پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرىتىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرىتىنى (تەرجىمىھالىنى) ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى

دوكتور راغىب سەرجانىي

 

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىيرىتىنىڭ ئەھمىيىتى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ گۈزەل سىيرىتى پايدىلىنىش زۆرۈر بولغان نەھايەتتە كاتتا بىر خەزىنىدۇر. ئەگەر بىز بۇ سىيرەتنىڭ ئاددىي بىر كىشىنى ئەمەس، بەلكى ئادەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تارتىپ تا قىيامەت كۈنىگىچە يەر يۈزىدە مەۋجۇد بولىدىغان مەخلۇقاتلار ئىچىدىكى ئەڭ كاتتا زاتنىڭ ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا، بۇنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىيرىتى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئەڭ بۈيۈك ۋە ئەڭ ئېسىل بىلىملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ سىيرەت ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ياراتقان ئەڭ كاتتا زاتنىڭ ھاياتىنى ئۆگىتىدىغان بولۇپ، جانابى ئاللاھ ئۇنى ﴿(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾(68/«قەلەم»: 4) دەپ سۈپەتلىگەن. ئەگەر ھەر دەۋردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىيرىتىنى ئۆگىنىش مۇھىم دېيىلسە، بىزنىڭ زامانىمىزدا بۇنى ئۆگىنىش تېخىمۇ مۇھىمدۇر. چۈنكى، بۇگۈن ئىسلام ئۈممىتى ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە ئەخلاق – ئىستىل قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئارقىدا قالماقتا.

شەكسىزكى، ئىسلامىي جەمئىيەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىشتا ئۈمىدلەر ئاللاھقا باغلانغان بولسىمۇ، ئويغىنىش مۇنۇ ئىككى مۇھىم ئىشقا موھتاج: بۇ ئۈممەتنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە بولغان كەسكىن ئىشەنچ ۋە ھەربىرىمىزنىڭ ئەمەلىي تۆھپىسى. كەسكىن ئىشەنچ دېگىنىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىگە قەتئىي ئىشىنىشىمىزدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارغا خەندەك ئۇرۇشىدا شام، پېرسىيە ۋە يەمەن ئەللىرىنىڭ فەتىھ قىلىنىدىغانلىقىدىن خۇش بېشارەت بەرگەن. ماددىي مال – دۇنيا گەرچە مۇھىم بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قەتئىي بېرىلمەسلىكىمىز لازىم. چۈنكى، مۇسۇلمانلار نۇرغۇن جەڭلەردە ماددىي نەرسىلەرگە بېرىلىپ كېتىپ، غەلىبە قىلالمىدى. ئىككىنچىسى، دۇنيانى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. ھەممىدىن بۈيۈك ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر…﴾(3/«ئال ئىمران»، 110).

بىز ئۇزۇندىن بۇيان جەمئىيەت ۋە دۆلەتلەرنى كونترول قىلغان كوممۇنىزم ۋە كاپىتالىزمغا ئوخشاش بىردەك مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم بىر توپ ئىدىيەلەر ۋە خىلمۇخىل پىكىرلەرنىڭ كۆلەڭگۈسىدە ياشىدۇق. خىلمۇخىل جەمئىيەت ۋە دۆلەتلەرنى ئىدارە قىلغان ئەسلى دىنىمىزنى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سىيرىتىنى ئۇنتۇغان ھالدا، مۇشۇ پىكىرلەر ئارىسىدا تېڭىرقاپ يۈرمەكتىمىز. شۇنداقتىمۇ، بىز بۇ سىيرەتتىكى ھەربىر ۋەقە، ئىش – ھەرىكەت ۋە ھادىسىلەرنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا چاقىرىق قىلمايمىز. بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، لېكىن بىز بۇ سىيرەتتىكى بۈيۈك ۋە پايدىلىق ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىشقا چاقىرىمىز. چۈنكى، بۇ ھادىسىلەر ھەر كۈن تەكرارلىنىۋاتىدۇ. بىز ئوھۇد، بەدر، خەندەك ئۇرۇشلىرىنى تەتقىق قىلايلى. چۈنكى، رېئاللىقىمىزدا ئۇ ۋەقەلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىپ كەلمەكتە.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىيرىتىنىڭ مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى تەسىرى

بىز بۇ يەردە يەر يۈزىدە ياشاپ ئۆتكەن ئاددىي بىر كىشىنىڭ، ياكى تارىختىكى بىر يا بىر قانچىلىغان كاتتا كىشىلەرنىڭ سىيرىتىنى تەتقىق قىلىۋاتمايمىز، بەلكى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئادەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياراتقاندىن تارتىپ تاكى قىيامەت كۈنىگىچە ياراتقان ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ ئېسىل، ئەڭ ئۇلۇغ بىر ئىنساننىڭ ئۆمۈر بايانىنى تەتقىق قىلىۋاتماقتىمىز.

ئادەتتە، كىشىلەر مەلۇم بىر ساھەدە ئالغا ئىلگىرىلىسە، يەنە بىر ساھەدە ئارقىدا قالىدۇ، لېكىن بۇ كىشى ھەرقايسى ساھەلەردە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك قازانغان؛ تائەت – ئىبادەتتە، مۇئامىلە – مۇناسىۋەتتە، شىجائەتتە، سېخىيلىقتا، مۇلايىملىقتا، تەقۋادارلىقتا، كەمتەرلىكتە، ئەقىل – پاراسەتتە، چېچەنلىكتە، جۈملىدىن ھەربىر ئىشتا ئۈستۈنلۈك قازانغان. دېمەك، بىز ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾(68/«قەلەم»: 4) دەپ خىتاب قىلغان كىشىنىڭ ھاياتىي ئىش – ئىزلىرىنى ئۆگىنىمىز.

ھەممىدىن بۈيۈك، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ سۈپەتلىگەن بۇ زاتنىڭ ئەخلاقى نېمىدېگەن مۇكەممەل – ھە! ئۇنىڭ ئەخلاقى ھەقىقەتەن ئالىيجاناپ ئەخلاقتۇر!

ھەقتائالاھ مۇشۇ زات بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئى مۇھەممەد!﴾ سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئەلبەتتە، گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ﴾(ھىجر: 72). دېمەك بۇ، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ھاياتى بىلەن قەسەم قىلغان زاتتۇر.

بىزلەر ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە قىيامەت كۈنى پەقەت مۇشۇ زات ھېساب بەرگۈچىلەر ئۈچۈن شاپائەت قىلغاندىلا ئاندىن ھېساب ئالىدىغان، ھەربىر پەيغەمبەر ئۆز ئۈممىتىگە پەقەت مۇشۇ زات شاپائەت قىلغاندىن كېيىن شاپائەت قىلالايدىغان زاتنىڭ ھاياتىي ئىش – ئىزلىرىنى ئۆگىنىمىز.

بىزلەر تارىخىنى ئۆگىنىدىغان شۇ زاتنىڭ ئارقىسىدىنلا جەننەتكە كىرەلەيمىز، قىيامەت كۈنى پەقەتلا شۇ زاتنىڭ قولىدىن، شۇ زاتنىڭ ھەۋزى كەۋسەرىدىن ۋە دەريايىنىڭ سۈيىدىن سۇغۇرۇلىمىز.

ئەگەر بىز ئۇنىڭ ھاياتىي ئىش – ئىزلىرىنى، يولىنى بىلسەك ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشسەك، بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجات تاپىمىز. ئەگەر ئۇنىڭ يولىنى بىلمەي قالساق ياكى ئۇنىڭغا قارشى چىقساق، بىزنىڭ ھالىمىزغا ۋاي! ھالىمىزغا ۋاي!

بىز ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق كۇفۇرنى يوقاتقان، قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ تىرىلدۈرىلىدىغان، مەدھىيە تۇغىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان، ماقامى مەھمۇد ۋە ھەۋزى كەۋسەرنىڭ ساھىبى بولغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆگىنىمىز.

جىسمى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشى ئۈچۈن ئاسمان دەرۋازىلىرى ئېچىپ بېرىلگەن كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆگىنىمىز. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ، جىبرىل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مىراج سەپىرىدە ئاسمانغا چىقىپ، جىبرىل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەرۋازىنى چېكىۋىدى، بىر پەرىشتە:

— كىم؟ — دەپ سورىدى. جىبرىل سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— مەن جىبرىل، — دېۋىدى، پەرىشتە:

— يېنىڭدا كىم بار؟ — دېدى. جىبرىل:

— «مۇھەممەد» — دېدى. پەرىشتە:

— ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىلگەنمۇ؟ — دېۋىدى، جىبرىل:

–  ھەئە! — دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، پەرىشتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇندىن ئىلگىرى تىرىك بىرەر كىشىمۇ كىرىپ باقمىغان بىر يەرگە كىرىشى ئۈچۈن ئاسمان دەرۋازىسىنى ئېچىۋەتتى.

بۇ زات ھېچبىر ئىنسان ۋە پەرىشتە يەتمىگەن ماقامغا يەتكەن بولۇپ، ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەتكەن جايغا يېتىپ باقمىغان.

بۇ كىشى پەقەت ئەقلى بىلەنلا ئەمەس، ئۆز كۆزى بىلەن جەننەت ۋە دوزاخنى كۆرگەن.

بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ بۈيۈكلۈكىنى «(بىرىنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھسسالام بولغان) يۈز مەشھۇر شەخس» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى سېلىشتۇرغاندەك، ساكيامۇنى، كۇڭزى، ھىتلېر، لېنىن، ستالىن… لارغا سېلىشتۇرمايمىز. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ كىتاب بىلەن ئۆزلىرىچە «رەسۇلۇللاھقا ئادىل مۇئامىلە قىلىندى» دەپ خۇشال بولۇشىدۇ. لېكىن، رەسۇلۇللاھقا ئەسلا ئادىل مۇئامىلە قىلىنمىدى، چۈنكى ئۇلار رەسۇلۇللاھنى مۇشۇنداق كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇردى.

بىز بولساق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ھەزرىتى نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىيسا ئەلەيھىسسالاملارغا ۋە ئاللاھنىڭ بارچە پەيغەمبەرلىرىگە سېلىشتۇرىمىز.

بىز يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بارچە پەرىشتىلەرگە سېلىشتۇرىمىز؛ رىزىقلارغا مۇئەككەل پەرىشتىگە، تاغلارغا مۇئەككەل پەرىشتىگە، دېڭىزلارغا مۇئەككەل پەرىشتىگە، ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەرگە، ھەتتا جىبرىل ئەلەيھىسسالامغا سېلىشتۇرىمىز، بەلكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ پەرىشتىلەرنىڭمۇ ھەممىسىدىن ئەۋزەلدۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سىدرەتۇلمۇنتەھاغا يېقىنلاشقاندا، روھۇلقۇدۇس (جىبرىل ئەلەيھىسسالام) بىر قەدەم ئالدىغا ئىلگىرىلىيەلمەي، رەسۇلۇللاھقا: «ئەگەر مەن بىر قەدەم ئالدىغا ماڭسام كۆيۈپ كېتىمەن» دېدى. ئەمما، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئاللاھ تېخىمۇ ئالدىغا ئىلگىرىلەشكە مۇۋەپپەق قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئالدىغا ماڭدى، نەتىجىدە، جەننەتۇلمەئۋانىڭ يېنىدىكى سىدرەتۇلمۇنتەھا قېشىدا توختىدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا پەردىسىز، بىۋاسىتە سۆزلىدى.

بۇ زاتنىڭ ئورۇن – ماقامى ئۆچمەس ۋە يۈكسەكتۇر. بىزنىڭ بۇ زاتنىڭ تەرجىمىھالىغا، بەلكى ئۇ شانلىق ھاياتىدا بېسىپ ئۆتكەن ھەربىر دەقىقىگە بەرگەن ئېتىبارىمىز مۇشۇ ئۇلۇغلۇققا يارىشا بولۇشى لازىمدۇر.

 

مەنبە: أهمية دراسة السيرة النبوية https://islamstory.com

تەرجىمىدە: م. ئابدۇلھەمىد

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ