سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەيلى خەتلىك بولسۇن ياكى ئاۋازلىق بولسۇن، ياكى ئۇيغۇرچە بولسۇن قۇرئانى كەرىم قاچىلانغان يانفونلار بىلەن ھاجەتخانىغا كىرسە بولامدۇ؟ بەزىلەر بولىدۇ، چۈنكى بۇ مەۋھۇم دەيدۇ. بەزىلەر بولمايدۇ. دەيدۇ. بەزىلەر شۇلارنى تېلېفوندىن ئۆچۈرۈۋېتىپ تۇرۇپ كىرسە بولىدۇ دەيدۇ.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
يانفون ياكى ئېم پى 3 كە قۇرئان كىرگۈزسە بولىدۇ. ئوغرىلىنىپ كېتىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان ئورۇنلار، يەنى، ئۆيى، تۇغقان ۋە دوستلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ھاجەتخانىغا ئېلىپ كىرمەي، سىرتتىكى چاغلاردا ئوغرىلىنىشتىن ئەنسىرىگەن چاغلاردا ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىپ ھاجەتخانىغا ئېلىپ كىرسە بولىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاجەتخانىغا كىرگەندە ئۈزۈكىنى ئېلىۋېتىپ كىرگەنلىكى ھەدىستە رىۋايەت قىلىنغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۈمۈش ئۈزۈكىگە: «ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد» دەپ نەقىش ئويدۇرغان.(1)
بۇنىڭغا ئاساسەن ھاجەتخانىدەك پاسكىنا جايلارغا قۇرئان ۋە ئاللاھنىڭ ئىسمى يېزىلغان نەرسىلەرنى بىللە ئېلىپ كىرىش ياخشى ئەمەس. جانابىي ئاللاھ: ﴿ئىش شۇنداق، كىمكى دىن ئىشلىرىنى ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر﴾(22/«ھەج»: 32) دېگەن.
شەرىئەت ئاساسلىرى دىنغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسىنى پاسكىنىچىلىقتىن ساقلاش ۋە قوغداشنى تەقەززا قىلىدۇ، ئالىملىرىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمى زاتى يېزىلغان نەرسىلەرنى ھاجەتخانا ۋە باشقا مەينەت جايلارغا ئېلىپ كىرىشنى چەكلىشىمۇ مۇشۇ جەھەتتىندۇر.
ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىز جانابىي ئاللاھنىڭ ئىسمى ياكى بەزى ئايەتلەر يېزىلغان تەڭگە – تىللالارنى ھاجەتخانىغا بىللە ئېلىپ كىرىش ھەققىدە ئىزدەنگەن، تابىئىنلاردىن ھەسەن بەسرىي ۋە سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ۋە شۇنداقلا ئىمام ئەھمەدكە ئوخشاش بەزى ئىماملار بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان.(2)
دەۋرىمىزدىكى بەزى ئالىملار ئاللاھنىڭ ئىسمى يېزىلغان قەغەز پۇللارنى يانچۇقىغا سېلىپ ھاجەتخانىغا كىرسە، خەت ئوچۇق بولماي يۆگەلگەن ھالەتتە بولسا بولىدۇ دەپ پەتۋا بەرگەن.
قاپسىز «قۇرئان كەرىم» بىلەن ھاجەتخانىغا كىرىشنى بولسا، سىرتتا قويسا يوقۇلۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىمىگەن نورمال ئەھۋالدا ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەبتىكى ئالىملار مەكروھ، دېگەن، مالىكىي ۋە ھەنبەلىي ئالىملار ھارام دەپ قارىغان، بۇلار قاپسىز ياكى يۆگەلگەن ياكى سىرتتا قويسا ئوغرى ئېلىپ كېتىدىغان ئەھۋالدا ئۇنى بىللە ھاجەتخانىغا ئېلىپ كىرىشكە مەيلى دېگەن.
ئىمام سەنئانىي: «بەزى ئالىملار: قۇرئاننى زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا خالاغا ئەكىرىش ھارام بولىدۇ، دەپ قارىغان. ناۋادا يادىدا يوق ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغان نەرسىلەرنى بىللە ئېلىپ كىرىپ قېلىپ ھاجىتىگە ئولتۇرۇپ بولغان بولسا ئۇنى ئاغزىغا ياكى سەللىسىنىڭ ئارىسىغا سېلىۋالسۇن دېيىلگەن» دېگەن.(3)
يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتاللاردىكى شۇنداقلا يانفون ۋە ئېم پى 3 قاتارلىقلارغا قاچىلانغان ئاۋازلىق ياكى سۈرەتلىك «قۇرئان كەرىم»لەر بىلەن ھاجەتخانىغا كىرىشكە بولىدۇ. ئالىملار بولىدۇ دەپ پەتۋا بەرمەكتە. چۈنكى، بىرىنچىدىن: يانفون ۋە ئېم پى 3 قاتارلىقلارغا قاچىلانغان ئاۋازلىق ياكى سۈرەتلىك «قۇرئان كەرىم»لەر «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆزى ئەمەس، شۇڭا، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھۆكمىنى ئالمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدىكى خەتلەر ئېنىق – ئاشكارا خەت ئەمەس، ئېلېكتىرونلۇق سايىدىن ئىبارەت. ئاۋازمۇ يانفون ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئاۋازدىن ئىبارەت.
ئىككىنچىدىن: ئىنسان قەلبىدە ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى، ئايەتلىرىنى يادا ساقلىغان ئەھۋالدا خالاغا كىرسە بولىدۇ، ئوخشاشلا يانفون ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ساقلىغان ھالەتتە كىرسە بولىدۇ.
ئۈچىنچىدىن: يانفون ۋە ئېم پى 3 قاتارلىقلارنى سىرتتا قويۇپ قويسا يوقۇلۇپ كېتىدۇ، ياكى ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، ھاجەتخانىغا كىرگەندە قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سۈرىتى ئېكراندا چىقىپ تۇرمىغان ياكى قۇلاقلىقىدا ئاۋازلىق قويۇلۇپ تۇرمىغان ھالەتتە بولۇشى كېرەك.
ئايەت ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم زاتى ئېكراندا چىقىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ يانفوننى قولىدا تۇتماي يانچۇقىغا سېلىپ كىرسە، باشقا نەرسىلەر ئارىسىغا سېلىۋەتسە، كۆرۈنۈپ تۇرمىغاندىن كېيىن مەيلى بولىدۇ.
ئەلبەتتە، سىرتتا قويۇپ قويسا ئوغرىدىن ياكى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان ئەھۋاللاردا، سىرتتا قويۇپ كىرگىنى ئەۋزەل.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1427، 28 – زۇلقەئدە / م. 2006، 19 – دېكابىر
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 7 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «بۇخارىي»، (5877).
2. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 1/107؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/109، 110.
3. سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 1/73.