غەربىي ياۋروپادا سوھورلۇق ۋە ئىپتار ۋاقتى

غەربىي ياۋروپادا سوھورلۇق ۋە ئىپتار ۋاقتى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، غەربىي ياۋروپادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار يازلىق ۋاقىتنىڭ ئوخشاش بولۇشى ھەمدە ئۇ دۆلەتلەردە روزا تۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، كۈن پېتىش ۋاقتىنىڭ كېيىن بولۇشى سەۋەبلىك سوھۇرلۇق ۋە ئىپتار ۋاقتىنى مەككە ۋاقتى ياكى ئىتالىيەنىڭ رىم ۋاقتىنى قوللىنىپ روزا تۇتسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىيي ئاللاھقا بولسۇن. شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە تاكى قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد – سالاملار بولسۇن.

ياۋروپانىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى كۈندۈز ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ياكى كېچە ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن بولىدىغان دىيارلاردا ياز ئايلىرى بەزىدە كېچە پەقەتلا 2 – 3 سائەت بولىدۇ. روزا تۇتىدىغان كۈندۈز 21 – 22 سائەت بولىدۇ. قىش ئايلىرىدا ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەككەدە 15 سائەت روزا تۇتىدىغان چاغلاردا جەنۋە بىلەن پارىژ شەھەرلىرىدە 18 يېرىم سائەت روزا تۇتۇلىدۇ. بېرلىندا 19 سائەت، فىنلاندىيەنىڭ شىمالىدىكى ئولو شەھىرىدە 23 سائەتكە يېقىن روزا تۇتۇلىدۇ.

شىمالىي قۇتۇپتا بولسا كۈندۈز سوزۇلۇپ بىرقانچە ئاي بولۇپ كېتىدۇ. بەزى جايلاردا ئالتە ئاي كۈندۈز، ئالتە ئاي كېچە بولىدۇ. بۇ دىيارلاردىكى مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇش ۋە ئېغىز ئېچىشتا ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان بولغاچقا، ئالىملار بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن. ئالىملارنىڭ قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى: «بىر كۈن ئىچىدە كېچە بىلەن كۈندۈز ئايرىلىپ تۇرىدىغان دىيار بولسا، كۈندۈز ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن كۈندۈزدە روزا تۇتۇش لازىم. تۇتالماي قىينىلىپ قالىدىغانلار كېيىنچە، قىينالمايدىغان كۈنلەردە قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ» دەپ قارىغان. ئەمما، كۈندۈز بىرقانچە ئاي، كېچە بىرقانچە ئاي سوزۇلۇپ كېتىدىغان بولسا، «مەككە ۋاقتىغا ياكى ئاشۇ دىيارلارغا ئەڭ يېقىن كېچە – كۈندۈز ئايرىلىپ تۇرىدىغان جاينىڭ ۋاقتىغا مۆلچەرلەپ ئېغىز ئاچىدۇ» دەپ قارىغان.(1)

بۇ قاراشقا ئاساسەن، كېچە بىر سائەت بولسىمۇ بىر سائەت ئىچىدە ئىپتار بىلەن سوھۇرلۇق يەۋېلىپ، قالغان 23 سائەتتە روزا تۇتۇش لازىم. ئەمما، ئالتە ئاي كېچە، ئالتە ئاي كۈندۈز بولىدىغان جايدا مەككە ياكى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن نورمال ۋاقىتلىق دۆلەت ۋاقتىنى ھېسابلاپ ناماز ئوقۇسا، روزا تۇتسا بولىدۇ.

2. «ئەزھەر پەتۋا كومىتېتى» ۋە ئەزھەر ئالىملىرى: «يۇقىرىقىدەك دىيارلاردا سائەتنى مۆلچەرلەپ تۇرۇپ، كۈن ئاسماندىكى چاغ بولسىمۇ ئېغىز ئاچسا بولىدۇ» دەپ قارىغان.(2)

شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى ئالدىمىزغا ئەكېلىپ تۇرۇپ قارايدىغان بولساق، ئىككىنچى قاراش مۇۋاپىق كۆرۈنىدۇ. شەرىئەت ئىنساننى قىيناشنى كۆزلىمەيدۇ. بەش ۋاقىت نامازنى يېرىم سائەت ئىچىگە يىغىپ قويۇش ياكى بىر سائەت روزا تۇتۇپ، 23 سائەت ئېغىز ئېچىش ياكى ئەكسىچە قىلىش شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەيدۇ. تېببىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، 18 سائەتتىن زىيادە روزا تۇتۇش نورمال ھالەتلەردە ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق بولىدۇ. ئىنسان بەدىنىگە زىيان ئۇرۇش شەرىئەت كۆزلىگەن ئىش ئەمەس. ۋاقىتنىڭ بىنورمال بولۇشى ۋاقىت چەك – چېگراسى يوقاپ كەتكەن ئەھۋالغا ئوخشاش.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەججال ھەققىدە توختالغان، نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «بىز:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ زېمىندا قانچىلىك تۇرىدۇ؟ – دەپ سورىساق، رەسۇلۇللاھ:

— قىرىق كۈن. بىر كۈن بىر يىلدەك، بىر كۈن بىر ئايدەك، بىر كۈن بىر ھەپتىدەك، ئاندىن قالغان كۈنلىرى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردەك، – دېدى. بىز:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىر يىلدەك ئاشۇ بىر كۈندە بىزگە بىر كۈنلۈك ناماز كۇپايە قىلامدۇ؟ – دېسەك:

— ياق، ئۇنىڭغا ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار، – دېدى».(3)

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «›ئۇنىڭغا ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار‹ دېگەننىڭ مەنىسى: ھەر كۈنى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن پېشىن بولغۇچىلىك ۋاقىت ئۆتسە، پېشىننى ئوقۇڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسىر بولغۇچىلىك ۋاقىت ئۆتسە ئەسىرنى ئوقۇڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن شام بولغۇچىلىك ۋاقىت ئۆتسە شامنى ئوقۇڭلار، خۇپتەنمۇ شۇنداق. دېمەك، ئاشۇ ئۇزۇن كۈن ئاخىرلاشقۇچە بامدات، ئاندىن پېشىن، ئاندىن ئەسىر، ئاندىن شام، ئاندىن خۇپتەن ئوقۇيدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر يىللىق نامازنىڭ ھەممىسى ۋاقتىدا ئورۇندالغان پەرزلەر بولغان بولىدۇ».(4)

بۇنىڭغا ئاساسەن، بىر كۈندۈز بىر سوتكىدىن ئارتۇق داۋاملىشىدىغان دىيارلاردا بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، مەككەگە ياكى ئەڭ يېقىن نورمال ۋاقىتلىق شەھەر ۋاقتىغا قاراپ روزا تۇتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا كۈن ئاسماندىكى چاغدا ئىپتار ۋاقتى بولۇپ قالسىمۇ ئىپتار قىلىۋېرىدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق.

كېچە بىلەن كۈندۈز بىر سوتكا ئىچىدە كېلىدىغان شەھەرلەردە ئەھۋالغا قارايدۇ. روزا تۇتۇش ۋاقتى 17 – 18 سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولسا، روزىنى كۈن پاتقۇچە نورمال تۇتۇۋېرىدۇ. ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولسا مەسىلەن، 19 – 21 سائەت روزا تۇتىدىغان بولسا، ئاشۇ دىيارلاردا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كەتكەنلىكىدىن بەكلا قىينىلىپ كېتىدىغان بولسا، تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى قىلسا بولىدۇ:

1. مەككە مۇكەررەمە ۋاقتىنى ھېساب قىلىش. مەككەدە قانچە سائەت روزا تۇتۇلىدىغان بولسا، مەسىلەن، 14 سائەت روزا تۇتۇلىدىغان بولسا، تۇرۇۋاتقان دىياردا تاڭ ئاتقان چاغدا روزىنى باشلاپ، سائەتكە قاراپ تۇرۇپ 14 سائەت ئۆتكەندە ئېغىز ئېچىپ ئىپتار قىلسا بولىدۇ. بۇ چاغدا كۈن تېخى پاتمىغان بولسىمۇ مەيلى.

2. كېچە بىلەن كۈندۈز نورمال بولىدىغان ئەڭ يېقىن دىيارنىڭ ۋاقتىنى ھېساب قىلىش. مەسىلەن، ئىتالىيە دېسەك، ئۇ يەردە قانچە سائەت روزا تۇتۇلىدىغان بولسا، مىسالغا 12 سائەت روزا تۇتۇلىدىغان بولسا، تۇرۇۋاتقان دىياردا تاڭ ئاتقان چاغدا روزىنى باشلاپ، سائەتكە قاراپ تۇرۇپ 12 سائەت ئۆتكەندە ئېغىز ئېچىپ ئىپتار قىلسا بولىدۇ. بۇ چاغدا كۈن تېخى پاتمىغان بولسىمۇ مەيلى. لېكىن، بۇ ئىككىنچى قاراش بويىچە، ئەڭ يېقىن نورمال دۆلەت دەپ بىرەر دۆلەتنى بەلگىلەش تەس بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، شەھەرلەرنىڭ مەركىزى بولغان مەككەنى ئاساس قىلىش قولايراق.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 6 – رامازان / م. 2011، 6 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 91 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «لەجنە دائىمە پەتۋالىرى»، 10/114؛ «هيئة كبار العلماء»، 1398/4/12 – كۈنىدىكى 61 – نومۇرلۇق قارار. «ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى»غا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» 1402/4/10 – كۈنىدىكى 3 – نومۇرلۇق قارارغا قارالسۇن. لېكىن، ئاكادېمىيەنىڭ بۇ قارارى بىردەك ئىتتىپاق بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئېلىنغان. ئاز سانلىق بۇ قارارغا قوشۇلمىغان.
2. «ئەزھەر پەتۋا كومېتىتى»، 1983/4/24 – كۈنىدىكى پەتۋا بىلەن 1982/5/26 – كۈنىدىكى پەتۋا. «شەيخ جادۇلھەق پەتۋالىرى»، 1/539.
3. «مۇسلىم»، (2937).
4. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 18/66.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ