سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بالىياتقۇغا دورا سېلىپ داۋالاش روزىغا دەخلى يەتكۈزەمدۇ؟ ئەگەر روزىغا دەخلى يەتكۈزسە، داۋالىنىدىغان كۈنىدە روزا تۇتماي، داۋالىنىش تاماملانغاندا قازاسىنى قىلىۋالسا بولامدۇ؟ قازاسىنى قانداق قىلىدۇ؟ ئاللاھ ئەجىر ئەزىم ئاتا قىلغاي!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
بەزىدە ئايال كىشى بىرەر كېسەللىكتىن داۋالىنىش ئۈچۈن ئالدى تەرەپتىن دورا سېلىپ ياكى سۇ ماڭغۇزۇپ ياكى دۇربۇن كىرگۈزۈپ ياكى تېببىي ئۈسكۈنە سېلىپ ياكى بارماق سېلىپ داۋالىنىشى ۋە تەكشۈرتۈشى كېرەك بولىدۇ.
ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ بەزىلىرى بۇنداق ئەھۋالدا روزا سۇنىدۇ، قازاسىنى قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن بىر كۈنگە بىر كۈن قازا قىلسا بولىدۇ. بىرنەچچە كۈننىڭ قازاسىنى قىلغاندا ئارقا – ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتمىسىمۇ بولىدۇ.
يەنە بىر قىسىم ئالىملار: بۇ تۈرلۈك داۋالىنىشلار روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى روزىنى پەقەتلا ئاشقازانغا كىرگەن نەرسە بۇزۇۋېتىدۇ. ئالدى تەرەپتىن داۋالىنىش ئۈچۈن ماڭغۇزىدىغان دورا ياكى سۇيۇقلۇق بالىياتقۇغا بارسىمۇ ئاشقازانغا بارمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يېمەك – ئىچمەك قاتارىدىكى ئوزۇقلۇق ئەمەس، دەپ قارايدۇ.
ھازىرقى زامان تېببىي تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ئاياللارنىڭ تاناسىل ئەزاسى بىلەن ئاشقازان ئۆتۈشمە تۇتاش بولمىغاچقا، بالىياتقۇ قاتارلىق ئەزالارنى ئېغىزغا ئوخشاش سىرتقى ئەزا قاتارىغا كىرگۈزسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللارنىڭ تاناسىل ئەزاسىغا ياكى بالىياتقۇسىغا ياكى سۈيدۈك يولىغا دورا سالسا ياكى سۇيۇقلۇق ماڭغۇزسا روزىنى سۇندۇرىدۇ، دەپ ئالاھىدە بىر دەلىل كەلمىگەن. ئالدى تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك دەلىل پەقەتلا جىما قىلسا روزا بۇزۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا روزا سۇنمايدۇ، دېگەن قاراش توغرا قاراشتۇر.
«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ھىجرىيە 1418 – يىلى سەفەر ئېيىنىڭ 23 – 28 – كۈنلىرى جىددە شەھىرىدە ئاچقان 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا تېببىي خادىملار بىلەن فەقىھلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا روزىنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن:
1. كۆزگە، بۇرۇنغا، قۇلاققا تامچىلىتىدىغان دورا، قۇلاق چايقاش، بۇرۇنغا پۈركۈيدىغان دورا، ئەلبەتتە، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتماسلىق شەرتى بىلەن.
2. تىل ئاستىغا قويىدىغان تابلىېتكىلار گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتماسلىق شەرتى بىلەن.
3. ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە سېلىنىدىغان دورا، چايقايدىغان سۇيۇقلۇق، تېببىي تەكشۈرۈش ئۈچۈن دۇربۇن ياكى بارماق كىرگۈزۈش.
4. دۇربۇن ياكى ئۈزۈك قاتارلىقلارنى بالىياتقۇغا كىرگۈزۈش.
5. ئەر ياكى ئايالنىڭ سۈيدۈك يولىغا كىرىدىغان تۇرۇبا ياكى دۇربۇن ياكى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن سايىدىتىدىغان رەڭ، ياكى دورا ياكى دوۋساق، سۈيدۈك خالتىلىرىنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى.
6. چىشنى قېزىش، ئېزىق چىشنى قومۇرۇۋېتىش، چىشلارنى تازىلاش، مىسۋاك ياكى چىش چوتكىسى ئىشلىتىش. ئەلبەتتە، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتماسلىق شەرتى بىلەن.
7. غارغار قىلىش، ئاغزىنى چايقاش، ئېغىزغا پۈركەيدىغان دورا. ئەلبەتتە، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتماسلىق شەرتى بىلەن.
8. كاسسىغا ياكى مۇسكۇلغا ياكى تېرە ئاستىغا ئۇرىدىغان ئوكۇللار. ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى سۇيۇقلۇق ياكى ئوكۇللار بۇنىڭ سىرتىدا.
9. كىسلورود (ئوكسىگېن).
10. بىمارنى مەست قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان گازلار. سۇيۇقلۇق ئۇرمىغان تەقدىردە.
11. تېرە سۈمۈرۈشى ئارقىلىق جىسىمغا كىرىدىغان خىمىيەۋى ماددىلار يۇقتۇرۇلغان ياغ، ماي، مەلھەم، چاپلاق دورىلار.
12. يۈرەك ياكى باشقا ئەزالارنى سۈرەتكە ئېلىش ياكى داۋالاش ئۈچۈن تومۇرغا ئىنچىكە نەيچە كىرگۈزۈش.
13. ئۈچەي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەزالارنى تەكشۈرۈش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچۈن قورساققا دۇربۇن كىرگۈزۈش.
14. سۇيۇقلۇق كىرگۈزمەستىن جىگەر ۋە باشقا ئەزالاردىن بىر پارچە كېسىپ ئېلىش.
15. سۇيۇقلۇق ياكى باشقا ماددا كىرگۈزمەستىن ئاشقازانغا دۇربۇن كىرگۈزۈش.
16. مېڭە ياكى يۇلۇنغا ئوخشىغان يەرلەرگە دورا ياكى سايمان كىرگۈزۈش.
17. ئىختىيارسىز قەي قىلىش.
18. مۇسۇلمان دوختۇر يۇقىرىقى داۋالىنىش ۋە تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەھۋاللاردا كېچىكتۈرسە زىيىنى بولمايدىغان بولسا، بىمارغا داۋالىنىشنى ئىپتاردىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشى كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 12 – رامازان / م. 2011، 12 – ئاۋغۇست
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 90 – نومۇرلۇق پەتۋا.