«ھاجىم» ئاتالغۇسىنىڭ دىنى ئاساسى توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! دىيارىمىزدا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى «ھاجىم» دەپ ئاتايدىغان، ئومۇملاشقان بىر ئادەت بار. ئەمما، مەيلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياكى ساھابە – كىراملار بولسۇن، ئۇنداق ئاتالمىغان ئىكەن. سوئالىم شۇكى، ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلغانلارنى «ھاجىم» دەپ ئاتاشنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ – يوق؟ ئاساسى بولسا تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى قانداق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ھەج ئىبادىتى ئىسلامدىكى بەش ئاساسلىق ئىبادەتنىڭ بىرى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى نامۇناسىپ ئىش (جىما) قىلماي، گۇناھ ئىشلىمەي، ھەجىنى ئاللاھ ئۈچۈن تاماملايدىكەن، خۇددى ئانىسى تۇغقان كۈندىكىدەك ھالەتكە قايتىدۇ».([1])

ھەج ئىبادىتىنى قىلىشقا مۇيەسسەر بولغانلارنى «ھاجىم» دەپ ئاتاش بىز ئۇيغۇرلاردا بولسۇن، باشقا تۈركى مىللەتلەردە بولسۇن، شام ۋە مىسىر قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدە بولسۇن، ئافرىقىدىكى دۆلەتلەردە بولسۇن، ئاساسەن دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدىكى ئومۇم مۇسۇلمانلاردا كەڭ تارقالغان بىر ئادەت بولۇپ، بۇ سۆز ھەج قىلغان شۇ كىشىنى ئىززەتلەشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەھەتتىن، بۇ سۆزنى ئىشلىتىش مۇباھ بولىدۇ. بۇنىڭدا يا ھاراملىق، يا مەكروھلۇق بولمايدۇ.

ئەلۋەتتە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياكى ساھابە – كىراملىرى بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلەتمىگەن. بىر – بىرىنى ئۆز ئىسمى بىلەن ياكى پالانىنىڭ دادىسى، پالانىنىڭ ئانىسى دېگەندەك سۆزلەر بىلەن چاقىرىشقان. لېكىن، ئىشلەتمىگەنلىكى ئىشلەتسە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى، جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشىغان ناملارنى مىسالغا ئالساق، مەسىلەن: «مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى» دەپ ئاتاشمۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ياكى 1 – خەلىپىسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدا ئىشلىتىلمىگەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىدا قوللىنىلغان. «قارى» دېگەن نام رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابە – كىراملار دەۋرىدىلا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

ئاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «قارىيلار» دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ئۆمەكنى ئەۋەتكەندە، ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىرەر نەرسىگە ئۇلارغا قايغۇرغاندەك قايغۇرۇپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ بىر ئاي بامدات نامىزىدا قۇنۇت ئوقۇغان ۋە: «ئۇسەييە قەبىلىسى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلدى!» دېگەن.([2])

ساھابە – كىراملاردىن يەنە سەئد ئىبنى ئۇبەيدە (ئەبۇ زەيد) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك «قارى» دەپ تونۇلغانلار بار. تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر يەتتە قىرائەت ئىماملىرىمۇ بار.

«شەيخۇل ئىسلام»، «پالانى شەيخ» دېگەندەك ناملارنى ئەسرى سائادەتتە ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ، كېيىنچە مۇسۇلمانلار ئىشلەتكەن.

«ئىمام» دېگەن سۆز، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە مەسجىد ۋە باشقا جايلاردا نامازغا ئىمامەتچىلىك قىلىشتىن كەلگەن بولسىمۇ، كېيىنچە تۆت مەزھەپ ئىماملىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان باشقىلارغا ئىلىم ۋە پەزىلەتتە ئۆرنەك بولىدىغان، ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ بولغان، تەسىرى چوڭ ئالىملارغا ئىشلىتىلگەن.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، «ھاجىم» ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ناملارنى ئىشلىتىش دىندا يېڭىدىن بىر نەرسە پەيدا قىلغان دائىرىگە كىرمەستىن، بەزى شەخسلەرنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ تونۇۋېلىش ياكى ئىززەتلەشنى كۆرسىتىدىغان ئادەت، تارىخىي ئەنئەنە ۋە مۇسۇلمانچە پۇراق دائىرىسىگە كىرىدۇ.

لېكىن، ھەج ئىبادىتى باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاش ئىخلاس تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، ھەج قىلغان كىشى بۇ كاتتا ئىبادەتنى باشقىلار ئۇنى «ھاجىم» دەپ ھۆرمەتلىشى ئۈچۈن، ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرويلۇق كىشىلەر قاتارىدىن بولۇش ئۈچۈن، ياكى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى – بەشىرىسىنى يۆگەش ئۈچۈن، ياكى «ھاجىم» دېگەن نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا قۇللۇق قىلىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئورۇندىشى لازىم. چۈنكى، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغان كىشى بۇ ئىبادىتىنىڭ مۇكاپاتىنى پەقەتلا ئاللاھتىن كۈتىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

[ھالبۇكى، ئۇلار دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا، بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا ۋە يەنە نامازنى ئەركانلىرى بىلەن ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇلغان، ئەنە شۇلار توغرا دىندۇر.]([3])

يەنە مۇنداق دەيدۇ:

[كىمكى رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئىش قىلسۇن، رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن.]([4])

بۇنىڭغا ئاساسەن، باشقىلار مېنى «ھاجىم» دېسۇن دەپ، شۇ مەقسەتتە ھەج قىلىدىغان كىشى ئاللاھقا تولۇق ئىخلاس بىلەن ھەج قىلمىغان بولىدۇ.

بەلكى، تېخى رىياخورلۇق ياكى نام ئۈچۈن قىلىنغان بۇ ئىبادەت كىشىنى دوزاخقا تاشلىتىدۇ. جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: [كىمكى پەقەت دۇنياۋى ھاياتنى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ – زىننىتىنى خالايدىكەن، ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى دۇنيادىلا ئۇلارغا تولۇق بېرىمىز، ئۇلارغا ئۇ يەردە كەم بېرىلمەيدۇ. ئەنە شۇلار ئاخىرەتتە ئۇلارغا دوزاختىن باشقا نەرسە يوق كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇ يەردە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار قىلغان ئىشلار ئەسلىدە بىكار ئىدى].([5])

ھەدىستە: قىيامەت كۈنى ئەڭ دەسلەپ ھۆكۈم قىلىنىدىغان شېھىد، قارى ۋە سېخى باي قاتارلىق رىياكار ئۈچ كىشىنىڭ بىرىنچىسىگە، ئاللاھ تائالا: «كىشىلەر جەسۇر دېسۇن دەپ ئۇرۇشقان ئىدىڭ، شۇنداق دېيىلىپ بولدى» دەيدۇ، ئاندىن بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ، ئۇ دۈم ھالەتتە سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئىلىم ئۆگىنىپ، ئىلىم ئوقۇتۇپ، قۇرئان ئوقۇغان كىشىگە: «لېكىن سەن ئالىم دېيىلسۇن دەپ ئىلىم ئالغان، قارى دېيىلسۇن دەپ قۇرئان ئوقۇغان، شۇنداق دېيىلىپ بولدى» دەيدۇ، ئاندىن بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ، ئۇ دۈم ھالەتتە سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. سېخىلىق قىلغان بايغا: «لېكىن سەن سېخى دېيىلسۇن دەپ شۇنداق قىلغان، شۇنداق دېيىلىپ بولدى» دەيدۇ، ئاندىن بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ، ئۇ دۈم ھالەتتە سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ.([6])

دېمەك، يۇقىرىقى ئايەت – ھەدىستىن، «ھاجىم» دېگەن نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەج قىلىشنىڭ ئىخلاسقا تاقىشىدىغانلىقى، ئاقىۋىتى يامان بولىدىغانلىقى چىقىدۇ. شۇڭا، مۇسۇلمان كىشى ھەجىنىڭ ساۋابىنى ئاللاھتىن كۈتۈشى، «ھاجىم» دېمەي قالسا خاپا بولۇپ كەتمەسلىكى، پەرۋا قىلماسلىقى لازىم.

نىيىتىنى خالىس قىلىپ ھەج قىلغاندىن كېيىن، باشقىلار ئۇنى جەمئىيەتتىكى ئادەت بويىچە، «ھاجىم» دەپ ئىززەتلەپ چاقىرغان ئەھۋالدا، بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھاجەتسىز. چۈنكى نىيەتلەرنى ئاللاھ بىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ شۇنداق چاقىرىشى بىلەن بۇنىڭ نىيىتى خالىس ئەمەس بولۇپ قالمايدۇ.

بەلكى، «ھاجىم» دېگەن بۇ سۆز، ئۇنى ئۆمۈر بويى شۇ نامغا لايىق يۈرۈش – تۇرۇشقا، ھەج قىلىشقا ۋە ئىسلام ئەخلاقى بىلەن زىننەتلىنىشتە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشقا، ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىنى تاشلاپ يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم قويۇشقا چاقىرىپ تۇرغاندەك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇرۇن بەزىبىر گۇناھلارنى قىلىپ سالغانلار، ئەرەپاتتا تۇرۇپ مەغپىرەت تىلەپ، ھاجىم بولۇش نېمىتىگە مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن، نورمال تۇرمۇشقا قايتقان چاغدا شۇ گۇناھلارنى قىلىپ سالسا، تېخىمۇ ئەيىبلىك بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

23 – 3 – 2012

2-توم، 107-نومۇرلۇق پەتىۋا.
——————————————————-

([1]) سەھىھەين «بۇخارى» 1521 – ھەدىس. «مۇسلىم» 1350 – ھەدىس.
([2]) سەھىھەين: «بۇخارى» 6394 – ھەدىس. «مۇسلىم» 667 – ھەدىس.
([3]) «بەييىنە» سۈرىسى 5 – ئايەت.
([4]) «كەھف» سۈرىسى ئاخىرقى ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([5]) «ھۇد» سۈرىسى 15 – 16 – ئايەتلەر.
([6]) «مۇسلىم» 1905 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.