سۈرىلەرنى مەلۇم ساندا، مەلۇم مەقسەتتە ئوقۇشقا بولامدۇ؟

سۈرىلەرنى مەلۇم ساندا، مەلۇم مەقسەتتە ئوقۇشقا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەلۇم بىر ئىشنى نىيەت قىلىپ، مەسىلەن كېسەلنىڭ شىپا تېپىشى، رىزىقنىڭ مول بولۇشى ۋە ياكى ماددى ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشى دېگەندەك ئىشلارنى نىيەت قىلىپ، «ياسىن» ياكى «ئىخلاس»… قاتارلىق سۈرىلەرنى كۈندە مەلۇم بىر ساندا مەلۇم كۈنگىچە داۋام قىلىپ ئوقۇش توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئەڭ گۈزەل زىكىر، شۇنداقلا كاتتا تائەتلەر جۈملىسىدىندۇر. مەلۇم ئايەت ۋە سۈرىلەرنى تەكرار – تەكرار تىلاۋەت قىلىپ پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئويلىنىش سەلەفلىرىمىزدىن ياد ئۇدۇمدۇر.

مەلۇم تىلەك بىلەن تىلاۋەت قىلىشقا كەلسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى قۇرئان تىلاۋەت قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھتىن تىلىسۇن، كېيىن شۇنداق بىر قەۋم كېلىدۇكى، قۇرئان تىلاۋەت قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىن تىلەيدۇ»(1).

دېمەك، بەندە قۇرئاننى خەتمە قىلىشى ياكى مەلۇم سۈرىنى ۋەياكى مەلۇم ئايەتلەرنى مەلۇم ساندا خاھلىغانچە تىلاۋەت قىلىپ، ئاللاھقا ئىلتىجا تەرىقىسىدە رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشى، كېسەلدىن شىپا تېپىشى، قەرزدىن ۋە ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشى، ئايەت ۋە سۈرىنى يادلىۋېلىشى كەبى دۇنيالىقى ياكى ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئارزۇ – تىلەكلىرىنى ئاللاھتىن تىلىسە بولىدۇ.

مۇبادا مەلۇم سۈرە ياكى ئايەتنى مەلۇم سان ياكى قەرەل ئىچىدە ئوقۇش توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بار بولسا، بۇنى سۈننەت ۋە مۇستەھەپ دەپ ئەمەل قىلىمىز. مەسىلەن، جۈمە كۈنى «كەھف» سۈرىسىنى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن «ئايەتۇلكۇرسىي»نى، ئەتىگەن – ئاخشامدا «ئىخلاس» سۈرىسى بىلەن كېيىنكى «مۇئەۋۋىزەتەين (ئىككى پاناھلاندۇرغۇچى)» سۈرە («فەلەق» ۋە «ناس») نى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇش قاتارلىقلار…

يەنە سۈفلەپ داۋالىنىشتىمۇ جانابىي ئاللاھنىڭ ﴿بىز مۆمىنلەرگە شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز﴾(17/«ئىسراﺋ»: 82) دېگەن ئايەتىدە كۆرسەتكىنىدەك، «قۇرئان كەرىم» دىللارغىمۇ، تەنلەرگىمۇ شەكسىز ۋە چەكسىز شىفادۇر. يەنە تېخى بەزى سۈرىلەرنىڭ داۋالاش خۇسۇسىيىتىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەندۇر. مەسىلەن، «فاتىھە»نى ئوقۇپ سۈفلەپ يىلان چېقىۋالغانلارنى داۋالىغان ساھابەگە رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنىڭ دەمىدە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟ توغرا قىپسىلەر» دېگەن(2).

ئەمما، كۆرسەتمە بولمىغان تەقدىردە، مۇنداق سۈرىنى ياكى ئايەتنى مۇنچە قېتىم ياكى مۇنداق ۋاقىتتا تىلاۋەت قىلىشنىڭ مۇنداق پەزىلىتى بار دەپ ئۆز يېنىدىن پەزىلەت بەلگىلىۋېلىش توغرا بولمايدۇ. بۇنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىش تېخىمۇ خاتا قىلمىشتۇر.

بۇ ھەقتە تۈرلۈك تاراتقۇلاردا ئۇچۇپ يۈرگەن يازمىلارنىڭ كۆپ قىسمى، «خەزىنەتۇل ئەسرار (سىرلار خەزىنەسى)»(3) غا ئوخشىغان كىتابلاردىكى بايانلار، شۇنداقلا ۋائىزلارنىڭ ئاشۇرۇپ ۋە قىزىقتۇرۇپ سۆزلەشلىرى مۇشۇ تۈردىن خالىي ئەمەس.

زىكىر – دۇئالاردىمۇ ھەم شۇنداق. بەزى تەسبىھ ۋە زىكىرلەرنى 100 قېتىم ياكى 3 قېتىم ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ھەدىسلەردە كەلگەن. ئەمما، ھەدىستە سان ۋە پەزىلەت بېكىتىلمىگەنگە خاھلىغانچە سان ۋە پەزىلەت بەلگىلىۋېلىش خاتادۇر. چۈنكى، سان ۋە پەزىلەت ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. ئۇنى ئىخلاس بىلەن ئورۇندىغان تەقدىردە، نەتىجىسى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا خىلاپ بولغان ھەرقانداق بېكىتىۋېلىش شەرىئەتتە يوق نەرسىنى پەيدا قىلغانلىق ۋە دەلىلسىز سۆزلەشتۇر.

سۆزىمىزنى ئىخچاملىساق، سان ۋە ۋاقىت ھەدىستە كەلگەن بولسا ئەمەل قىلىش، كەلمىگەن بولسا دىندا دەلىلسىز سۆزلەشتىن ۋە بىدئەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سان بېكىتىۋېلىشتىن ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2022. 2. 5

———————————————————————————
1. «تىرمىزىي»، 2917 – ھەدىس. ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2276 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2201 – ھەدىس. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
3. شىرككە ئاپىرىدىغان مەزمۇن ۋە توقۇلما رىۋايەتلەر بىلەن تولغان، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە نەشرى كەڭ تارقالغان بۇ ئەسەرنىڭ مۇئەللىفى مۇھەممەد ھەققىي نازىللىلى (ئۆ م. 1884) بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرىدە بەزى سۈرىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، سىرلىرى ۋە تۈرلۈك ئېتىقادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ