قوليازمىنىڭ ئىسمى: ئاياز شىكەستە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەر بىر بەت 13 قۇر ئېنىق خەتلەر بىلەن يېزىلغان چاغاتايچە تولۇق قوليازما. ئەسەر ئات يىلى ھ. 1229، 16 - جامادىيەلئاخىر / م. 1814، 4 - ئىيۇن، شەنبە كۈنى ناسىخ موللا ئۆمەر ئىبنى موللا ھاجى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلۈپ تاماملانغان.

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ئاياز شىكەستە

تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات.

ۋاراق سانى: 62 (124 بەت)

قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەر بىر بەت 13 قۇر ئېنىق خەتلەر بىلەن يېزىلغان چاغاتايچە تولۇق قوليازما. ئەسەر ئات يىلى ھ. 1229، 16 – جامادىيەلئاخىر / م. 1814، 4 – ئىيۇن، شەنبە كۈنى ناسىخ موللا ئۆمەر ئىبنى موللا ھاجى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلۈپ تاماملانغان.

باشلىنىشى:

ثنائي جهان آفرين غه برون  كيم آندين ايمستور اشي ياشورون

نيكم آدم ينيك خيالى يتار   هر اشكيم أولوس دين نهانى ايتار

بارى آنينك آلديدا يكسان درور   أچوق دشت كر تيره مسكم دورور

 

ئاخىرى:

مشووش ايدى كونكلوم اول حالدين  جو ايتور ايدم اوتكان أحوال دين

سوزوم دا قصورى بولوب بىلسه لار   كرم ايلاب إصلاحى نى قيلسه لار

صلاح اچره سالم توتوب متصل  نبي روحي بولغاي اولاردين بحل

 

قوليازما ساقلانغان ئورۇن:

بېرلىن ۋىلايەت كۇتۇپخانىسى

Staatsbibliothek zu Berlin – Preußischer Kulturbesitz

PPN860572714

ئەسەرنىڭ 1981 – يىلى كاشىغەردە تېپىلغان 1329 بېيتلىك يەنە بىر قوليازما نۇسخىسى بولۇپ، ئۇ نۇسخىنى توختى ئابىخان، ئابلىمىت ھاجىلار نەشرگە تەييارلاپ «بۇلاق» ژۇرنىلى 9 – ساندا ئېلان قىلغاندۇر.

مۇئەللىفنىڭ ئىسمى ۋە تەخەللۇسى: ئاياز شىكەستە/ ئايازبەگ قۇشچى (گەرچە زەكى ۋەلىدى توغان داستاننىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسلۇبىغا قاراپ مەزكۇر داستاننى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگانغا نىسبەت بەرسىمۇ، لېكىن قوليازمىنىڭ 122 – بېتىدىكى 1287 – بېيتتە شائىر ئۆزىگە: «آيازا! عجب غفلت ايرمسمو بو، كى سين خاهى بيدار، خاهع ئويو» دەيدۇ ۋە شۇ بابقا: «قايل شكستە ئوزيكا ندامت قيلغانى …» دەپ تېما قويغانلىقى مۇئەللىفىنىڭ ئاياز شىكەستە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ)

تەۋەللۇدى: شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى، 15 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرى.

ۋاپاتى: شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى، 16 ـ ئەسىر.

مۇئەللىفنىڭ تەرجىمىھالى:

ئاياز شىكەستە

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى «چاغاتاي دەۋرى»نىڭ ئەلىشىر ناۋائىينى يۈكسەك پەللە قىلغان بىرىنچى باسقۇچىنى سەئىدىيە خانلىقى ئەدەبىياتى ئارقىلىق كېيىنكى دەۋرلەر بىلەن باغلاپ تۇرغۇچى شائىرلارنىڭ بىرى ئاياز شىكەستەدۇر.

ئاياز شىكەستەنىڭ «جاھاننامە» داستانى كلاسسىك ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن بېر يېڭىلىق. 1982 ـ يىلى توپلانغان قوليازمىلار ئىچىدىن «جاھاننامە» داستانى تېپىلغاندىن كېيىنلا، مەزكۇر شائىر ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئالدىدا قىزىقارلىق يېڭى تەتقىقات تېمىسى بولۇپ قالدى. «جاھاننامە» تېپىلىشتىن بۇرۇن ئېلىمىزدىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا سەئىدىيە خانلىقى ئەدەبىياتىغا ئائىت مۇكەممەل بولمىغان ئەدەبىي مىراسلارنى ئالمىغاندا، 16 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تاكى 17 ـ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە بولغان ئۇزۇن بىر تارىخىي دەۋر تېخى ئاق ھالەتتە ئىدى. ئاياز شىكەستە ۋە ئۇنىڭ «جاھاننامە» داستانى ئەنە شۇ بوشلۇقنى تولدۇردى.

شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە ھازىرغىچە جامائەتچىلىكنى قانائەتلەندۈرگۈدەك تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن شائىرنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن «جاھاننامە» داستانىدىن ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا قىسمەن پاكىتلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. داستاننىڭ كىرىش ۋە خۇلاسە قىسىملىرىدىكى بايانلاردىن شائىرنىڭ ئىسمى ئاياز، تەخەللۇسى شىكەستە ئىكەنلىكىنى ھەمدە شائىرنىڭ 16 ـ ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ياشاپ ئىجاد قىلغانلىقىنى ئېنىق قارارلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئاياز شىكەستە 15 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا دۇنياغا كەلگەن. شائىر تۇغۇلغان ئائىلىسىنىڭ چاغاتاي خانلىقىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا يېقىن بولۇپمۇ يەركەن خانلىقىنى قۇرغۇچى سەئىدخان خاندانى بىلەن تونۇشلۇقى قويۇق بولىشى مۇمكىن. چۈنكى شائىر ئۆز داستانىدا سەئىدخاننى «خان ئەۋلادى»، ئۆزىنى بولسا، ئۇنىڭ «قەدىمى قۇللىرىدىن» دەپ ئاتايدۇ ھەمدە 1510 ـ يىللىرى، يەنى سەئىدخان بىر نەۋرە ئاكىسى بابۇرشاھنىىڭ قېشىدا تۇرغان ۋاقىتلىرىدا، ئۆزىنىڭ يىگىتلىك دەۋرىنى غەربىي تۈركىستاندىكى شەھەرلەرنىڭ بىرسىدە (ئەندىجان بولۇشى ئېھتىمالىغا يېقىن) مۇساپىر ھالەتتە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ. شائىر ئاياز 1512 ـ يىلىدىن كېيىن، يەنى سەئىدخان كابۇلدىن ئەندىجانغا قاچقاندىن كېيىن، بىۋاستە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. 1514 ـ يىلى سەئىدخاننىڭ قەشقەرغىچە بولغان يۈرۈشىدىمۇ شائىر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ ۋە ئۆز داستانىدا ئابابەكرى مىرزىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، يەركەن خانلىقىنىڭ ئاساسنى قۇرۇشتەك تارىخىي ۋەقەلەرنى بىۋاستە كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە بايان قىلىپ ئۆتىدۇ. ئاياز شىكەستە سەئىدخاننىڭ ئىشەنچىلىك كىشىلىرىدىن بىرسى بولۇپ، 19 يىل (شائىرنىڭ تىلى يىلەن ئېيتقاندا، «بىر ئۆكسۈك يىگىرمە يىل») خاننىڭ خىزمىتىدە بولغاندىن كېيىن، يەنى 1532 ـ يىللىرى ئۆزبېكلەر غەربىي تۈركىستانغا تەھدىت سالغاندا، خاننىڭ ۋەكىلى سۈپتىدە غەربىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلىدۇ. شائىر «جاھاننامە» داستانىنى دەل شۇ يىللىرى يېزىپ تۈگىتىدۇ. ئاياز شىكەستەنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز.

ئاياز شىكەستەنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن «جاھاننامە» داستانى ھىجرى 939 ـ يىلى (مىلادى 1532 ـ، 1533 ـ يىللىرى) يېزىلغان. شائىر داستاننىڭ يېزىلغان ۋاقتى توغرىسىدا:

«يىل ئات ئېردى ماچىن تەۋارىخىدا،

رەجەب ئايى فەرخۇندە تائرىخىدا،

تۈگەتتىم جەھان غۇسسەسىن،

قىلىپ نەزىم بىر داستان قىسسەسىن.»

دەپ مەلۇمات بېرىدۇ («فەرخۇندە» سۆزى ئەبجەد ھېسابىدا ھىجرى 939 ـ يىلىغا توغرا كېلىدۇ).

«جاھاننامە» داستانى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى «چاغاتاي دەۋرى»نىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا، يەنى «چاغاتاي تىلى ۋە ئەدەبىياتى»نىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مەركەز قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق گۈللىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، مەزكۇر داستان ئۆزى بىلەن زامانداش ۋە ئۆزىدىن ئىلگىرى يېزىلغان بەزى ئەسەرلەرگە سىلىشتۇرغاندا، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئېلمېنىتلىرى كۆپرەك ساقلانغانلىقى ۋە ئۇنى قوللىنىشتا بىرخىل ئىزچىللىققا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك 16 ـ ئەسىر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئەھۋال بولۇپ، شائىرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر خەلق جانلىق تىلىنىڭ خېلى چوڭقۇر تەسىرىدە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. داستان سيۇٍژىتى ئۇيغۇر تېپىشماقلىق چۆچەكلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شائىرنىڭ زامان ھەققىدىكى پىكىرلىرى ۋە گۈزەللىك ھىسسىياتى چوڭقۇر سىڭگەن، شۇنداقلا مۇئەللىپ يۈكسەك فانتازىيە كۈچى ئارقىلىق رىۋايەت بىلەن چۆچەكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، داستاننىڭ ھەركەتچان، قىزىقارلىق قۇرۇلمىسىنى ھاسىل قىلىپ، ئۇنى ئاممىباب ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكەن. بۇ، شائىر بەدىئىي تەپەككۈرىنىڭ خېلى يۇقۇرىلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلق فولكلورى بىلەن يېقىندىن تونۇشلۇقى ۋە ئۆز بەدىئىي ماھارىتىنى خەلق ئەدەبىياتى بۇلىقىدىن بەھىر ئېلىپ تاۋلىغانلىقىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ.

شائىر ئاياز شىكەستە 16 ـ ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سەئىدىيە دەۋرىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرىدىن بىرسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن «جاھاننامە» داستانى ئۇيغۇر كلاسسىك داستان تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم ئالاھىدە تەرەپلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، داستانچىلىق تەرەققىياتىمىزدا مۇھىم رول ئوينىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرسىدۇر.

(ئەسكەرتىش: تارىم ژورنىلىنىڭ 1987 ـ يىلى 3 ـ سانىدىكى ئابدۇشۈكۈر تۇردى تەييارلىغان شۇ ناملىق ماقالە ئەينەن ئېلىنىپ، بەزى كەلىمەلەر تەھرىرلەندى.)

***

اسم المخطوطة: جاھاننامە

الفن: ملاحم تارخية، أدب.

عدد الأوراق: 62 (124 صفحة)

وصف النسخة: كل صفحة 13 سطر بخط واضح باللغة التركية الجغتائية. وقد تمت استنساخها في سنة الحصان 1229 ھ. 16 جمادى الآخرة / 1814م. 4 يوليو، يوم السبت علي يد الناسخ مُلّا عمر بن مُلّا حاجى.

أولها:

ثنائي جهان آفرين غه برون  كيم آندين ايمستور اشي ياشورون

نيكم آدم ينيك خيالى يتار   هر اشكيم أولوس دين نهانى ايتار

بارى آنينك آلديدا يكسان درور   أچوق دشت كر تيره مسكم دورور

آخرها:

مشووش ايدى كونكلوم اول حالدين  جو ايتور ايدم اوتكان أحوال دين

سوزوم دا قصورى بولوب بىلسه لار   كرم ايلاب إصلاحى نى قيلسه لار

صلاح اچره سالم توتوب متصل  نبي روحي بولغاي اولاردين بحل

مكان النسخة المخطوطة:

مكتبة برلين الحكومية

Staatsbibliothek zu Berlin – Preußischer Kulturbesitz

PPN860572714

وتوجد نسخة أخرى لهذه المخطوطة عثر عليها سنة 1981م في مدينة كاشغر بتركستان الشرقية. وقد نشر في مجلة «بولاق» الصادرة بتركستان الشرقية العدد 9 بتحقيق: توختى آبىخان وعبد الحميد حاجي. وعدد أبياتها 1329 بيتا.

اسم المؤلف وتخلصه: آياز شكسته/ آيازبك قوشجي (ملحوظة: بالرغم من أن الباحث زكي وليدي طوغان نسب هذه النسخة إلى ميرزا محمد كوراكان نظرا لمحتوى الملحمة وأسلوبها. إلا أن المؤلف في البيت 1287 في الصفحة 122 يخاطب نفسه قائلا: «يا آياز! أليست هذه غفلة عجيبة؟ أحيانا ساهرا وأحيانا نائما»، وذلك في باب «حسرة شكسته القائل على نفسه.. ». وهذا يدل على أن مؤلفه هو آياز شكسته.

مكان الولادة: جنوب تركستان الشرقية، آواخر القرن 15م.

تاريخ الوفاة: جنوب تركستان الشرقية، القرن 16م.

«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:

«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە / بېرلىن نۇسخىسى» pdf

«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە / كاشىغەر نەشرى» pdf