جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ روزا تۇتۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، جۇنۇپلۇقتىن يۇيۇنۇپ بولغىچە تاڭ ئېتىپ قالسا روزا توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

جۇنۇپلۇق دېگەن يا ھەيز، يا نىپاس بولىدۇ، بۇ ئاياللاردىلا كۆرىلىدۇ. ياكى جىما قىلىش، ئېھتىلام بولۇش ياكى ئويغاق چاغدا شەھۋەت بىلەن مەنىي چىقىش بولىدۇ. بۇ ئەر ۋە ئاياللاردا ئوخشاش كۆرىلىدۇ.

ھەيز بىلەن نىپاس بار ھالەتتە تاڭ ئاتسا روزا تۇتۇش ھارام بولىدۇ، شۇنداق ھالەتتە ئايال كىشى روزا تۇتسا روزىسى توغرا بولماسلىق بىلەن بىللە گۇناھ ئىش قىلغان بولىدۇ، لېكىن تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن قان پۈتۈنلەي توختاپ بولسا، ئاندىن تاڭ ئاتقاندىن كېيىن يۇيۇنسا، بۇ ئەھۋالدا روزىسى توغرا بولىدۇ. چۈنكى، روزا تۇتۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇش شەرت ئەمەس، ئەمما ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇش شەرت.

ئەمما، ھەيز ۋە نىپاستىن باشقا ئەر ۋە ئاياللاردا ئورتاق كۆرۈلىدىغان باشقا جۇنۇپلۇقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا مەسىلەن، جىما ياكى ئېھتىلامدىن كېيىن غۇسلىدىن بۇرۇن تاڭ ئېتىپ قالسا، تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ.

ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالار رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى بىلەن بىللە بولۇپ جۇنۇپ ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزۇپ غۇسلى قىلىپ روزا تۇتۇۋېرەتتى». ئىمام مۇسلىم ھەزرىتى ئۇممى سەلەمە رىۋايىتىدە: «قازاسىنىمۇ قىلمايتتى» دەپ ئارتۇق رىۋايەت قىلغان.(1)

بۇ ھەدىس تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى بىلدۈرىدۇ:

1. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىدە جىما قىلاتتى. بەزىدە ئۇ تېخى يۇيۇنمىغان جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالاتتى. (ياكى بامداتقا ئەزان چىقىپ قالاتتى) شۇنداق ھالەتتە ئۇ روزا تۇتۇۋېرىپ ئاندىن ئەزان چىقىپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇناتتى – دە، روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتى، قازا قىلمايتتى.

2. بۇ رامىزان روزىسى بولسۇن باشقا چاغلاردىكى روزا بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىي بىر ھۆكۈم. ئىمام ئىبنى كەسىر: «بۇ تۆت ئىمامنىڭ شۇنداقلا ئىلگىرى ۋە كېيىنكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر». دېدى.(2)

3. كېچىدە جىما ياكى باشقا سەۋەبتىن جۇنۇپ بولۇپ قالغانلارنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ.

4. جىمادىن يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن روزا تۇتسا توغرا بولسا، باشقا تۈرلۈك جۇنۇپلۇقتا يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن روزا تۇتسا ئەلۋەتتە توغرا بولىدۇ.

5. بۇ مەسىلىدە رامىزاندەك ۋاجىپ روزا بىلەن باشقا نەپلە روزىلار ئوخشاش.

6. رامىزان كېچىلىرىدە تاڭ ئېتىشتىن سەل بۇرۇن جىما قىلىشقا بولىدۇ.

7. جىمادا تاڭ ئېتىپ قالسا (ياكى بامداتقا ئەزان ئوقۇلۇپ قالسا) دەرھال جىمانى توختىتىشى كېرەك. توختىتىۋالسا قازا قىلىش ياكى كاپارەت بېرىش كەتمەيدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى. بىر قىسىم ئالىملار توختىتىۋالسىمۇ قازا قىلىش ۋە كاپارەت بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، دەپ قارىغان.(3)

جانابى ئاللاھنىڭ: [روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر. ئاللاھ ئۆزەڭلارنىڭ ئۆزەڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى، روزا كېچىسىدە يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى بۇندىن كېيىن رامىزان كېچىلىرىدە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە پۈتكەننى تەلەپ قىلىڭلار] دېگەن ئايىتىمۇ،(4) جۇنۇپ ھالەتتە روزا تۇتۇپ ئاندىن غۇسلىغا دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر جىما قىلىش مۇباھ بولىدىكەن روزا تۇتقان كىشى غۇسلىسىز ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ قېلىشى چوقۇم، شۇڭا، ئۇنىڭ روزىسى توغرا بولۇۋېرىدۇ. جۇنۇپلۇق روزا تۇتۇشقا توسالغۇ بولالمايدۇ.(5)

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 8. 12

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 92 – نومۇرلۇق پەتۋا.

 

——————————————————-
1. سەھىھەين: «بۇخارى»، 1925ـ 1926 – ھەدىسلەر. «مۇسلىم»، 1109 – ھەدىس.
2. «تفسير ابن كثير» 1/223.
3. «المغني»، 3/29 «مواهب الجليل»، 3/45 «المحلى»، 6/229.
4. «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
5. «المجموع»، 6/309.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز