نامازدىن كېيىن قىرائەت قىلىش، جامائەت بولۇپ زىكىر ۋە دۇئا قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بەزىلەر: «جۈمە ۋە بەش ۋاخ نامازدىن كېيىن تارقىلىپ كەتمەي، بىر كىشىنىڭ ئۈنلۈك قىرائەت قىلىشى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنى ئاڭلىشى، ئىمامنىڭ ياكى باشقا بىرىنىڭ باشچىلىقىدا جامائەت بولۇپ زىكىر («سۇبھەناللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «ئاللاھۇ ئەكبەر») ۋە دۇئا قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر، خۇراپاتتۇر» دەپ پەتىۋا بېرىپتۇ. بۇ ئىشلارغا ئىسلام دىنى قانداق قارايدۇ؟ دەلىللىرىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

نامازنىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە قىرائەت قىلىش، جامائەت بولۇپ ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە زىكىر، تەسبىھ ئوقۇش ۋە دۇئا قىلىش قاتارلىق ئىشلار باشقىلارغا ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلغانلىق جەھەتتىن زىيىنى بولمىسا، مۇستەھەپ ئىشلاردۇر. بۇلارنىڭ پايدىلىرى كۆپ. مەسىلەن، بىلمىگەنلەر ئۆگىنىۋالىدۇ، يادىدا يوقلار ئەسلەيدۇ.

دەلىللەرگە كەلسەك، قىرائەت قىلىشنىڭ ئۆزى، ئادەتتە، ئىسلام يولغا قويغان مۇستەھەپ ئىش، بۇنى قاچان قىلسا بولىدۇ، نامازنىڭ ئالدى – كەينىدە قىلسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇ چەكلەنمىگەن. نامازنىڭ كەينىدە قىرائەت قىلىش جامائەتكە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان پۇرسەتلەردىن بىرىدۇر.

دۇئاغا كەلسەك، نامازدىن كېيىنكى ۋاقىت ھەدىستە كەلگىنىدەك دۇئا ئىجابەت قىلىنىدىغان پەيتلەرنىڭ بىرىدۇر. شەرىئەت بۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلىشقا تەرغىپ قىلغان. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھدىن: ئى رەسۇلۇللاھ! قايسى دۇئا ئىجابەت قىلىنىشقا ئەڭ يېقىن؟ دەپ سورالغىنىدا، «كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدىكى ۋە پەرز نامازلارنىڭ كەينىدىكى» دەپ جاۋاب بەرگەن.(1)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ پەرز نامازلاردىن كېيىن دۇئا قىلغان بولۇپ، بۇ، پەرز نامازلاردىن كېيىن دۇئا قىلىشنىڭ سۈننەتلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىمام بولغان كىشى بۇ سۈننەتنى تاشلاپ قويسا بولمايدۇ.

ئەمر ئىبنى مەيمۇن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بالىلىرىغا تۆۋەندىكى كەلىمىلەرنى مۇئەللىم كىچىك بالىلارغا خەت يېزىشنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتىپ: رەسۇلۇللاھ ھەر نامازدىن كېيىن بۇ كەلىمىلەر بىلەن پاناھلىق تىلەيتتى، دەيتتى: «ئى ئاللاھ! قورقۇنچاقلىقتىن پاناھلىق تىلەيمەن، بەك قېرىپ كېتىىشىمدىن پاناھلىق تىلەيمەن. دۇنيانىڭ پىتنىسىدىن پاناھلىق تىلەيمەن. گۆر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەيمەن».(2)

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامىزىدىن سالام بەرگەندىن كېيىن ئۈچ قېتىم «ئەستەغفىرۇللاھ» دەپ مەغپىرەت تىلەيتتى ۋە: «اللهم أنت السَّلَامُ وَمِنْكَ السَّلَامُ تَبَارَكْتَ يا ذَا الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ» دەيتتى.(3)

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى تاماملاپ سالام بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: «اللهم اغْفِرْ لي ما قَدَّمْتُ وما أَخَّرْتُ وما أَسْرَرْتُ وما أَعْلَنْتُ وما أَسْرَفْتُ وما أنت أَعْلَمُ بِهِ مِنِّي أنت الْمُقَدِّمُ وَأَنْتَ الْمُؤَخِّرُ لَا إِلَهَ إلا أنت».(4)

ئەلبەرا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئارقىدا ناماز ئوقۇغىنىمىزدا بىزگە يۈزلىنىپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى كۆزلەپ، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرۇشنى ياقتۇراتتۇق. ئەلبەرا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە مۇنداق دېگەن: شۇنداق قىلىپ مەن رەسۇلۇللاھنىڭ: « رَبِّ قِنِي عَذَابَكَ يوم تَبْعَثُ عِبَادَكَ (ئى رەببىم! بەندىلىرىڭنى قايتا تىرىلدۈرىدىغان كۈنى مېنى ئازابىڭدىن ساقلىغايسەن)» دەپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.(5) بۇلارمۇ ئەلۋەتتە، پەرز نامازدىن كېيىن ئىمامنىڭ قىلغان دۇئاسىدۇر. بۇ دۇئالارنى ساھابىلارنىڭ ئاڭلىغانلىقى، بۇ دۇئالارنىڭ ئۈنلۈك قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇغىرە ئىبنى شوئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر بىر پەرز نامازنىڭ ئارقىسىدا: «لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ، وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهْوَ عَلَى كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ، اللَّهُمَّ لاَ مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلاَ مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلاَ يَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ (يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، بارچە مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، جىمى مەدھىيە ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئى ئاللاھ! سەن بەرگەن نەرسىنى توسقۇچى يوقتۇر، سەن بەرمىگەن نەرسىنى بەرگۈچى يوقتۇر، سېنىڭ ئالدىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ)» دەيتتى.(6) بۇ تۈرلۈك زىكىرلەرمۇ مەزمۇن جەھەتتىن دۇئادىن ئىبارەتتۇر.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئىمام ۋە جامائەتنىڭ يالغۇز دۇئا قىلىشىنىڭ سۈننەتلىكىدە گەپ يوق. بۇ يەردە پەقەت «پەرز نامازلاردىن كېيىن ئىمام ياكى مۇئەززىن دۇئا قىلسا، باشقىلار ئامىن دېسە بىدئەت بولامدۇ» دېگەن مەسىلىدە قاراش ئوخشاشماسلىق بولغان. شەرىئەتتە بىر كىشى دۇئا قىلسا، باشقىلار «ئامىن» دېسە بولمايدۇ دەيدىغان چەكلىمە يوق.

بەزىلەر سوئال قويۇپ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەرز نامازلاردىن كېيىن دۇئانى جامائەت بولۇپ قىلمىغان، دېيىشى مۇمكىن. توغرا، دۇئانى جامائەت بولۇپ قىلمىغان بولسا، بۇنى سۈننەت دەۋالمايمىز، مۇستەھەپ دەيمىز. ئەگەر قىلغان بولسا، مۇستەھەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى سۈننەت بولۇپ كېتەتتى.

بۇنىڭ مۇستەھەپلىكى خاس دەلىلگە موھتاج ئەمەس، چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىنىڭ ئومۇملۇقى دائىرىسىگە كىرىدۇ:

(قۇللىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن، مەندىن تىلىسە دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن).(7)

ئايەتتىكى «دۇئا قىلغۇچى» دېگەن مەنىدىكى «الداع» دېگەن سۆز «ئەلىف»، «لام» بىلەن كەلگەن بولۇپ، بۇ ئەرەب تىلىدا ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدۇ. نەتىجىدە، قولىنى كۆتۈرگەننىمۇ، كۆتۈرمىگەننىمۇ، جامائەت بىلەن دۇئا قىلغاننىمۇ، يالغۇز دۇئا قىلغاننىمۇ، پەرز نامازلاردىن كېيىن قىلغاننىمۇ ئوخشاش ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(رەببىڭلار مۇنداق دېدى: ماڭا دۇئا قىلىڭلار سىلەرگە ئىجابەت قىلىپ بېرىمەن).(8)

بۇ خىتاب يالغۇز كىشىلەرگە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كۆرۈنۈشتە جامائەتكە قارىتىلغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، جامائەت ھالىتىدە دۇئا قىلىش يولغا قويۇلغان بولىدۇ.

يەنە تېخى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىدە نەپلە نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇپ بەرگەن ۋە نامازدىن كېيىن ئۆي ئىگىلىرىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ياخشىلىقلارنى تىلەپ دۇئا قىلغان. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئانىسى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھدىن دۇئا ئالغان.(9) بۇ ھەدىسمۇ، جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازدىن كېيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشنىڭ مۇستەھەپلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، رەسۇلۇللاھ ئۈنلۈك دۇئا قىلغان ۋە ئۇنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئانىسى ئاڭلىغان. ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلارغا قىلغان دۇئاسىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئامىن دېمەسلىكى ناتايىن.

يەنە بىر ھەدىستە ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنى ھېيت نامازلىرىغا چىقىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بويىغا يەتكەن ۋە سىرتقا چىقماي چىمىلداقتا ئولتۇرىدىغان قىز – چوكانلار ۋە ھەيزدارلار چىقىپ ياخشى سورۇنلارغا، مۆمىنلەرنىڭ دۇئالىرىغا قاتناشسۇن، ھەيزدارلار ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن ئايرىلىپ تۇرسۇن».(10)

يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇممۇ ئەتييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: بىز ئاياللار ھېيت نامىزىغا چىقىشقا، ھەتتا چىمىلدىقىدىكى قىزلارنى، ھەيزدارلارنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىپ جامائەتنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەكبىرىگە ئەگىشىپ تەكبىر ئېيتىشقا، ئۇلارغا قوشۇلۇپ دۇئا قىلىپ، شۇ كۈننىڭ بەركىتىنى ۋە گۇناھلاردىن پاك بولۇشنى تىلەشكە بۇيرۇلاتتۇق.(11)

بۇ ھەدىسلەردىمۇ ھېيت نامىزىدىكى دۇئالارغا قاتنىشىش ئالاھىدە تەرغىپ قىلىنغان. بۇمۇ جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشقا دەلىل بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەرز نامازلاردىن كېيىن جامائەت بىلەن بىللە دۇئا قىلمىغانلىقى، ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى بۇيرۇق ۋە پەزىلەتنىڭ ئومۇملۇقى ھەققىدىكى ھۆكۈملەرنى خاسلاشتۇرۇشقا دەلىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئومۇم ھۆكۈم ئومۇملۇقىدا قېلىۋېرىدۇ. يەنە دۇئا قىلماسلىق توغرىسىدا ئالاھىدە كۆرسەتمە بەرمىگەنلىكىمۇ، بۇ ئىشنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

پەرز نامازلاردىن كېيىنكى ۋاقىت دۇئا ئىجابەت قىلىنىشقا ئەڭ يېقىن بولغاندىن كېيىن، دۇئا ئارقىلىق ئىماننى ئويغىتىش ۋە توغرا ئەقىدىنى ئۆگىتىش كۆزدە تۇتۇلسا، جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش مۇستەھەپلىكى تەكىتلىنىدۇ.

يۇقىرىقى دەلىللەردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، پەرز نامازلاردىن كېيىن ئىمام ياكى مۇئەززىن دۇئا قىلسا، باشقىلار «ئامىن» دەپ جامائەت بولۇپ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش قاتارلىق بىرنەچچە ئىشنىڭ بىرىككەن شەكلى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئايرىم ھەدىس كەلمىگەن. لېكىن، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم دەلىللىرى كەلگەن. بىرىككەن شەكلى ھەققىدە ئايرىم دەلىل تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئومۇم دەلىللەرگە ئەمەل قىلىشقا بولىدۇ. بىر ئىشقا يا ئايرىم، يا ئومۇم دەلىل تېپىلمىغاندا ئاندىن ئۇ ئىش بىدئەت بولىدۇ. پەرز نامازلاردىن كېيىن جامائەت بولۇپ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشمۇ، ئومۇم دەلىل دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، يەنە تېخى رەسۇلۇللاھنىڭ پەرز نامازدىن كېيىن دۇئا قىلغانلىقى، نەپلە نامازدىن كېيىنمۇ جامائەت بىلەن دۇئا قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان بولغاچقا، ھېيت نامازلاردا جامائەت دۇئاسىغا قاتنىشىش تەرغىپ قىلىنغان بولغاچقا، بۇنى بىدئەت دېگىلى بولمايدۇ. بولمىسا ئومۇم دەلىللەرنىڭ ھەممىسى كېرەكسىز بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئومۇملۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر ئىشقا ئايرىم دەلىل يوق دېيىلىپ ئومۇم دەلىللەرگە ئەمەل قىلىنماي قالىدۇ. ھالبۇكى، كۆپ مەسىلىلەرنىڭ دەلىللىرى ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەر بولىدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ: (ۋە ياخشىلىق قىلىڭلاركى، نىجاتلىققا ئېرىشكەيسىلەر)(12) دېگەن بۇيرۇقى مەلۇم بىر چەكلىمىگە تاقىشىپ قالمىسىلا بەندىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا قىلىنغان بۇيرۇقتۇر. جەڭگاھلاردا قارىيلارنىڭ قىرىلىپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ كېتىپ، قۇرئاننىڭ كۆپ قىسمى ئۇلار بىلەن بىللە كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، قۇرئاننى توپلاپ قويۇش ھەققىدە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەكلىپ بەرگەندە، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان ئىشنى قىلسام قانداق بولىدۇ؟» دېگەن. ئۆمەر: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ياخشى ئىش« دېگەن، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلى قانائەت تاپقان ۋە زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قۇرئاننى توپلاشقا بۇيرۇغان.(13)

دۇئا قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقمۇ بىرەر زامان، ياكى ماكان، ياكى يالغۇزلۇق ياكى جامائەت، ياكى قول كۆتۈرۈش، ياكى نېمە دۇئا قىلىش بىلەن چەك قويۇلماستىن: (رەببىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار)، (ماڭا دۇئا قىلىڭلار) (مەندىن تىلىسە دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن)، (ھەقىقەتەن رەببىم دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر) دەپ ئومۇملۇق ھالىتىدە كەلگەن. بۇ بۇيرۇق ۋە كۆرسەتمىلەر پەرز نامازلاردىن كېيىنكى ۋاقىتنىمۇ، جامائەت ھالىتىنىمۇ، قول كۆتۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا، بۇ ئومۇملۇقتىن مۇستەسنا قىلىدىغان ئايرىم بىر دەلىل كەلگەن تەقدىردە، ئاندىن شۇ ئىش بۇنىڭ سىرتىدا بولىدۇ. مەسىلەن، «بەقەرە» سۈرىسى، 200 – ئايەتتە ئاخىرەتنى تىلىمەي دۇنيالىقنىلا تىلەش ھەققىدە ئايرىم چەكلىمە كەلگەن بولغاچقا، بۇ ئىش مەزكۇر ئومۇملۇقتىن مۇستەسنا قىلىنغان.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، پەرز نامازلاردىن كېيىن جامائەت بىلەن بىللە دۇئا قىلىشمۇ ئايرىم دەلىلگە قاراشلىق ئەمەس، بەلكى دەلىلگە زىت كەلمىگەندىن كېيىن، ئۆگىتىش جەھەتتىن پايدىلىق بولغاچقا، مۇستەھەپلىك دائىرىسىدە قالىدۇ. ئايرىم چەكلىمە كەلسە ئاندىن ئومۇملۇقتىن مۇستەسنا قىلغىلى بولىدۇ.

دېمەك، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئىشنى ئاشۇ شەكىلدە قىلمىغانلىقى، بۇ ئىشنىڭ بىدئەتلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى، باشقا ئومۇم دەلىللەر بار.

ئايەتلەردىكى ئومۇملۇق زىكىر سورۇنلىرى پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن بۇ ھەدىس بىلەنمۇ تەكىتلىنىدۇ: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن، ئاللاھنىڭ يوللاردا ئايلىنىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار زىكىر ئەھلىنى ئىزدىشىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا زىكرى ئېيتىۋاتقان بىرەر قەۋمنى ئۇچرىتىپ قالسا، بىر – بىرىنى:

 – تېز بۇياققا كېلىڭلار! ئىزدىگىنىڭلار تېپىلدى، – دەپ چاقىرىشىپ، ئۇلارنى بىرىنچى ئاسمانغا قەدەر قاناتلىرى بىلەن ئورۇۋېلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلاردىن ئوبدان بىلىدىغان تۇرۇقلۇق ئۇلاردىن:

 – بەندىلىرىم نېمە دېيىشىۋاتىدۇ؟ – دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر:

 – ئۇلار ساڭا تەسبىھ ئېيتىۋاتىدۇ، تەكبىر ئېيتىۋاتىدۇ، ھەمدۇ ئېيتىۋاتىدۇ، سېنى ئۇلۇغلاۋاتىدۇ، – دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

 – ئۇلار مېنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟

 – ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار سېنى كۆرۈپ باقمىغان.

 – ناۋادا ئۇلار مېنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟

 – ناۋادا ئۇلار سېنى كۆرگەن بولسا ساڭا تېخىمۇ قاتتىق ئىبادەت قىلغان بولاتتى، سېنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇلۇغلاپ، ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ساڭا تېخىمۇ كۆپ تەسبىھ ئېيتقان بولاتتى.

 – ئۇنداقتا، ئۇلار مەندىن نېمە سورىشىۋاتىدۇ؟

 – سەندىن جەننەتنى سورىشىۋاتىدۇ.

 – ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟

 – ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان.

 – ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟

 – ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھېرىسمەن بولغان بولاتتى، تېخىمۇ قاتتىق تىلىگەن بولاتتى ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق خۇشتار بولاتتى.

 – ئۇنداقتا، ئۇلار نېمىدىن پاناھلىق تىلىشىۋاتىدۇ؟

 – دوزاختىن.

 – ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟

 – ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان.

 – ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟

 – ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، دوزاختىن تېخىمۇ بەك قاچقان بولاتتى، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قاتتىق قورققان بولاتتى،

 – ئۇنداق بولسا مەن سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، مەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىۋەتتىم. پەرىشتىلەردىن بىرى:

 – ئۇلارنىڭ ئىچىدە (گۇناھكار) پالانىمۇ بار، ئۇ ئۇلاردىن ئەمەس، ئۇ بىر ئىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ قالغان، دەيدۇ. پەرۋەردىگار:

 – ئۇلار بىر سورۇندا ئولتۇرغانلاردۇر، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغان كىشى ئۇلارنىڭ ئىززىتى ئۈچۈن بەختسىزلىككە يولۇقمايدۇ، دەيدۇ.»(14)

بۇ ھەدىستە دۇئانىمۇ زىكىر دەپ ئاتاش بىلەن بىللە، دۇئانىڭ جامائەت ھالىتىدە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، بۇ ھالەت، بىرى دۇئا قىلسا، باشقىلار «ئامىن» دېيىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۆۋەندىكى ھەدىستىمۇ شۇنداق ئومۇملۇق كەلگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر سورۇندىن تۇرغىنىدا ساھابىلىرىگە مۇشۇ دۇئانى قىلماي قالمايتتى: «اللَّهُمَّ اقْسِمْ لَنَا مِنْ خَشْيَتِكَ مَا يَحُولُ بَيْنَنَا وَبَيْنَ مَعَاصِيكَ ، وَمِنْ طَاعَتِكَ مَا تُبَلِّغُنَا بِهِ جَنَّتَكَ ، وَمِنَ اليَقِينِ مَا تُهَوِّنُ بِهِ عَلَيْنَا مُصِيبَاتِ الدُّنْيَا ، وَمَتِّعْنَا بِأَسْمَاعِنَا وَأَبْصَارِنَا وَقُوَّتِنَا مَا أَحْيَيْتَنَا ، وَاجْعَلْهُ الوَارِثَ مِنَّا ، وَاجْعَلْ ثَأْرَنَا عَلَى مَنْ ظَلَمَنَا ، وَانْصُرْنَا عَلَى مَنْ عَادَانَا ، وَلاَ تَجْعَلْ مُصِيبَتَنَا فِي دِينِنَا ، وَلاَ تَجْعَلِ الدُّنْيَا أَكْبَرَ هَمِّنَا ، وَلاَ مَبْلَغَ عِلْمِنَا ، وَلاَ تُسَلِّطْ عَلَيْنَا مَنْ لاَ يَرْحَمُنَا».(15)

رەسۇلۇللاھنىڭ پەرز نامازدىن كېيىنكى ئولتۇرغان سورۇنىمۇ مەزكۇر ھەدىستىكى سورۇنلار قاتارىدا، ئەلۋەتتە. چۈنكى، كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن ھەدىستە مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنكى سورۇنىدا ئولتۇرغان ۋاقتىدا ئالدىغا كېلىپ سالام بېرەتتىم.(16)

قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، تۈرلۈك ئەھۋاللاردا دۇئا قىلغاندا قول كۆتۈرۈش ھەققىدە كەلگەن يۈزگە يېقىن ھەدىس پەرز نامازدىن كېيىنكى دۇئادىمۇ قول كۆتۈرۈشنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئېلىنىدىغان دەلىللەر بىلەن بىللە تەھلىل قىلغىنىمىزدا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەرز نامازدىن كېيىن مۇشۇ تەرىقىدە دۇئا قىلمىغانلىقى بۇنىڭ سۈننەتلىكىنى كۆرسەتمىگەندەك، بىدئەتلىكىنىمۇ كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى مۇستەھەپلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام شاتىبىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ بۇ خىلدىكى دۇئا قىلىشنىڭ ئۆزىنى بىدئەت دېمىگەن. بەلكى ئىزچىل شۇنداق قىلىشنى توغرا تاپمىغان ۋە مۇنداق دېگەن: «بىز دەيمىزكى، ئۆلىمالار نامازدىن كېيىنكى زىكىر ۋە دۇئاغا ئوخشاش ئىشلاردا ئۇنى مۇستەھەپتۇر، سۈننەت ياكى ۋاجىپ ئەمەستۇر دېيىشىدۇ».(17)

مەيلى ئىمام شاتىبىي بولسۇن، مەيلى ھازىرقى سەلەفىي ئېقىمدىكى ئالىملار بولسۇن، پەرز نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشنى مۇتلەق بىدئەت دېمەيدۇ. بەلكى، ئىزچىل شۇنداق قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، بەزىدە قىلسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇلار ئىزچىل قىلىنغان تەقدىردە، بۇنى زادى قىلمىسا بولمايدىغان ۋاجىپ ئىش دەپ چۈشىنىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ شۇنداق دەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىشنى مۇستەھەپ دېيىش ئارقىلىق بۇنداق خاتا چۈشىنىۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ساھابىلارنىڭ چۈشۈنىشىگە قارايدىغان بولساقمۇ، بىرەر ئومۇم دەلىلگە تايىنىپ بىر خىل ئىبادەتنى ئىزچىل قىلىش چەكلىنىدۇ دەپ چۈشەنمىگەن.

ئەنەس ئىبنى مالك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنسارلاردىن بىر كىشى قۇبا مەسجىدتە ئىمام بولاتتى، ئۇ ھەر قېتىم ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلاردا سۈرە باشلىماقچى بولسا، «فاتىھە»دىن كېيىن ئالدى بىلەن سۇرە «ئىخلاس»نى ئوقۇۋېتىپ ئاندىن باشقا سۈرە ئوقۇيتتى، ئۇ ھەر رەكەتتە مۇشۇنداق قىلاتتى، ھەمراھلىرى ئۇنىڭغا: «سەن ‹فاتىھە›دىن كېيىن مۇشۇ سۈرىنى باشلاپ ئوقۇپ بۇ سۈرە كۇپايە قىلمىغاندەك يەنە بىر سۈرىنى ئوقۇيدىكەنسەن، شۇ سۈرە ‹ئىخلاس›نىلا ئوقۇغىن ياكى ئۇنى ئوقۇماي باشقىسىنى ئوقۇغىن» دېۋىدى. ئۇ: «مەن ئۇ سۈرىنى تەرك ئەتمەيمەن، ئەگەر مۇشۇ بويىچە ئىمام بولۇپ بېرىشىمنى خالىساڭلار شۇنداق قىلاي، ياقتۇرمىساڭلار مەن سىلەردىن ئايرىلاي» دېدى. جامائەت ئۇ كىشىنى ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشى كىشى دەپ قارىغاچقا، باشقا بىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىمام بولۇشىنى ياقتۇرماي، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەلگەندە ئەھۋالنى دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ:

– ئى پالانى! سەن نېمە ئۈچۈن نامازنى بۇرادەرلىرىڭ دېگەندەك ئوقۇپ بەرمەي، ھەر رەكەتتە مۇشۇ سۈرىنى قوشۇپ ئوقۇشتا چىڭ تۇرىۋالىسەن؟ – دېدى. ئۇ ئادەم:

– چۈنكى، مەن ئۇ سۈرىنى ياخشى كۆرىمەن، – دەپ جاۋاب بەرگەندە، رەسۇلۇللاھ:

– سېنىڭ بۇ سۈرىنى ياخشى كۆرۈشۈڭ سېنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىدۇ»، – دېدى.(18)

 دېمەك، بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى بۇ سۈرىنى ئاشۇ شەكىلدە ئىزچىل ئوقۇمىغان بولسىمۇ، نامازدا قۇرئان ئوقۇش ھەققىدىكى ئومۇم دەلىلگە تايىنىپ نامازدا بىر سۈرىنى ئاشۇ شەكىلدە ئىزچىل ئوقۇغان ساھابىنىڭ ئىشىنى ماقۇللىغان.

خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئومۇميۈزلۈك ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان كۆرسەتمىلەرگە تايىنىپ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇشنى تۇنجى بولۇپ يولغا قويغان.(19)

دېمەك، ئومۇم دەلىللەر بۇ ئىشنىڭ بىدئەت بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتا يېتەرلىك.

ھەر ھالدا، بۇ تۈرلۈك ئىشلار ئالىملار ئوتتۇرىدىكى ئىجتىھادىي مەسىلىلەر بولغاچقا، باشقىلارنىڭ تاللىغان يولىنى بىدئەت دەۋەتمەسلىك لازىم. بولمىسا بىرمۇ ئالىم بىدئەت بىلەن قارىلىنىشتىن ساقلىنالمايدۇ.

ئەمدى نامازنىڭ كەينىدە جامائەت بولۇپ ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە زىكىر، تەسبىھ ئوقۇش مەسىلىسىگە قاراپ باقايلى:

مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر بىر پەرز نامازنىڭ ئارقىسىدا: «لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ، وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهْوَ عَلَى كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ، اللَّهُمَّ لاَ مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلاَ مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلاَ يَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ (يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، بارچە مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، جىمى مەدھىيە ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئى ئاللاھ! سەن بەرگەن نەرسىنى توسقۇچى يوقتۇر، سەن بەرمىگەن نەرسىنى بەرگۈچى يوقتۇر، سېنىڭ ئالدىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ)» دەيتتى. مۇسلىم رىۋايىتىدە: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدىن سالام بەرگىنىدە ئاشۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان» دەپ كەلگەن. (20)

ئەگەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ زىكىرنى ئۈنلۈك دېمىگەن بولسا، مۇغىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى قانداق ئاڭلىغان؟

ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ ھەر نامازدىن كېيىن سالام بېرىپ بولۇپ مۇنداق دەيتتى: « لَا إِلَهَ إلا الله وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ له له الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وهو على كل شَيْءٍ قَدِيرٌ لَا حَوْلَ ولا قُوَّةَ إلا بِاللَّهِ لَا إِلَهَ إلا الله ولَا نَعْبُدُ إلا إِيَّاهُ له النِّعْمَةُ وَلَهُ الْفَضْلُ وَلَهُ الثَّنَاءُ الْحَسَنُ لَا إِلَهَ إلا الله مُخْلِصِينَ له الدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ (يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، بارچە مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، جىمى مەدھىيە ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز ھېچ كۈچ – قۇۋۋەت يوقتۇر، يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، بىز ئۇنىڭدىن باشقىغا ئىبادەت قىلمايمىز، بارلىق نېمەتلەر ئۇنىڭدۇر، بارلىق پەزلى – مەرھەمەتلەرمۇ ئۇنىڭدۇر، گۈزەل ھەمدۇسانالارمۇ ئۇنىڭدۇر، بارلىق كافىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ ھەق دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا، (يالغۇز) ئاللاھقا ئىبادەت قىلغان ھالدا: يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دەيمىز)» ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەنە مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇ سۆزلەرنى ھەر نامازدىن كېيىن ئۈنلۈك دەيتتى.(21)

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەڭ يۇقىرى ئاۋازى بىلەن دەيتتى» دەپ كەلگەن.(22)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: پەرز نامازدىن يانىدىغاندا جامائەتنىڭ زىكىر ئېيتىپ ئاۋازىنى كۆتۈرۈشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاقتىدا بار بولغان ئىش ئىدى. مەن زىكىرنى ئاڭلاپ جامائەتنىڭ نامازدىن يانغانلىقىنى بىلەتتىم. يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىنىڭ تامام بولغانلىقىنى تەكبىر ئېيتىش بىلەن بىلەتتىم.(23)

نامازدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىماملىق سۈپىتى بىلەن ئۈنلۈك زىكىر – تەسبىھ ئېيتقانلىقى ھەققىدە يۇقىرىقى ھەدىس بىلەن قوشۇپ يىگىرمىدىن ئارتۇق سەھىھ ھەدىس بار.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدىن كېيىنكى زىكىرلەرنى ئۈنلۈك دېگەن بولسا، ئۈنلۈك دېگەندىمۇ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ دېگەن بولسا، بۇ قانداقسىگە بىدئەت بولسۇن؟ ئەكسىچە، سۈننەت بولىدۇ.

«سۇبھانەللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندەك زىكىرلەرنىمۇ، ئىمام يېتەكچى بولۇپ ئۈنلۈك ئېيتسا، باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىچىدە ئېيتسا بولۇۋېرىدۇ. بۇ، باشقىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن پايدىلىق ئۇسۇل بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقىلارغا ئۆگىتىش مەقسىتىدە قىرائەتنى ئىچىدە ئوقۇيدىغان بەزى نامازلاردا بىرەر ئايەتنى ئۈنلۈك ئوقۇپ قوياتتى.

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پېشىن نامىزىنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىنىڭ ھەر بىرىدە «فاتىھە» بىلەن بىر سۈرە ئوقۇيتتى، ئاۋۋالقى رەكەتنى ئۇزۇن، ئىككىنچى رەكەتنى قىسقا ئوقۇيتتى. بەزىدە بىرەر ئايەتنى بىزگە ئاڭلىتىپ ئوقۇيتتى.(24)

ئاڭلىتىپ ئوقۇپ قويۇشى ئاشۇ رەكەتتە قۇرئان ئوقۇغانلىقىنى، قايسى سۈرىلەرنى ئوقۇغانلىقىنى جامائەتكە ئۆگىتىش مەقسىتىدە ئىدى.

ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ خەلىپە ۋاقتىدا ئىمام بولغاندا، جامائەتكە ئۆگىتىش مەقسىتىدە نامازغا قۇلاق قاققاندىن كېيىنكى: «سۇبھانەكەللاھۇممە ۋە بىھەمدىكە… » دېگەن تەسبىھنى ئۈنلۈك ئوقۇپ قوياتتى.(25) بۇمۇ، ئۆگىتىش مەقسىتىدە قەستەن ئۈنلۈك ئوقۇشتۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، دىيارىمىزدا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ زىكىر، تەسبىھ، دۇئا ۋە قۇرئان ئۆگىنىش پۇرسىتىنى بىدئەتكە قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن يوقىتىۋېتىشنىڭ ئۆزى بىر جىنايەتتۇر.

بۇنداق ئىشلارنىڭ سۈننەت بولمىغانلىرىنى سۈننەت دەۋالماي، مۇستەھەپ دېسە ياكى ئۆگىتىش ھەم ئىسلام پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قىلسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 4. 17

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 116 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————–

1. «تىرمىزىي»، 3499 – ھەدىس. «ھەسەن».
2. «بۇخارىي»، 2822 – ھەدىس.
3. «مۇسلىم»، 591 – ھەدىس.
4. «مۇسلىم»، 771 – ھەدىس. يەنە بىر رىۋايەتتە: «تەشەھھۇد بىلەن سالام بېرىش ئارىلىقىدا دەيتتى» دەپ كەلگەن. بۇ ئىككى رىۋايەت بىر – بىرىگە زىت بولماستىن، بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ بەزىدە سالامدىن بۇرۇن، بەزىدە سالامدىن كېيىن ھەر ئىككى ئورۇندا شۇنداق دۇئا قىلغانلىقىنى ئىپساتلايدۇ.
5. «مۇسلىم»، 709 – ھەدىس.
6. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 844 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 593 – ھەدىس.
7. «بەقەرە» سۈرىسى، 186 – ئايەت.
8. «غافىر» سۈرىسى، 60 – ئايەت.
9. «مۇسلىم»، 660 – ھەدىس.
10. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 980 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 890 – ھەدىس.
11. «بۇخارىي»، 971 – ھەدىس.
12. «ھەج» سۈرىسى، 77 – ئايەت.
13. «بۇخارىي»، 4679 – ھەدىس.
14. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 6408 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2689 – ھەدىس.
15. «تىرمىزى»، 3502 – ھەدىس. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
16. «بۇخارىي»، 4418 – ھەدىس.
17. «الاعتصام»، 1/351.
18. «بۇخارىي»، 774 – (تەكرار نومۇرلۇق) ھەدىس.
19. «بۇخارىي»، 3045 – ھەدىس.
20. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 844 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 593 – ھەدىس.
21. «مۇسلىم»، 594 – ھەدىس.
22. «مسند الإمام الشافعي»، 1/44.
23. «بۇخارىي»، 841، 842 – ھەدىس.
24. «بۇخارىي»، 759 – ھەدىس.
25. «مۇسلىم»، 399 – ھەدىس. «مۇرسەل» رىۋايەت قىلىنغان، دارىقۇتنى «مۇتتەسىل» رىۋايەت قىلغان. «نصب الراية»، 1/322.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز