ۋەسىلە قىلىش ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئۇستاز! ۋەسىلە قانداق بولىدۇ؟ بۇرۇندا ئۆتكەن ئۇلۇغ كىشىلەرنى ياكى ئۇلارنىڭ ئىسلام ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

«ۋەسىلە» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى: باشقىلارغا يېقىن بولۇشقا ئىشلىتىدىغان نەرسە، دېگەن بولىدۇ. پەرۋەردىگارغا بىرەر ئەمەل ئارقىلىق يېقىنلىشىشمۇ «تەۋەسسۇل» دەپ ئاتىلىدۇ.(1)

شەرىئەتتىكى مەنىسىمۇ شۇنىڭغا يېقىن بولۇپ، ئىمام نەسەفىي مۇنداق دەيدۇ: «ۋەسىلە دېگەن ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق، يېقىنلىق، ياخشىلىق قىلىپ قويۇش ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنلىشىشقا ئىشلىتىدىغان ھەرقانداق نەرسە بولۇپ، بۇ تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلىش ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلماسلىقتىن ئىبارەت بولغان ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ».(2)

مۇسۇلمان كىشى پەرۋەردىگارىغا پەرۋەردىگارى بەلگىلەپ بەرگەن تۈرلۈك سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق يېقىنلىشىدۇ، ئاللاھ تائالا «ۋەسىلە» دېگەن سۆزنى «قۇرئان كەرىم»دە ئىككى ئورۇندا بايان قىلغان. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ۋەسىلىگە بۇيرۇغان:

(ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋەسىلە ئىزدەڭلار،)(3)

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ۋەسىلە قىلىدىغانلارنى مەدھىيىلىگەن:

(ئۇلار (ئىلاھ دەپ) چاقىرىۋاتقان ئاشۇ بۇتلار قايسىمىز پەرۋەردىگارىمىزغا تېخىمۇ يېقىن بولىمىز دەپ يېقىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇنىڭ رەھمىتىنى ئارزۇ قىلىپ، ئازابىدىن قورقىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا تېگىشلىكتۇر).(4)

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئۇلار (ئىلاھ دەپ) چاقىرىۋاتقان ئاشۇ بۇتلار قايسىمىز پەرۋەردىگارىمىزغا تېخىمۇ يېقىن بولىمىز دەپ يېقىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ) دېگەن ئايەت توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر جىنلارغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇلار ئىبادەت قىلغان جىنلار مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ، ئۇ ئىنسانلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا چىڭ ئېسىلىۋېلىپ مۇسۇلمان بولمىدى».(5)

يەنە ھەدىسلەردە «ۋەسىلە» سۆزى جەننەتتىكى ئالى ئورۇن مەنىسىدە كەلگەن.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەزاننى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: مۇشۇ مۇكەممەل چاقىرىقنىڭ ۋە ئوقۇلۇۋاتقان مۇشۇ نامازنىڭ پەرۋەردىگارى ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە جەننەتتىكى ئالى ئورۇن بىلەن ئارتۇق مەرتىۋىنى ئاتا قىلغىن! ئۇنى سەن ۋەدە قىلغان مەدھىيىلىنىدىغان ماقامغا يەتكۈزگىن! دېسە، ئۇ قىيامەت كۈنى مېنىڭ شاپائېتىمگە ئېرىشىدۇ».(6)

يەنە بىر ھەدىستە: «ئۇ جەننەتتىكى بىر مەرتىۋە بولۇپ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن پەقەت بىر بەندىگىلا لايىق بولىدۇ. ئاشۇ بەندە مەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇڭا، كىمكى ماڭا ۋەسىلىنى تىلىسە، ئۇنىڭغا شاپائەت چۈشىدۇ» دەپ كەلگەن.(7)

بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تىلەيدىغان بۇ مەرتىۋە «ۋەسىلە» دەپ ئاتالغان، چۈنكى ئاشۇ مەرتىۋىگە ئېرىشكەن زات، ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولىدۇ، باشقا مەرتىۋىلىكلەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئىززەت – ئىكرامغا نائىل بولىدۇ، شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.(8)

بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ئىخلاس بىلەن قىلغان سالىھ ئەمەللەرنى ۋەسىلە قىلىشقا بولىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغلى سالىم ئاتىسى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «سىلەردىن ئىلگىرىكىلەردىن ئۈچ كىشى بىرلىكتە سەپەرگە چىقىدۇ. ئۇلار يامغۇردا قېلىپ دالدىلىغىلى بىر غارنىڭ ئىچىگە كىرىۋالىدۇ. بۇ چاغدا بىر قۇرام تاش يۇقىرىدىن دومىلاپ چۈشۈپ غارنىڭ ئاغزىنى توسۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزئارا ھاياتىمىزدا ئىشلىگەن ئەۋزەل ئەمىلىمىزنى تىلغا ئېلىپ، ئاللاھقا دۇئا قىلىشتىن باشقا ئىش بىزنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى: ئى ئاللاھ! مېنىڭ ياشىنىپ قالغان قېرى ئاتا – ئانام بار ئىدى، مەن پادا باقاتتىم، ماللارنى سېغىپ كېلىپ ئالدى بىلەن سۈتىنى ئاتا – ئانامغا ئىچكۈزمەي تۇرۇپ بالىلىرىمغا ۋە ئايالىمغا ئىچكۈزمەيتتىم. بىر ئاخشىمى بىر نەرسە ئىزدەپ يىراقلاپ كېتىپ كېچىكىپ قالدىم. سۈتنى ئېلىپ كەلسەم، ئاتا – ئانام ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇلاردىن بۇرۇن خوتۇن – بالىلىرىمغا، قۇللىرىمغا ئىچكۈزۈشنى خوپ كۆرمىدىم. سۈتنى ئالدى بىلەن ئاتا – ئانامغا ئىچكۈزۈش ئۈچۈن تاڭ يورۇپ ئۇلار ئويغانغىچە قاچىدىكى سۈتنى تۇتۇپ كۈتۈپ تۇردۇم، ئۇلار ئويغىنىپ سۈتنى ئېچىشتى. ئى ئاللاھ! ئەگەر مۇشۇ ئىشنى سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قىلغان بولسام مۇشۇ تاشنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، دېۋىدى، قۇرام تاش ئۇلار چىقالمايدىغان مىقداردا ئازراق كۆتۈرۈلدى. يەنە بىر ئادەم: ئى ئاللاھ! ساڭا مەلۇمكى، مەن تاغامنىڭ قىزىنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇشنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ رەت قىلدى. بىر كۈنلىرى قەھەتچىلىكتىن ئۇنىڭ بېشىغا كۈن كېلىپ قېشىمغا كەلگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزىنى ماڭا تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن يۈز يىگىرمە تىللا بەردىم. ئۇ مېنىڭ ئىختىيارلىقىمدا بولغاندا، ماڭا: ئۈزۈكنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىساڭ مەن ساڭا ئۆزۈمنى ھالال قىلمايمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشتىن ئۇيىلىپ يېنىپ كەتتىم. ئەمەلىيەتتە، ئۇ مېنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك مەھبۇبەم ئىدى. ئۇنىڭغا بەرگەن ئالتۇنلارنىمۇ ئالمىدىم. ئى ئاللاھ! مەن ئاشۇ ئىشنى سېنىڭ رازىلىقىڭنى دەپ قىلغان بولسام، بىز قامىلىپ قالغان مۇشۇ تاشنى كۆتۈرۈۋەتكىن، دېدى، تاش سەل كۆتۈرۈلدى، بىراق ئۇلار ئۇ يەردىن يەنىلا چىقالمايتتى، ئۈچىنچىسى: ئى ئاللاھ! مەن بىر قانچە ئىشلەمچىنى ياللاپ ئىشلەتكەن ئىدىم، ئۇلارنىڭ بىرىدىن باشقا ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەردىم. ئۇ ھەققىنى ئالماي كېتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن دېھقانچىلىق قىلىپ ئاۋۇتۇپ كۆپەيتتىم، بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ كېلىپ:

–  ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! ئىش ھەققىمنى بەرگىن، – دېدى. مەن ئۇنىڭغا:

–  ئاشۇ تۆگە، قوي، كالا ۋە قۇللار ھەممىسى سېنىڭكى، – دېدىم. ئۇ:

– مېنى زاڭلىق قىلما، – دېدى. مەن ئۇنىڭغا:

– زاڭلىق قىلىۋاتقىنىم يوق، – دېدىم. ئۇ ماللارنىڭ ھەممىنى ئېلىپ ھەيدەپ كەتتى، بىرەر نەرسىمۇ قويۇپ قويمىدى، ئى ئاللاھ! يۇقىرىقى ئىشنى سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قىلغان بولسام، بۇ تاشنى كۆتۈرۈۋەتكىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن غارنىڭ ئاغزىدىكى قۇرام تاش پۈتۈنلەي كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇلار غاردىن سالامەت قۇتۇلۇپ چىقتى».(9)

بۇ ھەدىستە بۇ ئۈچ كىشى، ئادەتتىكى ھەممە كىشىلەر كۆرىدىغان ناماز ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىبادەتلىرى بىلەن ئەمەس، بەزى كىشىلەر ئىخلاس بىلەن قىلىنغان سالىھ ئەمەل دەپ ئويلىمايدىغان، خالىس ئىشلىرى بىلەن تەۋەسسۇل قىلغان.

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىستىن بېشىغا قىيىن كۈنلەر كەلگەن ئىنساننىڭ دۇئاسىدا، يامغۇر تىلىگەندە ۋە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللاردا سالىھ ئەمەللىرى بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ، ئاللاھ تائالاغا ئاشۇ ئەمەللىرى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىشنىڭ مۇستەھەپلىكى چىقىدۇ. چۈنكى، ئۇلار، شۇنداق قىلغاندا ئۇلارغا ئىجابەت قىلىنغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بۇنى ئۇ ئۈچ كىشىنى مەدھىيىلەپ بايان قىلغان».(10)

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھ بىلەن ياكى باشقا بىر سالىھ ھايات كىشى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىشمۇ جائىزدۇر.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە قەھەتچىلىك بولغان ۋاقىتىدا ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبنى شېپى قىلىپ يامغۇر تىلەپ: ئى ئاللاھ! بىز ئىلگىرى (رەسۇلۇللاھ ھايات ۋاقتىدا) پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى شېپى قىلىپ يامغۇر تىلىسەك، بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتىڭ. ئەمدى بىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىنى شېپى قىلىپ سەندىن يامغۇر تىلەيمىز، بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن، دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىلەتتى.(11)

يەنە سەھىھ سەنەد بىلەن كېلىشىچە، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن زاھھاك ئىبنى قەيسلەر يەزىد ئىبنى ئەسۋەدنى ۋەسىلە قىلىپ يامغۇر تىلىگەن.(12)

بۇ ھەدىس پەيغەمبەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات ۋاقتىدا، شۇنداقلا باشقا سالىھ كىشىلەر ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنى شېپى كەلتۈرۈپ تەۋەسسۇل قىلسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن تەۋەسسۇل قىلغان چاغدا، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەزىد ئىبنى ئەسۋەدنى ۋەسىلە قىلىپ يامغۇر تىلىگەن چاغدا، ساھابە – كىراملار بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەن. بۇ مەسىلىدىمۇ، يەنى، پەيغەمبەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياكى سالىھ بىر كىشى ھايات ۋاقتىدا تەۋەسسۇل قىلىش مەسىلىسىدە ئالىملىرىمىز ئوتتۇرىسىدا ئاساسەن باشقىچە قاراش يوق.

ئەمدى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋەسىلە قىلىش، شۇنداقلا باشقا پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلارنى ئۇلار ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ۋەسىلە قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس.

بۇنى ئىمام ئىبنى تەيمىيە، كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرى چەكلىگەن. باشقا كۆپچىلىك ئالىملار جائىز، دەپ قارىغان. بۇ ھەقتە دەلىللەرنى بايان قىلىپ ئولتۇرىدىغان بولساق، بىرەر كىتاب يېزىشقا توغرا كېلىدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن، تەۋەسسۇل ئەسلىدە ئىسلامدا يولغا قويۇلغان بىر ئىش بولغاچقا، تالاش – تارتىش بولۇپ قالغان بۇ ئاخىرقى مەسىلە تەۋھىدكە تاقىلىدىغان ئەقىدە مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ھالال – ھارام، جائىز ياكى جائىز ئەمەسكە مۇناسىۋەتلىك شاخچە مەسىلىدۇر. ھازىرقى بىر قىسىم سەلەفىي ئالىملار بۇنى شېرىك دەپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇنى چەكلىگەن ئىمام ئىبنى تەيمىيە بىلەن ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب قاتارلىق پېشقەدەم سەلەفىي ئالىملار: تالاش – تارتىش بولغان بۇ ئاخىرقى مەسىلىدە، جائىز، دەپ قارىغانلارنى كافىر ياكى مۇشرىك دەۋېتىشكە بولمايدۇ، دەپ قارىغان.

ئىمام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: «ھېچبىر كىم: بولىدۇ، دېگەن بىرىنچى قاراشنى (يەنى، زاتى بىلەن تەۋەسسۇل قىلىشنى) تۇتسا كافىر بولۇپ كېتىدۇ، دەپ باقمىغان. ئۇنى كافىر دەۋېتىشمۇ ئورۇنسىز. چۈنكى، بۇ مەسىلە ئىنتايىن ئىنچىكە، دەلىللىرى ئېنىق ئەمەس. بەلكى گۇڭگىدۇر. كۇپۇر دېگەن دىندىن ئېنىق مەلۇم بولغان مەسىلىلەرنى ئىنكار قىلىش بىلەن ياكى مۇتەۋاتىر ھەم ئىجما قىلىنغان ئەھكاملارنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغاندەك ئىشلارنى ئىنكار قىلىش بىلەن بولىدۇ. بەلكى، تېخى بۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەردە باشقىلارنى كافىر دەۋېتىدىغانلار ئۇلارغا ئوخشىغان دىنغا بوھتان قىلىدىغان كىشىلەر لايىق بولغان ئېغىر جازاغا لايىقتۇر. بۇ خۇددى ئالىملارنىڭ قانداق دۇئا قىلسا بولىدۇ، قانداق قىلسا بولمايدۇ، قۇربانلىق قىلغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ئوقۇشقا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ دېگەندەك مەسىلىلەردىكى قاراش ئوخشاشماسلىقىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ نەزىرىدە باشقىلارنى تىللاش سەۋەبى ئەمەستۇر… بولۇپمۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹قانداقلىكى بىر كىشى قېرىندىشىغا: ئى كافىر، دېسە، ئىككىيلەننىڭ بىرى ئۇنى ئېلىپ قايتىدۇ› دېگەن سۆزى تۇرسا، ئۇنداق باشقىلارنى كافىر دەيدىغانلار قاتتىق ئەدەپلىنىشى كېرەك».(13)

ئىمام قەرداۋىمۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلار بىلەن تەۋەسسۇل قىلىش ئىماملار ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان يەكۈنلەر چىقىرىلغان مەسىلىدۇر. بۇ پەقەت، قانداق دۇئا قىلىش مەسىلىسىدىكى قاراش ئوخشاشماسلىقى بولۇپ، ئەقىدە مەسىلىلىرىدىن ئەمەس».

ئۇندىن ئىلگىرى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابمۇ «كىتابۇتتەۋھىيد» دېگەن كىتابىدا، ئىمام ھەسەن بەننامۇ «ئەلئۇسۇلىل ئىشرىين» دېگەن رىسالىسىدە «ئاللاھ تائالادىن بىرەر مەخلۇقىنى ۋەسىلە قىلىپ تۇرۇپ تىلەش قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلىدۇر» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. شۇڭا، بىز ئۆزىمىز جائىز ئەمەس دېگەن قاراشنى تۇتساقمۇ، جائىز دەپ قارىغان قاراشتىكىلەرنى يا كافىر، يا مۇشرىك، ياكى باشقا تىل – ھاقارەت بىلەن ئەيىبلەپ كەتسەك بولمايدۇ.

بۇ تالاش – تارتىش بولغان مەسىلىگە بەزى جايلاردىكى مەلۇم بىر قىسىم كىشىلەر دۇچ كەلگىنى بىلەن، يەنە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا پەقەت دۇچ كەلمەسلىكى مۇمكىن، مەن نۇرغۇن كىشىلەرنى تونۇيمەن، بۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بىرەر قېتىم بىرسىنى تەۋەسسۇل قىلىپ دۇئا قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن. شۇڭا، بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، بۇ مەسىلە ئارتۇقچە تالاش – تارتىش دائىرىسى ھېسابلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ قايسى ئېقىمنى ياقىلايدىغانلىقىغا بەلگە قىلىنىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان. شۇڭا، بۇنداق مەسىلىلەردە ئارتۇقچە تالاش – تارتىشنى ئەھلى ئىلىملەرگە تاشلاپ قويۇپ، دۇئالىرىمىزدا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاققا كەلگەن بويىچە، سالىھ ئەمەللەر بىلەن تەۋەسسۇل قىلىپ، بىۋاسىتە مەخلۇقتىن تىلەش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان شېرىك ئىشلاردىن ساقلانساق، دىنىمىز ئۈچۈن پۇختا يول تۇتقان بولىمىز.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 6. 24

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 113 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————————–

1. «مختار الصحاح»، 1/300. «التعريفات»، جۇرجانى 1/326.
2. «تەپسىرى نەسەفى»، 1/281.
3. «مائىدە» سۈرىسى، 35 – ئايەت.
4. «ئىسرا» سۈرىسى، 57 – ئايەت.
5. «بۇخارى»، 4714 – ھەدىس.
6. «بۇخارى»، 4719 – ھەدىس.
7. «مۇسلىم»، 384 – ھەدىس.
8. «مرقاة المفاتيح»، 2/328.
9. سەھىھەين: «بۇخارى»، 2272 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2743 – ھەدىس.
10. «صحيح مسلم بشرح النووي»، 17/56.
11. «بۇخارى»، 3710 – ھەدىس.
12. «تاريخ الإسلام»، للذهبي 5/539. «تلخيص الحبير»، 2/101.
13. «مجموع الفتاوى»، 1/106.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.