ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن دىنىي ساۋات، ساجىيە ”مەن مۇسۇلمان“ يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرى 4 – قىسىم. زاكات (تېكىستى ھەم پى دى ئىف نۇسخىسى)

بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈڭ: زاكات ZAKAT  Download now

 

ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن دىنىي ساۋات

«مەن مۇسۇلمان» يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرى (4)

زاكات

ئىسلامنىڭ ئۈچىنچى ئاساسى زاكاتتۇر

بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشى

أحكام الزكاة مصورة للناشئة

Çocuklar için Zekât Eğitimi

 

«ساجىيە»دە

بىر كۈنى رەھىمە بىلەن ئابدۇللاھ «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە زىيارەتكە كېلىپ، «زاكات» ناملىق ئۆسمۈرلەر كىتابىنىڭ تەھرىرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئابدۇللاھ كىچىكىدىن ھەممە نەرسىگە بەكلا قىزىقىدىغان بولغاچقا، بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىۋالماقچى بوپتۇ – دە، تارتىنماستىن سوراشقا باشلاپتۇ:

— ئاكا! «مەن مۇسۇلمان» يۈرۈشلۈكلىرىنى بەك ياقتۇردۇم. لېكىن، بەزى سوئاللىرىم بار ئىدى، سورىسام بولامدۇ؟

— ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئۇكام! بۈگۈن تەلىيىڭلار بار ئىكەن، سوئالىڭلارغا ئۇستازىمىز دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ ئۆزى جاۋاب بېرىدۇ، ئىنشائاللاھ.

— ۋاھ! نېمىدېگەن ياخشى. مەن ئۇستاز بىلەن كۆرۈشۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، — دەپتۇ رەھىمە خۇشال بولۇپ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىلمىگەنلىرىنى دوكتورنىڭ ئىشخانىسىدا تاتلىق تىللىرى بىلەن سوراشقا باشلاپتۇ:

— ئۇستاز! دادام – ئاپاملار داۋاملىق: «بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشى، يىغقان پۇلۇڭلارنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بەرسەڭلار زاكات، سەدىقە ساۋابىنى ئالىسىلەر» دەيدۇ. خاپا بولماي، مۇشۇ زاكات ۋە سەدىقەنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويسىلا بوپتىكەن.

— ماشائاللاھ، رەببىم ھەر ئىككىڭلارنى ئۈممىتىمىزگە پايدىلىق تەقۋادارلاردىن قىلسۇن، سوئالىڭلارغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن سىلەردىن بىر سوئال سوراپ باقاي: ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى ئېسىڭلاردىمۇ؟

— ئەلۋەتتە ئېسىمىزدە، بۇنى بىز «مەن مۇسۇلمان» دېگەن كىتابتىن ئوقۇغان ئىدۇققۇ – ھە، رەھىمە؟

— ھەئە، ئابدۇللاھ ئاكا! جاۋابىنى مەن دەپ باقايچۇ؟

— بولىدۇ، رەھىمە! سىز دەپ بېقىڭ.

— ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى: شاھادەت ئېيتىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، قادىر بولالىسا ھەج قىلىش.

— ئاپىرىن سىزگە. ئۇنداقتا بىز ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىدىن بىرى بولغان زاكاتقا ئالاقىدار ئەھكاملارنى بىلىۋالايلىمۇ؟

— ماقۇل ئۇستاز! شۇنداق قىلايلى.

 

زاكاتقا ئالاقىدار ئەھكاملار

— زاكات ئىسلام دىنىنىڭ ئۈچىنچى ئاساسىدۇر. ئۇ پۇل – مالدىن بەلگىلەنگەن ئۈلۈش بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى قۇرئاندا كۆرسىتىلگەن مۇناسىب كىشىلەر ئۈچۈن بېرىشىمىزنى پەرز قىلدى.

— شۇڭا، دادام: «زاكات تەرك قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغان، ئىنكار قىلغۇچى كاپىر بولۇپ كېتىدىغان ئوپئوچۇق پەرزدۇر» دەپتىكەن – دە؟!

— دادىڭىز توغرا دەپتۇ رەھىمە. ئۇنداقتا، «زاكات» توغرۇلۇق بۇرۇن ئاڭلىغىنىڭلارنى دەپ باقامسىلەر؟

— ئاپام ماڭا: «زاكات دېگىنىمىز مەلۇم ئۆلچەمدىكى بايلىق دەرىجىسىگە يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن جىددىي ئېھتىياج يوق، ھاجىتىدىن ئاشقان قىسمىنى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا بېرىشتىن ئىبارەتتۇر» دېگەنىدى.

— ماشائاللاھ! ئاپىڭىز توغرا دەپتۇ، ئابدۇللاھ!

— مەنمۇ زاكاتنىڭ قاچان پەرز قىلىنغانلىقىنى بىلىمەن. دەپ باقايمۇ، ئۇستاز؟

— بولىدۇ، رەھىمە! تارتىنماي ئولتۇرۇڭ.

— زاكات ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى يىلى شەۋۋال ئېيىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە پەرز قىلىنغان.

— توغرا دېدىڭىز، ئۇ بەك مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، «قۇرئان كەرىم»دە كۆپ ئورۇنلاردا ناماز بىلەن بىللە كەلتۈرۈلگەن. ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلغان ئايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە زاكاتقىمۇ بۇيرۇلغان. مېھرىبان رەببىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئېيتقانكى: [نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر](2/«بەقەرە»: 110).

— ئۇستاز! بىر نەرسىنى ئويلاپ قالدىم، زاكاتنىڭ قانداق پايدىسى باردۇر – ھە؟!

— زاكات — بەرگۈچىنى بېخىللىق، ئاچكۆزلۈك قاتارلىق ئىللەتلەردىن، پۇل – مېلىنى بولسا باشقىلارنىڭ ھەققى ئارىلىشىپ قېلىش سەۋەبلىك بۇلغىنىپ كېتىشتىن پاكلايدۇ. زاكات ئادا قىلىنسا، ئىسلام جەمئىيىتىدىكى ماددىي قىيىنچىلىق، نامراتلىق، يوقسۇللۇق… قاتارلىق بىرقاتار مۈشكۈلاتلار ئاساسەن ھەل بولىدۇ.

— ئۇنداقتا، زاكاتنىڭ ۋاجىب بولۇش شەرتلىرى قايسىلار؟

— زاكاتنىڭ پەرز بولۇش شەرتلىرى

1. مۇسۇلمان بولۇش؛ چۈنكى، غەيرى مۇسۇلمانغا زاكات ۋاجىب بولمايدۇ.

2. پۇل – مال تولۇق ئىگىدارچىلىقىدا بولۇش؛ چۈنكى، ئومۇمنىڭ مېلىغا ئوخشاش مۇئەييەن ئىگىسى يوق نەرسىگە زاكات ۋاجىب بولمايدۇ.

3. پۇل – مال ئىگىسىنىڭ قولىدا تۇرۇپ، ھىجرىيە يىلى ھېسابىدا تولۇق بىر يىل ئۆتۈش؛ چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەرقانداق مالدا بىر يىل ئۆتمىگۈچە زاكات يوق» دېگەن. لېكىن، زىرائەتلەر، مېۋىلەر، كان بايلىقلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر بۇ شەرتنىڭ سىرتىدىدۇر.

4. پۇل – مال نىسابقا يېتىشى كېرەك؛

— ئۇستاز، «نىساب» دېگەن سۆزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟!

— «نىساب» دېگىنىمىز پۇل – مالدىن مۇئەييەن بىر مىقدار بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئېزىغا زاكات ۋاجىب بولمايدۇ. بۇ ئۆلچەم زاكات چىقىرىلىدىغان ماللارنىڭ تۈرلىرىگە قاراپ ھەرخىل بولىدۇ.

5. ئىنساننىڭ ئەسلىي ھاجەتلىرىدىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك.

— ئابدۇللاھ ئاكا! «ئەسلىي ھاجەت» دېگەن نېمە گەپتۇ؟

— سىڭلىم، «ئەسلىي ھاجەت» دېگىنىمىز ئىنسانغا لازىم بولىدىغان ئاساسىي ھاجەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

— ئابدۇللاھ ئاكىڭىز توغرا دېدى، رەھىمە.

— ھە چۈشەندىم، دېمەك:

قەرزدىن خالىي، ئېھتىياجىدىن ئارتۇق، يىلنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدا تولۇق ئىگىدارلىقى بولغان، بايلىق ئۆلچىمىگە يەتكەن پۇل – مالغا ئىگە بولغاندا، ئاندىن زاكات پەرز بولىدىكەن – دە!

— ئەمىسە، قايسى ماللىرىمىزغا زاكات كېلىدىغاندۇ؟

— بۇنى سىلەرگە بىر – بىرلەپ دەپ بېرەي – ھە!

زاكات ۋاجىب بولىدىغان ماللار

ئالتۇن كۆمۈش؛ قەغەز ۋە تۈرلۈك پۇللار ھەمدە پايچەك؛ تىجارەت ۋە سانائەت ماللىرى؛ چارۋا ماللار ۋە تۇتۇلغان بېلىقلار؛ كان، دەپىنە ۋە دېڭىز بايلىقلىرى؛ زىرائەت، مېۋە – چېۋىلەر (ئوتياش ۋە تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر)؛ ھەسەل قاتارلىقلار

ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ زاكىتى

ئالتۇن – كۈمۈش قىممەتلىك كان بايلىقلىرىدىن بولۇپ، نىسابقا يەتسە ۋە بىر يىل ئۆتسە، زاكات ئايرىش ۋاجىب بولىدۇ.

زاكات ۋاجىب بولىدىغان ئالتۇننىڭ ئۆلچىمى 85 گرام، كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولسا 595 گرامدۇر.

ئەمما، ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ ھەربىرىدە ئايرىش ۋاجىب بولىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارىغا كەلسەك، بۇ مىقدار قىرىقتىن بىردۇر (₄₀⅟)، يەنى %2.5.

— ئۇستاز! قىرىقتىن بىر دېگىنىگە مىسال كەلتۈرۈپ بەرسىلە بوپتىكەن.

— بولىدۇ، رەھىمە! مەسىلەن، 85 گرامدىن ئارتۇق ئالتۇن (جابدۇق ياكى ئالتۇن تەڭگە) ىڭىز بولسا، ئۇنى قىرىققا بۆلۈپ، بىرىنى زاكات قىلىپ بېرىسىز.

— ھە، ئېسىمگە كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كۈمۈشتە قىرىقتىن بىرى (زاكاتتۇر)»، «(ئالتۇندا) 20 مىسقالدا يېرىم مىسقال (زاكات باردۇر)» دېگەن.

— ماشائاللاھ، ئابدۇللاھ! ھەدىسنى توپتوغرا يادقا ئاپسىز. قۇرئان، ھەدىس يادقا ئېلىش ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلىش بەكمۇ مۇھىم. شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، پۇل – مال قولدىن چىقىپ كەتكەن بىلەن ئۇنىڭ ئەجرى مەڭگۈ قالىدۇ. زاكات دېگەن دوزاختىن قۇتقۇزغۇچىدۇر.

— چۈشەندۇق ئۇستاز! لېكىن، قەغەز ۋە تەڭگە پۇللار ئىنسانلار ئۆزئارا ئېلىم – بېرىم قىلىدىغان ۋاسىتە بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن، مۇئامىلىلەرنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇللارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭ زاكىتىنى قانداق بېرىمىز؟

— فەقىھ ئالىملار قەغەز پۇلنىڭ زاكات ئۆلچىمىنى ئالتۇننىڭ ئۆلچىمىگە سېلىپ تۇرۇپ بەلگىلىگەن ۋە ئۇنىڭغىمۇ ۋاجىب بولىدىغان شەرتلەرنى بېكىتكەن.

— ئاپام: «پۇلنىڭ زاكىتى پۇلدۇر، ئەمما ئۇ جەننەتكە ئېلىپ بارغۇچىدۇر» دەيتتى.

— توغرا. ئەگەر قەغەز پۇللارنىڭ قىممىتى 85 گرام ئالتۇننىڭ قىممىتىگە يەتسە ۋە ئۇنىڭغا بىر يىل ئۆتسە، ئۇنىڭدىن %2.5 ى، يەنى قىرىقتىن بىر (₄₀⅟) مىقداردا زاكات ئايرىلىدۇ.

— ئىلكىدىكى پۇل – مېلى زاكات ۋاجىب بولىدىغان ئۆلچەمگە يەتسە، زاكاتنى مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىۋەتسىمۇ بولامدۇ، ئۇستاز؟

— شۇنداق، بىر كىشىنىڭ ئىلكىدىكى پۇل – مېلى زاكات ۋاجىب بولىدىغان ئۆلچەمگە يېتىپ، بىر يىلنىڭ ياكى بىرقانچە يىلنىڭ ۋەياكى بىرقانچە ئۆلچەمنىڭ زاكىتىنى ئالدىنئالا بېرىۋەتسىمۇ دۇرۇستۇر.

— دېمەك، زاكاتتا قىممىتىنى بېرىشكە بولىدىكەن – ھە؟! مەسىلەن، قولىدا ئالتۇن بار كىشى قەغەز پۇل بەرسە، قولىدا چارۋا مال ياكى رەخت قاتارلىق تاۋارلار بار كىشى ئۇنىڭ زاكىتىنى پۇل بىلەن بەرسە بولىۋېرىدۇ، شۇنداقمۇ؟

— توغرا دېدىڭىز رەھىمە! ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپسىز.

— ئەگەر چوڭ دادىمىز زاكات بېرەلمەي تۈگەپ كەتكەن بولسا، بىز بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟

— بىر كىشى ئادا قىلمىغان زاكات ياكى فىتىر سەدىقىسى بار ھالەتتە ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۇنىڭ قالدۇرغان مىراسىدىن ئادا قىلىنمايدۇ. ئەگەر ۋارىسلىرى ئادا قىلىۋەتكەن بولسا دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، بۇ بىر ئىبادەت. شۇڭا، ئىبادەت بولۇشى ئۈچۈن پەقەت ئۆزى ياكى ئۆزىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان كىشى بىلەنلا ئادا تاپىدۇ.

— ئۇنداقتا ئاپىمىزنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىغىمۇ زاكات كېلەمدۇ؟

— ياخشى سورىدىڭىز، رەھىمە! ئالتۇن – كۈمۈش بىلەزۈكلەر، ئۈزۈكلەر ۋە ھالقىلارغا ئوخشاش زىننەت بۇيۇملىرىغا، 85 گرام ئالتۇندىن ئىبارەت زاكات ئۆلچىمىگە يەتسە ۋە بىر يىل ئۆتسە، قىرىقتىن بىر (₄₀⅟) بويىچە زاكات ئايرىش ۋاجىب بولىدۇ.

— قىممەتلىك بۇيۇملار تىجارەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولسىچۇ؟

— ئۇنىڭغىمۇ زاكات ئايرىش ۋاجىب بولىدۇ. ئۈنچە – مارجان، ياقۇت ۋە باشقا بۇ تۈردىكى نەرسىلەر پەقەت تىجارەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن چاغدىلا زاكات ئايرىش ۋاجىب بولىدۇ. بۇلاردىن زاكات ئايرىشتا ئالتۇنغا ياكى پۇلغا سۇندۇرۇلۇپ، قىممىتى باھالىنىدۇ. ئەگەر زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، قىرىقتىن بىر (₄₀⅟) بويىچە زاكات ئايرىلىدۇ.

— دېمەك، ئېلىپ – سېتىش ئارقىلىق پايدا ئېلىش مەقسەت قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن زاكات ئايرىش ۋاجىب بولىدىكەن – دە؟!

— شۇنداق، ئەمما، قولغا كېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن ماللاردا زاكات پەرز بولمايدۇ.

— ئۇ قانداق مال؟

— ئابدۇللاھ! قىزغىنلىقىڭىزغا ئاپىرىن. ھەرقانداق سوئالىڭلار بولسا، مانا مۇشۇنداق تارتىنماي سوراۋېرىڭلار. چۈنكى، «سورىغان بىلىم ئاپتۇ، سورىمىغان كېيىن قاپتۇ» دېگەن گەپ بار.

خوش، قولغا كېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن ماللار دېگىنىمىز يۈتۈپ كەتكەن، دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن، چۆل -جەزىرىلەرگە كۆمۈپ قويۇپ ئورنىنى ئۇنتۇپ قالغان، ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىگە دەلىل – ئىسپات يوق، تارتىۋېلىنغان مال -مۈلۈك ۋە تېنىۋېلىنغان قەرز، تونۇمايدىغان كىشىگە قويۇپ قويۇلغان، ئاندىن كىمدە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئامانەت ۋە شۇلارغا ئوخشىغان ماللاردۇر.

— ئۇنداقتا، بىز سېتىۋالغان نەرسىلەرگىمۇ زاكات كېلەمدۇ؟

— ئۆزىمىز قوللىنىدىغانغا زاكات كەلمەيدۇ. لېكىن، شۇلارنى ساتىدىغان تىجارەتچىلەرگە كېلىدۇ. بۇنى چۈشىنىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن «تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى» توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرەي – ھە!

 

تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى

— ئۇستاز! تىجارەت مېلى دېگەن نېمە؟

— «تىجارەت مېلى» دېگىنىمىز ئېلىپ – سېتىش ئارقىلىق پايدا ئېلىش ۋە كەسپ قىلىش مەقسەت قىلىنغان نەرسىلەردۇر. ئىنسان سېتىۋالغان چوڭ – كىچىك ماللارنىڭ ھەممىسى تىجارەت مېلى ھېسابلانمايدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا كىشى كىيىملەرنى كىيىش ئۈچۈن، ئۆي سەرەمجانلىرىنى ئۆيىگە قويۇش ئۈچۈن، ماشىنىنى ئۆزى ھەيدەش ئۈچۈن سېتىۋالىدۇ. بۇلار «تىجارەت مېلى» دەپ ئاتالمايدۇ، چۈنكى بۇلار ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان ماللاردۇر.

ئەمما، سېتىپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە سېتىۋېلىنغان نەرسە – كېرەكلەر تىجارەت مېلى ھېسابلىنىدۇ.

— ھە، چۈشەندىم ئۇستاز!

— تىجارەت ماللىرى زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ۋە بىر يىل ئۆتسە، زاكات ۋاجىب بولىدۇ. دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، زاكات ئايرىش ئۆلچىمى 85 گرام ئالتۇننىڭ قىممىتىدۇر. لېكىن، ئارىلاشتۇرۇپ قويماڭلار، شەخسىي ئىستېمال بۇيۇملىرىغا زاكات كەلمەيدۇ.

— ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم. پۇللار زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ۋە بىر يىل ئۆتسە، %2.5 زاكات ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى ئۆيگە بېرىپلا ھەممەيلەنگە دەپ بېرىمەن. ئەمما، ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ زاكىتىمۇ ئوخشاشمۇ؟

— ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشىدا ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ سوقۇلغانلىرىغا، تەبىئىي ھالەتتىكىلىرىگە، زىبۇزىننەتلىرىگە، قاچا – قۇچىلىرىغا تىجارەت نىيىتى بار بولسۇن ياكى يوق بولسۇن، ئۆلچەمگە يەتكەنلا بولسا، زاكات ۋاجىب بولىدۇ.

— ئۇنداقتا، ئالتۇننىڭ زاكات ۋاجىب بولىدىغان ئۆلچىمىمۇ 85 گرامدۇر. ئۆلچەمگە يەتكەندە، قىرىقتىن بىر (₄₀⅟) نى زاكاتقا ئايرىشى ۋاجىب.

— ئاپىرىن، ئابدۇللاھ! توغرا دېدىڭىز.

— رەھمەت ئۇستاز! بىز ئولتۇرىدىغان ئۆيگىچۇ، زاكات كېلەمدۇ؟

— ئۆزىمىز ئولتۇرغانغا كەلمەيدۇ. ئەمما، ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئۆي، دۇكان ۋە ماشىنا قاتارلىقلارنىڭ زاكىتىنىڭ ھۆكمى تۆۋەندىكىچە:

بىنا – ئىمارەتلەر ۋە باشقا دۇكان – ساراي، زاۋۇت، ماشىنا، شۇنداقلا شۇنىڭدەك جايلارنىڭ سېتىلمايدىغان مۇقىم سەرەمجانلىرىغا زاكات كەلمەيدۇ. يەنى بۇلارنىڭ ئانا پۇلىغا زاكات كەلمەيدۇ.

بىنا – ئىمارەتلەر ۋە باشقا دۇكان – ساراي، زاۋۇت، ماشىنا ۋە شۇنىڭدەك جايلار ئىجارىگە بېرىلسە، كىرگەن كىرىمگە قولىدىكى ئىقتىساد ھېسابىدا قىرىقتىن بىر (₄₀⅟) %2.5 نى زاكاتقا ئايرىشى ۋاجىب. سۈت، تۇخۇم، توخۇ، بېلىق، يىپەك فېرمىلىرى كىرىمىگىمۇ قىرىقتىن بىر (₄₀⅟) 2.5% نى ئايرىيدۇ.

— بىلدىم، بىنا – ئىمارەت ۋە دۇكان – سارايلارنىڭ مۇقىم سەرەمجانلىرىغا زاكات كەلمەيدىكەن. ئۇنداقتا تىجارەتچى زاكىتىنى قانداق ئايرىيدۇ؟

— تىجارەتچى ئالدى بىلەن دەسمايىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇل – پۈچەك، سودا بۇيۇملىرى، باشقا پۇل بىلەن باھالىغىلى بولىدىغان تاۋارلىرى ۋە شۇنىڭدەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن بولغان قەرزلىرىدىن ئىبارەت بارلىق ماللىرىنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ ھېسابلايدۇ.

ئاندىن بۇلاردىن كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدە تۆلىشى كېرەك بولغان قەرزلىرىنى چىقىرىۋېتىدۇ.

ئاخىرىدا قالغىنىنى ھېسابلاپ، زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، قىرىقتىن بىرى (₄₀⅟) بويىچە زاكات بېرىدۇ.

 زىرائەت، كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىلەرنىڭ زاكىتى

ئۇلار پاراڭلىشىۋاتقاندا، بانان، ئۈزۈم، ئانار قاتارلىق مېۋە – چېۋىلەر كەلتۈرۈلۈپتۇ. بۇ چاغدا رەھىمە قىزنىڭ خىيالىغا بىر سوئال كەپتۇ – دە، تارتىنماستىن سوراپتۇ:

— ئۇستاز! ئۇن، ياغ، گۈرۈچ ۋە مېۋە – چېۋىلەرگىمۇ زاكات كېلەمدۇ؟

— ماشائاللاھ! رەھىمە! بۇنىمۇ ھازىر دەپ بەرمەكچى ئىدىم. زېمىنغا تېرىلغان زىرائەت، كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن زاكات ئايرىش ۋاجىب بولىدۇ.

— ئېسىمگە كەلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: [ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر) نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار](2/«بەقەرە»: 267).

— ھەممىدىن بۈيۈك، كاتتا ئاللاھ راست سۆزلىگۈچىدۇر.

ئابدۇللاھ! بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغىنىڭلار، زىرائەتلەرنىڭ ۋە مېۋە – چېۋىلەرنىڭ زاكىتىنى ئايرىش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، پىشىپ ئورۇلۇپ ياكى ئۈزۈلۈپ بولغان بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: [مېۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ئۆشرىسىنى ئادا قىلىڭلار](6/«ئەنئام»: 141) دېگەن.

ئىككىنچىدىن، ئۇمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق نىسابقا يەتكەن بولۇشى شەرت. يەنى ئۇنىڭ نىساب ئۆلچىمى بەش ۋەسەققە يېتىشىدۇر، بەش ۋەسەق 653 كىلوگرامغا باراۋەردۇر. بۇنىڭدىن ئاز بولسا، زاكات كەلمەيدۇ.

— دېمەك، زىرائەتلەرنىڭ ھەممە تۈرلىرىگە زاكات ئايرىش ۋاجىب ئىكەن – دە؟!

— توغرا يەكۈنلىدىڭىز.

— ئەمىسە، دېھقان تاغىلىرىمىزمۇ يىلدا بىر زاكات بېرىدىكەن – دە؟!

— زېمىندىن چىققان مەھسۇلاتقا پۇل – مالنىڭ زاكىتىغا ئوخشاش بىر يىل ئۆتكەن بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ. يەنى ئەگەر زېمىن يىلدا بىرنەچچە قېتىم زىرائەت تېرىپ پايدىلانغىلى بولىدىغان بولسا، ھەرقېتىم ھوسۇل يىغقاندا زاكات ئايرىش ۋاجىبتۇر.

—    دېھقانچىلىق چىقىملىرى زاكاتقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

— پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى زىرائەتنىڭ چىقىم قىلىنىش تەبىئىتىگە قاراپ، زاكات ئايرىش ۋاجىب بولىدىغان مىقدارنى بايان قىلىپ بەرگەن. مەسىلەن، يامغۇر سۈيى، بۇلاق سۈيى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۇلار بىلەن جاپا تارتمايلا سۇغىرىلىدىغان زىرائەتلەر ۋە مېۋە – چېۋىلەردىن ئوندىن بىر (⅒) يەنى %10 زاكات ئايرىش ۋاجىب.

— ماشىنىلاشقان دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ پەرقلىقمۇ؟

— ھەئە، سۇ تارتىش ماشىنىسى ۋە سۇ پومپىسىغا ئوخشاش ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دېھقاننىڭ جاپا تارتىشى بىلەن سۇغىرىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىن يىگىرمىدىن بىر (₂₀⅟) يەنى %5 زاكات ئايرىش ۋاجىب بولىدۇ.

— يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئېلىنىدىغان بولسىچۇ؟

— ئىككى قېتىم زاكات بېرىدۇ. قىسقىسى، مەھسۇلات يىغقان بولسىلا زاكىتىنى ئايرىيدۇ.

— ئۇستاز! زاكات ھېسابلىغاندا، سەرپ قىلىنغان چىقىملارنى چىقىرىۋېتىدىغۇ – ھە؟!

— ياق، ئابدۇللاھ! زاكات ھېسابلىغاندا، يەرگە سەرپ قىلىنغان چىقىملار چىققان مەھسۇلاتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ. ئەمما، مەھسۇلاتنى يىغىۋالغانغا قەدەر گەدىنىگە چۈشۈپ قالغان قەرزلەر چىققان ھوسۇلدىن چىقىرىۋېتىلىپ ئاندىن زاكات بېرىلىدۇ.

 ھەسەلنىڭ زاكىتى

بۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا چىرايلىق ئىستاكاندا چاي كەلتۈرۈلۈپتۇ. بۇ چاي ئۇلارغا بەك تېتىپ كېتىپتۇ.

— بۇ چاي بەك تەملىك دەملىنىپتۇ، خۇددى ئاپام ھەسەل سېلىپ دەملەپ بەرگەن چايدەكلا تاتلىقكەن. ھە راست ئۇستاز! ھەسەلنىڭ زاكىتىچۇ؟

دوكتور كۈلۈمسىرىگەن ھالدا جاۋاب بېرىپ:

— ھەسەل نىسابقا يەتسە، ئۆشرە ۋاجىب بولىدۇ. يەنى ئوندىن بىرىنى زاكات قىلىپ بېرىمىز، — دەپتۇ.

كان ۋە دېڭىز بايلىقلىرىنىڭ زاكىتى

چاينىڭ قىزىقلىقىدىن تىلىنى كۆيدۈرۈۋالغىلى تاسلا قالغان ئابدۇللاھ ئۇلاپلا سوراپتۇ:

— كۆمۈر ياكى گازنىڭ زاكىتىچۇ، ئۇستاز؟

— كان بايلىقلىرىنىڭ زاكىتى ئايرىم ھېسابلىنىدۇ، ئابدۇللاھ! چاي قىزىق، ئالدىرىماي ئىچىڭ.

ئالتۇن – كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، كۆمۈر، نېفىت ۋە باشقا زېمىندىن چىقىدىغان كان بايلىقلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ تائالا زاكات بەلگىلىدى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: [ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر) نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار](2/«بەقەرە»: 267).

— ھە چۈشەندىم، زېمىندىن چىقىدىغان كان بايلىقلىرىنىڭ ھەممىسىدىن زاكات ئايرىش ۋاجىب بولىدىكەن.

— ئەگەر زېمىندىن چىقىرىلىدىغان نەرسىلەر كۆپ جاپا تارتماستىن چىقىرىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئايرىلىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارى بەشتىن بىر (⅕)، يەنى %20 دۇر؛

گەج، ھاك، ياقۇت، فىرۇزە، زۇمرەت قاتارلىقلارغا ئوخشاش تاغلاردىن چىقىدىغان ۋە ئالتۇن – كۈمۈش ياكى تۆمۈر، قوغۇشۇن ۋەياكى مىس قاتارلىق زېمىندىن چىقىدىغان كان بايلىقلىرىغا پۈتۈن چىقىملىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن قېپقالغان ساپ پايدىنىڭ %20 نى زاكاتقا ئايرىشى كېرەك.

— بۇلاردىمۇ بىر يىل شەرتمۇ؟ ئۇستاز! — دەپ سوراپتۇ رەھىمە.

— كان بايلىقلىرىنىڭ زاكىتىنى ئايرىشتا بىر يىل ئۆتۈش شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى زېمىندىن چىقىرىلىشى بىلەنلا ئادا قىلىنىشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يەر ئاستى بايلىقىغا بەشتىن بىرى كېلىدۇ» دېگەن. يەر ئاستى بايلىقى «كۆمۈپ ساقلانغان مال – مۈلۈك»نىمۇ، «مەدەن»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

— ھە بىلدىم، كان بايلىقلىرىنى زېمىندىن چىقارغان چاغدىلا زاكىتىنى ئايرىش ۋاجىپ بولىدىكەن. ئۇنداقتا دېڭىزدىن چىقىدىغان نەرسىلەرگىچۇ؟

— دېڭىزدىن چىقىدىغان مەرۋايىت، ئەنبەر، ئۈنچە – مارجان قاتارلىقلارغا دېڭىزدىن چىقارغاندا 85 گرام ئالتۇن نىسابىغا يەتسە، چىقىمىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، %20 نى زاكاتقا ئايرىشى كېرەك.

 چارۋا ماللارنىڭ زاكىتى

— ئۇنداقتا، ئۆيىمىزدىكى قوي – كالىلارغىچۇ، زاكات كېلەمدۇ؟

— ئىسلام دىنى پايدىلانغىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ بىرقىسمىدىن زاكات ئايرىشنى ۋاجىب قىلدى. بۇلار تۆگە، كالا، سۇ كالىسى، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىقلاردۇر. لېكىن، بۇمۇ مەلۇم شەرتلەر بىلەندۇر:

ئەۋۋەلا، نىساب (زاكات ئايرىش بايلىق ئۆلچىمى) قا يېتىشى كېرەك؛

ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭغا بىر يىل توشۇشى كېرەك؛

ئۈچىنچىدىن، يەر ئاغدۇرۇش، زىرائەتلەرنى سۇغىرىشقا ۋە يۈك كۆتۈرۈشكە ئىشلىتىلمەيدىغان بولۇشى كېرەك؛

تۆتىنچىدىن، يىلنىڭ كۆپ قىسىمىدا يايلىتىپ بېقىلغان بولۇشى كېرەك.

— ئۇستاز! ھايۋانلارنىڭ زاكىتىمۇ قىرىقتىن بىرى بويىچە بېرىلەمدۇ؟

— ئابدۇللاھ! بۇ سوئالنى ياخشى سورىدىڭىز، بۇ ھايۋانلارنىڭ زاكىتى باشقىچە ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، تۆگە بەش ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى كېرەك. تۆگە بولسا بەش تۇياققا بىر؛ كالا ۋە سۇ كالىلىرى بولسا ئوتتۇز تۇياققا بىر؛ قوي – ئۆچكە بولسا قىرىق تۇياققا بىردۇر. بۇ ساندىن ئاز بولۇپ قالسا، زاكات كەلمەيدۇ.

— ئەمىسە، ئايرىم – ئايرىم دەپ بەرسىلە، خاتىرە دەپتىرىمىزگە يېزىۋالايلى.

— بولىدۇ.

 

قوينىڭ زاكىتىنىڭ ئۆلچىمى

40 تىن ئاز قويغا زاكات كەلمەيدۇ. 40 قا يەتكەندە، تا 120 گىچە بىر قوي؛ 121 دىن 200 گىچە ئىككى قوي؛ 201 دىن 299 غىچە ئۈچ قوي؛ 300 دىن 399 غىچە تۆت قوي؛ ئاندىن ھەر يۈز قويغا بىر قوي (قوشۇلۇپ) زاكات كېلىدۇ.

 

كالىنىڭ زاكىتىنىڭ ئۆلچىمى

كالا 30 غا يەتمىگۈچە زاكات كەلمەيدۇ. ئەركەك بولسۇن ياكى چىشى بولسۇن 30 تۇياققا يەتكەندە، بىر تۇياق ئىككى ياشلىق ئىنەك؛ ئەركەك بولسۇن ياكى چىشى بولسۇن 40 تۇياققا يەتكەندە، بىر تۇياق ئۈچ ياشلىق ئىنەك ياكى ئۈچ ياشلىق بىر بۇقا زاكات كېلىدۇ.

ئەركەك بولسۇن ياكى چىشى بولسۇن 60 تۇياققا يەتكەندە، ئىككى تۇياق ئىنەك ياكى ئىككى تۇياق بۇقا …

— ئۇستاز! 40 تىن كۆپ 60 تىن ئاز بولۇپ قالسىچۇ؟

— 40 تۇياق بىلەن 60 تۇياق ئارىسىدا 40 تۇياق كۈچكە ئىگە. 60 تۇياق بايا ئېيتقاندەك. 70 تۇياققا يەتكەندە، ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان بىر غۇنىجىن ۋە ئىككى ياشقا قەدەم قويغان بىر بۇقا؛ 80 گە يەتكەندە، ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان ئىككى غۇنىجىن ۋاجىب بولىدۇ. ئۆلچەم مۇشۇ بويىچە ھەر ئون كالىدا ئىككى ياشقا قەدەم قويغان بىر بۇقىدىن ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان بىر غۇنىجىنغا يۆتكىلىدۇ.

 

تۆگىنىڭ زاكات ئۆلچىمى

بەش تۇياق تۆگىگە بىر تۇياق قوي، 10 غا ئىككى قوي، 15 كە ئۈچ قوي، 20 گە تۆت قوي؛ 25 كە ئىككى ياشقا قەدەم قويغان بىر بۇغرا ياكى ئىنگانچۇق؛ 36 غا ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان بىر بۇغرا ياكى ئىنگانچۇق؛ 46 غا تۆت ياشقا قەدەم قويغان بىر تۆگە؛ 61 گە بەش ياشقا قەدەم قويغان بىر تۆگە؛ 76 غا ئىككى دانە ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان بۇغرا ياكى ئىنگانچۇق؛ 91 دىن 120 گىچە بەش ياشقا قەدەم قويغان ئىككى تۆگە زاكات كېلىدۇ؛ ئاندىن 121 دىن 145 كە يەتكۈچە ھەر بەشكە بىر قوي (قوشۇلۇپ) زاكات كېلىدۇ.

— بۇلارنى چوقۇم يېزىۋالمىساق، يادلاش تەسكە توختىغۇدەك – ھە؟! ئابدۇللاھ ئاكا!

— شۇنداقكەن سىڭلىم! لېكىن مەن يادلىۋېلىشقا تىرىشىمەن.

— بۇلارنى ھازىرچە بىلىۋالساڭلار كۇپايە، يادلاش شەرت ئەمەس، لېكىن توغرا خاتىرىلىۋېلىڭلار. داۋامىنى دەيمەن ئەمىسە:

ئاتنىڭ زاكىتىنىڭ ئۆلچىمى

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ «ئاتقا زاكات كېلىدۇ» دېگەن قارىشى بويىچە، ئايغىر ۋە بايتال ئارىلاش ياكى ھەممىسىلا بىيە – بايتال بولغان ئات يىلقىسى بار كىشى خاھلىسا، ھەربىر ئاتقا بىر دىنار (4.25 گرام ئالتۇن) زاكات بېرىدۇ، خاھلىسا، باھالاپ قىرىقتىن بىرىنى (₄₀⅟)، يەنى %2.5 بېرىدۇ.

— يىلقا دېگەن نېمە؟

— يىلقا دالىدا بېقىلىدىغان ئات توپىنى كۆرسىتىدۇ، رەھىمە!

ئەمدى ئات، قېچىر، ئېشەك ۋە تۆگىلەرگە ئوخشاش داۋاملىق كۈچىدىن پايدىلىنىلىدىغان ۋە ھەلەپ بېرىپ بېقىلىدىغان چارۋىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا زاكات ۋاجىب ئەمەس. بىراق تىجارەت قىلىش ئۈچۈن باققان بولسا، %2.5 بويىچە قىممىتىنى ھېسابلاپ زاكات بېرىدۇ.

يەنى ئاز دېگەندە ئالتە ئايدىن كۆپ ھەقسىز ئوتلاقلاردا، يايلاقلاردا كۆپەيتىش، سەمرىتىش، سۈتىنى سېغىش دېگەندەك نىيەتلەردە بېقىلغان چارۋىلارغا يۇقىرىقىدەك ھەر تۈرگە مەخسۇس چارۋا ماللار ئۆلچىمى بويىچە زاكات ئايرىلىدۇ.

ئەمما، تاۋار سۈپىتىدە ئېلىپ – سېتىش مەقسىتىدە باققان بولسا، بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى، تاۋار سۈپىتىدە ئېلىپ – سېتىش ئۈچۈن باققان چارۋىلارنىڭ زاكىتىنى تىجارەت مېلى قاتارىدا 2.5% ئايرىيدۇ.

ئابدۇللاھ بىلەن رەھىمە «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»دە نۇرغۇن قىممەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ دوكتورنىڭ ۋاقتى بولسا، يەنە بىر قېتىم كېلىپ، بىلمىگەنلىرىنى سوراپ بىلىۋالماقچى بوپتۇ.

— ئۇستاز! ۋاقىتلىرى بولسا ئەتە يەنە بىر كەلسەك، سورايدىغانلىرىمىز تۈگىمىگەن ئىدى، — دەپتۇ رەھىمە تارتىنغان ھالدا.

— ئەتە باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىم بار ئىدى، كېلەر ھەپتە ئوخشاش ۋاقىتتا كېلەمسىلەر؟ — دەپتۇ دوكتور كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈشىدىغان بولۇپ خوشلىشىپتۇ.

 سورىغان بىلىم ئاپتۇ

رەھىمە ۋە ئابدۇللاھ ئىككىسى بۇ بىر ھەپتىدە ئۆگەنگەنلىرىنى ياخشى تەكرارلاپتۇ. يەنە بەزى سوئاللارنى ئالدىن تەييارلاپ، دېيىشكەن ۋاقىتقا دەل ئۈلگۈرۈپ «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە كەپتۇ. دوكتور ئاللىقاچان كېلىپ بولغانىكەن. ئۇلار قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن، سۆھبىتىنى باشلاپ كېتىپتۇ:

— ئۇستاز! ئۆتكەن قېتىم ئۆگەنگەنلىرىمىزنى تەكرارلىغاندا بەزى نۇقتىلارنى ياخشى چۈشىنىۋالمىغانلىقىمىزنى بايقىدۇق، سورىۋالساق بولامدۇ؟

— ئەلۋەتتە بولىدۇ، سورىغان بىلىم ئاپتۇ، سورىمىغان كەينىدە قاپتۇ دېگەن گەپ بار، ئېسىڭلاردا بولسۇن، ئىككى خىل كىشىگە ئىلىم يۇقمايدۇ. بىرى، تەكەببۇر كىشى. كىبىرىدىن بىلمىگەننى سورىمايدۇ، ئۆگىنەلمەيدۇ؛ يەنە بىرى، تارتىنچاق كىشى. تارتىنىپ چۈشىنەلمىگىنىنى سورىمايدۇ، ئۇمۇ ئۆگىنەلمەيدۇ. قايسى نۇقتىلارنى چۈشىنەلمىگەنتىڭلار؟

— زاكاتنى مىلادىيە كالېندارى بويىچە ھېسابلىسا بولامدۇ؟

— زاكاتنى ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ھېسابلاش لازىم. ھىجرىيە كالېندارى بويىچە بېرىش قىيىن بولغاندا مىلادىيە كالېندارى بويىچە بەرسە بولىدۇ. لېكىن، %2.5 ئورنىغا %2.575 – 2.577% ئايرىيدۇ.

— تىجارەتچىلەر زاكاتنى تاۋارنىڭ ئۆزىدىن ئايرىمدۇ ياكى ئورنىغا پۇل بېرەمدۇ؟

— يوقسۇللارغا تاۋار مۇناسىپ بولسا تاۋار. مۇناسىپ بولمىسا قىممىتىدە پۇل بېرىدۇ.

— زاكات پۇلغا پېقىرغا ئۆي ئېلىپ بېرىشكە بولامدۇ؟

— زاكات پۇلغا پېقىرغا ئۆي ئېلىپ بېرىشكە بولمايدۇ. بىر يىللىق ئۆي ئىجارىسى ۋە تۇرمۇش خىراجىتى بېرىلىدۇ. ئەگەر پېقىر كىشى قەرزگە ئۆي ئالسا ۋە قەرزنى قايتۇرۇشتا قىينالسا، قەرزدار بولغاچقا، ئاندىن قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن زاكات ئالسا بولىدۇ.

— ھە چۈشەندىم، دادامنىڭ بەزى تونۇشلىرى نەچچە يەردىن زاكات يىغىپ ئۆي ئالماقچى بولۇپتىكەنمىش، ئۇلارغا بۇنىڭ خاتالىقىنى دەپ بەرسەم بولغۇدەك.

— ئۇستاز! بەزى ئەرلەر ئاياللارنى قىزغىنامدىكىن تاڭ، ئالتۇن سائەت، ئالتۇن ئۈزۈك دېگەندەك نەرسىلەرنى تاقىۋالىدىكەن، بۇ جائىزمۇ؟ ئۇ نەرسىلەرگە زاكات كېلەمدۇ؟

— ئەرلەرنىڭ ئالتۇن سائەت، ئۈزۈك ۋە قەلەم كەبى زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشى ھارام. نىسابقا يەتسە ئەلۋەتتە زاكات بېرىدۇ. ئەمما، ئاياللارنىڭ شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ پلاتىنا، ئالماس، ياقۇت، فىرۇزە، زۇمرەت كەبى ئېسىل تاش زىبۇزىننەتلىرىگە زاكات كەلمەيدۇ. تىجارەت ياكى پۇل يىغىش ئۈچۈن ساقلىغان بولسا، نىسابقا يەتسە %2.5 زاكات كېلىدۇ.

— زاكاتنى كىملەرگە بېرىمىز؟

— تولىمۇ مۇھىم بىر مەسىلىنى سورىدىڭىز، رەھىمە. ئەمىسە دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار، تەپسىلىي دەپ بېرەي:

زاكات بېرىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر

«زاكات بېرىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر» دېگەن مۇسۇلمانلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنغان زاكات ماللىرى بېرىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنىمىز بۇ ھەقتە دەيدۇكى:

[زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر](9/«تەۋبە»: 60).

— ھە راست، ئاپام: «پېقىر دېگەن ئازغىنە نەرسىسى بار كىشى، مىسكىن دېگەن ھېچنەرسىسى يوق كىشىدۇر» دېگەندەك قىلغان بىر چاغدا.

— شۇنداق.

پېقىرلار — كەسپ قىلىشقا قۇدرىتى يەتمىگەنلىكتىن ھېچقانداق مالغا ئىگە بولالمىغان ياكى يېنىدا ئاز مال بولۇپ، زۆرۈرىي ئېھتىياجلىرىغا يەتمەيدىغان كىشىلەردۇر.

— ئۇستاز! زاكات بىلەن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان كىشىنىڭ قەرزىنى تۆلىۋەتسەك بولامدۇ؟

— دۇرۇس بولىدۇ، ئابدۇللاھ!

ئەمدى مىسكىنلەر بولسا پېقىرلارغا قارىغاندا ھال – ئوقىتى سەل ياخشى بولغان، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ زۆرۈرىي ئېھتىياجلىرىنى قامدىغۇدەك نەرسىلەرگە ئىگە بولالمىغان كىشىلەردۇر.

زاكاتنى قولىدىكى پۇل – مېلى (باي دەيدىغان) ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان كىشىگە گەرچە بۇ كىشى ساغلام، پۇل تاپالايدىغان بولسىمۇ بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ كەمبەغەلدۇر.

— زاكاتنى كەمبەغەل دەپ ئويلىغان بىر كىشىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئالغۇچىنىڭ باي، كافىر ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىپ قالغان بولسىچۇ؟

— يەنىلا ئادا تاپقان بولىدۇ.

زاكات خادىملىرىغا كەلسەك، ئۇلار دۆلەت ياكى دۆلەت تەرىپىدىن رۇخسەت قىلىنغان ئورۇنلار زاكات يىغىش، ساقلاش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن تەيىنلىگەن، خىزمىتىگە قارىتا مۇقىم مائاش بېكىتىلمىگەن خىزمەتچىلەردۇر.

دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار بولسا مۇسۇلمان بولۇشى ئۈمىد قىلىنىدىغان كافىرلاردۇر ياكى يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن مۇسۇلمانلاردۇر، زاكات ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئىسلامغا مۇستەھكەم باغلاش ئۈچۈن بېرىلىدۇ.

ئەمما، بۇ شەرت تېپىلمىسا، كافىرغا، بايغا ۋە باينىڭ سەبىي بالىسىغا زاكات بېرىلمەيدۇ.

— ئۇنداقتا، تۇغقانلىرىمىزغا زاكات بەرسەك بولامدۇ، ئۇستاز؟

— زاكات بەرگۈچىنىڭ دادىسى، بوۋىسى ياكى بالىسى، نەۋرىسى، ئەۋرىسى، چەۋرىسى، ئايالى قاتارلىق يېقىن تۇغقانلىرىغا زاكات بېرىشىگە بولمايدۇ.

ئەمدى قۇللارنى ئازاد قىلىشقا دېگىنىمىز قۇللارنى سېتىۋېلىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق ئازاد قىلىش. بۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، ئىسلام دىنى قۇللۇق تۈزۈمىنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە بىكار قىلىشتا باشقا بارلىق تۈزۈملەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن.

— لېكىن، دەۋرىمىزدە قۇل يوقتۇ، ئۇستاز؟

— ھازىرقى دەۋرىمىزدە زاكاتنىڭ بۇ ئۈلۈشى ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

قەرزدارلار قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان ۋە بۇ قەرزلىرىنى تۆلىگۈدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولالمىغان كىشىلەردۇر.

— ئۇنداقتا، زاكاتنى قەرزگە ھېسابلىۋەتسە بولامدۇ؟

— قەرزدارنىڭ قەرزنى تۆلىگۈدەك ھالى بولمىسا، بىر قىسىم ئالىملار نەزەرىدە: «زاكاتنى قەرزگە ھېسابلىۋەتسە بولىدۇ».

— باشقىلاردىكى قەرز پۇللارنىڭ زاكىتى قانداق بېرىلىدۇ؟

1. ئېلىشتا ئۈمىد بار قەرزگە ھەريىلى %2.5 زاكات ئايرىلىدۇ؛

2. ئېلىشتا شەك بار قەرزگە ئالالىسا شۇ بىر يىلغا %2.5 زاكات ئايرىيدۇ؛

3. ئۈمىد ئۈزۈلگەن قەرزگە قاچان ئالالىسا، شۇ بىر يىلغا %2.5 زاكات ئايرىيدۇ.

ئاللاھنىڭ يولىغا دېگەندە دۈشمەنلىككە تاقابىل تۇرۇش، قوراللىق جىھاد، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تىللاردا كىتابلارنى نەشر قىلىش ۋە شۇنداق مەركەزلەرنى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي مەنىدىكى جىھادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

— ئەمىسە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ۋە ئىلىم – مەرىپەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا زاكات بېرىشكە بولىدىكەن – دە؟!

— ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى جىھاد، شەرئىي بىلىم ئېلىش ۋە ھەج سەپىرىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ [ئاللاھنىڭ يولىغا](9/«تەۋبە»: 60) دېگەن سۆزىدە كۆزدە تۇتۇلغان دائىرىگە كىرىدۇ.

— ئۇستاز! مەسجىد دېگەن ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغاندىكىن، مەسجىد سېلىشقا زاكات بەرسەك، تېخىمۇ جىق ساۋاب بولار؟!

— ئۇنداق بولمايدۇ. شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، زاكات بىلەن مەسجىد سېلىشقا، كىشىلەرنى ئۇسسۇلۇق بىلەن تەمىنلەشكە، يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش ۋە رابات – ئۆتەڭ قۇرۇشقا ھەمدە ئۇلارنى ئاسراشقا، ئىگە – چاقىسىز مېيىتنىڭ كېپەنلىك ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ چىقىمىغا، مېيىتنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە، ئاممىۋىي ئەسلىھەلەر بىنا قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئېھتىياجلار زاكاتتىن باشقا ئىختىيارىي سەدىقە بىلەن قامدىلىدۇ.

ئىبنى سەبىل: بۇ مال – مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالغان غېرىب مۇساپىر كىشىدۇر.

— زاكات بېرىلىدىغان سەككىز ئورۇننىڭ ھەممىسىنى بىلىۋالدۇق. ھەپشى… ئەلھەمدۇلىللاھ!

— يەرھەمۇكەللاھ!

—    زاكات سەرپ قىلىنمايدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر قايسىلار؟

—     1. مېيتنىڭ قەرزىنى تۆلەش؛

2. كافىر؛

3. باي؛

4. ھاشىم جەمەتى؛

5. نەفىقىسى ۋاجىب بولغان تۇغقانلىرى ۋە ئايالى؛

6. مەسجىد ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر.

 

رامازان ئېيى كېلىپ قالدى، شۇڭا سىلەرگە فىتىر زاكىتى توغرىلىقمۇ سۆزلەپ بېرەيمۇ؟

— تولىمۇ ياخشى بولاتتى ئۇستاز! ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

— ئامىن، ئىككىڭلاردىنمۇ ۋە باشقا بارلىق مۇسۇلمانلاردىنمۇ ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇنداقتا فىتىر زاكىتىغا ئالاقىدار سۆزلىگەنلىرىمنى ياخشى ئاڭلاڭلار:

 

فىتىر زاكىتى ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتى

«فىتىر» دېگەن سۆز «ئېغىز ئېچىش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بىر ئاي رامازاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىفتار ۋاقتىدىن باشلاپ روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلغۇچە ئارىلىقتا بېرىلىدىغان سەدىقە ياكى زاكات بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان. ئادەتتە «فىتىر سەدىقىسى» دەپ تونۇلغان بولۇپ، «فىتىر زاكىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى «ۋاجىب»تۇر.

— فىتىر زاكىتى قاچان يولغا قويۇلغان بولغىيتتى؟

— ئابدۇللاھ بىلىشى مۇمكىن. دەپ باقامسىز؟

— دادامنىڭ دېيىشىچە، ئىسلام دىنى روزا تۇتقۇچىنى پاكلاش ۋە پېقىرلارغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە فىتىر زاكىتىنى ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى يىلى شەئبان ئېيىدا يولغا قويغان ئىكەن.

— بارىكاللاھ، توغرا جاۋاب بەردىڭىز، ئاپىرىن سىزگە.

— فىتىر زاكىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ ھېكمىتى نېمە، ئۇستاز؟

— ئۇنىڭ ھېكمىتى:

1.    رامازان جەريانىدا سادىر بولۇپ قالغان بىراۋغا ھاقارەت قىلىش، تىللاش، غەيۋەت قىلىش… دېگەندەك گۇناھلاردىن پاكلاش؛

2.    روزا ھېيت كۈنلىرىدە يوقسۇللارنىمۇ خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ قىسمەن بولسىمۇ ھاجىتىدىن چىقىش، تىلەشكە موھتاج قىلماسلىق.

— قانچىلىك مىقداردا بېرىمىز، ئۇستاز؟ مەن بەزىدە ئاغزىم ئىتتىكلىك قىلىپ، باشقىلارنى رەنجىتىپ قالىمەن، بۇ رامازاندا فىتىر سەدىقىسى بېرىپ گۇناھلىرىمنى يۇيۇۋالاي.

— فىتىر سەدىقىسى بۇغداي ياكى بۇغداي ئۇنىدىن 1 كىلو 100 گرام؛ ئارپا ياكى ئارپا ئۇنىدىن ۋە خورما ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن 2 كىلو 200 گرام بەرسىمۇ ۋە ياكى قىممىتىنى ھېسابلاپ پۇل بەرسىمۇ ئادا بولىدۇ. بىراق، ئابدۇللاھ! كۆپ گەپ قىلىش، تىللىشىش، غەيۋەت قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس، بولۇپمۇ رامازاندا قەتئىي تىللاشماڭلار، ئۇرۇشماڭلار، غەيۋەت قىلماڭلار، ئىناق ئۆتۈڭلار! بولامدۇ؟

— بولىدۇ ئۇستاز! بىز چوقۇم ئىناق ئۆتىمىز.

— ھە ياخشى. [سىلەرگە ئاللاھ ئاتا قىلغان مال – مۈلۈكنىڭ بىر قىسمىنى ئۇلارغا بېرىڭلار](24/«نۇر»: 33) [چوڭ – كىچىك گۇناھلاردىن پاكلىنىڭلار](6/«ئەنئام»: 120)  دېگەن سۆزنى ھەربىرىمىز چوقۇم ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك.

 قاچان، كىملەرگە بېرىمىز؟

— ئۇنداقتا، فىتىر زاكىتى كىملەرگە ۋاجىب بولىدۇ، ئۇستاز؟

— فىتىر زاكىتى ئۆزىنىڭ ۋە ئەگەر بار بولسا ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ئۈستىگە ئارتىلغان ئايالى، بالىلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ نامىدىن ئادا قىلىشقا قادىر بولالىغان چوڭ – كىچىك، ئەر، ئايال ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىبتۇر.

— دېمەك، بۇ زاكات ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ روزا ھېيت كۈنى بىر كېچە – كۈندۈزگە يەتكۈدەك ئوزۇق – تۈلۈكتىن ئارتۇق بىرنەرسىگە ئىگە بولغان كىشىلەرگە ۋاجىبتۇر.

— فىتىر زاكىتىنى قاچان بېرىمىز؟

بۇ زاكات رامازان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە تاكى روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلغانغا قەدەر بېرىلىشى كېرەك.

— رامازاننىڭ ئەۋۋەلقى كۈنلىرىدىلا بېرىۋەتسىچۇ؟

— ئۇمۇ مەيلى، بولىۋېرىدۇ. ئەمما فىتىر زاكىتى پېقىرلارغا ۋە مىسكىنلەرگە ھېيت كۈنى خۇشاللىق بېغىشلاش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دوستلۇق، مېھرىبانلىقنى يېيىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنى ئىفتاردىن كېيىن بەرگەن ئەۋزەل.

— ئۇستاز! ئاشلىقنىڭ ئورنىغا پۇل بەرسەكچۇ؟

— ئەگەر پېقىرلار ۋە موھتاجلار ئۈچۈن مەنپەئەتلىكرەك بولسا، ئاشلىقنىڭ قىممىتىنى پۇلغا ھېسابلاپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

— دادام داۋاملىق: «مال ئاللاھنىڭ مېلىدۇر، سېخىي كىشى ئاللاھنىڭ دوستىدۇر» دەيدىغان، ئەمدى چۈشەندىم.

 زاكات ئادا قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار

·       زاكات بېرىش ئىماننىڭ ئىپادىسى

·       نىيەت خالىس بولۇش، پاكلاشنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈش

·       زاكات ئىختىيارىي ئىھسان ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىيەتتۇر

·       زاكات ئادا قىلىشتا ھىيلە ئىشلىتىلمەيدۇ

·       زاكات قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرىدۇ

·       زاكات بېرىشتە سەرپ قىلىنىدىغان شەخس ۋە ئورۇنلاردىن ھالقىماسلىق

·       بەرگەندە ئېنىقلاپ جايىغا بېرىش

·       زاكاتنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرمەسلىك

زاكاتقا ئالاقىدار ئىلاھىي كۆرسەتمىلەر

 

﴿نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكات بېرىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 43، 83، 100)

﴿ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە دىندا قېرىندىشىڭلاردۇر﴾(9/«تەۋبە»: 11)

﴿ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە ئۇ بايلىقلار جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: ‹بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان بايلىقىڭلار، يىغقان بايلىقىڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار› دېيىلىدۇ﴾(9/«تەۋبە»: 34 – 35)

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل – مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشىدەك، بەرگەن سەدىقەڭلەرنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار، ئۇنىڭ مىسالى خۇددى ئۈستىگە ئازغىنە توپا – چاڭ قونۇپ قالغان، ئۇنىڭغا قاتتىق يامغۇر چۈشۈپ يالىڭاچ تاش ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويغان يوغان قورام تاشقا ئوخشايدۇ، ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ، ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 264)

﴿سەدىقىلەرنى ئاۋۇتۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ بارلىق ناشۈكۈر گۇناھكارلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان ۋە زاكات بەرگەنلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتلىرى باردۇر، ئۇلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ھەم ئۇلار قايغۇرمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 276 – 277)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىپ مۇنداق دېگەن: ‹سەن ئۇلارنى بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا، مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە چاقىرغىن! بۇنىڭغا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ھەربىر كېچە – كۈندۈزدە بەش ۋاق نامازنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن! ئەگەر بۇنىڭغا بويسۇنسا، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بايلىرىنىڭ مال – مۈلكىدىن ئېلىپ، كەمبەغەللىرىگە قايتۇرۇلىدىغان زاكاتنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن!›»(سەھىھەين)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «بىر ئەئرابىي نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

— ماڭا ئورۇنلىسام مېنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىدىغان بىر ئىشنى كۆرسىتىپ بەرگىن، — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:

— بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، پەرز نامازلارنى ئادا قىلغىن، پەرز زاكاتنى ئايرىغىن، رامازاندا روزا تۇتقىن، — دېدى. ئۇ ئادەم:

— جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، بۇنىڭدىن زىيادە قىلمايمەن، — دېگىنىچە قايتىۋىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— كىمنى جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشىگە قاراش خۇش قىلىدىغان بولسا، بۇ كىشىگە قارىۋالسۇن، — دېدى».(سەھىھەين)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھ ئاتا قىلغان پۇل – مېلىنىڭ زاكىتىنى بەرمىسە، ئۇنىڭ پۇل – مېلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئىككى جاۋىغىيىدا كۆپۈك ئۆرلەپ تۇرغان بىر چوڭ تاز يىلاننىڭ شەكلىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇنى چىرمىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئىككى قوۋۇزىنى قاماپ تۇرۇپ، مەن سېنىڭ پۇل – مېلىڭ، مەن سېنىڭ يىغقان دەپىنە – دۇنيايىڭ، دەيدۇ» دېدى، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەننى سەرپ قىلماي بېخىللىق قىلىدىغانلار، ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، ئەكسىچە، بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر، قىلىدىغان بارلىق ئەمەللىرىڭلاردىن ئاللاھ خەۋەرداردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 180). (سەھىھەين)

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئەنسارلاردىن بىر توپ كىشىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مال سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا بەردى. ئۇلار يەنە سورىۋىدى، يەنە بەردى. يەنە سورىۋىدى، يەنە بەردى. ئاخىرى ئۇ زاتنىڭ قولىدىكى نەرسە تۈگىگەندە: ‹مەندە بەرگىدەكلا مال بولىدىكەن، ھەرگىزمۇ يوشۇرۇۋالمايمەن. كىمكى تىلەشتىن ئۆزىنى پاك تۇتسا، ئاللاھ ئۇنى پاك قىلىدۇ؛ كىمكى (بەندىلەرگە) ئۆزىنى موھتاج قىلمىسا، ئاللاھ ئۇنى باي قىلىدۇ؛ كىمكى سەۋر قىلىشقا تىرىشسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا سەۋر ئاتا قىلىدۇ. ھېچكىمگە سەۋردىنمۇ ياخشىراق ۋە ئازادىرەك ئېھسان بېرىلگەن ئەمەس» دېدى. (سەھىھەين)

 

— ھە راست، تۆۋەندىكى ھېكايىنى ئاڭلىغانمىدىڭلار؟

ئىبرەتلىك ھېكايە

باغ ئىگىلىرى

— ئى دادا! بېغىمىزنىڭ مېۋىسى بەك كۆپ.

— ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن ئوغلۇم! بىز ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشىمىز كېرەك…

— ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەھمەدجان!

— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

— مېۋىلىرىدىن بىزگىمۇ بېرەملا؟

— ئەلبەتتە بېرىمەن. چۈنكى، زاكات ۋاجىب ھەقتۇر. قېنى مەرھەمەت!

— دادا! نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا بۇنىڭ ھەممىسىنى بېرىسەن؟

— ئوغلۇم! ئاللاھ بۇ زاكات بىلەن بىزگە بەرىكەت بېرىدۇ، بېخىل كىشى ئۈچۈن بەرىكەت بولمايدۇ. پېقىر – مىسكىنلەر ھەققىدە ئاللاھتىن قورقۇڭلار بالىلىرىم!

— مەرھەمەت، ئېلىڭلار! ئېلىڭلار! بۇ سىلەرنىڭ ھەققىڭلار.

 

دوكتور ھېكايىنى سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، تۆۋەندىكى ئايەت ۋە ھەدىسنى ئوقۇپتۇ:

﴿ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾(59/«ھەشر»: 9).

«يېرىم خورمىنى (سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ) دوزاختىن ساقلىنىڭلار».

— ھەدىس شەرىف.

«بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشىدۇر».

— ھەدىس شەرىف.

ۋە ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن مۇنداق دەپتۇ: «خالايىقنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىدۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغىنى ئىگىدارچىلىقىدىكى كىشىلەرگە ئەڭ مەنپەئەت يەتكۈزگىنىدۇر». ئاندىن ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:

 

(ھېلىقى ياخشى كىشى — ئەھمەد تاغا ۋاپات تاپقاندىن كېيىن)

— ئەتە ھوسۇل يىغىدىغان كۈن، شۇڭا خۇددى ئىلگىرى دادىمىز قىلغانغا ئوخشاش بىزمۇ زاكات ئايرىيمىزغۇ – ھە؟

— ياق! بۇ مېۋىلەر بىزگە تەۋە، بۇلار بىزنىڭلا ھەققىمىز.

— لېكىن… پېقىرلار ئەتە كېلىدۇ.

— بىز كېچىدە باغقا بېرىپ، ئۇلار كېلىشتىن ئىلگىرى مېۋىلەرنى ئۈزۈۋالايلى!

— مەيلى ماقۇل، پېقىرلار ئويغىنىشتىن ئىلگىرى تېز بولايلى ئەمىسە!

— شۇنداق قىلايلى! تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى مېۋىلەرنى يىغىۋالساق، پېقىرلار بىزنى كۆرەلمەيدۇ.

 

(شور پىشانىلەر كېچىدە باغقا بارىدۇ ۋە باغنىڭ كۆيۈپ كۈل بولغانلىقىنى كۆرىدۇ…)

— ئى رەببىم!!! بۇ نېمە ئىش؟ بېغىمىزغا نېمە بولدى؟

— بۇ بىزگە بېرىلگەن جازادۇر… بىز پېقىرلارغا زاكات بەرمەسلىكنى ئىرادە قىلغان ئىدۇق.

— مېۋىلەر نەگە كەتتى؟ دەرەخلەر يوق بوپتۇ.

— بىزمۇ تۈگىشىپتۇق… دادىمىزغا ئوخشاش پېقىرلارنىڭ ھەققىنى بەرگەن بولساقچۇ، كاشكى!

— ئاللاھ تائالا بېخىللىقىمىزغا جازا بېرىپ، ئىنتىقام ئاپتۇ…

— شۇنداق، بىزمۇ ھازىر پېقىر بولۇپ قالدۇق…

— ئى ئاللاھ! بىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە بېغىمىزنى قايتۇرۇپ بەرگىن، بىز بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ پېقىرلارنىڭ ھەققىنى بەرمەي قويمايمىز…

 

دوكتور ھېكايە تۈگىگەندە ئابدۇللاھ بىلەن رەھىمە قىزغا كۈلۈمسىرەپ قارىغىنىچە شۇنداق دەپتۇ:

— زاكات ئەمەلىيەتتە مالغا بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ ۋە تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ.

— بەكمۇ ياخشى ھېكايە ئىكەن ئۇستاز! ئاپاممۇ بىرقانچە قېتىم ئېيتىپ بەرگەنىدى، لېكىن سىلىدىن ئاڭلاپ تېخىمۇ بەكرەك چۈشەنگەندەك بولدۇم، — دەپتۇ ئابدۇللاھ.

— مەنمۇ بۇ ھېكايىنى دادامدىن ئاڭلىغان ئىدىم، سىلەرگە بىر ئايەت ئوقۇپ بەرگۈم كەپقالدى، — دەپتۇ رەھىمەمۇ. ۋە:

ﵟوَلۡيَخۡشَ ٱلَّذِينَ لَوۡ تَرَكُواْ مِنۡ خَلۡفِهِمۡ ذُرِّيَّةٗ ضِعَٰفًا خَافُواْ عَلَيۡهِمۡ فَلۡيَتَّقُواْ ٱللَّهَ وَلۡيَقُولُواْ قَوۡلٗا سَدِيدًا ((كىملەركى) ئۆزلىرىدىن قېلىپ قالىدىغان كىچىك بالىلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن قانداق ئەندىشە قىلىدىغان بولسا، باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) ئاللاھتىن قورقسۇن!)ﵞ(4/«نىساﺋ»: 9)

دېگەن ئايەتنى شۇنداق چىرايلىق تىلاۋەت قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئاكا – سىڭىل ئىككىسى دوكتور بىلەن خوشلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىپتۇ.

يولدا ئۆگەنگەن بەزى ئاتالغۇلارنى بىر-برىدىن سورىشىپتۇ؟

 

ئاتالغۇلار

زاكات (الزَّكَاةُ): ئەرەبچىدە «كۆپەيمەك، ئۆسمەك، ئاۋۇماق، ياخشىلانماق، تەقۋا بولماق ۋە پاكلانماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شەرىئەتتە: «ئىسلامنىڭ بەش رۇكنىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلكىدىكى ئىقتىساد بايلىق ئۆلچىمىگە يەتكەن مۈلۈكدارنىڭ چارۋا – مال، زىرائەت ھوسۇلى، تىجارەت تاۋارلىرى، كان بايلىقلىرى، نەق پۇل ۋە ئالتۇن – كۈمۈش قاتارلىق مال – مۈلكىنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى تەيىنلەنگەن شەخس ۋە ئوبيېكتلارغا بەلگىلەنگەن مۇددەتتە بېرىش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدىغان ئۇلۇغ ئىبادەت»تۇر. بۇ ئىبادەت ھىجرەتنىڭ 2 – يىلى پەرز قىلىنغان. «زاكات» كەلىمەسى پەرز زاكاتقىمۇ، نەفلە سەدىقىگىمۇ ئىشلىتىلگەندىن سىرت بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان پۇل – مالنىڭ ئۆزىگىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. زاكات يىغقۇچى خادىمغا «زاكاتچى» دېيىلىدۇ. زاكاتنىڭ دىنىي ۋە ئىجتىمائىي رولى ھەقىقىي رەۋىشتە جارى قىلىنىشى ئۈچۈن، «قۇرئان»(9/«تەۋبە»: 60) زاكاتنىڭ سەككىز ئورۇنغىلا سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 23/226 – 312؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 728 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.

نىساب (النِّصَابُ): ئەرەب تىلىدا: «ئەسل، يىلتىز؛ قايتىدىغان جاي؛ دەستە» دېگەن مەنىلەردە. فىقھ ئىستىلاھىدا: زاكات نىسابى (نِصَابُ الزَّكَاةِ): «زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن مال – مۈلك»تىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ مىقدار (يەنى نىساب) غا يەتمىگەن مالغا زاكات كەلمەيدۇ.. بۇ زاكىتىنى ئايرىيدىغان مالنىڭ تۈرىگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. يەنە «ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىشتىكى مال – مۈلك ئۆلچىمى (نِصَابُ الْقَطْعِ فِي السَّرِقَةِ)»نىمۇ كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 40/318؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 451 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1696 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.

ئۆشر (الْعُشْرُ): ئەرەب تىلىدا: «ئوندىن بىر (10⅟)، يەنى %10» دېمەكتۇر. فىقھ ئىستىلاھىدا: «تېرىلغۇ زېمىن ھوسۇلىدىن ئېلىنىدىغان زاكات»تۇر. ھەدىس شەرىفتە: «يامغۇر سۈيى ۋە بۇلاقلاردىن سۇغىرىلغان ياكى سۇغارمىسىمۇ ئۆزى يىلتىزى بىلەن سۇ ئىچىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشر (ئوندىن بىرى) كېلىدۇ، سۇغىرىلىدىغان زىرائەتلەرگە ئۆشرنىڭ يېرىمى (يىگىرمىدىن بىرى) كېلىدۇ» دېيىلگەن. يەنە «ئىسلام دۆلىتىنىڭ چېگراسىدىن ئۆتكەن زىممىي سودىگەرلەردىن ۋە ئۇرۇش ھالىتىدىكى دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج»مۇ «ئۆشر» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، ئىسلام خەلىفەلىرى ئۇلاردىن ئۆشر ئالغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 30/101؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى)»، 281 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996.

سەدىقە فىتىر (صَدَقَةُ الْفِطْرِ): لۇغەت مەنىسى: «ئېغىز ئېچىش سەدىقىسى ياكى فىترەت (يارىتىلىش) سەدىقىسى». شەرئىي ئىستىلاھتا: «مۇسۇلمانلار روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن رامازان روزىسىنى تۇتۇشنى توختىتىپ، ئېغىز ئاچقاندا پېقىرلارغا بېرىشى ۋاجىب بولغان سەدىقە»دۇر. بۇ سەدىقە ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، قۇل بولسۇن، ھۆر بولسۇن، ھەربىر مۇسۇلمان بېشىغا ۋاجىب بولغانلىقى ئۈچۈن «كىشى بېشىغا ۋاجىب بولىدىغان زاكات (زَكَاةُ الْفِطْرِ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن شۇ يۇرتنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقلىرىدىن ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋ (2040 گرام) مىقدارىدا ئاشلىق ياكى ئۇنىڭ قىممىتىدە نەق پۇل بېرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن بۇنى ھەدىستە كەلگەن بويىچە بىر خىل «زاكات» دەپ ئاتىغاندا، «رامازان روزىسىنى تۇتۇشنى توختىتىپ ئېغىز ئاچقاندا، رامازاندا سادىر بولغان بەزى گۇناھلارنى پاكلىغۇچى، روزىنىڭ كەم قالغان نۇقسانلىرىنى تولۇقلىغۇچى زاكات» دېگەن مەنىدە بولىدۇ. چۈنكى، زاكات دېگەن سۆز پاكلاش ۋە ئۆستۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن، پۇل – مال ۋە باشقا ئىقتىسادقا مۇئەييەن ئۆلچەم بىلەن بېرىلىدىغان زاكات بىلەن بۇ زاكاتنىڭ كۆپ پەرقلىرى بار. قاراڭ: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «سەدىقە فىتىر ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار»، 1 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 862 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.

 

نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟

ئۇلار ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن زاكات توغرىسىدا ئۆگەنگەنلىرىنى بىرلىكتە پۇختا تەكرارلاپتۇ. قېنى سىزمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ بېقىڭ:

1. ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى قايسىلار؟

2. زاكات دېگەن نېمە؟

3. زاكاتنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

4. دىنىمىزدا زاكات نېمە ئۈچۈن پەرز قىلىندى؟

5. زاكات كىملەرگە، قانداق شەرت ھازىرلانسا ۋاجىب بولىدۇ؟

6.  قايتۇرۇۋالالمىغان قەرزگە زاكات كېلەمدۇ؟

7. تىجارەتچى بىلەن دېھقان زاكات ئايرىشتا قايسى جەھەتلەردىن پەرقلىنىدۇ؟

8. پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ سېتىلغان چارۋا مالنىڭ زاكىتى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

9. زاكات ئالسا بولىدىغان سەككىز تۈرلۈك كىشى قايسى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان، ئۇ ئايەتنى يادقا بىلەمسىز؟ ئەتراپىڭىزدا كىملەر زاكات ئالسا بولىدىكەن، ئويلىنىپ بېقىڭ.

10. ئاتا – ئانىڭىز بۇ يىلقى زاكىتىنى كىمگە بەردى؟

11. «دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش» كۆزدە تۇتۇلغانلار كىملەرنى كۆرسىتىدۇ؟

12. قوشنىڭىزنىڭ 200 تۇياق قويى، 31 تۇياق كالىسى ۋە ئۈچ ئېتى بار ئىكەن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، قانچىلىك زاكات كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ بېرەلەمسىز؟

13. فىتىر زاكىتى قاچان يولغا قويۇلغان؟ ئۇنى قايسى ۋاقىتتا بېرىش ئەۋزەل؟

14. ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ بۇ رامازاندا قانچىلىك فىتىر زاكىتى بېرىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ بېقىڭ.

15. «باغ ئىگىلىرى» ناملىق ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كېيىن نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟ بۇ ھېكايىنى ئېسىڭىزدە ساقلىۋېلىپ، دوستلىرىڭىزغا سۆزلەپ بېرىڭ، ماقۇلمۇ؟

 

كىچىك دوستلار! سىلەرنىڭمۇ «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە كېلىپ سورايدىغانلىرىڭلار بارمۇ؟ ھەربىرىڭلارنىڭ مەركىزىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

 

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ