سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. زاكات پۇلنى توي قىلالمىغان ياشلارغا تويلۇق مەھرى، ئۆي تەييارلاش ۋە مەرىكە قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن بەرسە بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ،
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.
زاكاتنى توي قىلىشتا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى توي قىلالمىغان مۇسۇلمان ياشلارغا بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، توي قىلىش ۋە ئائىلە قۇرۇش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇرمۇشتا تاللىغان يولى (سۈننىتى)، ساغلام جەمئىيەتنىڭ ئاساسى، ئەخلاق – پەزىلەتنىڭ قورغىنى، مىللىتىمىزنىڭ بەقاسىدۇر.
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرنى مۇنداق بايان قىلغان:
﴿زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، ئۇنى يىغىدىغان خادىملارغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا ۋە ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾ (9/«تەۋبە»: 60).
سەككىز تۈرنىڭ بېشىدا پېقىر – مىسكىنلەرنى تىلغا ئالغان بولۇپ، پېقىر دېگەن ئازغىنە نەرسىسى بار كىشى، مىسكىن دېگەن ھېچ نەرسىسى يوق كىشىدۇر(1).
دېمەك، پېقىر – مىسكىنلەر يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە ئۇلاردىن باشقا قامدالمىسا بولمايدىغان زۆرۈر ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىقتىسادى ياكى كىرىمى بولمىغان كىشىلەر بولۇپ، يا كىرىمى ئېھتىياجىنى تولۇق قامدىيالمايدىغان، يا پەقەت كىرىمى يوق كىشىلەردۇر.
توي قىلىشمۇ يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەككە ئوخشاش ئاساسلىق ئېھتىياجلار جۈملىسىدىندۇر.
ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن﴾(24/«نۇر»: 33) دېگەن ئايىتىمۇ توي چىقىملىرىغا قۇربى يەتمىگەنلەرنىڭ پېقىرلاردىن سانىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كىشى پېقىر بولغاندىن كېيىن زاكات ئالسا بولىدۇ. ئالىملار دەيدۇ: «يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەكلىرىنى قامداشقا پۇل تاپالايدىغان، ئەمما توي قىلىش ئېھتىياجى بارلار توي قىلىش ئۈچۈن زاكات ئالسا بولىدۇ. چۈنكى، توي قىلىشمۇ ئوخشاشلا ئاساسلىق ئېھتىياج جۈملىسىدىندۇر»(2).
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۆيلىنىشى زۆرۈر بولغان ياشلارنىڭ ئۆيلەپ قويىدىغان ئاتا – ئانىسى يېنىدا بولمىسا ياكى قولىدا يېتەرلىك ئىقتىساد بولمىسا، ئۆيلىنىش خىراجىتى ئۈچۈن زاكات ئالسا بولىدۇ. زاكات بېرىدىغانلارمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىنىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا زاكىتىنى بەرسە ياكى ئالتۇن زىبۇزىننەت، كىيىم – كېچەك ۋە ئۆي جابدۇقلىرىنى ئېلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
ئەسلىدە باي بولۇپ، خىتتاي زۇلمى سەۋەبلىك ۋەتەندىكى پۇل – مېلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغانلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭمۇ توي ئىشلىرى ئۈچۈن زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولىدۇ.
ئەلۋەتتە زاكاتنى مەھرى تويلۇق، ئۆي جابدۇش، ئۆي ئىجارىسى، توي مەرىكىسى ۋە كىيىم – كېچەكلىرى ئۈچۈن ئادەتتە قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئىسلام ئۆلچىمى دائىرىسىدە ئىسراپ قىلماستىن ياكى ئارتۇقچە ئىشلارغا سەرپ قىلماستىن ئىشلىتىشى شەرتتۇر.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە ئائىلە ئىقتىسادى ۋەتەندە قالغان ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇر قىز – ئوغۇللىرىنى ئۆي – ئوچاقلىق قىلىش ياشلارنىڭ يامان يوللارغا كىرىپ كەتمەسلىكى، تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم بولۇشى، مۇسۇلمان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ يېتىلىپ چىقىشى، شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنىڭ قوغدىلىپ قېلىشى… قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەرنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، ئەڭ زۆرۈر ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەر قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر – بىرىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، سىلە – رەھىم ۋە ئۆزئارا قوللاپ – قۇۋۋەتلەش دائىرىسىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار!﴾(5/«مائىدە»: 2) دېگەن ئەمرىنىڭمۇ ئىجراسىدۇر.
ھەتتاكى جانابىي ئاللاھنىڭ: ﴿ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلەرنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار! ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ كەرىمى كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى بىلگۈچىدۇر﴾(24/«نۇر»: 32) دېگەن ئەمرى بويىچە ئۇلارنى ئۆيلەپ قويۇش مۇھاجىرەتتىكى مۇسۇلمان جامائەتنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەتلەر قاتارىدىن ساناشقا بولىدىغان بولغاچقا، ناۋادا بۇ ئىش زاكاتتىن ھەل قىلىنمىغان تەقدىردە، ئىختىيارىي ياردەم بىلەن بۇ ئەمرنى ئىجرا قىلىشى پەرز كۇپايەدۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2021. 8. 19
1. «ئەلئىختىيار»، 1 – توم، 138 – بەت.
2. «مۇغنىل مۇھتاج»، 4 – توم، 175 – بەت.