تۈركىيىدە رامىزاندا سوھۇرلۇقتىن توختاش ۋە ناماز بامدات ۋاقتى توغرىسىدا

تۈركىيىدە رامىزاندا سوھۇرلۇقتىن توختاش ۋە ناماز بامدات ۋاقتى توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۈركىيىدە رامىزان ئېيىدا بامدات نامىزىنىڭ ئەزىنى باشقا ئايلاردىكى ۋاقىتتىن بالدۇر، يەنى ئىمساك ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ ۋە بۇ ۋاقىت ناماز بامداتنىڭ ۋاقتىنىڭ كىرىشى ھەمدە سوھۇرلۇقنى توختىتىش ۋاقتى دېيىلىدۇ. ۋەھالەنكى رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ بامداتنىڭ ۋاقتى ئوخشاشلا ئىمساك ۋاقتىدا كىرىدۇ. ئەمما كۆپچىلىك تۈركىيە مۇسۇلمانلىرى ئەگىشىدىغان ھەنەفى مەزھىبىنىڭ تەسىرىدىن بامدات نامىزىنى تاڭ ئاقارغاندا ئوقۇشنى ئەۋزەل دەپ قاراپ ئەزان ئىمساك ۋاقتىدا ئەمەس، بەلكى تەخمىنەن 45 مىنۇت كېچىكتۈرۈپ ئوقۇلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا روزا ۋە بامداتقا ئالاقىدار ھۆكۈم قانداق بولىدۇ؟ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ناماز، روزا ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەر ۋاقىتقا چېتىشلىق ئىبادەتلەر بولۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت دائىرىسىدە ئادا قىلىنىشى كېرەك. بۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرى بولسا قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، قۇياشنىڭ ھەرىكىتىگە باغلانغان ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەرنى كۆزىتىشكە تايىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن مەسىلىنىڭ فىقھىي تەرىپىدىن باشقا ئاسترونومىيىلىك تەرىپىمۇ بار.

بۇيەردە بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، تاڭ يورۇپ «ئىمساك ۋاقتى» كىرگەندىن كېيىن يەپ – ئىچىپ روزىنى سۇندۇرۇپ سالماسلىق ۋە ناماز بامداتنى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇپ سالماسلىقتۇر.

«ئىمساك ۋاقتى» دېگىنىمىز – تاڭ سۈزۈلۈپ، بامدات ۋاقتى كىرىشى بىلەن روزىخان يەپ – ئىچىشتىن توختىشى كېرەك بولغان ۋاقىتتۇر.

«ئىمساك ۋاقتى» ھەقىقىي تاڭ يورۇشقا باشلىغاندا كىرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا: ﴿…تاكى تاڭنىڭ ئاق يېپى قارا يېپىدىن ئايرىلىشقا (يەنى تاڭ يورۇشقا) باشلىغانغا قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار…﴾(1) دېگەن.

تۈركىيە ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەردە ھەر يىلى كالېندارلاردا بېكىتىلگەن «ئىمساك ۋاقتى» توغرىسىدا ئانچە – مۇنچە ئىختىلاپلار كۆرۈلىدۇ. تۈركىيىدە بەزى رەسمىي كالېندارلاردا بامدات نامىزىدىن باشقا تۆت ۋاخ نامازنىڭ ۋاقتى يېزىلىدۇ. بامداتنىڭ ئورنىغا ئىمساك ۋە كۈن چىقىش ۋاقتى يېزىلىدۇ ۋە رامىزان ئېيىغا خاس بۇ كالىندارلار «ئىمساكىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدە «ئىمساكىيە»لەرگە ئىمساك ۋاقتى، ناماز بامداتنىڭ ئەزىنىنىڭ ۋاقتى ۋە كۈن چىقىش ۋاقتى ئايرىم – ئايرىم يېزىلىدۇ. بۇمۇ ئىمساك بىلەن ئەزان ئارىلىقىدا يەپ – ئىچسە روزىغا تەسىر يېتەمدۇ دېگەندەك سوئالنى پەيدا قىلىدۇ.

ئادەتتە سىرتتىن كەلگەنلەرگە تۈركىيىدە بامداتنىڭ ئەزىنىنىڭ رامىزان ئېيىدا باشقا ئايلارغا قارىغاندا 45 مىنۇت ئەتراپىدا بالدۇر ئوقۇلۇشى غەلىتە تۇيۇلۇپ گاڭگىراپ قالىدۇ. يەنە بەزى ياز ئايلىرىدا خۇپتەنگە باشقا ئايلاردىن بىر سائەتتىن كۆپرەك ئارقىغا تارتىپ ئەزان ئوقۇلىدۇ. ئەسلىدە بامداتقا ۋە باشقا نامازلارغا يىلبويى ۋاقتى كىرگەن چاغدىلا ئەزان ئوقۇلسا، نامازنى دەسلەپ ۋاقتىدا ياكى ئەۋزەل دەپ قارالغان ۋاقتىدا ئوقۇسا بۇنداق مەسىلە كۆرۈلمەيتتى. بۇ سەۋەبتىن، ھەر يىلى رامىزاندا كۆپ سوئاللار سورىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا ئىخچام قىلىپ تۆۋەندىكىچە جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.

1.   مەلۇمكى، سوھۇرلۇق ۋاقتى كېچىنىڭ يېرىمىدىن (تۈركىيە ئۈچۈن ھازىرقى يەرلىك ۋاقىت كېچە سائەت 01:00 دىن) تاڭ يورۇغانغا قەدەردۇر. سوھۇرلۇق بىر يۇتۇم سۇ ياكى بىر تال خورما بىلەنمۇ بولىدۇ. چوقۇم تولۇق بىر ۋاخ تاماق بولۇشى شەرئىي جەھەتتىن شەرت ئەمەس. سوھۇرلۇق يېيىش ۋە ئۇنى بامدات ۋاقتىغا يېقىن ۋاقىتقىچە كېچىكتۈرۈشنىڭ ھۆكمى سۈننەت، شەرت ياكى ۋاجىپ ئەمەس. شۇڭا سوھۇرلۇق يېمەي قالسا روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. سوھۇرغا ئويغىنالماسلىق ئادەتتە، يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە «سوھۇرلۇق يىمەي قالسا روزا ھېساب بولمايدۇ» دېگەن خاتا چۈشەنچە مەۋجۇتتۇر، ئۇلار، قارىماققا، سوھۇرلۇقنى روزىنىڭ شەرتى دەپ چۈشىنىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ.

ئۇنداقتا، ھازىرقى ئەھۋالدا سوھۇرلۇق يېمىسە ياكى سوھۇرلۇقنى ئىمساك ۋاقتى كىرىشتىن (مەسىلەن، يېرىم سائەت ياكى بىر سائەت) بۇرۇن توختاتسا جائىز. توختىتىپ، ھەتتا دۇئا قىلىپ بولۇپ بىر نەرسە يەپ – ئىچمەكچى بولسا، ئىمساك ۋاقتىغىچە يەنە قايتا يەپ – ئىچىش پۇرسىتى بار. ئىمساك ۋاقتىدا توختاتسا بولىدۇ. چۈنكى روزا ۋاقتى سوھۇرلۇقنى توختاتقان ياكى دۇئا قىلغان چاغدىن ئەمەس، ئىمساك ۋاقتىدىن باشلىنىدۇ.

2.   رامىزاندىن باشقا ئايلاردا بامدات ئەزىنىنى بامدات ۋاقتى كىرگەن ھامان، ئىمساك ۋاقتىدا ئەمەس، كېچىكتۈرۈپ توۋلىسا، ۋاقتى ئىچىدە ئوقۇلىدىغان بولسا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، تۈركىيىدە ھەنەفىي مەزھەپ بويىچە(2)، بامداتنى تاڭ تولۇق يورۇغاندا ئوقۇش ئەۋزەل دېگەن قاراشنى تۇتىدىغانلار ناماز ئوقۇيدىغان چاغدا ئەزان توۋلىسا بولىدۇ. مەسىلەن، سائەت 04:00 تە بامداتنىڭ ۋاقتى (ئىمساك) كىرىپ 05:20 دە كۈن چىقىدىغان بولسا، ئەزاننى 04:25 تە توۋلاپ، 05:20 گە قەدەر ئوقۇپ بولسا چاتاق يوق. تۈركىيىدە رامىزاندىن باشقا ئايلاردا شۇنداق قىلىدۇ. بۇ پېشىننى يازدا ھاۋانىڭ تەپتى يانغاندا ئوقۇش مۇستەھەپ بولغىنىغا ئوخشاش مۇستەھەپ ئىش.

لېكىن بۇنداق كېچىكىپ توۋلىغان تەقدىردە، بامداتنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇۋالماقچى بولغانلار گەرچە ئەزان توۋلانمىغان بولسىمۇ، تاڭ يورۇپ بامداتنىڭ ھەقىقىي ۋاقتى (ھەقىقىي ئىمساك) كىرگەندە، يەنى يۇقىرىقى مىسالدا سائەت 04:00 تىن 04:30 غىچە بولغان ئارىلىقتا ئوقۇسا نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇغان بولىدۇ. ئەزان چىقمىغانلىقتىن نامىزى ھېساب ئەمەس، دېيىلمەيدۇ. چۈنكى بۇ، ۋاقتىدا ئوقۇلغان نامازدۇر.

خۇپتەن نامىزىنىمۇ ياز كۈنلىرىدە ياكى رامىزان ئېيىدا بىر سائەت ئەتراپىدا ئارقىغا تارتىپ ئوقۇلىدىغان بولسا، خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرىپ بىر سائەتتىن كېيىن ئەزان توۋلىسا بولىدۇ. مەسىلەن، رامىزان كىرمەستە خۇپتەن ۋاقتى سائەت 21:30 دا كىرىدىغان بولسا، رامىزاندا 22:30 دا ئەزان توۋلىسا بولىدۇ. لېكىن 21:30 – 22:30 ئارىلىقىدا بىرسى خۇپتەن ئوقۇسا ۋاقتىدا ئوقۇغان بولىدۇ.

3.   سوھۇرلۇقتىن توختاش ۋە بامدات نامىزىنى ئوقۇشتا ئەزان ئەمەس، قۇرئاندا ۋە ھەدىستە كەلگىنى بويىچە تاڭ يورۇش ئاساستۇر. چۈنكى ئەزاننى سوھورلۇقتىن توختاش ئۈچۈن ئوقۇشمۇ، تاڭ يورۇپ، بامدات ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇشمۇ بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا سوھۇرلۇق يەۋېلىشقا بىر، بامداتقا بىر ئەزان ئوقۇلاتتى. دىيارىمىزدا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىدىمۇ رامىزاندا شۇنداق ئىككى قېتىم ئەزان توۋلىناتتى. ئەگەر بىرلا ئەزان توۋلىنىپ، ئۇ دەل بامدات ۋاقتىنىڭ كىرىشى (ھەقىقىي ئىمساك) بىلەن توۋلىنىدىغان بولسا، سوھۇرلۇقنى توختىتىش ۋە بامدات ئوقۇشتا ھېساب قىلىنىدۇ.

4.   بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى توغرىسىغا يورۇيدىغان ئىككىنچى تاڭ يورۇغاندا كىرىدۇ. تاڭ يورۇش ئىككى خىل بولىدۇ: بىرىنچىسى، يالغان يورۇش؛ بۇ، تاڭ دەسلەپ ئۇپۇقتا ئۇزۇنىسىغا (يەنى تىك شەكىلدە) قىسقا ۋاقىت سۈزۈلۈپلا كەينىدىن قاراڭغۇلۇق بېسىپ كېتىدىغان يورۇشتۇر. بۇ ۋاقىتتا تېخى خۇپتەننىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتمىگەن ھېسابلىنىدۇ ۋە روزا تۇتماقچى بولغان كىشىگە بۇ ۋاقىتتا سوھۇرلۇق يېيىش چەكلەنمەيدۇ. ئىككىنچىسى، ھەقىقىي يورۇش، بۇ ئۇپۇقتا توغرىسىغا يورۇغان تاڭدۇر. بۇ يورۇش بىلەن سوھۇرلۇق يېيىش چەكلىنىدۇ، بامداتنىڭ ۋاقتىمۇ (ھەقىقىي ئىمساك) كىرگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىلالنىڭ ئەزىنى ۋە ئۇزۇنىسىغا يورۇغان تاڭ سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويمىسۇن، ئەمما توغرىسىغا يورۇغان تاڭ (ھېسابتۇر)»(3).

ئۇنداقتا «ئىمساكىيە» لەردىكى ئىمساك ۋاقتى توغرىسىغا تاڭ ئاتقان ۋاقىت شۇمۇ؟

تۈركىيىدىكى «ئىمساكىيە» لەرمۇ ئانچە – مۇنچە پەرقلىقتۇر. بەزى «ئىمساكىيە» لەردە ئىمساك ۋاقتى بىلەن سوھۇرلۇق توختىتىلىدۇ، ئەمما بامدات ئەزىنى نەچچە مىنۇت «ئېھتىيات پېيى» ئۆتكۈزۈپ ئاندىن توۋلىنىدۇ. بۇ ئەگەر ناماز ۋاقتى تېخى كىرمىگەن بولسا نامازنى ۋاقتىدىن بۇرۇن ئوقۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئېھتىيات قالدۇرغانلىقتۇر. «دىيانەت تەقۋىمى» دە «ئېھتىيات پېيى» 1983 – يىلدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇندىن كېيىنكى «ئىمساكىيە» لەردە بامدات (ئىمساك) ۋاقتى (ئەنقەرە شەھرى ئۈچۈن) 20 مىنۇت ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خۇپتەن ۋاقتى 9 مىنۇت كېيىنگە توغرىلانغان ۋە سوھۇرلۇق توختىتىلىدىغان ئىمساك ۋاقتى دەل ئەزان ۋاقتى شۇ دەپ بېكىتىلگەن. ئارىلىقتا ئېھتىيات ۋاقىت قويمىغان. شەھەرلەرگە قاراپ بۇ مىنۇتلار ئاز ياكى كەم بولۇشى مۇمكىن.

مەسىلىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم نوقتىسى شۇكى، مۇسۇلمان ئاسترونوم ۋە مۇۋەققىتلەر (قۇياش ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ ناماز ۋاقىتلىرىنى بېكىتىدىغان ئالىملار) قەدىمدىن تارتىپ بامدات (ئىمساك) ۋاقتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 18 دەرىجىنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرمۇ مۇسۇلمانلار دىيارلىرىدىكى كالېندارلارنىڭ كۆپ قىسمى 18 دەرىجىنى ئاساس قىلىدۇ(4). يەنى تاڭ يورۇش (ئىمساك ۋە بامدات ۋاقتى) قۇياش ئۇپۇق سىزىقىدىن 18 دەرىجە ئاستىغا توغرا كەلگەندە كىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئاز بىر قىسىم مۇۋەققىتلەر 19 دەرىجەنى، يەنە بىر قىسمى 19.5 ياكى 20، ھەتتا 16.5 ياكى 17 دەرىجەنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارمۇ بار(5). ئوسمانىيلار دەۋرىدىن تارتىپ تۈركىيىدە 19 دەرىجە ئاساس قىلىنغان. تۈركىيىدە 1949 – يىلقى دىيانەت ھەيئىتىنىڭ كۆزىتىشى نەتىجىسىدە يەنىلا 19 دەرىجە ئاساس قىلىنىپ خۇپتەنگە 17 دەرىجە ئاساس قىلىپ بېكىتىلگەن. لېكىن دىيانەتنىڭ 1982 – يىلىدىكى قارارى بويىچە بامداتقا 18 دەرىجە ئاساس قىلىنىشقا باشلىغان.

بۇلارنىڭ ھەممىسى توغرا ۋە ئالىملارنىڭ كۆزىتىشىنىڭ يەكۈنىدۇر. كۆپچىلىكنىڭ قارىشى 18 دىن تۆۋەن چۈشمەيدۇ. مىسىردا 19.5 دەرىجە ئاساس قىلىنىدۇ. باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۆپى 18 دەرىجىنى، ئىراندا بولسا 17 ھەتتا 16 دەرىجىنىمۇ توغرا تاپىدۇ. بۇ دەرىجىلەردىن ھەر بىر دەرىجە ئارىلىقى دۆلەتلەرنىڭ ۋە شەھەرلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك كەڭلىكىگە قاراپ پەرق كۆرۈلىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە دەرىجە ئارىلىقى 4 مىنۇتتۇر، شىمالىي يېرىم شاردا شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلىگەنسېرى دەرىجە ئارىلىقى مىنۇت ئۇزىراپ ماڭىدۇ. تۈركىيىدە 6 – 7 مىنۇت، شىمالى ياۋروپادا 10 – 15 مىنۇتقىچە بېرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، تۈركىيىدە بۇرۇنقى 19 دەرىجە بىلەن ھازىرقى 18 دەرىجە ئارىلىقى 6 مىنۇتتىن كۆپرەك پەرقلىقتۇر. ئەمما نىسبەتەن جەنۇبتا بولغان مىسىردا 19.5 دەرىجە بىلەن 18 دەرىجە ئارىلىقىدىكى بىر يېرىم دەرىجىنىڭ پەرقى 6 مىنۇت ئەتراپى. بۇنىڭدىن بىر دۆلەتتىكى ئىمساك ياكى ناماز ۋاقتىنى يەنە بىر دۆلەتتە تۇتۇپ مېڭىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

يۇقىرىقى ۋاقىت بەلگىلەش مەسىلىسىدە گەرچە بىرەر قاراش كۈچلۈك بولسىمۇ دىن ئۆلىمالىرى بولسۇن، ئاسترونوملار بولسۇن بىردەك قاراشقا كېلەلىگەن ئەمەس. ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرىنى ئىمام تەبەرىي يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇپۇقنى كۆزىتىشتە تۈرلۈك ئامىللار تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ، مەسىلىنىڭ كۆزىتىشكە ئالاقىدار تەرىپى.

ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، ئەزان ئوقۇلغان ئىمساك ۋاقتىدىن بىر ياكى يېرىم سائەت بۇرۇن سوھۇرلۇقنى توختاتسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا ھەممە بىردەك قارايدۇ. سوھۇرلۇقنى بامداتقا ئەزان ئوقۇلغان ئىمساك ۋاقتىدا توختاتسا ئەڭ ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ. ئەمما تاماق پىشۇرۇشتا، تاماق ئەكىلىشتە ياكى ئۇيغىنىشتا كېچىككەن ياكى دورىسىنى ئىچىۋېلىشنى ئۇنتۇغان كىشىلەردەك 15 – 20 مىنۇت ۋاقىتقا ئېھتىياجى بولغانلارغا ئازادىچىلىك بار. يەنى قىستالغان كۈنلەردە، ئەزان چىققاندىمۇ يەپ – ئىچسە، ئەزان توختىغاندىن كېيىن 13 مىنۇتقىچە يەپ – ئىچسە بولىدۇ. نورمالدا تۈركىيىدە ئوقۇلغان ئەزان 7 مىنۇتتا توختايدۇ. كېيىنكى 13 مىنۇت بىلەن 20 مىنۇت ئەتراپىدا سوھۇرلۇقنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە بامداتنى ۋاقتىدا ئوقۇش مەسىلىسى. شۇڭا نامازنى ۋاقتىدىن بۇرۇن ئوقۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئەزان چىققان كالېنداردىكى ئىمساك ۋاقتىدىن (بۇ ھەقىيقىي ئىمساك ۋاقتى ئەمەس) ئاز دېگەندە 20 – 25 مىنۇت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئوقۇش كېرەك. نورمال يىللاردا رامىزاندا مەسجىدلەردە 40 مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئوقۇلاتتى. شۇڭا ئۆيدە ئوقۇپ ئۇخلىماقچى ياكى يولغا چىقماقچى بولغانلار ئەزان چىقىشى بىلەنلا ئوقۇسا بولمايدۇ.

سوھۇرلۇقنى توختىتىش بىلەن بامدات نامىزىنى ئوقۇشتا نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىش مۇۋاپىق دېگەندە، ئىمساك ۋاقتىنى بېكىتىشتە كۆپچىلىك ئالىملار 18 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى دەرىجىلەرنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلەرنى توغرا دەپ قارىغانلارمۇ يوق ئەمەس(6). ھەممە بىردەك قاراشتا بولمىغان ئىكەن، كېچىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە تاڭنىڭ يورۇغانلىقىنى جەزم قىلماق تەس. مۇتلەق جەزم بولمىغاچقا كېچىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بولۇش ئېھتىمالى تاڭ ئاتقانلىقى جەزملەشكەندە ئاندىن يوقىلىدۇ. بۇ ھەقتە فىقھىي قائىدىلەرمۇ بار.

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿…تاكى تاڭنىڭ ئاق يېپى قارا يېپىدىن ئايرىلىشقا (يەنى تاڭ يورۇشقا) باشلىغانغا قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار…﴾(7) دېگەن ئايىتىمۇ تاڭ ئاتقانلىقنى جەزملەشتۈرگىچە يەپ – ئىچسە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە كېلىپ، تاڭ ئېتىش بىرەر مىنۇت – سېكۇنتتا ئۇيان – بۇيان بولىدىغان، يىل بويى ئوخشاش، ۋاللىدە قىلىپ كىرىدىغان ياكى چىراغدەك كونۇپكىنى بېسىش بىلەن دەرھال يورۇيدىغان ھادىسە بولماستىن، بەلكى ئۇپۇقتا ئىنچىكە ئاق سىزىق تۇنجى بايقىلىشتىن تارتىپ 25 – 35 مىنۇتقىچە داۋاملىشىدىغان بىر كۆرۈنۈش. يەنە بۇ، كۆزەتكۈچىنىڭ قايسى دەرىجىدە يورۇشنى ھېساب قىلىشىغا، ئورنىغا، ئىشلەتكەن مېتودى ۋە قويغان شەرتلىرىگە باغلىق. شۇڭا مەيلى ئۆلىمالار بولسۇن، مەيلى رەسەتخانىلاردىكى ئاسترونوم، مۇۋەققىتلەر بولسۇن، 10 ئادەم بىر ئورۇندا بىر ۋاقىتتا تاڭ ئېتىشنى كۆزىتىشكە تۇرسىمۇ ھەممىسىڭ بىردەك ئوخشاش ۋاقىتنى مۇقىمدىيالىشى ناتايىن. بۇمۇ بۇ ئىشتا ئازادىچىلىك بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئاز بىر قىسمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قەدىمقى ئالىملار 18 دەرىجىنىڭ تۆۋىنىدە بامدات ۋە ئىمساك ۋاقتى بېكىتىپ باقمىغان(8) بولغاچقا، مەجبۇرىي قالمىغان ئەھۋالدا ئىمساك ۋاقتى بىلەن سوھۇرلۇقنى توختىتىش لازىم. بۇ ھەقتە غۇلغۇلا پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى ۋە مەنپەئىتىمۇ شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.

ھەتتا 18 ياكى 19 دەرىجىنى بېكىتىشمۇ تەقرىبىي (يېقىن مۆلچەرلەپ) بېكىتىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئەزاندىن بۇرۇنقى بىر مىنۇت بامدات ۋاقتى ئەمەس، كېيىنكى بىر مىنۇت سوھۇر ۋاقتى ئەمەس دەپ جەزملەشتۈرەلمەيدۇ(9). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ سوھۇرلۇق يېيىش ۋە توختىتىشتا تاڭ راۋۇرۇس ئاتقانغا قەدەر يەپ – ئىچىشكە بۇيرۇغان. ھەدىستە كېلىشىچە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچىدىلا ئەزان ئېيتىۋېتەتتى. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئابدۇللاھ ئىبن ئۇممۇ مەكتۇم ئەزان ئېيتقانغا قەدەر يەپ – ئىچىڭلار، چۈنكى ئۇ، تاڭ ئاتمىغۇچە ئەزان ئېيتمايدۇ»(10) دېدى.

دېمەك، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا باشقىلار تاڭ ئاتتى دېگەندە ئەزان توۋلايتتى. بۇ تاڭ ئېتىش بىلەن ئەزان ئارىلىقىدا بىرنەچچە مىنۇت ئارىلىق ئۆتۈشى ئېنىق.

يەنە بىر ھەدىستە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە سۇھۇرلۇق يېدۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ بامدات نامازغا تۇردى، دېگەنىدى. مەن: سۇھۇرلۇق بىلەن ئەزاننىڭ ئارىلىقىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى؟ دېسەم، ئۇ: ئەللىك ئايەت ئوقۇغۇدەك ۋاقىت ئۆتتى، دېدى(11).

كېيىنكى ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئارىلىق چوقۇم شۇنچىلىك ئارىلىق تاشلىشى كېرەك دېگەننى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھەدىستە ئەزان توۋلىغۇچە سوھۇرلۇق يېيىشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەللىك ئايەتنى ئوقۇش سۈرئىتى ۋە ئوقۇغان سۈرىگە قاراپ 6 مىنۇتتىن 25 مىنۇتقىچە ئوقۇش مۇمكىن. بۇ، نامازغا تاھارەت ئالغۇچىلىك ۋاقىت بولۇپ، شۇ قېتىمقى ۋەقەلىك شۇنچىلىك ئارىلىق تاشلاپ ئەزان توۋلىنىشقا ئۇدۇل كەلگەن. يەنى بۇ ھەدىستىن سوھۇرلۇق بىلەن ئەزان ئارىلىقىدا چوقۇم «ئېھتىيات ۋاقتى» قالدۇرۇش شەرت دېگەن مەنا چىقمايدۇ. ئەتەي شۇنچىلىك ۋاقىت تاشلىغان دېسەك، ئەزاندىن شۇنچىلىك ۋاقىت بۇرۇن سوھۇرلۇقنى توختاتسا ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىقىلارنى ئىخچاملىساق:

1. تۈركىيىدە سوھۇرلۇقنى دىيانەت تەقۋىمىدىكى ئىمساك ۋاقتىدا ياكى ئۇندىن بۇرۇن توختاتسا بولىدۇ. تېنەپ قالغانلار ئىمساك ۋاقتىدىن ئەڭ كەچ بولغاندا ئەزان چىقىش باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ 20 مىنۇت كېچىكىپ توختاتسا بولىدۇ.

2. بامداتنى ئىمساك ۋاقتىدىكى ئەزاندىن يېرىم سائەت كېيىن ئوقۇش لازىم. ئادەتتە تۈركىيىدە مەسجىدلەردە شۇنداق قىلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 5. 6

——————————-
1. «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەت.
2. بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان. ھەنەفىي مەزھەپتە، تاڭ بەكرەك يورۇغاندا ئوقۇش ئەۋزەل دېيىلسە، شافىئىي مەزھەپتە، دەسلەپ ۋاقتى كىرگەن قاراڭغۇ ۋاقىتتا ئوقۇش ئەۋزەل دېيىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئىككىلىسى دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقتىدا ئوقۇسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
3. «مۇسلىم»، 1094 – ھەدىس.
4. «إشكاليات فلكية وفقهية حول تحديد مواقيت الصلاة»، محمد شوكت عودة، بحث مقدم في مؤتمر الإمارات الفلكي الثاني، أبو ظبي، 2010م.
5. يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە پەن – تېخنىكا شەھەرچىسى»دىكى ئاسترونومىيە ئىنستىتۇتى ئۆلىما ۋە ئاسترونوملاردىن تەشكىللىگەن گۇرۇپپىسى بىر يىل داۋاملاشقان نەق مەيدان تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىشلەردىن كېيىن «ئۇممۇلقۇرا كالېندارى»دىكى بامدات ئەزىنى 25 مىنۇت ئەتراپىدا ئۆز ۋاقتىدىن بۇرۇن دەپ دوكلات سۇنغان ۋە بامداتنىڭ كىرىشىنى 14.6 دەرىجە كۆزەتكەن. «التقرير النهائي – مشروع دراسة الشفق» الصادر عن مدينة الملك عبد العزيز للعلوم والتقنية 33 -، 39 – بەت.
6. مەسىلەن، ئىئوردانىيە ئەۋقاف مىنىستىرلىكىنىڭ 1982- يىلى كۆزىتىشى بامدات ۋاقتىنى 18.6 دەرىجە كۆزەتكەن. لىۋىيە دەۋەت فاكولتېتى 1992 – 1993- يىللىرى 17.7 تىن 19.6 ئارىلىقىدا كۆزەتكەن. ئىئوردانىيە ئاسترونومىيە جەمئىيىتى 2009 – يىلى 16.25 تىن 17.1 دەرىجە كۆزەتكەن. شەيخ ئالبانىي، دوكتور سەئد ئەلخەسلان قاتارلىقلار سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىوردانىيىدە 20-30 مىنۇت بۇرۇن ئەزان توۋلىنىدۇ دەپ قارىغان ۋە 15 دەرىجىدە كۆزەتكەن. 2005 – يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا شەيخ بىنى باز تەشكىللىگەن ئۆلىما ۋە ئاسترونوملار ھەيئىتى 15.1 دەرىجە كۆزەتكەن. ئۇندىن باشقا 1988 – 2005 – يىللار ئارىلىقىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا مۇسۇلمان ئۆلىمالار 13.8 – 17.2 دەرىجە كۆزەتكەن. بۇ ھەقتە يەنە سەييىد قۇتۇپ ۋە ئەزھەر شەيخى جادۇلھەقلەرنىڭمۇ مىسىردا ئەزان بۇرۇن توۋلىنىدۇ دېگەن قانائەتلىرى، شەيخ ئۇسەيمىننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا 4 مىنۇت بۇرۇن توۋلىنىدۇ دېگەن قانائىتىمۇ بار. ئۇلار ھەممىسى ئىشەنچلىك ئالىملار. لېكىن كۆزىتىش ئورنى، ۋاقتى ۋە شارائىتى، شۇنداقلا بېكىتكەن شەرتى پەرقلىقتۇر. بۇرۇنقى ئەسىرلەردىمۇ ئۆز زامانىسىدىكى بامداتقا بالدۇر ئەزان توۋلاشنى تەنقىت قىلغان ئالىملاردىن ھافىز ئىبنى ھەجەر: «مۇنكەر بىدئەتلەر قاتارىدا بۇ زاماندا پەيدا قىلىنغان رامىزاندا ئىككىنچى ئەزاننى تاڭ ئېتىشتىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا ئېيتىش قىلمىشى بار» دېگەن. «فەتھۇل بارىي»، 4 – توم، 199 – بەت.
7. «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەت.
8. مەسىلەن، ئەرەب فىزىك، ماتېماتىك ۋە پەيلاسوپ ئىبنۇلھەيسەم (965 – 1040) «ئەلمەنازىر» دېگەن كىتابىدا؛ بۈيۈك ئاسترونوم ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي (973 – 1050) مىلادى 1030- يىلى ئەتراپىدا سۇلتان مەسئۇد غەزنەۋىيگە سۇنۇلغان «ئەلقانۇن ئەلمەسئۇدىي» ناملىق ئاسترونومىي كىتابىدا؛ ئىرانلىق ئاسترونوم ۋە پەيلاسوپ نەسىرۇددىن تۇسىي (1201 – 1274) «زىججى ئىلخانىي» دېگەن ئەسىرىدە؛ ئۇلۇغبېكنىڭ يېنىدىكى ماتېماتىك ئالىملىرىدىن بۇرسالىق قازىزادە رۇمىي (1364 – 1436 ياكى 1440) قاتارلىقلار.
9. «إشكاليات فلكية وفقهية حول تحديد مواقيت الصلاة»، محمد شوكت عودة، بحث مقدم في مؤتمر الإمارات الفلكي الثاني، أبو ظبي، 2010م.
10. بۇخارىي 1919 – ھەدىس؛ مۇسلىم 1092 – ھەدىس.
11. بۇخارىي 1921 – ھەدىس؛ مۇسلىم 1092 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ