ئەقىدە دېگەن: ئىنسان كەسكىن ئىشەنگەن، تولۇق قانائەتلەنگەن ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرىدىغان غەيبىي ئىشلار بولۇپ

بىز نېمە ئۈچۈن ئەقىدە جەھەتتىنمۇ ئۈچكە بۆلۈنۈپ كەتكەن؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! بىز ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەمەل جەھەتتە تۆتكە بۆلۈنىدىكەنمىز. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ «ناماز» دېگەن كىتابىدا ناھايىتى ياخشى شەرھىلەپ بېرىپتىكەن. ئەمدى ئەقىدە جەھەتتىنمۇ ئۈچكە بۆلۈنىدىكەنمىز. يەنى، 1 – ماتۇرىدىي 2 – ئەشئەرىي 3 – سەلەفىي. بىز نېمە ئۈچۈن ئەقىدە جەھەتتىنمۇ ئۈچكە بۆلۈنۈپ كەتكەن؟ بۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ئۇچرىتالمىدىم. رەنجىمەي قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ بۇنىڭ سەۋەبىنى ۋە جەريانلىرىنى قىسقىچە شەرھلەپ بەرگەن بولسىلىرى. ئاللاھ ئىلىملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن! ئىككى دۇنيالىق ئەزىز قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، ئەقىدە دېگەن: ئىنسان كەسكىن ئىشەنگەن، تولۇق قانائەتلەنگەن ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرىدىغان غەيبىي ئىشلار بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئۆزى ئىسلام مەنبەلىرىدە كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئىسلام مەنبەلىرى بولغان قۇرئان بىلەن سەھىھ ھەدىسلەردە «ئىمان» دېگەن كەلىمە كەلگەن. مىسالغا ئالساق جانابىي ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:

(پەيغەمبەرمۇ، مۆمىنلەرمۇ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغانغا ئىمان كەلتۈردى.)(1)

جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئىماننى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: «ئىمان دېگەن ئاللاھقا، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە، شۇنداقلا ياخشىسى بولسۇن، يامىنى بولسۇن قەدەرگە ئىشىنىشىڭ» دەپ ئۆگەتكەن.(2)

قانداقلا بولمىسۇن «ئەقىدە» دېگەن سۆز ھازىر بىر ئىستىلاھقا ئايلىنىپ قالدى. ئەمدى بىز ئەقىدىنى ئىسلام دىنى بىزدىن ئىشىنىشنى تەلەپ قىلغان نەرسە دەپ قارىساق، بۇ چاغدا ئەقىدە يۇقىرىقى ھەدىستىكى ئىماننى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مۇشۇ ئەقىدىنى قوبۇل قىلماي قالسا، كىشى كافىر بولۇپ كېتىدۇ.

ناۋادا ئەقىدىنى ئېتىقاد قىلىش كېرەك بولغان يۇقىرىقى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۇتاش مەسىلىلەرنىڭ جۇغلانمىسى دەپ قارىساق، بۇ چاغدا ئەقىدە يۇقىرىقى ئاشۇ ئىماننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ۋە يەنە ئۇنىڭغا قېتىپ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزىبىر تەپسىلاتلار، ئىختىلاپ قىلسا چوڭ چاتاق چىقمايدىغان، كۆزقاراش ئوخشاش بولماي قالىدىغان ئىجتىھادىي مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، بىرىنچى تۈرلۈك ئەقىدىدە ئەھلى سۈننە مەزھەپ – ئېقىملىرى ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق. ئىككىنچى تۈرلۈك ئىجتىھادىي ئەقىدىدە ئاندىن ئېقىملارغا بۆلۈنۈش پەيدا بولغان، پەيدا بولۇشىمۇ تەبىئىي ئەھۋال.

بۇنداق ئىجتىھادىي ئەقىدە مەسىلىلىرىگە بىر قانچە مىسال بېرەيلى:

1 – ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئۇنى تەۋىل قىلىش(3) مەسىلىسى. بۇمۇ ئىككىنچى تۈردىكى ئىجتىھادىي مەسىلە. ئالايلۇق بىر ھەدىستە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن».(4)

بۇ ھەدىستىكى يېقىنلىشىش جىسمانىي يېقىنلىشىشمۇ ياكى مەنىۋى يېقىنلىشىشمۇ؟ ئاللاھ تائالا يۈگۈرەمدۇ؟ قانداق چۈشنىش كېرەك؟

2 – ئاللاھ تائالانىڭ: [ئۇ كۈندە پاچاق ئېچىلىدۇ](5) دېگەن سۆزىدىن مەقسەت ئاللاھنىڭ پاچىقىمۇ ياكى بۇ شۇ پەيتتىكى دەھشەت ۋە جىددىيچىلىكنى بىلدۈرەمدۇ؟

3 – قەبرىدە ئازاب بارمۇ؟ قەبرە ئازابى بەدەنگىلا بولامدۇ ياكى مەنىۋىيمۇ؟

4 – رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېراج كېچىسى پەرۋەردىگارىنى كۆزى بىلەن كۆرگەنمۇ؟ (بۇنىڭدا ساھابە كىراملار ئوتتۇرىدىمۇ كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى بولغان.)

5 – دوزاخ بىلەن جەننەت مەڭگۈمۇ ياكى ۋاقىتلىقمۇ؟

6 – ئەمەللەرنى تارازىدا ئۆلچەش. تارازىنىڭ ئىككى تەخسىسى بارمۇ؟ ئۆلچەنگەن شەيئى ئەمەللەرنىڭ ئۆزىمۇ ياكى ساۋابىمۇ؟

7 – ئۆلۈكلەر تىرىكلەرنىڭ، زىيارەتچىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرامدۇ ياكى ئاڭلىمامدۇ؟ (بۇنىڭدا ساھابە كىراملار ئوتتۇرىدىمۇ كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى بولغان.)

مانا مۇشۇنداق جۈزئىي مەسىلىلەردە ئەھلى سۈننە ئېقىملىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ بولۇشى مۇمكىن.

بۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەردە ئىختىلاپ يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ. مەسىلەن:

1 – دەلىل ئېنىق بولماسلىق. يۇقىرىقى بەزى ئايەت – ھەدىسلەردىكىدەك ئايەت ۋە ھەدىس ئۆزى سابىت بولغىنى بىلەن دالالىتى ئېھتىماللىق بولىدۇ.

2 – دەلىل بىر – بىرىگە قارىمۇ – قارشى كۆرۈنۈپ قېلىش. مەسىلەن قىيامەت كۈنى بەندە قىلمىشىدىن سورىلىدۇ ۋە سورالمايدۇ دېگەندەك. بەندە رەببىنى كۆرىدۇ ياكى كۆرمەيدۇ دېگەندەك مەسىلىلەردە شۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت.

3 – چۈشىنىش، تەپەككۇر ئۇسۇلى ئوخشىماسلىق.

4 – نەپسى خاھىشقا ئەگىشىپ قېلىش قاتارلىقلار.

ئەمما، بۇ بۆلۈنۈشنىڭ جەريانىغا كەلسەك، دەسلەپكى ئەسرى سائادەتتە، ياشاشقا مۇيەسسەر بولغان ساھابە كىراملار ئارىسىدا بىرقانچە جۈزئىي مەسىلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ئىختىلاپ بولمىغان. كېيىن ئىسلام تېررىتورىيەسى كېڭىيىپ باشقا مەدەنىيەتلەرگە تەۋە بولغان نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تۈرلۈك ئىزدىنىش ئۇسۇللىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. پىكرى ساھە ئىلگىرىكى ساپ ھەم ئاددىي – ساددىلىقىدىن ھالقىپ ئىنتايىن مۇرەككەپلەشتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسلام دۆلىتىدە ياشىغانلار پىكىر ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولغاچقا، ئازادە ئىزدىنىپ تەپەككۈر قىلىپ ئۆز كۆزقارىشىنى جاكارلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇرۇن دۇچ كېلىپ باقمىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. يېڭى ئىلىملەر پەيدا بولدى. ئاستا – ئاستا تۈرلۈك ئېقىم – مەزھەپلەر شەكىللەندى. ئالىملار، تالىپلار ۋە مەدرىسىلەر ئارا بەس – مۇنازىرىلەر بولدى.

نەتىجىدە، ئىراق، ماۋارائۇننەھر، شام ۋە مىسىر دىيارلىرىدا ئەشئەرىيلەر، ماتۇرىيدىيلار ۋە ئەھلى ھەدىسلەردىن تەركىب تاپقان ئەھلى سۈننە ئېقىمى بارلىق قالايمىقان ئېقىملارغا تاقابىل تۇرۇپ كەلدى. ھازىرغا قەدەر ئەھلى سۈننە ئېقىمىنىڭ بۇ ئۈچ تارمىقى ئوتتۇرىدىكى تالاش – تارتىش ئاساسەن ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە بولۇپ، كىشىنى يا ئۇيان يا بۇيان قىلىۋېتىدىغان چوڭ مەسىلىلەرگە بېرىپ يەتمىدى. شۇڭا، بۇلار ئوتتۇرىسىدا ئاساسلىق تۈپ مەسىلىلەردە ئەقىدە پەرقى يوق. لېكىن، ئەپسۇس سەلەفىي ئېقىمغا مەنسۇپ بەزىبىر ياشلىرىمىز تەۋىل مەسىلىسىدەك بەزى مەسىلىلەرنى ئەقىدىنىڭ ئىجتىھاد قىلىشقا بولمايدىغان چوڭ مەسىلىلىرىگە ئايلاندۇرۇۋېلىپ، ئەشئەرىي ياكى ماتۇرىيدىي ئېقىمىنى ئازغۇن دەپ قارايدىغان بولۇۋالماقتا. بۇ ئەمەلىيەتتە، مەسىلىنى ئۆز ئورنىغا قويمىغانلىقتىن كېلىپ چىققاندۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 4. 26

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 25 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————–

1. «بەقەرە» سۈرىسى، 285 – ئايەت.
2. «مۇسلىم»، 8 – ھەدىس.
3. تەۋىل قىلىش: كۈچلۈك دەلىلگە ئاساسلىنىپ، سۆزنىڭ زاھىرى مەنىسىنى تاشلاپ باشقا ئېھتىماللىق مەنىگە ئاپىرىشتىن ئىبارەت. «تەھزىيبۇل ئەسما»، نەۋەۋى 3/14.
4. «بۇخارىي»، 7536 – ھەدىس.
5. «قەلەم» سۈرىسى، 13 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.