ئاينىڭ يېرىلىش مۆجىزىسى

ئاينىڭ يېرىلىش مۆجىزىسى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ئاي يېرىلىپ ئىككىگە بۆلۈنگەنىدى، رەسۇلۇللاھ: «كۆرۈڭلار» دېدى(1).

ئاللاھ تائالا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بەرگەن مۇئجىزىلەردىن بىرى ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلىشى بولۇپ، بەزى ساھابىلەر ئاينىڭ ئىككى پارچىسى ئارىسىدىن ھىراﺋ تېغىنى كۆرگەن. بۇ ۋەقەلىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن مەككە كۇففارلىرى ئۇنىڭدىن راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىسپات تەلەپ قىلغاندا يۈز بەرگەن.

بۇ مۇئجىزە يۈز بېرىپ بولغان قىيامەت ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، سەھىھ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «بەش تۈرلۈك ئالامەت ئۆتۈپ بولدى: تۇمان، ئاي، (﴿بىز قاتتىق تۇتىدىغان كۈندە چوقۇم ئىنتىقام ئالغۇچىلارمىز﴾(44/«دۇخان»: 16) دېگەن ئايەتتىكى) قاتتىق تۇتۇش ۋە ﴿شۇڭا پات يېقىندا سىلەرگە قۇتۇلالمايدىغان ئازاب بولىدۇ﴾ (25/«فۇرقان»: 77) دېگەن ئايەتتىكى قۇتۇلالمايدىغان ئازاب قاتارلىقلاردۇر»(2).

بۇ ۋەقەلىكنى «قۇرئان كەرىم» قىيامەت يېقىنلاشقانلىق بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرۇش تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىپ: ﴿قىيامەت يېقىنلاشتى. ئاي يېرىلدى﴾ دەپ بايان قىلغان (54/«قەمەر»: 1). قۇرەيش كۇففارلىرىنىڭ ئادىتى كاجلىق قىلىپ يۈز ئۆرۈش ۋە سېھىر دەپ تۇرۇۋېلىش بولغاچقا، ئۇلار ئاينىڭ يېرىلىشىنى كۆرگىنىدە بۇ سېھىر دەپ تۇرۇۋالغان. «قۇرئان كەرىم» ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى: ﴿ئۇلار (قۇرەيش كۇففارلىرى) بىرەر مۇئجىزىنى كۆرسىلا، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، «بۇ داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ﴾ دەپ ئەيىبلىگەن (54/«قەمەر»: 2). دېمەك، ئايەت قىيامەت يېقىنلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىنسانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.

ئەلبەتتە، بۇ مۇئجىزەۋىي ۋەقەنىڭ ئەقىلگە زىت كېلىدىغان تەرىپى يوق، چۈنكى ئاي ئاللاھنىڭ مەخلۇقى، ئاللاھ ئۇنىڭدا خاھلىغىنىنى قىلىدۇ. قىيامەت قايىم بولغاندا ئۇنى يوقىتىۋېتىدۇ. بەلكى، بۇ مۇئجىزىنى سېھىر دەپ تۇرۇۋېلىشنىڭ ياكى ئىنكار قىلىشنىڭ ئۆزى ئەقىلنى ئىشلەتمەسلىكتۇر.

بۇ ۋەقەلىكنىڭ سەۋەبىنى ئىمام بۇخارىي باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: مەككە مۇشرىكلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆزلىرىگە بىر مۇئجىزە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئاينى ئىككى پارچە قىلىپ يېرىپ كۆرسەتتى. ھەتتاكى ئۇلار ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدىن ھىرا تېغىنى كۆردى(3).

ئاينىڭ يېرىلىش (Splitting of the moon) ۋە ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولمىغاچقا، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكىلەردىن شۇ چاغدا ئايغا قاراپ تۇرغانلاردىن باشقىلار بۇ ۋەقەلىكنى كۆرمىگەن. باشقا جايلاردا بولسا كىشىلەر باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىن ياكى ھاۋا بۇلۇتلۇق بولغانلىقتىن ياكى ئۇ چاغدا باشقا جايلاردا كۈندۈز بولغانلىق، ياكى ئاي كۆرۈلمەيدىغان بولغانلىقتىن ئاينىڭ يېرىلغانلىقىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەر كۆرمىگەن. شۇنداقتىمۇ مەككە خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ۋەقە چوڭ – كىچىك ھېچكىم ئىنكار قىلمايدىغان بىر ۋەقە ھېسابلىنىپ، كافىرلاردىن بىرەرسى بۇنداق ئىش بولمىدى دەپ تۇرۇۋالالمىغان. پەقەتلا ئۇنى سېھىر دەپ تۇرۇۋالغان ۋە يەمەن قاتارلىق باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن يولۇچىلاردىن سۈرۈشتە قىلىپ سورىغاندا، ئۇلارمۇ ئاينىڭ يېرىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىشقاندا «بۇ سېھىر ھەممە جايغا يېتىپ بېرىپتۇ» دېيىشكەن.

ئىمام غەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) دەيدۇ: «ئاينىڭ يېرىلىشى كېچىدە يۈز بەرگەن مۇئجىزە بولۇپ، كېچىسى خالايىق غەپلەتتە ئۇخلاۋاتقاندا يۈز بەرگەن. ئۇ پەقەت بىر دەملا شۇنداق يېرىلغاچقا، ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلەر ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قاراشقا تەنبىھ بەرگەنلەرلا كۆرگەن. ئۇنىڭ پەقەت بىر قىسمى يېرىلىپ شۇ لەھزىدە جايىغا كەلگەن. ئادەتتە يۇلتۇزلارنىڭ ساقىپ چۈشىشى، يەر تەۋرەش ۋە كېچىلەردىكى جۇدۇن، بوران ۋە چاقماق سوقۇشلارمۇ ئاز ساندىكى كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان چوڭ ئىشلاردۇر. بۇنىڭدەك مەلۇماتنى پەقەت مۇئجىزە كەلتۈرمەكچى بولۇپ ئانىڭغا قارا دېيىلگەن ۋە شۇ ھامان ئايغا قارىغانلارلا بىلەلەيدۇ. بۇنى بىلمەي تۇرۇپ ئايغا قاراپ قالغانلار ئۇنى خاتا كۆرۈۋالغان ئوخشايمەن دەپ قالىدۇ ياكى بىرەر يۇلتۇز ئاينىڭ ئاستىغا ئۇدۇل كېلىپ، كېيىن ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ، ياكى بىرەر پارچە بۇلۇت توسۇۋالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ۋەقەلىك جىمى زېمىن ئەھلى تەرىپىدىن نەقىل قىلىنماي قالغان»(4).

مۇبادا ئاينىڭ يېرىلىشى نەچچە سائەت داۋاملىشىپ، پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسى ئۇنى كۆرگەن ۋە دۇنيا تارىخىغا تولۇق يېزىلغان بولسا ئىدى، كافىرلار ئەلبەتتە ئۇنى ئادەتتىكى ئاسترونومىيىلىك ھادىسە دەپ تۇرۇۋالغان بولاتتى ۋە ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولىدىغان ئالاھىدە مۇئجىزە دەپ قارىمىغان بولاتتى.

شۇنداقتىمۇ بۇ ۋەقەلىك تارىخشۇناسلارنىڭ قەلىمىدىن قاچمىغان. مەسىلەن، ئىمام ئىبنى كەسىر (ھ. 701 – 774 / م. 1301 – 1373) كاتتا ھەجىملىك تارىخ ئەسىرىدە ھىندىستاننىڭ بەزى يۇرتلىرىدا بۇ ۋەقەلىككە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ «ئاي يېرىلىش كېچىسى» دەپ تارىخ قالدۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ(5).

ئىمام كەشمىيرىي (ھ. 1292 – 1352 / م. 1875 – 1933) مۇھەممەد قاسىم ھىندۇشاھ ئىستەرئابادىي (ھ. 967 – 1029 / م. 1560 – 1620) نىڭ «تارىخى فەرىشتە»دىن نەقىل قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ راجا ۋەجبال ناملىق بەزى پادىشاھلىرى ئاينىڭ يېرىلىشىنى كۆرگەن ۋە بىر يۇرت شۇ پادىشاھنىڭ نامى بىلەن بەھۇپال دەپ ئاتالغان(6).

ئەللامە رەھمەتۇللاھ ئەلھىندىي ئىستەرئابادىي (ھ. 1233 – 1308 / م. 1818 – 1891) مۇ مۇھەممەد قاسىم ھىندۇشاھ ئىستەرئابادىينىڭ «تارىخى فەرىشتە»سىدىن نەقىل قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ مىللىيبار ئىقلىمىنىڭ ئاھالىسى ئاينىڭ يېرىلىشىنى كۆرگەن، كېيىنچە بۇ ۋەقەلىكنىڭ تېگىگە يەتكەندە شۇ ئىقلىمنىڭ ئاتەشپەرەس پادىشاھى مۇسۇلمان بولغان(7).

بۇنى تېخىمۇ تەكىتلەيدىغىنى شۇكى، بەزى ئاكادېمىكلەر لوندوندىكى برىتانىيە مۇزىيخانىسى قارمىقىدىكى ھىندىستان مەركىزى كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان «شاكرۇتى فارماد قىسسەسى» ناملىق قەدىمكى قوليازمىلاردىن بىرىدە شۇنى كۆرگەنكى، ھىندىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى مىللىيبار ئۆلكىسىنىڭ پادىشاھلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى شاكرۇتى فارماد بولۇپ، ئۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشىغان دەۋردە ئاينىڭ يېرىلىش ۋەقەسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە باشقىلارغا بۇنى سۆزلەپ بەرگەن(8). مەزكۇر قوليازمىنىڭ كۇتۇبخانىدىكى ئورنى: IO – 2807. ئاينىڭ يېرىلىش ۋەقەسى قوليازمىنىڭ 81 – ، ۋە 140 – بەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان.

تېخى يېقىنقى يىللاردا جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى قەدىمكى مايا مەدەنىيىتىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن ئىلمىي ۋە تارىخىي تور بەتلەردىن بىرى مىلادىيە 7 – ئەسىردە يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىدە ياشىغان دەۋردە، بولۇپمۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن مەككىدە تۇرغان ئاخىرقى يىللار بولغان مىلادىيە 623 – يىلىدا ئاينىڭ يېرىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىدا ئۇ ۋەقەنى پۈتۈن قىتئەدىكى خەلقنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كۆرگەنلىكى، بەلكى تېخى ئۆزىنىڭ كالېندارىنى شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان تەرىقىدە ئۆزگەرتكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ماقالىنى ئېلان قىلغانلار بۇ ماقالە ئارقىلىق مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇئجىزىلىرىدىن بىرىنى ئىسپاتلاشقا ھەسسە قوشقانلىقلىرىنى بىلمىگەن. كېيىن مۇسۇلمانلار بۇ ماقالىدىن خۇش بولۇپ، ئالقىشلىغىنىدا، ئاندىن ئۇلار مەزكۇر ماقالىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئارقا – ئارقىدىن 54 قېتىم ئۆزگەرتكەن. مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىسمى: «The Split Moon of the Madrid Codex and Persian Manuscripts (يەنى مادرىد ھۆججەتلىرىدە ۋە قەدىمكى فارس قوليازمىلىرىدىكى يېرىلغان ئاي)»دۇر(9).

خۇلاسە: بۇ ۋەقەلىكنى ساھابە كىراملاردىن يەتتە ساھابە رىۋايەت قىلغان بولسا، ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىز بۇ ۋەقەلىكنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە بىردەك ئىجماﺋ قىلغان. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر مۇتەۋاتىر بولۇش بىلەن بىرگە، «قۇرئان كەرىم»نىڭ 54 – سۈرىسى بولمىش سۈرە «قەمەر»نىڭ 1 – ئايىتىمۇ بۇنى ئېنىق ئىسپاتلىغان. دېمەك بۇ ۋەقەلىك شەك قوبۇل قىلمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. دەرۋەقە ھىندىستان ۋە مايا تارىخلىرىمۇ بۇنى تەكىتلىمەكتە. يېقىنقى يىللاردا ناسا ھاۋا بوشلۇقى ئىدارىسى (NASA) نىڭ كۆزىتىپ كەشپ قىلىشىچە، ئايدىكى جىلغا – يېرىقلار يانار تاغ ياكى باشقا سەۋەبلىك ئەمەس، دەل سۇنۇش ياكى باشقا سەۋەبلىك پەيدا بولغان پۈرمىلەر سىزىقى ئىكەن(10).

ئاپوللو ۋەزىپىسى دەۋرىدە ئالىملار ئاپوللو ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ 15-، 16- ۋە 17 – نومۇرلۇقلىرىغا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى پۈتۈن مەنزىرىلىك كامېرا ئورنىتىش ئارقىلىق، ئاي يۈزىدىكى Lobate  پۈرمىسىنى(11) بايقىغان. ھالبۇكى، بۇ رەسىملەر(12) ئاي شارى ئېكۋاتورى ئەتراپىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدىن تارتىلغان بولۇپ، ئاي شارى يۈزىنىڭ ئاران 20% نى ئىگەللەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن، تەتقىقاتچى خادىملار بۇ پۈرمىنىڭ پەقەت ئاي ئېكۋاتورى ئەتراپىدىكى دائىرىلىك ھەرىكەتتىن بولغان – بولمىغانلىقىنى جەزم قىلالمايدۇ. تەتقىقاتچى خادىملار LRO رەسىمىلىرىدىن(13) يەنە 14 دانە بايقالمىغان پۈرمىلەرنى تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا 7 سى يۇقىرى كەڭلىك (60 گرادۇستىن يۇقىرى) كە جايلاشقان. تەتقىقات ئەترىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئەھۋال پۈرمىلەرنىڭ بىرخىل پۈتۈن ئاي شارىغا تارقالغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى ھەم ئاينىڭ يېگىلىشىنىڭ (كىچىكلىشىنىڭ) ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈش بولالايدىغانلىقىنى تەستىقلايدۇ. ئاي شارى يېگىلىگەن ۋاقتىدا يەر پوستى ۋە مانتىل(14) قەۋىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە يەر يۈزى ئۆزئارا قارشى يۆنىلىشتە گىرەلىشىپ (بۇنى كەسپىي ئاتالغۇدا تەتۈر ئۈزۈلمە قاتلام دەيمىز(15)) بىر تەرەپ يەنە بىرتەرەپنىڭ ئۈستىگە چىقىپ پۈرۈلۈپ قالىدىغان ئەھۋالنى شەكىللەندۈرىدۇ. نەتىجىدە، ھەرخىل يېرىم يۇمىلاق ياكى يوپۇرماقسىمان پۈرمىلەرنى ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن «Lobate پۈرمىسى» دېگەن ئاتالغۇ مەيدانغا كەلگەن. ئالىملار ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇنداق بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيدۇ. ۋاتتېرسنىڭ(16) سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ بەلكىم ئاي شارى تۇپرىقىنىڭ ئۆزئارا قارشى يۆنىلىشتە كىرىشىپ گىرەلىشىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بولسا(17) يېقىنقى گىئولوگىيەلىك دەۋردە، ئاي شارى ئىچكى قىسىمىدىكى سوۋۇش ۋە يېگىلەشكە ئەگىشىپ ئاي رادىئوسى تەخمىنەن 100 مېتىر ئەتراپىدا كىچىكلەپ كېتىش نەتىجىسىدە چۈرۈك يەر پوستى يېرىلىپ، ئۆزئارا قارشى يۆنىلىشتە كىرىشىپ گىرەلىشىش يۈز بېرىپ ئۆزگىچە ھالەت شەكىللەنگەن. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېرىق بولسا، تەتۈر ئۈزۈلمە قاتلامنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈستىنكى يەر پوستىنىڭ قارشىدىكى تەرەپنى يەنى گىئورگى ناملىق تەرەپنى (جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىك 2.1 گرادۇس ۋە 128.1 گرادۇسلۇق پاراللېلغا جايلاشقان) ئۇرۇپ ئىتتىرىۋەتكەنلىكتىن شەكىللەنگەن. بارلىق «پۈرمە تارقىلىش خەرىتىلىرى»نى سىزىپ چىقىش ئارقىلىق بۇ پۈرمىلەرنىڭ چوڭلۇقىنى ئېنىقلىغىلى ھەمدە ئۆتكەن بىر مىليارد يىل جەريانىدىكى ئىسسىقلىق تارىخىنى تەخمىنەن ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ.(18).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2021. 8. 15

————————————————

1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 3636 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2800 – ھەدىس.

2. «بۇخارىي»، 4767 – ھەدىس.
3. «بۇخارىي»، 3868 – ھەدىس.
4. ئەلغەززالىي: «ئەلمۇستەسفا»، 1 – توم، 269 – بەت.
5. ئىمام ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 3 – توم، 149 – بەت.
6. ئىمام كەشمىيرىي: «فەيزۇلبارىي»، 6 – توم، 404 – بەت.
7. ئەللامە رەھمەتۇللاھ ئەلھىندىي: «ئىزھارۇل ھەق»، 4 – توم، 1039 – بەت.
8. دوكتور زەغلۇل نەججار: «‹قۇرئان كەرىم›دىكى ئاسمان»، 543 – بەت.
9. قاراڭ: «المعارضات الفكرية لأحاديث الصحيحين»، 2 – توم، 1256 – بەت.
10. https://www.nasa.gov/mission_pages/LRO/news/shrinking-moon.html?fbclid=IwAR07Q6dhW-IgA1Egw-1irscdj93SktfTdVl0yBo1IsL-KglMkkZknmvilmI.
11. Lobate نىڭ ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى يۇمىلاق، يوپۇرماقسىمان دېگەن مەنىدە كېلىشى مۇمكىن. تەرجىماندىن.
12. https://www.nasa.gov/images/content/476464main1_crosscut_craters-670.jpg
13. بۇيەردىكى LRO بولسا Lunar Reconnaissance Orbiter ئاي رازۋېدكا ئوربىتىسىنىڭ ئېنىگلىزچە قىسقارتىلىمىسى، تەرجىماندىن.
14. مانتىل قەۋىتى mantle بولسا يەر يۈزى ۋە يەر يادروسى ئارىسىدىكى قەۋەت بولۇپ، يەرشارى مانتل قەۋىتى بىلەن ئوخشاشتۇر، تەرجىماندىن.
15. Thrust fault.
16. تەتقىقاتچى ئالىم Watters نىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى، تەرجىماندىن.

17. https://www.nasa.gov/images/content/475267main_gregory_scarp_300. jpg

18. ناسا توربېتىدىن ئېلىنغان نەقىلنى تەرجىمە قىلغۇچى ماھىرجان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ