كۈيئوغۇل قېيىنئانىغا مەھرەم بولالامدۇ؟

كۈيئوغۇل قېيىنئانىغا مەھرەم بولالامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، كۈيئوغۇل قېيىنئانىغا مەھرەم بولالامدۇ؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

كۈيئوغۇل قېيىنئانىغا مەھرەمدۇر. چۈنكى، قېيىنئانا كۈيئوغۇلغا نىسبەتەن نىكاھلىنىش مەڭگۈ ھارام بولغان ئاياللار قاتارىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا نىكاھلىنىش ھارام بولىدىغان ئاياللارنى مۇنداق بايان قىلغان: ﴿سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلدەش ھەمشىرەڭلارنى، قېيىنئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) ئۆيۈڭلاردا تەربىيىلەنگەن قىزلىرىنى (بۇ شەرت ئەمەس، ئۆيدە تەربىيىلەنمىگەن بولسىمۇ) ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار ھېچ باك يوقتۇر، يەنە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئىككى ھەمشىرىنى بىر ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى. لېكىن، ئۆتكەنكىلەر (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلار) ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىشمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى. پەقەت سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلار ئاستىدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكىملىرىدۇر ﴾(4/«نىساﺋ»: 23، 24)

ئايەتتە ئېنىق قىلىپ: «قېيىنئاناڭلار» دېگەن بولغاچقا، كۈيئوغۇل قېيىنئانىغا مەھرەم بولىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كېچە – كۈندۈزلۈك يولغا سەپەر قىلىشى ھالال بولمايدۇ» دېگەن.(1)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھېچبىر ئەر كىشى يات ئايال بىلەن مەھرەمى يېنىدا بولمىغان ئەھۋالدا خالىي يەردە بىللە بولمىسۇن» دېگەن ئىدى، بىر كىشى:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ئايالىم ھەجگە چىقماقچى بولدى، مەن مۇنداق – مۇنداق غازاتلارغا چىقىشقا تىزىمغا ئالدۇرغان، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— قايتىپ بېرىپ ئايالىڭ بىلەن بىللە ھەج قىل، — دېدى.(2)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن كۈيئوغۇل قېيىنئانىسى بىلەن سەپەر قىلسا، خالىي بىر يەردە ئولتۇرسا بولىدۇ. كىيىنىشتىمۇ كۈيئوغۇل ئالدىدا ئۆز ئوغلىدەك كىيىنسە بولىدۇ.

لېكىن، قىز ئانىغا ئۆگەي بولغان ئەھۋالدا كۈيئوغۇل ئايالىنىڭ ئۆگەي ئانىسىغا مەھرەم بولالمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 19 – رامازان / م. 2012، 7 – ئاۋغۇست

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 322 – بەت. 54 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1088)؛ «مۇسلىم»، (1339).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5233)؛ «مۇسلىم»، (1341).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ