سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلغاي. ھارمىغايسىز. ئايال كىشى ھەيزدار ھالەتتە تالاق قىلىنسا تالىقى تالاق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تالاق قىلىشقا لايىق بىر سەۋەب بولغان تەقدىردىمۇ ئالدىراپ تالاق قىلىۋەتمەي مۇناسىپ ۋاقىتنى تاللاپ تالاق قىلىشى كېرەك.
شەرىئەتتە بۇ مۇناسىپ ۋاقىت: ئايال كىشىنىڭ ھەيزدار ياكى نىپاسدار ئەمەس، جىما قىلىنمىغان پاكلىق ھالىتىدۇر. ھامىلىدارلىق ھالىتى بۇنىڭ سىرتىدا. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى باشلىنىشقا ئۇدۇللاپ تالاق قىلىڭلار. ئىددەتنى ساناڭلار!﴾(65/«تالاق»: 1)
بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى شۇكى، ھەيزدار ئايالنى تالاق قىلىش ھارام، ئۇنداق قىلغان كىشى تالاق قىلغاندىن كېيىن ئايالىنى دەرھال ئەمرىگە قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى ئايالىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇغان.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلىۋەتكەن، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىش توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى بۇيرۇغىن، ئايالىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىۋېلىپ، پاك بولۇپ، ئاندىن ھەيز كۆرۈپ، ئاندىن پاك بولغۇچە ئەمرىدە تۇتۇپ، ئاندىن كېيىن خاھلىسا ئەمرىدە تۇتسۇن، خاھلىسا يېقىن كەلمەستىن پاك چېغىدا تالاق قىلىۋەتسۇن، مانا بۇ ئاللاھ ئاياللارنى شۇنىڭغا ئۇدۇللاپ تالاق قىلىشنى بۇيرۇغان ئىددەتتۇر» دېگەن.(1)
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا تالاق قىلىشنىڭ چەكلىنىش سەۋەبىنى مۇنداق تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ: ھەيز ۋە نىپاس ھالەتلىرىدە ئايالى بىلەن جىما قىلىش چەكلەنگەچكە، بەلكى ئەر كىشىنىڭ تالاق قىلىشىغا ئايالىغا يېقىنلىشالمىغانلىقى سەۋەبىدىن قوزغالغان ئاچچىقى تۈرتكە بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەقىقەتەن تالاق قىلماقچى بولغان كىشى ئايالىنىڭ ھەيزدىن پاكلىنىشىنى كۈتۈش ۋە پاكلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يېقىنلاشماستىن تالاق قىلىشقا بۇيرۇلغان. يېقىنلاشماي تالاق قىلغانلىقى ئايالى بىلەن راستىنلا بىرگە ئۆتۈشنى خاھلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنداقلا جىما قىلغان پاك ھالەتتىمۇ تالاق قىلىش ھارام قىلىنغان، كىم بىلىدۇ بەلكى مۇشۇ ئاخىرقى قېتىمدا ھامىلىدار بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئەر كىشى ئايالىنىڭ قورسىقىدا بالا بارلىقىنى بىلسە، ئايالىدىن ئايرىلىشتىن ۋاز كېچىپ، بالا ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۈنىڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە رازى بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر ئايال ھەيزدىن پاك بولۇپ، بۇ پاكلىق ھالىتىدە ئېرى ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىغان بولسا، ياكى ھامىلىدارلىقى ئېنىق بولسا، تالاق قىلىشنىڭ ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك نەپرەتتىن كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم بولىدۇ – دە، ئۇ چاغدا تالاق قىلىش قارارى توغرا بولغان بولىدۇ.
ئەمدى ئايالى ھەيزدار ھالەتتە قىلىنغان تالاق تالاق ھېسابلىنامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئاساسەن بارلىق ئالىملار ھەيزدار ھالەتتە تالاق چۈشىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئىجمائغا يېقىن بىر ئەھۋالدۇر. بۇنىڭدىن پەقەت ئەھلىسۈننەت جامائىتىدىن زاھىرىيلەر بىلەن ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئايرىلىپ چىقىۋالغان. ئەھلىسۈننەتتىن باشقا يەنە خاۋارىجلار بىلەن رافىزىيلار (شىئەلەر) شۇنداق قارىغان.
ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتىدۇ: «ئىمام خەتتابىي ھەيزدار ھالەتتە تالاق چۈشمەيدۇ دېگەن قاراشنى خاۋارىجلار بىلەن رافىزىيلاردىن نەقىل قىلغان. ئىبنى ئابدۇلبەر: ‹بۇ مەسىلىدە بىدئەت، زالالەت ۋە جاھالەت ئەھلىدىن باشقىلار خىلاپلىق قىلمايدۇ› دېگەن ۋە: ‹مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراش بەزى تابىئىنلاردىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ بارلىق ئالىملاردىن ئايرىلىپ چىقىۋېلىشتۇر› دېگەن. ئىبنۇلئەرەبىي ۋە باشقىلار بۇ قاراشنى ئىبراھىم ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى ئۇلەييەدىن ھىكايەت قىلغان بولۇپ، ئىمام شافىئىي ئۇنىڭ ھەققىدە: ‹ئىبراھىم ئازغۇنلار دەرۋازىسىدا ئولتۇرۇپ كىشىلەرنى ئازدۇرىدىغان ئازغۇن ئادەم› دېگەن».(2)
ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «پۈتۈن ئۈممەت ھامىلىدار بولمىغان ھەيزدار ئايالنى رازىلىقىسىز تالاق قىلىشنىڭ ھاراملىقىغا، تالاق قىلغان بولسا گۇناھكار بولىدىغانلىقىغا ۋە تالىقىنىڭ چۈشىدىغانلىقىغا، ئايالىنى ئەمرىگە قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇلىدىغانلىقىغا مۇشۇ ھەقتىكى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھەدىسىگە ئاساسەن بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. بەزى زاھىرىيلار بارلىق ئالىملاردىن ئايرىلىپ چىقىۋېلىپ: ‹بۇ ئىجازەت بېرىلمىگەن تالاق بولغاچقا، خۇددى يات ئايالنى تالاق قىلسا چۈشمىگىنىگە ئوخشاش چۈشمەيدۇ› دەپ تۇرۇۋالغان. توغرىسى، بىرىنچى قاراشتۇر، باشقا بارلىق ئالىملار شۇ قاراشنى تۇتقان».(3)
«ھەيزدارغا تالاق چۈشمەيدۇ» دېگەن قاراشنى زاھىرىيلاردىن ئىمام ئىبنى ھەزم «ئەلمۇھەللا» دېگەن كىتابىدا ياقلىغان.(4)
ئىمام ئىبنى ھەزم بەزى ساھابە – تابىئىنلاردىن بەزى سۆزلەرنى رىۋايەت قىلىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىدە «ئىجماﺋ يوق» دېمەكچى بولغان بولسىمۇ، مەزكۇر ساھابە – تابىئىنلاردىن رىۋايەت قىلىنغان قاراشلار ھەيزدار ھالەتتە تالاق قىلىنغان بولسا، تالاق ھېساب بولىدىغانلىقى، ئەمما تالاق قىلىنغان ئاشۇ بىر ھەيز ئىددەت توشقۇزۇشتا سانالمايدىغانلىقى، ئۇندىن باشقا ئۈچ ھەيز سانىلىدىغانلىقى ئېنىق ئىپادىلەنگەن، ئۇلاردىن ھەيز ھالىتىدە قىلىنغان تالاق ھېساب بولمايدۇ، دېگەن قاراش رىۋايەت قىلىنمىغان.
كېيىنچە، بۇ قاراشنى ئىمام ئىبنى تەيمىييە بىلەن شاگىرتى ئىمام ئىبنۇلقەييىم كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ،(5) ئەينى زاماندىكى نۇرغۇن ئالىملار بۇلارغا تولۇق رەددىيە قايتۇرغان.
دېمەك، ھازىر ئالدىمىزدا بىر ئىجماﺋ دەۋاسى بار، بۇ ئىجمائنى ئىبنۇلمۇنزىر «ئىشراف» دېگەن كىتابىدا، ئەبۇ ئۇبەيدە، قازى ئىياز، ئىبنى ئابدۇلبەر، ئىمام نەۋەۋىي، ھافىز ئىراقىي، ئىمام سۇبكىي، ھافىز ئىبنى ھەجەر قاتارلىق نۇرغۇن مۆتىۋەر ئالىملار نەقىل قىلغان. شۇنداقلا بەزىبىر شىئە ۋە زاھىرىيلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىختىلاپى ئىجمائغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، چۈنكى بۇلار ئىجماﺋ قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن باشقىچە قاراشنى كۆتۈرۈپ چىققان، دەپ قارىغان.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجىسىدە يا ساھابە، يا تابىئىنلاردىن «ھەيزدار ھالەتتىكى تالاق چۈشمەيدۇ» دېگەن قاراش كەلمىگەنلىكى چىقىدۇ. ئۇنداقتا، زاھىرىيلار ۋە باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشتا بولۇشى ئىجماﺋ يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن بولغان ئەھۋال، دېيىشكە بولىدۇ.
ئەمدى تالاق چۈشمەيدىغانلىقنىڭ دەلىلىگە كەلسەك، بۇ مەسىلىدە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئايالىنى تالاق قىلغاندىكى ئەھۋالنى بايان قىلغان «سەھىھۇلبۇخارىي»دىكى ھەدىس مەسىلىنى تېگىدىن ھەل قىلىدىغان، ئېھتىماللىقى يوق، كەسكىن دەلىلدۇر.
ئىمام بۇخارىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «سەھىھ»ىدە: «ھەيزدار ئايال تالاق قىلىنسا، بۇ تالاقنىڭمۇ تالاق ھېسابلىنىدىغانلىقى» دېگەن باب ئاستىدا مۇنداق رىۋايەت قىلغان:
ئەنەس ئىبنى سىرىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئىبنى ئۆمەر ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلىپ قويغاندا، ئۆمەر بۇ ئەھۋالنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەلۇم قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ: ‹ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكېلىۋالسۇن› دەپتۇ». ئەنەس ئىبنى سىرىن مۇنداق دەيدۇ: مەن:
— بۇ بىر تالاق ھېسابلىنامدۇ؟ — دېسەم، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما:
— ھېسابلانماي نېمە بولماقچى ئىدى؟ — دېدى.
بۇ ھەدىسنى يەنە قەتادە يۇنۇس ئىبنى جۇبەير ئارقىلىق ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ رىۋايەتىدە مۇنداق كەلگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنى بۇيرۇغىن، ئايالىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىۋالسۇن» دېگەن. يۇنۇس ئىبنى جۇبەير مۇنداق دەيدۇ: مەن:
— بۇ بىر تالاق ھېسابلىنامدۇ؟ — دېسەم، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما:
— ئېيتقىنە، ئەگەر قايتۇرۇپ ئەكېلەلمەي ئەخمەقلىق قىلغان بولسا، تالاق ھېسابلانماي نېمە بولماقچى ئىدى؟ — دېدى.(6)
يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەييۇب سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «(ئايالىمنى ھەيزدار ھالىتىدە قىلغان تالىقىم) بىر تالاق ھېسابلاندى» دېگەن.(7)
«مۇسلىم»دا كەلگەن بىر رىۋايەتتە: «ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: شۇنىڭ بىلەن مەن ئايالىمنى ئەمرىمگە قايتۇرۇۋالدىم، ئۇنىڭغا مەن قىلغان بىر تالاق ھېساب بولدى» دېگەن.(8)
ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتىدۇ: «ئىبنى ئەبى زىئب رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «ئۇ بىر تالاق» دەپ رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇ تالاش – تارتىش ئورنىدا ئېھتىماللىقى يوق ئېنىق دەلىل بولغاچقا، بۇنى تۇتۇش ۋاجىب بولىدۇ».(9)
شەيخ ئالبانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋەقەلىكىدە بىر تالاق چۈشكەنلىكى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ، بۇلارنىڭ سەھىھلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىمام ئىبنۇلقەييىمگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى خەبەر تاپمىغان رىۋايەتلەر بولۇپ، ئويلايمەنكى، ئەگەر ئۇنىڭدىن خەبەر تاپقان بولسا، ئىبنى ۋەھب رىۋايەتىگە قارىتا قىلغان گۇمانى يوقالغان بولاتتى، ھەيزدار تالاق قىلىنسا چۈشىدۇ، دەيدىغان قاراشنى تۇتقان بولاتتى».(10)
ھافىز ئىبنى رەجەب ئېيتىدۇ: «ئىمام ئەھمەدتىن: ‹ھارام قىلىنغان تالاق چۈشمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىغا خىلاپ› دېگەنلەر ھەققىدە سورالغاندا: ‹بۇ ناچار، يامان سۆز› دېگەن ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ۋەقەلىكىنى، ئۇنىڭ ئايالىنى ھەيزدار ھالەتتە قىلغان تالىقىنىڭ ھېساب بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان».(11)
يۇقىرىقىلاردىن ھەيزدار ھالەتتىكى تالاق ھېساب بولىدىغانلىقى، بۇ ئاساسەن ئۆز ۋاقتىدا ئىجما قىلىنغان مەسىلە ئىكەنلىكى ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 6 – رەجەب / م. 2011، 8 – ئىيۇن
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 113 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5251)؛ «مۇسلىم»، (1471). بۇ ھەدىستە ئايالىنى قايتۇرۇۋېلىپ، پاكلانغاندا تالاق قىلماستىن يەنە بىر ھەيز كۆرۈپ پاكلانغاندا ئاندىن تالاق قىلىشقا بۇيرۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئالىملار مۇنداق تۆت خىل تەھلىل قىلغان: 1. ئەمرىگە قايتۇرۇۋېلىش تالاق قىلىش مەقسىتىدە بولماسلىقى ئۈچۈن تالاق قىلىشى ھالال بولىدىغان بىر مۇددەت ئەمرىدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋاجىب بولغان. 2. قىلمىشىغا قارىتا جازالاش ۋە خاتالىقىنى تۈزىتىپ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن. 3. تالاق قىلغان ھەيزدارلىق مەزگىلى ئۇندىن ئىلگىرىكى پاكلىك مەزگىلى بىلەن بىرلىكتە بىر قۇرئى ھېسابىدا بولۇپ، ناۋادا پاكلىنىشىغا تالاق قىلغان ئەھۋالدا خۇددى ھەيزدار ھالەتتە تالاق قىلغان كىشىدەك بولۇپ قالاتتى. 4. پاكلىق ھالىتىدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنراق تۇرسا بەلكى بىللە بولۇپ قالسا تالاق قىلغاندىكى ئاچچىقى يېنىپ ئۆي تۇتۇپ قالسۇن دەپ دەسلەپ پاكلانغان چاغدا تالاق قىلىشتىن توسقان. قاراڭ: ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10/60، 61.
2. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/352 – 353.
3. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 10/60.
4. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 10/163.
5. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 33/72 ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 5/235.
6. «بۇخارىي»، (5252).
7. «بۇخارىي»، (5253).
8. «مۇسلىم»، (1471).
9. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/353.
10. ئالبانىي: «ئەلئىرۋاﺋ»، 7/135.
11. ھافىز ئىبنى رەجەب: «جامىئۇل ئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 1/65.