سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! بىز «ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائە» ئەمەل جەھەتتە تۆتكە بۆلۈنىدىكەنمىز. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈف «ناماز» دېگەن كىتابىدا ناھايىتى ياخشى شەرھلەپ بېرىپتىكەن. ئەمدى ئەقىدە جەھەتتىنمۇ ماتۇرىدىي، ئەشئەرىي ۋە سەلەفىي دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدىكەنمىز. نېمە ئۈچۈن بىز ئەقىدە جەھەتتىنمۇ ئۈچكە بۆلۈنۈپ كەتكەن؟ بۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ئۇچرىتالمىدىم. رەنجىمەي قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ بۇنىڭ سەۋەبىنى ۋە جەريانلىرىنى قىسقىچە شەرھلەپ بەرگەن بولسىلىرى. ئاللاھ ئىلىملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن! ئىككى دۇنيالىق ئەزىز قىلسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، ئەقىدە دېگەن: ئىنسان كەسكىن ئىشەنگەن، تولۇق قانائەتلەنگەن ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرىدىغان غەيبىي ئىشلار بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئۆزى ئىسلام مەنبەلىرىدە كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئىسلام مەنبەلىرى بولغان «قۇرئان» بىلەن سەھىھ ھەدىسلەردە «ئىمان» دېگەن كەلىمە كەلگەن. مىسالغا ئالساق جانابىي ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿پەيغەمبەرمۇ، مۇئمىنلەرمۇ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغانغا ئىمان كەلتۈردى﴾(2/«بەقەرە»: 285) دەپ كۆرسەتكەن.
جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئىماننى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: «ئىمان دېگەن ئاللاھقا، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە، شۇنداقلا ياخشىسى بولسۇن، يامىنى بولسۇن قەدەرگە ئىشىنىشىڭ» دەپ ئۆگەتكەن.(1)
قانداقلا بولمىسۇن «ئەقىدە» دېگەن سۆز ھازىر بىر ئىستىلاھقا ئايلىنىپ قالدى. ئەمدى بىز ئەقىدىنى ئىسلام دىنى بىزدىن ئىشىنىشنى تەلەپ قىلغان نەرسە دەپ قارىساق، بۇ چاغدا ئەقىدە يۇقىرىقى ھەدىستىكى ئىماننى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مۇشۇ ئەقىدىنى قوبۇل قىلماي قالسا، كىشى كافىر بولۇپ كېتىدۇ.
ناۋادا ئەقىدىنى ئېتىقاد قىلىش كېرەك بولغان يۇقىرىقى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۇتاش مەسىلىلەرنىڭ جۇغلانمىسى دەپ قارىساق، بۇ چاغدا ئەقىدە يۇقىرىقى ئاشۇ ئىماننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە يەنە ئۇنىڭغا قېتىپ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزىبىر تەپسىلاتلار، ئىختىلاپ قىلسا چوڭ چاتاق چىقمايدىغان، كۆزقاراش ئوخشاش بولماي قالىدىغان ئىجتىھادىي مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇنداق بولغان ئىكەن، بىرىنچى تۈرلۈك ئەقىدىدە ئەھلىسۈننەت مەزھەب – ئېقىملىرى ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق. ئىككىنچى تۈرلۈك ئىجتىھادىي ئەقىدىدە ئاندىن ئېقىملارغا بۆلۈنۈش پەيدا بولغان، پەيدا بولۇشىمۇ تەبىئىي ئەھۋال.
بۇنداق ئىجتىھادىي ئەقىدە مەسىلىلىرىگە بىرقانچە مىسال بېرەيلى:
1 – ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئۇنى تەئۋىل قىلىش(2) مەسىلىسى. بۇمۇ ئىككىنچى تۈردىكى ئىجتىھادىي مەسىلە. ئالايلۇق بىر ھەدىستە ھەقتائالا ئېيتىدۇ: «ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن».(3)
بۇ ھەدىستىكى يېقىنلىشىش جىسمانىي يېقىنلىشىشمۇ ياكى مەنىۋى يېقىنلىشىشمۇ؟ ئاللاھ تائالا يۈگۈرەمدۇ؟ قانداق چۈشنىش كېرەك؟
2 – ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇ كۈندە پاچاق ئېچىلىدۇ﴾(68/«قەلەم»: 13) دېگەن سۆزىدىن مەقسەت ئاللاھنىڭ پاچىقىمۇ ياكى بۇ شۇ پەيتتىكى دەھشەت ۋە جىددىيچىلىكنى بىلدۈرەمدۇ؟
3 – قەبردە ئازاب بارمۇ؟ قەبر ئازابى بەدەنگىلا بولامدۇ ياكى مەنىۋىيمۇ؟
4 – رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېراج كېچىسى پەرۋەردىگارىنى كۆزى بىلەن كۆرگەنمۇ؟ (بۇنىڭدا ساھابە كىراملار ئوتتۇرىدىمۇ كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى بولغان)
5 – دوزاخ بىلەن جەننەت مەڭگۈمۇ ياكى ۋاقىتلىقمۇ؟
6 – ئەمەللەرنى تارازىدا ئۆلچەش. تارازىنىڭ ئىككى تەخسىسى بارمۇ؟ ئۆلچەنگەن شەيئى ئەمەللەرنىڭ ئۆزىمۇ ياكى ساۋابىمۇ؟
7 – ئۆلۈكلەر تىرىكلەرنىڭ، زىيارەتچىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرامدۇ ياكى ئاڭلىمامدۇ؟ (بۇنىڭدا ساھابە كىراملار ئوتتۇرىدىمۇ كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى بولغان)
مانا مۇشۇنداق جۈزئىي مەسىلىلەردە ئەھلىسۈننەت ئېقىملىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ بولۇشى مۇمكىن.
بۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەردە ئىختىلاپ يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ. مەسىلەن:
1. دەلىل ئېنىق بولماسلىق. يۇقىرىقى بەزى ئايەت – ھەدىسلەردىكىدەك ئايەت ۋە ھەدىس ئۆزى سابىت بولغىنى بىلەن دالالىتى ئېھتىماللىق بولىدۇ.
2. دەلىل بىر – بىرىگە قارىمۇقارشى كۆرۈنۈپ قېلىش. مەسىلەن قىيامەت كۈنى بەندە قىلمىشىدىن سورىلىدۇ ۋە سورالمايدۇ دېگەندەك. بەندە رەببىنى كۆرىدۇ ياكى كۆرمەيدۇ دېگەندەك مەسىلىلەردە شۇنداق ئەھۋال مەۋجۇد.
3. چۈشىنىش، تەپەككۇر ئۇسۇلى ئوخشىماسلىق.
4. نەپسى خاھىشقا ئەگىشىپ قېلىش قاتارلىقلار.
ئەمما، بۇ بۆلۈنۈشنىڭ جەريانىغا كەلسەك، دەسلەپكى ئەسرى سائادەتتە ياشاشقا مۇيەسسەر بولغان ساھابە كىراملار ئارىسىدا بىرقانچە جۈزئىي مەسىلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ئىختىلاپ بولمىغان. كېيىن ئىسلام تېررىتورىيەسى كېڭىيىپ باشقا مەدەنىيەتلەرگە تەۋە بولغان نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تۈرلۈك ئىزدىنىش ئۇسۇللىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. پىكرىي ساھە ئىلگىرىكى ساپ ھەم ئاددىي – ساددىلىقىدىن ھالقىپ ئىنتايىن مۇرەككەپلەشتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسلام دۆلىتىدە ياشىغانلار پىكىر ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولغاچقا، ئازادە ئىزدىنىپ تەپەككۈر قىلىپ ئۆز كۆزقارىشىنى جاكارلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇرۇن دۇچ كېلىپ باقمىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. يېڭى ئىلىملەر پەيدا بولدى. ئاستا – ئاستا تۈرلۈك ئېقىم – مەزھەبلەر شەكىللەندى. ئالىملار، تالىبلار ۋە مەدرىسىلەر ئارا بەس – مۇنازىرىلەر بولدى.
نەتىجىدە، ئىراق، ماۋارائۇننەھر، شام ۋە مىسىر دىيارلىرىدا ئەشئەرىيلەر، ماتۇرىيدىيلار ۋە ئەھلى ھەدىسلەردىن تەركىب تاپقان ئەھلىسۈننەت ئېقىمى بارلىق قالايمىقان ئېقىملارغا تاقابىل تۇرۇپ كەلدى. ھازىرغا قەدەر ئەھلىسۈننەت ئېقىمىنىڭ بۇ ئۈچ تارمىقى ئوتتۇرىدىكى تالاش – تارتىش ئاساسەن ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە بولۇپ، كىشىنى يا ئۇيان يا بۇيان قىلىۋېتىدىغان چوڭ مەسىلىلەرگە بېرىپ يەتمىدى. شۇڭا، بۇلار ئوتتۇرىسىدا ئاساسلىق تۈپ مەسىلىلەردە ئەقىدە پەرقى يوق. لېكىن، ئەپسۇس سەلەفىي ئېقىمغا مەنسۇپ بەزىبىر ياشلىرىمىز تەئۋىل مەسىلىسىدەك بەزى مەسىلىلەرنى ئەقىدىنىڭ ئىجتىھاد قىلىشقا بولمايدىغان چوڭ مەسىلىلىرىگە ئايلاندۇرۇۋېلىپ، ئەشئەرىي ياكى ماتۇرىيدىي ئېقىمىنى ئازغۇن دەپ قارايدىغان بولۇۋالماقتا. بۇ ئەمەلىيەتتە، مەسىلىنى ئۆز ئورنىغا قويمىغانلىقتىن كېلىپ چىققاندۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 22 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 26 – ئاپرېل
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 25 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «مۇسلىم»، (8).
2. تەئۋىل (التَّأْوِيلُ): ئەرەب تىلىدا: «ئەۋۋەلىگە قايتۇرماق، ئاقىۋىتى ۋە بارىدىغان جايى» مەنىسىدە بولۇپ، ئىستىلاھتا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بىرى، «تەفسىر» مەنىسىدە. يەنە بىرى، «سۆزنىڭ ئېھتىماللىق مەنىسى كىتاب ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىق دەپ قارالسا، سۆزنى ئۆزىنىڭ زاھىر مەنىسىدىن ئېھتىماللىق مەنىسىگە قايتۇرۇش» دېمەكتۇر. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ (ئاللاھ ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىدۇ)﴾(30/«رۇم»: 19) دېگەن سۆزىگە ئوخشاش بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭدىن تۇخۇمدىن قۇشنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقى ئىرادە قىلىنسا، بۇ تەپسىر بولىدۇ، ئەگەر كافىردىن مۇئمىننىڭ چىقىرىلىدىغانلىقى ياكى جاھىلدىن ئالىمنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقى ئىرادە قىلىنسا، بۇ تەئۋىل بولىدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 72 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 327 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (7536). «مۇسلىم»، (2675).