نامەھرەملەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق

نامەھرەملەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، 24/«نۇر»: 30 – ، 31 – ئايەتلەردىكى نامەھرەم مەسىلىسىدە دىققەت قىلغان ئاساستا ئۆزئارا نامەھرەم ئەر، ئاياللار ئارىسىدا قانداق بىر قېرىنداشلىقنى ئىسلام قوبۇل قىلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

يات ئاياللار بىلەن زۆرۈرىيەت ياكى جىددىي ئېھتىياج تېپىلمىغان ئەھۋالدا سۆزلىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ئالاھىدە قېرىنداشلىق ۋە ئادەتتە ئەرلەر بىلەن ئەرلەر، ئاياللار بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغاندەك دوستلۇق مۇناسىۋىتى قۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ شەيتاننىڭ ھىيلىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاخىرى ئىشقى – مۇھەببەتكە ۋە گۇناھ – مەئسىيەتكە ئېلىپ بېرىشى تۇرغانلا گەپ. بۇنداق قېرىنداشلىق بىلەن ئۆزىنى گوللىغانلارنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى كۆپ ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنسارلار بىلەن مۇھاجىرلارنى قېرىنداش قىلغاندىمۇ ئەر كىشى بىلەن ئايال كىشىنى ئۆزئارا قېرىنداش قىلمىغان. نامەھرەملەردىن خەۋەر ئېلىش ياكى ئۇلارغا ئىلىم ئۆگىتىش ئىشلىرىدا خالىي پاراڭ ياكى ئۇچرىشىش بولماي ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ ئاياللىرى ياكى ھەمشىرىلىرى ئارقىلىق كۆڭۈل بۆلسە بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئاياللىرىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئىلىم ئۆگىتىشتە شۇنداق قىلاتتى. ئەرلەر ئەرلەرگە، ئاياللار ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلسە تېخىمۇ ياخشى.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1437، 3 – زۇلھەججە / م. 2016، 4 – سېنتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 315– بەت. 50- نومۇرلۇق پەتۋا.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ