڭ كۆپچىلىك ئالىملىرى ‹ئۈچ تالاق چۈشىدۇ› دەپ قارىغان» دېگەن.(3)
بۇلار كۆپ دەلىللەرنى كەلتۈرگەن. بۇ دەلىللەرنىڭ كۈچلۈكلىرى تۆۋەندىكىچە:
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئايالىمنى ئۈچ تالاق قىلغان بولسام قايتۇرۇۋالالايتتىممۇ؟ — دەپ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ياق، سەندىن تولۇق ئاجراپ كەتكەن بولاتتى ھەمدە گۇناھمۇ بولاتتى، — دەپ جاۋاب بەرگەن.(4)
ھەزرىتى ئۇبادە ئىبنى ئەسسامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «چوڭ دادام ئايالىنى مىڭ تالاق قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹چوڭ داداڭ ئاللاھتىن قورقماپتۇ، ئۈچ تالاق ئۇنىڭ، توققۇز يۈز توقسان يەتتىسى زۇلۇم ۋە تاجاۋۇز قىلغانلىق، ئاللاھ خاھلىسا ئۇنى ئازابلايدۇ، خاھلىسا كەچۈرۈۋېتىدۇ› دېدى».(5)
يەنە ھەزرىتى رۇكانە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىنى ئۈزۈل – كېسىل تالاق قىلىۋەتكەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ:
— قانچىنى مەقسەت قىلغانتىڭ؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇ:
— بىر تالاق، — دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— ئاللاھ بىلەن قەسەممۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، ئۇ:
— ئاللاھ بىلەن قەسەم، — دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنداقتا نىيەت قىلغىنىڭدەك بوپتۇ، —دېدى.(6)
دېمەك، بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى بىر تالاقلا نىيەت قىلغانلىقىغا قەسەم قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ ھەدىس ئەگەر ئۇ ئۈچ تالاقنى ئىرادە قىلغان بولسا، ئۈچ تالاق چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۈچىنچى قاراش: «بىر تالاق ھېسابلىنىدۇ» دەپ قارىغانلار بەزى ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ قاراشنى ئىمام ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىمام ئىبنۇلقەييىم قاتارلىق ئالىملار تاللىغان. بۇلار بىرقانچە دەلىلگە تايانغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە ۋە ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ خىلافەتى دەۋرىدە ۋە يەنە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئىككى يىل خىلافەتىدە ئۈچ تالاق بىر ھېسابلىناتتى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹كىشىلەر ئالدىرىماي قىلىدىغان تالاقنى ئالدىراپ قىلىۋېتىدىغان بولۇپ قالدى، ئۈچنى ئۈچ ھېسابلىساق بولغۇدەك› دەپ ئۈچ ھېسابلىدى».(7)
يەنە ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «رۇكانە ئايالىنى بىر ئولتۇرۇشتا ئۈچ تالاق قىلىپ ئۇنىڭغا بەك كۆڭلى يېرىم بولدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن:
— قانداق تالاق قىلغانتىڭ؟ — دەپ سورىغاندا ئۇ:
— ئۈچ، — دېدى، رەسۇلۇللاھ:
— بىر ئولتۇرۇشتىمۇ؟ —دەپ سورىۋىدى ئۇ:
—ھەئە، — دەپ جاۋاب بەردى، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇ دېگەن بىر تالاق، خاھلىساڭ ئۇنى قايتۇرۇۋال، —دېدى، ئۇ ئايالىنى قايتۇرۇۋالدى.(8)
تۆتىنچى قاراش: «ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولغان بولسا ئۈچ تالاق ھېسابلىنىدۇ، تېخى بىر يەردە بولمىغان ئايال بولسا بىر تالاق ھېسابلىنىدۇ» دەپ قارىغانلار ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھ ۋە ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بەزى شاگىرتلىرىدۇر.(9)
بۇلار يۇقىرىقى «مۇسلىم» دە كەلگەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ «ئەبۇ داۋۇد»تىكى يەنە بىر رىۋايەتىدە كەلگەن: «بىر كىشى ئايالىنى بىللە بولۇشتىن بۇرۇن ئۈچ تالاق قىلسا بىر تالاق ھېسابلايتتى» دېگەن ئىبارىگە تايانغان.(10)
يۇقىرىقى قاراشلار ئاساسلانغان دەلىللەرگە قارىغاندىن كېيىن شۇنى ئېيتالايمىزكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە خەلىفەسى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئۈچ تالاقنى بىر ھېسابلىغان، ھەزرىتى ئۆمەرمۇ ئىككى يىل بىر ھېسابلىغاندىن كېيىن كىشىلەرنى ئەدەبلەش ۋە شەرئى سىياسەت قىلىش جەھەتتىن ئۈچ تالاق ھېسابلىغان، بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئۈچ ياكى بىر ھېسابلاشتا ھاكىم ئۆزى كىشىلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىر ياكى ئۈچ ھېسابلاشنى يولغا قويسا، بۇ بىر قانۇن شەكلىدە كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئىش، چۈنكى ناۋادا بۇ ئىش بۇ دائىرىگە كىرمەيدىغان ئىش بولسا ئىدى، ھەزرىتى ئۆمەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەتۋاسىنى ئۆزگەرتمىگەن بولاتتى، باشقا ساھابەلەرمۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۆزگەرتىشىگە قوشۇلمىغان بولاتتى.
دىيارىمىزدا كىشىلەردىكى دىنىي ئاڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ تالاق دېگەن سۆزنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەنمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتىدىغان بولساق، دىيارىمىزدا بىر سۆز بىلەن ئۈچ تالاق قىلغان ئەھۋالدا بىر تالاق ھېسابلاشنىڭ ئىسلام روھىغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 14 – رەجەب / م. 2011، 16 – ئىيۇن
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 114 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «نەسائىي»، (5594). ئالبانىي «غاية المرام»دا «سەھىھ» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2697)؛ «مۇسلىم»، (1718).
3. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10/70.
4. «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، (84).
5. «ئابدۇرراززاق»، (11339).
6. «ئەبۇ داۋۇد»، (2208). ئالبانىي «زەئىف» دېگەن.
7. «مۇسلىم»، (1472).
8. «ئەھمەد»، (2387). بۇ ھەدىسنى ئەبۇ يەئلا «سەھىھ» دېگەن. قاراڭ: ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/362. ئىمام ئىبنۇلقەييىم («ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 3/31): «ئىمام ئەھمەد بۇ سەنەدنى (سەھىھ، ھەسەن) دەپ قارىغان» دېگەن.
9. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/363.
10. «ئەبۇ داۋۇد»، (2199). ئالبانىي «زەئىف» ۋە «مۇنكەر» دېگەن.