قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي
تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە.
ۋاراق سانى: 207 (414 بەت)
قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەر بىر بەت 14 قۇر ئېنىق خەتلەر بىلەن يېزىلغان تۈركچە / چاغاتايچە قوليازما.
باشلىنىشى: حمد بيحد أول واجب الوجوديغه كىم حكمت عامصيسى برله كل موجودات نى خلوتخانه سيدن وجود شهرستانىيغه كلتوردى. وثناي بيعد أول مالك الملكى غه كىم قدرت كامله سي برله تاج خلافت وافر سلطنت نى هر كىم نينك باشيغه خواليسه قويدى وهر كىمدين خواليسه آلدى وهر كىمكه خواليسه بردى. تؤتي الملك من تشاء وتنزع الملك ممن تشاء وتعز من تشاء وتذل من تشاء بيد الخير…
ئاخىرى: ربنا آتنا في الدنيا حسنة وفي الآخرة حسنة وقنا عذاب النار، واحشرنا من الأبرار، وسلم تسليما أبدا حمدا دائما كثيرا كثيرا، إنه مجيب الداعين. آمين. سنة 1325.
قوليازما ساقلانغان ئورۇن:
فرانسىيە مىللىي كۇتۇپخانىسى
Bibliothèque nationale de France. Département des Manuscrits.
Pelliot B 1740 (Historie de la grande Kochgarie)
مۇئەللىفنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە نىسبىتى: موللا مۇسا بىننى موللا ئىيسا خوجا سايرامىي
تەۋەللۇدى: شەرقىي تۈركىستان ، سايرام. ھ. 1252/ م. 1836.
ۋاپاتى: شەرقىي تۈركىستان ، سايرام. ھ. 1335/ م. 1917.
بۇ زات ئاستىدىكى ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچە تەرجىمىھالنىڭ ئىگىسىدۇر.
موللا مۇسا سايرامىي
موللا مۇسا بىننى موللا ئىيسا خوجا سايرامىي مىلادى 1836 – يىلى 23 – ئاۋغۇستتا باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئانارقىز يېزىسىدا (ھازىرقى باي ناھىيە توخسۇن يېزىسى ئانارقىز كەنتى توغايلا مەھەللىسىدە) دۇنياغا كەلگەن. موللا مۇسا سايرامىينىڭ دادىسى موللا ئىيسا خوجا بىننى موللا ئەزىزخان خوجا ئەينى زاماندا باي ناھىيىسى تەۋەسىگە تونۇلغان ئىلمىي ۋە دىنىي زات بولۇپ، ئوغلى مۇسانىڭ (مۇسۇر ئاخۇننىڭ) ئىلىم ۋە دىنىي جەھەتتىكى تەربىيىسىگە ئۇنىڭ گۈدەك ۋاقتىدىن باشلاپلا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنى يەتتە يېشىدىلا ئۆزى مۇدەررىسلىك قىلغان سايرام مەدرىسىدە ئوقۇتۇپ باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە قىلغان ۋە 11 يېشىدا ئەينى زاماندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا خېلى مەشھۇر بولغان كۇچاردىكى «ساقساق» مەدرىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. بۇ مەدرىسنىڭ ئاساسلىق مۇدەررىسى شۇ زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىمى موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت دېگەن زات بولۇپ، ئۇ موللا مۇسانىڭ دادىسى بىلەن ھەمسۆھبەت ئىدى. موللا مۇسا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەتنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا، قۇرئان، ھەدىس، تارىخ، ئەدەبىيات، تەقۋىم(كالىندارشۇناسلىق)، ئىلمى نۇجۇم، ناباتات،(ئاگرو بىئولوگىيە)، جۇغراپىيە، ئەرەب ۋە پارىس تىلى قاتارلىقلاردىن ناھايىتى يۇقىرى نەتىجە قازىنىپ، تىزلا «موللا مۇسا»، «بالا موللا»، «موللا ئەبجەدخان»(ئەبجەدشۇناس) دېگەن ناملار بىلەن شۆھرەت قازىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەتنىڭ ئىلمىنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ خەلقپەرۋەرلىك م ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىمۇ ئۆگىنىدۇ. مىلادى 1854 – يىلى موللا مۇسا «ساقساق» مەدرىسنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگىتىپ، ئۆز ئانا مەكتىپى سايرام مەدرىسىگە كېلىپ مۇدەررىسلىك قىلىدۇ.
مىلادى 1864 – يىلى 6 – ئىيۇندا كۇچار رايونىدا ئۇيغۇر، خۇيزۇ دېھقانلىرى بىلەن قول ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك فېئوداللارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلابى قوزغىلىڭى پارتلايدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇنلار سايرامغا يېقىنلاشقاندا، موللا مۇسا بۇ قوزغىلاڭنى قىزغىن قوللاش بىلەن تەڭ، ئۆزىنىڭ بارلىق تالىپلىرىنى ھەمدە بىرقانچە يۈز نەپەر سايراملىق يىگىتلەرنى باشلاپ قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنى قارشى ئالىدۇ. ئۇ قوزغىلاڭچى قوشۇن سېپىدە قىزىل، سايرام. باي، ياقېرىق، ئاراشۇر قاتارلىق جايلاردىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى، يەرلىك فېئوداللارنى باستۇرۇش كۈرەشلىرىگە پائال قاتنىشىدۇ.
غەربكە يۈرۈش قىلغان قوزغىلاڭچى قوشۇنلار قارا يۇلغۇن، جام، ئاقسۇ، ۋە ئۈچتۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ قەشقەر ۋە يەركەننى ئېلىشقا تەييارلانغاندا موللا مۇسا سايرامىي غەربكە يۈرۈش قىلغان قوشۇنلارنىڭ ئۇچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق سەركەردىلىرىدىن بىرى بولغان مەھمۇددىن خوجىنىڭ مۆھۈرچىسى ۋە ئىشىك ئاغىسى بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى زور مەسئۇلىيەتچانلىقى، بىلىم دائىرىسىنىڭ چوڭقۇر ۋە كەڭلىكى، مۇئامىلە جەھەتتىكى كەمتەرلىكى، ئەقىل جەھەتتىكى ئۆتكۈرلۈكى بىلەن قوزغىلاڭچى قوشۇن ۋە يەرلىك خەلق ئىچىدە زور ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ.
1867 – يىلى مۇھەممەد ياقۇپ بەگ (بەدەۋلەت) قوقەنت خانلىقىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ قەشقەر، يەركەن، خوتەن قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئاقسۇغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلايدۇ، كۇچار قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى سەركەردىلىرى ئۇرۇشمايلا تەسلىم بولىدۇ. موللا مۇسا سايرامىي ئۈچتۇرپاندىكى تەسلىم بولغان سەركەردىلەر بىلەن بىرگە ئاقسۇغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بەدەۋلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق باش زاكاتچىسى مىرزا بابابەك ھىسارىي موللا مۇسا سايرامىينىڭ قابىلىيەتلىك ۋە ئۇستا خەتتات ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە مەخسۇس مىرزا قىلىپ تەيىنلەيدۇ. موللا مۇسا سايرامىي بۇ ۋەزىپىنى تاكى 1877 – يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بەدەۋلەت ھۆكۈمىتىنى يوق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى رايونىنى ئىشغال قىلغانغا قەدەر ئۆتەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن موللا مۇسا سايرامىي كۇچار دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە بەدەۋلەت ھاكىمىيىتى ھەققىدە بىرەر تارىخى ئەسەر يېزىش مەقسىتىدە غەربتە قەشقەر، شەرقتە تۇرپانغىچە بولغان جايلارنى بىر قانچە يىل ساياھەت قىلىپ، مۇھىم تارىخى ھۆججەتلەرنى توپلايدۇ، ئاخىرى يەنە ئاقسۇغا قايتىپ، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئۇيغۇر تارىخ ئالىمى ۋە شائىرى موللا مۇسا سايرامىينىڭ ئاقسۇدا يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان 40 يىلغا يېغىن ھاياتى تولىمۇ نامراتلىق – پېقىرلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. مىلادى 1917 – يىلى موللا مۇسا سايرامىي ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، يۇرتىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىپ يۇرتىغا خەت يازىدۇ. تۇغقانلىرى ئۇنى سايرامغا ھارۋا بىلەن ئېلىپ قايتىدۇ. شۇ يىلى 4 – ئايدا ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى، تارىخ ئەھلىنىڭ مەشئەل چىرىقى بولغان موللا مۇسا سايرامىي يۇرۇق دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ.
موللا مۇسا سايرامىي ئاقسۇدا تۇرغان مەزگىلىدە «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»(1885 – يىلى)، «دەربايان ئەسھابۇل كەھف»(1898 – يىلى)، «تارىخى ئەمىنىيە»(1903 – يىلى 2 – ئۆكتەبىردە تاماملانغان)، «دىۋان مەسنەۋى»(1907 – يىلى)، «تارىخى ھەمىدىي»(1908 – يىلى 10 – ئىيۇلدا تاماملانغان)، «سالامنامە»(1916 – يىلى سېنتەبىر) قاتارلىق تارىخىي، تارىخىي – ئەدەبىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ياراتتى. ھازىر ئۇنىڭ يەنە پارىس تىلدا يازغان بىرمۇنچە شېئىرلىرى ساقلانماقتا(1) ، نىمشېھىت ئارمىيە داموللامنىڭ ئېيتىشچە، ئۇنىڭ يەنە «تەزكىرەئىي خوجا ئافاق»، «فەرھاد ۋە شىرىن» ناملىق تارىخى ئەدەبىي ئەسەرلەنى يازغانلىقى مەلۇم.
«تارىخى ھەمىدىي» موللا مۇسا سايرامىينىڭ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى مۇھىم تارىخىي ئەسىرى بولۇپ، خاراكتېر جەھەتتىن تارىخىي – ئەدەبىي تەزكىرە تۈرىگە ياتىدۇ. ئاپتور بۇ ئەسەرنى ئۆزى ئىلگىرى يازغان «تارىخى ئەمىنىيە» دېگەن ئەسىرى ئاساسىدا «تارىخى ئەمىنىيە»نىڭ مەزمۇنى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكى، بەزى مەسىلىلەرنىڭ خاتا بايان قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنى تېخىمۇ توغرىلاش ۋە تولۇقلاش مەقسىتىدە يېزىپ چىققان. ئەسەر دىباجە، «مۇقەددىمە»، «ئاۋۋالقى داستان»، «ئىككىنچى داستان»، «خاتىمە» دىن ئىبارەت 6 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، «مۇقەددىمە» قىسمىدا ئالەم ۋە ئادەملەرنىڭ پەيدا بولىشى ھەققىدىكى دىنىي رىۋايەتلەردىن تارتىپ، ⅩⅪ ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىغىچە بولغان تارىخىي ۋاقىئەلەر ئۆزى ئاڭلىغان، ئۆگەنگەن، تەتقىق قىلغانلىرى ئاساسىدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بايان قىلىنغان. «ئاۋۋالقى داستان» قىسمىدا 1864 – يىلدىن باشلاپ قوزغالغان خەلق قوزغىلاڭلىرى، بولۇپمۇ كۇچار قوزغىلىڭى، كۇچار، يەركەن، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بەدەۋلەتكە قارشى كۈرەشلىرى ئالاھىدە ۋە تەپسىلى بايان قىلىنغان. «ئىككىنچى داستان» قىسمىدا بەدەۋلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئىگىلەش جەريانى ۋە باشقىلار بايان قىلىنغان. «خاتىمە» قىسمىدا ئاساسەن قەشقەر، يەركەن، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، كۇچار، كورلا قاتارلىق يەتتە شەھەر ۋە تۇرپان، لوپنورنىڭ تارىخى، ئاھالىسى، جۇغراپىيىسى، تىل ۋە ئۆرپ -ئادەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەمدە، تۇرپاندىكى ئەسھابۇل كەھف ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ۋە ئاپتورنىڭ كۆز قاراشلىرى بايان قىلىنغان. قىسقىسى، «تارىخى ھەمىدىي» «تارىخى ئەمىنىيە» گە قارىغاندا مەزمۇن جەھەتتىن تولۇق، ماتېرىيال جەھەتتىن خېلى توغرا، تىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن خېلى كۆزەل، ھەجىم جەھەتتىن خېلى زور بولۇپ مۇھىم تارىخى ۋە ئىلمى قىممەتكە ئىگە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
«دىۋان مەسنەۋى» بىلەن «سالامنامە» ئاپتورنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەرلەر بولۇپ، «دىۋان مەسنەۋىي» ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ھەم كىشىلىك ئەخلاق ھەققىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان شېئىرلاردىن(ئۇنىڭ ئاخىرىغا «قەسىدەئى سىدىق» ناملىق شېئىرىمۇ قوشۇپ تۈپلەنگەن)، «سالامنامە» ۋەسىيەت خاراكتېردىكى شېئىر مەكتۇبتىن ئىبارەت، بولۇپمۇ «سالامنامە»دە شائىرنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى جەھەتتە ئىلغارلىققا، بەدىئىي جەھەتتە زور ماھارەتكە ئىگە بولغانلىقى روشەن كۆرۈلىدۇ.
موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن بولسۇن، ياكى ئۇنىڭ تارىخىي – ئەدەبىي تەزكىرىلىرى ۋە ئۇلارغا قوشۇپ بېرىلگەن شېئىر، رىۋايەت، لەتىپە، قىسسىلەردىن بولسۇن، ئۇنىڭ تىل – ئەدەبىيات ۋە بەدىئىي ئىقتىدار جەھەتتىن يۇقىرى كامالەت ئىگىسى، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپقا ئېگە ئىستىدادلىق شائىر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
مەشھۇر تارىخچى، شائىر موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» ناملىق ئەسىرى 1904 – يىلى ن. پانتوسونىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن قازاندا «تارىخى ھەمىدىي» 1986 – يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن بېيجىڭدا نەشىر قىلىندى.
(ئەسكەرتىش: ماقالىنىڭ ئاپتورى نامەلۇم. ماقالىدىكى «شىنجاڭ» دېگەندەك بەزى كەلىمەلەر تەھرىرلەندى. ئەرەبچە تەرجىمىھال بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىھال ئايرىم – ئايرىم 2 مەنبەدىن ئېلىنغاچقا، ئارىسىدا پەرق بار.)
***
اسم المخطوطة: تاريخ حَمِيدي
الفن: التاريخ، التراجم.
عدد الأوراق: 207 (414 صفحة)
وصف النسخة: كل صفحة 14 سطر بخط واضح باللغة التركية الجغتائية.
أولها: حمد بيحد أول واجب الوجوديغه كىم حكمت عامصيسى برله كل موجودات نى خلوتخانه سيدن وجود شهرستانىيغه كلتوردى. وثناي بيعد أول مالك الملكى غه كىم قدرت كامله سي برله تاج خلافت وافر سلطنت نى هر كىم نينك باشيغه خواليسه قويدى وهر كىمدين خواليسه آلدى وهر كىمكه خواليسه بردى. تؤتي الملك من تشاء وتنزع الملك ممن تشاء وتعز من تشاء وتذل من تشاء بيد الخير…
آخرها: ربنا آتنا في الدنيا حسنة وفي الآخرة حسنة وقنا عذاب النار، واحشرنا من الأبرار، وسلم تسليما أبدا حمدا دائما كثيرا كثيرا، إنه مجيب الداعين. آمين. سنة 1325.
مكان النسخة المخطوطة:
المكتبة الوطنية الفرنسية
Bibliothèque nationale de France. Département des Manuscrits.
Pelliot B 1740 (Historie de la grande Kochgarie)
اسم المؤلف الكامل: الشيخ مُلّا موسى بن عيسى خواجه السايرامي
مكان الولادة: سايرام، تركستان الشرقية، 1248ھ. / 1833م.
تاريخ الوفاة: سايرام، تركستان الشرقية، 1329ھ. / 1911م.
وهو صاحب هذه الترجمة: (ملحوظة: قد يختلف سنة الولادة والوفاة قليلا في هذه الترجمة)
الشيخ المؤرخ مُلّا
موسى بن عيسى السايرامي
(1248 – 1329 هـ /1833 – 1911م)
هو مُلّا موسى بن عيسى السايرامي، ولد في قصبة سايرام من محافظة باي التابعة لولاية آقسو عام 1248هـ. وكانت وكانت ولادته في أسرة تشتغل برعي الأغنام والإبل والخيل، حسب ما اعتادت عليه تلك القبائل من البدو، ولكنهم كانوا أقرب من البداوة إلى الحضارة. حيث إننا لا نستطيع أن نبعدهم عن التمدن، وذلك أن منازلهم تعتبر من مهد الحضارة العريقة كما تبدو من أمثال موسى بن عيسى وغيره من جهابذة الأدب والتاريخ والدهاء. وأن فيهم من أصحاب الحنكة السياسية وبعد النظر، وأن منهم من عرفوا كيف تدور عجلة الزمن لهم أو عليهم، وكيف يجب أن يسايسوا الحاضر، ويستعدوا لقابل الأيام، وكيف يجب عليهم أن يدونوا مرئياتهم، ويرسموا تجاربهم للأجيال القادمة.
وأخذ أديبنا وشاعرنا ومؤرخنا العظيم مُلّا موسى بن عيسى السايرامي مبادئ العلوم في قصبته، ولم يبلغ الخامسة عشر من عمره. وقدم بمعية والده إلى ولاية إيلي لقضاء بعض حاجياتهم الأساسية. ومكث فيها عدة أيام، ورغب البقاء فيها خادما لأحد تجار الماشية ككاتب يدون ما صرف أو قبض من الرعاة من رؤوس الأغنام والإبل وما يترتب لهم من رواتب يستلمونها نقودا وأرزاقا من القمح والشعير. وكان التاجر يحب العلم وأهله، فأحب إخلاص خادمه وتفانيه في خدمته والسهر على أداء عمله المنوط إليه. ومع مرور الأيام سمح له بمواصلة تعليمه في أوقات فراغه. وكان بها حتى بلغ عمره الخامسة والعشرين، حيث اختاره مستشارا ومساعدا أمينا في كل أعماله وتجارته، ومصاحبا في أسفاره ورحلاته. فاشتهر صاحبنا بالحنكة والدهاء، ومن ثم اختاره صاحبه وكيلا عنه في تجارته العامة في ولاية كوجار. فاستقر بها لمدة من الزمن، واشتهر بها كأديب وشاعر وذي حنكة إدارية، حتى اختارت السدنة الملكية مستشارا في مملكة الأشراف (الخوجه) من آل برهان الدين شاه في عهد راشد الدين خوجه الذي أطاحت به حركة يعقوب بك (قوشبشي) الوحدوية. ولصاحب الترجمة جولات وصولات في سلطنة راشد الدين خان تُوْرَم ومكانة مرموقة في بلاط عظمته، وربما له سلطة القضاء أو ما يشبه ذلك، كما له شرف الاستشارة والمهام الإدارية.
قام أديبنا هنا بعدة مهام هامة كالمفاوضات باسم السلطان والتوقيع على الاتفاقات المبرمة بينه وبين منافسيه الطامعين في ملكه. وسلم من بطش يعقوب بك بحنكته ودهائه حتى أوكله في بعض المهمات الإدارية، ولو كان ذلك تحت رقابة مشددة. وانتهى عهد يعقوب بك سنة 1283ه، وأصاب صاحبنا الهرم والشيخوخة. وقد أشبعت نفسه بكثير من التجارب الإدارية والسياسية، فأراد تدوين ذلك وألف كتابه التاريخي وسماه «التاريخ الأمينية» لكونه أمينا في كتابته، وذلك عام 1903م2. وأرسل نسخة الكتاب إلى قازان على يد أحد الطلبة الذي يدرس في مدرسة العلوم بقازان عاصمة قافقاسيا. وتولى إخراجه وطبعه أحد الدكاترة الروس اسمه (نيكولاي فانتو سوونيك). فطبع الكتاب عام 1904م في مطبعة «مدرسة العلوم» طباعة أنيقة، ووزعت في كثير من أقطار الإسلام الشرقية الناطقة بلغة الأتراك.
وفي عام 1911م أراد المؤلف الشيخ المؤرخ مُلّا موسى بن عيسى السايرامي التجوال في الجنوب الغربي من البلاد. وكانت المنية له بالمرصاد في ضاحية قريبة من مدينة آقسو أحد ولايات تركستان الشرقية، ودفن بها. تغمد اللّه الفقير برحمته ورضوانه ويجزيه خيرا عنا.
انظر: الإعلام ببعض رجالات تركستان، تأليف محمد قاسم بن أمين بن مؤمن بن هاشم الكاشغري التركستاني المكي، تحت الطبع، أعده للنشر وهذبه مركز ساجية للبحوث والدراسات الإسلامية.
«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:
بىر نۇسخا ئىككى خىل سۈرەتكە ئېلىنغان:
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي– تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي1» pdf
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي– تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي2» pdf
1. يۇقىرىقى مەلۇماتلار ئەنۋەر بايتۇر نەشرگە تاييارلىغان «تارىخى ھەمىدىي»نىڭ كىرىش سۆزى – «موللا مۇسا سايرامى ۋە <تارىخى ھەمىدى>»(ئە، بايتۇر ئۆزى يازغان) دىن ئېلىندى.
2. ومن مؤلفاته أيضا: «تذكرة الأولياء» و«دربيان أصحاب الكهف» و«ديوان مثنوي» و«تارىخ حَمِيدي» و«سالامنامە» وغيره – ت.

