پروفېسسور دوكتور سەرۋەت بايىندىر*
(Prof. Dr. Servet BAYINDIR)
(2019 – يىل 2 – ئاپرېل)
قاتىلىم بانكىچىلىق ئىگىلىكىدە تارىخ سەھىپىسىگە قەيت قىلىشقا ئەرزىگۈدەك مۇھىم تەرەققىيات ۋە بۇرۇلۇشلارغا تانۇقلۇق قىلماقتىمىز. بۇ، كېلەچەك بوغۇنلار ئۇشبۇ كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە بۇنىڭغا بىۋاسىتە ياكى (سۈكۈت قىلغان ھالدا بولسىمۇ) ۋاسىتىلىك ھالدا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ھەسسە قوشقان بارلىق ئامىللارنى ئىزچىللىق نۇقتىسىدىن باھا بېرىش ئېھتىمالى بولغان بىر دەۋردۇر. نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى قىسقىچە ئىزاھلاشقا تىرىشقايمىز.
1. باسقۇچ
تۈركىيەدە «قاتىلىم بانكىچىلىقى»، خەلقئارادا «ئىسلامىي بانكىچىلىق» دەپ ئاتالماقتا بولغان بۇ زامانىۋى پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئۆتمۈشى 1928 – يىللارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئۇ يىللاردا ئالجىرىيە فرانسىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا ئىدى. ئۆزى بىر ئالىم ۋە مۇجاھىد زات بولغان ئىبراھىم ئەبۇل يەكزان فرانسۇز مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللىرىدىن بىرى ئىسلامىي ئاساسلارغا تايانغان ھالدا ئىشلەيدىغان بانكا سىستېمىسى دەپ قارايدۇ. چۈنكى، جىھادنىڭ تۈرلىرىدىن بىرى ھەم دەل ئىقتىساد بولۇپ، ئىقتىسادىي جىھاد بولسا دەسمايىلەر بىر يەرگە توپلىنىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان سەرمايە جۇغلانمىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى. بىر جىھادنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان ۋاسىتىنىڭمۇ سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇڭا سەرمايە جۇغلانمىسى پەقەتلا دەسمايىلەرنى ئىسلام ماقۇللىغان ئۇسۇللار بىلەن توپلاپ ئوبوروت قىلىدىغان بانكا بىلەن روياپقا چىقالايتتى. ئىبراھىم ئەبۇل يەكزان ئەپەندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن كېرەكلىك سەرمايە ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىر يەرگە يىغىلىپ، ئىسلامىي پرىنسىپلار ئاساسىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان بىر بانكا قۇرۇپ چىقىش خىزمىتى باشلىتىلغان بولسىمۇ، ئۆز زامانىسىدىكى فرانسۇز مۇستەملىكە ۋالىيسى فرانسىيەنىڭ ئالجىرىيەدىكى ئالىي مەنپەئەتلىرىگە مۇخالىپ ئىكەنلىك باھانىسى بىلەن بۇ بانكىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسالغۇغا بولىدۇ ۋە ئاقىۋەتتە مەزكۇر تۇنجى قەدەم مەغلۇپ بولىدۇ.
ئىككىنچى بىر مۇھىم قەدەم، يەنە بىر ئالىم زات بولمىش پروف. در. ئەھمەد ئەننەججار تەرىپىدىن 1963 – يىلى مىسىردا بېسىلىدۇ. ئۆز دەۋرىدىكى ئۆسۈمخور گۇرۇھلار بىلەن ئۇزۇن يىللار كۈرىشىش نەتىجىسىدە تامامەن شېرىكچىلىك ۋە تىجارەت ئاساسىدا خىزمەت ئېلىپ بارىدىغان تۇنجى بانكا مەيدانغا كېلىدۇ. مەزكۇر بانكىنىڭ رەسمىي شەكىلدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىش باشلىشى پۈتۈن ئىسلام جۇغراپىيەسىدە قىزغىن ئالقىشلىنىدۇ ھەمدە بۇنىڭغا ئوخشىغان بانكىلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقا ئىسلام ئەللىرىدىمۇ ئىشقا چۈشۈشكە باشلايدۇ. جۈملىدىن تۈركىيەمۇ شۇ ئەللەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. تۈركىيەدە 1984 – يىلى «خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى (Özel Finans Kurumları)» نامىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆسۈمسىز بانكىلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. «ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن باغچىلارغا قويۇلغان، لېكىن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك بىر بانكىنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئورۇندۇق – بانكلارغا ئولتۇرۇشنىمۇ گۇناھ دەپ بىلىدىغان، ئۆسۈمگە قارشى ناھايىتى سەزگۈر خۇداگۇي خەلقىمىز» بۇ ئەھۋالنى ئىنتايىن جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن قارشى ئالىدۇ. ئۆز ۋاقتىدىكى ئىسلامىي تاراتقۇلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرى، سەرمايىدارلار ۋە پۇقراۋىي ئۇيۇشمىلار ئىسلام دىنىمىز ۋە ئەنئەنىلىرىمىزگە مۇۋاپىق يېڭى بىر پۇل – مۇئامىلە ئورگىنىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدۇ. خەلققە يىغقان پۇللىرىنى بۇ بانكىلارغا قويۇش، شەخسىي ۋە رەسمىي پۇل – مۇئامىلە ئېھتىياجلىرىنى مۇشۇ بانكىلار ئارقىلىق تەمىنلەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەلبەتتە بۇ ھاياجاننىڭ كەينىدە ئىبرەتلىك بىر كەچمىش بار ئىدى. يەنى 1974 – يىلى مەلۇم دەرىجىدە ئۆسۈمسىز مۇلازىمەت سۇنغان «دۆلەت سانائەت ۋە ئىشچى دەسمايە بانكىچىلىقى (DESİYAB)»نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بۇ ساھەدە تۈركىيەدە بېسىلغان تۇنجى قەدەم، مۇۋەپپەقىيەتكە تولغان بىر گرافىك نامايان قىلغان بولۇشىغا قارىماي، ئىدېئولوگىيەلىك قۇتۇپلىشىشنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن، ئۈمىدلەر باشقا بىر تاڭغا قېلىپ قالغان ئىدى.
ئۆز ۋاقتىدىكى بىر قىسىم لىبېرال ۋە سولچىل تاراتقۇلارنىڭ نەزەرىدە بولسا ئەسل مەقسەت دۆلەت ۋە خەلقنىڭ پايدىسىغا ئۆسۈمسىز بىر سىستېما بىلەن ئىش بېجىرىدىغان يەرلىك ۋە مىللىي بىر بانكا قۇرۇش ئەمەس ئىدى. ئۇلارچە بۇنىڭ كەينىدە باشقا سەۋەبلەر بار ئىدى. مۇھىم بىر سەۋەبلەردىن بىرى ھەم ئۆسۈمخور بانكىلارغا يېقىن يولىمايدىغان خەلقنىڭ دىنىي ھېسسىيات ۋە پۇللىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىش، بۇ ئۇسۇل بىلەن ئاخىر – ئاقىۋەتتە ئۆسۈمدىن قاچۇرۇلۇپ ياستۇقنىڭ ئىچىدە ساقلانغان پۇل – پىچەك، ئالتۇن – كۈمۈشلەر يېشىل دۇخاۋىغا ئوراپ قان شورىغۇچ پۇل – مۇئامىلە كاپىتالىستلىرىغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلەتتى. بۇ كۆزقاراشتىكىلەرنىڭ نەزەرىدىكى ئىككىنچى بىر سەۋەب بولسا شۇ دەۋردە نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ پارس قولتۇقىدا ئوتتۇرىغا چىققان نېفىت – دوللار مولچىلىقىنىڭ، يەنە بىر نامى بىلەن «يېشىل سەرمايە»نىڭ تۈركىيەگە جەلپ قىلىنىشى ئىدى. دەرۋەقە، تۇنجى تۈركۈمدە ئىشقا كىرىشكەن ئۆسۈمسىز پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ سەرمايىسىدە ئەنگلىيەگە قاراشلىق باھاما ئاراللىرى مەركەزلىك پارس قولتۇقى ئەللىرى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن پۇل – مۇئامىلە ھاۋالە شىركەتلىرىنىڭ ئۈلۈشى خېلىلا ئۈستۈنلۈكتە ئىدى. تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ بېشىدا «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ شۇ دەۋردىكى باش يازغۇچىسى ئۇغۇر مۇمجۇ بار ئىدى. ئۇغۇر مۇمجۇ سولچىل مەيدانى بىلەن داڭق قازانغان بىر كىشى بولۇپ، دىندار ئاممىنىڭ قارىشىدا ئۇغۇر مۇمجۇنىڭ بۇ ئورگانلارغا قارشى تەنقىدلىرى تېگىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىسلام دىنىغا قارشى تەنقىدىي مۇئامىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئىدى. ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ تەرىپىنى ياقتۇراتتى. 1993 – يىلى (27 – يانۋار _ ت) بىر سۇيىقەست نەتىجىسىدە ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تەشكىللەنگەن جىنازا مۇراسىمىغا قاتناشقانلار تاۋۇتنىڭ كەينىدىن قاتارلىشىپ ئەگىشىپ كېتىۋېتىپ «شەرىئەتكە مىڭ لەنەت!» دەپ شوئار توۋلاشقانىدى. يەرلىككە قويۇلغاندىن كېيىن ئىسلام ئەنئەنىسى بويىچە ئادەتتە مەرھۇمنىڭ كەينىدىن ئېيتىلىدىغان «ياتقان يېرى نۇرغا تولسۇن! روھى كۈلسۇن» دېگەندەك دۇئالارنىڭ ئورنىغا «ياتقان يېرى ئايدىڭلىق بولسۇن! يۇلتۇزلار ھەمراھىڭ بولسۇن» دەپ تىلەك تىلەشكەن ئىدىلەر.
ئىسلام بانكىچىلىقى «خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى (ÖFK)» نامى بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلگەندە بۇ ئورگانلار ئۈچۈن چىقىرىلغان مەخسۇس بىرەر قانۇن يوق ئىدى. دەسلەپتە1983. 12. 16 – كۈنىدىكى 7506/83 نومۇرلۇق بىر مىنىستىرلار كومىتېتى قارارنامەسى ئېلان قىلىندى. بۇ قارارنامەگە ئاساسەن خەزىنە ۋە تاشقى سودا مەسلىھەت كېڭىشى 1984 – يىلى 25 – فېۋرال كۈنى «خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى مەبلەغلەرنى (ئىگىسىگە كىرىم ئېلىپ كەلمەيدىغان خالىسانە ئۆتنىدىن ئىبارەت) «جارى ھېسابات» ۋە (پايدا ۋە زىياننى بۆلۈشۈش ئاساسىدىكى ئەمگەك – سەرمايە شېرىكچىلىكىدىن ئىبارەت) «قاتنىشىش ھېساباتى» نامى بىلەن توپلايدۇ، توپلانغان مەزكۇر فوندلارنى بانكا ئۆزى بىۋاسىتە ئېلىم – سېتىم ئېلىپ بېرىش، باشقا شىركەتلەر بىلەن شېرىكچىلىك قۇرۇش ياكى مۇقىم مۈلۈك ۋە ياكى ئەسلىھە/ۋاسىتە ئىجارىگە بېرىش (Leasing) شەكلى بىلەن ئۆزى تىجارەت قىلىش شەكلىدە قوللىنىدۇ، ئېرىشىلگۈسى پايدا سەرمايىدار بىلەن ئۈلۈشۈلىدۇ؛ سەرمايىگە كەلگەن زىيان مەبلەغ سالغۇچىغا، ئەمگەككە كەلگىنى بانكىغا تەۋە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بانكىنىڭ تىجارەت قىلماي تۇرۇپ پۇل تېپىشى، مۇقىم كىرىم ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ فوند توپلىشى ۋە شۇنداقلا مەبلەغ سالغۇچىغا ئامانەتنىڭ دىرى ۋە كىرىم كاپالىتى بېرىشى چەكلىنەتتى. تۇنجى ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن بۇيان ئىسلامىي/قاتىلىم بانكىچىلىقىدا سەرمايىنىڭ قوللىنىلىشىدىكى ئاساسىي ئۇسۇل، دېيەرلىك %90 ئەتراپىدا، مۇرابەھە ئىدى. مۇرابەھە مەزكۇر تۇنجى ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئىزاھلانغان ئىدى: «ئورۇن/ئورگانلار ئۈچۈن مۇقىم مۈلك، خام ۋە يېرىم پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار بىلەن ئۈسكۈنە ۋە ماشىنا/سېخ ئېلىش مەقسىتىدە قىلىنغان ئىلتىماسلارغا تىلغا ئېلىنغان ماللارنىڭ ئۈچىنچى شەخسلەردىن نەقت پۇل بىلەن سېتىۋېلىنىپ، قەرەللىك سېتىش مەشغۇلاتىنى تۈزگۈچى بىر توختام»دۇر.
مەزكۇر تۇنجى ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن باشلانغان ئۆسۈمسىز بانكىچىلىق ئىگلىكىدە شەخسىي خاتالىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچقانداق فىقھىي مەسىلە ساقلانمىغان ئىدى. «خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى» 2001 – يىلىغىچە فىقھىي جەھەتتىن ناھايىتى ساغلام ئىشلەپ كەلدى. خەلق ئاممىسى بۇ ئورگانلاردىن ناھايىتى خاتىرجەم ئىدى، چۈنكى ھېچقايسى بىر ئىسلام ئالىمى مەزكۇر سىستېمىغا قارىتا نەزەرگە ئالغۇدەك بىر تەنقىدتە بولمىغان ئىدى.
بولغۇلۇقلارنىڭ ھەممىسى 1997 – يىلىدىكى «28 – فېۋرال ۋەقەسى» بىلەن باشلىدى. ئۆز دەۋرىدىكى ئىستىبدات ھاكىمىيەت «يېشىل سەرمايە»نىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە «خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى» بىلەن قېرىشىپ قالدى. ئۇلارنى تاقاش ئۈچۈن تۈرلۈك باھانىلەر ئىزدەپ باقتى. دەل شۇ كۈنلەردە ئەلبەرەكە ئىدارە ھەيئىتى سابىق ئەزاسى مەرھۇم كەمال ئۇناكىتان (Kemal Unakıtan) بىر مۇرابەھە مەشغۇلاتىدا ساختا تالون كېسىش بىلەن قارىلىنىپ، يۇقىرى سوتتا سوتلاندى. بۇ ۋەقە، مۇرابەھەنىڭ تىجارىي خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان ھالدا قانۇنلۇق ۋە قەيتلىك ھالدا ئالدى – ساتتى شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىشىغا باشتىن بېرى ئارىلىق ساقلاپ كەلگەنلەر ئۈچۈن ئوبدان كوزىر بولۇپ بەردى. قەلبلىرىگە ئالتۇن موزاي (ئۆسۈم) سۆيگۈسى ئورنىتىلغان بەزى كىشىلەر كەمال ئۇناكىتان ئەپەندىنىڭ سوتلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان «ئۇقتۇرۇش»تىكى قانۇنىي بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ۋەقەنى «خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى»نى ئۆسۈملۈك بانكىلار قاتارىغا سۆرەپ كىرىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىشتى. زۇلۇم ۋە ئىستىبدات بىلەن خاراكتېرلەنگەن «28 – فېۋرال» مەزگىلى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىقتىسادىي ۋە پۇل – مۇئامىلە كرىزىسىگە قارشى 2001 – يىلىدىكى تەدبىرلەر دائىرىسىدە بانكىچىلىق قانۇنىدا بەزى ئۆزگەرتىش/تۈزىتىشلەر بولدى. بۇ ئۆزگەرتىش/تۈزىتىش پۇرسىتى غەنىيمەت بىلىندى، قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ماددىلارغا «خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى»نى ئۆسۈملۈك بانكىلاردىن ئايرىپ تۇرغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولغان مۇرابەھە پۇتى يەر باسماس ھالغا كەلتۈرۈلدى. دەرۋاقىئە «بانكىچىلىقنى تەرتىپكە سېلىش ۋە تەكشۈرۈش كومىتېتى (BDDK)» تەرىپىدىن مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئاساسەن 2001 – يىلى ئېلان قىلغان «‹خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى›غا ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش» بىلەن مۇرابەھەگە ئالاقىدار بۇرۇنقى ئىزاھتا ئۆزگىرىش بولدى. شۇ قېتىم كومىتېت مۇرابەھەنى ھەم ئورگانلار ھەم شەخسلەر ئۈچۈن مۇنداق ئىزاھلايدۇ:
«ئا) ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش (ئورگانلار ئۈچۈن): خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگىنى بىلەن فوند ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئارىسىدا تۈزۈلگۈسى توختام دائىرىسىدە، ئالاقىدار ئورۇن ئېھتىياجلىق بولغان مۇقىم مۈلك، ماشىنا/سېخ ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ، خام ياكى يېرىم پىششىقلانغان ماددىنىڭ نەقت قىممىتىنىڭ خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگىنى تەرىپىدىن ئالاقىدار ئورۇنغا ۋاكالەتەن ساتقۇچى تەرەپكە تۆلىشى ۋە ئورۇننىڭ قەرەللىك شەكىلدە قەرزگە باغلىنىشى مەشغۇلاتىدۇر. بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆتنە بېرىلگۈسى فوندلارغا قارشىلىق كاپالەت ئېلىنىشى، ساتقۇچى ۋە فوند ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئارىسىدىكى سودا توختامىنىڭ ۋە مالنىڭ نەقت پۇل قىممىتىنىڭ تۆلىنىشىگە ئالاقىدار بەلگە/ھۆججەتنىڭ سۈرىتىنىڭ خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگىنى تەرىپىدىن ساقلىنىش مەجبۇرىيتى باردۇر.
ب) شەخسلەرنى ئىقتىسادىي قوللاش: بىرەر تىجارىي ساھەنىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىياجىدا ئىشلەتمەسلىك شەرتى بىلەن (2003 – يىلىدىكى ئۇقتۇرۇشتا بۇ چىقىرىپ تاشلاندى)، شەخسىي ئېھتىياجلار ئۈچۈن، ھەقىقىي كىشى سېتىۋالغۇچى تەرەپ(لەر)نىڭ بىۋاسىتە ساتقۇچى تەرەپ(لەر)دىن ئالغان مال ياكى مۇلازىمەت قىممىتىنىڭ، خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگىنى تەرىپىدىن سېتىۋالغۇچى نامىدىن ساتقۇچىغا تۆلىنىشىگە قارشىلىق سېتىۋالغۇچىنىڭ قەرزگە باغلىنىشى مەشغۇلاتىدۇر».
مەزكۇر تۈزىتىش بىلەن مۇرابەھە، خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگىنى ئۈچۈن تىجارەت سالاھىيىتىنى يوقاتتى. ئۆسۈملۈك بانكا سىستېمىسىدىكى ئىستېمالچى قەرز كرېدىتى مەشغۇلاتىغا ئوخشاش، سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىدىن ئالغان مال ياكى مۇلازىمەتنىڭ كرېدىتلەشتۈرۈلۈشى شەكلىدىكى قەرز كرېدىتىگە ئايلاندى. بۇ تۈزىتىشنى قوغلىشىپلا ئۆسۈمسىز بانكىچىلىققا قارىتا فىقھىي تەنقىد ۋە گۇمانلار تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى. لېكىن، بۇ تەنقىدلەر ئالاقىدار ئورگانلار تەرىپىدىن ئانچە دىققەتكە ئېلىنمىدى. دەرھەقىقەت BDDK تەرىپىدىن 2003 ۋە 2004 – يىللىرى «خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى»غا ئالاقىدار يېڭى – يېڭى تەرتىپكە سېلىشلار ھەم بولدى. لېكىن، يۇقىرىقى ماددىلارنىڭ نېگىزىگە ئالاقىدار ياخشىلاش خاراكتېرلىك مۇھىم بىر تۈزىتىش/تەرتىپكە سېلىش يۈز بەرمىدى. بۇ مەزگىلدە ئىسلامىي پرىنسىپ ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن ئۆسۈمسىز بانكاچىلىق ئارىسىدىكى ھاڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.
قىسقىچە خۇلاسىلىگەندە، ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقتىدىكى ئىسمى بىلەن «خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى»، كۈنىمىزدىكى نامى بىلەن «قاتىلىم بانكىلىرى»نىڭ بالانس پاسسىپلىرى (كىرىم – چىقىم جەدۋەللىرى)دىكى سەرمايە چوڭ جەھەتتىن ئۈچ قەلەمدىن تەشكىل تاپاتتى:
بىرىنچىسى (قۇرغۇچىلارغا تەۋە): ئاساسىي مەبلەغ؛
ئىككىنچىسى: خالىسانە قەرز ماھىيىتىدىكى جارى ھېسابات؛
ئۈچىنچىسى: پايدا – زىيان شېرىكچىلىكى ئاساسىدىكى قاتنىشىش ھېساباتى قاتارلىقلار.
يەنى بۇ سىستېمىدا خەلقتىن پۇل توپلاشنىڭ ئىككى تۈرلۈك يولى بار ئىدى: جارى ھېسابات ۋە قاتنىشىش ھېساباتى. جارى ھېسابات ئۆسۈمسىز قەرز بولغاچقا بانكىنىڭ قانچىلىك ئالغان بولسا شۇنچىلىك قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار. قاتنىشىش ھېساباتلىرى بولسا شېرىكچىلىك ئاساسىدا ئېچىلغان بولغاچقا، بانكا ئامانەتنىڭ دىرى ۋە مۇقىم كىرىمگە كاپالەت بېرەلمەيتتى، قانچىلىك كىرىم بولغان بولسا شۇنچىلىكنى قاتناشقۇچى بىلەن ئۈلۈشەتتى.
بالانىس ئاكتىپىغا، يەنى سەرمايە قوللىنىلغان پۇل – مۇئامىلە ئۇسۇللىرىغا كەلسەك، ھەرقانچىۋالا نىزامنامىلەر باشقا ئورۇن/ئورگانلار بىلەن پايدا – زىيان شېرىكچىلىكىگە رۇخسەت قىلسىمۇ، ئەمەلىي تەتبىقلاشتا سەرمايە ئىككى يولدىن بىرى بىلەن قوللىنىلاتتى: مۇرابەھە (دېيەرلىك %90) ۋە پۇل – مۇئامىلەۋىي ئىجارىگە بېرىش (Leasing). ھەر ئىككىسى ھەقىقىي تۈردە ئېلىپ بېرىلغان مال ۋە مۇلازىمەت تىجارىتىگە تايانغان بولغاچقا فىقھىي جەھەتتىن ھېچقانداق چاتاق يوق ئىدى.
2. باسقۇچ
«خۇسۇسىي پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى» 2005 – يىلى ئېلان قىلىنغان «بانكىچىلىق قانۇنى» بىلەن تۇنجى بار بىر قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئەمما، بۇ قېتىم ئۆسۈملۈك بانكىلار بىلەن ئوخشاش بىر قانۇنغا باغلاندى. مەزكۇر قانۇن پۈتۈن بانكىلار ئۈچۈن ئورتاق بولغان 21 پەرقلىق مەشغۇلات/مۇلازىمەت تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. قاتىلىم بانكىلىرى پەقەتلا «ئۆسۈملۈك» ئامانەت نامىدا پۇل قوبۇل قىلالمايتتى، بۇنىڭ ئورنىغا ئامانەتلەرنى قاتىلىم ھېساباتى نامى ئاستىدا توپلىيالايتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆسۈملۈك بانكىلارغا ئوخشاش نەقت ياكى غەيرى نەقت ھەرقانداق تۈردە قەرز (كرېدىت) بېرەلەيتتى، تۇغۇندى ۋاسىتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆسۈملۈك بانكىچىلىقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرقانداق تۈردىكى ئاددىي ۋە مۇرەككەپ سالاھىيەتلىك پۇل – مۇئامىلە مۇلازىمەتلىرىنى ئاتقۇرالايتتى. نېتەكىم شۇنداقمۇ بولدى…
2010 – يىللارغىچە قاتىلىم بانكىچىلىقىغا ئالاقىدار نىزامنامەگە مۇھىمراق بىرەر تۈزىتىش كىرگۈزۈلمىدى. شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن قاتىلىم بانكىچىلىقى كۈنتەرتىپىگە ئەۋۋەلا سۇكۇك (ئىجارە زايومى)، كېيىنرەك «پۈتۈشۈۋېلىنغان تەۋەررۇق»1 كىرىپ كەلدى. سۇكۇك تۇنجى قېتىم كۇۋەيتتۈرك تەرىپىدىن ئەنگلىيەدە چەتئەل پۇلى بىلەن ئېكسپورت قىلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ قاتىلىم بانكىلىرى تىزگىنىنى ئۈزۈۋالغان ئاساۋ ئات مىسالى سۇكۇك بازىرىغا شۇڭغۇپ كىرىشتى. باشتا ئۆز ئىلكىدىكى مۇقىم مۈلك ۋە ئىجارىگە بېرىش ئارقىلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش (leasing) تۈرىدىكى تاۋارلىرىغا، ئاندىن كېيىن مۇرابەھە ئېلىشلىرى ۋە ۋاكالەتكە، ئەڭ ئاخىرىدا تەۋەررۇققا تايانغان سۇكۇك ئېكسپورت قىلىشقا باشلىدى.
ئەسلىدە سۇكۇك فىقىھتا نەزەرىيە جەھەتتىن يوللۇق بىر ئىسلامىي پۇل – مۇئامىلە مەشغۇلاتى بولسىمۇ، قاتىلىم بانكىلىرى تەرىپىدىن تەتبىقلانغان سۇكۇكنىڭ نەزەرىيە بىلەن بىر مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ھەقىقەتتە تەتبىقلىنىۋاتقىنى ئۆسۈملۈك بانكىچىلىقتىكى ئۆسۈملۈك چەك ۋە زايوم ئېكسپورتىدىن ئىبارەت ئىدى. دەرۋەقە ئۆسۈملۈك بانكىلار ئۈچۈن چەك ۋە زايوم ئېكسپورت رۇخسىتىمۇ ئوخشاش شۇ ۋاقىتتا بېرىلگەن ئىدى. سۇكۇكقا قوشۇمچە سۈپىتىدە 2012 – يىلىغىچە ساغلام داۋام قىلىپ كەلگەن پۇل – مۇئامىلەۋىي ئىجارىگە بېرىش ئارقىلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش (leasing) نىڭ ماھىيىتىگىمۇ قول تىقىلدى. بۇ مۇلازىمەت ئادەتتە بىر بانكىنىڭ مەلۇم ئەسلىھەنى ساتقۇچىدىن سېتىۋېلىپ خېرىدارغا سېتىش+ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت بولغان بولسا، 2012 – يىلى چىقىرىلغان «پۇل – مۇئامىلەۋىي ئىجارىگە بېرىش قانۇنى»دا ئەسلىدىكى ئىزاھقا قوشۇمچە قىلىنغان بىر مەزمۇن بىلەن بانكىنىڭ فوند تەلەپ قىلغۇچى شەخسنىڭ ئۆزىدىن مېلىنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىپ، مەزكۇر شەخسكە قايتا سېتىش+ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتىنىڭ يولى ئېچىلغان بولدى. شۇنداق قىلىپ پۇل – مۇئامىلەۋىي ئىجارىگە بېرىشنىڭ مەزكۇر تۈرى ئۆتمۈشتە «بەيئۇل ئىستىغلال»2 دەپ ئاتالغان ھىيلە ئىشلىتىلگەن ئۆسۈمخورلۇققا ئايلانغان بولدى.
بۇ پەيتتە سۇكۇك بىلەن بىرلىكتە كۈنتەرتىپكە كەلگەن مۇلازىمەتلەردىن بىرى بولسا تەۋەررۇق ئىدى. تەۋەررۇق ئەسلىدە نەقت پۇل قىسچىلىقى تارتقان كىشىنىڭ مەلۇم مال/تاۋارنى ساتقۇچىدىن قەرەللىك، ئەمما (كۆپىنچە) قىممەترەك سېتىۋېلىپ، بازاردا ئەرزانراق پۇلغا سېتىشى ۋە مۇشۇ شەكىلدە نەقت پۇل قىسچىلىقىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئىبارەت ئەقىلگە مۇۋاپىق تىجارەت مەشغۇلاتىدۇر. ئەمما، بانكىلار تەۋەررۇقنى بۇ شەكىلدە ئېلىپ بارمىدى. بەلكى لوندون مېتال بازىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغۇچى ۋاكالەتچى شىركەتلەر بىلەن شېرىنكانە قارشىلىقىدا ۋەدىلىشىپ، ئىسكىلاتلاردىكى مېتاللارنى ئېلېكترونىك دۇنيادا گويا ئالدى – ساتتى قىلىپ كۆرسىتىپ كرېدىت ھاسىل قىلىشتى. ئەسلىدە ھەقىقىي مەنىدە بىر مېتال ئېلىپ – سېتىش يۈز بەرمىگەن ئىدى. تا بۈگۈنگىچە مىليونلارچە توننا مېتال ئۈستىدىن توختام تۈزۈلگەن بولۇشىغا قارىماي، بۇ مۇلازىمەتلەر بائىس ئەقەللىي بىر گرام مېتالمۇ ئورنىدىن قىمىرلىمىغان، ھەتتا مېتال ۋە مېتال ئىگىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن قىلچە خەۋىرىمۇ يوق ئىدى. بىردىنبىر خەۋەردارلار لوندوندىكى شېرىنكانە قارشىلىقىدا ئۆسۈم يۇيغان ئىنگلىز ھايانكەشلەر ئىدى.
تەۋەررۇق دەسلەپتە قەرەلى تولغان، ئەمما بانكىغا قەرزىنى تۆلەشتە قىينالغان خېرىدارلارنىڭ قەرزلىرىنىڭ قەرەلى ئۇزارتىلىپ، قەرز سوممىسىنىڭ ئۆستۈرۈلىشىدىن كېلىپ چىققان قەرزنىڭ يېڭىدىن تەشكىل قىلىنىشى شەكلىدە تەتبىقلاندى. پەتۋا ھەيئەتلىرى تەۋەررۇققا «زۆرۈرىيەتكە بىنائەن» پەقەتلا نەقت پۇل تەڭقىسلىقى تارتقان خېرىدارلارنىڭ قەرزلىرىنى تۆلەشتە تەتبىقلاشقا بولىدىغانلىقى بارىدا جەۋاز بېرىشتى. ئەلبەتتە بۇ يەردە بىر زىددىيەت بار ئىدى: نەقت پۇل تەڭقىسلىقى تارتقۇچى بانكا ئەمەس، خېرىدار ئىدى… ئەمما، «زۆرۈرىيەت» پرىنسىپى تەتۈرىگە قوللىنىلدى، پەتۋا تەڭقىسلىق تارتقان خېرىدارغا ئەمەس بەلكى خېرىدارنى تەڭقىسلىقتا قويغان بانكىغا بېرىلدى. «زۆرۈرىيەت»نىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىدى. مەلۇم بىر قاتىلىم بانكىسى مەزكۇر زۆرۈرىيەتنى(!) بەدەللىك ئەسكەرلىك قەرزى ئۈچۈن قوللاندى.
يەھۇدىي ئەدەبىياتىدا ئۆسۈم بەئەينى يىلان ئوغىسى (زەھرى) كەبى كۆرۈلىدۇ. ئۇلارچە ئوغا بەدەنگە بىرلا قېتىم تارقىدىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەستۇر. گېنى بىلەن قېرىشىلغان مۇرابەھە، leasing، سۇكۇك ۋە تەۋەررۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى گويا بىردىن ئۆسۈملۈك ئوغا بولۇپ قاتىلىم بانكىچىلىقىنىڭ «بەدەن»ىگە (ئاكتىپ ۋە پاسسىپلىرى ئارىسىدا) شۇنداق بىر تارقالدىكى، خۇددى چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغان بەدەننىڭ ھەر قېتىمدا تېخىمۇ كۆپرەك چېكىملىك تەلەپ قىلغىنىغا ئوخشاش مەزكۇر مۇلازىمەتلەرگە بولغان تەلەپنىڭ نىسبىتىمۇ داۋاملىق ئاشتى. ئەكسىچە ئەھۋاللاردا نېرۋىلىرى (پۇل – مۇئامىلەۋىي) تارتىشىپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە قاتىلىم بانكىلىرى تەۋەررۇقنى باشقا پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە شەخسلەردىن ئامانەت دىرى ۋە كىرىمىگە كاپالەت قىلغان ھالدا ئۆتنە ئېلىش ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلاشتى. ئاساسلىق تاۋارلار (Emtia / Commodity) مۇرابەھەسى3، ۋاكالەتەن مەبلەغ سېلىش ۋەكالىتى (Wakala investment)4 ۋە باشقا ئاتلار بىلەن تەۋەررۇققا تايانغان (ئېلىم – سېتىم كۆرۈنۈشىگە ئورالغان) ئۆسۈملۈك فوند توپلاشنى داۋاملاشتۇردى. كېيىنچىرەك ئوخشاش مەشغۇلاتنى باشقىلارغا فوند تەمىنلەشتىمۇ تەتبىقلەشتى. سۇكۇك، تەۋەررۇق ۋە مۇرابەھەلەرنىڭ قاتىلىم بانكىچىلىقى مەشغۇلات مۇلازىمەتلىرى ئىچىدە نىسبىتى ئۆرلىگەنسېرى ھەقىقەتنىڭ يۈزى كۆز قاماشتۇرغۇچى جۈملىلەر بىلەن پەردازلىنىشقا تىرىشىلدى. شۇنداقتىمۇ گۇناھكارلىق ۋە نومۇس پىسخىكىسى بۇ ساھەنىڭ ئۈستىگە قارا بولۇت كەبى مىندى.
قاتىلىم بانكىچىلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلەردە فوند يىغىش ئۇسۇللىرى ئىككى تۈرلۈك بولسىمۇ، تۈرى مۇشۇ شەكىلدە كۆپەيدى. شەرىئەتكە ئۇيغۇن قاتنىشىش ھېساباتى مۇلازىمىتى پەقەتلا ۋەزىيەتتىن بىخەۋەر ساددا/غۇبارسىز دىندار ئامما ئۈچۈن بىر ئۆسۈملۈك قەرز ھۆججىتى بولۇپ قالدى. ئامانەتنىڭ دىرى ۋە يۈكسەك كىرىمگە كاپالەت تەلەپ قىلىدىغان شەخس ۋە ئورۇن/ئورگانلارغا سۇكۇك، تەۋەررۇق، ۋاكالەتەن مەبلەغ سېلىش كەبى (ئەمەلىيەتتە ئۆسۈملۈك) ئاتالمىش ئىسلامىي ئۇسۇللار سۇنۇلدى. زاتەن فوند تىجارىتى تامانىدا شەرىئەتكە ئۇيغۇن دېيەرلىك ھېچقانداق تۈر قالمىغانىدى: مۇرابەھە ۋە پۇل – مۇئامىلەۋىي ئىجارىگە بېرىشنىڭ گېنىغا چىقىلىپ قويۇلغانىدى. بۇنى بىر تەرتىپ – ئىنتىزامغا سېلىش كېرەك ئىدى. تۇنجى بولۇپ كاللىغا كېلىدىغىنى BDDK ئىدى، ئەلبەتتە. نېتەكىم BDDK مۇ بۇ ئىشقا قول تىقتى ۋە ئوخشىمىغان ئىككى نىزمنامە ئېلان قىلدى. ئېلان قىلىشنىغۇ قىلدى، لېكىن بۇ يېڭىلىقلار بىلەن مەۋجۇت سىستېمىنى تېخىمۇ كېسەل چىرمىۋالدى.
بانكىچىلىقنى تەرتىپكە سېلىش ۋە تەكشۈرۈش كومىتېتى (BDDK) 2018 – يىلى 18 – ئۆكتەبىردە قاتىلىم بانكىچىلىقىنىڭ سەرمايە يىغىش، ئىشلىتىش ۋە پايدا – زىياننى بۆلۈشۈش ۋە ئۈلۈشۈش مەشغۇلاتلىرىغا ئالاقىدار بىر نىزامنامە ئېلان قىلدى.
مەزكۇر نىزامنامەدە قاتىلىم بانكىچىلىقىدا يېڭى بىر ھېسابات تۈرى مۇلازىمىتى قوشۇلدى. بۇرۇندىن بار بولغان خۇسۇسىي جارى ھېسابات ۋە قاتنىشىش ھېساباتى قاتارلىقلارغا قوشۇمچە قىلىپ «ئامانەت ۋاكالىتىگە تايانغان قاتنىشىش ھېساباتى» ئىسىملىك بىر ھېسابات تۈرى كىرگۈزۈلدى. بۇ ھېسابات تۈرى بىلەن قاتىلىم بانكاسى ئامانەت قويغان خېرىدارىغا (ھازىرچە – نېمە سەۋەبتىنكىن؟ – پەقەتلا ئىدارە – ئورگانلار، شىركەت، فوندلار دېگەندەك قانۇنىي ۋەكىللەرگە) باشتىنلا ئېنىق بولغان «تەخمىنىي پايدا پىرسەنتى» بېرەلەيدۇ. خېرىداردىن ئالغان پۇلنى – نەزەرىيە جەھەتتىن – تەخمىنىي پايدا ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىر كىرىم بىلەن ئىشلىتىپ، قانچىلىك پايدا ئېلىشى ياكى زىيان تارتىشىدىن قەتئىنەزەر ئامانەتنى دىرى ۋە باشتا بەلگىلەنگەن تەخمىنىي پايدا بىلەن بىرگە خېرىدارغا تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار. ئالاقىدار نىزامنامىگە ئاساسەن، ھېسابات ئاچتۇرغۇچى شەخس نورمال قاتنىشىش ھېساباتى مۇلازىمىتىدە ئامانەت دىرى ۋە مۇقىم كىرىمگە كاپالەتلىك قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىش ھەققى يوق تۇرۇپ، بۇ يېڭى ھېسابات تۈرىدە قەرەللىك ئامانەتتە ھەم دىرىنى ھەمدە دەسلەپتە ئۆزىگە ۋەدە قىلىنغان تەخمىنىي نىسبەتتىكى پايدىنى قانۇنىي جەھەتتىن تەلەپ قىلىش ھوقۇقى، بانكىنىڭمۇ بۇ پۇلنى تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار.
ئالاقىدار ماددىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«قاتىلىم فوندى ھېساباتلىرىغا ئالاقىدار ھېسابات ئىگىسىنىڭ تەلەپ قىلىش ھوقۇقى ۋە قاتىلىم بانكىسىنىڭ ئۆتەش مەجبۇرىيىتى، خۇسۇسىي جارى ھېساباتلاردا ئامانەت قويۇلغان سومما، قاتنىشىش ھېساباتلىرىدا بولسا قەرەلى توشقاندا كۈچكە ئىگە تۈر ھېسابات قىممىتىچىلىك بولىدۇ. ئامانەت ۋاكالىتى توختامىغا تايانغان قاتنىشىش ھېساباتلىرىدا تۈر ھېساب قىممىتى، ئامانەت سوممىسى ۋە تەخمىنىي پايدا يىغىندىسى بىلەن چەكلىنىدۇ» (ماددا 4/6).
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار مەزكۇر ئىپادىنىڭ ئامانەت دىرى ۋە كىرىمگە كاپالەت قىلىش ئەمەس، بەلكى ۋاكالەت بىلەن ئىشلىتىلىۋاتقان ئامانەتتىن قولغا كەلتۈرۈلگەن پايدىدىن پەقەت ئامانەت ئىگىسىگە تۆلەنگۈسى ئەڭ يوقىرى چەكنىلا ئىپادە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ماددا مەتنى ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات بۇنداق دېمەيۋاتماقتا. ھەتتا بۇ نىزامنامە ئېلان قىلىنىپ بۈگۈنگىچە ئۈچ ئاي ئۆتتى (بۈگۈن ئېتىبارى بىلەن ئىككى يىل يەتتە ئايدىن ئاشتى. _ ت). بۇ مۇلازىمەتنى يولغا قويغان ھەرقانداق بىر بانكىنىڭ بۇ ھېساب تۈرىنى بۈگۈنگىچە قايسى ئاساسلارغا ئاساسەن يولغا قويغانلىقى، خېرىدارلىرى بىلەن قاي تۈر توختامنامىلەر تۈزگەنلىكى سىنچىلىنىپ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن. دەرۋەقە، مەزكۇر نىزامنامەنى ياقلاش مەقسىتىدە ئامما دىققىتىگە سۇنۇلغان بىر يازمىدا بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان تۈردىكى تەتبىقلاشقا ياپتا ئىشارە باردۇر. كۈتۈلگەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن نىزامنامەگە يەنە ئىككى تۈرلۈك مۇھىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. بىرى، بانكا ھېسابات ئىگىلىرىگە ۋەدە قىلغان مىقداردا پايدا تۆلىيەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆز پايدىسىدىن كېچىپ خېرىدارنىڭ ھېساباتىغا پايدا يازالايدۇ (ماددا 9/6). ئىككىنچىسى، بانكا ئۆز ئۈلۈشىدىن يۆتكىگەن سوممىسىمۇ يېتەرلىك بولماي قالغان ئەھۋال ئاستىدا، يىلدا ئۈچ قېتىمدىن ئاشماسلىق شەرتى بىلەن بانكا ئاساسىي مەبلىغىدىن مەبلەغ سالغۇچىلار فوندىغا يۆتكىسە بولىدۇ (ماددا 10/6) دېگەن مەزمۇندۇر. ھالبۇكى، بانكا مەبلىغىدىن ئامانەت دىرى ۋە پايدا كىرىمىنى تۆلەش شېرىكچىلىككە ئالاقىدار بارلىق شەرئىي قائىدىلەرگە خىلاپتۇر. چۈنكى، بۇنداق بولغاندا شېرىكچىلىكنى تامامەن ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. دەرۋەقە BDDK ئېلان قىلغان 2001 – يىللىق نىزامنامەدە تۆۋەندىكى قائىدە دەل جايىدا قويۇلغان: «قاتنىشىش ھېساباتلىرىدا توپلانغان فوندلارنىڭ قوللاندۇرۇلىشى نەتىجىسىدە زىيان كېلىپ چىققان ئەھۋال ئاستىدا ھېسابات ئىگىلىرىگە ھەرقانداق شەكىلدە پايدا پايى تارقىتىشىغا بولمايدۇ» (ماددا 4).
كۈنىمىز ئېتىبارى بىلەن BDDK تەرىپىدىن مەزكۇر تېمىغا ئالاقىدار ئەڭ ئاخىرقى نىزامنامە 2019 – يىلى 25 – يانۋار كۈنى ئېلان قىلىندى. بىر ئالدىنقى تۈزىتىشتە فوند يىغىشقا ئالاقىدار يېڭى ھېسابات تۈرى قوشۇلغان بولسا، بۇ قېتىم يىغىلغان فوندلارنى ئىشلىتىشكە دائىر تۈرلۈك ئۇسۇللار بەلگىلەنگەن. لېكىن – شېرىكچىلىك ئۇسۇللىرىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن سىرت – كىرگۈزۈلگەن ئەڭ مۇھىم يېڭىلىق تەۋەررۇق ۋە ۋاكالەتتۇر. نىزامنامەدە مۇرابەھە(پايدىسىغا سېتىش)، تەۋلىيە(ئىزىغا سېتىش)، مۇساۋەمە(باھا تالىشىپ سودىلىشىش)، سەلەم (تاۋارغا ئالدىن پۇل ئۆتكۈزۈش) ۋە ئىستىجرار سودىسى5 قاتارلىق شەرىئەتتىكى ئېلىم – سېتىم ئۇسۇللىرى بايان قىلىنغان.
بۇ دەماللىققا خۇددى بانكىلارنىڭ بۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنغاندەك كۆرۈنەتتى. ھالبۇكى، ھەقىقەت ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى، نىزامنامە سېتىم قائىدىسىنى 2001 – يىلدىكى نىزامنامە بىلەن ئوخشاش مەزمۇندا «ئىقتىساد توپلاش مەقسىتىدە خېرىدار ئېھتىياجلىق بولغان ھەرتۈرلۈك ماددىي ۋە غەيرى ماددىي ماللار بىلەن ھوقۇق ۋە خىزمەتنىڭ بەدىلى ساتقۇچى تەرەپكە تۆلىنىش ئارقىلىق تەمىنلىنىش مەشغۇلاتىدۇر» شەكلىدە ئىزاھلانغان (ماددا 1/19). بۇ مەزمۇندىن ھەقىقەتتە ئالاقىدار سېتىم ئۇسۇللىرىنى قوللانغۇچىلارنىڭ بانكا ئەمەسلىكى، ئەكسىچە تىجارىي توختامنىڭ ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەنلىكى، بانكىنىڭ بولسا ئوتتۇرىغا پەقەتلا پۇل بىلەن تەمىنلىگۈچى (فىنانسور) سالاھىيىتىدە كىرگەنلىكىنى چۈشىنىلمەكتە. مەزكۇر خۇسۇس شۇ نىزامنامەنىڭ 4/19 – ماددىسىدا تېخىمۇ ئېنىقراق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماددىنىڭ مەتنى تۆۋەندىكىچە:
«سېتىم ئۇسۇللىرىغا تايانغان مەشغۇلاتلاردا ساتقۇچى تەرىپىدىن خېرىدار نامىغا تەييارلانغان ھۆججەتلەر سەۋەبلىك تۆلەنگۈسى سوممىنىڭ پۇل بىلەن تەمىنلىگۈچى بانكا ۋاستىسى بىلەن ئورۇندىلىشى، بانكىنىڭ قەيتلىرىدە كۆرسىتىلىشى ۋە ئېلىم – سېتىمغا ئالاقىدار ھۆججەتنىڭ سۈرىتىنىڭ بانكا تەرىپىدىن ساقلىنىش مەجبۇرىيىتى باردۇر».
ۋاكالەت بىلەن فوند ئىشلىتىش توغرا تۈزۈلگەن، ئەمما ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلمىسا ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنمەكتە. نىزامنامە بىلەن ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشكۈچىلەر(!) تەۋەررۇقپەرەسلەر بولۇپ قالغان. يىللاردىن بېرى تەۋەررۇق چاپىنىنى كىيگۈزۈپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھىيلە قىلىنغان ئۆسۈمخورلۇق مانا ئەمدى رەسمىيلەشكەن بولدى.
مىڭ ئەپسۇسكى، ئىنگلىزلەرگە شېرىنكانە بېرىش بەدىلىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھىيلە قوشۇلغان ئۆسۈمخورلۇق بۇ دەۋرىدە نىزامنامەدە ئۆزىگە تۇشلۇق يەر قاپلىغان بولدى. تۈركىيەدە قاتىلىم بانكىچىلىقىدا تەۋەررۇق يولغا قويۇلغاندىن بېرى، دەل مەزكۇر مەشغۇلات تۈرى سەۋەبلىكلا ئىنگلىز ئاكسىيەچىلىرىگە قانچىلىك بايلىق قوش قوللاپ سۇنۇلغاندۇ؟ ئەگەر ئۇشبۇ سۇئالنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى «ئىسلامىي» بانكىلارغا ئورتاق سوراپ كۆرسەك قانداقراق بىر ھەقىقەت بىلەن يۈزلىشەرمىز – ھە؟ ئىنشائاللاھ بىر كۈنى كېلىپ مۇھاسەبە (بۇغالتىرىيە) دەپتەرلىرى ئېچىلار ۋە ھەقىقەت يورۇق كۆرەر. ئەلبەتتە (ئىشەنگۈچىلەر ئۈچۈن) ھامان بىر كۈنى ھېساب دەپتەرلىرى ئېچىلماي قالمايدۇ…
يىغىپ ئېيتقاندا، قاتىلىم بانكىچىلىقى ئېزگۈ نىيەت ۋە پاك تۇيغۇلار بىلەن ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغانىدى. دىندار بۇدۇن (خەلق) يېمەي – ئىچمەي يىغقان كېپەن پۇللىرىنى «ھارامغا ئارىلىشىپ قېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن» دەپ يۈرۈپ مانا بۇ تۈر ئورگانلارغا تاپشۇردى. ئەمما، ئىش ھەرگىزمۇ ئويلىغاندەك بولماي قالدى.
ئەپسۇسكى، بۇ بانكىلارنىڭ بۈگۈنكى ھالى دەسلەپ قۇرۇلغان ۋاقتىدا تەنقىدىي نەزەردە قارىغانلارنى ھەقلىق قىلىپ قويدى. چۈنكى، خاھ فوند يىغىش نوقتىسىدىن بولسۇن، خاھ يىغىلغان فوندلارنى ئىشلىتىش نوقتىسىدىن بولسۇن بۇ ئورگانلاردىكى ئۆسۈم ئارىلاشقان مۇلازىمەتلەرنىڭ قېتىم سانى باشقا ئۆسۈملۈك بانكىلارنىمۇ بېسىپ چۈشتى.
ئۆسۈملۈك بانكىلار بىرلا قەرەللىك ئامانەت ھېساباتى بىلەن ئۆسۈملۈك فوند توپلىسا، مەزكۇر ئورگانلار سۇكۇك، تەۋەررۇق، تەخمىنىي پايدا، ۋەدىلىك ۋاكالەتكە تايانغان مەبلەغ سېلىش كەبى كۆپلىگەن ئۆسۈم كېلىپ چىقىدىغان ئۇسۇللارنى قوللانماقتا. يىغىلغان فوندلارنى قوللىنىشتا بولسا 2001 – يىلىدىن بېرى نېرىقىلار بىلەن ئوتتۇرىدا پەرق قالمىدى.
شۇڭا مەزكۇر دەۋر ئىچ ۋە سىرت، مېغىز ۋە شاكال ئارىسىدا داۋاملىق زىتلىق كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئىچ سىرتقا تېپىپ چىقىشقا باشلىدى. ئەمدى چوغنى پاختىنىڭ ئىچىدە ساقلاپ بولماي قالدى. ئالجىرىيەدىكى تۇنجى تەجرىبە ۋە مىسىردىكى ئىككىنچى تەجرىبە بوغۇلدى، ئۆلتۈرۈلدى ۋە ھەممەيلەن ئارقىسىدىن «روھىڭ شاد بولسۇن»، بۇنى سەن ئەمەس باشقىلار قىلدى دېدى. بىزنىڭكىلەرنى بولسا مۇشۇ ھالغا ئېلىپ كەلگەنلەر ھېچ بولمىسا كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئادەملىرى ئىدى. ئەمدى گەپ تامام ۋەسسالام… نېمە دېيەلەيتتۇق «ئايدىڭلىققا تولسۇن!»…
مەنبە: http://www.iktisat.org.tr/katilim-bankaciliginin-evrimlesme-seruveni/
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئىلىگ بەگ
* مۇئەللىف پروفېسسور دوكتور سەرۋەت بايىندىر (Servet Bayındır) «ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى» ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى شەرىئەت ۋە ئىسلام ئىقتىسادى ھەمدە پۇل – مۇئامىلىسى ساھەسى ئوقۇتقۇچىسى. ئېلخەت ئادرېسى: servet.bayindir@istanbul.edu.tr
1. «پۈتۈشۈۋېلىنغان تەۋەررۇق» (التورق المصرفي Monetization (Tawarruq)): نەقت پۇلغا ئېھتىياجى بار كىشى بانكىدىن بىرەر تاۋارنى مۇرابەھە ياكى نورمال سودا كېلىشىمى بىلەن نېسى سېتىۋېلىپ، ئۇ تاۋارنى باشقا بىرىگە نەقت سېتىشتا بانكىنى ۋەكىل قىلىپ نەقت پۇلغا ئېرىشىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل تەۋەررۇقنىڭ ماھىيىتى ھىيلە قىلىنغان جازانىلىك سودا شەكلىنى پەيدا قىلىپ ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشتىن ئىبارەت بولغاچقا، بۇ ئىينە سودىسىغا يېقىن، ھەتتا ئىينە سودىسىنىڭ مۇرەككەپ ۋارىيانتى ياكى ئارىغا ئۈچىنچى بىر شەخس كىرگۈزۈلگەن شەكلىدۇر. شۇڭا، ئالىملار ۋە فىقھىي كومىتېتلار بۇ خىل تەۋەررۇق سودىسىنى ھارام دەپ كېسىۋەتكەن. چۈنكى بۇمۇ ئېنىقلا مەبلەغكە ئېھتىياجى بارلارنىڭ مۇرابەھە نامىدا تۇتىدىغان يولىدۇر._ ت.
2. بەيئۇل ئىستىغلال (بَيْعُ الِاسْتِغْلَالِ) ھاجەتمەننى تار يەردە قىستاش سودىسى: مەلۇم بىر خىل سودا بىلەن ئىجارە توختامىنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، مىسالى: بىر كىشى ئۆيىنى يەنە بىر كىشىگە 10 مىڭغا پۇل تاپقاندا قايتۇرۇپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا ئىجارىگە بېرىش شەرتى بىلەن ساتىدۇ. ئۆينى بىكارلاپ سېتىۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۇ ئۆينىڭ بىر يىللىقىنى ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىدىن مىڭغا ئىجارىگە ئالىدۇ. قاراڭ: «دۇرەرۇلھۇككام»، 113 – بەت._ ت.
3. ئادەتتە بىر قاتىلىم بانكىسىنىڭ نەقت پۇل ئېھتىياجىنى قاندۇرش ئۈچۈن، نەقت پۇلى كۆپ بولغان باشقا بىر بانكا تەرىپىدىن خاھلىغان بىر بازاردىن نەقت پۇل بىلەن ئېلىنغان ئاساسلىق تاۋارلارنى ئۇنىڭدىن مۇرابەھە ئۇسۇلى بىلەن سېتىۋېلىپ، ئارقىدىنلا شۇ تاۋارلارنى نەقتكە سېتىپ نەقت پۇلغا ئېرىشىش مەشغۇلاتىدۇر. ھەقىقىي ماھىيىتىدە پۈتۈشۈۋېلىنغان تەۋەررۇقتىن ئىبارەت بولغان بۇ سودىنىڭ تاۋار مۇرابەھەسى دەپ ئاتىلىشى توغرا ئەمەس. پۇلغا ئېھتىياجى بولغان تەرەپ بىر بانكا بولسا، بۇ تەتۈر تەۋەررۇق، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: Faizsiz Finans TKBB Sözlüğü ، 4 – بەت. ــ ت.
4. بىر كىشىنىڭ سەرمايىسىنى ھەقلىق ياكى ھەقسىز ئىشلىتىپ قويۇش ئۈچۈن بىرەر شەخس ياكى شىركەتنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلىش. قاراڭ: TKBB: Faizsiz Finans Sözlüğü 15 – بەت._ ت.
5. بەيئۇل ئىستىجرار (بَيْعُ الِاسْتِجْرَارِ) تاۋارنى بىرقانچە قېتىم ئۇدۇللۇق ئىستېمال قىلىپ، پۇلىنى كېيىن تۆلەش سودىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، باھا ئېنىق بولسا جائىز، نائېنىق بولسا ھارام سودىدۇر. قاراڭ: نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9 – توم، 163 – بەت._ ت.