ئادەملەرنىڭ سۈرىتى بار ۋە ئاللاھنىڭ نامى زىكىر قىلىنغان ۋاراقچىلارنى كۆيدۈرۈش

ئادەملەرنىڭ سۈرىتى بار ۋە ئاللاھنىڭ نامى زىكىر قىلىنغان ۋاراقچىلارنى كۆيدۈرۈش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، باشقىلار مەندىن ئادەملەرنىڭ سۈرىتى ۋە ئاللاھنىڭ نامى بار ۋاراقچىلارنى كۆيدۈرۈشكە بولامدۇ؟ دەپ سورىغانتى. نېمە دەيمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرى، ئايەتلىرى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۇلۇغلاشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بارلىق ئالىملار ئايەتلەر ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرى يېزىلغان قەغەز – كىتابلارنى ھۆرمەتلەشنىڭ ۋاجىبلىقىنى تەكىتلىگەن.

يىرتىلغان، پايدىلانغىلى بولمايدىغان ئايەت، ھەدىس شېرىپ ۋە ئاللاھنىڭ نامى – سۈپەتلىرى يېزىلغان ۋاراقلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش ياكى پاك زېمىنغا كۆمۈۋېتىش ياكى ئوقۇغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۇششاق پارچىلاپ ياكى سۇغا چىلاپ خېتىنى چىقىرىۋېتىش ياكى ئۆچۈرۈۋېتىش جائىز ئىش.

ئالىملار يەنە كۆيدۈرۈۋېتىش ئەۋزەلمۇ ياكى يۇيۇپ خېتىنى چىقىرىۋېتىش ئەۋزەلمۇ ياكى كۆمۈۋېتىش ئەۋزەلمۇ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشقان بولۇپ، ئەڭ ئەۋزىلى ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىلغاندەك كۆيدۈرۈۋېتىشتۇر.

ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زەيد ئىبنى سابىت، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير، سەئىد ئىبنى ئاس ۋە ئابدۇراھمان ئىبنى ھارىس ئىبنى ھىشاملارنى سەھىپىلەردىكى ئايەتلەرنى كۆچۈرۈشكە، ئۇنى قۇرەيش لەھجە (شىۋە) سى بويىچە يېزىشقا بۇيرۇغاندا ئۇلار ھەزرىتى ئوسماننىڭ دېگىنىدەك قىلدى. ئايەتلەر رەتلىنىپ، كۆچۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەسلى نۇسخىسىنى ئوسمان ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قايتۇرۇپ بەردى ۋە ھەرقايسى يۇرتلارغا ئۇلار كۆچۈرگەن نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق نۇسخىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرىدى.(1)

بۇ ۋەقە نۇرغۇن ساھابەلەر بار چاغدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن ھېچكىم بۇ ئىشقا ئېتىراز بىلدۈرمىگەن. ئىمام ئىبنى بەتتال بۇ ئەسەرنى شەرھلەپ: «بۇ ھەدىستە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ ئىسمى بولغان قەغەز – كىتابلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنىڭ جائىزلىقى، بۇنداق قىلىش ئۇنى ئىززەتلىگەنلىك، دەسسىلىشتىن ساقلىغانلىق بولىدىغانلىقى ئاياندۇر» دېگەن.(2)

يۇقىرىقى ھەدىستىكى «كۆيدۈرۈۋېتىشكە» دېگەن سۆز «تېشىۋېتىشكە» دەپمۇ رىۋايەت قىلىنغان(3) بولۇپ، بۇ رىۋايەت ئوقۇلمايدىغان قىلىپ ئۆتمە – تۆشۈك قىلىۋېتىشنىڭ ۋە ئۇششاق كېسىۋېتىشنىڭ جائىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇرۋە، تاۋۇس قاتارلىق بەزى تابىئىنلارمۇ «بىسمىللاھ» يېزىلغان خەت – چەكلەر يىغىلىپ قالسا ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.(4)

ئادىمىزات سۈرەتلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىشمۇ جائىز.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 8 – رەجەب / م. 2010، 20 – ئىيۇن

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 9 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «بۇخارىي»، (4987).
2. ئىبنى بەتتال: «شەرھۇ سەھىھىل بۇخارىي»، 10/226.
3. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/20.
4. «ئابدۇرراززاق»، (20901، 20902).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ