جىن چاپلىشىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

جىن چاپلىشىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بىر ياشقا كىرگەن قىزىغا جىن چاپلىشىۋالغان ئىكەن، كۆپ سەۋەبلەرنى قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۈنۈمى بولمىغان، بەك قىينىلىپ كەتكەچكە «قانداق قىلسام بۇلار؟» دەيدۇ. خاتالىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەربىرلىرىدىن سوراپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم. يول كۆرسەتكەن بولساڭلار!؟ ئاللاھ كاتتا ئەجىر بەرسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئالدى بىلەن دەيدىغىنىم: ئۇ قىزغا جىن چاپلىشىۋالغانلىقى قانداق ئىسپاتلاندى؟ ئەمەلىيەتتە، بىرەر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئاغرىپ قېلىپ جىن چاپلىشىۋالمىغان بولسىمۇ، جىن چاپلىشىۋاپتۇ دەپ ئويلاپ قالىدىغان ئەھۋال جەمئىيىتىمىزدە كۆپ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىمارنى دوختۇرلارغا تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم. كۆپىنچە، پسىخىك نورمالسىزلىقى بولۇشىمۇ ياكى سېھىرلەنگەن بولۇشىمۇ، ياكى كۆز تەگكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.

جىنلارنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئوت يالقۇنىدىن يارىتىلغانلىقى، جىنلارنىڭ ئىنسانلارنى كۆرەلەيدىغانلىقى، لېكىن ئىنسانلارنىڭ جىنلارنى ھەقىقىي سۈرىتىدە كۆرەلمەيدىغانلىقى …قاتارلىق ھەقىقەتلەر قۇرئان ۋە ھەدىستە ئىسپاتلانغان بولغاچقا، يۇقىرىقىلارغا ئىمان ئېيتىش ۋاجىب.

جىن ئىنسانغا چاپلىشىۋالامدۇ؟

چاپلىشىۋېلىش: چېپىلماق، يېپىشىۋالماق بولۇپ، بۇ جىن بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بېرىپ تاقىلىدۇ. جىن ئىنسان بەدىنىگە كىرەلەمدۇ؟ جىن ئىنساننىڭ تىلىدا سۆزلىيەلەمدۇ؟ ئۇنىڭغا گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلدۇرالامدۇ؟ يىغىپ ئېيتساق، جىن ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى كونترول قىلىۋالالامدۇ ياكى ئىنسان دىلىغا ۋەسۋەسە سېلىشتىن باشقىنى قىلالمامدۇ؟

بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا: شەيتان ئىنسان كۆڭلىگە يوشۇرۇن ۋەسۋەسە قىلالايدۇ. بۇ ۋەسۋەسەنىڭ زىيىنىدىن ھەقىقىي مۇئمىنلەرلا ساقلىنالايدۇ. باشقىلار بولسا ۋەسۋەسەگە ئەگىشىپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، ئاللاھتىن پاناھلىق تىلىگىن. ئۇ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسەسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ – دە، ھەقىقەتنى كۆرىدۇ. شەيتانلار بۇرادەرلىرىنى بولۇشىچە ئازدۇرىدۇ، بوشىشىپ قالمايدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 200 – 202) دېگەن.

ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى جىن ئىنسانغا چاپلىشىۋالىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۆتەزىلىلەر بىلەن ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ ئاز بىر قىسمى، جىن چاپلىشىۋېلىشنى ئىنكار قىلىدۇ. يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ، شەيخ مەراغىي، شەيخ مۇھەممەد غەززالىي، شەيخ شەئراۋىي ۋە شەيخ قەرەداۋىي قاتارلىق ئالىملارمۇ جىن چاپلىشىۋېلىشنى ئىنكار قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿جازانە يەيدىغانلار (قىيامەتتە) ساراڭلىقتىن شەيتان سوقۇۋەتكەن ئادەملەردەكلا قوپىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 275) دېگەن.

ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەلى رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى سەفىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدتە ئېتىكاپتا تۇرغاندا ئاياللىرى كېلىپ ئۇنى يوقلاپ قايتىشتى. رەسۇلۇللاھ سەفىييە بىنتى ھۇيەيگە: «ئالدىرىماڭ، سىزنى ئاپىرىپ قوياي» دېدى. سەفىييەنىڭ ئۆيى ئۇسامەنىڭ قورۇسىدا ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەفىييە بىلەن بىللە چىقتى. رەسۇلۇللاھقا ئەنسارىيلاردىن ئىككى ئادەم ئۇچراپ رەسۇلۇللاھغا قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئىككىسىگە:

–       بۇياققا كېلىڭلار، بۇ سەفىييە بىنتى ھۇيەي بولىدۇ، – دېدى، ئۇلار:

–       سۇبھانەللاھ! ئى رەسۇلۇللاھ! – دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

–       شەيتان ئىنساننىڭ قان تومۇرلىرىدا ئاقىدۇ. مەن شەيتاننىڭ سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا گۇمان تاشلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرىدىم، – دېدى.(1)

يەنە بىر ھەدىستە كېلىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئاللاھ! … ۋە ئۆلۈش ئالدىدا شەيتان چېپىلىشتىن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلغان.(2)

ئەتاﺋ ئىبنى ئەبى رەباھ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ماڭا:

– جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر ئايالنى ساڭا كۆرسىتىپ قويمايمۇ؟ – دېۋىدى، مەن:

– ھەئە، كۆرسىتىپ قويسىلا – ، دېسەم،

– بۇ قارا ئايال پەيغەمبەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:

– مېنى تۇتقاقلىق تۇتۇپ قالىدۇ، مەن ئېچىلىپ قالىمەن. شۇڭا، مەن ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىپ قويغايلا – ، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

– خاھلىسىڭىز سەۋر قىلىڭ، سىزگە جەننەت مۇكاپات بولسۇن، خاھلىسىڭىز ئاللاھ سىزنى ساقايتىپ قويۇشقا دۇئا قىلاي، – دېدى، ئۇ ئايال:

– مەن ئېچىلىپ قالىمەن. شۇڭا، ئېچىلىپ قالماسلىقىمغا ئاللاھقا دۇئا قىلغايلا، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ قويدى.(3)

ئىمام ئىبنى ھەجەر ھەدىسنىڭ باشقا رىۋايەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، بۇ ئايالدىكى ئەھۋالنىڭ ئادەتتىكى كېسەللىكتىن ئەمەس، جىننىڭ سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.(4)

يەنە كىچىك بالىلارنى شامدىن كېيىن ئۆيگە ئەكىرىۋېلىش توغرىسىدا ھەدىس كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەدىستە بۇنىڭ سەۋەبىنى: «چۈنكى، بۇ شەيتانلار تارقىلىدىغان ۋاقىت» دەپ كۆرسەتكەن.(5)

بۇنىڭغا ئوخشىغان ھەدىسلەر، جىننىڭ ئىنسانغا مەلۇم دەرىجىدە زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئومۇمەن، جىنمۇ بىر مەخلۇق بولغاچقا، جىننىڭ ئىنسانغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىش. بۇنى چاپلىشىۋېلىش، ياكى سوقۇۋېتىش، ياكى باشقا ئىسىم بىلەن ئاتاش مۇمكىن. بىراق، ئىسلامنى توغرا چۈشىنىشتىن مەھرۇم قالغان، ئىلىم – مەرىپەتتىن تۈزۈك نېسىۋىسىنى ئالالمىغان بەزى جەمئىيەتلەردە جىنغا مۇناسىۋەتسىز كېسەللىك ۋە بىئارامچىلىقلارنىمۇ جىن چاپلىشىش دەپ چۈشىنىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغان. ئەگەردە توغرا دىئاگنوز قويۇلغىنىدا جىن چاپلىشىۋاپتۇ دەپ قارالغان نەچچە يۈز بىماردىن پەقەت بىر – ئىككىسىلا جىننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا، مەسىلىگە ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىش لازىم.

نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارغا جىن چاپلىشىۋالىدۇ؟ قايسى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ؟

ئىنسانلار نورمال ئەھۋالدا جىننى كۆرمىگەنلىكتىن، ئۇلارنى كۆرمەي ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەرەت قىلىپ قويىدۇ، مەينەت، ئەخلەت نەرسىلەرنى تاشلاپ قويىدۇ. قايناق سۇلارنى تۆكۈپ سالىدۇ، ئۈستىگە دەسسەپ قالىدۇ، ياكى بىلمەستىن بەزىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. ئىنسان بۇنى بىلمەستىن قىلىپ سالغان بولسىمۇ، جىننىڭ بۇ ئىشتىن غەزىپى ئۆرلەپ ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ ياكى بولمىسا، بىغەرەز ئىنسانلار قىلغىنىدەك بىكاردىن بىكارغا ئازار بېرىپ، ئوساللىق قىلىشى مۇمكىن. ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇ بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى بايان قىلغان.(6)

بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەر ئىشنى قىلغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش، ئەتىگەن – ئاخشامدا، شۇنداقلا تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە ئايەتۇل كۇرسىنى، ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئوقۇيدىغان دۇئالارنى ئوقۇپ تۇرۇش لازىم. جىن چاپلاشقانلىقى ئېنىقلانغان ئەھۋالدا، ئايەت ئوقۇپ ھۈرۈپ، چىن قەلبىدىن ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا قىلىپ قويسا بولىدۇ. ئۆينى، شۇنداقلا بەدەن ۋە باشقا نەرسىلەرنى پاكىز تۇتۇش، مەينەت جايلاردىن يىراق تۇرۇش، ئۆينى گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەردىن تازىلىۋېتىش لازىم.

بىمارنى كىشىلەرنى ئالداپ پۇل تاپىدىغان جىنكەش، رەممال، داخان قاتارلىق قويمىچىلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارماسلىق لازىم. دۇئانى ئۆزى لايىقىدا قىلالمىسا، يۇرتتىكى تەقۋادار ئەھلى ئىلىملەر دۇئا ئوقۇپ ھۈرۈپ قويسىمۇ بولىدۇ.

جانابى ئاللاھ بىزنى جىن – شاياتۇنلارنىڭ شەررىدىن ساقلىغاي!

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 9 – شەۋۋال / م. 2011، 7 – سېنتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 111 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2038)؛ «مۇسلىم»، (2175).
2. «ئەھمەد»، (15563)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (1552)؛ «نەسائىي»، (5531). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5652)؛ «مۇسلىم»، (2576).
4. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10/115.
5. «بۇخارىي»، (5623).
6. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 19/39.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ