سېھىرگەرنىڭ ئالدىغا بېرىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالغان بىر كىشىنى سېھىرنى ياخشى بىلىدىغان بىرسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، ئۇنىڭدىكى ئىللەتنىڭ سېھىر سەۋەبىدىن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ئۇقۇپ باقسام بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

سېھىرگەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ بېقىشقىمۇ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنىشكىمۇ، سېھىر قىلىنغان كىشىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئاپىرىشقىمۇ بولمايدۇ.

كېلەچەكتە بولىدىغان ئىشلارنى، غەيبنى بىلىشنى دەۋا قىلىدىغان پالچى، رەممال، مۇنەججىم دېگەندەك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ھەقتە سېھىرگەرگە ئوخشاش.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: بەزى كىشىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن پالچىلار توغرىسىدا سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارنىڭ سۆزى ئاساسسىز» دېدى. ئۇلار: پالچىلار بەزىدە بىزگە بىرەر ئىشنى دېسە، راستىنلا ئۇلار دېگەندەك بولۇپ چىقىدۇ، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئاشۇ بىر ئېغىز سۆز راستتۇر، ئاشۇ سۆزنى جىنلار ئاڭلاپ قاچىدۇ، ئاندىن ئۇنى يېقىنلىرىنىڭ قۇلىقىغا ئەكىلىپ تۆكىدۇ، ئۇلار ئاڭلىغان بۇ خەۋەرگە يۈز يالغاننى قاتىدۇ» دېدى.(1)

ئاغرىپ قالغان كىشىنى دوختۇرلارغا كۆرسىتىش لازىم، ئەگەر دوختۇرلار كېسىلىنى تاپالىغان تەقدىردە، كېسەلنى داۋالاش بىلەن بىرگە بىمارغا ھەدىسلەردە كەلگەن دۇئالارنى ئوقۇپ قويسا بولىدۇ. كېسىلىنى تاپالمىغان تەقدىردىمۇ بىمارنى سالىھ تەقۋادار بىر كىشىنىڭ قېشىغا ئاپارسا، ئۇ كىشى ئۇنىڭغا ھەدىسلەردە كەلگەن دۇئالارنى ئوقۇپ قويسا بولىدۇ. ياكى ئۆزى ئوقۇپ ھۈرۈپ قويسىمۇ بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2010. 9. 25

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 26 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————–

1. «بۇخارىي»، 5762 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.