رامازاندىكى تەقۋالىقىڭىز

رامازاندىكى تەقۋالىقىڭىز

قەلبلەرنى ئويغىتىش ۋە (ئىمان ئېيتقانلارغا) دۇنيادا بەخت – سائادەت، ئاخىرەتتە نىجاتلىق ۋەدە قىلىش ئارقىلىق (مۇئمىنلەرنى) ئىلاھىي بۇيرۇقلارنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ئۈندەش «قۇرئان كەرىم»نىڭ خاسلىقلىرىدىندۇر. بۇلار ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدىغان ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەق ۋەدىلەردۇر.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ ئۇسلۇبىنى ھەربىر ئىلاھىي بۇيرۇقتا كۆرۈۋالالايمىز. رامازان روزىسىنى پەرز قىلىشمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئەلبەتتە. ئۇشبۇ بۇيرۇق تەقۋالىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت نەپسلەر ۋە قەلبلەر تەلپۈنىدىغان ئاخىرەتلىك بىر غايىگە داۋا بولۇپ كەلدى. بىلىڭلاركى، ئۇ تەقۋادارلار ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىش ئۈچۈن زىننەتلىنىدىغان بىر بېزەكتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر، (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامازان روزىسى) پەرز قىلىندى﴾(بەقەرە: 183).

بىر كىشىنىڭ گۇناھلاردىن ساقلانغان تەقۋادار بولالىشى، ئاللاھنىڭ مەقسىتىنى ھەمدە ئەۋۋەلقىلەرگە ۋە كېيىنكىلەرگە قىلغان تەۋسىيەسىنى ھاسىل قىلالىشى نېمىدېگەن بۈيۈك ئىش – ھە! ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى ئېسىڭىزدىمۇ: ﴿سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق﴾(نىسا: 131).

ئاللاھ تائالا بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە تەقۋالىقنى تەۋسىيە قىلغىنىدەك، ئۇلارغا ۋە بىزگە بىردەك رامازان روزىسىنى پەرز قىلدى. چۈنكى، روزا تۇتقۇچى ئۇشبۇ تەۋسىيە قىلىنغان تەقۋالىقنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ھەسەن بەسرىي([1]) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىر ئاي رامازان بىزگە پەرز قىلىنغاندەك، بىزدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغان ئىدى»([2]).

يۇقىرىقى ئايەتتىكى «تقوى (تەقۋا)» كەلىمىسى «الوقاية» دېگەن يىلتىزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «قورقۇنچلۇق يەرلەردىن ياكى سەۋەبلەرىدىن ئۇزاق تۇرۇش» دېگەن مەنىدىدۇر.

شۇڭا، «ئاللاھ تائالاغا تەقۋالىق قىلىش»تىن مەقسەت، ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش، بۇيرۇغان ئىشلارنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىغا سەۋەب بولىدىغان ئىش – ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇش دېگەنلىكتۇر.

مەلۇمكى، مۇفەسسىرلەرنىڭ بەزىسى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئى مۇئمىنلەر، (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامازان روزىسى) پەرز قىلىندى﴾(بەقەرە: 183) دېگەن سۆزى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «يەنى گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن» دېمەكچى؛ گۇناھ – مەئسىيەت كەڭ مەنادا دۇنيا – ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسۇلمان كىشى تۇتقان روزىسى ئارقىلىق نەپسلەرنى گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن چەكلەيدۇ ۋە ئىككى دۇنيادا ئازابتىن ساقلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «روزا قالقاندۇر»([3]) دېگەن. يەنى روزا قوغدىغۇچىدۇر. چۈنكى، روزا گۇناھلارغا سەۋەب بولغۇچى ھاۋايى – ھەۋەس ۋە تۈرلۈك شەھۋەتلەرنى يوقىتىدىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھلاردىن قوغدايدۇ([4]).

كامىل تەقۋادارلىق بولسا پەرز – ۋاجىپلارنى ئورۇنداش، ھەر تۈرلۈك ھارام قىلىنغان ئىش ۋە شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، مۇستەھەبلەرنى قىلىش ۋە مەكروھلاردىن قول ئۈزۈشتۇر. مانا بۇ تەقۋادارلىقنىڭ ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىسىدۇر. شۇ سەۋەبتىن «قۇرئان كەرىم» تەقۋادارلارنى ھەرقانداق ئىشتا ئەڭ توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان يول باشلىغۇچى ۋە رەھبەر قىلىندى. دەرۋەقە، «قۇرئان كەرىم»نىڭ بېشىدىلا «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ ئەۋۋەلقى ئايەتلىرىدە بۇ كىتاب ﴿تەقۋادارلارنىڭ يېتەكچىسىدۇر﴾(بەقەرە: 2) دەپ سۈپەتلەندى. شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» يەنە قەلبلىرىمىزنى كامىل تەقۋادارلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.

ئى روزىدار قېرىندىشىم! رامازاننىڭ سىزگە كامىل تەقۋادارلىق بېغىشلىشى ئۈچۈن، روزىڭىزنى ماددىي – مەنىۋىي خاتالىقلاردىن ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە قوغداڭ.

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز([5]) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تالاغا تەقۋادارلىق قىلىش كۈندۈزى روزا تۇتۇش ۋە كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇش بىلەنلا بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى تاشلاش ۋە ئاللاھ پەرز قىلغان ئىشلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش بىلەن بولىدۇ. كىمكى يۇقىرىقىلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە بىر ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلىنغان بولسا، گۈل ئۈستىگە گۈل قويغاندەك بولىدۇ»([6]).

رامازان بەجايىكى تەقۋادارلىقنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىرىگە يېتىش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىدىغان بىر مەيداندۇر. ﴿گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن﴾ ھەقىقىي تەقۋادارلار، رامازاننىڭ كېچە ۋە كۈندۈزلىرىنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئىبادىتىدە ساۋاب ئۈمىد قىلغان، نەپسىنى ھېسابقا تارتقان ھالدا ئۆتكۈزۈپلا قالماي، رامازاندىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئەمەلنى بىكار قىلىۋېتىدىغان رىياكارلىق ۋە ئۆز – ئۆزىدىن ئەجەبلىنىشتىن ئىبارەت ئازاب ۋە جازاغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، كۆپلەپ ياخشى ئەمەل قىلىۋېلىش ئۈچۈن نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ.

سەلەف – سالىھلەر تەقۋالىقنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن ياشايتتى. ئۇنىڭ مەنا – مەقسەتلىرىنى بىلىپ ھاياتىنى شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئۇلارنىڭ تەقۋالىقى ئىبادەتلىرىگە روھ بېغىشلايتتى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە تەقۋالىق بىلەن قىلىنغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ روھى بار ئىدى. ناماز، روزا، دۇئا – زىكىر، تەۋبە، زاكات، ھەج – ئۆمرە، جىھاد، ساۋاب ئۈمىد قىلىش، ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ روھى بولۇپ، ئۇلار بۇ روھنى، تەقۋادارلارنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى «قۇرئان كەرىم»نىڭ روھىدىن ئالغان ئىدى: ﴿شۇنىڭدەك (يەنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك) ئەمرىمىز بويىچە ساڭا «قۇرئان»نى ۋەھىي قىلدۇق، سەن (ۋەھىدىن ئىلگىرى) «قۇرئان»نىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىڭ، لېكىن بىز «قۇرئان»نى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خاھلىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز﴾(شۇرا: 52).

كېلىڭلار! تەقۋالىقنىڭ ھەقىقىتىنى ــ خۇددى سەلەفلەر ياشاتقان تەقۋالىقتەك تەقۋالىقنى ــ ئۆزىمىزدە ھازىرلايلى! بەلكى ئۇ بىزدە رامازاننىڭ روھىنى ياشىتىشى مۇمكىن ۋە بەلكى ئۇنىڭ بىلەن رامازاننىڭ مەنالىرىنى ياشارتىشقا مۇيەسسەر بولارمىز:

·    تالق ئىبنى ھەبىب([7]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەقۋالىقنىڭ روھىنى شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ: «تەقۋالىق دېگەن ئاللاھتىن كەلگەن نۇرغا تايىنىپ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان ھالدا، ئۇ زاتنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىش ۋە ئاللاھتىن كەلگەن نۇرغا تايىنىپ، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشنى تاشلاپ ئۇ زاتنىڭ ئازابىدىن قورقۇشتۇر».

ھېلىغۇ رامازاندا تۇرۇپتىمىز، باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ، ئىتائەت قىلىشىمىز ۋە ئازابىدىن قورقۇشىمىز كېرەك. قورقۇش بىلەن ئۈمىد ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېلىپ بارىدىغان ئۇچقۇر ئىككى قاناتقا ئوخشايدۇ. بىز رامازاندا تەقۋالىقنىڭ بۇ مەنالىرىنى ئۆزىمىزدە ھازىر قىلايلى.

·   ئەبۇددەرداﺋ([8]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەقۋالىقنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تەقۋالىق دېگەن بەندىنىڭ زەررىچىلىك نەرسىدە بولسىمۇ رەببىدىن قورقۇشىدۇر ۋە ئۆزى بىلەن ھارامنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر پەردە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھالال دەپ قارىغان بەزى نەرسىلەرنى ھارام بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ تەرك ئېتىشىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بۇ دۇنيادا قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئاخىرەتتە بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ﴾(زەلزەلە: 7 ــ 8) شۇڭا، سىز قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەرقانداق بىر ياخشىلىقنى ۋە ساقلىنىشقا تېگىشلىك بولغان ھەرقانداق بىر يامان ئىشنى كىچىك سانىماڭ».

ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، قېرىندىشىم؟! تەقۋالىق ھەققىدىكى بۇ ئىنچىكە مۇلاھىزە ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزدىڭىزمۇ؟ تەقۋالىق ئېيىدا زېھنىڭىزنى يۇقىرىقىلار بىلەن مەشغۇل قىلىشقا ھازىرلاندىڭىزمۇ؟! شۈبھىسىزكى بۇ، زەررىچىلىك نەرسىلەردە بولسىمۇ ئۆزىنى ھېسابقا تارتالايدىغان يۈكسەك روھقا ئېھتىياجلىقتۇر. ئۇنۇتماڭكى، ھەربىرىمىز پات ئارىدا كىچىك سانىغان زەررىچىلىك ئەمەللىرىمىزنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىمىز ياكى جازاسىنى تارتىمىز.

شۇڭا بىز رامازاندا تەقۋالىقنىڭ مەنالىرىدىن بولغان بۇ مەنانىمۇ ئۆزىمىزدە ھازىرلايلى.

·    مەيمۇن ئىبنى مىھران([9]) رەھىمەھۇللاھ: «تەقۋا كىشى ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىشتا، بېخىلنىڭ ئۆز شېرىكىدىن ھېساب ئېلىشىدىنمۇ ئىنچىكە ھېساب ئالىدۇ» دېگەنىكەن. بىز بۇ ئالىمنىڭ سۆزىدىن شۇنى چۈشىنىۋالالايمىزكى، تەقۋالىق قەلبتە قانچىلىك ھەرىكەتلەنسە، ئۇنى نەپسلەردىن ھېساب ئېلىشقا شۇنچىلىك ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ.

بىر يىل ئۆمرىڭىزدىن بىر ئاينى ئۆتكەن يىلى قىلغان ئىشلىرىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى ھېسابقا تارتىش ۋە كېلەر يىلىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئايرىشىڭىز كۆپ ئەمەستۇر. بىز بۇ مەنانى رامازاندىكى تەقۋالىقىمىز ۋە ئىبادەتلىرىمىزنىڭ مەنالىرىغا قوشايلى.

·   ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن تەقۋالىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكى سورالغاندا، ئۇ سوئال سورىغۇچىدىن:

ــ ئېيتقىنچۇ، سەن تىكەنلىك يولدا مېڭىپ باققانمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ كىشى جاۋاب بېرىپ:

ــ ھەئە، ــ دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە:

ــ سەن شۇ يولدا ماڭغان ۋاقتىڭدا قانداق قىلاتتىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ كىشى:

ــ تىكەننى كۆرگەن ۋاقتىمدا يا باشقا بىر تەرەپكە بۇرۇلاتتىم، يا ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەتتىم ۋە يا بولمىسا ئۇ يولدا يۈرۈشتىن ۋاز كېچەتتىم، ــ دەپ جاۋاپ بەردى. ئەبۇ ھۇرەيرە:

ــ مانا بۇ تەقۋالىقتۇر، ــ دەپ جاۋاپ بەردى([10]).

بىز رامازاندا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئاللاھقا ئىشتىياق باغلاپ ماڭغان يولىمىزدا ھەر خىل تىكەنلەرگە دۇچ كېلىمىز. رامازان ئۇ تىكەنلەرنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش ياكى باشقا تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېتىش بارىدا تەربىيەلىنىش ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەتتۇر. مانا بۇ تەقۋالىقنىڭ يەنە بىر مەناسىدۇركى، شائىر ئىبنۇل مۇئتەز([11])نىڭ ئېيتقانلىرىغا ئەگىشىپ، ئۇنى رامازاندىكى ئىبادەتلىرىمىزگە قوشۇشقا ئېھتىياجىمىز بار:

 

كىچىك يا چوڭ گۇناھلارنى          تازىلىشىڭ تەقۋالىقتۇر.

تىكەنلىكتە يۈرگۈچى بول          كۆرگىنىدىن ھەزەر قىلۇر.

كىچىكلەرگە سەل قارىما،           تاغمۇ ھەم قۇمدىن پۈتۇر.

 

رامازاندا ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەن تەقۋالىقنى قولغا كەلتۈرۈش ھارامنى تەرك ئەتمەي تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان يالغانچىلىق، زۇلۇم قىلىش ۋە ئىنسانلارغا قان، مال ۋەيا نام – ئابرۇي دۈشمەنلىكى قىلىشقا ئوخشاش قىلىقلارنى تەرك ئەتمەي تۇرۇپ، رامازاندىن باشقا ۋاقىتلاردا مۇباھ قىلىنغان ئىشلارنى تەرك ئېتىش بىلەنلا ئاللاھقا يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى يالغان سۆزلەش ۋە يالغان بىلەن ئەمەل قىلىشنى تەرك ئەتمىسە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنىڭ يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەرسىسىنى تەرك ئېتىشىگە ئېھتىياجى يوقتۇر»([12]) دېگەن ۋە يەنە بىر ھەدىستىمۇ ئېيتقانكى: «يەپ – ئىچمىگەنگىلا روزا تۇتقان بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، روزا تۇتۇش بىھۇدە گەپ – سۆز ۋە ئەخلاقسىز ئىش – ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش بىلەن بولىدۇ»([13]).

«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «روزا بىر قالقاندۇر، بىرىڭلار روزا تۇتقان بولسا، سەت گەپ قىلمىسۇن، پاسىقلىق قىلمىسۇن، ۋارقىراپ – جارقىرىمىسۇن، ئەگەر بىرى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن تىللاشسا مەن روزىدار دېسۇن»([14]). ھەدىستىكى «قالقان» كىشىنى گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن قوغدايدىغان ۋە ئەيىبىنى ياپىدىغان نەرسىدۇر.

 

ئى ئاللاھ! سەندىن ھىدايەتنى، تەقۋالىقنى، ئىپپەتلىك بولۇشنى، بىھاجەتلىكنى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يەردە ئۆزۈڭدىن قورقۇشنى شۇنداقلا ھەرقاچان ھەقنىلا سۆزلەشنى سورايمىز… ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


([1]) ئەبۇ سەئىد ھەسەن ئىبنى يەسار ئەلبەسرىي ئەلئەنسارىي (الحَسَنُ بنُ أَبِي الحَسَنِ يَسَارٍ البَصْرِيُّ الأَنْصَارِيُّ، ھ. 21 – 110 / م. 642 – 728) ــ كاتتا تابىئىن. بەسرە مۇپتىسى بولغان ھەدىسشۇناس ئالىم. تابىئىنلەر دەۋرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلاردىن بىرى. ــ ت.
([2]) «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 1 – توم، 202 – بەت.
([3]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1894 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1151 – ھەدىس.
([4]) «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 1 – توم، 276 – بەت.
([5]) خەلىپە ئەبۇ ھەفس ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى مەرۋان ئىبنى ئەلھەكەم ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (عُمَرُ بنُ عَبْدِ العَزِيْزِ بنِ مَرْوَانَ الأُمَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. 61 – 101 / م. 681 – 720) ــ تابىئىن. «ئۇمەۋىيلەر»نىڭ 8 – خەلىپىسى (ھ. 99 – 101 / م. 717 – 720). خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئوغلى ئاسىمنىڭ قىزى لەيلانىڭ ئوغلىدۇر. ئادالەتنى تىكلەپ، شۇرانى بەرپا قىلغان، ئىلىم – مەرىپەت يېيىشقا، ھەدىسلەرنى توپلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن زات. 2 يىل 5 ئايغا يېقىن خەلىپىلىك دەۋرىدە ئىسلامغا قىلغان خىزمىتى ۋە تۇتقان ئادالەتلىك ھاكىمىيەت يولى بىلەن «راشىد خەلىپىلەرنىڭ بەشىنچىسى» دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ. زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار. ــ ت.
([6]) ئىبنى رەجەب: «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 1 – توم، 400 – بەت.
([7]) تالق ئبىنى ھەبىب ئەلئەنەزىي (طَلْقُ بنُ حَبِيْبٍ العَنَزِيُّ، ۋاپاتى ھ. 100 / م. 719 – يىلدىن بۇرۇن) ــ تابىئىن. بەسرەلىك مۇھەددىس ۋە زاھىد. ــ ت.
([8]) ئەبۇددەرداﺋ ئۇۋەيمىر (ياكى ئامىر) ئىبنى زەيد ئىبنى قەيس ئەلخەزرەجىي ئەلئەنسارىي (أَبُو الدَّرْدَاءِ عُوَيْمِرُ بنُ زَيْدِ بنِ قَيْسٍ الأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 43 – ھ. 32 / م. 580 – 653) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ ساھابە. فەقىھ ۋە قىرائەت ئۇستازى. خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە دەمەشقكە قازى بولغان ۋە شۇ يەردە ۋاپات تاپقان. ــ ت.
([9]) ئەبۇ ئەييۇب مەيمۇن ئىبنى مىھران ئەلجەزەرىي (مَيْمُوْنُ بنُ مِهْرَانَ الجَزَرِيُّ، ھ. 37 – 116 / م. 657 – 734) ــ بۈيۈك تابىئىن، ئازادگەردە. ھەدىس ئىلمىدە ئىشەنچىلىك، فىقھ ئىلمىدە ئىستىدادلىق كاتتا ئالىملاردىن بىرى. خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مۇئەللىمى. قازى بولغان. ھ. 107 / م. 725 – يىلى قىبرىس(سىپرۇس) قا يۈرۈش قىلغان قوشۇننىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغان. ــ ت.
([10]) ئىبنى رەجەب: «جامىئۇلئۇلۇمى ۋەلھىكەم»، 1 – توم، 400 -، 401 – بەتلەر.
([11]) ئەبۇل ئابباس ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلمۇئتەز بىللاھ (عَبْدُ اللَّهِ بْنُ مُحَمَّدٍ المُعْتَزُّ بِاللهِ، ھ. 247 – 296 / م. 861 – 908) ــ ئەدىب، تەنقىدچى ۋە شائىر. مىلادىيە 908 – يىلى 17 – دېكابىردا ئابباسىي خەلىپىسى سايلىنىپ، ئەتىسى مۇخالىپەتچىلەرنىڭ ئىسيانى بىلەن قاچقان ۋە 25 – دېكابىر قولغا چۈشۈپ، 29 – دېكابىردە قەتل قىلىنغان. ئۇنىڭ بىر كېچە بىر كۈندۈزلۈك خىلاپىتى ئەرەب ئەدەبىياتىدا بىر نەرسىنىڭ مۇددەت جەھەتتە بەك قىسقا بولۇشىغا يارقىن مەسەل قىلىنىدۇ. ــ ت.
([12]) «بۇخارىي»، 1903 – ھەدىس.
([13]) «ئىبنى ھىببان»، 3479 – ھەدىس؛ «ئەلمۇستەدرەك»، 1570 – ھەدىس؛ «ئىبنى خۇزەيمە»، 1996 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([14]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1904 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1150 – ھەدىس.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ