ئاشۇرا

ھىجرىيە 1443 (مىلادىيە 2021) – يىلىغا تەۋە ئاشۇرا كۈنى توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئاشۇرا كۈنى بەزى قېرىنداشلار چىقارغان مەلۇماتتا چارشەنبە ئىكەن، يەنە بەزى قېرىنداشلار پەيشەنبە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەزمۇن چىقىرىپتۇ، قايسىسى توغرىدۇر؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ،

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

مەلۇمكى، ئاينىڭ كۆرۈنۈش ۋاقتى ۋە چىقىش ئورنى ھەر قايسى رايونلارنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ۋە ھاۋا شارائىتىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.

بۇ يىل مىسىر قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردە 1442 – يىلى زۇلھەججەنىڭ 29 – كۈنى (2021 – يىلى 8 – ئاۋغۇست) يەكشەنبە ئايغا قاراش پائالىيىتىدە ئاي كۆرۈلگەنلىكتىن، مىلادىيە 2021 – يىلى 9 – ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنىنى ھىجرىي يېڭى يىل (ھ. 1443) نىڭ بىرىنچى كۈنى دەپ ئېلان قىلىندى. تۈركىيەدىمۇ شۇنداق قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاشۇرا يەنى ھىجرىيە كالېندارىنىڭ بىرىنچى ئېيى بولغان «ئاللاھنىڭ شەھرى مۇھەررەم»نىڭ 10 – كۈنى 2021 – يىلى 18 – ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنىدۇر.

لېكىن، سەئۇدىي ئەرەبىستان قاتارلىق بەزى ئەللەردە 1442 – يىلى زۇلھەججەنىڭ 29 – كۈنى (2021 – يىلى 8 – ئاۋغۇست) يەكشەنبە ئاي كۆرۈلمىگەنلىكتىن، ئاپتوماتىك ھالدا زۇلھەججە ئېيىنى 30 كۈنگە تاماملاپ، مىلادىيە 2021 – يىلى 10- ئاۋغۇست كۈنى سەيشەنبەنى ھىجرىيە 1443 – يىلى 1- ئاينىڭ يەنى مۇھەررەمنىڭ 1- كۈنى دەپ ئېلان قىلىندى. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاشۇرا كۈنى 2021 – يىلى 19 – ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى بولىدۇ.

بىلىنگىنىدەك، كۈچلۈك قاراشتا ئاينىڭ كىرگەنلىكى بىر يۇرتتا ئىسپاتلانسا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارغا شۇ بويىچە ئەمەل قىلىش ۋاجىپتۇر. ئاي چىقىش ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. بولۇپمۇ (جۇغراپىيىلىك ئورتاق رايونغا جايلاشقان) كېچىسى ئوخشاش يۇرتلاردا ئوخشاش بولىدۇ(1).

يۇقىرىقى قاراشقا بىنائەن، ئاشۇرا كۈنى يەنى ھىجرىيە كالېندارىنىڭ بىرىنچى ئېيى بولغان مۇھەررەمنىڭ 10 – كۈنى 2021 – يىلى 18 – ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى بولىدۇ.

ئاشۇرا كۈنى بەزى ۋەقەلىكلەر ۋە نېئمەتلەر بولغان ئالاھىدە بىر كۈن بولغاچقا، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدۇر.

شۇڭا ئۇشبۇ كۈندە بىز قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئەڭ مۇھىم ئەمەل روزا تۇتۇش ئارقىلىق بۇ كۈننىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشىشتۇر. سەھىھ ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىسىدا سورىلىۋىدى: «ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ» دەپ كەلگەن(2).

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش ئارقىلىق يۇيۇۋېتىلىدىغان گۇناھلار كىچىك گۇناھلاردۇر. بۇ ئۆتكەن ياكى كېلىدىغان يىلنىڭ گۇناھلىرىدۇر. ناۋادا كىچىك گۇناھلىرى بولمىسا، چوڭ گۇناھلىرى يەڭگىللىتىلىدۇ، چوڭ گۇناھلىرىمۇ بولمىسا، دەرىجىسى ئۆرلىتىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزل ۋە ئىلتىپاتىغا باغلىقتۇر. ئەمما، چوڭ گۇناھلار پەقەتلا راستچىل تەۋبە قىلىپ، گۇناھىغا پۇشايمان قىلىش، قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش بىلەن ياكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن يۇيۇلىدۇ. تولۇق شەرتلىرى بىلەن ئادا قىلىنغان ھەج بىلەنمۇ يۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما، باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغان بولسا، بۇ گۇناھلار پەقەتلا شۇ ھەق ئىگىلىرىنىڭ رازىلىقى بىلەنلا يۇيۇلىدۇ.

ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ مۇھەررەمنىڭ توققۇزىنچى كۈنىنىمۇ قېتىپ روزا تۇتۇشى مۇستەھەپتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇپ ساھابىلەرنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغاندا، ساھابىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ، بۇ يەھۇدىي – ناسارالار ئۇلۇغلايدىغان كۈن» دېيىشكەن، بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىنشائاللاھ كېلەر يىلى كەلسە توققۇزىنچى كۈنى روزا تۇتىمىز» دېگەن. مىڭ ئەپسۇسكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېيىنكى يىل مۇھەررەم ئېيى كەلگۈچە ئالەمدىن ئۆتكەن.(3)

شۇڭا، تۇققۇزىنچى كۈنىنى بىللە قېتىپ روزا تۇتماقچى بولغانلار 17 – ئاۋغۇست سەيشەنبىنى ئاشۇرا كۈنى بولغان 18 – كۈن چارشەنبىگە قېتىپ تۇتسا بولىدۇ.

ئەلبەتتە بۇ ئىككى كۈنگە 19 – ئاۋغۇستقا توغرا كەلگەن پەيشەنبە كۈنىنى قوشۇپ روزا تۇتۇش پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت يەنە بىر سۈننەتنى ئىھيا قىلغانلىق بولسا،  ئاشۇراغا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر كۈننى قوشۇپ 9 – ، 10 – ۋە 11 – كۈنلەرنى بىللە تۇتۇش ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر بىلەنمۇ ئالاھىدە پەزىلەتلىك ئەمەل بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2021. 8. 16


1. «ئەلئىختىيار»، 1 – توم، 138 – بەت.
2. «مۇسلىم»، 1162 – ھەدىس.
3. «مۇسلىم»، 1134 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ