مىنادا بىر كۈن قونالمىغانلىقىمغا قان كېلەمدۇ؟

مىنادا بىر كۈن قونالمىغانلىقىمغا قان كېلەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قۇربان ھېيت كۈنى ھەرەمدە ئادەم بەك كۆپ بولغانلىقتىن تاۋاپنى كەچ سائەت 12 لەردە قىلغان ئىدىم، چارچاپ كەتكەنلىكتىن مىناغا چىقىپ كېتىشكە پەقەتلا ئىمكانىيىتىم يوق راباتتا بىر كېچە قونۇپ ئەتىسى چىقىپ كەتتىم، ئاشۇ بىر كۈن قونالمىغانلىقىمغا قان كېلەمدىغاندۇ دەپ ئۆزلىرىدىن سورىشىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

تەشرىق كۈنلىرى قۇربان ھېيتنىڭ 2 – ، 3 – ، 4 – كۈنلىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ كۈنلەردە مىنادا تۇرۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا بۇيرۇغان.

﴿ئاللاھنى ساناقلىق كۈنلەردە زىكرى قىلىڭلار، كىمكى ئىككى كۈن تۇرۇپ ئالدىراپ (مىنادىن مەككەگە) قايتسا ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. كىمكى كېچىكسە تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن گۇناھ يوقتۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە بىلىڭلاركى، ھەممىڭلار ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر ﴾(2/«بەقەرە»: 203).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مەزكۇر ئايەتتىكى «ساناقلىق كۈنلەر»نى، «تەشرىق كۈنلىرىدۇر» دەپ تەفسىر قىلغان.(1)

جانابى ئاللاھنىڭ: ﴿كىمكى ئىككى كۈن تۇرۇپ ئالدىراپ (مىنادىن مەككەگە) قايتسا ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ.﴾ دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، ئالدىرىغانلار 4 – كۈنگە تەۋە كېچىسى مىنادا قونمىسا رۇخسەت قىلىنغان.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، مىنادا قونىدىغان تەشرىق كۈنلىرى كېچىلىرىدە مىنادا قونۇش ۋاجىب بولۇپ، قونغان كىشى كېچىنىڭ كۆپ قىسمىنى مىنادا ئۆتكۈزۈشى لازىم. ھەنەفىي مەزھەبتە قونۇش سۈننەت، قونماسلىق مەكرۇھ.(2)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، «ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆزىنىڭ ھاجىلارغا ئىچىملىك سۇ تەقدىم قىلىش خىزمىتى سەۋەبلىك مىنادا تۇرىدىغان كېچىلىرى مەككەدە تۇرۇش ئۈچۈن ئىجازەت سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئىجازەت بەردى».(3)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەزى كىشىلەرگە ۋەزىپە تاپشۇرۇپ، ھاجىلاردىن بىرەرسىنى ئەقەبە كەينىدە قونۇشقا قالدۇرماي مىنا ئىچىگە كىرگۈزەتتى ۋە: «دىققەت قىلىڭلار! ھاجىلاردىن بىرەرسى ئەقەبە كەينىدە قونۇپ قالمىغاي!» دەيتتى.(4)

يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئالدىرىغانلارغا 2 كۈن قونسا گۇناھ بولمايدۇ دەپ رۇخسەت قىلغانلىقى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزرىلىكلەرگە بەرگەن رۇخسىتى، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قونۇش ۋاجىب دېگەن قارىشىنى كۈچلەندۈرىدۇ.

مىنادا قونۇش، ياتمىسىمۇ ياكى ئۇخلىمىسىمۇ مىنادا يەردە ياكى ماشىنىدا تۇرسا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

كېچە كۈن پېتىش بىلەن باشلىنىپ تاڭ ئاتقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقىت مىنادا تۇرسا قونغان بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزرىلىكلەرگە گۇناھمۇ بولمايدۇ، قانمۇ كەلمەيدۇ. مىنادا قونۇش ئۈچۈن كېتىۋېتىپ يول بېسىق بولۇپ كېتىپ ياكى توسۇلۇپ قېلىپ، ياكى ئاغرىپ قېلىپ، ياكى بىرەر ئىشتىن قورقۇپ قونالمىغان ياكى كېچىكىپ چىققان بولسا ئۆزرىلىك بولىدۇ.

ئۆزرىسىز ھەممە كېچىدە ياكى بىر كېچىدە قونمىغانلارغا قان كېلىدۇ. بۇ مالىكىي مەزھەب قارىشى. شافىئىي مەزھەب قارىشىدا، بىر كېچە قونمىغان بولسا بىر جىڭ ئاشلىق، ئىككى كېچە قونمىسا بىر كىلو ئاشلىق سەدىقە بەرسە بولىدۇ. ھەممە كېچىلەردە قونمسىا، قان قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ.(5)

ھەنەفىي مەزھەبتە قونۇش ھۆكمى سۈننەت بولغاچقا، بىر ياكى 3 كېچە قونمىغان تەقدىردىمۇ سەدىقە ياكى قان كەلمەيدۇ. ھەنبەلىي مەزھەبتە يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ھەممىسى بار. بىر قاراشتا بىر كېچە قونمىغانغا بىر قان كېلىدۇ، يەنە بىر قاراشتا ھېچنېمە كەلمەيدۇ، يەنە بىر قاراشتا ئازراق سەدىقە بېرىدۇ.(6)

قان كېلىدۇ دېگەن قاراش مالىكىي مەزھەب قارىشى بولۇپ، قونىدىغان كېچىلەرنىڭ بىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ قىسمىدا ياكى ھەممىسىدە مىنادا قونمىسا، قان كېلىدۇ.(7)

گەرچە قان كەلمەيدۇ دېگەن قاراشلارنىڭ مەلۇم ئاساسى بولسىمۇ، لېكىن قونۇش ۋاجىب دېگەن قاراش كۈچلۈك بولغاندىن كېيىن، ۋاجىبنى تەرك قىلغانغا قان كېلىشى ساھابەدىن سەھىھ ھالەتتە كەلگەن بولغاچقا، قان كېلىدۇ دېگەن قاراش بويىچە ئەمەل قىلىش مۇۋاپىق. قان كېلىدۇ دېگەن بۇ قاراش ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنۇ سۆزىگە تايانغان: «كىمكى ھەج – ئۆمرە ئىبادىتىدىن بىرەر ۋاجىبنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى تەرك ئەتسە، قان قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ».(8)

يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن چىقىم، كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئادا قىلغان ھەجنىڭ قۇسۇرسىز تامام بولۇشى ئۈچۈن قان قىلىۋېتىش كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئىش.

قان قىلىشقا ئىمكانىيىتى يار بەرمىسە، ئازراق ئاشلىق ياكى پۇل سەدىقە بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. ئەتاﺋ ۋە سالىم قاتارلىق بەزى تابىئىنلاردىن بىرەر تىللا، ياكى بىرەر تەڭگە، ياكى شۇنىڭغا يېقىن سەدىقە بېرىدۇ دەپمۇ كەلگەن.(9)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1437، 27 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2016، 7 – يانۋار

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 49 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «بۇخارىي»، «تەشرىق كۈنلىرى قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى» دېگەن باب.
2. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/481؛ ئىبنى جۇزەي: «ئەلقەۋانىينۇل فىقھىييە»، 1/87؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/193؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 3/523.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1745)؛ «مۇسلىم»، (1315).
4. «مالىك»، (909، 910). ھافىز ئىبنى ھەجەر («ئەددىرايە»، 2/29): «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
5. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/178.
6. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/232؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 4/48.
7. ئەلغەرناتىي، «ئەتتاجۇ ۋەلئىكلىل»، 3/131؛ دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 2/49.
8. «مالىك»، (940)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (8707). ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر، ئىبنۇل مۇلەققىن ۋە ئىبنى كەسىرلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
9. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (14375 – 14377)؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7/185.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ