سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىسىدە مۇنداق بىر گەپنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم، يەنى ﴿بىز سىلەرنى … قىلىپ يارىتىپ قويدۇق﴾ دەپ كۆپلۈك ئالمىشى يېزىلغان ئىكەن. بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
«قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىنغاندۇر. ئەرەب تىلى ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا بىرىنچى شەخسكە ئۇلۇغلاش ياكى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن ياكى مۇبالىغە قىلىش ئۈچۈن كۆپلۈك ئالمىشىنى قوللىنىدىغان ئادەت بار. يەنە تېخى ئۆزىگە خۇددى باشقا بىر شەخسكە خىتاب قىلىۋاتقاندەك خىتاب قىلىش ياكى بىرىنچى شەخسكە ئۈچىنچى شەخسكە خاس بولغان (ئۇ) دېگەن ئالماشنى تەجرىيد ئۇسلۇبى(1) ئارقىلىق ئىشلىتىشمۇ بار. شۇڭا، جانابىي ئاللاھ تائالا ۋەتەقەددەس «قۇرئان كەرىم»نىڭ بەزى ئايەتلىرىدە «ئىننا»، يەنى «چوقوم بىز» يەنە بەزى ئايەتلىرىدە «نەھنۇ»، يەنى «بىز» دېگەن سۆزنى كەلتۈرگەن. بۇ جانابىي ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما، ھېچقايسى ئايەتتە ئەرەب تىلىدىكى ئىككى كىشىگە خاس «مۇسەننە» ئالماشنى ئىشلەتمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ بىردۇر، تەڭداشسىزدۇر.
ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە: « ‹قەدر› سۈرىسى 1 – ئايەتتىكى: ‹ئەنزەلناھۇ› دېگەن ئىبارە ئەمەلىيەتتە، نازىل قىلغۇچى يالغۇز ئاللاھ بولسىمۇ، كۆپلۈك ھالىتىدە كەلگەن، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەرەبلەر تېخىمۇ تەكىتلىك، تېخىمۇ مۇستەھكەم بولسۇن ئۈچۈن بىرسىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى تەكىتلەش ئۈچۈن كۆپلۈك سۆزىنى ئىشلىتىدۇ» دېگەن.(2)
ئىمام ئەينىي بۇنى: «بۇ تەرىقىدە بىرلىكنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلگەن كۆپلۈك ئەرەب تىلشۇناسلار قوللىنىشىدا ‹ئۇلۇغلاش كۆپلۈكى› دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ شەرھلەيدۇ.(3)
ئۇيغۇر تىلىدىمۇ يالغۇز كىشى پو ئاتقاندا، ئۆزىنى چوڭ تۇتقاندا: «بىز دېگەن ئۇنداق قىلىۋەتتۇق» «بىز بۇنداق قىلىۋېتىمىز» «بىز بارغۇ؟ مۇنداق قىلىدىغان ئادەملەر جۇمۇ؟» دېگەندەك كۆپلۈك ئالمىشىنى ئىشلىتىدۇ. بەزى پادىشاھ، رەئىسلەرمۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلىقتىن ئۆزىگە «بىز» دېگەن ئالماشنى ئىشلىتىدۇ. بۇنى ئازغىنە تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلار بىلىدۇ.
دېمەك، «قۇرئان كەرىم»دە «بىز» دەپ كۆپلۈك ئالمىشىنى ئىشلىتىش كۆپلۈكنى ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، شەنىنىڭ يۇقىرى، كاتتىلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1428، 24 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2007، 11 – ماي
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 8 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. بۇ يەردىكى «تەجرىيد ئۇسلۇبى» ئەرەب تىلى ئىستىلىستىكىسىنىڭ 3 – قىسمىدىكى «مۇھەسسىنات لەفزىييە»دىن بولغان مۇبالىغىنى كۆرسىتىدۇ.
2. «بۇخارىي». تەفسىرلەر بۆلۈمى، «ئىننا ئەنزەلناھۇ» سۈرىسىنىڭ تەفسىرى بابى.
3. ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 19/309.