تۆگە سۈتى ۋە سۈيدۈكى بىلەن داۋالىنىش ھەققىدىكى ھەدىس توغرىسىدا

تۆگە سۈتى ۋە سۈيدۈكى بىلەن داۋالىنىش ھەققىدىكى ھەدىس توغرىسىدا

ئىمام بۇخارىي رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: بىزگە سۇلەيمان ئىبنى ھەرب سۆزلەپ بېرىپ دېدىكى: ھامماد ئىبنى زەيد بىزگە ئەييۇبتىن، ئۇ ئەبۇ قىلابەدىن، ئۇ ئەنەس ئىبنى مالىكتىن سۆزلەپ بەردىكى: ئۇ (ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دېگەن: «ﺋﯘﻛﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺭﻩﻳﻨﻪ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪﻧﯩﯔ ﮪﺎﯞﺍﺳﯩﻐﺎ ﻛﯚﻧﻪﻟﻤﻪﻱ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﯜﺗﻠﯜﻙ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺳﯜﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﺎﻗﺎﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺗﯚﮔﻪ ﺑﺎﻗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﭗ، ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﺘﻰ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ، ﭼﯜﺷﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﯟﯦﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺕ – ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﺴﯩﻠﺪﻯ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯩﺦ تۇﺗﯘﻟﯘﭖ ﺋﻪﻣﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯘ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻱ ﮪﻪﺭﺭﻩ ﺳﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ». ﺋﻪﺑﯘ ﻗﯩﻼﺑﻪ: «ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ، ﺋﯩﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﺪﻯ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ» ﺩﯦﺪﻯ(1)

ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭ (سەككىز ﻛﯩﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ) ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﯩﻠﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺗﯚﮔﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﻟﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯘ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻻﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمنىڭ ﺗﯚﮔﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎنلار ﺟﺎمائىتىگە ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻣﯘﺭﺗﻪﺩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍغا تارتىلىشى ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺧﺎﮪﻠﯩﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ – ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺟﺎﺯﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯘﭘﺎﻳﯩﻠﻪﻧﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ(2).

ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﺸﻰ ﻗﯩﺴﺎﺳﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺟﺎﺯﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺟﺎﺯﺍ 5/«ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ»: 33 – ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ 16/«ﻧﻪﮪﻞ»: 126 – ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﮪﻪﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﺪﯗﺭ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﮪﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ 5/ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ: 33 – ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ(3). ﺑﯘ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻓﻪﺳﺴﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯗﺭ(4).

ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ: «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯚﮔﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻣﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ(5).

ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻚ كىشىنىڭ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ يۈز بەرگەن ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻤﯘ؟ بۇ ھەقتە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭ. ﺑﯩﺮﻯ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻚ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞۋﺍﻝ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﻪﺗﺎﺩﻩ: «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯗﭖ، كىشىنىڭ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﻪﺗﺘﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ(6).

ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﻴﺮﯨﻨﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ: ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﺎﺯﺍﻻﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ(7)؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ، ﺑﯘ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﯞﻩ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﺴﺎﺳﺘﺎ ﺟﺎﺯﺍ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﯚﻛﯜمدۇر. 16/«ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ»: 33 – ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ 16/«ﻧﻪﮪﻞ»: 126 – ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﮪﯚﻛﻤﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻗﯩﺴﺎﺱ ﯞﻩ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ گۇماندارنىڭ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺟﺎﺯﺍﻻشقا ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﮪﻪﺩﯨﺴﺘﯩﻜﻰ 2 – ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﺭﺍ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ. ﮪﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﮪﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ «ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﺩﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ» ﺩﯦﺴﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﮪﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ: «ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﮪﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ: «ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﭖ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ، ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﮪﺎﯞﺍﺳﻰ ﻳﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ» ﺩﻩﻳﺪﯗ(8).

ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺳﯘ ﭼﯜﺷﯜﺵ (ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﭘﺎﺭﻣﺎ ) ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ (Edema) ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ. ﮪﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﻡ – ﺧﯧﺸﯩﻜﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ. ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﯘﺑﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﺗﻰ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﺗﻰ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺳﺎﻗﺎﻳﻐﺎﻥ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯧﯟىپلەﺭﺩﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ (Edema) ﮔﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ «ﺋﻪﻟﻘﺎﻧﯘن»دﺍ: «ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﻕ ﻟﻮككىلىق ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯚﮔﯩﺴﯩﻨﯩﯖﺪﯗﺭ… ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻰ ﺳﯘﻟﯘﻕ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺗﺎﻟﻨﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ مەنپەئەت ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯩﻨﯩﺪﺍ. ﮪﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺳﯜﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﺴﻪﯕﻼﺭ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺳﺎﻗﺎﻳﻐﺎﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ(9).

ﺋﻪﺑﯘﺑﻪﻛﺮﻯ ﺋﻪرراﺯﯨﻴﻤﯘ ﺗﯚگە ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ(10). ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﯩﺒﻨﯘلقەﻳﻴﯩﻤﻤﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﯧﯟىپلەﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ كىتابلىرﯨﺪﺍ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ(11).

ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﯩﺰدىن ﻛﯧﭽﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻟﺒﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﺯﻯ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﮪﯟەلەر ﻣﯜﺷﯜﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻪﺯﻯ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎخشىدۇر.

ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﮪﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﮔﯚﺷﻰ ﮪﺎﻻﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺠﯩﺲ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ قىسمەن ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘ ﮪﻪﺩﯨﺴﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯘ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ بولۇشىچە، ﺳﻪﮪﺮﺍﺩﺍ ﺑﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯚﮔﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ﻳﯧﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﯞﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻏﻪﺭﺏ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﺳﯘ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ (Edema) ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺗﺎﻻﻟﯩﺸﯩﺶ (Liver fibrosis)، ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﺱ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ، ﺩﺍﻧﯩﺨﻮﺭﻩﻙ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﯞﻩ ﮪﻪﺯﻡ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻙ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻟﯩﺮﻯ، ﺗﯧﺮﻩ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻥ(12).

ﺗﯚگە ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯩﻔﺎلىق ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ:

https://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/22922085

http://www.jbc.org/content/64/3/615.full.pdf

http://archive.arabic.cnn.com/2009/scitech/12/26/Camel.Urine

http://news.bbc.co.uk/2/hi/middle_east/1702393.stm

ﺗﯚﮔﻪ ﺳﯜﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯩﻔﺎﻟﯩﻘﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﯓ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﮪﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﻳﯧﯖﻰ ﺑﻮﺗﯩﻼﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ 3 ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺳﯜﺗﯩﺪﯗﺭ.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2021. 8. 29

———————————————————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 233 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1671 – ھەدىس.
2. ﻛﻪﺷﻤﯩﻴﺮﯨﻲ: «ﻓﻪﻳﺰﯗﻟﺒﺎﺭﯨﻲ»، 1 – ﺗﻮﻡ، 487 – ﺑﻪﺕ.
3. «ﺋﻪﺑﯘ ﺩﺍﯞﯗﺩ»، 4359 – ﮪﻪﺩﯨﺲ. ﺋﺎﻟﺒﺎﻧﯩﻲ «ﮪﻪﺳﻪﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.
4. «ﺗﻪﻓﺴﯩﺮﯗ ﻗﯘﺭﺗﯘﺑﯩﻲ»، 6 – ﺗﻮﻡ، 148 – ﺑﻪﺕ.
5. «ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ»: 1671 – ﮪﻪﺩﯨﺲ.
6. «ﺑﯘﺧﺎﺭﯨﻲ»: 4192 – ھەدىس.
7. «ﺑﯘﺧﺎﺭﯨﻲ»: 686 – ھەدىس.
8. «ﻣﯘﺳﺘﻪﺧﺮﻩﺟﯘ ﺋﻪﺑﻰ ﺋﻪﯞﺍﻧﻪ»: 4936 – 4939 – ﮪﻪﺩىسلەر.
9. «ﺋﻪﻟﻘﺎﻧﯘﻥ ﻓﯩﺘﺘﯩﺐ»، 2 – ﺗﻮﻡ، 6 – 7 – ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ.
10. «ﺋﻪﻟﮭﺎﯞﯨﻲ ﻓﯩﺘﺘﯩﺐ»، 1 – ﺗﻮﻡ، 401 – ﺑﻪﺕ.
11. «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ تېبابىتى»، 65 – ﺑﻪﺕ؛ «ﺯﺍﺩﯗﻝ ﻣﻪﺋﺎﺩ»، 4 – ﺗﻮﻡ، 42 – ﺑﻪﺕ.
12. ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﺳﻪﻣﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﻪﻟﯩﻢ: «الموسوعة العلمية الشاملة»، 23 – ﺑﻪﺕ؛ ﻳﯜﺳﯜﻑ ﺋﻪﻟﮭﺎﺝ: «موسوعة الإعجاز العلمي»، 991 – ﺑﻪﺕ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز